ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 346|ئىنكاس: 0

كىنوئوغلانىمىز مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ...mp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

30

يازما

520

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
158 سەر
تۆھپە
118 سەر
تىللا
56 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ئۇيغۇر بۇ مەرھۇم ئابلەتكامنىڭ يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى يەنە بىر يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەن ئوغلانىمىزنىڭ مۇسىبەت خەۋىرى بولدى., [% h+ K: Q( a' c7 Z# a+ j* b2 }
215726autmtah0mz3amv6g.jpg
3 z7 s& l3 ?+ V" o4 @+ Cھەي نېمە دەيمىز، مەرھۇم ئوغلانىمىزنى كىچىكىمدە گېزىت – ژورناللار ۋە تېلېۋىزورلاردىن بىلگەن ئىدىم. ئۇ چاغلاردا ئابدۇشۈكۈر ۋە ئابدۇراخمان ئابلىكىملارنىڭ تەسىرىدە مەكتەپلەردە ئوغۇللار ئارا بوكىس پەلىيى سېتىۋېلىپ مەشىق قىلىش مودا بولغان ئىدى. مانا شۇ بىزلەرگە ئوت ياققان ئوغلانىمىزنى ئۇزىتىپ قويدۇق. ئۇنىڭ تەرجىمھالىنى توردىن ئىزدەپ يوللاپ قوياي دېگەن نىيەتتە ئىزدەپ شۇنى بايقىدىمكى، ئۇ ھايات ۋاقتىدا يېزىلغان تەرجىمھالىنى تېپىش تەسراقكەن. ھازىر يېزىلغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇسىبەت خەۋىرىدىن كېيىن يوللانغان تېمىلاركەن. ئويلاپ قالدىم، ئەجىبا بىرى ئارىمىزدىن كەتمىسە ئۇنى ئەسلىمەمدۇق؟! ئارتۇق گەپ قىلىشنى خالىمىدىم./ _. v  h0 l% \* T
215727xac2xaar8tzaxcxg.jpg
% p# w8 G# `: y- uبەزى جايلىرىنى تەھرىرلەپ قويدۇم.
- }( w# U/ A) P, V; q+ H7 Xشىنجاڭ بوكس كوماندىسى قۇرۇلغان 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ بوكس ھەركىتى يوقلىقتىن بارلىققا كېلىپ، جوڭگو بوكسچىلىق تارىخىدا ناھايىتى زور شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈردى.
% }: x8 P8 `3 r0 U7 V. n) f* K( }شۇ قاتاردا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلاردىن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتناشقان، تۇنجى بولۇپ جوڭگودىن  ئاسىيا چىمپىيونى بولغان ، ئاسىيا بوكس سەھنىسىدە نۇرغۇن ماھىرلارنى قورقۇتقان بىر ئەزىمەت بار، ئۇ بولسىمۇ سابىق شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، ھازىرقى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى - ئابدۇراخمان ئابلىكىم.
3 _: l3 R  V& Y6 [( p! M 215728bc8b88kbp2udp32d.jpg
" R: T2 ]& Y( E) qئابدۇراخمان ئابلىكىم 1978-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالتاي شەھىرىدە تۇغۇلغان.) K& ]6 w  U4 z, D% Q# ]
ئۇ 1985-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 7-ئايغىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى  ئالتاي شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىدى./ ]! b* B4 I, h6 W
1995-يىلى شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىبىگە كەلدى.
* H( r$ j- v7 a: w6 i/ f: Pئۇ شۇ يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغا تاللىنىپ، تېرنېرى مەرھۇم ئابلىكىم ئابدۇرىشىتنىڭ يېتەكچىلىگىدە كەسپىي بوكس مەشقىنى باشلىدى. 4 g( p) I1 d0 z" }7 K. M0 Q: D
1998-يىلى شىنياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك سەر خىللار بوكس مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولدى.$ e4 {. ?0 G% S+ `; w
1999-يىلى ئۆزبىكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا بوكس چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا ئارقا-ئارقىدىن ھىندىستان، كورىيە ۋە قىرغىزىستان ماھىرلىرىنى يېڭىپ، ئۇيغۇرلاردىن شۇنداقلا جوڭگودىن چىققان تۇنجى ئاسىيا چىمپىيونى بولۇپ قالدى.
: ?: K1 u  m( [6 U1999-يىلى ئۇ يەنە گۇيجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيپون بولدى; z( \% H# `4 }2 ?' @' ?
2000-يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەت چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولدى.! O% X7 ?+ J7 z; v$ O+ q
2002-يىلى مەملىكەتلىك بوكس چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا چىمپىيون بولدى. $ ?4 H* _9 [; K. v0 \
2002-يىلى كورىيەنىڭ پۇسان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىنىڭ بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.
. s1 P. D2 }8 w3 f2003-يىلىغا كەلگەندە ئولىمپىكنىڭ دۇنياغا كەلگەن جايى- گىرىتسىيە پايتەختى ئافىنادا ئۆتكۈزىلىدىغان 28-نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئىستىگىدە قاتتىق مەشىق قىلىۋاتقان ئابدۇراخمان بەل كۆمۈرچەك ئۇمۇرتقىسى چىقىۋېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى ۋە شۇ قېتىمقى ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى.0 o! M: y1 [- @. F$ F
شۇنداقتىمۇ ئابدۇراخمان يەنىلا مەشىقنى تاشلاپ قويماي داۋاملاشتۇردى.
% E- S0 [  W+ f* S& e* N2005-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك بوكس  چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە يەنە بىر قېتىم چىمپىيون بولدى.( k$ r( |% }$ _9 N
2008-يىلى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدا تېرنېر ھەم تەنھەركەتچى بولۇپ ئىشلىدى.7 S' n- y4 R* y) t- q
2009-يىلىدىكى مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە 2- بولۇپ، 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.3 j8 e. h- U( s, E
2009-يىلى 11-نۆۋەتلىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا قاتنىشىپ، 1-مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنى يېڭىپ، 2-مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قالدى.6 I, p/ e7 N  M+ k/ R+ ]. K
شۇندىن كېيىن بوكس سەھنىسىدىكى 15 يىلغا يېقىن ماھىرلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي مەشقاۋۇللۇق ھاياتىنى باشلىدى.. G1 g1 Z4 `) a$ |& ~
مەرھۇم پەقەت بوكىسچى بولۇپلا قالماي يەنە تەرجىمانلىق، يازغۇچىلىقتىنمۇ خەۋىرى بار ئىدى.
& A+ C1 l5 V- r9 `! t3 C2015-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى.1 q" ~4 X( I5 P; v; u

7 e% U! ^; Q5 k! S; v 215730p2psl9hshy3syslm.jpg % N! d5 |) K0 N" q6 A+ q. O
بىز ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ئۆزى تاماملاپ بولالمىغان ئۇلۇغۋار غايىلىرىنى ئۆز شاگىرتلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق شىنجاڭ ۋە جوڭگو بوكسچىلىق ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور شان-شەرەپلەرنى قازىنىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
! s4 q, M8 t1 mئەسلى تىما يوللانغان: مەنبە ئىزدىنىش مۇنبىرىرەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗