مائارىپ
8 h8 C! u' t, x
* z* m1 M* I: y) w. Zشائىر،يازغۇچى،ئەدەبىي تەرجىمان مۇھەممەد چاۋارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
) r$ ?; k! I9 x- p
# f g) r8 X; x2 i' \1 ^* ?4 n% K. f' k6 J
D/ x# g5 J7 B- E, f) W1 aشائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، جامائەت ئەربابى مۇھەممەد چاۋار 1949-يىلى "يىپەك ئىلى" دەپ تۇنۇلغان خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1967-يىلى قەشقەر يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن چارۋىچىلىق باشقارمىسى، مەدەنىيەت باشقارمىسى (ھازىر باشقارما دېگەن گەپ ئەمەلدىن قېلىپ ئىدارە دېيىلىدۇ) دا باشقارما (ئىدارە) باشلىقى، مەمۇرىي مەھكىمىدە باش كاتىپ بولغان. ھازىر پىنسىيىدە.
# L9 _& u( U* u6 u- {4 l9 p/ V6 Q0 Fمۇھەممەد چاۋار 1973-يىلى "ئورما قوشىقى" ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە كىرگەن. ھازىرغىچە نەچچە يۈزلىگەن نەزمىي ۋە نەسرىي ئەسەرلىرى، ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە دائىر ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن،بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىللار بۇرۇن يېزىلغان : مەشئۇملۇق" ناملىق پوۋېستى قولدىن - قولغا، خاتىرىدىن-خاتىرىگە كۆچۈرۈلۈپ، خەلق ئىچىگە كەڭ تارقالغان (بۇ پوۋېسىت يېزىلىپ ئارىدىن 30 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەندە ئاندىن ئېلان قىلىنغان. ئېنىق ۋاقتى ئېسىمدە قالماپتۇ. ئىشقىلىپ "تارىم" ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى سانلىرىدا بار).
# I" i" g2 m! gمۇھەممەد چاۋار شېئىرلىرىنىڭ تىلى ئاممىباپ، خەلق تىلىغا ناھايىتى يېقىن. ئۇنىڭ نەسرىي ئەسەرلىرىمۇ قۇيۇق شېئىرىي پۇراققا ئىگە، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە.
$ {2 C0 S3 P8 q0 [( iمۇھەممەد چاۋار پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن زور ئىشتىياق بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ نۇرغۇن ئېسىل لىرىكىلارنى ۋە بىر قىسىم نەسرىي ئەسەر ھەم ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە دائىر ماقالىلارنى يازدى. مۇھەممەد چاۋار تۇنۇلغان ئەدىپ بولۇپلا قالماي يەنە پىشقان ئەدەبىي تەرجىمان. ئۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىر قىسىم ماقالىلارنى ۋە شېئىرلارنى تەرجىمە قىلدى ھەم ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتى.
: Z& p& f( A& e3 {# K# j$ Bمۇھەممەد چاۋارنىڭ "يېشىل مۇھەببەت" (1986-يىل)، "شاھسەنەمنىڭ ئاشىقى" (2003-يىل) ناملىق شېئىر ۋە نەسرىي ئەسەرلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |