ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1219|ئىنكاس: 1

ناخشا «تىل-ئەدەبىيات»نىڭ يېڭى تەبىرىيانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
ئۇيغۇر
«تىل-ئەدەبىيات»نىڭ يېڭى تەبىرى
! O% `2 ]) P9 W% s: [! \( N- L

; B3 O& e1 m! Z* m. n( c
روزىمۇھەممەد ياقۇپ
* o" d3 W/ u' x) A) o8 h( m: }( ]- V2 _
(لوپ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن)
- `7 ~& @* k8 E
6 V+ W+ o5 z) ^0 N& o0 d
- h$ P: F4 ^9 N2 j9 T" T
- {, `! @+ e* q% ]/ s) j
  Y( s+ `9 i& Q  j8 P6 M& O. m6 I

& [- i" G& |! Q% u2 m7 a# O3 {, r
( w0 ~/ I) @4 s2 f2 f$ r+ ^" m   «تىل»ئىلمى بىلەن «ئەدەبىيات»ئىلمى يۇغۇرلۇپ«تىل-ئەدەبىيات»دىيىلىدۇ. تىل-ئەدەبىياتنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشىدا تىل مەنبە، بۇ ئىككى ئوقۇم ئىسمى بىلەن جىسمى قان بىلەن گۆشتەك بىر-بىرىگە سىڭىشىپ كەتكەن.تىل بىلەن ئەدەبىيات پەيدا بولۇش، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش،تەرەققىي قىلىش جەھەتتىنمۇ بىر-بىرىنى شەرت ۋە تەقەززا قىلىدىغان بىر پۈتۈن بىرلىك. بۇ ئىككى ئوقۇمنىڭ مۇناسىۋىتىدە تىل-ئەدەبىياتنىڭ ئانىسى.تىل بولمىسا ئەدەبىيات بولمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتساق،تىل- تەپەككۈرنىڭ يىلتىزى، ئەدەبىيات تەپەككۈرنىڭ مېۋىىسى.چۈنكى ئەدەبىيات ئوبرازلىق تەپەككۈرگە تەۋە.يەنە كېلىپ ئۇ-«تىل سەنئىتى». ئۇنىڭ  خۇسۇسىيتىنىڭ بىرى، ئۆزى تەۋە بولغان مىلللەتنىڭ تىل بايلىقى،ئۇنىڭ ئىپادىلەش كۈچى،ئىشلىتىش جەھەتتىكى سەنئەتلىك ئالاھىدىلىكى، ئىقتىدارى ۋە كامالىتىنى نامايەن قىلىش.يەنە بىرى، ھىسيات جەھەتتە تەسىرلەندۈرۈپ،ئىدىيە جەھەتتە تەربىيەلەپ، بەدىئى جەھەتتىن زوقلاندۇرۇپ ئادەمنى، تۇرمۇشنى، دۇنيانى يېتەكلەش ۋە ئۆزگەرتىش.لېكىن تىلنىڭ ئۆزى ئەدەبىيات ئەمەس.تىل پەقەت ئەدەبىيات ئۈچۈن قۇرال ۋە ۋاسىتە. يەنى تىل ئەدەبىياتنىڭ ئىقتىيارىغا ئۆتۈپ،ئاپتۇر تەرپىدىن تاللىنىپ، پىششىقلىنىپ،توغرا بولۇش، ئىخچام بولۇش، ئىنىق بولۇش، جانلىق بولۇش، ئوبرازلىق بولۇش،ھىس-تۇيغۇغا باي بولۇش شەرتىنى ھازىرلاپ  بەدىئى تۈس دەرىجىسىگە كۆتۈرلۈپ، ئاپتۇرنىڭ ئىدىيە- ھىسياتى، باھاسى ۋە غايىسېنى سىڭگەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ بەدىئى كارتىنىسى سىزىپ بېرەلىگەن ۋە ئەكىس ئەتتۈرگەندىلا ئاندىن ئۇ «ئەدەبىيات» بولالايدۇ. بۇيەردە شۇ نەرسە ئىنىقكى يازغۇچىنىڭ تىل بايلىقى مول، تىلىنى قوللىنىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولسا، ئەدەبىياتنىڭ كۈچ -قۇدرىتى  شۇنچە ئاشىدۇ. ئەدەبىياتمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شۇ مىللەت تىلىنىڭ كامالىتىنى نامايەن قىلىپ قالماي،ئۇنى بېيىتىش، گۈزەللەشتۈرۈش،تارقىتىش ۋە ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.بۇنىڭ بىلەن يەنە شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيتى،ئۆرپ- ئادىتى، مىجەز خۇلقى، دۇنيا قارشىنى جانلىق ئىنكاس قىلىدۇ. شۇڭا تىل بىلەن ئەدەبىيات بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇدۇ، بىللە تەرەققى  قىلىدۇ. شۇ مىللەت تارىخىدا  مۇھىم ۋە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا  تىل بىلەن ئەدەبىياتنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. بىز «تىل-ئەدەبىيات»نى  نوقۇل ھالدا «تىل» ۋە« ئەدەبىيات»دەپلا چۈشەنسەك، ئۇنىڭغا تولىمۇ ئاددىى ۋە يۈزەكى قارىغان،ئۇنىڭ مەنا قاتلىمىنى يوققا چىقىرىپ، ئۇۋال قىلغان بولىمىز. يېقىنقى يىللاردىن بىرى تىلنىڭ بېشىدا قايناۋاتقان تالاش- تارتىش، بىرتەرەپلىمە قاراش،ئۆز بېشىمچىلىققا تولغان سېناقلار بۇ نوقتىنى ئىسپاتلىدى.! ~' b* L; p/ u/ H8 ~2 y

1 S) j( R& T: g1 O- pبۇ ھەقتىكى تەتۈر ئىنكاسلار تۈۋەندىكىچە:
$ J) {+ c! v1 g0 y$ C1 Z/ U/ E! K; M. Q& n
1) «ئانا تىلنى چوڭلارغا ئەگىشىپ ئۈگىنىۋالغىلى بولىدۇ»دەپ قاراش ۋە  تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى تاشلاپ قويۇش.2) «ئاناتىلدا پەقەت ئائىلىدە سۆزلەشكۈدەك ساۋاتقا ئىگە بولسا بولىدۇ » دەپ قاراش ۋە  تىل-ئەدەبىياتنىڭ دەرس سائىتىنى قىسقارتىپ ئوقۇتۇش.3) «ساۋات چىقىرىشنى كېچىكتۈرسەكمۇ بولىدۇ» دەپ قاراش ۋە ئېلىببە ئوقۇتۇشىنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-4-يىلىقىدىن باشلاش. 4) « ئانا تىلىنى ئۈگىنىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى » دەپ قاراش ۋە  ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا دەرسلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئوقۇتۇش... قاتارلىقلار.% q0 F' W: p. A; T" O) P! l

3 B1 t( l* R4 P  H5 o5 vنەچچە يىل سوزۇلغان بۇسىناقلارنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى،ھېچقايسى تىل بىلەن مەخسەت-مۇددىئالىرىنى ئۇقتۇرالمايدىغان بىر تۈركۈم كېكەچلەر پەيدا بولدى. بىلىم بالىلارنىڭ كۆز ئالدىدا غۇۋا  سىيماغا ئايلاندى. دۆلەتنىڭ ساۋاتسىزلىقنى تۈگۈتىش يولىدا تۆلىگەن بەدەللىرى بىكېرەك بولۇپ،تۈركۈملەپ ساۋاتسىزلار كۆپەيدى.
1 L' l- m! C, B. |# A: e7 ^% E' P; i2 I! S3 U
شۇڭا يۇقارقىدەك«دانىشمەن»لەرگە تىل-ئەدەبىيات ھەققىدە ئازراق ساۋات بىرىشكە توغرا كەلدى.. W/ H. w* U% V- Z: |1 d% Y( M

& D) Y/ E/ X! T$ K9 x4 [) Iئالىم، ئەدىپلەر،تىلشۇناسلار تىل ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ: «تىل-مىليۇنلىغان ئەۋلاد تەرىپىدىن يارىتىلغان تىرىك جاندۇر»،«تىل مەدەنىيەت بىلەن بىللەن راۋاجىلىنىدۇ» (ئا.ن. تولۇستوي)«تىلدا خەلقنىڭ بارلىقى،ئۇنىڭ ۋەتىنى گەۋدىلىنىدۇ. تىل-خەلقنىڭ ئۆتمىشى،ھازىرى ۋە كېلەچىكىنى مۇستەھكەم بىرپۈتۈنلۈك، تارىخىيۋىيلىك ۋە جانلىقلىق جەھەتتە جىپسىلاشتۇرغۇچى ئەڭ ھاياتىي، ئەڭ باي،ئەڭ مۇستەھكەم ۋاستىدۇر» (ك.د.ئوشېنىسكىي).«تىل-دوسلۇق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسىدۇر»(ئە.روتتېردامىسكىي). «ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆرپ- ئادىتىنى بىلمەكچى بولساڭ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تىلىنى بىلىشكە تىرىشقىن» (پىفاگور). «خەلق تىلى ھەمىسشە مىللى روھ بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ» (ۋ.گومبولدت) «كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ، ئەمما ئاناتىلنى بىەلمەسلىك جىنايەت»( چېڭغىز ئايتمىتوۋ)،ئۆزتىلىمىز بىلەن دىيىلگەن سەپسەتە،باشقىلارنىڭ تىلى بىلەن دىيىلگەب ھىكمەتتىن ئۇلۇغ»(تاگور)& _# x6 q' B2 d1 k7 t  e, @) O

  H+ [9 x+ P) A) {يۇقارقىلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئالىملار، تىل سەنئەتكارلىرى تىلغا يۇقىرى باھا بىرىپ، تىل- جان (ھاياتلىق)،تىل مەدەنىيەت،تىل-ۋەتەن، تىل-خەلقنىڭ بارلىقى ۋە بىرپۈتۈنلىكى،تىل-دوسلۇق،ھەمكارلىق ۋاستىسى،تىل-ئۆزگە مىللەتنىڭ ئۆرۈپ- ئادىتىنى بىلىشنىڭ باشلىنىشى، تىل-مىللى روھ دەپ قارىغان. بۇ يەكۈنلەرنىڭ ھەربىرىدە تىلنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى خۇسۇسىيتى نامايەن قىلىنغان بولۇپ، بىز بۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ تىلغا تەبىربەرسەك، ئۇنىڭ رولىنى كۆپتۈرۋەتكەن بولمايمىز.چۈنكى، تىلنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا،جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تۇتقان ئورنى ۋە رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ،ئۇنى بىر جۈملە،بىرەر ھىكمەت،بىرەرماقالە بىلەنلا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ.
) L0 ^' U. D6 o" a# I6 H
* d- L4 Q$ ?9 Y$ c: f4 B; {ھاياتلىق نوقتىسىدىن قارىغاندا: بىز كىشىلىك ھايات ۋە ئالەمنى تىلسىزھالەتتە  تەسەۋۋۇر قىلساقلا،كۆز ئالدىمىزدا ئايان بولىدىغىنى –سىرلىق، چۈشۈنۈكسىز،قاراڭغۇ زۇلمەتلىك دۇنيادۇر.ئالەمنىڭ يۇرۇقى قۇياش بىلەن ئاي بولسا، ئۆينىڭ يۇرۇقى- چىراغىدۇر.ئەمما ئاي، قۇياش،چىراغ كۆڭۈلىدىن ئىبارەت پىنھان دۇنيانى يۇرۇتۇشقا قادىر  ئەمەس. كۆڭۈلگە بىردىن-بىر نۇر ئاتا قىلىدىغىنى پەقەتلا تىل- تەپەككۈردۇر. ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇستىخان بىرجىسىم دىيىلسە، تىل ، تەپەككۇر- روھتۇر، تىل-تەپەككۈر بولمىغىنىدا ئادەم پەقەت ھەركەتكە ئىگە، ئەمما تەپەككۈرى، ئاڭ، ھىسياتقا ئىگە بولمىغان تاش، توپا، ئۆسۈملۈككە ئوخشاش جىسىم بولۇپ قالغان بولار ئىدى.شۇڭا  ئادەم ۋۇجۇدىىنىڭ خاس خۇسۇسىتى- تىل، ئادەمنڭ خاس بەلگىسى- تىل، ئادەملىك ئالامەتلەرنىڭ ئوق يىلتىزى-تىل.ئادەملىك كامالىتىنىڭ مەنبەسى تىلدۇر. تىل يىلتىزى بولغاچقىلا ئىنساندا باشقا نەرسىلەردە بولمىغان تەپەككۈر، ئەقىل، ھىسيات، مەدەنىيەت، ئاڭ مەۋجۈت بولغان.تىل بىلەن تەپەككۇر بىرتۇققان بولۇپ،تىل تەپەككۈرنىڭ ئاساسى،تەپەككۇر-تىلنىڭ جۇلاسى.كۆڭۈلدىن ئىبارەت پىنھان دۇنيانىنىڭ نامايەنكارى. يەنەكېلىپ تىلنىڭ ئىجتىمائىيلىقى تۈپەيلى ئوخشىمىغان ئادەملەر ئۆزئارا ئويۇشۇشقان،ئۆز ئارا چۈشىنىشكەن،پىكىر ئالماشتۇرغان. بىز تىلدىن ئايرىلغان ئىجتىمائىي جەمئىيەتنى، ئۇنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى كامالىتىنى، مەدەنىيەتنىڭ رەڭدارلىقىنى، دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز." k* g: l+ N& U( j6 j( E3 r8 _

* l' @6 P# ^' u" ]. \# l8 Lدۇنيانىڭ يارىلىش قانۇنىيتىدىن قارىغاندا: تەبىئەت- ئوت،سۇ تۇپراق، ھاۋادىن ئىبارەت تۆت چوڭ ماددىدىن يارالغان.دۇنيادىكى رەڭمۇ يەتتە خىلغا بۆلىنىدۇ. گۈل بىرخىل ئۆسۈملۈك.ئەمما تۈرى، رەڭگى،پۈرىقى جەھەتتىن پەرىقلىنىدۇ، مېۋىلەرمۇ ھەرخىل،ئۇلار رەڭگى،شەكلى،تەمى،چوڭ- كىچىكلىكى جەھەتتىن پەرىقلىنىدۇ. ھايۋانلارمۇ تۈمەنخىل. «ئادەم»ئادەملىك خۇسۇسىيەت جەھەتتە ئوخشاشلىققا ئىگە بولسىمۇ،ئەمما جىنسى،ئىرىقى، مىللىتى،ئىتىقادى، ئۆرۈپ –ئادىيىتى، قائىدە- يوسۇنى، ياشاش ئۇسۇلى، تۇرمۇش شەكلى،يېمەك-ئىچمەك، كېيىنىشى جەھەتتىن پەرىقلىنىدۇ. دۇنيادىكى بەش مىليارتتىن ئارتۇق ئادەملەرنىڭ بارماق ئىزىمۇ بىر- بىرىگە زادىلا ئوخشىمايدۇ.ھەربىر ئادەمنىڭ ئوي-خىيالى، ئارزۇ-ئارمانلىرىمۇ بىر- بىرىگە ئوخشىمايدۇ. قىسقىسى،دۇنيانىڭ ماھىيتى رەڭدارلىق. دۇنيادىكى ماكرودىن مىكروغىچە بارلىق مەۋجۇدات ۋە  مەخلۇقاتلارنىڭ ئەسلى يارىلىشىلا كۆپخىللىقتۇر. دۇنيانىڭ بۇنداق رەڭدارلىقى ئۇنىڭغا سىھرى كۈچ،مەنا، سەنئەت ئاتا قىلغان.تىلنىڭ خىلمۇ-خىل ۋە رەڭدار بولۇشىمۇ بۇ تەبىئى قانۇنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.  شۇڭا ئۇنى بىرخىللاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش تىگىى-تەكتىدىن ئالغاندا  قانۇنىيەتكە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىقتۇر.
. U2 Y# c- c; `
8 p' f  k' B; p* p- j' I% G9 Cگۈزەللىك نوقتىسىدىن قارىغاندا:  ئەگەر بارچە ئىنسانلار بىرخىل تىل، بىرخىل مەدەنىيەت مۇھىيتىدا  ياشىغان بولسا، ئۇ چاغدا تۇرمۇش مۇنچە سۆيۈملۈك ۋە قىزىقارلىق بولماي قېلىشى، ياشاش تولىمۇ  زىرىكىشلىك، مەنىسىز  ۋە ئازاپلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىنىدى.بىز ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بىرخىللىقى ئىچىدە قويۇپ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقساق، كۈندە بىرخىل تائام يىيىش، بىرخىللا كېيىم كېيىش، بىرلا ئۇرۇن، بىرلا مۇھىتتا ياشاش، بىرلا ئادەم بىلەن سىردىشىش، بىرخىل گەپنى تەكرارلاش، بىرخىل ناخشىنى ئاڭلاش،بىرخىل كىنۇنى كۆرۈۋېرىش...نېمە دېگەن زىرىكىشلىك. دېمەك، قىسقا ۋاقىتتىكى«بىرخىللىق» بىزنى زىرىكتۈرگەن يەردە،بىر ئۆمۈردىكى «بىرخىللىق» ياشاشتىن ۋاز كەچتۈرۈشى مۇمكىن. دۇنيانىڭ نەچچە مىليۇن يىللىق تارىخىنى يەنە «بىرخىللىق»بۇيىچە ئويلىساق، روھىمىزنى ھارغىنلىق، قورقۇنۇچلۇق قاپلىشى مۇمكىن.دۇنيانىڭ گۈزەللىكى، ھاياتنىڭ شىرىنلىكى  ئۇنىڭ رەڭدارلىقىدا.
8 _4 o4 s  }$ d/ b8 j; }8 J7 Z+ y# H) T7 E% w. V+ O7 ?
مەدەنىيەت نوقتىسىدىن قارىغاندا: دۇنيادا ئالتەمىڭدىن ئارتۇق تىل بار.بۇ بىرلا دۇنيانىڭ  ئالتە مىڭ خىل ئىشىكى ۋە  كۆزنىكىدۇر، بۇ بىرخىل شەيئىنى ئالتەمىڭ خىل كۆزىتىش، ئالتەمىڭخىل ئىپادىلەش دېمەكتۇر. ئۇ يەنەئالتەمىڭ خىل تەپەككۈر، ئالتەمىڭ خىل مەدەنىيەت دېمەكتۇر.شۇنداقلا ئالتەمىڭ خىل مەدەنىيەت قاتلىمى دېمەكتۇر.ئۇنىڭ ئەكسېنى ئالساق، ئەگەر بىرتىل يۇقالسا،ئۇنىڭغا تەئۇللۇق بولغان نەچچە مىڭ يىللىق  مەدەنىيەت قاتلىمى يۇقايدۇ دېگەن گەپ." q& n" U/ _& _& r3 h$ I
- h) B- e# L4 }
تىل مەنبەسىدىن قارىغاندا: تىل ئىجتىمائىي ھادىسە. ئۇ - ئادەم توغۇلۇشتىن بۇرۇنلا قان ۋە جان  ئارقىلىق بالىغا گىن بولۇپ ئۆتۈدۇ.بۇ تىل يىلتىزىنى شەكىللەندۈرۈدۇ.بىئولوگلار ۋە تىلشۇناسلار ئادەمدە ئىچكى تىل ئورگىنى بولىدىغانلىقىنى، ئادەمنىڭ تىل ئۈگىنىش ئىقتىدارىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، بالا ھامىيلە ۋاقتىدىلا ئاڭلىتىلغان تىل، ھېكايە ، مۇزىكىنىڭ تىل  ئورگىنىدا جۇغلانما بولۇپ ساقلىنىدىغانلىقى، بالا توغۇلۇپ تىلغا كىرگەندە تۇنجى ئىنكاسى تۆرەلمە ۋاقتىدا  ئاڭلىغانلىرىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلانغان. تىل- ئەسلى يىلتىزى ئاساسىدا  ئەتراپتىكى  تىل مۇھىتتىنىڭ تەسىرىدە چوڭقۇرلىشىدۇ، كېڭىيىدۇ.  مۇكەممەلىشىدۇ، بېيىيدۇ ۋە تەپەككۈرگە ئايلىنىدۇ، دېمەك، ئىنسان ئىچكى-تاشقى تىل سېستىمىسىغا بولۇپ، بۇ سېستىمىنىڭ بىرلىكىدە ئادەم مۇكەممەل تىل قۇرۇلمىسنى شەكىللەندۈرۈدۇ.شۇنداق بولغاندا  ھەرقانداق ئادەم پەقەت ئۆز تىلى ئارقىلىق مەخسەتلىرىنى، ھىس-تۇيغۇلىرىنى ئەڭ بىمالال، ئەڭ ئىنچىكە ئىپادە قىلالايدۇ ۋە تاشقى ئىنكاسلارنى شۇ تىل بىلەن ئەڭ تىز،ئەڭ ئاسان،ئەڭ  تولۇق،ئەڭ ئۈنۈملۈك قوبۇل قىلىدۇ ۋە ھەزىم قىلالايدۇ.زۇلپىقار بارات ئۆزباش:« ئاناتىلنىڭ ھوزۇرى ئادەمنىڭ  تىنىقى،نەپىسى بىلەن يۇغۇرلۇپ كېتىدىكەن، يات تىلدا ھەرقانچە ئۇستا ئادەممۇ ئانا تىلدىكىدەك پىكىر ئەركىنلىكىگە ئېرىشەلمەيديىكەن»دەپ يازىدۇ«ئۆزلۈك گىرۋەكلىرى» دېگەن كىتابىدا.7 u% I5 O7 C' `

% U: D# A9 [9 e" r# N" ^* m«تىل-ئەدەبىيات » دېمەك - «ئاناتىل» دېمەكتۇر. «ئاناتىل» دېمەك- سىز ۋە بىزنى ئاپىدا قىلغان، باققان، ئۆستۈرۈپ قاتارغا قاتقان، ئىقپال يولىغا باشلىغان ئۇلۇغ ئىنسان قالدۇرغان تەۋەرۈك مىراس، ئەڭگۈشتەرۋە بايلىق. شۇنداقلا بىر پۈتۈن مىللەتنى، مىللىي مەدەنىيەتنى مەۋجۈت قىلغان مەنبە، يىلتىز ۋە تۇپراق.  : s7 f% B5 v5 h7 y$ R3 O& q

. E+ V( S2 J, ~! d6 a. N«تىل» دېمەك -ئۇسسىغاندا «سۇ»، ئاچقاندا« ئاش- نان»دەپ، مۇددىئا- مەخسەتلىرىنى ئاددىي رەۋىشتە ئۇقتۇرسىلا بۇلىدىغان زۇۋان ئەمەس. ئەگەرشۇنداق دەپ قارىسىڭىز ھايۋانلارمۇ مۆڭرەپ،ھاڭراپ، مەقىرەپ ئاچقان،ئۇسسىغانلىقىنى بىلدۈرەلەيدۇ.
* J' _& m& F+ \& z0 G, u2 t( \- O% i2 J0 X( g) ?: ~# t) ]# q
تىل چوڭلا نىمە دىسە- شۇنى دەپ، دوراپ ئۈگۈنىۋالىدىغان «ئاھاڭ»ياكى ناخشا  ئەمەس. شاتۇتىمۇ ئادەمنى دۇراپ گەپ قىلالايدۇ، ناخشا ئېيتالايدۇ./ s" j. o6 w# e+ i( L) d6 u# R
  U- ~* k3 @. _0 y
تىل-ئاغزىغا كەلگەننىلا دەۋەرسە بۇلۇۋېرىدىغان تاۋۇش بىرىكمىسى ئەمەس. قۇشلارمۇ، ھاشارەتلەرمۇ ،جانسز جىسىملارمۇ تاۋۇش چىقىرالايدۇ.! B- X# c" H3 P
2 t% F4 C' Q1 ^* U. p' ]
ئۇنداقتا تىل دېگەن نىمە؟
% d) f2 V" `1 J0 u+ H3 w* m, p+ y" O$ s/ u, U- [- Q8 u4 H
بەزىلەر تىلنى «ئالاقە قۇرالى» دەپ ئىزاھلايدۇ. بۇ پەقەت تىلنىڭ تاشقى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بىرىلگەن تەبىر. تىلسىزلارمۇ ئىما- ئىشارەت ئارقىلىق مۇددىئاسېنى ئۇقتۇرالايدۇ. تىلغا ئالاقە قۇرالى بولۇشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلەر مۇجەسسەملەنگەن.9 v! _6 t; W- W( v

" N- j) Z, }& S' A& D6 w# bتىل- روھىيەتنىڭ ئەينىكى. ئۇ  ئىنسان قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى كۆزبىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان ئەڭ نازۇك، ئەڭ پىنھان سىرلارنى، جۈملىدىن – ياخشى كۈرۈش- يامان كۈرۈش، خۇشاللىنىش - قايغۇرۇش، رازى بولۇش- نارازى بولۇش، ئىنساپ- ساداقەت، مۇھەببەت- نەپرەت، ۋىجدان-غۇرۇر، ئار- نومۇس... دېگەنگە ئوخشاش مۇرەككەپ تۇيغۇلارنىڭ جەۋلانى. مەنىۋىيەتنىڭ يەشكۈچى، تاشقى ئالەمگە ئاڭلاتقۇچى ۋە نامايەن قىلغۇچىدۇر.. i5 M% N, B+ t5 w. j( h# s5 \
1 N0 T, @6 e8 O. k
تىل- تەپەككۈر. ئۇ ئىنسان مىڭىسىدە ئەكىس ئەتكەن ئوي- خىياللار، پىكىر- تەسەۋۋۇرلار، ئارزۇ-ئارمانلار، ھىس-تۇيغۇلارنىڭ تاشقى جۇلاسى. ئىنسان ۋۇجۇدىدىدىكى ئەقىل- پاراسەت، دىت ۋە پەزىلىيەتنىڭ نامايىشكارى.
) d9 c' f2 H9 p; d: v* F7 B
) U- E4 D% }: o, N& [) k' Cتىل-قان،روھ ۋە غۇرۇر. قان بولۇشىدا ئۇ بىر مىللەت ھاياتىنىڭ ھەممە قاتلاملىرى، ھەممە ساھەلىرىگە چوڭقۇر سىڭگەن. روھ بولۇشىدا تىل شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۈتلىقى،ئۆزلىكى ۋە كىملىكىنى ياراتقان. غۇرۇر بولۇشىدا ئۇ مىللەتنىڭ ئوبرازىنى، شان- شەرپى،ئار-نومۇسېنىڭ ۋەكىلى بولغان.- A: a# ?* ?% J1 v; ?1 f6 P

& l$ T7 w& w# M1 j/ ^! nتىل – رىشتە. ئۇ قەلىب بىلەن قەلىبنى، ئادەم بىلەن  تاشقى دۇنيانى، شەيئىى بىلەن  ھىس- تۇيغۇنى ، ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننى، رىئاللىق بىلەن ئارماننى، مەۋجۇتلۇق بىلەن غايىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇدىغان رىشتە، يول ۋە كۆۋرۈك.* T- e7 w2 U6 B) E) q& _1 [
$ L1 k/ j& V5 T& a0 z. `
تىل – مەدەنىيەت ۋە  بايلىق .  بىر تىلغا شۇ تىلدىكى خەلقنىڭ ئۆرۈپ- ئادىتى، كەچۈرمىشى، تۇرمۇش ئادىتى، پىسخىكىسى، مىجەز- خۇلقى، ھۆنەر- سەنئىتى، ئەنئەنىسى،تەبىئەت، جەمئىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرى، شەيئىلەرگە بولغان  ئىنكاسى، ئەقىل-ئىدرىكى، ئىجادىيەت، كەشپىياتلىرى سىڭگەن، خاتىرلەنگەن ۋە ئەكىس ئەتكەن بولىدۇ.: h* \! \' I0 M
1 ?4 t# F- z* m
تىل- تارىخ . بىر تىلغا شۇتىلدىكى خەلقلەرنىڭ ئۆتمۈشى،تەرەققىياتى ۋە بۈگۈنى خاتىرلەنگەن بولىدۇ.- ~: x0 Z/ `8 e) u% \8 e+ Y

: z  u4 q/ @; }4 t6 Hتىل- مىللەتنىڭ مۇھىم  بەلگىسى ۋە تۇغى. ھەربىر مىللەت شۇ تىل بىلەن ئۇيۇشىدۇ،بىرگەۋدىگە ئايلىنىدۇ. تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇرۇدۇ. تەرەققى قىلىدۇ.  ئۈزىنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى شۇ تىل بىلەن  نامايەن قىلالايدۇ.
( d# c2 X1 o# o7 l# ]& A1 K: J1 r, z( l: |2 G
تىل-بىرمىللەت، بىرپۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى، جەۋھىرى ۋە بايلىقى.ئەمما بىر ياكى بىرقانچە ئادەم خالىغانچە بىرتەرەپ قىلىدىغان خۇسۇسىي مۈلۈك ئەمەس.
- M% O* H& H, e# t0 ^4 d, X6 O, E  }7 U. d! `: ~
تىل-چوڭقۇر يىلتىزغا ئىگە گىياھ. تىل-مىللەتنىڭ پىسخىكىسى، ئادىتى، تەپەككۈرىگە ماس تاللانغان مەھسۇلات.ئەمما تىل-بىردەملىك ئىچىدە سېلىپ تاشلاپ،ئالماشتۇرۇدىغان كېيىم ئەمەس.
& l. g/ @# h3 t( U- v( E, P6 L: o  M4 @& G- D0 h
تەبىئى پەنلەر ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولۇپ، ئۇنىڭغا  دۇنياۋىيلىق تامغۇسى بېسىلغان. باشقا ئىجتىمائىي پەنلەرگە دۆلەتلىك تامغۇسى بېسىلغان. تىل- ئەدەبىياتقا مىللىيلىك تامغۇسى بېسىلغان بولىدۇ. شۇڭا«تىل- ئەدەبىيات» مىللى كىملىك ۋە ئۆزلۈكنىڭ ياراتقۇچى ۋە تاراتقۇچىىسىدۇر.تىل-مىللى ئۆزلۈكنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە تاراتقۇچىسى.ئۇ خالىغان ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇدىغان زاپچاس ئەمەس.
7 v+ H" h* s9 q) f- j) |2 g
/ k) W$ v8 _* {& rتىل ئوزاق جەريانلىق تاۋلىنىش ۋە پىشىپ- يىتىلىش.ئەمما بىركېچىدىلا ئۆزگۈرۈپ قالىدىغان ھاۋارايى ئەمەس.& F6 b8 w, K/ a8 b5 q3 F6 a
$ O) c  j2 q% T& A/ W
تىل-روھىيەت ئالىمنىڭ ھاۋاسى. ئەمما كېسىپلا ئېلىۋەتكىلى بولىدىغان ئادەمنىڭ كېسەل ئەزارىسى ئەمەس.- B  Y/ A5 d& K- k9 B6 ^
* g$ _5 d; j7 d: K; o
قىسقىسى:تىل -تەپەككۈر دېمەك. تەپەككۈر - روھ دېمەك. روھ- ئەقىل- پاراسەت، مەدەنىيەت ۋە يىڭىلىق دېمەك.  مەدەنىيەت - مەۋجۇتلۇقنىڭ بەلگىسى دىمەك.
' I6 X3 {/ u$ V( }; x2 {9 Y' U; F" r" }' q- g' q0 ^
شۇڭا تىل-نۇقۇل سۆزلۈك ئەمەس. تىل- نوقۇل ئالاقە قۇرالى ئەمەس. ئۇ- مەۋجۈتلۇق.7 [) T$ K1 e$ D8 K8 ~

* p! w4 ^7 i8 t2 `! f, yتىل- ئەدەبىيات  نۇقۇل ئەدەبىي ئەسەر ئەمەس.  ئۇ ئاناتىلنىڭ گۈزەللىكى، سەنئتى ، ئىقتىدارى ۋە كامالىتى. تەپەككۈرنىڭ چوقىسى.. `7 G! k- m# R- X4 R) O3 K  G
: e, s/ {) k2 {6 Z1 D3 E- Y
تىل- ئەدەبىيات  نۇقۇل ھىكايە-چۆچەك، شېئىر- قۇشاق ئەمەس. ئۇ شۇخەلىقىنىڭ روھى دۇنياسى، تۇرمۇشى ۋە كۈچۈرمىشى، ئوي-پىكىرى، يىغىسى ۋە كۈلكىسى، ئارزۇ- ئارمانى، بۈگۈنى ۋە كېلىچىكى. قىسقىسى شۇ خەلقنىڭ ئۆزى.
- {5 D- s7 W$ _# E. w7 E9 j3 ?) I$ W% b) ~% B6 ?( a. |8 M' y
تىل-ئەدەبىيات نۇقۇل كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىسى ئەمەس. ئۇ ئادەم بولۇشنىڭ يۇلى، ئادەملىك ئەقلى، ئادەملىك مەجبۇريىتى. ئادەملىك پەزىلىيتى. ئىقپالى ۋە ھالاكىتى. بۈگۈنى ۋە كەلگۈسېنىڭ بىشارىتى. ئۇ بىر ئۇلۇغ ئۈندەش!
5 n" K3 m( [: d0 `! I; T
; \% @9 G* [& Q: w2 q' |ئۇنىڭ سىھرى كۈچى شۇيەردىكى ، ئۇ ئەگرى- بۈگرى سىزىقلارغا جان ۋە مەنا كىرگۈزۈپ، بالىلارغا كىتاپ دۇنياسېنىڭ سىرلىق ئىشىكىنى تۇنجى بولۇپ ئېچىپ بىرىدۇ. تىلىغا- تىل، ئەقلىگە  تەپەككۈردىن قانات بىرىپ ، روھىغا ئىلىم دەرياسېنىڭ سۈيىنى باشلايدۇ. ھاياتلىق ئالىمىنىڭ رەڭگا- رەڭ قىسمەتلىرى، تەجىربە- ساۋاقلىرىنى ئيتىپ بىرىدۇ.  k- i2 T( Y/ i% P' k8 C

* f& C2 S$ }( Kئۇ ئۇلۇغ ھىسياتكى، گاھ كۈلدۈرۈپ، گاھ يىغلىتىپ،  قەلپ ئاسمىنىنى لەرزىگە سالىدۇ. ئادەم ۋۇجۇدىغا يىڭىچە سەزگۈ، يىڭىچە تۇيغۇ ئاتەشلىرنى ياقىدۇ." ]  `- f5 {$ X' A* m1 O

0 m  k5 W1 q& u# d# x8 }ئۇنىڭ پايانسىز قوينى دۇنيانىڭ ئاجايىپ- غارايىباتلىرىدىن  بەھىرلەندۈرۈپ، خىيال قۇشلىرىنى گاھى سامادا، گاھى دالادا، گاھى ئۆتمۈش، گاھى بۈگۈن، گاھى خىيالى مەنزىرلەردە  سەيرى  قىلدۇرۇدۇ.4 M& i% A  V8 z6 w

+ e- ^4 Z' t- e; v: O7 c, q! ]ئۇنىڭ مەنالار خەزىنىسى ئېچىلسا ھەق بىلەن ناھەق، توغرا بىلەن خاتا، ياخشى بىلەن يامان، راست بىلەن يالغان، گۈزەللىك بىلەن سەتلىك، ئالىجاناپلىق بىلەن رەزىللىك، ساداقەت بىلەن ۋاپاسىزلىقنىڭ چېگرىسېنى ئايرىپ، ئەقىل كۆزۈڭنى ئاچىدۇ. قەلبىڭنى دۇردانىللىرى  بىلەن توقلايدۇ. ھەقىقەت مەشئىلىنى قولۇڭغا تۇتقۇزۇپ، مەنزىلىڭنى نۇرانە قىلىدۇ.
" j3 I/ S% N3 _6 p4 f
) g8 D" P( W( h9 xئۇنىڭ جەڭگىۋار سادالىرىغا قۇلاق سالساڭ، سېنى غەپلەتنىڭ پالاكىتىدىن، نادانلىقنىڭ ھالاكىتىدىن ئاگااھلاندۇرۇپ،  ئەقلىڭنى پاراسەت بىلەن تاۋلايدۇ.
9 F  m- F; V2 U; [2 s! }( B: h7 R* B) m, M6 G7 ~: Q$ A
ئۇنىڭ شۇلىسى قارا قەلبىڭنى نۇرانە ئەيلىسە، ئاتەش ئىشقى دىلىڭنى مەجنۇنلۇق كوچىسغا باشلاپ، ئىرادە ئۆتكەللىرىدە چېنىقتۇرۇدۇ. ئۇنىڭ شەربىتى نىمجان روھىڭغا  شىپا، ئىلھامى مىسكىن دىلىڭغا ئۈمىت ئاتاقىلىدۇ. پەندى- نەسىھەتلىرى سېنى ئادىمىيلىك يولىغا باشلاپ، ئەدەپ- ئەخلاق، شەرم-ھايا، ۋاپا- ساداقەت، ئىنساپ- ئادالەت، ئار-نۇمۇس، ۋىجدان- غۇرۇر دۇردانىللىرىدىن ئۆمۈربېغىڭنى گۈل- چېچەككە،مېۋىگە تولدۇرۇدۇ. ئۇنىڭ قۇرالى رەقىپلەرنى ئالدىڭدا تىز پۈكتۈرۈپ،سېنى غالىپلىق مەرتىۋىسىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئايرىلساڭ قەلبىڭنى جاھالەت، كۆزئالدىڭنى تۇمان، ۋۇجۇدۇڭنى قورقۇنۇچ قاپلايدۇ.ئۇنىڭدىن ئايرىلساڭ ئەجدادىڭنى، ئۆزۈڭنى،ئاخىرى ھەممە نېمەڭنى يۈتتۈرۈپ قويۇسەن-دە، دەسمايىسىدىن ئايرىلغان بىچارە قەلەندەرگە، ئاتا- ئانىسېنى تۇنۇمايدىغان ھارام بالىغا ئوخشاپ قالىسەن.6 @9 A7 ~1 I7 i8 z" v
* s3 I5 t" a# h, {$ P( O
ئۇ بىر نازاكەتكى، ھۆسىن جامالى، لاتاپىتى بىلەن مەپتۇن قىلىدۇ. ئۇ بىر قەھرىمانكى روھىڭغا جاسارەت بەخىش ئىتىدۇ.
; G! @5 X5 V9 H6 W4 L" k+ l
& ^# {4 v- _9 t( a) S7 rئۇ ئاقىلنىڭ قۇلىدا ئالتۇن، ناداننىڭ قۇلىدا رۇدا. بىلگەنلەر قولىدا ھىكمەت، بىلمىگەننىڭ قۇلىدا قۇرۇق گەپ. نەپ ئالغانلار ئۈچۈن گۈلۈستان، قەدرىنى بىلمىگەنلەرگە چۆلۈستان. سىرىنى ئاچالىغانلار ئۈچۈن ئەڭگۈشتەر،ئەقلى كورلار ئۈچۈن كېرەكسىز  تاش .ھۇزۇر ئالالىساڭ يېقىملىق سىمپونىيە، ئالالمىساڭ مەنىسىز ھاڭراش.
: m; p0 y9 M( n0 ]
, `% \$ _4 X& t4 F0 uيۇقارقى سۈپەت ۋە مۇلاھىزىلەردىن خۇلاسە كالامىم شۇكى، ماناشۇنداق خىسلەتلەرگە نائىل بولغان «تىل- ئەدەبىيات»پېنى - غېرىپلق، مۇساپىرلىق كۇچىسىدا تىنەپ قالمىسۇن. تىل- ئەدەبىياتنى يەكلىمەيلى.ئۇنى يەكلىگەنلىك ماھىيەتتە ئۆز مەدەنىيتىىمىزنى ۋە  ئۆزىمىزنى يەكلىگەنلىكتۇر., H0 I8 X9 ?- y9 n' e% m

8 g9 }" M( n' g9 D! q" B8 e" Y
2007-يىلى 5-ئاي
6 O& Y3 X' g5 N0 [" \
مەنبە:مائارىپچىلار تورىچۈشۈرۈش

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

4

يازما

74

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
4 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
61 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-8-13 14:29:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا...توغرا.,..مەن ياقتۇردۇم  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗