خەۋەرتەزكىرەشۇناس مۇھەممەتئىمىن قۇربان
, |" S2 Y2 s+ A. L
6 x! t" }' b* ^" b9 |' Z
- r+ V' ]! l) p& \
توختىمۇھەممەت تۇراجان ; w. _: U ^3 ^) z s# v% i& G6 H
ئېسىل شېئىرلارنى،قىزىقارلىق دراما-كومىدىيلەرنى ۋە بىر-بىرىدىن قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا ئەدەبىياتنىڭ شېئىر،ھېكايە،دراما قاتارلىق ھەرخىل ژانىرلاردا ئىسىل ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ خەلقىمىزگە مەنىۋىي ئۇزۇق بېرىش ئۈچۈن تىنىمسىز ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان تۆھپىكار ئەدىبلىرىمىزگە تەشەككۈر ئېيتماي تۇرالمايمىز.
' [/ N. b# r+ A+ v) G+ G7 _+ tنام شۆھرىتى ئېلىمىزگە ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇنۇلغان نۇرغۇن شائىر-يازغۇچى،ئەدىبلەرنى يىتىشتۈرگەن دىيارىمىزدا نۇرغۇن ئىسىل ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپلا قالماي،خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى توپلاش،رەتلەش،نەشر قىلىش،يەر ناملىرى ۋە مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ تەزكىرىلىرىنى تۈزۈشتەك ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلەرنى قىلىپ كېلىۋاتقان مول ھۇسۇللۇق،كۆپ قىرلىق بىر ئەدىبىمىز بار،ئۇ بولسىمۇ ئاتاقلىق دراماتۇرگ،پىشقەدەم شائىر،يازغۇچى ۋە تەزكىرەشۇناس مۇھەممەتئىمىن قۇربان.
( d$ n' s$ p& q6 i% f$ Y7 s' T, ]! ~' J9 s6 A
قاراقاش ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ پىنسىيۇنىرى مۇھەممەتئىمىن قۇربان 50نەچچە يىللىق(يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق) ئىجادىيەت ھاياتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تۈرلۈك ژانىرلىرىدا تىنىمسىز قەلەم تەۋرىتىپ،ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە يۇمۇرىستىك خاراكتىر يارىتىپ،بەدىئىيلىكى،ئىستېتىك قىممىتى يۇقىرى،تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭ،ئىلھاملاندۇرۇش كۈچى زور بولغان نۇرغۇن ئىسىل ئەسەرلەرنى خەلقىمىزگە تەقدىم قىلدى.شۇڭا ئۇنىڭ ھاياتىنى خەلقنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىغا،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن بېغىشلانغان ئەھمىيەتلىك ھايات دېيىشكە بولىدۇ.5 J; p& ]4 S% T2 ]
شائىر،يازغۇچى،دراماتۇرگ،تەزكىرەشۇناس مۇھەممەدئىمىن قۇربان 1942-يىلى6-ئاينىڭ25-كۈنى قاراقاش ناھىيە قاراقاش بازىرىغا قاراشلىق تانايبېشى مەھەللىسىدە ناۋاي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1950-يىلىدىن1954-يىلىغىچە قاراقاش مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە،1954-يىلىدىن1957-يىلىغىچە خوتەن دارىلمۇئەللىمىندە،1957-يىلىدىن1960-يىلىغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىدا ئوقۇغان.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1963-يىلى3-ئايغىچە قۇمۇل ۋىلايەتلىك1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ۋە قاراقاش ناھىيىسىدىكى قاراساي يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.شۇنىڭدىن كېيىن قاراقاش ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتى ۋە قاراقاش ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئەدەبىي ئىجادىيەتچى ۋە مەسئۇل خادىم بولۇپ 2003-يىلى7-ئايدا پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئىشلەپ ناھىيە بويىچە ئالتە قىتىم،ۋىلايەت بۇيىچە ئۈچ قىتىم،ئاپتونوم رايۇن بۇيىچە ئىككى قىتىم،مەملىكەت بۇيىچە ئىككى قىتىم ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ مۇكاپاتلانغان.- T& ^$ h' C1 V" k
ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا ئەدەبىياتقا قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ ئابدۇللا توقاي،ئۇيغۇن،خەمىت ئالىمجان،غاپۇر غۇلام،شېكىسپىر،زۇنۇن قادىرى،شۈكۈر يالقىن قاتارلىق شائىر،يازغۇچى،دراماتۇرگلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن.2 I+ d- g; o' J) J" [
بۇلۇپمۇ‹‹سىن چىراغ››ناملىق شېئىرىنىڭ ئۇ سابىق شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا،يەنى 1959-يىلى5-ئاينىڭ17-كۈنى‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دە ئېلان قىلىنىشى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى قوزغىغان ۋە ئىجادىيەت ئىجادىيەتكە قەدەم قويۇشىغا زور ئىلھام بولغان.
5 F: r' o% t& i) aشۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر‹‹تارىم››،‹‹شىنجاڭ گېزىتى››،‹‹شىنجاڭ سەنئىتى››،‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى››،‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››،‹‹خوتەن گېزىتى››،‹‹يېڭى قاشتېشى›› قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا 1000پارچىدىن كۆپرەك شېئىرى،50پارچىدىن كۆپرەك ھېكايىسى،ئەدەبىي ئاخباراتى،35پارچە سەھنە ئەسىرى،بىر پارچە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە بىر قانچە پارچە ئىلمىي،نەزەرىيە ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ،خەلقىمىزنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.& O' j* [& Q l0 L. P) C
ئۇنىڭ ئەسەرلىرى سانى جەھەتتىن كۆپ بولۇپلا قالماي،ئەسەرلىرى قۇرۇلمىسىنىڭ پۇختىلىقى،يۇمۇرىستىك پۇرىقىنىڭ قۇيۇقلىقى،تىلىنىڭ راۋانلىقى،بىر-بىرىدىن ئىسىللىكى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. 1990-يىللاردا نەشر قىلىنغان‹‹ۋەتەن مېھرى››،‹‹بوغدا قەسىدىسى››قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا80پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى كىرگۈزۈلدى.+ q/ @+ K$ X! R
' d! C, Q9 C9 E+ z
1990-يىلى9-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشرقىلغان‹‹دادامغا يېزىلغان خەتلەر››دېگەن ھېكايە پوۋسېتلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن‹‹ئىككى پىخسىقنىڭ قۇدا بولۇشى››،‹‹چالمىسى سۇغا چۈشتى››،‹‹ئۆتمەس ماتا››،‹‹ئوغرى كىم››،‹‹ماقۇل،ئانا››،‹‹مەن نېمە قىلىپ بېرىمەن››،‹‹ئەپۇ سوراش››...قاتارلىق توققۇز پارچە ھېكايىسى جەمئىيەتتەك زور داغدۇغا قوزغىدى.20پارچىدىن كۆپرەك ئەسىرى ۋىلايەت بۇيىچە ۋە ئاپتونوم رايۇن بويىچە 1-،2-،3-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى جەنۇبى شىنجاڭدىكى سەنئەت ئۆمەكلەر تەرىپىدىن 1000مەيداندىن ئارتۇق ئوينىلىپ،كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەچكە،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1993-يىلى ئۇنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىدىن‹‹ئوسمان نازۇك››دېگەن كۈلدۈرگىلەر توپلىمىنى نەشر قىلدى.
+ H( v5 G% ~# w* r- h# c
7 ?* z! g( {: W$ k" }& [! R+ i6 X$ Eبېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1997-يىلى نەشر قىلغان‹‹ئۇيغۇر كۈلدۈرگىلىرى››،قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان‹‹قېرى ئاشىق-مەشۇقلار››دېگەن كىتابلاردىكى سەھنە ئەسەرلىرى ئىچىدىمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
) u5 N# W v, H- u" F
7 d, D+ T. c$ [9 }1 x' Tئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى قېزىش،رەتلەش،نەشر قىلدۇرۇش ناھايتى جاپالىق ئىلمىي ئەمگەك.مۇھەممەتئىمىن قۇرباننىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىسىمۇ گەۋدىلىك.4 W. x! A" o* Q
خوتەن ۋىلايەتلىك قەدىمىي ئەسەرلەر ئىشخانىسى ئۇ توپلاپ رەتلىگەن‹‹جامىئۇل ھېكايەت››(چۆچەكلەر جەملەنمىسى)دېگەن كىتابنى1990-يىلى نەشر قىلدۇردى.
9 Q0 Y2 v; d Bئۇنىڭدىن باشقا ئۇ‹‹قاراقاش خەلق چۆچەكلىرى››،‹‹قاراقاش خەلق قوشاقلىرى››،‹‹قاراقاش خەلق داستانلىرى››،‹‹قاراقاش خەلق ماقال-تەمسىللىرى››قاتارلىق تۆت توپلامنى توپلاش،تۈزۈش،نەشر قىلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى دادىللىق بىلەن ئۆز زىممىسىگە ئالدى ۋە باشقىلارغا يىتەكچىلىك قىلىپ بۇ كىتابلارنىڭ 1990-يىلى ئۇڭۇشلۇق نەشر قىلىنىشىغا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى،ئۇنىڭدىن باشقا‹‹تارىم›،‹‹شىنجاڭ گېزىتى››،‹‹خوتەن گېزىتى››،‹‹مىراس››،‹‹بۇلاق››قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا30پارچىدىن ئارتۇق چۆچەك،رىۋايەت،300كۇپلىتتىن ئارتۇق قۇشاق ئېلان قىلدى.
7 F3 J1 E2 S7 M8 o( ]
Y/ Y2 j5 o/ T5 M2 rتەزكىرىچىلىك مۇھەممەد ئىمىن قۇرباننىڭ ئەڭ گەۋدىلىك تۆھپىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،يەتتە يىللىق جاپا-مۇشەققەت ۋە قان-تەرىنىڭ مەھسۇلى بولغان‹‹قاراقاشنى چۈشىنەيلى››دېگەن كىتابنى ئوقۇغان كىشى ئاپتورنىڭ ئەجرىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايدۇ.( J; D; w; {/ T5 R9 k( d, m
8 _7 m7 r' R3 d
بۇ كىتابنى يېزىش ئۈچۈن ئۇ قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ئەڭ يىراق ئۇلۇغئاتا،بوستانتوغراق قاتارلىق تاغلىق كەنتىلىرىدىن،كاۋاك يېزىسىنىڭ تۇزلۇقئوتاغ قاتارلىق تەكلىماكان قۇملۇقىغا جايلاشقان ئەڭ يىراق يۇرت-مەھەللىلەرگىچە قەھرىتان سۇغۇق،پىژغىرىم ئىسسىققا،ھېرىپ-چارچىغىنىغا،ئاچلىق-ئۇسسۇزلۇققا قارىماي ماتېرىيال توپلىدى ۋە ئۈرۈمچى،غۇلجا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ كۆپ رىيازەت چېكىش بەدىلىگە بۇ تەۋەررۈك كىتابنى رۇياپقا چىقاردى.
- f, k( a3 z& U) Aئۇنىڭدىن باشقا ئۇ‹‹قاراقاش مەدەنىيەت تەزكىرىسى››،‹‹قاراقاش تەنتەنىسى››(گۈلدەستە)(2قىسىم)قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈشكە،‹‹قاراقاش تارىخ ماتىرىياللىرى››(1-،2-قىسمى)نى تەھرىرلەشكە قاتناشتى.- n: A# u( r" ^2 m# @
5 m" w5 f, d2 c+ \
خەلق ئۆز ئوغلىنىڭ تۆھپىلىرىنى قەدىرلەيدۇ.2003-يىلى4-ئاينىڭ26-كۈنى مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى يالقۇن قادىر،ۋىلايەتكە قاراشلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار ۋە قاراقاش ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى،شۇنداقلا ۋىلايەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن شائىر-يازغۇچى،ئوبزورچىلاردىن بولۇپ100دىن كۆپرەك كىشى مۇھەممەتئىمىن قۇربان ئىجادىيىتىنىڭ40يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان‹‹مۇھەممەتئىمىن قۇربان ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى›› غا ئىشتىراك قىلىپ،ئۇنىڭ شانلىق نەتىجىلىرى،تۆھپىلىرىنى قۇتلۇقلاپ،ئېسىل پەزىلىتىنى مەدھىيلەشتى ۋە ئۇنىڭغا تون كېيگۈزدى،كىتاب،گۈلدەستە،لوڭقا،جاھازا،ھۆسىنخەت،دوپپا تەقدىم قىلىپ ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.- h" ~/ t+ \' P% L' y
شائىر،يازغۇچى،دراماتۇرگ،فولكلورشۇناس،تەزكىرەشۇناس مۇھەممەتئىمىن قۇربان ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ،جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ،خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ،شىنجاڭ تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ،شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ،خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى.جۇڭگو خەلق سىياسسى مەسلىھەت كېڭىشى قاراقاش ناھىيىلىك كومىتىتىىنىڭ دائىمىي ئەزاسى.
6 o6 u) X7 g7 i8 yئۇ گەرچە پىنسىيىگە چىققان بولسىمۇ قەلىمىنى توختىتىپ قويغىنى يوق.ئۇ ھازىر ‹‹قاراقاشنى چۈشىنەيلى››دېگەن كىتابنىڭ 2-قىسمىنى،‹‹قاراقاشتا ئۆتكەن تۆھپىكار شەخىسلەر››دېگەن كىتابنى داۋاملىق يازماقتا.
' K$ ^; T. K& l0 R- O5 s- {) Mئۇ گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ 2009-يىلى5-ئايدىن باشلاپ كومپىيۇتېر ئۆگىنىپ ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانماقتا.
4 T0 p2 Y- \; ], |1 u8 \! `
" _: O! P0 _, Y/ Y
مەن ئۇنىڭ تېنىنىڭ سالامەت،ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بۇلۇشىنى،قاراقاش تەزكىرىچىلىكىنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
" `. S3 g% g$ ]0 Q3 N9 U+ y0 `) nئاپتور:قاراقاش ناھىيە زاۋايېزا2-ئوتتۇرا مەكتەپتە
7 v& h/ \& ?/ z' ^2 w' v! j8 }# yمەنبە:ئۆز قەلىمىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |