مائارىپ
ش ئۇ ئا ر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ
9 ?( \% Q9 A% |5 D& v) B q. C f% Z8 }! |
شىنجاڭ گىزىتىنىڭ 11-ئاپرېلدىكى 5-بېتىگە بېرىلگەن خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: 4-ئايدىن باشلاپ شىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تۈزەش يىلى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشىدىكى قېلىپلاشمىغان قىلمىشلىرىنى مەخسۇس تۈزەپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرىدۇ./ d6 ^; ]& U9 l
9 _( E( [7 S' _
«شىنجاڭدا ‹ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى مەخسۇس تۈزەش يىلى› خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن، ھەر قايسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ دەرسلىك پىلانىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس يۈكىنى يېنىكلىتىشى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاپ ئۆتۈشنى چەكلىشى؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىلىم - پەن تۈرىدىكى زېھىن سىناش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى چەكلىشى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ تاللاشتا قالايمىقان ھەق ئېلىشنى مەخسۇس تۈزەشتىكى سەككىز تۈرلۈك تەدبىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەر قانداق شەكىلدىكى مەكتەپ تاللاش ھەققى ئېلىشنى چەكلىشى؛ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى زاكاز قىلىش ۋە ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇشى؛ ئوقۇتۇش سۈپىتى ياخشى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قىسمەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى رايون تەۋەسىدىكى ئوقۇش سۈپىتى ناچارراق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە تەكشى تەقسىملەشنى قەتئى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ بالىلار باغچىسىنىڭ تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، «باشلانغۇچلاشتۇرۇش» ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە تۈزىتىشى كېرەك.ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |