ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1565|ئىنكاس: 1

ناخشا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

335

تېما

467

يازما

6561

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1971 سەر
تۆھپە
1372 سەر
تىللا
745 دانە
جەۋھەر
7 دانە
مائارىپ
مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
( K& Y6 K9 o) ^5 [; X
images.jpg
! H6 W5 F# l# p; `' J9 T0 j1 V       
8 y. Y. \! l2 ~0 cيازغۇچى ۋە ژۇرنالىست مەمتىمىن ھوشۇر 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1951-يىلدىن 1956-يىلغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى «مۇراد» مەكتەپتە، 1956-يىلدىن 1962-يىلغىچە غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، 1962-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1967-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل مەمۇرىي ئورگانلاردا كادىر، 1979-يىلدىن تارتىپ «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. مەمتىمىن ھوشۇر ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1965-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئالما» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بولۇپمۇ 70-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ پروزا ساھەسىگە يېڭىچە بىر خىل ھاياتىي كۈچ بىلەن كىرىپ، ھازىرغىچە «ناخشا»، «بۇ، چۈش ئەمەس»، «مۇساپىرلار قاۋىقىدا»، «ئايخان»، «ساراڭ»، «بۇرۇت ماجراسى»، «قىرلىق ئىستاكان»، «ئالتۇن چىشلىق ئىت» قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايىلارنى؛ «نۇزۇگۇم>، «ساۋاقداشلار»، «سالام، ھېسام ئاكا»، «خاسىيەتلىك قار» قاتارلىق بىر قىسىم پوۋېستلارنى يېزىپ، ئەدەبىيات ساھەسىدە ۋە كىتابخانلار ئارىسىدا ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئالاھىدە ئۈستۈن بولۇپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھېكايىچىلىقىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سيۇژىتى قىزىقارلىق، قۇرۇلمىسى تەبىئىي ھەم يېڭىچە، تىلى راۋان. كۈلكە-ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەبىئىي ھەمراھى، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.
' i4 p4 s: F- R5 F/ K; M& N3 xمەمتىمىن ھوشۇر پروزا ئىجادىيىتى باشقا، ئەدەبىي ئوبزور، ئەدەبىي ئاخبارات ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «ئىلى ئۇيغۇر تىياتىرلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «ئاجايىپ تۇرمۇش، غەلىتە مەنتىقە»، «10 يىللىق ھېكايە ئىجادىيىتىمىز» قاتارلىق ماقلىلەرنى، «ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس» قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتلارنى، «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» ناملىق بىئوگرافىك قىسسىسىنى يازغان، «ئىھ، 15 ياشلىق خالىدەم» قاتارلىق بىر قىسىم ھېكايىلارنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان.مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھاىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن «نەي ئاۋازى» (1982-يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «كونا-يېڭى ئىشلار» (ئېزىز ساۋۇت بىلەن بىللە، 1986-يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلاملىرى، «سالام، ھېسام ئاكا» (1990-يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، «بۇ، چۈش ئەمەس» (1991-يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» (1991-يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق بىئوگرافىك قىسسىسى، «ئۆلۈككە يېزىلغان خەت» (1993-يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، «قۇم باسقان شەھەر» (1996-يىل، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار. مەمتىمىن ھوشۇر ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

1

تېما

13

يازما

294

جۇغلانما

ئۈمۈدلۈك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
67 سەر
تۆھپە
55 سەر
تىللا
93 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-18 12:09:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى ماتىريالكەن، مەنمۇ كۈرۈپ باقاي قېنى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗