ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 0

ناخشا شاكىر شەمشىئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

30

يازما

520

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
158 سەر
تۆھپە
118 سەر
تىللا
56 دانە
جەۋھەر
0 دانە
خەۋەر
شاكىر شەمشى

/ {+ N, P! ]$ C0 B& B6 D
083913sk9y99rqulr3ylz3.png.thumb.jpg
4 E. `3 k! ~, \2 v

7 Z; N$ i6 K; [* @) \/ o  V  D1-رەسىم: شاكىر شەمشى
5 f/ c6 a* W: T( ]8 M! R
  @+ U+ T5 M/ g6 i* d% bشاكىر شەمشى (ئىنگلىزچە «Shakir Shamshy» دەپ يېزىلىدۇ) 1970-يىلى توقسۇن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1987-يىلى تولۇق ئوتتۇرىنى سىنىپ بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىندى. ئۇ بۆلۈم شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىش ئارزۇسى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى يىل تەييارلىق دەرسلىرىنى ئۆگىتەتتى. شاكىر ئىككى يىل ئىچىدە بۇ بۆلۈمدىكى ئوقۇشىنىمۇ سىنىپ بويىچە ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملاپ، جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەرشارى فىزىكىلىق نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. / {4 R/ l" m, j

+ B8 O# o! ]" p: |/ }3 bشاكىر شىنجاڭدىن ئىنتايىن ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇشقا بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاشۇ چاغدىكى سەۋىيەسى، بولۇپمۇ ئىنگلىزچە سەۋىيەسى سىنىپىدىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلاردىن بەكلا تۆۋەن تۇراتتى (چۈنكى ئۇ ئىنگلىزچىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىللا ئۆگەنگەن ئىدى). شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىرىشىپ ئۆزىنىڭ سەۋىيەسىنى تېزدىن ئۆستۈردى. نەتىجىدە بىرىنچى يىلىنىڭ ئاخىرى ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىنگلىز تىلى گىرامماتىكىسى مۇسابىقىسىدە مەكتەپ بويىچە 3-بولدى. ئۇ تېخىمۇ تىرىشىپ، 2-يىلى پۈتۈن مەكتەپ بويىچە تاللانغان 39 ماھىرنىڭ بىرى بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئىنگلىزچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 1-بولدى. شاكىرنىڭ تىرىشچانلىق ئىش-ئىزلىرى ۋە نەتىجىلىرى مەكتەپ گېزىتى ۋە «جۇڭگو نېفىت گېزىتى» دە تونۇشتۇرۇلدى. ئۇ قالغان ئىككى يىلدا داۋاملىق تىرىشىپ، مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى. ' z# D, Z! w5 g- q2 F

. ^7 s# s" S" [& i' r1994-يىلى شاكىر بېيجىڭدىكى بىر چەت ئەلنىڭ نېفىت شىركىتىدە ئىشلەش پۇرسىتىنى تاشلاپ، شىنجاڭ نېفىت ئىدارىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى گېئولوگىيەلىك نېفىت چارلاش باشقارمىسىغا بېرىپ ئىشلىدى. بۇ جەرياندا ئۇ نېفىت ئىزدەشنى لايىھەلەش ئىنژېنېرى بولۇپ 3 يىل ئىشلىدى. كېيىن بىر نېفىت ئىزدەش ئەترىتىگە ئەترەتنىڭ تېخنىكىلىق باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى، ۋە بۇ ئورۇندا 3 يىل ئىشلەپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. شاكىر ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن توختىماي ئىزدەندى. TOEFL ۋە GRE ئىمتىھانلىرىدىن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، 2000-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەرشارى فىزىكىسى كەسپىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىندى. ئامېرىكىدا تىرىشىپ ئوقۇپ، تەتقىقات نەتىجىسىنى ئامېرىكا يەرشارى فىزىكا ئۇيۇشمىسىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئېلان قىلىپ، ئاسپىرانتلىق يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ۋە باشقىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى چوڭ نېفىت شىركىتى شېۋرون (Chevron) گۇرۇھى شاكىرنى يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرگەندە ئاشۇ شىركەتكە كېلىپ ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى. شاكىر 2003-يىلىنىڭ بېشىدا ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ، يەرشارى فىزىكىسى (گېئو-فىزىكا) كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ شېۋرون گۇرۇھىنىڭ نيۇ ئورلىنز (New Orleans) شەھىرىدىكى تارماق شىركىتىدە يەرشارى ئىلمى مۇتەخەسسىسى (Earth Scientist) بولۇپ خىزمەتكە كىرىپ، بىر نېفىتلىكنىڭ تېخنىكا يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەشنى باشلىدى. 2005-يىلى شاكىر شېۋرون گۇرۇھىنىڭ تېكساس ئىشتاتى ھىيۇستون (Houston) شەھىرىدىكى شېۋرون شىمالىي ئامېرىكا باش شىركىتىگە يۆتكىلىپ، بىر قانچە نېفىتلىككە يەرشارى فىزىكا مۇتەخەسسىسى ۋە پىروگرامما يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلىدى. % Q- l) v* l0 f  n5 Q, F9 h" _0 z
" X* s1 S! m/ r; {# n0 [
شاكىرنىڭ ياراتقان تېخنىكىلىق نەتىجىلىرى، ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشتىكى قابىلىيىتىنى كۆرگەن شىركەت رەھبەرلىكى 2008-يىلى ئۇنى شېۋرون گۇرۇھىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە پىلان بۆلۈمىگە يۆتكەپ، شىركەت لىدېرلىرىنىڭ «قارار ئېلىش مەسلىھەتچىسى» دېگەن خىزمەت ئورنىغا تەيىنلىدى. بۇ جەرياندا شېۋرون شىركىتى شاكىرنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش قابىلىيىتىنى تېخىمۇ تېز ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن ئۇنى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان رايىس (Rice) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنىڭ «يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرى ئىگىلىك باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى» (EMBA) پىروگراممىسىغا ئەۋەتتى. 2011-يىلى شاكىر بۇ ئىگىلىك باشقۇرۇش ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئالغاندىن كېيىن، شېۋروننىڭ يېڭى تېخنىكىلارغا مەبلەغ سېلىش بۆلۈمىگە يۆتكەلدى. شاكىر ھازىر ئاشۇ بۆلۈمنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى يېڭى تېخنولوگىيەلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىشلىرىنىڭ لىدېرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. + q; x& p$ r+ h! o

6 O% T. x0 a1 fھازىر شېۋرون شىركىتى تەۋەككۈل مەبلىغى (Venture Capital) سېلىپ باشقۇرۇۋاتقان يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك شىركەتلىرىدىن جەمئىي 36 سى بار بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ تېخنىكىلىق بۆلۈملىرىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر شاكىرنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد جەھەتتىكى يېتەكچىلىكىدە يېڭى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇ تېخنىكىلارنى شېۋرون شىركىتىنىڭ ئېھتىياجلىق ساھەلىرىگە يۆتكەۋاتىدۇ.
# z3 N& ^$ b3 \* B# T% w& `* J. t3 z4 P0 V$ E, H; V+ g
شېۋرون گۇرۇھى ئامېرىكىدىكى نېفىت شىركەتلىرى ئىچىدە چوڭلۇقتا 2-ئورۇندا، دۇنيا بويىچە نېفىت-گاز بايلىقىنىڭ زاپىسى مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان خەلقئارالىق چوڭ نېفىت ئېنېرگىيە شىركىتىدۇر. ئۇنىڭ دۇنيادا 180 دىن ئارتۇق دۆلەتتە نېفىت بازىسى، شۆبە شىركىتى ۋە ئىش بېجىرىش ئورنى بار. شاكىر ئامېرىكا يەرشارى فىزىكا بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا نېفىت-گاز ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ يېتەكچىسى بولغان قىدىرىپ تەكشۈرۈش يەرشارى فىزىكا مۇتەخەسسىسلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. مەن ئىنىمىز شاكىر شەمشىدىن ناھايىتىمۇ پەخىرلىنىمەن.# J4 s" R4 M6 u" [$ w; w9 \

. g' c" A7 E* Y4 cدۇكتۇر ئەركىن سىدىقنىڭ" چەتئەلدىكى نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار" ناملىق يازمىسىدىن ئېلىندى ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗