ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 126|ئىنكاس: 0

سېرىق ئەبەيدۇللا ئابدۇۋەلىmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

30

يازما

520

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
158 سەر
تۆھپە
118 سەر
تىللا
56 دانە
جەۋھەر
0 دانە
خەۋەرئەبەيدۇللا ئابدۇۋەلى; U' D' j! ~8 P* A' U+ m6 `1 _

/ t7 u% D, K% _2 Q1 L. S9 ^ئىنىمىز ئەبەيدۇللا ئابدۇۋەلى 1969-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىدە بىر ئاددىي زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1987-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇچە تەييارلىق سىنىپىغا قوبۇل قىلىندى. ئىككى يىللىق تەييارلىق كۇرسىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرۈپ، جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەر شارى فىزىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش جەريانىدا، ئۇ كەسپىي دەرسلەرنى ياخشى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنگلىز تىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەندى. شۇنداقلا مەكتەپتىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
0 x4 h" y+ P7 u* Q 093030aw6v2igihagii8zz.png.thumb.jpg
4 `3 w# D$ g: O1 l8 U$ t4 L6 Q/ j
8 O0 ~' q& g' x6 L' H4 f" f1-رەسىم: ئىنىمىز ئەبەيدۇللا ئابدۇۋەلى
: P# r3 t& J1 K! X( E: G  K! [) ?8 f* p7 n
ئەبەيدۇللا 1993-يىلى نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىچكىرىدىكى نېفىتلىكتە قېلىپ قېلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. شۇ يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ نېفىت شىركىتى قىدىرىپ تەكشۈرۈش باشقارمىسى تەرىپىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىندى. شۇ يىلدىن باشلاپ تاكى 1997-يىلىغىچە تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقلىرىدا نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەترەتتە گېئو-فىزىك (geophysicist)، گېئوفىزىكا بۆلۈم باشلىقى، ۋە ئەترەتنىڭ تېخنىكا باشلىقى قاتارلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىدى.* ?0 U: C) |& D! ^' Q2 ]+ Q% T
: o4 p2 m  w& C" s) ^
1997-يىلى باھار ئايلىرىدا، ئەبەيدۇللا نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق تەتقىقات مەركىزىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، گېئوفىزىكا تەتقىقاتچىسى بولۇپ، نېفىت قاتلىمىنى تېپىش، نېفىت مىقدارىنى مۆلچەرلەش، قۇدۇق ئورنىنى بېكىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى. مۇھىم نېفىتلىكلەرنىڭ بايقىلىشىغا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. 2000-يىللىرى، جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ دۇنياغا قاراپ كېڭىيىۋاتقان مەزگىللىرى ئىدى. 2001-يىلى ئەبەيدۇللا كەسپىي ۋە ئىنگلىزچە ئىمتىھانلاردا ئەلا نەتىجىلەر بىلەن لاياقەتلىك بولۇپ، جۇڭگو نېفىت شىركىتىنىڭ بېيجىڭدىكى گېئوفىزىكا تەتقىقات باشقارمىسىغا قوبۇل قىلىندى. ئەبەيدۇللا بۇ تەتقىقات مەركىزىدە سۇدان، ئەزەربەيجان، ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى نېفىتلىكلەرنىڭ گېئوفىزىكا تەتقىقات خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلىدى. 2002-يىلى ئەزەربەيجاندىكى گۈلبوستان نېفىتلىكىنىڭ باش گېئو-فىزىك خىزمىتىگە تەيىنلىنىپ، باكۇ شەھىرىگە ئەۋەتىلدى. ئەبەيدۇللا ئەزەربەيجاندىكى گۈلبوستان نېفىتلىكىنىڭ ئېچىلىشىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى ياراتتى.6 \; L! ]( n, _4 N" B' m- I" m
093042q8f8f4hvqzbvs4uc.jpg.thumb.jpg 5 L# Z+ n2 R' X# R4 M) }* Q9 E6 X3 d% P
2-رەسىم: ئىنىمىز ئەبەيدۇللا دالادا جۇغراپىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈش
& h0 I# d7 x9 t% o5 K0 Y
: i& _, ]! P3 W" Cئەبەيدۇللا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا بولسۇن، خىزمەت قىلىش جەريانىدا بولسۇن، ئىنگلىز تىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆگەندى. 2002-يىلى ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان TOEFL ۋە GRE ئىمتىھانلىرىدا ياخشى نەتىجىلەر بىلەن لاياقەتلىك بولۇپ، ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يەر شارى فىزىكىسى فاكۇلتېتى تەرىپىدىن تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قوبۇل قىلىندى. 2005-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، گېئوفىزىكا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. شۇ يىلىنىڭ 9-ئايلىرىدا تېكساس شتاتىنىڭ ھيۇستون شەھىرىدىكى باكېرخيۇس (BakerHughes) نېفىت مۇلازىمەت شىركىتى تەرىپىدىن خىزمەتكە قوبۇل قىلىندى. ئۇ باكېرخيۇستا قۇدۇق گېئوفىزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. 2006-يىلى ئاناداركو نېفىت شىركىتىنىڭ ھيۇستوندىكى تەتقىقات مەركىزىگە قوبۇل قىلىندى. ئەبەيدۇللا بۇ مەركەزدە گېئوفىزىكا تېخنىكىسى ئارقىلىق، شىركەتنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نېفىت چارلاش خىزمىتىنى ئىشلىدى. گانا (Ghana) ۋە موزامبىك (Mozambique) تىكى چوڭ نېفىتلىكلەرنىڭ بايقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئەبەيدۇللا 2010-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۆز شىركىتىنىڭ مېكسىكا بوغۇزى باشقارمىسىدا چوڭقۇر دېڭىزدا نېفىت چارلاش، نېفىت قاتلىمىنى تېپىش، قۇدۇق ئورنىنى بېكىتىش، ۋە نېفىت مىقدارىنى مۆلچەرلەش قاتارلىق ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ۋە تېخنىكىلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. * `6 u: A- X% H( ~/ X# c4 G% O
1 E( h2 z* C6 B
دۇكتۇر ئەركىن سىدىقنىڭ" چەتئەلدىكى نەتىجىلىك ئۇيغۇرلا" ناملىق يازمىسىدىن ئېلىندى 3 C' \) b) g/ K1 T# c7 T( K
رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗