مائارىپ
مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى يول يۈرگەندە ئاۋۋال يۈرۈش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ
/ J4 r, R K# L) I0 h: O) p8 U! P! W8 Q
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-چېسلا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى چاقىرىلدى، يىغىندا «مەكتەپ ئاپتوموبىلى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھە)» قاراپ چىقىلدى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.
0 U( n. Z x; ^7 i
$ j+ I2 H- i6 s8 \, p «مەكتەپ ئاپتوموبىلى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھە)»دا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىي پىكرىگە ئاساسەن، مەكتەپ ئاپتوموبىلى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈپ تۈزۈمى بەلگىلەندى. بىرىنچى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە كىرىشى ياكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرگە كىرىشىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتناش خېيىم-خەتىرىنى ئازايتىش تەلەپ قىلىندى. ئىككىنچى، ھۆكۈمەت شۇنىڭدەك ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىلى بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئۈچىنچى، مەكتەپ ۋە مەكتەپ ئاپتوموبىلى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىلى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇليىتى بەلگىلەندى. تۆتىنچى، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش ئىجازىتى يولغا قويۇلدى. بەشىنچى، مەكتەپ ئاپتوموبىلىغا ئالدىن يۈرۈش ھوقۇقى بېرىلىپ، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ سائەتلىك ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى ۋە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئادەم سېلىشنى قاتتىق چەكلەشكە قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى. ئالتىنچى، قانۇنىي مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
. V, q: a4 _, Z5 A7 @( f, Y# U% A
" V" u0 j: @+ a2 R( o [' ]! X% xمەنبە:نۇر تورىدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |