ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 894|ئىنكاس: 0

سېرىق چۈمۈلىلەربىلەن قارا چۈمۈلىلەرmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
مائارىپ
سېرىق چۈمۈلىلەربىلەن قارا چۈمۈلىلەر
! h2 h9 X$ u% ^$ }% p8 b3 Q1 x* M/ H0 i! d. O# D: X  b- z

% A4 v0 R5 Q3 _& N' R4 V* Z" nئابدۇرېھىم قادىر
) E  v0 Y/ c  }7 M; X
9 k; p3 b1 W* R- y2 n+ O8 i& i7 H: W- W
(مەسەل)

7 I3 A- V7 E+ c7 a  l. E
& E  @6 w$ E) u0 l" a4 |+ ~; @9 S3 L9 V+ r5 g  O( ~" f
1 Y! X# ^" v' a( n+ V
                   بۇرۇن بۇرۇن ئىكەن،ھەر كىم ئۆز غېمىدا ئىكەن،مۇشۇنداق بىر زاماندا چۈمۈلىلەرمۇ ئۆز  ماكانلىرىنى قۇرۇپ قورساق غېمىدا ياشايدىكەن،     بىر دۆڭنىڭ ئىككى تەرىپىدە چۈمۈلىلەر ئۆز ماكانلىرىنى  قۇرۇپ تىرىكچىلىك قىلىپ ياشايدىكەن دۆڭنىڭ بىر تەرىپى ئوت چۆپلىك، ھۆل يېغىنلىق كۈنلەردە يامغۇر سۈيى يىغىلىپ قالىدىغان جايلىرى كۆپ ئىكەن، يەنە بىر تەرىپى قۇرغاق ئەمما يولۇچىلار  ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ھارۋا ئۇلاغلار ماڭىدىغان  يول بۇيى ئىكەن، ھەر ئىككى چۈمۈلىلەر توپى بەكمۇ تىرىشچان،قەيسەر ھاياتلىق ئۈچۈن كېچىنىڭ غېمىنى كۈندۈز ،قىشنىڭ غېمىنى يازدا، قېرىنىڭ غېمىنى ياشلا،بالىنىڭ غېمىنى ئاتا– ئانا قىلىدىكەن، يىقىلغاننى يۈلەپ بىر بىرىگە يار يۈلەكتە بولۇپ ياشايدىكەن ،ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بىر قارا چۈمۈلە ئۆز ماكانىدىن ئايرىلىپ جاھان كېزىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ،قارا چۈمۈلىلەر توپىنىڭ ئاق ساقىلىدىن  ئىجازەت ئېلىپ سەپەرگە چىقىپتۇ.يول يۈرۈپ، يول يۈرسىمۇ مول يۈرۈپ داۋان ئېشىپ چۆل كېزىپ سېرىق چۈمۈلىلەر ماكانىغا كېلىپ قاپتۇ .سېرىق چۈمۈلىلەر بەكمۇ مېھمان دوست ،ئاقكۆڭۈل،خۇش پېئل، ئۆم  -ئىناق ئىكەن، بۇ ياققا يۇرتتىن دوست تارتىپ كەلگەن مېھماننى ياخشى كۈتۈپ،ئېسىل زىياپەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆز ماكانلىرىنى ساياھات قىلدۇرۇپ، كاتتا ئىلتىپاتلارنى كۆرسىتىپتۇ. كۈنلەر ئۇزارغانسېرى قارا چۈمۈلە بۇ جاينىڭ يامغۇردا ئارتۇقچە  سۇ يىغىلىشتىن خالىي ،يولدىن ئۆتكەن ھارۋا، ئۇلاغتىن چۈشۈپ قالغان ئوزۇق -تۈلۈكتىن ياخشى پايدىلانغىلى بولىدىغان تەبىئىي شارائىت ،قۇرغاق تۇپراقلىق مۇھىتىنىڭ ئامباردا ئوزۇق ساقلاشقا ماس كېلىدىغانلىقىدەك بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرىنى  بىلىپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. شۇ كۈنلەردە قارا چۈمۈلە  ئۆز يۇرتى ،قەۋىم -قېرىنداشلىرى يادىغا يېتىپ، سېرىق چۈمۈلىلەر توپىدىن  كۈنلەردىن بۇيان قىلغان ئېلتىپاتلىرىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ خوشلىشىپ، قارا چۈمۈلىلەر توپى تەرەپكە سەپەر قىلىپتۇ. ئۆز توپىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆرگەنلىرىگە ئۆزى ھېس قىلغانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قەۋىم- قېرىنداشلىرىغا بىزنىڭ ماكانىمىز گەرچە يېشىلىققا تۇيۇنغان بولسىمۇ، يامغۇردا  يىغىلغان سۇنىڭ دەستىدىن ئامبارلادا ئوزۇق ساقلاشقا ماس كەلمەيدىكەن، يولوچىلار چۈشۈرۈپ قويىدىغان تەبىئىي ئوزۇق مەنبەسى يوق  ، لېكىن سېرىق چۈمۈلىلەر ماكانى ياشاشقا،ئوزۇق ساقلاشقا شۇنداق ماس كېلىدىكەن  ،ئوزۇق- تۈلۈك ئەتراپىدا تۈكۈلۈپ تۇرىدىكەن، دېگەندەك ياخشى تەرىپىنى قىلىپ بېرىپتۇ .بۇ ئېسىل ماكاننىڭ تەرىپىنى  ئاڭلىغان قارا چۈمۈلىلەر بىردىن، ئىككىدىن سېرىق چۈمۈلىلەر تەرەپكە ئۆتۈشكە باشلاپتۇ. كۈنلەر ئۇزارغانسېرى بۇ جايدا قارا چۈمۈلىلەر كۆپىيىپ ئۆز ماكانىنى قۇرۇپتۇ. لېكىن چۈمۈلە سانى بارغانچە ئېشىپ ،بۇ جايدىمۇ ئوزۇق يېتىشمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈشكە باشلاپتۇ.سېرىق چۈمۈلىلەر ئۆزلىرىگە پايدىسىز بولىۋاتقان ۋەزىيەتنى سېزىپ ياخشى مەسلىھەت ،پۇختا پىلان بىلەن قارا چۈمۈلىلەر توپىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۆز تەۋەلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىپ،بۇ جايغا قايتا قەدەم باسماسلىققا ئەھدىلىشىپ، كېيىنكى كۇنلەردە باياشات ،ئىناق–ئىتتىپاق، خۇشال–خۇرام بەختلىك،ئەندىشىسىز  تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. شۇندىن بېرى قارا چۈمۈلىلەر بىلەن سېرىق چۈمۈلىلەر يېقىن جايغا ماكان سالمايدىكەن .
6 g3 e! L# ~$ P, M- s9 s0 N2 s! Z4 V6 F

; j' m& @8 i# g% I& n4 x8 Q) G6 f0 y5 ^9 ?6 w; t! S7 _

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗