مائارىپ
2 d- v9 o% ]( o" g/ G2 wھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى، جۇغراپىيىلىك شەرت- شارائىتى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە گۈزەللىك قارىشى قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ كىيىنىش ئادىتىدە روشەن مىللىي پەرق كېلىپ چىقىدۇ.
2 w( \9 B2 Q3 G3 u' R
8 l' n! e2 b; ^6 e ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىنىش ئادىتىدە باش كىيىمنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ، ئۇيغۇر ئەرلىرى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاشمىغان باش كىيىملەرنى كىيىشكە، ئاياللىرى ئومۇمەن بېشىغا ياغلىق سېلىشقا ياكى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئىشقىلىپ، باش كىيىمىسز يۈرۈشنى ئۇيغۇرلار يامان كۆرىدۇ. بولۇپمۇ نەزىر-چىراغقا بارغاندا مەيلى ئەر- ئايال بولسۇن چوقۇم باش كىيىم كىيىشى شەرت. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا ئومۇمەن ئاممىۋى مۇراسىملارغا باش كىيىمسىز بېرىش بىر خىل ھۆرمەتسىزلىك ۋە ئەدەپسىزلىك ھېساپلىنىدۇ. 4 I$ M1 `" h$ _
% v, t- F& `7 ?# D- D' O+ tرايون پەرقى، كەسپىي پەرق ۋە ياش قۇرام پەرقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىملىرى ناھايىتى كۆپ خىللىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن كىيگەن باش كىيىمگە قاراپ شۇ كىشىنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى، قانداق كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقنى ھەمدە ياش قۇرامىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىمى شەكىل جەھەتتىن ئومۇمەن قىشلىق تېرە تۇماق، سىدام دوپپا ۋە گۈللۈك دوپپىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. بۇ باش كىيىملەرنىڭ ھەرقايسى تۈرىدە يەرلىك رايون پەرقى روشەن گەۋدىلەنگەن.
8 c# t* V `. f
8 L# H! V0 q9 I Iتۇماق ئادەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قىشلىق باش كىيىمى بولۇپ، ئاساسەن تېرىدىن ئىشلىنىدۇ. نۇسخا جەھەتتىن ئاق تۇماق، سالۋا تۇماق، سوغا تۇماق، كۇلا تۇماق، يېڭىسار تۇمىقى، كېرىيە تۇمىقى، ساغان تۇمىقى، ھەربىيچە تۇماق سۆسەر تۇماق، قاما تۇماق قاتارلىق ئون نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ. ھەرقايسى خىلدىكى تۇماقنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولۇپ، نەپىس ۋە كۆركەم ئىشلەنگەن. بۇ تۇماقلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاشلانغان يۇمشاق تېرىدىن ئىشلىنىپ، ئېغىز گىرۋىگىچە سۈپەتلىك كۆرپىدىن چوڭ- كىچىك زىغ -زىغ تۇتۇلغان، بەزى تۇماقلارنىڭ ئۈستىگە قارا ياكى باشقا رەڭلىك رەختلەردىن بىر قەۋەت تاشلىق تۇتۇلۇپ ئەستىرىگە تېرە ئېلىنغان. ھەر خىل تۇماقلارنىڭ ئۆزىگە خاس قېلىپى بولۇپ، ئۇنىڭغا تۇماقچىلىقنى كەسپ قىلغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ يۈكسەك ماھارىتى سىڭدۈرۈلگەن. ئۇيغۇر تۇماقلىرىىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتە يىگىرمە سانتىمېتىردىن قىرىق سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.
3 n3 k3 C; U8 n5 M8 A
- d" l6 \5 a o! ]& ]# tئاياللار ياكى بىر قەدەر مەرتىۋىلىك ئاياللار ھەر خل مۇراسىملارغا قاتناشقاندا تۇماق كىيىدۇ. بۇ "قاما تۇماق" دېيىلىپ ئۈستى قارا مەخمەل ياكى قارا دۇخاۋا بىلەن قاپلىنىدۇ. قاسقىنىغا بۆرەكچە شەكىلدە ئۈچ- تۆت سانتېمىتىر كەڭلىكتىكى ئەتىۋارلىق قامىدىن گىرۋەك ئورنىتىلىدۇ، ئىچىگە يۇمشاق ئەلتېردىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ.بۇ تۇماقنىڭ تەننەرخى خېلى يۇقىرى بولغاچقا، ھاللىق شەھەر ئاياللىرى ئىچىگە كۆپرەك ئومۇملاشقان. U& ]( x8 N5 o4 k" \
$ G' l- m+ Z# g- o4 W9 C
قۇلاقچىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان قىشلىق باش كىيىملىرىدىن بىرى بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ھەمدە شەھەرلەردە كەڭرەك ئومۇملاشقان. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقى ئەنئەنىۋى تۇماقلىرى يەنىلا ئاساسلىق باش كىيىم ھېساپلىىدۇ. دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېستېتىك قارىشىدا ئەكس ئەتكەن تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى سۈپىتىدە روشەن مىللىيلىككە ئىگە بولغان يازلىق باش كىيىم ھېساپلىنىدۇ.
4 s; m7 v3 n: p/ |0 R
, U9 i2 U" V7 X4 X' ^ئۇيغۇر دوپپىلىرى نۇسخىسىنىڭ كۆپ خىللىقلىقى، ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر، قەشقەر شەھىرىنىڭ "دوپپا بازىرى" گوياكى تۈمەن مىڭ خىل رەڭدار گَۈللەر بەس-بەستە ئېچىلغان گۈزەل باغچىغا ئوخشىشىدۇ. قەشقەر شەھىرىدە دوپپىچىلىق كەسپى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ: بادام دوپپا، تاشكەنت گىلەم دوپپا، مەنپۇ دوپپا، تۈگۈچ مەنپۇ دوپپا، ئۈنچە دوپپا، ئىلمەك گۈللۈك دوپپا، چىمەن دوپپا، تور باسقان دوپپا، مارجان دوپپا، سىدام دۇخاۋا دوپپا، شاپاق دوپپا قاتارلىق يۈز خىلدىن ئاشىدۇ. بۇ دوپپىلار نۇقۇل باش كىيىملا بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە بىر خىل گۈزەل سەنئەت بويۇمى ھېساپلىنىدۇ.
7 ~5 L) \9 z1 ~4 V
& B' Q! r- |* y4 Z% @ئۇيغۇر دوپپىلىرى ئىچىدە كەڭ ئومۇملاشقىنى بادام دوپپا بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىمىۋولى ھېساپلىنىدۇ. بادام دوپپىنىڭ تۈرلىرىمۇ بىر قانچە خىل بولۇپ، ھەممىسىگە تۆت دانە بادام شەكىللىك يېرىم ئاي نۇسخىسى ۋە جىيەكنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈلگەن گۈمبەز شەكىللىك گۈل نەقىش قىلىپ جۇلالىق ئاق مەشۈت بىلەن تىكىلگەن. بۇ گوياكى ئاي ئەتراپىدا جمىرلاپ تۇرغان سانسىز يۇلتۇزلارنى ئەسلىتىدۇ. گۈللۈك زەر باسقان دوپپىلار ئاياللارغا خاس بولۇپ، ئۇنىڭ نۇسخىلىرىمۇ كۆزنى چاقنىتىدۇ. قىزىل ۋە يېشىل دۇخاۋدىن تىكىلگەن سىدام دوپىلار كۆپرەك شىمالىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىغا ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ دوپپىلارنىڭ رەڭگى ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭ ھەققىدىكى ئەنئەنىۋى چۈشەنچىلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.* h6 Q% g) I. p# F
* R9 \% ]1 V+ G
# o* i: M) T, G5 h- g0 C- d- w) B
7 {2 P' N$ O+ g7 Oمەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى
4 H( i- y0 `7 _6 S) h. b: ^چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |