ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 872 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 3350|ئىنكاس: 3

تور سودىسى ماس كىلىدىغان كىشىلەريانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

334

تېما

466

يازما

6541

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1965 سەر
تۆھپە
1367 سەر
تىللا
743 دانە
جەۋھەر
7 دانە
يانفۇن توردا دوكان ئېچىپ سودا قىلىش ھازىرقى مودا كەسىپ بولۇپ قالدى،نۆۋەتتە بۇ كەسىپ بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزگىمۇ سىڭىپ كىردى،لېكىن ھەممىلا كىشى بۇ كەسىپكە ماس كىلىۋەرمەيدۇ،قارا قۇيۇق بىردەملىك قىزىقىپلا بۇ يولغا كىرىپ قېلىپ ئاخىرىنى چىقارمايدىغانلار، جاپاكەش تور قۇرغۇچى قېرىنداشلىرىمىز مىڭ تەسلىكتە ھازىرلاپ بەرگەن چەكلىك بوشلۇقنى ئىسراپ قىلىشقا ھەسسە قوشىدۇ خالاس .... يېقىندا نۇرغۇن دوستلار ماڭا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ توردا دۇكان ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كىلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى سورىدى،ئەلۋەتتە يوقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ھەممىلا ئادەم توردا دۇكان ئېچىشقا ماس كەلمەيدۇ،بۇ كەسىپكە كىرىش ئۈچۈن ئاۋۋال بۇ كەسىپنى ياخشى چۈشۈنۈڭ ،ياخشى ئۆگىنىڭ..كېسىپ ئېيتىمەنكى توردا دۇكان ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەپ غەلىبە قازانغانلارنىڭ ھەممىسى ئاۋۋال ئۆزى شۇ توردا مال سېتىۋېلىپ ئاندىن ئۆزىدىكى ئەۋزەل شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن،شەخسەن ئۆزەممۇ شۇنداق. توردا دۇكان ئېچىپ سودا قىلىشنى بىرىنجى كەسىپ قىلىپ مۇقىم قىلىش كېرەكمۇ ياكى ئىككىنجى كەسىپ قىلىش كېرەكمۇ؟؟بۇنى ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىمىزغا قاراپ بېكىتسەك بولىدۇ. .
5 S: e) ~# V9 Q) D8 N[كارخانا باشقۇرغۇچىلىرى 5 A5 K7 c6 q6 G
ئوتتۇرىھال،كىچىك كارخانىلارغا نىسبەتەن،توردا دۇكان ئېچىپ ماللىرىنى توردا تەشۋىق قىلىپ سېتىش،ھازىرقى شارائىتتا كارخانا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر ئۇسول، ئىلگىرى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۆز ماللىرىنى چوڭ سودا سارايلىرىغا كىرگۈزمىگى ئاسمانغا چىقماقتىنمۇ تەس ئىدى،مانا ھازىر تور دۇكىنى ئۇلارغا كەڭرى بىر مەيدان ھازىرلاپ بىرىپ ،نامى چىقمىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشى ھەم تونىلىشى قىيىن بولمايدىغان بولدى،بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتى داڭلىق مەھسۇلاتلار بىلەن بىرگە ئوخشاش سودا ئۇچۇر ۋە مەيدانغا ئىگە بولدى ھەتتا ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان خەلقارا سودىغىمۇ يول ئېچىلماقتا....
$ L  l" q6 _. f, T$ F8 Rئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى:  - G" F. C' }- t# L, b7 E0 S
مېنىڭ بىر نەچچە خەنزۇچە سودا تور بەتلىرىدە نۇرغۇن ھەمكارلاشقۇچىلىرىم بار،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خېلى كۆپى ئالى مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرى،ئۇلار ئۆزلىرىدىكى يېڭى شەيئىلەرنى ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان،يېڭى ئۇقۇملارنى ئاسان چۈشىنەلەيدىغان،ياشلىق جاسارىتى ۋە قىزغىنلىقى ئەۋج ئېلىپ تۇرغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تور سودا كەسپىنىڭ ئۇچقانداق تەرەققىياتىغا زور تۇرتكە بولماقتا،ئىشىنىمەنكى ئۇيغۇر ئالى مەكتەپ ئوقۇغىچىلىرىدىكى بۇ خىل روھ تېخىمۇ كۈچلۈك،يەنە كىلىپ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شۇ خىل شارائىت ۋە ۋاقىتقا ئىگە،ئۇلارنىڭ كومپىيوتېر ۋە ئىنگىلىز تىلى ئاساسى ئالدىنقى دەۋىردىكىلەردىن مۇستەھكەم،ئۇلارنىڭ تور سودىسىنى ئىنتايىن تىز ئىگىلەپ كېتىشىدە مەسلە يوق يەنە كىلىپ تور سودىسىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىگى كۆپ مەبلەغ تەلەپ قىلمايدۇ. گەپ ئۇلارنىڭ قايسىسىنى تاللىشىدا.... * n) o& `+ d* e8 U( A
ئىگىلىك تىكلەش دەسلەپكى غېمىدە بولىۋاتقانلار :
' R3 W& k# U  i4 b% X9 _2 }7 b/ sئۆتكەن يىلى مۇشۇ چاغلاردا مەن شېنجېندا ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇر ياش بىلەن تونۇشۇپ قالدىم،شۇ ۋاقىتتا بىز بىللە تاماق يىگەچ خېلى ئۇزۇنغىچە قانداق ئىگىلىك تىكلەش ؟زادى نىمە قىلىش توغرىسىدا قىزغىن سوھبەتلەشتۇق،ئەلۋەتتە تور سودىسىنىڭ گېپى ئەڭ كۆپ بولدى ،كېيىن ئالاقىمىز ئۇنداق قۇيوق بولۇپ كېتەلمىدى،يېرىم يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر نەچچىسى ئۆزىدە بار بولغان ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ تور دۇكىنى ئېچىپ خېلى پايدا ئېلىپتۇ،تىلىفۇن قىلىپ سورىسام بەزىلىرىنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشىكەن بەزىلىرىنىڭ سودىسى ئادەتتىكىچە بولىۋېتىپتۇ،بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى مەيلى قانداقلا بولسۇن ئۇلار ئىگىلىك تىكلەشتە مۇشۇ يولنى تاللىدى،ھەم شۇ نۇقتا ئىسپاتلاندىكى تور سودىسىدا سېلىنىدىغان مەبلەغ كۆپ بولمىغاچقا خەتىرىمۇ يىنىك بولىدۇ،مەنچە ئىگىلىك تىكلەشتە بىراقلا دەستە دەستە پۇلنى كۆتىرىۋېلىپ قىسقا ۋاقىتتىلا نەچچە ھەسسە پۇل تاپىمەن دىگەن نادانلىق،،قاراپ بېقىڭ ئىنتايىن ئاز مەبلەغ بىلەن باشلىغان تور سودىڭىز ھەر بىر زاكاسنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئازراق بولسىمۇ پايدا ئالغان چېغىڭىزدا يۈرىكىڭىز شۇنداق ھاياجانلىق سوقىدىكى....بۇ ھېچقانداق ھېسياتقا ئوخشىمايدۇ ،بۇ غەلىبە خوشاللىغى مەيلى ئاز بولسۇن بۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە مەنسۈپ!! ئىگىلىگىڭىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىدىن كەلگەن ئىپتىخارلىق ھېسياتى!!!! ئاندىن كېيىنكى ئىشلار سىزنىڭ سەمىمىلىكىڭىز،مەسئولىيەتچانلىقىڭىز،،،ھەمدە سىز تاللىغان تاۋارنىڭ تور سودىسىغا ماس كىلىشى ،ھەمدە سىزدىكى باھا ئارتۇقچىلىقىڭىزغا باغلىق!!ئەلۋەتتە تەلىيىڭىزغىمۇ ئازراق باغلىق..ھا ھا (چاقچاق)
. w9 y- r# E6 F7 V- E/ k4 ^تۇراقلىق ئەۋزەل مال مەنبەسىگە ئىگە كىچىك تىجارەتچىلەر سىزدە باشقىلاردىن ئەۋزەل مال ياكى ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتى بار ئەمما كۆپ ئادەم بىلمەيدۇ،،،بۇ ھالدا سىز تور دۇكىنى ئېچىڭ ،،ھەمدە مالىڭىزنىڭ ئالاھىدىلىگى ئارتۇقچىلىقىنى راسچىللىق بىلەن توردا تەشۋىق قىلىڭ ھەمدە مۇۋاپىق باھا قويۇڭ،،،بۇ چاغدا سىزدىن بىرەرسىنىڭ مېلىڭىزنى سورىمايدىغىنىغا ئىشەنمەيمەن،تور سودىسىدىكى مۇھىم بىر ئامىل مال مەنبەسى ،ياخشى بىر مال مەنبەسى سىزنىڭ غەلىبە قىلىشىڭىز ياكى مەغلۇب بولىشىڭىزنى بەلگۈلەيدۇ،ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن باشقا ئۆزىڭىزنىڭ سودىغا ئۇستا بولۇش بولماسلىقىڭىزمۇ مەلۇم رول ئوينايدۇ. 9 W: n( ]" S; @& x1 z
كۈندە كۆپ قىسىم ۋاقتى تۇردا ئۆتىدىغان كىشىلەر توردا سودا قىلىش سىزنىڭ 24سائەت توردا بولىشىڭىزنى تەلەپ قىلمايدۇ،ئەمما كۈندە ئاز دىگەندە 1سائەت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ تور دۇكىنىڭىزنى رەتلەپ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىپ قويىشىڭىز لازىم، ناۋادا سىز بىر پۈتۈن كۈن توردا يۈرىدىغان تور قۇرىتى بولسىڭىز ،ئىشىنىڭكى بۇمۇ سىزنىڭ بىر كۈچلۈك تەرىپىڭىز،چۇنكى نورمال خېرىدار بىر مالنى ياخشى كۆرگەندە ئاۋۋال ئۇنى ئەستايىدىل سۇرۇشتۇرىدۇ،بۇ چاغدا ئەلۋەتتە توردا بار بولغان سىزگە بېرىلىدىغان پۇرسەت باشقىلاردىن كۆپ بولىدۇ دە،،،يەنە بىر جەھەتتىن ئېيىتقاندا تور سودىسىدا نوقۇل خېرىدار كۈتۈپلا ئولتۇرماي يەنە خېرىدار،ئىھتىياج ئۇچۇرى دىگەندەك ئۇچۇرلارنى ئىزلەپ تۇرۇش لازىم،،بۇ چاغدا سىز ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭالايسىز...ھەممىدىن ياخشى سودا ئۇسۇللىرىنى خىلمۇ خىل سودىدا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلارنى ئۆگىنەلەيسىز بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن كەسىپتىكى قېرىنداشلارمۇ يوقىرىدىكى بىر نەچچە ھالقىلىق مەسلىلەرگە دىققەت قىلسىلا تور سودىسى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش تامامەن مۇمكىن.) R7 j  e& W6 \1 B+ h
رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

334

تېما

466

يازما

6541

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1965 سەر
تۆھپە
1367 سەر
تىللا
743 دانە
جەۋھەر
7 دانە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-2-23 09:14:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار دەپ بېقىڭلارچۇ ماڭىمۇ ماس كىلەمۇ بۇ تور سودىسى ...................

658

تېما

1153

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9194 سەر
تۆھپە
2738 سەر
تىللا
6072 دانە
جەۋھەر
17 دانە
ۋاقتى: 2012-2-24 09:46:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بىر تور دۇكىنى ئاچاي دەيمەن ،قانداق ماللارنى سالسام بۇلاكىن .
ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر

2

تېما

19

يازما

249

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
54 سەر
تۆھپە
28 سەر
تىللا
94 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2012-3-27 02:59:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەننىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى  سېلىڭ
تەۋپىق ئىسلام تورى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗