ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 729|ئىنكاس: 1

سېرىق سۇلتان ئابدۇرەشىدخانتەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

72

تېما

110

يازما

1399

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
368 سەر
تۆھپە
304 سەر
تىللا
244 دانە
جەۋھەر
1 دانە
ۋاقتى: 2012-10-11 08:39:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇر سۇلتان ئابدۇرەشىدخان
8 f6 X8 X% U- h3 {% l
1 M% l1 M- K' p6 B5 v9 _ sultan.jpg 3 M1 w8 C  R; L1 O! b8 g
6 B" g  E2 g( `0 e7 q/ ~" y
ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان - سەرگەردانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 - يىلىدىن 1559 - يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . كېيىن دادىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن . سەئىدخان ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلىغان ھەمدە ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭغا دەرس ئۆتكۈزگەن . تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە ياخشى ئۇستازى بولغان . سەئىدخان ئۇنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ قىرغىزلارنى باستۇرۇشقا ، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىلەن شەرق ۋە غەرپكە جازا يۈرۈشى قىلىشقا ، ئۆز ئىنىسى ئامان سۇلتاننىڭ ئاقسۇدىكى توپىلىڭىنى تىنجىتىش ئۇرۇشىغا ھەمدە ئاقسۇنى ئىدارە قىلىش ئىشىغا ئەۋەتكەن . 1533 - يىلى سەئىدخان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ يەكەن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇ خاقان بولغاندىن كېيىن بىرمۇنچە قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى ، ئامانلىقىنى جان تىكىپ قوغدىغان . ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىدەك بولغان :
" U1 J' P6 m0 i
, X( P* i3 O, V3 L' e2 g; u  بىرىنچى ، ھەربىي ئوردا ئىچى -سىرتىدىكى گۇمانلىق دەپ قارالغان ، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى قەتلى قىلىپ ، يېڭى قائىدە - تۈزۈملەرنى بېكىتىپ چىققان . بۇرۇنقى مۇغۇلىستان خانلىقى ھەم يەكەن خانلىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي تايانچىسى بولغان دوغلات قەبىلىسىنىڭ ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي تارتىۋالغان . گەرچە بۇ ۋەقە يەكەن خانلىقىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن بەزى زىيالىلارنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ بەزى بۆلگۈنچىلىك ئىشلىرىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلگەن .
; q8 ^6 S: j* r; ]; S  ^
& p- k0 V# l0 u: G   ئىككىنچى ، تىنچلىق توختىمىنى بۇزۇپ ، ئاقسۇ ۋە ئۇنىڭ غەربىگە ھۇجۇم قىلغان تاغىسى مەنسۇرخانغا قاتتىق زەربە بەرگەن . مەنسۇرخان مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا چېكىنگەن . لېكىن ، 1538 - يىلى مەنسۇرخان يەكەن خانلىقىغا قارشى يەنە ئۇرۇش قوزغىغان . ئابدۇرەشىدخان ئۇنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ ، شەرقتە تاكى گەنسۇنىڭ جيا يۈ گۇەن قوۋۇقىغىچە بولغان بارلىق زېمىنلارنى يەكەن خانلىقىغا قوشقان ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى ساھىدخاننى بۇ جايلارغا سۇلتان قىلىپ تەيىنلىگەن . بۇنىڭ بىلەن مەنسۇرخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلگەن .6 Y1 ~$ K7 {" Q8 F7 X
/ J8 J0 ~7 x9 q, s8 R- h
   ئۈچىنچى ، يەكەن خانلىقىنىڭ بىۋاستە باشقۇرىشىنى ۋە ھامىيلىقىدىكى رايونلاردا توپىلاڭلارنى تىنجىتقان . مەسىلەن ، 1538 - يىلى يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى ھەق نەزەرخاننىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇرغان . شۇ يىلى يەنە مەنسۇرخان ئىككىنچى قېتىم ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغاندا ، باش ئەمىر مىرزا ئەلى تاغاي باشلىق بەزى ئەمىرلەر توپىلاڭغا تەييارلانغان . ئابدۇرەشىدخان بۇ ھەرىكەتنىمۇ قانلىق بېسىقتۇرغان .6 d7 f" y+ @8 Z* P- G" t% y6 n8 H
( J) y9 E' X* J* f% g
تۆتىنچى ، جەمىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىمۇ بىرمۇنچە يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ، ئاھالە كۆچۈرۈپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ، قول- ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ، ئىچكى ۋە تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ، مەكتەپ ۋە مەدرىسلەرنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ، ئىسلام دىنىي مەزھەپلىرىنىڭ ئەركىن مۇنازىرىسىگە يول قويۇشتەك بىر قاتار سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن . نەتىجىدە خانلىقتا بىر مەھەل نىسبەتەن تىنچ ۋەزىيەت شەكىللىنىپ ، جەمىيەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان " ئالتۇن دەۋر " ى بارلىققا كەلگەن .
# X( E' w! ^5 E* a
% o6 y& H5 L# _: L6 e) P5 a$ c  بەشىنچى ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىغا ئىلھام بېرىپ ، جايلاردا نەزەرگە ئېلىنماي قالغان ئۇيغۇر سازەندىلىرى ، غەزەلچىلىرى ھەم شائىرلىرىنى تاپتۇرۇپ ئەكەلگەن . بۇنىڭ بىلەن ئوردىدا نۇرغۇن تالانتلىق شەخسلەر توپلىنىپ ، خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن " مۇقام " مۇزىكىلىرىمۇ مۇشۇ كىشىلەر بىلەن بىللە ئوردىغا كىرەەن . دەرۋەقە ، ئۇيغۇر " 12 مۇقام " ىنىڭ رەتلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر شەرت - شارائىتلار ھازىرلانغان ............. .' a% O: v$ i% }1 g4 j; m1 s; n) X

) M: t6 ~4 B# F4 U3 o5 `" z  D3 L   ئومۇمەن ، سۇلتان ئابدۇرەشىدخانننىڭ يۇقۇرقىدەك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇستەھكەملىگەن . ئۇ دۆلەتنى ئونۋېرسال ئىدارە قىلىش جەھەتتىمۇ ئاتىسىدىن ھېچ قىلىشمىغان . ئۇ يەنە دائىم پۇقراچە ياسىنىپ ئاددى خەلق ئارىسىغا چۆكۈپ ، ئەمەلدارلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى يوشۇرۇن ئىگىلىگەن . 1559 - 1560 - يىللىرى ، ( ئىسلام كالىندارى 967 - يىلى ) ئۇ خوتەننى تەكشۈرۈش سەپىرىدە بەختكە قارشى سۈيقەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولغان .
% A  ^8 V! I5 O. p3 V6 ?6 Z
) p" o# I7 M1 M( }) z3 g) ^3 S! ~3 B8 K
سۇلتان سەئىدخان ھەققىدە
* L9 u' s! V' x8 p0 a
% A, k  {8 v) S- |4 j9 {3 k$ g1 N9 b5 ?# E
   يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ 3 - ئوغلى بولۇپ 1490 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە ئۆزبېك خانى شايبانىخانغا قارشى جەڭ قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن . بىر يىلدىن كېيىن شايبانىخان ئۇنى قويۇپ بېرىپ ، ئۆزى بىلەن بىللە بىر قاتار ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرغان . كېيىن ئۇ شايبانىخاننىڭ خارەزىمگە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، تاغىسى مەھمۇدخاننىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان . لېكىن ، تاغىسىنىڭ يېنىدا تۇرسا بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئاخىرى يەنە قىرغىزلار رايونىغا كېتىپ ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ، قىرغىزلارنىڭ چوڭ سەردارىغا ئايلانغان . 1508 - يىلى سەئىدخان زور قوشۇن بىلەن تاغىسى مەھمۇدخانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان . دەل شۇ پەيتتە ، سەئىدخاننىڭ چوڭ ئاكىسى مەنسۇرخان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، سەئىدخانغا قارشى ئومۇميۈزلۈك جەڭگە ئاتلانغان . نەتىجىدە ئاكا - ئۇكا ئوتتۇرسىدا ئالمائاتا دالاسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ ، سەئىدخان مەغلۇپ بولغان ھەمدە ئازغىنە ئادىمى بىلەن كابولدىكى تاغىسى زاھىردىن بابۇر شاھنىڭ يېنىغا مىڭ تەسلىكتە قېچىپ كەتكەن . بابۇر شاھ ئۇنى ئىززەت - ئىكراملار بىلەن كۈتۈۋالغان . بۇنىڭ بىلەن سەئىدخان بىر مەزگىل ئۆزبېكلەرگە قارشى بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان . كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ئۆزبېكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەمدە قەشقەر ، يەكەن ۋە خوتەن ھۆكۈمرانى مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھەمدە مىرزا ئەبۇبەكرىنى يوقۇتۇپ ، قەشقەر ، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ ، ئەجدادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولغان . دەرۋەقە ، 1514 - يىلى 6 - ئايدا سەئىدخان 4 مىڭ 700 كىشلىك قوشۇن بىلەن تورغات يولى ئارقىلىق ئاتۇشقا يېتىپ كەلگەن . بۇنى ئاڭلىغان مىرزا ئابابەكرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قەشقەر ۋە يېڭىساردا كۈچلۈك ئىستىھكاملارنى ياساتقان . لېكىن ، سەئىدخان مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ يېڭىسار ، قەشقەر ۋە يەكەنلەرنى ئىشغال قىلغان . مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ بۇ جايلارنى ساقلاۋاتقان قوشۇنلىرى ئاساسەن قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولغان . نەتىجىدە مىرزا ئەبۇبەكرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ كۇئېنلۇن تېغى ئارقىلىق لاداق رايونىغا قاراپ قاچقان . ئەمما ، ئۇزاق ئۆتمەيلا سەئىدخاننىڭ قوشۇنلىرى مىرزا ئەبۇبەكرىنى ئىز قوغلاپ ئۆتۈپ ، لاداقتا قەتلى قىلغان . بۇنىڭ بىلەن 1514 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سەئىدخان دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن يەكەندە رەسمىي خانلىق تەختكە چىققان .# a% @+ @  ]# ^0 m/ g; j" }
   سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن خانلىقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ، بىرىنچىدىن ، جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوغرى - بۇلاڭچى ۋە باشقا ھەر خىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ ، جەمىيەتتە خاتىرجەم ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ئىككىنچىدىن ، مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ تاشلاپ كەتكەن دۆلەت خەزىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يەكەن خانلىقىنى قۇرۇشقا تۆھپە كۆرسەتكەن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن . يەنە بىر قىسمىنى خانلىق خەزىنىسىگە ئۆتكۈزۈپ ، مۇشۇ ئىقتىساد ئارقىلىق خانلىقنى 10 يىلغىچە قامدىغان ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە خەلقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ - ياساق ئالمىغان . ئۈچىنچىدىن ، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر سوپى خوجا تاجىدىننىڭ تەشەببۇسى ئارقىلىق ، 1516 - يىلى 2 - ئايدا ئاقسۇ بىلەن كۇچار ئارلىقىدىكى ئارابات دېگەن تۈزلەڭلىكتە ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈپ ، سۈلھى تۈزگەن . نەتىجىدە مەنسۇرخان ئۇنىڭ خاقانلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان . تۆتىنچىدىن ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە خانلىق تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ، بىر قاتار كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان .
6 N2 S0 m  N4 y: W1 L  سەئىدخان يۇقۇرقىدەك ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىش - مەمۇرچىلىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بىر قىسىم مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ خاتىرلىشىچە ، سەئىدخان خانلىقنى تۈزەپ ، مۇئىمىنچىلىك قىلىۋەتكەن . يۇقۇرىسى بەگ - بېگات ئېسىلزادىلەردىن تۆۋىنى پۇقرايى - بەقىرلەرگىچە ھەممە كىشى ئەدەب - سۈلكەتلىك بولغان . ئۇ تەرەققىپەرۋەر ۋە ئىستىدادلىق ھۆكۈمران بولۇپ ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەنئىتىدە يۇقۇرى كامالەتكە يەتكەن . ئۇ يەنە ئومۇمىيلىقنى ئەلا بىلىپ ، خانلىقنى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن . ھالىدىن كەتكەن خەلقنىڭ ئارام ئېلىپ دەرمان توپلىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن . ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىنى تىنچىتىپ ، خارابلاشقان ئىگىلىك ۋە مەدىنىيەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن . لېكىن . سەئىدخان ئىسلام دىنىنىڭ سادىق مۇخلىسى بولغاچقا ، غەيرى دىندىكىلەرگە قارىتا بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان . كەشمېر ، لاداق ، ھەتتا ئالدى تىبەت ۋە ئارقا تىبەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . 1533- يىلى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى 47 يېشىدا لاداققا قارشى ئېلىپ بارغان غازات ئۇرۇشى جەريانىدا تۈتەكتە قېلىپ ۋاپات بولغان . جەسىتى يەكەن خانلىق ئوردىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن .* ~4 z- ^0 l) ^! n' u4 y. M  Q5 B

4 |* ~  n! E: L, \+ a, a! B
5 u4 J/ p6 V% gچاغاتاي خانلىقى ھەققىدە
0 k$ i- V7 P2 \% p3 O3 h
: i5 K2 J) z1 s" V& K9 I  چاغاتاي خانلىقى ---- ئالمالىق شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىي ، يەتتەسۇ رايونى ، ماررائۈننەھر ، خۇراسان ، ئىراننىڭ شەرقىي قىسمى ، ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمى ۋە جەنۇبىي تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن چوڭ خانلىق . مەزكۇر خانلىق مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خاقانى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن زېمىنىدا قۇرۇلغاچقا ، كېيىنكى چاغلاردا سۇيۇرغاللىقنىڭ ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن " چاغاتاي خانلىقى " دەپ ئاتالغان . بۇ خانلىق دەۋرىدە ، مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى سەۋەبىدىن ، چاغاتاي دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈشكە باشلىغان . بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن .
) ?3 c8 d, F7 y: hخاقان كۈنجۈك دەۋرىدە ، غەربىي يۇرتتىكى نۇرغۇن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان مۇڭغۇل تىلىنى تاشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان ھەمدە ئەنئەنىۋى دىنلاردىن ۋاز كېچىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . بۇ ھال ئوخشاشلا مۇڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى زور دەرىجىدە تېزلەتكەن . خاقان تارماشلىرى زامانىسىغا كەلگەندە غەربىي يۇرتتىكى مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرى ئاستىدا ئاساسەن ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن . چاغاتاي خانلىقى دەۋرى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ . چۈنكى بۇ دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ( جۈمىلىدىن ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ) سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدىنىيىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولغان . مۇڭغۇللار . تۈركلەشكەن ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى سىياسىي سەھنىگە چىقىپ ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا خانلىق تەختى ئۈچۈن شىددەتلىك ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان . بۇ ھال مەلۇم نۇقتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىساد ، مەدىنىيەت ساھەلىرىگە نۇرغۇن پاسسىپ ئامىللارنى ئېلىپ كەلگەن . لېكىن ، ئومۇمىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، بۇ ساھەلەردە يەنىلا مۇئەييەن تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن .
6 k4 y5 N4 w9 U3 d/ F5 N6 f" I
& }9 n' g( Q: p) U
. L5 V$ B% C' s& Z; _: U. Lچاغاتاي ھەققىدە
7 y2 D( J! V6 p; D
: g; L* U1 z2 F% d  چاغاتاي ----- " چاغاتاي خانلىقى " نىڭ ئاساسچىسى . 1227 - يىلىدىن 1241 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاتىسى چىڭگىزخان ۋاپات بولغان ( 1227 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ) دىن كېيىن ، ئۆزىگە سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردا مۇڭغۇللارنىڭ جاساق قانۇنىغا ئاساسەن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى رەسمىي باشلىغان . ئۇ ئۆزىگە تەۋە زېمىنلارنى مۇتلەق ئۈچ قىسىمغا ئايرىپ باشقۇرغان : ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىستان ۋە ماۋرائۈننەھر رايونىنى خارەزىملىك چوڭ سودىگەر مەھمۇد يالاۋاچ ئارقىلىق باشقۇرغان . تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىنى مەركەز قىلغان ماڭلاسۆيەر رايونى ( ماڭلاسۆيەر --- ئاپتاپ تەرەپ ياكى شەرق تەرەپ دېگەن مەنىدە . ) نى مۇڭغۇل دوغلات قەبىلىسى ئارقىلىق باشقۇرغان . ئىدىقۇت رايونىنى بولسا ئىدىقۇت ھۆكۈمرانلىرى ئارقىلىق باشقۇرغان . چاغاتاي ئۆز دەۋرىدە چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئىمپىرىيىنىڭ جاساق ۋە قانۇنلىرىغا مۇئەككەل قىلىنغاچقا ، مۇڭغۇل قانۇنلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەم قاتتىق ئىجرا قىلغان . ئالاقىدار ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ قانۇن ئىشلىرىدا ناھايىتى قاتتىق قول ، دۆلەتنىڭ سىياسىي ، مەمۇرىي ۋە ھەربىي تۈزۈملىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان ، شۇنداقلا ئۆز قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارغا قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ، دۆلەتنىڭ ئابرويىنى قاتتىق ھىمايە قىلىدىغان بىر ھۆكۈمدار بولغان . ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە ، خانلىقنىڭ سودا - سېتىق ، پۇل - مۇئامىلە ۋە باشقا تەرەپلىرىدە زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن ، ماۋرائۈننەھر رايونىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سودا ئىشلىرى ناھايىتى جانلانغان ، قەدىمكى " ئوتتۇرا يىپەك يولى " دا سودا - سېتىق گۈللەنگەن ئاۋات بىر ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن . مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، ماۋرائۈننەھر رايونىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان مەھمۇد يالاۋاچنىڭ ئوغلى مەسئۇد يالاۋاچ بۇخارادا مەخسۇس " پۇل مۇئامىلە مەھكىمىسى " نى تەسىس قىلىپ ، ھەر خىل مېتاللاردىن پۇل قويۇپ تارقاتقان . بۇ پۇللارغا ئەرەپچە ۋە خەنزۇچە يېزىق چۈشۈرۈلگەن . دېمەك ، چاغاتاي ئۆز ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقتا بىر مەزگىل تىنچ - خاتىرجەم ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن . بىراق ، چاغاتاي ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ، ھاراق - شاراپقا ناھايىتى بېرىلىپ كەتكەچكە ، 14 يىل تەختتە ئولتۇرۇپ 1241 - يىلى ۋاپات بولغان .
- o3 g) _8 X$ @' z; E0 s- D  H9 k- w( P
* N, E& F3 G& y: o/ j5 a  Z

! N4 n& B9 K7 y! _5 a0 k3 _) x6 Lكۆكتۈرك خانلىقىنىڭ خاقانلىرى
& |; C5 Z' h: A8 I% o0 P; M" [6 ?- l% N) ~% s
   كۆكتۈرك خانلىقى ---- تۈركلەرنىڭ " ئاشىنا " ئۇرۇقى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ ، شەرققە لياۋ خې دەرياسىدىن غەربتە كاسپىي دېڭىزىغىچە ، شىمالىدا بايقال كۆلىدىن جەنۇبتا سەددىچىنگىچە بولغان كەڭ تېرىتورىيەدە ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن . بۇ خانلىق مىلادىيە 3 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان جوڭگونىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمىدا داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك تارقاقچىلىق - بۆلۈنمىچىلىك ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىپ ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتكەن 10 مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك رايون گەۋدىسىنى ھاسىل قىلغان . بۇ دەۋردە شىمالىي ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى نۇرغۇن قەبىلە ۋە مىللەتلەر مەزكۇر خانلىق ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ ، ئىككىنچى قېتىملىق تۈركلىشىش دەۋرىگە ، شۇنداقلا يېڭىچە " كۆكتۈرك مەدىنىيىتى " دەۋرىگە قەدەم قويغان .
+ r% H# v/ C2 {% B7 Nخانلىق پارچىلىشتىن بۇرۇنقى خاقانلار :
2 r' Y7 l3 p  W5 s: K" j% M" }$ X* D8 N/ b1 F- {
1 . ئاشىنا تۈمەن
' U6 _: W+ P- J7 qئاشىنا تۈمەن كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ، 551 - يىلىدىن 552 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئايرىم مەنبەلەردە "بومىن قاغان" ، " ئىلىگ قاغان " ، " ئېل قاغان " ، " تۈمەن قاغان " دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان .
. e8 {* Z0 N2 d0 g- P3 G
) M) ~% N- I. {3 r7 R2 c2 . قارا قاغان , I2 [* G; D  S3 q8 w: q
قارا قاغان ئاشىنا تۈمەننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۆكتۈرك خانلىقى تەختكە چىققان ، 552 - يىلىدىن 553 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . قارا قاغان بەزى مەنبەلەردە " قالا " ، " ئەل ئىشىگ قاغان " دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان .
) g! C/ i! I& {, n3 u; v5 E# X7 o; O4 C( ~& K0 h
3 . ياندۇ ئېركىن " u$ T8 q1 C$ s: H3 Q3 [
ياندۇ ئېركىن ئاشىنا تۈمەننىڭ يەنە بىر ئوغلى . ئۇ ئاكىسى قارا قاغاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خاقانلىق تەختىگە چىققان ، 553 - يىلىدىن 572 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ تارىختا " مۇقان قاغان " دېگەن نام بىلەن ئاتالغان .8 l! d/ h/ x. |) ~
! K# Y2 {; n9 z7 M5 W/ b
4 . تابار قاغان
$ u! P& a# x0 a, xتابار قاغان ياندۇ ئېركىننىڭ ئىنىسى ، ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۆكتۈرك خانلىقى تەختىگە چىققان ، 572 - يىلىدىن 581 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئايرىم مەنبەلەردە " تاسپار قاغان " ، " تابا قاغان " ، " تابامى قاغان " دېگەندەك ناملار تىلغا ئېلىنغان .% p. v+ Y: E3 Q' i

+ @+ V- `& w' S5 . ئىشبارا قاغان 7 M- S3 D2 R- ]: _3 n$ L
ئىشبارا قاغان ئاشىنا تۈمەننىڭ ئوغلى . ئۇ تارىختا " ئېل كۇلۇگ باغا ئىشبارا قاغان " ، " ئېل كۇلۇگ شاد باغا ئىشبارا قاغان " دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان .$ a; \8 h6 Z/ l9 A8 y" l2 M

9 N% E' T* w- z% U% d$ c4 B0 M
, E; @4 m& P" o$ h
0 j8 r/ r  D; S9 C1 f  sچاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسملىرى
- {1 _( F7 n- i( H4 a
0 t# g$ x: S+ ?) g* f8 C0 ~1 c  چاغاتاي خانلىقى ---- ئالمالىق شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى ، يەتتەسۇ رايونى ، ماۋرائۈننەھر ، خۇراسان (ھازىرقى تۈركمەنىستاننىڭ جەنۇبى قىسمى) ، ئىراننىڭ شەرقى قىسمى ، ئافغانىستاننىڭ غەربى قىسمى ۋە جەنۇبى تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن چوڭ خانلىق . مەزكۇر خانلىق مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خاقانى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن ( 1225 - يىلى ) زېمىندا قۇرۇلغاچقا ، كېيىنكى چاغلاردا سۇيۇرغاللىقنىڭ ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن "چاغاتاي خانلىقى" دەپ ئاتالغان . بۇ خانلىق دەۋرى ( 1227 - 1570 ) دە ، مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىقىنىڭ غەربى يۇرتتىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئالاھېدە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى سەۋەبىدىن ، چاغاتاي دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈشكە باشلىغان ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن .
8 X( @9 I6 n2 i. b+ wتۆۋەندە بۇ خانلىق خاقانلىرى ئۈستىدە ئاز بولسىمۇ توختىلىپ ئۆتەيلى :% n% ^3 S+ M& I( n8 F

# Z1 z+ S% Z# W# X1 Y" q1 . چاغاتاي . 7 G6 k' D( a. O4 U
چاغاتاي ---- "چاغاتاي خانلىقى" نىڭ ئاساسچىسى ، 1227 - يىلىدىن 1241 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .* `. n' V- o/ J' q& O5 R

: u) r4 V0 Y+ V. A& b) h8 F4 A! D2 .قارا ھېلاكۇ .3 D, m2 b9 W8 }3 T- M! e
قارا ھېلاكۇ چاغاتاينىڭ نەۋرىسى ، يەنى چاغاتاينىڭ ئىككىنجى ئوغلى مامۇكەينىڭ كەنجى بالىسى . چاغاتاي ئۆلگەندىن كېيىن مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خانى ئوگداينىڭ قايتا تەكىتلىشى بىلەن 1241 - يىلىدىن 1246 - يىلىغىۋە تەختتە ئولتۇرغان .
( A% p$ k( p. i1 T8 i% V3 e% g+ F( p, ~5 i7 j
3 . يېسۇمۆڭكۇ .
+ M+ J' C% I. b% rيېسىمۆڭكۇ 1246 - يىلى كۆيۈكخان تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان . 1246 - يىلىدىن 1252 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
: n0 Y! W2 X' v4 U+ _! w* ]; Y
# g9 V2 Y) c7 T$ \& _- d! r4 . قارا ھېلاكۇ / g7 K4 V0 a2 [8 m2 S1 q  ?' l
قارا ھېلاكۇ 1252 - يىلى مۆڭكۈخان تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاندانلىقىغا تەيىنلەنگەن .  g7 N3 Q3 w* F; T! _. j/ J: m! a

( z! x0 v4 g* g* W0 c; \+ j5 . ئورفىنا
, t# U# ]  `4 L! P/ ]- pئورفىنا قارا ھېلاكۇنىڭ خانىشى . قارا ھېلاكۇ ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ مۆڭكۈلخاننىڭ تەيىنلىشى بىلەن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى بولغان .7 {. ~& r. s+ P6 t& p1 A3 w5 P
6 T- T' o& \3 B6 k
6 . ئارغۇ 0 v; |/ K; \4 I3 w1 U; R* A% g) p
ئارغۇ ئارىخ بۆكەننىڭ قوللىشى بىلەن چاغاتاي تەختىگە چىققان . 1260 - يىلىدىن 1266 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .$ y! g: A! d+ `' I. t/ B: \; g

0 X) ~5 i6 v4 `1 N7 . مۇبارەكشاھ ; F4 e4 E" B: Q! O: ~4 y$ c3 S1 R
مۇبارەكشاھ قارا ھېلاكۇنىڭ ئوغلى بولۇپ ، 1266 - يىلى قۇبلاينىڭ تەيىنلىشى بىلەن ئارغۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇ چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىغا كىرگەن خان .
8 D0 i8 O2 z" b1 `* J% r3 J
7 e% C0 P- e& U1 S9 N; r$ R3 c8 . بۇراق ( E$ w9 o3 e$ }9 h' G
بۇراق 1266 - يىلىدىن 1270 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
4 q( x) C% g8 `- q, g" q  b
! T. w: B2 m. A8 u! g$ o9 . نىكباي & _8 U1 y4 q9 s
نىكباي چاغاتاينىڭ نەۋرىسى ، يەنى سارباننىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ بۇراق ئۆلگەندىن كېيىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىققان . 1270 - يىلىدىن 1272 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
1 V2 `3 |+ O4 t& i
0 Q6 N& F. S' |9 ?% o5 c10 . دۇۋا % B- D5 _  M' ~- o) l- z% ~2 i
دۇۋا بۇراقنىڭ ئوغلى . ئۇ 1272 - يىلى قايدۇ تەرىپىدىن جانلىق تەختىگە چىقىرىلغان .
& M9 i- z; Q8 B! A" i0 R" j4 w2 D) V' k3 d! Q* T, ]/ ^
11 . كۈنجۈك
' o$ O  _$ N* j. J, Dكۈنجۈك دۇۋانىڭ ئوغلى . ئۇ 1306 - يىلى ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .. f- s" V0 Y5 r2 @- c& u3 r. C

/ {, D5 i! Y5 x12 . تالقۇ
  [! D3 [8 A6 N( d% dتالقۇ 1308 - يىلى مۇتەئەسسىپ مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان .
6 Z4 _- @0 L( W5 ~1 q
, J( l! F6 o+ D( V13 . كەبەك
$ W4 Y& m0 L/ Y! z3 lكەبەك چاغاتاي ئوردىسىدىكى خانزادە - ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان .
" ?9 [( y' f( R8 z! Y) w
3 A: d' p' \5 e, O14 . ئېسەن بۇقا * E0 w, I- z, ^. I
ئېسەن بۇقا تارىختا "ئېسەن بۇقا ئەۋۋەل " دېگەن نام بىلەن ئاتالغان .1 y% l0 c' S. W$ L/ Y5 u  S

" A9 Y8 a$ l3 j1 o15 . كەبەك
8 A& V# Y* t. L+ ~5 _- mكەبەك 1318 - يىلى ئاكىسى ئېسەن بۇقا ئەۋۋەلنىڭ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم تەختكە چىقىشى ئىدى .
$ `  q: t$ L/ H" u5 s7 i6 s  S5 u# f7 U' }8 l
16 . تارماشىرى ) [, p7 H+ I8 E5 l5 {" |
تارماشىرى كەبەكنىڭ ئۈچىنچى ئىنىسى . ئۇ ئاكىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن چاغاتاي تەختىگە چىققان . 1326 - يىلىدىن 1334 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
( W$ @& ]# d: [3 {0 V0 m% x' }7 e
17 . چىنگىش - c- P/ w( \3 p$ x: r1 H$ l
چىنگىش تارماشىرىنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى ئەبۇگەننىڭ چوڭ ئوغلى .- R# Q; f$ O# p+ g* ]9 @& l
0 D. v7 S! S0 r
18 . يەسۇن تېمۇر) C2 [9 l% r6 U: i, o

3 {% q1 ~) `% D& @5 @( O* q) Jيەسۇن تېمۇر خېلى بۇرۇنلا ئاكىسى چىنگىشنىڭ جان بولىشىغا نارازى ئىدى . 1338 - يىلى ئۇ ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ خانلىق تەختىنى تارتىۋالغان ھەمدە ئاكىسىنى قوللىغان ئۆز ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى كېسىۋەتكەن . شۇندىن باشلاپ چاغاتاي خانلىقى چەك - چېكىدىن بۆلىنىشكە باشلاپ ، جايلاردىكى ئاقسۆڭەكلەر ئارقا - ئارقىدىن مۇستەقىللىق بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكە كىرىشكەن . لېكىن يەسۇن تېمۇرنىڭ تەختتە قانچىلىك ئولتۇرغانلىقى ۋە قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات يوق .' E7 X1 V* h, R* i* S7 q; r

- A$ Q( E% X5 @19 . ئېمىل خوجا 0 {0 c- C. l! `6 \2 p5 B1 l
ئېمىل خوجا (ئېل خوجا) تارماشىرىنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى . 1326 - يىلىدىن 1346 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .8 t) m6 g" _8 Q" x7 B

) u5 j4 ]- `3 k0 W) W3 ?20 . تۇغلۇق تېمۇر 7 p: ~3 v0 v0 n# n2 ^
تۇغلۇق تېمۇر ئېمىل جوجىنىڭ ئوغلى . 1348 - يىلىدىن 1363 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .+ o/ e1 T% U+ X; ]3 D; K! y
0 V/ M  E3 j% f8 m9 J
21 . ئىلياس خوجا
& l& \+ ?* d+ B  F# {  \$ W( \ئىلياس خوجا تۇغلۇق تېمۇرنىڭ چوڭ ئوغلى . تۇغلۇق تېمۇر ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ماۋرائۇننەھر رايونىدىن ئالمالىق شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1363 - يىلىدىن 1365 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .; r1 a4 d1 p: j6 a! ~
7 r- i4 W/ \3 U
22 . خىزىر جوجا + G- q: N7 d( Y" Y4 @
خىزىر خوجا تۇغلۇق يېمۇرنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى .1387- يىلىدىن 1405 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
) G3 c8 f# M' n' r1 n2 f4 E! I. H) u- l, \# D  _% v6 q, ?: N
23 . شەمىئىي جاھان # p+ y4 [# O8 e7 F" N0 v
شەمىئىي جاھان خىزىر خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ 1405 - يىلى ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .
. U, J, N% ]" |, |& n' h6 Y& W" w3 a1 X
24 . مۇھەممەد
# Z; Q5 b& |% Q: Z$ G4 gمۇھەممەد شەمىئىي جاھاننىڭ ئىنىسى . 1408 - يىلى ئاكىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .( }$ S, z& M! d! t- H. S: u
! K8 d4 o2 t+ ~* O6 s
25 . شىر مۇھەممەد
2 Z5 ?2 e: z- Y7 Uشىر مۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ ئوغلى . 1415 - يىلى مۇھەممەد ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .8 F" U. s2 z7 s8 k

) \; b+ t4 e+ A9 v26 . نەقشى جاھان : [( P- J3 N' h  W
نەقشى جاھان شەمىئىي جاھاننىڭ ئوغلى . ئۇ خۇدايدادنىڭ يۆلىشى بىلەن شىر مۇھەممەدنىڭ تەختىگە چىققان .$ @7 x* B; p8 M+ r5 l7 t9 L

+ B! Q% f/ F' d& v! ^27 . ئۇۋەيس
% V: y% I+ P) J8 r+ iئۇۋەيس 1418 - يىلى ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ ئوغلى شاھرۇھ مىرزىنىڭ سەركەردىسى شاھ نۇرىدىننىڭ ياردىمى بىلەن نەقشى جاھاننى ئۆلتۈرۈپ چاغاتاي خانلىقى تەختىگە چىققان .
. O2 ]! ^5 U- |8 n1 {: I$ k  K4 A: k- \
28 . ئېسەن بۇقا 9 L4 F# ]. G$ ]% g
ئېسەن بۇقا ئۇۋەيىسنىڭ كىچىك ئوغلى . 1429 - يىلى دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئەمىرى مەھمۇد شاھنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان .! Q( ~* G, r1 `6 }$ t4 q
+ z. r4 c% Y; N1 l3 P; Y6 {: Y
29 . دوست مۇھەممەد # K6 S# C& s# }! f3 h8 m5 S
دوست مۇھەممەد ئېسەن بۇقىنىڭ ئوغلى . ئېسەن بۇقا ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاقسۇدا ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1462 - يىلىدىن 1469 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .. y2 g8 F6 A) n6 w# \
: q" u1 u! C) ]' T- r* i) ]5 I( F
30 . كېپەك سۇلتان - T: H0 F% X! M& L1 r2 |
دوست مۇھەممەدنىڭ ئوغلى بولۇپ ، ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ، ئاتىسىنىڭ ئورنىشا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئاقسۇ ، تۇرپان ، قۇمۇل قاتارلىق جايلارنى باشقۇرغان . 1469 - يىلىدىن 1472 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .4 w  z: e, S  |0 ]9 q

4 o  N( _# D) a6 X! m31 . ئەھمەد ! A& X: i# K! i( A& u0 _
ئەھمەد يۇنۇسخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى . 1487 - يىلى يۇنۇسخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئۇ ئاقسۇدىن قۇمۇلغىچە بولغان جايلارنى باشقۇرغان ھەمدە ئۆزىنى موغۇلىستان خانلىقىنىڭ قانۇنىي سۇلتانى دەپ ئاتىغان .
1 @* g. o; u, V5 A/ }
1 `4 `& b, S6 K1 E  B32 . مەنسۇر % i8 [1 b- |5 W* N( e: {
مەنسۇر ئەھمەدنىڭ ئوغلى . ئەھمەد ئاكىسىغا ياردەملىشىپ شەيبانىخانغا قارشى قوشۇن تارقان 1502 - يىلى ئۇنى ئۆز ئورنىغا ۋاقىتلىق "خان" قىلىپ تەيىنلىگەن .
% p5 g+ F# i+ m: v  b+ ?* ]* R% _& H1 j& y3 V$ R- e& j+ Q
33 . شاھ سۇلتان % o3 U  _+ A5 R0 I- }
شاھ سۇلتان مەنسۇرنىڭ چوڭ ئوغلى . 1543 - يىلىدىن 1565 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .1 S) _. w: M+ z

2 M1 N; \; [  B2 b34 . سۇلتان مەسئۇد ! e6 z) @8 H  |
سۇلتان مەسئۇد شاھ سۇلتان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئاكا - ئىنىلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان . 1565 - يىلىدىن 1570 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
% u# H9 P. I* k0 p2 U1 n5 |  C
7 M$ ^+ P6 z" s6 A# W; w+ @
. I  i- I3 p' j, U2 z# Gيەكەن خانلىقىنىڭ خاقانلىرى
1 \( O0 ^0 c( [; g  w2 f; u4 r+ [يەكەن خانلىقى 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇيغۇرلاشقان چاغاتاي ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان . بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەر گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇن دەۋر ئىدى .$ Y# i, _- Y6 o/ n* l* P
% U3 L* r0 W" ~% d9 w2 e% z: ~
1 . سۇلتان سەئىدخان ---- يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ ، 1490 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان .+ t0 E; c; `) }1 k# u1 t$ Y

, u3 Z  c5 O8 v, x! J3 _/ Y2 . سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ---- ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان - سەرگاندانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 - يىلدىن 1559 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .- h* V& o0 x' P
. V$ Z: E. l! U8 C  ~  z1 I
3 . ئابدۇلكەرىمخان ----ئابدۇلكەرىمخان سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى . ئۇ يەكەن خانلىقى تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن خاقان . 1559- يىلىدىن 1591 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
3 s% M. g$ p5 |( `- R, M1 m' F% J# `8 `% Y7 j
4 . مۇھەممەدخان ---- ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئىنىسى . 1591 - يىلىدىن 1609 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
& ]4 D# T) C0 S6 P5 m+ @! R( Q1 J% D
5 . ئەھمەدخان ----- ئەھمەدخان ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئوغلى . 1609 - يىلىدىن 1618 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .$ r3 T4 W( a. J( r: V7 S! S

4 H+ F" {) J* w# ], E6 . ئابدۇللەتىپخان ---- ئەھمەدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى . 1618 - يىلىدىن 1630 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
9 @: m; S5 p0 t- G8 |# o* C2 }  G0 y6 b$ l* _% b
7 . سۇلتان ئەھمەدخان ---- سۇلتان ئەھمەدخان بولسا ئەھمەدخاننىڭ نەۋرىسى . تۆمۈر سۇلتاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئابدۇللەتىپخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، يەكەندىكى ۋەزىرلەر ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خاقانلىق تەختىگە چىققان .+ W9 S% i$ F8 ]" K+ y! A" n
# v/ u, g+ ^( k5 k6 r
8 . ئابدۇللاخان ----- ئابدۇللاخان سۇلتان ئابدىرەشىدخاننىڭ نەۋرىسى . ئابدۇرەھىمنىڭ ئوغلى .: V  `+ x& {5 D# F# M/ V7 }5 W4 s5 B

4 o: L/ L$ n- v; F0 m0 \% s  y  \3 Z9 . سۇلتان مەھمۇدخان ---- سۇلتان مەھمۇدخان سۇلتان ئەھمەتجاننىڭ ئىنىسى .! ~  }4 Z. X$ c; r; u

0 R+ _/ N7 Z& M. |9 _9 f( d+ Z0 w7 Y10 . يولۋاسخان ------ يولۋاسخان ئاق تاغلىق خوجىلار ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن مىلادىيە 1667 - يىلى يەكەن خانلىقى تەختكە چىققان .
+ C; s# B- M5 X8 V
3 i8 q" B/ H( s6 h11 . ئابدۇللەتىپخان ---- ئابدۇللەتىپخان يولۋاسخاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، 1670 - يىلى خاقانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقىرىلغان .
7 s# ]7 k7 ^1 d) R) M1 O0 u
, o9 L% @+ h2 f% X- y12 . ئىسمائىلخان ---- ئىسمائىلخان 1670 - يىلى قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا يەكەن تەختىگە چىققان ./ F8 Q! T0 q1 \

9 p: E3 ?& [! ^) w0 Z
% |( d! l  t0 X9 X" N- Hباتۇر تەڭرىقۇت ھەققىدە رىۋايەت7 Y5 q# J/ U! N

% H" ^" d- ~1 S% b   ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى سىما چىيەن ئۆزىنىڭ "تارىخنامە" ناملىق كىتاۋىدا شەرق ئەدىبىيات تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولغان "باتۇر تەڭرىقۇت (مودۇن چەنيۈ ) توغرىسىدىكى رىۋايەت " نى قىسىقىچە خاتىرلەپ قالدۇرغان .. W: z3 J( y' b, ^2 W
   "تارىخنامە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتىرىياللاردىن مەلۇم بولىشىچە ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىرلەردە ھونلار قۇدرەتلىك بىر دۆلەت قۇرغان بولۇپ ، ئۇنىڭغا تۈمەن تەڭرىقۇت ئىسىملىك بىر كىشى پادىشا ئىكەن .تۈمەن تەڭرىقۇت ئۆزىنىڭ چوڭ خوتۇنىدىن بولغان ئوغلى باتۇرنى ئۆزىگە ۋەلى ئەھدى (تەخت مىراسخورى) قىلىپ تەيىنلەيدۇ . بىراق ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي تۈمەن تەڭرىقۇت بۇ قارارنى بىكار قىلىپ تاشلاپ ، كىچىك خوتۇنىدىن بولغان ئوغلىنى ۋەلى ئەھدىلىككە تەيىنلىمەكچى بولىدۇ ؛ بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن چوڭ ئوغلى باتۇرنى ھازىرقى گەنسۇ ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇلۇغ ياۋچىلار ئېلىگە بارىمتا قىلىدۇ . چۈنكى ، قەدىمقى زامانلاردا ئەھدىنامە تۈزۈشكەن ئىككى دۆلەت بىرلىككە كەلگەن شەرتلىرىنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ئۆز شاھزادىلىرىدىن بىرسىنى خوشنا دۆلەتكە بارىمتا ھېساۋىدا تاپشۇرۇپ بېرىشەتتى ، تۈمەن تەڭرىقۇت باتۇرنى ياۋچىلار ئېلىگە بارىمتا سۈپىتىدە يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ، كىچىك خوتۇنىدىن بولغان ئوغلىنى ۋەلى ئەھدى قىلىپ بېكىتىدۇ . بۇ ئىش باتۇرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ . سىما چىيەننىڭ "تارىخنامە" سىدە يېزىلغان بايانلارغا قارىغاندا ، ئۇ دەۋرلەردىكى بارىمتا قىلىنغان شاھزادىلەرنىڭ ھاياتى ھەمىشە دېگۈدەك خەۋپكە دۇچ كېلىپ تۇرىدىكەن . چۈنكى ، تولا چاغلاردا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ئەھدىنامە بۇزۇلغان ھامان ، بۇ بالىلارنىڭ كاللىسى ئېلىنىدىكەن . بۇ ئەھۋاللارنى ئېنىق چۈشەنگەن باتۇر سەگەكلىك بىلەن ئەھۋالنى كۈزىتىپ ، پەيتنى تېپىپ قېچىپ كېتىشكە تەييارلىنىپ تۇرىدۇ . ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ ، ھونلار بىلەن ئۇلۇغ ياۋچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئەھدىنامە بۇزۇلۇپ ، ئۇرۇش ۋەھىمىسى قاپلايدۇ . بۇنى سەزگەن باتۇر ئۇلۇغ ياۋچىلار نىڭ خاقانى مىنىدىغان يۈگۈرۈك ئاتقا مىنىپ قېچىپ كېتىدۇ . ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئۇلۇغ ياۋچىلار ئادەم تەشكىللەپ قوغلىغان بولسىمۇ ، باتۇرغا يېتىشەلمەيدۇ .
8 i& @; g5 L/ T0 _& I1 ^; k/ }1 E1 l   باتۇر ھازىرقى گەنسۇنىڭ جاڭيىي دېگەن يېرىدىن قېچىپ ،نىڭشىئادىكى تەڭرى قۇملىغىنى بېسىپ ئۆتۈپ شەرققە قاراپ يول سالىدۇ . ئاخىرى ھونلارنىڭ لۈۋبالىق دېگەن پايتەختىگە (ھازىرقى كۆكخوت ئەتراپىغا) سالامەت يېتىپ كېلىدۇ .
, j# F" @1 I& {  ئۆز پەرزىنتى باتۇرنىڭ زېرەك ، قەھرىمان ،قەيسەرلىكىنى كۆرگەن تۈمەن تەڭرىقۇت ئۇنىڭغا قايىل بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھون ئاتلىق لەشكەرلىرىنى تەربىيلەش ئىشىنى باتۇرغا تاپشۇرىدۇ . بۇ خىل ئەۋزەل شارائىتقا ئېرىشكەن باتۇر پۈتۈن زېھنىنى ئىشقا سېلىپ ، ئاۋازلىق ئوقيانى ئىجاد قىلىدۇ . ئۆزى تەربىيلەۋاتقان ھون لەشكەرلىرىنى : "مەن مۇشۇ ئاۋازلىق ئوقيانى نىمىگە قارىتىپ ئاتسام ، سىلەرمۇ شەرتسىز شۇ نەرسىنى نىشانلاپ ئېتىڭلار ! ئەگەر بۇنىڭغا خىلاپلاق قىلىدىكەنسىلەر ، ھەممىڭلارنىڭ كاللىسىنى ئالىمەن : دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ .
# Z  W& R2 [. z5 T   مەلۇم بىر كۈنى باتۇر ئاۋازلىق ئوقياسىنى ئۆزى مىنىدىغان ئاتقا قارىتىپ ئاتىدۇ ، ھون ئاتلىق لەشكەرلىرىنىڭ بۇ ياخشى ئاتنى ئېتىشقا كۆزى قىيماي تەمتىرەپ تۇرۇپ قىلىشىدۇ . باتۇر تەڭرىقۇت دەرھال بۇيرۇقنى ئورۇنلاشقا سۇسلىق قىلغان ھون ئاتلىقلىرىنىڭ بېشىنى ئالىدۇ . ئۇ يەنە يېنىدىكىلەرنى قاتتىق ئەگاھلاندۇرۇپ : "بۇنىڭدىن كېيىن كېمدە - كىم مەن ئاۋازلىق ئوقيا بىلەن نىشانلاپ ئاتقان نەرسىنى دەرھال ئاتمايدىكەن ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھازىر بېشى ئېلىنغانلارنىڭ تەقدىرىگە ئوخشاش بولىدۇ " دەيدۇ .
! a5 O4 g' V& X5 L   ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي ، باتۇر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خوتۇنىنى نىشانلاپ ئاۋازلىق ئوقيانى ئاتىدۇ ، بۇ قېتىممۇ ھون ئاتلىق لەشكەرلىرى باتۇرغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭلا ئوقيا ئېيىشقا جۈر ئەت قىلالمايدۇ ، نەتىجىدە ھەممىسىنىڭ بېشى كېسىلىدۇ . ئىككى قېتىملىق قانلىق ۋەقەدىن كېيىن ساۋاق ئالغان ھون ئاتلىق كەشكەرلىرى ئاخىرى باتۇرنىڭ بۇيرىقىغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ .% t, A6 S( ~. {" J% m' `' Q
   كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھون پادىشاسى تۈمەن تەڭرىقۇت كىچىك خوتۇنىنى ، ئوغلىنى ۋە ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئوردا ئەمەلدارلىرىنى ئېلىپ ئوۋغا چىقىدۇ . باتۇر بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ، ئاتىسىنى ، ئۆگەي ئانىسىنى ، ئۆگەي ئىنىسىنى ۋە ئۆزىگە ياقمايدىغان ئوردا بەگلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ . بۇ قېتىم باتۇرنىڭ ئاۋازلىق ئوقياسى نىمىگە قارىتىلىپ ئېتىلغان بولسا ، ھون ئاتلىق لەشكەرلىرىمۇ چاقماق تېزكىگىدە شۇ نەرسىگە قارىتىپ ئوقلارنى ياغدۇرىدۇ . شىنداق قىلىپ باتۇر ئۆز مەقسىتىگە يېتىپ ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 210 -يىلى ھونلارنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرىدۇ ۋە ئۆز نامىنى باتۇر تەڭرىقۇت دەپ ئاتايدۇ ./ B: w4 c% y3 T( O, u, n9 P3 h
  باتۇر تەڭرىقۇت توغرىسىدىكى رىۋايەتتە ھون ئاقسۆڭەكلىرى ئوتتۇرسىدىكى خاقانلىق تالىشىش ئۇرۇشنىڭ كەسكىنلىكى ، رەھىمسىزلىكى ، دەھشەتلىك تۈس ئالغانلىقى ۋە باتۇرنىڭ ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن دادىسى تۈمۈن تەڭرىقۇت قاتارلىق تۇققانلىرىنى ھالاك قىلغانلىقى ،،،، قاتارلىقلار ھېكايە قىلىنسىمۇ ، مۇھىمى ، ئۇنىڭدا يەنە باتۇرنىڭ پەم - پاراسەتلىكى ، باتۇرلىقى ۋە پولاتتەك ھەربىي تۈزۈم ئورنىتىشتىكى قاتتىق قوللىقى ،،، ئۆزىگە خاس بىر ئۇسۇل بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن .- o# J; G& R) n
0 ?3 O( [6 k$ }5 F, W
2 {5 Y) T8 N) ^* u1 b  K+ s
مەنبە : ۋارىسلار تورى

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

3

يازما

68

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
60 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-7 21:10:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗