ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2044|ئىنكاس: 1

سېرىق بالىلار ئويۇنى−پۈتەك ۋە چاچتەڭگە سېلىشيانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
خەۋەر
بالىلار ئويۇنى−پۈتەك ۋە چاچتەڭگە سېلىش

' ^9 \  u# }& ?, k8 Q( _$ J 艾力的照片 (13).jpg
. e' O5 D: F- }# B- k) kخەلقىمىز قەدىمدىن مەدەنىيەت - سەنئەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، تېبابەتچىلىك، تېرىقچىلىق - باقمىچىلىق جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا بەلۋېغىدا ئاجايىپ گۈزەل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ياراتقان. خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيىتى پەسىل، ئورۇن - جاي ۋە ياشاش مۇھىتىغا قاراپ ھەر خىل تەرىزدە تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق گەۋدىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن. خەلقىمىز ياراتقان مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى ئەنە شۇ پەسىل ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. & d1 r# P3 Z7 }4 P# R3 S5 x
نورۇز ئايلىرى كىرىپ (مىلادى ھېسابىدا 3 - ئاي) ئىللىق ھاۋا تەپتىدە قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغانغان جاھان ئاستا - ئاستا ياشىرىشقا باشلىغاندىلا، تۇرمۇشىمىزدا بىر يىللىق ھاياتنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى ئىجادىي مېھنەتلىرى بارلىققا كېلىدۇ. جۈملىدىن يېزىلاردا بالىلار ئەمدىلا بىخلىغان سۆگەت تاللىرىنىڭ چاشقانقۇلاق بولۇشتىن ئىلگىرىكى نوتىلىرىدىن «پى - پى» ياساپ ئوينايدۇ. بۇنى كۇچا، توقسۇ، شاياردا پۈتەك دەپ ئاتىسا، بەزى جايلاردا «بوت - بوت» دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىردىن تارتىپ بىر غېرىچ، تۆت ئىلىك ھەم كالپۇك كەڭلىكى شەكلىدە ھەر خىل بولىدۇ ھەم توم - ئىنچىكە، ئۇزۇن - قىسقىلىقىغا قاراپ ئاۋازىمۇ بوم - زىل چىقىدۇ. پۈۋلەش ئارقىلىق نەيگە ئوخشاش تولىمۇ مۇڭلۇق سايرايدىغان بۇ ئويۇنچۇق بالىلارنىڭ قۇۋناق ئوينىشىدىكى ھەم ئىجادكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇشىدىكى ئوبدان سەھنە ھېسابلىنىدۇ. بۇ پەيتتە يەنە قىزلارمۇ تال نۇتىلىرىدىن تۆت تال، يەتتە تال، توققۇز تال ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۆرۈلگەن «چاچ» ياساپ، دوپپىلىرىنىڭ ئاستىغا ئاۋايلاپ باستۇرۇپ ئويناپ، باھار تەنتەنىسى قىلىشىدۇ. بۇ «چاچتەڭگە» ياكى «جالا سالدى» دەپ ئاتىلىدۇ. پۈتەك ئېتىپ ئويناپ تايچاقتەك قىيغىتىپ كوچىغا چىققان ئوغۇللارنىڭ قىيا - چىياسىغا ئەگىشىپ چاچتەڭگە (جالا) سېلىشى ماھىيەتتە شۇ يۇرت - مەھەللىنىڭ باھار مەزگىلىگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، باھارلىق ئىش - كۈشلەر، تېرىلغۇ باشلىنىدىغان پەيتتۇر. بۇ يەنە بىر جەھەتتىن بالىلارنىڭلا ئىشى (ئويۇنى) بولماستىن، يۇرت خەلقىنىڭ بېرىش - كېلىش، ئەپۇچانلىق، ئۆز ئارا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۆملۈك مەدەنىيىتىنىڭ باشلانمىسىدۇر. چۈنكى شۇ كۈنلەردىن باشلاپ يېڭى ئۆي سېلىش، بوز يەر ئېچىش، باغباران ئەھيا قىلىش، ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى تازىلاش، قىر - توسمىلارنى ياساش قاتارلىق ئېغىر، كۆپ كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىشلار يۇرت ئەھلىنىڭ ئۆملۈك - ھەمكارلىقىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
/ f4 r, a& d# k6 Cبالىلارنىڭ شۇنداق ئويۇنلىرىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلاپلا چوڭلار پوستى سويۇلغان چىۋىقتىن چويلا، قوشۇقلۇق، قاسقان، تۇۋاق، تەۋەڭ، سېۋەت، زەمبىل توقۇپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. بۇ ئىشلار بىلەن تەڭ ئېرىق - ئۆستەڭلەر رەتلىنىپ، بۇلاقنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، قىشتىن بۇيانقى توپا-چاڭ، ئەخلەت - چاۋالار بىر تەرەپ قىلىنىدۇ - دە، مەھەللە پاكىز تۈسكە كىرىدۇ. كەلكۈن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدى ئېلىنىشقا تەييارلىق كۆرۈلىدۇ ھەم دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا رەسمىي تۇتۇش قىلىنىدۇ.
, w" @1 Y/ H9 ?پۈتەك (پى - پى) ئويناش، جالا سېلىشنىڭ خاسىيىتى شۇ مەزگىلدە ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ، مامكاپ گۈللىرى يەردىن باش چىقىرىپ، بىدە كۆكلەشكە باشلىغاندا ئاندىن بۇ قىزغىنلىق بىر ئاز پەسكويغا چۈشىدۇ. ئالاھازەل 20 − 25 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ ئويۇن بىر جەھەتتىن بالىلارغا ئىجادچانلىق، تەبىئەتنى سۆيۈش، ئۆملۈك تۇيغۇسى بەرسە، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ۋۇجۇدىنى كۈچ - قۇۋۋەتكە تولدۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ئېڭىنى ئۇرغۇتىدۇ. # o) ~' r- i% \) ^/ w
ئومۇمەن، ئوغۇللاردىكى پۈتەك ئويناش بىلەن قىزلاردىكى چاچتەڭگە (جالا) سېلىش قەدىمدىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەتكە سېغىنىش، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاش ئېڭى ۋە روھىنى يېتىلدۈرگەن تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە پائالىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتىنى ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈش تولىمۇ مۇھىم.
) P1 x2 _! e# j$ e3 ]  |8 {5 |مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىدىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

7

يازما

154

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
9 سەر
تۆھپە
7 سەر
تىللا
123 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-7-27 07:51:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗