يانفۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئىزدە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-28 09:04
$ w; ]7 @; P! I
/ S3 n7 }2 J4 ?' sئوتتۇرىدىكى كىشى ئەركىن ئابدۇۋايىت ئۇكىمىز بولىدۇ.
0 H6 U" j7 ~! t% ]8 \
' Z- I0 w: ^: @' L4 i7 p; h! t
ئىنىمىز ئەركىن ئابدۇۋايىت 1972-يىلى ئاقسۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1990-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ، ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىدە 2 يىل خەنزۇ تىلى ئۆگەندى. 1992-يىلى ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېخنىكىلىق فىزىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، يادرو فىزىكا كەسپىدە تولۇق كۇرسنى ئوقۇدى. 1989-يىلى تيەنئەنمېن ۋەقەسى تۈپەيلىدىن ئۇ بىر يىل ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۇنىڭ ئوقۇشى بىر يىل ئۇزىراپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تولۇق كۇرسنى 1997-يىلى يازدا پۈتتۈردى.
$ x- |3 n% r: u" u3 S6 c
) _5 F" V* v3 }' m/ g0 S8 h( {) V, Cئەركىن باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن جەمئىي 7 يىل سەرپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە ۋاز كېچىپ، 1997-يىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى (中国科学院新疆理化技术研讨所) غا خىزمەتكە كىردى. ئۇ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، 1999-يىلى شىنجاڭ فىزىكا تەتقىقات ئورنى (新疆物理研讨所) نىڭ ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىندى، ھەمدە بۇ ماگىستىرلىق ئوقۇشىنى مىكرو-ئېلېكتىرونىكا كەسپى بويىچە 2002-يىلى تاماملاپ، ئاشۇ ئورۇندا بىر تەتقىقاتچى بولۇپ، 2005-يىلىغىچە ئىشلىدى. مۇشۇ جەرياندا ئەركىن جۇڭگودىكى داڭلىق ئىلمىي-تەتقىقات ژۇرناللىرىدا جەمئىي 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى.
% i& H& P6 q1 R1 @: r' A9 S) R
, L3 j( c% @" X% _+ {, ~4 Y
- S0 q5 ]# M4 v7 o2 F* e
ئەركىن ئابدۇۋايىت ئىشلىگەن تەجرىبىخانىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى. ئىنىمىز ئەركىن ئۆزى ئىشلىگەن تەجرىبىخانىدا يېرىم ئۆتكەزگۈچنى ئىنگلىزچە « Metal-organik chemical vapor deposition » دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۇسۇل بىلەن ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇسۇلدا ئىشلىتىلىدىغان بەزى ماتېرىياللار زەھەرلىك. شۇڭا ئۇلار يېرىم ئۆتكۈزگۈچنى ئۆستۈرگەن چوڭ ساندۇق شەكلىرىدىكى قۇرۇلمىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىنى تازىلايدىغاندا، ئۆزلىرىگە مۇشۇ رەسىمدىكىدەك ماسكا تاقىۋالمىسا بولمايدۇ. بۇ رەسىمدىكى ئوڭدىن 1-كىشى ئىنىمىز ئەركىن بولۇپ، ئۇ قالغان 2 ئوقۇغۇچىغا مەزكۇر قۇرۇلمىنى تازىلاشنى ئۆگىتىپ قويۇش ئالدىدا تۇرماقتا.
9 i% u! |5 ~ d' P' E6 I# f" O+ I n. Z% n7 s3 W2 O9 [
2005-يىلى 4-ئايدا، ئەركىن فىنلاندىيەدىكى خېلسىنكى تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (Helsinki University of Technology) نىڭ فوتو-ئېلېكتىرونىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى. بۇ كەسىپ بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىش ئۈچۈن نورمال ئەھۋالدا بىر ئوقۇغۇچى 5 يىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق ئوقۇشقا توغرا كېلەتتى. ئەمما ئەركىن ئىنتايىن قاتتىق تىرىشىپ، دوكتورلۇق ئوقۇشىنى ئۈچ يېرىم يىلدىلا تاماملىدى. ئاشۇ ئوقۇش جەريانىدا خەلقئارادا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان «قوللىنىشچان فىزىكا قىسقا ماقالىلىرى» (Applied Physics Letters)، «نانو تېخنولوگىيەسى» (Nanotechnology)، «كىرىستال ئۆستۈرۈش ژۇرنىلى» (Journal of Crystal Growth) قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرىدا جەمئىي 8 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئەركىن ئۆزىنىڭ مەكتىپىدە تاكى 2014-يىلىغىچە «دوكتور-ئاشتى» (post-doc) بولۇپ ئىشلىدى (بۇ مەكتەپنىڭ ئىسمى كېيىن «ئالىتو ئۇنىۋېرسىتېتى» (Aalto University) غا ئۆزگەرتىلدى). ئەركىن 2009-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا فىنلاندىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئورۇنلار مەبلەغ ئاجرىتىپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىككى چوڭ پروجېكتكە ئاساسلىق تەتقىقاتچى سالاھىيىتى بىلەن قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەركىن يەنە ئىككى باكلاۋۇرلۇق ۋە بىر ماگىستىرلىق ئوقۇغۇچىسىغا تەتقىقات يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولدى. شۇنداقلا 2008-يىلىدىن باشلاپ فاكۇلتېتنىڭ تەجرىبە دەرسلىرىنى ئۆتتى. فىنلاندىيەدە ئوقۇش ۋە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، ئەركىن ھەر خىل ئىلمىي تەتقىقات ژۇرناللىرى ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي دوكلات يىغىنلىرىدا جەمئىي 20 پارچىغا يېقىن ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلدى. ) |! }% z: e/ Z* B3 g: w8 F
# h) f! f0 W. Z+ ], a% K1 b
2014-يىلى، ئەركىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ قارمىقىدىكى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى (中国科学院新疆理化技术研讨所) غا بىر پىروفېسسور ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقاتچىسى (创新研讨员) بولۇپ خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇ 2015-يىلى يانۋاردىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە خىزمەتكە چۈشتى. ئۇ ھازىر زامانىۋى ئوپتىكا زاپچاسلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللارنىڭ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
; W3 \8 @# C7 }- `% E3 F' Y7 D, n& H. a7 N! J
دوكتور ئەركىن ئابدۇۋايىتنىڭ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى تور ئۇلىنىشتىن ھەقسىز چۈشۈرۈۋالغىلى بولىدۇ:
: `7 H$ I7 Z/ M! Q5 y* J# X/ p<http://lib.tkk.fi/Diss/2008/isbn9789512296156/>
' w' R9 B% |( W0 c, v N' u
% ^# c0 p6 I" }ئىنىمىز ئەركىن يېشىنىڭ كىچىك بولۇشىغا قارىماي، ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدە كىشىنى تەسىرلەندۈرگۈدەك ۋە قايىل قىلغۇدەك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شان-شەرەپ ياراتتى. ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىلمىي-تەتقىقات ئىشلىرىنىڭمۇ بۇرۇنقىدەكلا ھوسۇللۇق بولۇشىغا ئىشىنىمەن، ھەمدە شۇنىڭغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.0 U1 c/ b! g7 ~4 U7 u- ~4 W
: I- O* ^: k) Y0 u: A& q" }, M
6 j1 c* K2 v. J1 `2 eدوكتور ئەركىن ئابدۇۋايىت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ+ {! J3 L1 q* m# e9 e0 z+ G
- k/ K* {% H) x# Z m W% {" p
ئىنىمىز ئەركىن ھازىر يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىدەك:
% m! p0 N# h# Q$ ?% ?4 H" l# ?8 `. R1 R1 f8 D
(1) ھازىردىن باشلاپ ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇغۇچىلىرى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچلار جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا-خىمىيە تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى (中国科学院新疆理化技术研讨所) دا ئوقۇيدۇ. بۇ ئوقۇشنىڭ ئورنى ئۈرۈمچىدە بولۇپ، ئىنىمىز ئەركىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرى بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسىتېتى (中国科学院大学 <http://www.gucas.ac.cn/>) دە بىر يىل نەزەرىيە دەرسلىرىنى ئالىدۇ. . j0 ?* A) B1 P7 I p
% _) p0 h" j+ L) m) K9 r
مەسىلەن، ئەگەر سىز 2015-يىللىق ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنسىڭىز، 2015-يىلى 9-ئايدا بېيجىڭغا بېرىپ، 2016-يىلى 6-ئايغىچە شۇ يەردە ئوقۇيسىز. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، تەجرىبە بىلەن شۇغۇللىنىسىز.
1 W I [% q: v$ V& o8 u3 o ~, N4 S& v4 C+ A! B, |1 q
(2) دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار بېيجىڭغا بارمايدۇ.
" x$ F+ q# d& S3 b- c& C% I0 ~0 |8 w; R* l$ g7 A* v
(3) ئەركىن ئۇكىمىز جۇڭگودىكى باشقا بىر قانچە شەھەرلەرگە جايلاشقان تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارمۇ بەزىدە ئاشۇ شەھەرلەرگە بېرىپ، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1 F: F2 j* k! q# t2 y' p6 @
1 e& h4 s2 y* r1 v
(4) ئەركىن ئۇكىمىز بەزى تەجرىبىلەرنى فىنلاندىيەدە ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، ئەگەر بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشسا، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغىمۇ فىنلاندىيەگە بېرىپ، قىسقا مۇددەت تەجرىبە ئېلىپ بېرىش پۇرسىتى تۇغۇلۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئىشنى ھازىرچە «يۈزدە-يۈز شۇنداق بولىدۇ»، دېگىلى بولمايدۇ.
& D, S2 Z% F5 h4 q6 v% [+ U4 U4 E" M' Z
ئىنىمىز ئەركىن بۇ ئورۇنغا يېڭىدىن كىرگەن بولۇپ، 2015-يىلدىن باشلاپ مەزكۇر ئورۇندا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار 2014-يىلىلا بېكىتىلىپ بولغان ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئەگەر سىز ئاشۇ ئورۇندىكى تىزىملىككە قارىسىڭىز، ئەركىن ئۇكىمىزنىڭ ئىسمى «يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار» تىزىملىكىدە يوق ئىكەن. ئەمما ئەركىن ئۇكىمىز ئىدارىسى بىلەن كېلىشىپ قويغان بولۇپ، يېڭىدىن ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار «قاتتىق ھالەتلىك رادىياتسىيە فىزىكىسى تەجرىبىخانىسى» (Laboratory of Solid State Radiation Physics) گە ئىلتىماس قىلسا، ئۇ ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئەركىن ئۇكىمىزنىڭ گۇرۇپپىسىغا تەقسىم قىلىنىدىكەن.4 m- y4 T; W: u2 e
3 e' [5 u/ ]1 U) T% ?, yبۇ ئوقۇشقا قىزىقىدىغان ئۇكىلار ئەركىن ئۇكىمىز بىلەن erkin118@163.com ئارقىلىق ئالاقىلەشسە بولىدۇ.( D7 o% I$ ?. K$ j/ {
! D& U. k7 \4 {+ O+ d8 `7 L- p& w) C3 K" ?
ئاخىرقى سۆز
4 q/ x" ]$ \+ X. K8 Z9 W' r
+ e& K2 i" V( _% f1 }9 Z" `مەن ئۆز ماقالىلىرىم ئارقىلىق «باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ، ئۇيغۇرلار ھەتتا باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشلارنىمۇ قىلالايدۇ» دېگەن ھەقىقەتنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقىلى ھازىرغىچە 10 يىلدەك ۋاقىت بولدى. بۇنىڭ بىر مىسالى ئورنىدا مەن 2008-يىلى يازغان «ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» دېگەن ماقالىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن [1]. ئەگەر مەن ھازىرغىچە تونۇشتۇرغان 11 نەپەر قېرىندىشىمىز ئىشلەۋاتقان ئىدارە-شىركەتلەرگە، ھەمدە ئۇلار ئېرىشكەن خىزمەت ئورۇنلىرىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ھازىر دۇنيادىكى يۇقىرى تېخنولوگىيە، ئاكادېمىيە، تىببى-داۋالاش، ئىقتىساد، ۋە خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردە تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز شىركىتىنىڭ رەھبەرلىك بالدىقىنىڭ ناھايىتى ئېگىز پەللىسىگە چىققانلىقىنى بىلەلەيمىز. مەن بۇ قېتىم تونۇشتۇرغان ئىنىلىرىمىز شاكىر شەمشى بىلەن ئەركىن ئابدۇۋايىت مانا بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى. بىزنىڭ ئاشۇنداق قېرىنداشلىرىمىز يەنە خېلى كۆپ بولۇپ، مەن ئۇلارنىمۇ تونۇشتۇرۇش يولىدا داۋاملىق تىرىشىمەن (مەن ئالاقىلىشىپ، تەكلىپنامە ماڭدۇرغان قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدە مېنىڭ تەكلىپىمنى رەت قىلغان كىشىلەردىن بىر قانچىسى بار). مەن ۋەتەندىكى ۋە چەت ئەلدىكى بارلىق ئىنى-سىڭىللاردىن كۆڭلىگە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى، ئۆزىدىن كۆپ يوغان بولغان ئىشلارنى پۈكۈپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، جېنىنى قولىغا ئېلىپ، قىلماقچى بولغان ئىشىغا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، قاتتىق تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن (ئەگەر تېخى ئوقۇپ باقمىغان بولسىڭىز، مەن يازغان «بۇيرۇلغان ياردەم ۋە تىرىشچانلىق-بەدرى ئۇرۇشىدىن ئويلىغانلىرىم» [2] دېگەن ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىڭ). ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، باشقا ئۇيغۇرلار قىلالىغان ئىشلارنى سىزمۇ چوقۇم قىلالايسىز.ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |