ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1716|ئىنكاس: 0

سېرىق پۇتى باغلانغان قوي.mp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
خەۋەر
پۇتى باغلانغان قوي.6 ]* Q: I6 C2 @0 y3 g- U8 u- c+ Y

! S: G; W4 ?) V: {  c( H                  (ھىكايە)
! u7 p  `0 L& @4 N3 m                                           ئابلىكىم مۇھەممەت ۋارىسى.
/ h& J  z% X/ T2 G$ N2 {
سىراجىدىن...ھوي سىراجىدىن نەگە؟
# r7 v; J3 V. n3 T7 }* p9 _5 Tبېشىمنى كۈتۈرۈپ قارىسام دادام كەينىمدەـــ ئۆيىمىزنىڭ دەرۋازىسى ئالدىداماڭا قاراپ تۇراتتى.خىيال بىلەن بۇلۇپ ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۈتۈپ كەتكىنىمنىمۇ سەزمەيلا قاپتىمەن.دادامنىڭ ماڭا تىكىلگەن سۇئاللىق نەزىرىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ ئۆيگە كىردىم دە ياتاق ئۆيۈم ــ ئۆيىمىزنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان قازناققا كىرىپ مەشىق دەپتىرىم بىلەن قەلەمنى قۇلۇمغا ئالدىم.4 J! ?% k. i6 g; j0 \$ k& Q; F
كاللام زىرائەت ئۈنمىگەن ئېتىزدەك قۇپقۇرۇق..نىمىلەرنى يېزىشنى بىلمەيتتىم.ئولتۇرۇپ كەتتىم.ئاخىرى قەلەمنى تاشلاپ قۇيۇپ خىيالغا چۆكتۈم.ئالدىنقى ھەپتەئەدىبىيات ئۇقۇتقۇچىمىزناھىيە بۇيىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرىنىڭ بالىلار ئەدىبىياتى تىمىسى بۇيىچەماقالە يېزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدىغانلىقىنى،مۇشۇ بىر ھەپتە
- \* C2 f/ G0 v) N  ^1 Y" ]ئىچىدە ئۈزىمىز خالىغان ژانىردا ئەسەريېزىپ كىلىشىمىزنى ئېيتىپ تاپشۇرۇش ۋاختىنى ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنىگىچە بىكىتكەن ئىدى.ئارلىقتا 3-4كۈن ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى.سىنىپتىكى كۇرژىك ئەزالىرىنىڭ كۆپلىرى ماقالىنى تاپشۇرۇپ بۇلۇپ مەن بىلەن يەنە بىر ساۋاقدىشىم ئالىيەلا قالغان ئىدۇق.ئالىيەمۇ بۈگۈن 6-سائەتلىك دەرىستىن چۈشكەندىن كىيىن يىزىپ ئەكەلگەن بىر پارچە شىئىرىنى مۇئەللىمگە تاپشۇردى.0 l! ]( i! O! r5 r
مۇئەللىم سىنىپتىن چىقىدىغان ۋاقىتا ماڭا قاراپ سىراجىدىن سەنلا قىپ قالدىڭ شەنبە-يەكشەنبىدىكى دەم ئېلىشتىن ياخشى پايدىلنىپ بىر نەرسە يېزىپ تاپشۇرمىساڭ بولمايدۇ.دۇشەنبە كۈنى يىغىلغان ماقالىلەرنى ناھىيىگە ئەكىرىپ بىرىمەن دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.قاتناشتۇرماسلىققا كۆڭلۇم ئۇنمايتتى.ئەدىبىياتقا بولغان ئىشتىياق تىنىمسىز غىدىقلاپ تۇراتتىيۇ لىكىن نەچچە كۈندىن بىرى ھېچنىمە يازالمايۋاتاتتىم.بۈگۈنمۇ بىر نەرسە يازالايدىغانلىقىمغا كۈزۈم يەتمەي دەپتەر-قەلەمنى يىغىشتۇرۇپ ھىكايە كىتاپتىن بىرنى قۇلۇمغا ئالدىم.
/ b- u2 d% T4 x+ Vئەتىسى ئەتتىگەنلىك ناشتىدىن كىيىن دەمئېلىش كۈندىكى ئادەتلەنگەن ئىش تەرتىپىم بۇيىچە قويلارنى ئېغىلدىن چىقىرىپ توغراقلىق تەرەپكە ماڭدىم.شۇنچە سەھەر چىقساممۇ باشقىلاردىن كىيىن قالدىممىكىن يولنى قوي-ئۆچكىلەرنىڭ ماياقلىرى،ئىز،تۇياق ئاستىدىن كۈتۈرۈلگەن چاڭ-تۇزانلار بىر ئالغاندى.دەرۋەقە توغراقلىققا كىرىدىغان يول ئېغىزىغا كىلىشمگە قۇيۇق ئورمان ئىچىدىن قوي-ئۆچكىلەرنىڭ مەرەشكەن ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.قارارىمدىن يېنىپ قويلارنى بىنام يېرىمىزنىڭ ئايىغىدىكى يەر ئېچىشقا ئۈلگۈرمىگەن قۇمۇشلۇققا ھەيدىدىم.ئىككى -ئۈچ موچە كىلىدىغان قۇمۇشلۇق بىر تەرىپى ئۆستەڭگە يەنە بىر تەرىپى بىنام يېرىمىزگە تۇتىشىدىغان ئائىلىمىزنىڭ ئېچىپ بۇلالماي دائىرە ئىچىگە ئېلىپ ئىگەللەپ قويغان يېرى ئىدى.ئادەتتە كۆپ ھاللاردا قويلارنى باشقا پادىلارغا قوشماي يالغۇز باقاتتىم.بۇنداق قىلغاندا قويلارنى ھەيدەپ قۇيۇپ خالىغانچە كىتاپ كۈرەلەيتتىم.ھەم بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىدىن خالى خىيال سۈرەلەيتتىم.بۈگۈنمۇ قويلارنى قۇمۇشلۇققا ھەيدەپ قۇيۇپ 2كۈننىڭ ئالدىدامەكتەپ قىرائەتخانىسىدىن ئارىيەت ئالغان كىتاپ ‹‹بېشى يوق چەۋەنداز››نى قۇلۇمغا ئالدىم.دەسلىپىدە چەتئەلنىڭ ئىسمى غەلىتە پىرسۇناژلىرىنى ئىسىمدە تۇتۇپ بۇلالماي ئىچىم پۇشقان بولسا كىتاپ يىرىملاشقىلى تۇرغاندا كىتاپنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتتىم.شۇڭا پۇرسەت بولسىلا ئۇقۇۋاتاتتىم .ئەمدى بىر نەچچە بەت ئۇقۇپ بولغىچە ‹‹قارىباش››قوي قۇمۇشلۇقنىڭ يان تەرىپىدىكى قۇناقلىققا كىرىپ كەتتى.مەن بېرىپ بولغىچە تاقلىغۇدەك بولغان قۇناقلارنىڭ نەچچە تۈپنىڭ ئۇچىنى يەپ ئۈلگۈرگەندى.ئۈركۈتۈپ قوغلاپ چىقاردىم.ئەمدىلا جايىمغا كىلپ ئولتۇرشۇمغا يەنە قۇناقلىققا قاچتى.قۇناقلىقنىڭ بىر بېشىدىن قوغلاپ چىقارسام يەنە بىر تەرىپىدىن قېچىپ كىرىپ كىتەتتى.بەش-ئالتە قېتىم تەكرارلاندى.ئاخىرقى قېتىم قاچقان چاغداپەم بىلەن بېرىپ تۇيدۇرمايلا كاپلا پۇتىدىن  تۇتىۋالدىم.بىرەر چارە تېپىپ قاچالمايدىغان قىلمىسام كىتاپ ئۇقۇشۇمغا پۇرسەت بولمايدىغاندەك قىلاتتى.ئۇياق-بۇياققا قاراپ باقتىم.يىراقتىكى توغراق چىۋىقلىرىدىن باشقا بىر نەرسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.تۇساتتىن ئايىغىمنىڭ بوققۇچىغا كۈزۈم چۈشتى. بىرپاي ئايىغىمنىڭ بوققۇچىنى سۇغۇرۋېلىپ قوينى چۇڭقۇر،ئويمانراق قۇمۇشلىرى بۇلۇق ئۆسكەن بىر يەرگەيىتىلەپ كىلىپ مىڭ تەستە ياتقۇزۇپ تۆت پۇتىنى بىر-بىرىگە جۈپلەپ چىڭ چىگىۋەتتىم.بىردەم ئورنىدىن تۇرۇشقا تىپىچەكلەپ بېقىپ تۇرالماي پۇشۇلداپ ياتقىنىچە ئەتراپىدىكى قۇمۇشلارنى يىيىشكە باشلىدى،تاپقان چارەمدىن خۇشال بۇلۇپ ئۆستەڭنىڭ قىرىغا يىقىن ئوتلاۋاتقان قويلارنىڭ قېشىغا كىلىپ قايتىدىن كىتاپنى قۇلۇمغا ئالدىم.  v: c  B$ E1 D' ?9 d; x
قۇياش ئاستا-ئاستا كۈتۈرۈلدى.ئۆكتەبىرنىڭ سەھەردىكى سالقىن ھاۋاسى خېلىلا ئىللىپ ئەتراپ ئەتتىگەنكى شەپەقنىڭ ئوتقاشتەك قىزىلچىلىقىغا پۇركەندى.نىمىشقىدۇر كۈز ئېيىغا بۇلەكچە مىھرىم بار.گۈل-گىياھلار سارغىيىپ غازاڭلار تۈكۈلگەن پەسىل قەلبىمدە ئاجايىپ ھىس-تۇيغۇلارنى ئويغۇتىدۇ.5 k! I3 @  ~7 A% ?7 n  @1 V
ئەتراپ تىمتاس...........مەيىن شامالدا قۇمۇشلار يەڭگىل تەۋرىنىدۇ.1 B+ N# T/ D# J7 S3 ~
قويلار ئۇسسىسا ئۆستەڭ قىرغىقىدىن سۇ ئىچىپلا باش كۈتۈرمەي ئوتلاۋاتاتتى.چۈشتە ئۆيدىن ئالغاچ كەلگەن نان بىلەن چايدا قۇرساقنى گوللۇدۇم ۋە يەنە كىتاپ ئۇقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم.بىر چاغدا قويلارنىڭ دۆكۈرلەشكەن ئاۋازى ئاڭلاندى.بېشىمنى كۇتۈرسەم قۇياش غەرىپكە كىلىپ ئۇلتۇراي دەپ قاپتۇ.قۇيلار بىنام يەر ئۇتۇرسىدىن ئىلىنغان كىچىك يۇلغا چىقىۋىتىپتۇ . دىمەك ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقىت بۇلۇپ قالغانىدى.ئۇرنۇمدىن تۇرۇپ قۇيلارنڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردۈم.ئۇيگە يىتىپ بارغۇچە گۇگۇم چۈشۈپ ئەتراپنى غۇۋا قاراڭغۇلۇق قاپلىدى.ئەتتىگەندىن كەچكىچە كىتاپ ئۇقۇغاچقىمىكىن  كۈزلىرىم ئچشىپ بىشىم ئاغرىپ تۇراتتى.كەچلىك تاماقنى يەپ بۇلۇپ بالدۇرلا يۇتقانغا كىرۋالدىم.
9 j2 N, X% j5 c6 T" ]/ Kئەتىسى سەھەردە دادامنڭ ۋارقىرىشى بىلەن ئۇيغۇنۇپ كەتتىم.سىراجىدىن ،ھۇي سىراجىدىن ئورنڭدىن تۇرە....كۇزۇم نى ئۇۋلاپ ئۇرنۇمدىن تۇرشۇمغا دادام ئۇيگەكىرىپ كەلدى.  قارباش قۇي يۇق تۇرىدۇ،قۇيلانى ساق ئەكەلگەنمىدىڭ ؟& B# a& e# n4 `2 |5 {
دادامنىڭ بۇگىپى بىلەن تۈنۈگۇن قۇينىڭ پۇتىنى باغلاپ قۇيۇپ كەچتە ئۇنتۇلۇپ قالغىنىم يادىمغا يەتتى.نىمە دىيشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم،بۇلغان ئىشنى دىسەم دادامدىن تاياك يەيدىغىنىم ئىنىق ئىدى،دادام گەپ قىلماي تۇرغىنىمنى كۈرۈپ تۈنۈگۈن قۇيلانى نەدە باققانتىڭ ؟دەپ سۇرىدى." q& m3 Z4 {; d% _" w$ [( E
قۇمۇشلۇقتا دىدىم بىشىمنىمۇ كۈتۈرمەي، كىيمىڭنى كىيىپ تىز كەينىمدىن بار.. قۇينى ئىزدەيمىزدىدى دە-ئۇيدىن چىقىپ كەتتى.كىيىملىرىمنى كىيىپ دادامنىڭ كەينىدىن قۇمۇشلۇققا يۈگۈردۈم.قۇمۇشلۇققا يىتىپ بارغىنىمدا،دادام قۇينىڭ پۇتىنى يىشۋاتاتتى.ئۇسسۇزلۇقتىنمۇ ياكى بۇشىنىش ئۈچۈنمۇ مەن ياتقۇزۇپ قۇيغان ئۇيماندىن ئۇستەڭ تەرەپكە قاراپ سىلجىپ 6،7مىتىرچە سۇرلۇپ ماڭغان ئىز ھاسىل بۇلغان ئىدى.
( ^* o4 J2 N( w0 c  نىمە ئىش بۇ ؟ ھۇ...ياغاچ قۇلاق قۇينى مۇشۇنداق باقامسەن ؟ بۇمۇ خۇدانىڭ بىر مەخلۇقى ئەمەسمۇ ؟      قۇينىڭ يۈتكىنىدىن بەكرەك پۇتىدىن باغلاپ قۇيغۇنۇم دادامنىڭ بەكرەك ئاچچىقىنى كەلتۇرگەن چىغى ئۆيدە قوينىڭ يوقلىقىنى بىلگەندىمۇ تۈرۈلمىگەن قۇشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ كۇزلىرى غەزەپتىن يېنىپ كەتكەن ئىدى. خەپ سەن شۇمنى كىتاپ ئۇقۇغانغا بىر تۇيغۇزمىسام! چاڭ قىلىپ تەككەن تەستەكتىن يەرگە يىقىلدىم يۇ يەنە ئۇمىلەپ قۇپۇپ قاچتىم.دادام كەينىمدىن مىنى تىللىغىىنىچە قالدى.خىلى بىر ۋاقىتقىچە ئۇيگە كىرىشكە پىتىنالماي،ئۇينىڭ ئەتراپىدا چۇرگىلەپ يۇردۈم. بىر ۋاقىتلاردا ئانام چىقىپ ئەكرىپ كەتتى.     چۈشكىچە ئۇيگە سۇلۇنۇپ يغلاپ ياتتىم .بىر چاغدا ھۇيلىغا چىقسام، دادام قۇي باققىلى، باشقىلار ئىتىزلىققا چىقىپ كەتكەن بۇلسا كىرەك. قۇتاندا قۇيلارمۇ، ئۇيدىكىلەرمۇ كۇرۇنمەيتتى. ئىچىمدە بىر غەشلىك كىزىپ يۈرەتتى.        ئۇيگەكىرىپ كىتاپ ئۇقۇماقچى بۇلدۇميۇ، لىكىن ئەتە تاپشۇردىغان ماقالە ئىسىمگە كىلىپ تۇررۇپ قالدىم .نىمىلا بۇلمىسۇن بىر نەرسە يىزىشىم كىرەك ئىدى. نىمە تۇغىرسىدا يازاي.... خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ كاللامغا تۇيۇقسىزلا ئەتتىگەنكى ئىشنى يىزىش ئىستىكى تۇغۇلدى.توغرا چۈنكى بۇ مەن ئۈزۈم باشتىن كەچۈرگەن ئىش بۇلغاچقا  قىينالمايلا يىزىپ چىقالايتتىم.  دەپتەر- قەلەمنى ئېلىپ بىر ئاز ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن باش قۇرغا ‹‹پۇتى باغلانغان قوي››دەپ ماۋزۇ قۇيۇپ يېزىشقا باشلىدىم.....
. q9 o- R9 G4 x  K% Z( Mئەتىسى سەھەردە مەكتەپكە كىلىپ 1-سائەتلىك تىل-ئەدىبىيات دەرىسى ئاخىرلاشقاندا‹‹ ھىكايە››منى مۇئەللىمگە تاپشۇردۇم.تاللىنىشىغائىشەنچىم بولمىسىمۇ مۇئەللىمنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئۇرۇندىۋالغىنىم ھەم ئۆز قىزىقىشىم بۇيىچە ‹‹ھىكايە››يېزىپ باققانلىقىم ئۈچۈن كۆڭلۇمدە غەمكىنلىك سايە تاشلاپ تۇرغان بىر خۇشاللىق بارئىدى.ئارىدىن بىرەر ئايدەك ۋاقىت ئۆتتى.كۈز پەسلى ئاخىرلىشىپ سوغوق چۈشۈشكە باشلىغان بىر كۈنى كەچلىك مۇزاكىرا ۋاختىدا ئۇقۇغۇچىلارغا مەكتەپ بۇيىچە چوڭ يىغىن ئېچىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.مەيداننىڭ ئوتۇرسىغا تىزىلغان شىرەدە مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىق بىر قانچە ئۇقۇتقۇچى ئولتۇرشاتتى.مەكتەپ ئىلمى مۇدىرى يىغىنغا مەكتەپ مۇدىرىنى تەكلىپ قىلغاندىن كىيىن مەكتەپ مۇدىرى سۆزلەشكە باشلىدى.
+ |5 }1 E: K7 p1 X! J# pساۋاقداشلار ھاۋا سوغوق مەن كۆپ سۆزلىمەيمەن.مەكتىپىمىزنىڭ تۇلۇقسىز 2-يىللىق1-سىنىپ ئۇقۇغۇچىسى سىراجىدىن قادىرنىڭ ‹‹پۇتى باغلانغان قوي››نامىلق ھىكايىسى  ناھىيە بۇيىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرىنىڭ مۇكاپاتلىق ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە ناھىيە بۇيىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشىپ مەكتىپىمىزگە شان-شەرەپ كەلتۈردى.ئەتە ناھىيلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزىدە مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلەرنى مۇكاپاتلاش پالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.ساۋاقداش سىراجىدىن ئەتە ناھىيىگە بېرىپ مۇكاپاتنى تاپشۇرۋالىدۇ.ھازىر بىزمۇ مەكتەپ مەمۇريىتى نامىدىن سىراجىدىن قادىرنى مۇكاپاتلايمىزھەم مەكتەپ ئەدىبىيات كۇرژىكىدىكى بارلىق ساۋاقداشلارنى سىراجىدىن قادىردىن ئۈگىنىشكە چاقىرىمىز.قېنى سىراجىدىن قادىر ئوتۇرغا چىقسۇن.
0 }1 s& \/ R9 u6 X" Y% A# nمەيداننى چاڭ كەلتۈرگەن چاۋاك سادالىرى ئىچىدە ئوتۇرغا چىقتىم.مەكتەپ مۇدىرى بىر دەستە دەپتەر ،بىر نەچچە تال قەلەم ۋە تەقدىرنامىنى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈمگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.; s; I' h8 v1 @' Y0 W& g5 n
قۇلۇمدا بىر دەستە دەپتەر...تەقدىرنامە..خىيالىمدا پۇتى باغلانغان قوينىڭ تىپىچەكلەۋاتقان ھالىتى،دادامنىڭ تۈرۈلگەن قۇشۇمىللىرى،ھەم نەچچە ۋاقىتتىن بىرى چىۋىن يىۋالغاندەك غەشلىك ئىچىدە يۈرگەنلىرىم...بىردىن تىترەك بېسىپ مۇزلىغاندەك ھىس قىلدىميۇ دەقىقە ئىچىدە بۇخىل تۇيغۇنىڭ ئورنىنى بىر خىل تەسۋىرلىگۈسىز خۇشاللىق ئىگەللەپ ئىلگىركى كۆڭۈلسىزلىكلەر قەلبىمنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىن يۇيۇلۇپ سوغوقتا مۇزلىغان جىسمىمغا ئىللىقلق ئاتا قىلۋاتقاندەك بىر سىزىم پەيدا بولماقتا ئىدى.
& q5 p; y' A4 @- _- o; H! ?5 f' t% {) X3 O$ q9 q/ m
مەنبەسى:شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىدىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗