3d
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى قىلمايۋاتقان ۋە قىلالمايۋاتقان نۇقتىلار" Y0 B6 W. c, t7 y3 G! [9 m! X
6 [" Q/ n& p5 q: c6 D$ T
, Z) |( D) n1 R5 l) J6 Z3 f
روزىمۇھەممەد ياقۇپ# ~! M; B) u! U
m5 @: {5 ]! n9 f(لوپ ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن)
9 {0 h! l' C) {% F; D
1 P4 _& g& H$ @+ o- U; o+ I6 n' ?" x5 w
. W6 P7 T8 y3 B' y, j4 g1 }+ D$ _. a
ھەرقانداق ئوقۇتقۇچى ئۆزىگە خاس ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا،ئوقۇتۇش ماھارىتىگە ئىگە بولۇشنى، ئوقۇتۇشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشنى، ئوقۇتۇش نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.لېكىن، ئۇلارنىڭ تەربىيىلىنىشى،بىلىم دائىرىسى،ئىزدىنىشى،ئوقۇتۇش ماھارىتى پەرقلىق بولغىنى ئۈچۈن نەتىجىسى ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ.بولۇپمۇ ، تىل-ئەدەبىيات پېنى ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولغىنى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلاردىن تېخىمۇ ئىجادچانلىقنى،ئىزدىنىشچانلىقنى،يۇقىرى ماھارەتنى تەلەپ قىلىدۇ.بۇنىڭ ئەكسىچە «يول ئۇزاق،ئېتىم ئۇرۇق»دېگەندەك،ئەدەبىيات قوشۇنى مەخسۇس تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئۇقۇمىغان،تۈرلۈك پەنلەردىن قالپاق ئۆزگەرتىپ ئالماشقان،ئۆزى ئوقۇغان پەننىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان،غەيرىي مەكتەپ،غەيرىي كەسىپلەرنى پۈتتۈرگەن بىرتالاي ئوقۇتقۇچىلاردىن تەركىب تاپقىنى سەۋەبلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدەك بولمايۋاتىدۇ.دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنمۇ ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئىسلاھاتىنى ، ئۇنىڭ ئۇسۇلىنى،تەلەپلىرىنى چۈشىنىشى يېتەرلىك بولمىغاچقا،بىلمەسلىك باياۋانىدا تەمتىرەپ،تىل-ئەدەبىياتنى تېخىمۇ ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ.يىللاردىن بېرى دەرس ئاڭلاش ، ئوقۇتۇشنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بايقىدىم.ھېس قىلغانلىرىم ئەنە شۇنداق بىلىپ تۇرۇپ قىلمايۋاتقان ۋە بىلمەسلىكتىن قىلمايۋاتقان مەسىلىلەر بولۇپ، بۇلارنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەمىگە سېلىشنى زۆرۈر دەپ قارىدىم.ئالدىنقى ماقالەمدە ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭ بىرقىسمىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم.يەنە مۇنداق قىلسام يول بىلمىگەن ئادەمگە يول كۆرسىتىپ قويماي،ئۇنى ئەيىبلىگەندەك ئىش بولغۇدەك.شۇڭا، ماقالىنى مەسلىھەت خاراكتېرىدە يازدىم.بۇ، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئۇسۇلىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.شۇنداقتىمۇ يازغانلىرىم مەلۇم دەرىجىدە قىلالىغانلار ئۈچۈن مۇستەھكەملەش،قىلمىغانلار ئۈچۈن ھەيدەكچىلىك، قىلالمىغانلار ئۈچۈن ئەينەك بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. * |( t3 |' k8 {! I b& |( y& u
1.تېكىستنى مۇددىئاسىز ئوقۇتماڭ ھەم ئۇقۇماڭ.ئوقۇشتىن ئاۋۋال ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەسكەرتىڭ.مەسىلەن: ھېكايىلەرگە نىسبەتەن ئەسەردىكى پېرسوناژلارنىڭ ئىسمى،مۇناسىۋىتى، سەرگۈزەشتىسى،چۈشىنىكسىز سۆزلەر،ئوبرازلىق،مۇرەككەپ جۈملىلەر،ئەسەردە ئالغا سۈرۈلگەنىدىيە ...دېگەندەك.شۇنداق قىلسىڭىز ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىغۇلارچە كىتاب ئوقۇشىنى چۈشىنىپ كىتاب ئوقۇشقا ئۆزگەرتەلەيسىز.چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرولۇشنى تېزلىتىپ، ۋاقىتنى تېجەپ قالالايسىز. : v7 ?0 R4 e, Q, m
2.تېكىستنى تۇنجى ئوقۇغاندا بىر پۈتۈنلۈكىگە دىققەت قىلىڭ.ھەر ئابزاس، ھەر بۆلەكتە توختىلىپ، گەپ قىستۇرۇپ، سۆز، جۈملىلەرنى چۈشەندۈرۈپ يۈرمەڭ.بۇ قىزىقارلىق كىنو كۆرۈۋاتقىنىڭىزدا بېرىلگەن ئېلاننىڭ كەيپىڭىزنى ئۇچۇرغىنىدەك بىر ئىش.ئەسەرنى ئىپادىلىك،ھېسسىياتلىق ئوقۇڭ.ھەرخىل ژانېردىكى ئەسەرلەرنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە دېكلاماتسىيە قىلىڭ.قايغۇرىدىغان يەردە قايغۇرۇڭ.كۈلىدىغان يەردە كۈلۈڭ،ئەر-ئايال،قېرى-ياش،چوڭ-كىچىك پېرسوناژلارنىڭ ئاۋازى،تىلىنى، ھېسسىياتىنى، كەيپىياتىنى، خاراكتېرىنى ئىپادە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەردىن ھۇزۇرلىنىش ھېسسىياتىغا دەخلى يەتكۈزۈپ قويىسىز-دە،ئەسەرنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلالمايسىز.
' L! ^* @' s7 V( e$ |7 R4 x2 R3.تېكىستنى پىششىق ئوقۇڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىدە قالغۇچە ئوقۇڭ.قانچىكى پىششىق ئوقۇسىڭىز بالىلارنىڭ چۈشىنىشكە، پىكىر قىلىشىغا،تەھلىل يۈرگۈزۈشىگە،ئەسەر مەزمۇنىنى ئۆزى ھېس قىلىشىغا يول ئالالايسىز.ئۆزىڭىزنى زورۇقۇپ چۈشەندۈرۈش،زورۇقۇپ تەھلىل قىلىش ئاۋارىچىلىقىدىن ئازاد قىلالايسىز.
1 G, N- g8 c. A- W( i$ r4.ئوقۇغاندىن كېيىن چوقۇم ئەستە قالغاننى قايتا بايان قىلغۇزۇڭ.بايان قىلدۇرغاندا نۇقتىلىق تەرەپلەرنى،مەسىلەن: پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى،ئەسەرنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسىنى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان ، ئاپتور كۆڭۈل قويۇپ تەسۋىرلىگەن،چۈشەندۈرگەن نۇقتىلارنى چىڭ تۇتۇڭ.ئوقۇغۇچىلارنى شۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلغۇزۇڭ.يۈزەكى بايان بىلەن ئۇنى ئاددىيلاشتۇرۇپ قويماڭ.شۇنداق قىلسىڭىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە قالدۇرۇش،سۆزلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلەيسىز.. w) U+ p( _3 f2 k) j
5.سۆزلۈكلەرنى تىل مۇھىتى ئىچىدە چۈشەندۈرۈڭ.چۈشىنىكسىز سۆزلەرنى تېكىست ئىچىدىن ، جۈملە ئىچىدىن يولۇۋېلىپ،ئابىستراكتلا ئىزاھلىماڭ.مۇھىمى بالىلار ئىزاھلىسۇن.چۈنكى،بالىلارنىڭ تىلى بالىلارغا يېقىن.سۆزلەرنى كونكرېت تىل مۇھىتى، يەنى جۈملە ئىچىدە،تېكىست شارائىتىدا قويۇپ چۈشەندۈرۈڭ.ھەم جۈملە تۈزگۈزۈپ مەشىقلەندۈرۈڭ.شۇنداق قىلسىڭىز ئەستە قالدۇرۇش بىلەن ئىشلىتىشنىڭ، بىلىم بىلەن ئىقتىدارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىرتەرەپ قىلالايسىز.ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلەرنى ئەستە قالدۇرۇشى،ئىشلىتىشىگە ئاساس سالالايسىز.
( i9 q$ ?$ c; J6.ئەسەرنى ئۈزۈندە خاراكتېرىدە تەھلىل قىلماڭ.بىر پۈتۈنلۈكىگە ئەھمىيەت بېرىڭ.مەسىلەن: ئەسەرگە سىڭدۈرۈلگەنىدىيە،ئۇنى ئىپادىلەشتىكى ئۆزگىچىلىك،تىلدىكى سەنئەتلىك خۇسۇسىيەت،قۇرۇلمىدىكى يېڭىلىق، ئاپتورنىڭ ئۇسلۇبى...دېگەندەك.ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىنى چۈشىنىشتە ئالدى بىلەن ئاپتورنىڭ ئەسەرنى نېمە مۇددىئادا يازغانلىقىنى ئويلىشىڭ.چۈنكى، ئاپتور ئەسەرنى مۇئەييەن مەقسەتنى كۆزدە تۇتۇپ،تۇرمۇشتىكى مەلۇم مەسىلىنى ئىپادىلەش،ھەل قىلىش ئۈچۈن يازغان بولىدۇ.بۇ ، دەل ئەسەرنىڭ ئوق يىلتېزى،يەنى مەركىزىي ئىدىيىسى ھېسابلىنىدۇ.سىز شۇ لېنىيىنى بويلاپ،چوڭقۇرلاڭ.چوڭقۇرلاشتا: نوقۇل كۆنۈكمە سوئالىقىلا ئېسىلىۋالماڭ.زۆرۈر تېپىلسا،ئاساسىي ئىيىدىينى چۈشىنىشكە يېتەكلەيدىغان،پارچە سوئاللارنى ئۆزىڭىز چىقىرىڭ.تەھلىلدە ھەممىگە قارا -قويۇق ئېسىلىۋالماڭ .نۇقتىلىق جايلىرىغا بەكرەك دىققەت قىلىڭ.كونكرېت تەھلىلدىن كېيىن ئاندىن خۇلاسە چىقىرىڭ.مەسىلەن: ھېكايىلەرنى ئۆتكەندە پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى ئۇنىڭ قايسى ئىشى، قايسى ھەرىكىتى، قايسى سۆزى،قانداق ئوي-خىيالى ئارقىلىق يورۇتۇلدى؟شېئىرلادا ئوي-پىكىر قايسى كۇبلېت،قايسى مىسرا،قايسى ئوخشىتىش، قايسى سىمۋول، قايسى سېلىشتۇرمىغا تۈگەللەندى؟ئاپتور بۇ ئارقىلىق نېمىنى تەشەببۇس قىلماقچى؟دېگەندەك.تېكىستتىن ئايرىلغان ھالدا قۇرۇق تەھلىل يۈرگۈزمەڭ.ئاساسىي ئىدىيىنى تومتۇۋاق خۇلاسە قىلماڭ ھەم تەھلىل جەريانى بولمىغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويماڭ.قانداق يەكۈن چىقارسىڭىز چوقۇم ئەسەردىن مىسال كەلتۈرۈڭ. 2 Z# z" I, a/ ~' R) v/ O9 I
ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىنى سۆزلىگەندە ئۇنى باھالاپلا ئۆتۈپ كەتمەڭ.ئۇنى تۇرمۇش بىلەن سېلىشتۇرۇڭ.ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىگە تەتبىقلاڭ،ئوقۇغۇچىلار پېرسوناژلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى قويۇپ باقسۇن،ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتىسىنى خىيالەن ھالدا بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقسۇن.ئاندىن نېمىنى ئويلىغانلىقىنى سۆزلەپ باقسۇن.ئىمكان قەدەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى تەسىرلىنىشنى، تۇرمۇشتىكى،ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ئۆزى ھېس قىلىشنى،ئۆزى تونۇشنى،ئۆزى باھالاشنى،ئۆزلىرىنى يەكۈن چىقىرىشنى قولغا كەلتۈرۈڭ.شۇ مەسىلىگە بولغان پوزىتسىيىسى،قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغۇزۇڭ.ئۆزىڭىز مەيدانغا چىقىپ،قۇرۇقتىن-قۇرۇق«مۇنداق قىلىش لازىم، ئۇنداق قىلماسلىق لازىم» دەپ ھېسسىيات تەربىيىسى بەرمەڭ.ئوقۇغۇچىلار ئۆزى دەپ باقسۇن.پوزىتسىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسۇن.پوزىتسىيىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا راست گەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇڭ.يۈزەكى ۋەدە،پوزىتسىيە بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتمەڭ.بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردىكى مەلۇم مەسىلىنى ھەل قىلىڭ.مەلۇم ئىدىيىۋى قاراشقا ئىگە قىلىڭ.
: B; J6 ]5 }0 X7 R. y( cبىلىم بەرگەندە قۇرۇق نەزەرىيىگە ئايلاندۇرۇپ قويماڭ.قانداق ژانېردىكى ئەسەرنى ئوقۇتسىڭىز شۇ ژانېرنىڭ قائىدە-قانۇنىيىتىنى،خۇسۇسىيىتى ۋە يېزىلىش ئۇسۇلىنى ئەسەردىن يەكۈنلەپ چىقىڭ.ئەسەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سۆزلىگەندە ئۇنى تومتۇۋاقلا «مۇنداق ئۇسۇل قوللانغان،ئۇنداق ۋاسىتە قوللانغان...»دەپلا ئۆتۈپ كەتمەڭ.ئاۋۋال ئەسەردىكى تۇرمۇش بىلەن ، رېئاللىقتىكى تۇرمۇشنى سېلىشتۇرۇڭ،ئاندىن رېئال تۇرمۇشنىڭ ئەسەردە قانداق ئىپادىلەنگەنلىلىكىنى،ئەسەردىكى تۇرمۇشىنىڭ رېئال تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى قانداق يورۇتقانلىقىنى،ئىككىسىنىڭ دېئالېكتىك مۇناسىۋىتى، پەرقىنى سېلىشتۇرۇڭ.بۇ ئارقىلىق ئەدەبىي ئەسەرنىڭ تۇرمۇشنى ئىپادىلەشتىكى خاس خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىكلىرىنى خۇلاسىلەپ چىقىڭ.ئوقۇغۇچىلارنى ئىشلىتىپ كۆرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇڭ.مەشىقلەندۈرۈڭ. ; q* a4 q! c% i; U3 N0 E
نۇقتىلىق ئاپتورنىڭ تەرجىمىھالىنى سۆلىگەندە ئاددىيلاشتۇرۇۋەتمەڭ.ئۇنىڭ جاپاسى،سەرگۈزەشتىسى ، ئىجادىيەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتىنى تەپسىلىي سۆزلەپ،ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت روھى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرۈڭ.ئۇلارنى ئىجادچانلىققا ئۈندەڭ.مەسىلەن: ماكسىم گوركىينىڭ كىتاب ئوقۇشقا ئامراقلىقى،پاراخوتتا ھامماللىق قىلىۋېتىپ، كىتاب ئوقۇغانلىقى،شۇ سەۋەبتىن خوجايىندىن قاتتىق تاياق يېگەنلىكى،كېيىن بەدىنىدىن 41تال ئوتۇن يىچىقىنىڭ چىققانلىقى...دېگەندەك.
' r& |/ W% W3 g8 L5 c+ ]! T7.دەرس ئۆتكەندە ۋەزىپە ئۈچۈنلا سوئال سورىماڭ.سوئالنىڭ قاراتمىلىقى بولسۇن.بىرەر نىشانغا يېتەكلەش،ئۇنى يورۇتۇش رولى بولسۇن.مەسىلەن: ئوچىمىلوف ئىت چىشلىۋېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا قانچە قېتىم ئۆزگەردى؟نېمىشقا ئۆزگەردى؟بۇ ئۆزگىرىش ئۇنىڭ قانداق خاراكتېرىنى ئىپادىلەيدۇ؟ئوچىمىلوف ئارقىلىق روسىيە جەمئىيىتىنىڭ قانداق رېئاللىقى يورۇتۇپ بېرىلگەن؟ئەگەر شۇ جەمئىيەتتە ئوچىمىلوف ئورنىدا سىز بولسىڭىز بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلاتتىڭىز؟ھازىرقى تۇمۇشىمىزدا مۇشۇنداق ئادەملەرمەۋجۇتمۇ؟سىز ئۇلارغا قانداق قارايسىز؟...دېگەندەك.ئوقۇغۇچىلارنى بىرتالاي سوئاللارغا كۆمۈۋەتمەڭ.سوئالىڭىز ئاز ھەم ساز بولسۇن.بىر سوئالغا بېرىلا جاۋاب قىلماڭ.بىر سوئالنى ئەڭ ئاخىرقى چەككە يەتكۈزۈپ سوراڭ.تاققۇ-تۇققۇ سوئاللارنى سورىماڭ.سوئالىڭىزنىڭ باغلىنىشى بولسۇن.بىرى-بىرىنى تولۇقلايدىغان، كېڭەيتىدىغان،چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان بولسۇن.ئايرىم تۇغاندا يەككە جاۋاب،ھەممىنى بىرلەشتۈرگەندە ئورتاق بىر ئەقلىي خۇلاسە چىقارغىلى بولسۇن.تومتۇۋاق،چۈشىنىكسىز سوئال لايىھىلىمەڭ.سوئاللار ئىخچام،ئۇچۇق،چۈشىنىشلۈك بولسۇن.سوئال سورىغاندا ئوقۇغۇچىلارغا ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىڭ.جاۋابىنى يېرىم يولدا ئۈزۈپ قويماڭ.% S7 v6 {& f- a0 I0 N; y; ?: N( f
8.تىلىڭىز ئەدەبىياتچىغا خاس ئوبرازلىق،پاساھەتلىك،يۇمۇرستىك بولسۇن.تىلىڭىزدىن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىڭىز بىلگىلى بولسۇن.تىلىڭىزدىن ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىياتنى ھېس قىلسۇن.ھەمىشە ئەسەر ئوقۇپ بېرىشكىلا تايىنىۋالماڭ.كاللىڭىزدا ھەرخىل ژانېردىكى ئەسەرلەر زاپاس بولسۇن.پەيىتى كەلگەندە ئۇلارنى ئېيتىپ بېرىپ بالىلارنى زوقلاندۇرۇپ كۈلدۈرۈشنى،تەسىرلەندۈرۈپ يىغلىتىشنى بىلىڭ.زۆرۈر تېپىلغاندا يۇمۇر،ھېكايە-چۆچەك،شېئىر قوشاقلارنى ئېيتىپ بېرىپ ئۇلارنى قىزىقتۇرۇڭ.سىزمۇ ئەسەر يېزىڭ.باھالاشنى بىلىڭ.ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە كۆرسىتىڭ.چۈنكى، سىز ئەدەبىياتچى.# }1 l2 I* M' @6 [# ^( N
9.ھەر بىر تىمىنى ئۆتكەندە شۇنىلا ئاساس قىلماڭ.ئۇنى يېتەرلىك دەرس بايلىقى بىلەن سەمرىتىڭ.مەسىلەن: ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇتقاندا شۇنىڭدا دائىر رەسىم،ناخشا-مۇزىكا،ماقالە،شېئىر،ھېكايە، ماقال-تەمسىل،ھۆسىنخەت،قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى توپلاش دېگەندەك...دەرس بايلىقىنى ئېچىشتا ئۆزىڭىزگىلا تايىنىۋالماڭ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس بايلىقى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.ھەر قانداق تېمىنى ئۆتۈشنىڭ ئالدىدا ئوقۇغۇچىلارغا ۋەزىپە تاپشۇرۇڭ.توپلاڭ.دەرستە پايدىلىنىڭ.ئۆزىڭىزمۇ دەرس بايلىقى نۇقتىسىدا تۇرۇپ،تۇرمۇشتىن،مەكتەپتىن،ئوقۇغۇچىلاردىن،ئوقۇغان ماتېرىياللاردىن،رادىئۇ-تېلىۋېزوردىن،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسىدىن دەرس بايلىقىنى ئىزدەڭ.جانلىق پايدىلىنىڭ.4 p8 F/ t( }- }4 V) |2 O
10.تەييار يەكۈنگە ئېسىلىۋالماڭ.ئوقۇغۇچىلارنى مۇستەقىل تەپەككۇر،تەسەۋۋۇرغا يېتەكلەڭ. ئوقۇغۇچىلار مەسىلىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان بولسۇن.توغرا بولسا،توغرا تەرىپىنى، خاتا بولسا خاتا تەرىپىنى يەنە بىرقېتىم ئىسپاتلىسۇن.ئۆز ئەمەلىيىتىدىن ئۆتكۈزۈپ كۆرسۇن.شۇنداق بولىدىغانلىقى ياكى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۆزى يەكۈن چىقارسۇن.ھەر بىر شەيئىنىڭ ئىككى تەرىپى بارلىقىنى ئەستىن چىقارماڭ.ئەسەردىكى پېرسوناژلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىمۇ،يېتەرسىزلىكىنىمۇ تەڭ تەھلىل قىلدۇرۇڭ.مۇۋەپپەقىيىتىدىن ئۈلگە،مەغلۇبىيىتىدىن ساۋاق ئالسۇن.ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىنى باھالاپ كۆرۈڭ.ئۇنى باشقا ژانېر ياكى ئۇسۇلدا يېزىش مۇمكىنچىلىكلىرى ھەققىدە پىكىر يۈزگۈزۈزڭ.ئەسەردىكى سەۋەب ياكى نەتىجىنى،پېرسوناژلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ يېزىش،ئەسەرنى داۋاملاشتۇرۇش يېزىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە پىكىر قىلغۇزۇڭ.مەشىقلەندۈرۈڭ.ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن پېرسوناژلارنىڭ تەجرىبە ۋە ساۋاقلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئۇلارغا ئەقىل ئۆگىتىڭ ياكى ئۇلاردىن ئەقىل ئۆگىنىڭ.بىر خىل مەسىلىنى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئويلاندۇرۇڭ،مەشىق قىلدۇرۇڭ.ئوقۇغۇچىلارغا بىلىمنى ئىشلىتىشنى،مەسىلە ھەل قىلىشنى،ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىڭ.+ _0 V# s* G3 b% r* t) d- D# Y
11.ھەر بىر تېكىستنى ئوپېراتسيە قىلىشتا ئىككى خىل *** ئىشلىتىڭ.بىرى گۇمانىتارلىق بولسۇن.يەنە بىرى قوراللىق بولسۇن.قوراللىقنىڭ بىلىم، ئىقتىدار،ئۇسۇل،جەريان، گۇمانىتارلىقنىڭ ھېسسىيات،پوزىتىسىيە،قىممەت قارىشى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ.بۇ ئىككىسىنى دەرسنىڭ ئىككى پۇتى دەپ قاراڭ.ئىككى «پۇت»بىلەن مېڭىڭ.بىرىنى تۇتۇپ،بىرىنى تاشلاپ،دەرسنى توكۇر قىلىپ قويماڭ.6 ^5 d1 } r' T) N0 }! B. @2 r
12.دەرس قۇرۇلمىسىنى ئىخچام لايىھىلەڭ.شاكىلى بىلەن مېغىزى ماس بولسۇن.كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ،ئازلا ئۈنۈمگە ئېرىشىشتىن ياكى ئاز ۋاقىتقا نۇرغۇن مەزمۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەممىنى يۈزەكى قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ.دەرس لايىھىلىگەندە ئىمكان قەدەر قىزىقارلىق بولۇشنى ئويلىشىڭ. مەزمۇننى ئويۇن ئىچىگە،مەسىلە پەيدا قىلىپ،ئۇنى ھەل قىلىش جەريانىغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ.دەرس جەريانى يەڭگىل،تەبىئىي بولسۇن.دەرسنى پائالىيەت شەكلىدە لايىھىلەشكە تىرىشىڭ.ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىيەت دۋامىدا مەسىلىنى ئۆزى بايقايدىغان،ھەل قىلىدىغان بولسۇن.دەرس ئۆتكەندە بىرخىل قۇرۇلمىغا قامىلىپ قالماڭ.پۈتۈن ئوقۇتۇش جەريانىڭىز تۈگمەن تېشىدەك بىرخىل ئايلىنىدىغان،بىرخىل ئاۋاز چىقىرىدىغا بولۇپ قالمىسۇن.مەسىلەن: كونا دەرستىن سوئال سوراش، يېڭى دەرس تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش،تېكىست ئوقۇش،سۆزلەرنى ئىزاھلاش،ئەسەرنى تەھلىل قىلىش...دېگەندەك.ھەر دەرستە بىر يېڭى پىكىر،بىر يېڭى ئۇسۇل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇڭ.مەسىلەن: ئەسەر ۋەقەلىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تۇرمۇش ۋەقەلىرىنى سۆزلىتىش، ئۆز كەچۈرمىشنى سۆزلەپ بېرىش ، بالىلارنى سۆزلىتىش، تېكىستتىكى تەسىرلىك بۆلەك،پارچىلەردىن ئارىيە ئېلىپ، ئوقۇپ بېرىش. زىدىيەتنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ،سەۋەبىنى بىلىشكە قىزىقتۇرۇش، سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرىپ،نەتىجىسىگە قىزىقتۇرۇش، ھالقىلىق نۇقتىلاردىن سوئال چىقىرىپ،مۇ***ە قىلدۇرۇش،مەسىلە پەيدا قىلغۇزۇش،ئەمەلىي شەيئىنى كۆزەتكۈزۈپ،كۆزەتكەنلىرىنى بايان قىلغۇزۇش،ئەسەردىكى،بالىلارنىڭ پىكىرىدىكى قارىمۇ-قارشى نۇقتىلار ياكى زىددىيەتلىك نۇقتىلارنى تاللاپ بەس-مۇنازىرىگە سېلىش،بەزىدە ئوڭدىن چىقىش،بەزىدە سولدىن چىقىش...دېگەندەك.يەنە ھەممە مەسىلىنى ھەل قىلىۋەتمەڭ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىشگە بوشلۇق قالدۇرۇڭ." }+ Q4 W/ h$ l+ t# ~& B
يۇقىرىقىلارنى ئۆزىڭىزگە ئەينەك دەپ قاراڭ.بۇ ئەينەككە پات-پاتلا قاراپ تۇرۇڭ.ئۆزىڭىزنى تۈزەشتۈرۈپ تۇرۇڭ.شۇنداق قىلسىڭىز دەرس ئىسلاھاتىغا، ئەدەبىياتقا،ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە يېقىنلىشالايسىز.
3 H. H9 _9 Z5 n9 E- H7 @: U2 Q5 v8 k' M A
مەنبەسى:مائارىپچىلار تورىدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |