مائارىپ
بودەك قىز) d, e0 A7 X7 |
(ھېكايە)4 b- n& @, o! S4 H. X
تۇرسۇنمۇھەممەت نەمەت
. V$ T) G% f% N6 @: Xھەممە بالىنىڭ قىزىقارلىق ھېكايىلىرى بولىدۇ. مەنمۇ بىر بالا بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇنداق بەختىيارلىقتىن بەھرىمەن ئىدىم. ئەمما يېشىمنىڭ كىچىك بولىشىغا قارىماي بەكلا سېمىز ئىدىم. تۆتىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولساممۇ ئېغىرلىقىم 54 كىلو كەلگەچكە، تەڭتۈشلىرىم ئىچىدە «رېكورت» ياراتقان ئىدىم. سېمىزلىكىم تۈپەيلى تەنتەربىيە دەرسلىرىدە نەتىجەم كەينىدىن سانىغاندا بىرىنچى ئىدى. يۈگۈرگەن ۋاقتلىرىمدا ئۆردەك چۈجىسىدەك ئىرغاڭلاپ قالاتتىم. بودەكلىكىمنى يىتەرسىزلىك دېسەك، ئارتۇقچىلىقىممۇ يەتكىچە بار ئىدى. مەن ناخشا ئېيتىشقا ئۇستا. «يۇلتۇزلارغا سۆز»، «كېپىنەك قىز» قاتارلىق ناخشىلارنى ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىدىغان بولسام باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەستلىكى كېلىپ ئىچىگە ئوت كېتىدۇ. ئۆيىمىز چوڭ ئۆستەڭنىڭ بويىدا بولغاچقىمۇ سۇ ئۈزۈشتە مەكتەپ تەۋەسىدە مەندەك ئۇستا قىز يوق. ياز كۈنلىرى سۇ ئۈزۈپ ئوينايمىز. سۇدا مېنى ھېچكىم تۇتالمايدۇ. بىر شۇڭغۇۋالسام باشقا ئاداشلىرىم مەندىن ئەنسىرەپ كەتكەندىلا كاللامنى كۆتىرىمەن. سۇ ئۈزۈش جەھەتتە ماڭا ھەممە ئاداشلىرىم قايىل بولىشىدۇ. مېنى بۇ كىچىككىنە مەكتەپتە، ياق، پۈتۈن يېزا تەۋەسىدە ماينۇر ‹بودەك› دېسە تۇنۇمايدىغانلار يوق. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ بودەك بولۇپ قالغانلىقىمغا بەكلا جىلە بولىمەن. سېمىزلىكىمگە ئىچىم پۇشۇپ، ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كېلىدۇ. سىنىپتىكى زىلۋا قىزلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ كېتىمەن. ئۇچىغا ئەتلەس كۆينەك ، بېشىغا چىمەن دوپپا كىيىۋالغان خانقىز شۇنداق چىرايلىق. ئىچ- ئىچىمدىن ھەسەت قىلىمەن. بەزى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئاينۇر شۇنداق زىلۋا، ماينۇر شۇنداق سېمىز دېگەنلىرىنى ئاڭلىسام، ئۇلارنى چايناپ پۈركۈۋتكۈم كېلىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەپلىك نەچچە قېتىم ساۋاقداشلىرىم بىلەن قىزىرىشىپمۇ قالدىم. ئامال قانچە. «تازنى تاز دېسە ئاچچىقى كېلۇر، تاز ئەمەسنى تاز دېسە كۈلگۈسى كېلۇر» دېگەن مۇشۇ- دە.
) r5 ^6 R( s* H8 B T1 D0 dبىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېتىۋاتقسام ئەمدىلا ئىشتىنىنىڭ بېغىنى ئىتەلەيدىغان كىچىك شۇملار قۇشاق قېتىپ، مېڭىشلىرىمنى دوراپ ئەرۋاھىمنى قىرىق گەز ئۆرلىتىۋەتتى:) V) v' V, y& O) D' k: P# s6 l
ماينۇ دېگەن بودەك،
% q a) R- V/ s3 `* y' p% Z8 }سەمىرىپتۇ توپتەك.2 Z0 z+ X1 F/ F* S, t. I9 [
پۇششاڭ- پۇششاڭ ئۇخلايدۇ،0 t" b b7 b- D* O' \% M
باشقا ئىشى يوقتەك.
" y1 S. g+ p6 @# i V, ?3 \% p1 r! W
ماينۇر دېگەن بودەك،! x! v% ]% k, y K0 Y* w& _
بەئەينى بىر پىنگىۋىن.2 ]2 m9 N; T# ?& t7 v$ A' Z4 d
ئىغاڭلايدۇ مانداق،
1 t# a* a, E6 x/ q5 jيول يۈرمىكى بەك قىيىن. قوشاقنىڭ ئاخىرى قۇلىقىمغا كىرمىدى. قوشاق قاتقان شۇملارنى تازا دۇمبالاپ ئۇلارنى تۇغۇلغانغا پۇشايمان قىلدۇرىۋېتىمەن دەپ قوغلىغان ئىدىم ھەممىسى ھەر تەرەپلەرگە قېچىپ كەتتى. ئۆيۈمگە بېرىپ بولغان ئەھۋاللارنى ئانامغا زارلاپ بىرىۋاتسام ئانامنىڭ چىرايى قاراڭغۇدەك قارىيىپ كەتتى. ئانامنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك تېز سوقۇشقا باشلىدى. ئۆزۈم بودەك بولغىنىم بىلەن بەك قورقۇنچاق ئىدىم. ئاۋازىم زىل چىقاتتى. بولۇپمۇ ئانامنىڭ چىرايى مۇشۇنداق قارايغان ۋاقىتلار خەتەرلىك ئىدى. 7 k* i n9 Q6 ?# {: a0 w9 [
- ۋاي جېنىم ئاپا، ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن، مېنى تىللىماڭ!
+ ~2 K$ x* u* {- مەن ساڭا نەچچە قېتىم ئېيتتىم، «بودەك» دېسە نېمە بوپتۇ. كارىڭ بولمىسۇن دېدىمغۇ؟!
; ]" s' p( P* L3 p% @. m' z# Eشۇ ئىشلاردىن كېيىن مېنى بودەك دەيدىغانلار بىلەن پەقەت كارىم بولمىدى. بۇ لەقەمگە بارغانسىرى ئۆزلىشىپ كەتتىم.
9 @- Z, n6 f2 |3 @يانۋار ئايلىرىنىڭ قاتتىق سوغۇق بىر كۈنى ئىدى. ئەتتىگەندە مەكتەپكە قاراپ كېتىۋاتاتتىم. يوللار ئاق لىباسقا پۈرگەنگەنىدى. ئېگىز- پەس يەرلەرنى ئېنىق ئىلغا قىلغىلى بولمايتتى. ھەر بىر قەدەم ئالغىنىمدا ئايىغىم ئاستىمدىكى قاردىن بالىلارنىڭ يىغلىغان ئاۋازىدەك ئاۋاز چىقىپ باغرىمنى ئېزەتتى. غىرىس، غىرىس... توساتتىن ئويلاپ قالدىم، ھەي قارلارغا دەسسىمىسەم بوپتىكەن، ئۇيلارنىڭ تېنى قانچە ئاغرىغاندۇ- ھە؟!
" o4 b; q! X8 Z' h" Z, E" a1 p- قۇتقۇزۇڭلار، قۇتقۇزۇڭلار!$ E4 ?8 }$ R8 B, m6 @4 h4 n
يۈرىكىم «قارتتىدە» قىلدى. ئەتراپقا ئەنسىزلىك بىلەن قارىدىم. ئاۋاز زادى قايسى تەرەپتىن كېلىۋاتقاندۇ؟ ھە توغرا، ئاۋۇ تەرەپتىن، تايچاقتەك چاپتىم. مەن ھېچنىمىنى ئويلىماي ئۆزۈمنى مۇز قاتقان ئۆستەڭگە ئاتتىم. قولى سىرتقا چىقىپ تۇرغان بىرىنى سۆرەپ قىرغاق تەرەپكە تارتتىم. تېنىم مۇزلاپ كەتتى. كېيىن نېمە بولغانلىقىنى بىلمەيمەن. كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا تۆت تېمى ئاپئاق سىرلانغان سەرەڭگە قېپىدەك بىر ئۆيدە ياتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئاپام بېشىمدا ئىكەن. ئانامنىڭ نۇر يېغىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى پەمىدۇردەك قىزىرىپ كەتكەنىدى. ساۋاقداشلىرىم مەندىن ئەنسىرەپ يوقلاپ كەپتۇ. خانقىز ۋىچىرلاپلا كەتتى:
, E& [- z9 ~' } ]- ماينۇرنى دائىم «بودەك» دەپ زاڭلىق قىلىدىغان مەكتەپتىكى سەلەي، ئۆستەڭدىكى مۇزنىڭ يېرىلغان يىرىدە بىردە لەيلەپ، بىردە چۆكۈپ تۇراتتى. مەن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرغىنىمدا ماينۇر كېلىپ قالدى- دە ھېچنىمىنى ئويلىماي ئۆزىنى ئۆستەڭگە ئاتتى. نەتىجىدە سەلەي قۇتقۇزۇپ قېلىندى. يارايسىز ماينۇر سىزگە قول قويدۇم.
3 a) P; ^" L& t0 r& X/ D5 y# t0 sبىر چاغدا مۇئەللىمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:# {9 d, v; ~4 ]! Z8 j
- يارايسىز ماينۇر، سىز مەكتەپتىكى بارلىق بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى.( I+ H8 \1 t7 [; @- ?
- مېنى كەچۈرۈڭ، سىزنى زاڭلىق قىلىپ خاتا قىپتىمەن، مېنى قۇتقۇزغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت- دېدى سەلەي ئوڭايسىزلانغان ھالدا بېشىنى قاشلاپ. b9 H8 v. v$ ]4 ~6 u
ساۋاقداشلىرىم تەرەپ- تەرەپتىن مېنى ماختاپ كېتىشتى. شۇنداق خۇشال بولدۇم- يۇ كۆڭلۈم بىردىنلا بۇزۇلۇپ يىغلاپ تاشلىدىم. ئىست دادام بولغان بولسا- ھە! دادامنى شۇنداق سېغىندىم. ئەينى چاغدا دادامنىمۇ بىرەرسى قۇتقۇزۇۋالغان بولسا مەن يېتىم بولۇپ قالماس ئىدىم. دادام يۈك شوپۇرى ئىدى. ئۇزۇن سەپەرگە يۈك توشۇش جەريانىدا ماشىنا ئۆرۈلۈپ كېتىپ ماشىنا ئاستىدا قالغان ...ھۈ، ھۈ، ھۈ...
, \% J7 s' {' S" Wئاخىرى بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىپ يەتتىم. ئادەم سېمىز بولسا ئەيىپ ئەمەسكەن، مۇھىمى ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي ئادەم بولۇش ئىكەن. يەنە شۇنىمۇ ھېس قىلدىمكى ئەمدى ئۇرۇقلاشقا تىرىشىشىم كېرەك ئىكەن. سېمىزلىكىم سەۋبلىك سەلەينى قۇتقۇزۇۋالغىنىم بىلەن ئۆزۈم ئۆستەڭدىن چىقالماپتىمەن ئەمەسمۇ؟6 H8 K! c+ Q6 Q+ o6 `
چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |