ئۇيغۇر
1.ئاماننىساخان- (1533-1567) مەشھۇر مۇقامشۇناس، شائىرە ، خانىش ئاماننىساخان سەئىدىيە خانلىقى ئوردىسىدا پادىشاھ ئابدۇرىشىتخاننىڭ شارائىت يارىتىپ بېرىشى، قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ،مۇقاملارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈردى. ئۇ ناھايىتى قىسقا ئۆمۇر كۆرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ، مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىش ئۈچۈن قىلغان ئۆچمەس ئىش-ئىزلىرى ئۇيغۇر خەلقى ئېغىزىدا ۋە تارىخلاردا داستان بولۇپ داۋاملىق يادلانغۇسى.
% K8 }) h6 ?& j" u( G0 a2.ئىپارخان - (1733-1788) ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈلى بولغان ئىپارخان چىڭ سۇلالىسى خانى چيەنلۇڭ خان تەرىپىدىن ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، چيەنلۈڭ خان ئۇنىڭغا ئاتاپ مەخسۇس ئۇيغۇرچە بارغ، قەسىر، مەھەللە بىنا قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئىپارخان بۇنداق ئالىي ھىممەتلەرنى ئانا يۇرتىغا بولغان مۇھاببەت ئالدىدا بىر تىيىنگە تەڭ قىلمىغان. ئۇ چيەن لۈڭ خاننىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىنى قەتئىي رەت قىلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلەلمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.
8 ]( q( Z& }( R3 o+ T; H9 Q$ M: N1 h7 K) m5 v6 e; x3 A3 x
3.ئايخان ئانا- ( 1888-1942) 1933-1934-يىللىرى ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ غۇلجا شەھرىدە مەخسۇس يېتىم بالىلار ئۈچۈن « غۇلجا خەيرىيە مەكتىپى »نى سالغان. كېيىنچە بۈ مەكتەپ « ئايخان مەكتىپى » دەپ ئاتالغان. بۇ مەكتەپنىڭ تەسىرى ئىلى تەۋەسىدە ناھايىتى چوڭ بولغان. بۈ مەكتەپ ئاتمىش يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى ىۆزىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ئايخان ئانىمۇ ئەۋلادلىرى قەلبىدە چوڭقۇر يادلانماقتا.3 r/ P6 R. l, O# }; k/ f
. @" |) L4 b* H' c0 b3 V* R- v4. گۈلەندەم ئاۋۇستەي-(1889-1973) ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر يېڭى مائارىپىنىڭ ئايال مەنىۋى ئىنژېنېرى دەپ نام ئالغان گۈلەندەم ئاۋۇستەي ئىسمى-جىسىمىغا لايىق ھەقىقىي مەرىپەت باغۋىنى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلاپ، بۇ يولدا ئۆچمەس سەھىپە ياراتقان. شۇڭا ئۇ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ « سۆيۈملۈك ئانىسى » دەپ تىلغا ئېلىنىشقا ئەرزىيدۇ ھەمدە خەلقىمىز قەلبىدە ئۇنىڭ ئوبرازى مەڭگۈ پارلاق نۇر چاچىدۇ.
# \+ Y9 r, _1 Y- z% ]5.نىساخان-(1903-1987) ئون ياشقا كىرگەندە دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان نىساخان ئانىسىغا ئەگىشىپ سەرگەردانلىق ھاياتىنى باشلىغان. ئانىسى بىلەن دۇتتار، تەمبۇر چېلىپ « كاككۇك ناخشىسى » ، « يۈرىكىم چاك-چاك بولدى » دېگەن ناخشىلارنى خەلىق ئىچىگە تارقاتقان. ئۇ يەنە « جوزا ئۇسۇلى» بىلەن داڭ قازانغان. 200يىللىق ئەنئىەنىگە ئىگە بولغان « مەرەمخان » داستانى ئۇنىڭ دۇتارىدا تېخىمۇ كامالەتكە يەتكەن. تونۇلغان غەزەلخان ،خەلق سەنئىەتكارى نىساخان سەنئىەت ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يۈرەك قېىنىنى سەرپ قىلغان., H0 V+ I1 Y1 H% C) B* |
9 [! `3 ~4 n S3 @8 w6 }
6.رىزۋانگۈل- (1925-1945) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل قازاقسىتاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى چېلەك رايونىدا تۇغۇلغان. 1932-يىلى غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلغار ئىدىيىدىكىلەرنىڭ تەسىرىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، كۆپلىگەن كوماندىر-جەڭچىلەرنى قۇتقۇزغان. 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى بولغان ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا يامغۇردەك چۈشۈۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا يارىدار جەڭچىلەرنى قۇتقۇزۇۋاتقاندا بېشىغا ئوق تېگىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |