ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 907|ئىنكاس: 0

سېرىق قۇشقاچ بالىلار چۆچىكى ئابدۇلھەمىد ياس ...mp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
ئۇيغۇر
قۇشقاچ
/ l! X$ o5 z7 i8 y- x, B
7 x) Y5 W" P4 X7 C" [+ J  Q
0 Y+ j' U! Z+ x- j# b    بالىلار چۆچىكى
# P9 y4 S0 _# Q( m0 M5 G9 H0 I# q* p; f% Q$ C9 x9 i
' Q9 T2 O& N. u& }% @4 R
* d  Y/ I3 ?" A4 n$ i1 D0 A, c& Q3 a
3 Y# a4 t/ l5 t' `5 M) Y# ]1 O
                                          ئابدۇلھەمىد ياسىن  
# E+ F' j# c- d! X3 y' S6 Q- U

# M" F3 [0 D7 p, O
4 k2 i5 S( L; L  c
  y; h6 b4 n. K& eبۇرۇنقى زاماندا، كەڭرى كەتكەن ۋادىدىكى بىر يېزىدا مەمەتقۇش ئىسىملىك بىر يىتىم بالا ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ھەمىشە كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ، ئۆزىنى ئازادە تۇتىدىغان، بەكلا ئاق كۆڭۈل، قولىدىن كېلىشىچە باشقا بالىلارغا، ئۆزىدەك كەمبەغەللەرگە ياردەم قولىنى ئايىمايدىغان سەمىمىي بالا ئىكەن. مەمەتقۇش بىر پىخسىق باينىڭ ئۆيىدە ئىشلەيدىغان بولۇپ، بۇ باي پىخسىقلىقتا شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى، قانچىلىغان ساڭلاردا ئاشلىقلىرى لىق تولۇپ تۇرسىمۇ، يوقسۇللارنىڭ چاڭگىلىغا بىر سىقىم ئاشلىقنىڭ چۈشۈپ قېلىشىغا پەقەت چىدىمايدىكەن. ئەگەر چاشقان بىر تال داننى ئېلىپ قاچقۇدەك بولىسمۇ ھەممە خىزمەتكارلىرى ئاشۇ چاشقاننى قوغلاپ يۈگرەيدىكەن. ئۆيىدىكى خىزمەتكارلىرىغا ھەق بېرىش تۈگۈل قۇرسىقى تويغۇدەك تاماقمۇ بەرمەيدىكەن. بۇ يېزىدىكى كۆپىنچە دېھقانلار شۇ باينىڭ يىللىقچىسى بولسىمۇ ، باي ئۇلارنى زىيادە شۇلۇپ، زۇلۇمنى ھەددىدىن زىيادە سېلىۋەتكەچكە، ھەممە دېھقان باينىڭ زۇلمىدىن، كۈنىنىڭ قاتتىقلىقىدىن قاخشايدىكەن.
& c" {2 v6 m5 m7 }
# m) [: Y2 C* u; G! _6 Xباينىڭ مەمەتقۇش دېگەن بۇ يىللىقچىسى يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي، تولىمۇ چاققان، ئەقىللىق بالا بولۇپ، باينىڭ زۇلمىغا پەرۋا قىلماي ناخشىسىنى دۆڭ توۋلاپ، ھەمىشە ئېتىزلىقتا ئىشلەيدىكەن. ھېرىپ قالسا ئۈجمىنىڭ سايىسىدا سايىداپ، قۇرسىقى ئاچسا ئۆزى قۇرۇتىۋالغان ئۈجمىنىڭ ۋاسالغۇلىرىنى يەپ ئۆتىۋېرىدىكەن. ئەسلى ئىسمى مەمەتقۇشمۇ، ياكى باشقىلار ئۇنىڭ چاققان چىۋەرلىكىگە قاراپ ئۇنى شۇنداق ئاتامدۇ، بۇنىسى نامەلۇم، ئەمما مەمەتقۇشقا يېزىدىكى ھەممە بالىلار ئامراق ئىكەن. چۇنكى مەمەتقۇش بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭكىدىنمۇ ئېغىر كۈندە ئىكەنلىكىنى، ئاچ- زېرىنلىقتا چوڭ بولىۋاتقان بۇ بالىلارنىڭمۇ كىيىمى يىرتىق، قۇرسىقى ئاچلىقتىن ئاجايىپ ئۇرۇق ئىكەنلىكىگە ئېچىنىدىكەن. ئۆزىنىلا ئويلىماي ئاشۇ ئاغىنىلىرىنى ئويلايدىكەن. ئۇلارنىڭ قۇرسىقى ئېچىپ قالسا دەرھاللا مەمەتقۇشنىڭ يېنىغا كېلىدىكەن، مەمەتقۇش بالىلارنى ئويۇنغا سېلىپ قويۇپ يۈگرىگەن پېتى باينىڭ ئاشلىق ئامبىرىغا بارىدىكەن ئاندىن پەم بىلەن رۈجەكتىن چۈشۈپ، ئازراق ئاشلىق ئېلىپ چىقىپ ئاق يەرگە ئوت قالاپ ئاشلىقنى پۈشۈرۈپ، ئېتىلدۇرۇپ يەيدىكەن. بالىلار بىلەن ئۈجمىلەرنى ئېغىتىپ ۋاسالغۇ سېلىۋالىدىكەن. ئۈرۈكلەرنى قۇرۇتۇپ گۇلە، شاپتۇل توغاچلاردىن قاق سېلىۋالىدىكەن. نان جىگدىلەرنى مەمەتقۇش باشچىلىقىدا بالىلار ئۆزلىرىلا بىر يەرگە تىقىۋالىدىكەندە، قىش كۈنلىرى قۇرساق ئېچىپ كوكىراپ كەتكەندە مەززە قىلىپ يېيىشىدىكەن. بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىمۇ مەمەتقۇشقا بەك ئامراق بولۇپ، ھەمىشە ئۇنىڭغا تاتلىق تۇرۇملارنى بېرىپ تۇرىدىكەن. مەمەتقۇش ئاشۇ بالىلار ۋە بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنىڭ كۆيۈنىشىدە ئۆزىنىڭ يىتىملىكىنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن. ئەمما رەھىمسىز پىخسىق باي ھەمىشە مەمەتقۇشتىن قۇسۇر ئىزدەپ خىزمەتچىلىرىگە مەمەتقۇشنى پات- پات تاياققا باستۇرىدىكەن. بۇنىڭدىن مەمەتقۇش قاتتىق غەزەپلىنىكەنيۇ، چىش يېرىپ بىرنېمە دىمەيدىكەن. شۇنچە ئازابلىسىمۇ قىلچە يىغلىمايدىكەن. مەمەتقۇش ناخشا ئېيتىشقا ماھىر بولۇپ، بالىلار يېنىغا كەلسىلا ئۇنى ناخشا ئېيتقۇزىدىكەن. بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئاشۇ زالىم ھەم پىخسىق باينىڭ ئايقىز ئىسىملىك بىر قىزىمۇ بار بولۇپ، مەمەتقۇشنىڭ ناخشىسىغا قەۋەتلا ئامراق ئىكەن. دەسلەپتە بالىلار زالىم باينىڭ بۇ قىزىنى ئارىغا ئالماپتۇ. ئەمما ئايقىز ھەركۈنى كېلىپ، يىراقتىن بالىلارنىڭ ئويۇنلىرىغا قاراپ تۇرىدىكەن، بۇنىڭدىن بالىلار ئاخىرى تەسىرلىنىپتۇ، مەمەتقۇشنىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن ئۇنى ئارىغا ئاپتۇ. ئۇمۇ ئۆيىدىن تاتلىق- تۈرۈملەرنى ئېلىپ چىقىپ بالىلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدىغان، بەزىدە گۆشلەرنى ئېلىپ كېلىپ بالىلارغا يېگۈزىدىغان بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايقىزمۇ بالىلار بىلەن تەڭ كۈلۈپ تەڭ ئويناپتۇ. مەمەتقۇشنىڭ ناخشىسى ھەمىشە جاراڭلايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. $ m/ b; H5 I/ n0 Q

9 n0 y- [( P4 ?3 W5 I7 \شۇ كۈنلەردە يېزىدا قاتتىق قەھەتچىلىك يۈز بىرىپ، ھەممە ئادەم ئاچلىتىن ئۆلەر ھالەتكە يېتىپتۇ. يەي دېسە ھېچنېمە يوق، ئادەملەر تۈگۈل ئاچارچىلىققا پايلىمىغان قۇشلارمۇ ئۇچىۋاتقان يېرىدىن يەرگە پوكۇلداپ چۈشۈشكە باشلاپتۇ. ئادەملەرمۇ دەرەخلەرنىڭ يىلتىزلىرىنى كولاپ يەپ بېقىپ ئاچارچىلىقتىن چىرايلىرى زەپىراندەك سارغىيىپ، ئاچلىق ئازابىدىن ئۆلۈپ كېتىشكە باشلاپتۇ. ئادەملەرنىڭ ئاچلىقتىن شۇ ھالغا كېلىپ قالغىنىنى كۆرۈپمۇ ھېلىقى پىخسىق باينىڭ رەھىمى كەلمەپتۇ. ساڭ- ساڭلاردا ئاشلىقلىرى سېسىپ كۆكىرىپ ياتسىمۇ ساڭلارنىڭ ئىشىك رۇجەكلىرىنى چىڭ ئېتىپ، نامراتلارغا بىر تال دانمۇ قەرز بېرىشكە ئۇنىماپتۇ. نامراتلارنىڭ ھالىغا ئازراقمۇ ئىچى ئاغرىماپتۇ. كىشىلەر بارغانسىرى ئاچلىقتىن يىقىپلىپ قالغىلى باشلاپتۇ. بىر كۈنى بۇ ئەھۋاللارغا چىدىمىغان مەمەتقۇش بىلەن ئايقىز مەسلىھەتلىشىپتۇ. باي شەھەرگە كىرىپ كەتكەن كۈنى ئايقىز ئاچقۇچنى ئېلىپ چىقىدىغان، مەمەتقۇش ساڭلارنى ئېچىپ دېھقانلارغا ئاشلىقلارنى تارقىتىپ بېرىدىغان بولۇپ كېلىشىپتۇ. ئاخىرى جۈمە كۈنى باي شەھەرگە يول ئاپتۇ. بالىلار دېھقانلارنى يىغىشقا ئاتلىنىپتۇ. ئايقىز ئاچقۇچنى ئوغۇرلاپ ئېلىپ چىقىپتۇ. مەمەتقۇش ئاچقۇچنى ئېلىپ، ساڭلارنى ئېچىپتۇ. ئاڭغىچە دېھقانلار يېتىپ كېلىپ قاپ – تاغارلىرىغا ئاشلىقلارنى ئۇسۇپ ئۆيلىرىگە توشۇشقا باشلاپتۇ. باينىڭ ئۆيدە پەقەت ئايقىزلا قالغانىكەن. ئۇمۇ دېھقانلارنىڭ تاغارلىرىنىڭ ئاغزىنى ئېچىشىپ بېرىپ ئاشلىقلارنى يۈدۈشىگە ياردەملىشىپتۇ. باينىڭ ئۆيىدىكى مەدىكارلارمۇ ھەممسى ئۆزىنىڭ غېمىگە چۈشۈپ ئۆيلىرىگە ئاشلىق توشۇپتۇ. مەمەتقۇش يۈگرەپ يۈرۈپ كىشىلەرنى چاقىرىپتۇ، كېلەلمىگەنلەرگە ئۆزى يۈدۈپ ئاپىرىپ بېرىپتۇ. شۇ كۈنى باينىڭ سېڭىدا ئىش قايناپ كېتىپتۇ. كىشىلەرنىڭ چېھرى خۇشھاللىقتىن پارلاپ كېتىپتۇ...
3 B# T: \$ O; V7 n! I/ F& b
* v* j. ~3 ]8 N% P! E9 Xكەچلەپ قايتىپ كەلگەن باي ئادىتى بويىچە ئاشلىق ئامبارلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرگىلى كىرسە ساڭلاردىكى تورۇسقا تاقاشقان ئاشلىقلاردىن ئەسەرمۇ كۆرۈنمەپتۇ. بۇلۇڭدا پەقەت ئۆزى يىگۈدەك ئاشلىقلا قېلىپ قالغانىكەن. بۇنى كۆرگەن باينىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۇچۇپتۇ، ۋارقىراپ ئۆينى بېشىغا كېيىپتۇ. ئاشلىقلارنى مەمەتقۇشنىڭ دېھقانلارغا تارقىتىپ بەرگىنىنى ئاڭلاپ، ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بوپتۇ ۋە ئۆزى بىلەن شەھەرگە بارغان ئون نەچچە چۇماقچىغا بۇيرۇپتۇ. «مەمەتقۇشنى تۇتۇپ كېلىڭلار، تۇتۇق بەرمىسە كۆرگەن يەردە ئۆلتۈرىۋېتىڭلار!» دادىسىنىڭ بۇ رەھىمسىزلەرچە قىلغان بۇيرۇقىنى ئاڭلاپ قالغان ئايقىز مەمەتقۇشنى تېپىپ يۇشۇرۇپ قويۇپتۇ. قول چوماقلار خاماننى، ئېتىزلارنى ئاختۇرۇپ، مەمەتقۇشنى تاپالماي قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ. باي يەنە يەرنى تېپىپ، دەرھال مەمەتقۇشنى ئىزدەش بۇيرۇقىنى بېرىپ: 7 F! {0 G0 r5 g
  J- n0 m6 H. n+ `
-كېچىلەپ ئىزدەڭلار، ھەممە خەقنىڭ ئۆيىنى قويماي ئاختۇرۇپ، تېپىلغان ھامان كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈرۈپ تاشلاڭلار! يالاڭتۆشلەر مېنىڭ بىلەن چېقىشقان ئادەمنىڭ قانداق ئاقىبەتكە قالىدىغانلىقىنى بىلىپ قالسۇن- دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. ئايقىز بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىپتۇ. چۇماقچىلار تاڭغىچە ھەممە دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرغان بولسىمۇ مەمەتقۇشنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەپتۇ. ئاخىرى باي ئۆزىنىڭ ئۆيىنىمۇ ئاختۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئايقىزنىڭ جان- پېنى چىقىپ، دەرھال مەمەتقۇشنىڭ يېنىغا كىرىپتۇ ۋە مەمەتقۇشقا قاراپ:
/ P/ Q8 @8 T7 P& m) n0 `2 _* K; T+ V- Q
8 y, e. S/ i' \& v' W, B4 E2 X-قۇش، دەرھال قاچ، يىراقلارغا كەت، دادام ھازىرلا بۇ ئۆينىمۇ ئاقتۇرماقچى-،دەپتۇ. مەمەتقۇش ئۆيدىن چىققاندا قۇياش ئۇۋىسىدىن چىقاي دەپ قالغان، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆيىدىن چىقىۋاتقان چاغ ئىكەن. مەمەتقۇشنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرۈپ قالغان چوماقچىلار نەيزە، پالتىلىرىنى كۆتۈرۈپ مەمەتقۇشنى قوغلاشقا باشلاپتۇ. ئايقىز ئارقىسىدىن:
( C! u# k. D" m) [
2 s% z3 E- x! v5 O9 Q* \* r-قۇش قاچ، قۇش قاچ!!!،-دەپ ۋارقىراشقا باشلاپتۇ. قاراپ تۇرغان دېھقانلارمۇ جىددىيلەشكىنىدىن «قۇش قاچ، قۇش قاچ!» دەپ ۋارقىرىشىپتۇ. ھەممە ئادەمنىڭ «قۇش قاچ» دەپ ۋارقىراشلىرى جاھاننى بىر ئاپتۇ. ھېلىقى چۇماقچىلار ۋە باي نېمە قىلارىنى بىلمەي قاپتۇ. ئاخىرى قىزىنى ئۆزىگە ۋاپاسىزلىق قىلدى دەپ قارىغان باي ئۆز قىزى ئايقىزنىمۇ تۇتۇپ ئۆلتۈرىۋېتىشنى بۇيرۇپتۇ. يالاقچىلار مەمەتقۇشنى قوغلاشتىن توختاپ ئايقىزنى تۇتماق بولۇپ يۈگرەپتۇ. ئايقىزمۇ چاققانلىق بىلەن قېچىپ ئۆزىگە ساقلاپ تۇرغان مەمەتقۇشقا يېتىشىۋاپتۇ. ئارقىسىدىن بىرەھىم چۇماقچىلار قوغلاپ كېلىۋاتقان شۇ دەقىق كىشىلەرنىڭ ئەقلى لال بولغىدەك بىر مۆجىزە يۈز بېرىپتۇ. قېچىپ كېتىۋاتقان مەمەتقۇش بىلەن ئايقىز كىچىك بىر قۇشقا ئايلىنىپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. يالاقچىلار ۋە قاراپ تۇرغان دېھقانلار مەمەتقۇش بىلەن ئايقىزنىڭ ئۇپۇق تامان ئۇچۇپ كەتكىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپتۇ. 1 m. g1 a+ x1 Y" @. T9 [$ C
, `( g+ O5 o+ y' F1 M
ئاشلىقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پىخسىق باي يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. بايلىقلىرى، يەرلىرى دېھقانلارغا قاپتۇ. 5 L2 K# s6 W9 X/ d8 y
3 @. `+ j4 h" c! x. p% i
كىشىلەر ھەمىشە ئۇچۇپ كەتكەن مەمەتقۇشنى ۋە ئايقىزنى ياد ئېتىشىپ، بالىلىرىغا ئۇلاردەك باتۇر بولۇشنى ئۆگىتىدىكەن. بالىلارمۇ ئامراق دوستىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ئۆكۈنۈپ ھەمىشە مەمەتقۇشنىڭ گېپىنى قىلىشىدىكەن. $ E( p' L, f2 U8 H1 a# W
& z& X9 Y7 D! \
ئەتىيازدا دېھقانلار بىر توپ كىچىك قۇشنى كۆرۈپتۇ. ئۇلار ئېتىزدىن كەتمەي، قۇرت- قوڭغۇزلارنى تۇتۇپ، زىيانداش ھاشارەتلەرنى يوقىتىۋاتقۈدەك. دېھقانلار بۇ پايدىسى كۆپ، زىيىنى تەگمەيدىغان قۇشلارغا قارىسا ئۇزاقى يىلى مەمەتقۇش بىلەن ئايقىزنىڭ ئۇچۇپ كەتكەندىكى قۇشقا شۇنداق ئوخشاپ تۇرغۇدەك. شۇنىڭ بىلەن دېھقانلار بۇ قۇشقا ئات قويماق بولۇپ، ئېسىگە بۇلتۇر ئومۇمىي خورغا ئايلانغان «قۇش قاچ» دېگەن سۆزنى ئاپتۇ ۋە بۇ كىچىككىنە قۇشقا «قۇشقاچ» دەپ ئات قويۇپتۇ. شۇندىن كېيىن قۇشقاچ ئىسىملىك بۇ كىچىككىنە قۇش ھازىرغىچە ئېتىزلىقتا، دېھقانلارغا ھەمراھ بولۇپ، زىيانداشلارنى يوقىتىپ كېلىۋاتقۇدەك...   I- i% t- e0 F/ Q
3 E5 o9 L% y- X# |
  / u, L) G/ |& D. B3 C3 p) ^$ @: Z& {* q
/ o& J6 c& Q: c+ Q% b) }: Q& I7 J
مەزكۇر بالىلار چۆچىكى ‹‹تارىم غۇنچىلىرى›› ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان. * R4 O/ q$ r# U* O2 Z* N$ J* E
2 T# \. R3 a' T. X7 L, V

' U5 p# ?% n1 P, Bرەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗