ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 872 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 144|ئىنكاس: 0

كىنودوكتور غاپپار پەتتار (Apar Pataer, MD, PhD) ۋە مۇقەدد ...يانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

30

يازما

520

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
158 سەر
تۆھپە
118 سەر
تىللا
56 دانە
جەۋھەر
0 دانە
يانفۇن دوكتور غاپپار پەتتار (Apar Pataer, MD, PhD) ۋە مۇقەددەس قۇربان
* z# j: b% ]" R4 w0 {9 B6 z5 U. [0 I, Z$ E$ r
ئىنىمىز غاپپار (ئىنگلىزچە «Apar Pataer» دەپ يېزىلىدۇ) ئۈرۈمچىگە يېقىن يەردىكى بىر يېزىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئىككى ئاكىسى، ئىككى ھەدىسى ۋە بىر ئۇكىسى بىلەن ئاشۇ يېزىدا ئۆتكۈزدى. 1981-يىلى ئۇ ئائىلە بويىچە تۇرپانغا كۆچۈپ بارغان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنى 1983-يىلى تۇرپاندا تاماملىدى. ئۇ 1983-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، ئۇ مەكتەپنى 1988-يىلى پۈتتۈردى. غاپپار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىن باشلاپ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئۆزىگە غايە قىلىپ تىكلەپ، ئىنگلىز تىلىنى قاتتىق تىرىشىپ ئۆگەندى. ئۇ ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى نىشان قىلىپ تۇرغۇزۇپ، پايدىلانغىلى بولىدىغان ھەممە پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆز نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قاتتىق تىرىشتى. ئۇ ياتىقىنىڭ تېمىغا بىر دۇنيا خەرىتىسىنى چاپلاپ قويۇپ، ساۋاقداشلىرىغا كەلگۈسىدە بارماقچى بولغان دۆلەتلىرىنى دەپ بېرىپ يۈردى. شۇنداقلا ئۇ مەكتىپىدىكى دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگىمۇ ئاكتىپ قاتناشتى. مەسىلەن، ئۇ مەكتىپىنىڭ «رەسىم كۇلۇبى» غا ئەزا بولۇپ كىرىپ، كېيىن ئاشۇ كۇلۇبنىڭ باشلىقى بولدى. ئۇنىڭ غايىلىرى ۋە ئاشۇ غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۇنىڭدا ئىنتايىن كۈچلۈك ئىرادە ۋە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. + H( M' a7 [4 b% U2 T1 ]6 }
093044nw0nvbwvb39b75jj.jpeg.thumb.jpg
$ ?+ p1 w. u. V- k. ^غاپپار 1988-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ خەلق دوختۇرخانىسىغا دوختۇر بولۇپ خىزمەتكە كىرىپ، ئۇ يەردە ئىككى يىل ئىشلىدى.
' j  m$ q$ c3 }* Y$ ~9 Q0 {, `0 c
ئۇ 1990-يىلى ياپوننىڭ ئوساكا شەھىرىدىكى ئوساكا تىل مەكتىپىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ چەت ئەلدىكى ھاياتىنى باشلىدى. ئۇ ھەر كۈنى كۈندۈزى مەكتەپتە ئوقۇپ، ئاخشىمى تاكى يېرىم كېچىگىچە بىر رېستوراندا كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلىدى. شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ دەم ئالماي، ئوقۇش بىلەن ئىشلەشنى داۋاملاشتۇردى. ئۆزىنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىقى بىلەن، بىر يىل ئىچىدىلا ياپونچىنى مۇكەممەل سۆزلىيەلەيدىغان بولدى. ياپون تىلىدىن باشقا، ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىز تىلى ۋە ھۈجەيرە بىئولوگىيىسىگە ئائىت كەسپىي بىلىملەرنىمۇ بىللە ئۆگىنىپ ماڭدى.
0 }" x/ y# [4 Y' Q; B" ?5 E8 F3 x, S
غاپپار بىر يىل ئىچىدە ئۆزى پۇل تۆلەپ ئوقۇشقىمۇ يېتەرلىك پۇل يىغىپ، ياپونغا كېلىپ بىر يىل توشقان ۋاقىتتا كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىلتىماس قىلدى. غاپپار ئۈچۈن بۇ بىر ئەڭ ھالقىلىق قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈش بولۇپ، ھازىر مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ياپونىيە ۋە باشقا ئەللەردە ئۆزلىرى ئۈچۈن يول ئېچىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خېلى كۆپ. غاپپارنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلۈپ، 1991-يىلى كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى. بەش يىل تىرىشىپ ئوقۇپ، ئۇ 1996-يىلى كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى تېبابەتچىلىك فاكۇلتېتىنىڭ ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى، راك كېسەل بىئولوگىيىسى ۋە پاتولوگىيە كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىلى ئۇ يەنە «ئەڭ ياخشى ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئوقۇش ۋە تەتقىقات جەھەتتىكى نەتىجىلىرى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز فاكۇلتېتىدا «ياردەمچى پروفېسسور» (Assistant Professor) خىزمىتىگە قوبۇل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇشۇ فاكۇلتېتقا خىزمەتكە كىرگەن بىرىنچى چەت ئەللىك پروفېسسور بولدى. 7 Q/ k8 W# }3 y7 `( E
0930491cb831z3y131zpfr.jpeg.thumb.jpg 1 m+ Q- o) ]+ ]. _% f) m& t' a
غاپپارنىڭ ئاپىسى رەيىمخان مەمەت ھەدىمىز. 1997-يىلى غاپپارنىڭ ئاپىسى «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىدا تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنى تونۇشتۇرغان ماقالىگە «مەكتەپ كۆرمىگەن ئانا ئىككى دوكتور پەرزەنتنى قانداق تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن؟» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. غاپپارنىڭ ھەدىسى رەيھان پەتتارمۇ 1993-يىلى ياپوندا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ، ھازىر ئۇ ياپوندا خىزمەت قىلىدۇ.; Q7 ]$ [) d& o2 z

/ B3 ~* A8 ^5 b. z3 s" g1 p/ J1992-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە غاپپار يەنە ياپونىيەنىڭ ئوتسۇ قىزىل كرېست دوختۇرخانىسى (Otsu Red Cross Hospital) دا قوشۇمچە دوختۇر ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى.
8 E% ^8 F5 u3 l# ^: u  \+ P6 m% p. b# X4 R) U: g/ F0 |0 T
ئۆزىنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدىكى كەسپىي خىزمىتىدىن باشقا، غاپپار يەنە ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ياپونىيەنىڭ كيوتو رايونىدىكى بىر قانچە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرىدا لىدېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، 1998-يىلى بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە ياپونلۇق دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە كيوتو، نارا، كوبې ۋە ئوساكا رايونلىرىدا «تەڭرىتاغ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۇيۇشمىسى» نى قۇرۇپ چىقتى. ئۇيغۇر ۋە ياپونلارنى ئۆزىگە ئەزا قىلغان بۇ ئۇيۇشما ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا كېڭىيىپ مېڭىۋاتىدۇ، ھەمدە ياپونلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش، ۋە ياپونغا يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش جەھەتلەردە مۇھىم روللارنى ئويناۋاتىدۇ.
8 h# u; T' R# G( l- O  ?
* }# r! D6 ]0 u) R+ }0 L$ ~غاپپار ئۆز يۇرتىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ياردەم قىلىش ئىشىنىمۇ ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ (<http://tengritagh.turukusa.com/>).
( \4 J# j7 E- ^7 q
% m: i- x: R8 ]1998-يىلى غاپپار ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى ئاندېرسون راك كېسىلى مەركىزىگە دوكتور-ئاشتى بولۇپ كىردى. بۇ ئورۇن راك كېسىلى تەتقىقاتىدا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولۇپ، غاپپار ئاشۇ مەركەزنىڭ كۆكرەك ۋە يۈرەك قان-تومۇر ئوپېراتسىيىسى (Thoracic & Cardiovascular Surgery) بۆلۈمىدە ئۆپكە راك كېسىلىنى داۋالاش ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. بۇ بۆلۈممۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆپكە راك كېسىلى تەتقىقاتىدا دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، دۇنيادىكى تۇنجى قېتىملىق ئىنسانلارنىڭ ئۆپكە راك كېسىلىنى داۋالاش سىنىقى مۇشۇ ئورۇندا ئېلىپ بېرىلغان. غاپپار مۇشۇ ئورۇندىكى دوكتور-ئاشتىلىق تەتقىقاتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆز بۆلۈمىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىندى. ئۇ داۋاملىق تىرىشىپ، ياردەمچى پروفېسسور (Assistant Professor) پەللىسىدىنمۇ ئاتلاپ، 2011-يىلى مۇئاۋىن پروفېسسور (Associate Professor) سالاھىيىتىگىمۇ ئېرىشىپ بولدى.
2 B9 s1 Y7 Z% w+ s' ^2 s6 _2 k: o 093056lffs3fj5sujs3wcj.jpeg.thumb.jpg
8 G, X$ }1 C$ |9 ^0 I0 H( k* S3 [4 k& fدوكتور غاپپار پەتتار دوكتور جېيمىز دېۋېي ۋاتسون (James Dewey Watson) بىلەن بىللە. دوكتور ۋاتسون DNA نىڭ مولېكۇلىلىق تۈزۈلۈشىنى بايقىغان بولۇپ، ئاشۇ نەتىجىسى ئۈچۈن ئۇ 1962-يىلىدىكى نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.0 q! Y! G1 [. z7 \
( E9 f! B% q8 {8 ?
ئىلاۋە: ئامېرىكىدىكى ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرى تەربىيىلەش سالاھىيىتىگە ئىگە ئالىي مەكتەپلەردە پروفېسسورلۇقنىڭ جەمئىي 3 دەرىجىسى بار: ياردەمچى پروفېسسور، مۇئاۋىن پروفېسسور ۋە تولۇق ياكى ئۆمۈرلۈك پروفېسسور (Full Professor). بۇ 3 بالداقنىڭ بىر تۆۋەن بالدىقىدىن ئۇنىڭدىن يۇقىرى يەنە بىر بالداققا ئۆسۈش ئۈچۈن دەرس ئۆتۈش ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى جەھەتتە، شۇنداقلا ۋاقىت مۇددىتى جەھەتتە بەلگىلىك شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرۈش كېرەك. ئادەتتە بىر بالداقتىن يەنە بىر بالداققا ئۆسۈش ئۈچۈن 5 يىلدەك ۋاقىت كېتىدۇ. «ئۆمۈرلۈك پروفېسسور» دېگەن سالاھىيەت ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بىر ئادەم بىر ئالىي مەكتەپتە ئاشۇ سالاھىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەكتىپى ئۇ ئادەمنى خىزمىتىدىن ئېلىۋېتەلمەيدۇ. ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى يوق ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئىقتىسادىي كىرىمنى تۈپ مەقسەت قىلغان كىچىك ئالىي مەكتەپلەردە ئۇنداق تۈزۈم يوق بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلغان كىشىلەرگە ئاشۇ مەكتەپلەر ئۆز مەيلى بويىچە سالاھىيەت بېرەلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنداق مەكتەپلەردە «ئۆمۈرلۈك پروفېسسور» دېگەن سالاھىيەتمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ.
6 J& k! E$ ~+ f8 ~
: J! z; ]7 N8 x7 i  f% wئىنىمىز غاپپار ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدىكى داڭلىق خەلقئارالىق ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ بولدى. ئۇ ھازىر ئۆپكە راك كېسىلى ساھەسىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان مولېكۇلىلىق پاتولوگ ۋە ئالىملار (molecular pathologist and scientists) نىڭ بىرى.6 J% ~+ A& ~2 M9 Y
* X6 F- f( I) N. U+ _& N
ئىنىمىز غاپپار تورداشلارغا ناھايىتىمۇ تونۇشلۇق بولغان داڭلىق ناخشىچى سىڭلىمىز مۇقەددەس قۇربان بىلەن تۇرمۇشلۇق بولغان بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ توي قىلغىنىغا 18 يىل بولدى.  ئۇلارنىڭ بىر جۈپ ئوماق قوشكېزەك قىزى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى دىلفىرە بىلەن دىلمىرە.  سىڭلىمىز مۇقەددەس ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن قاتتىق تىرىشىپ، ئۆز ئالدىغا بىر خۇسۇسىي بىنا سودىسى شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى.  بۇ شىركەتنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «Premier International Realty» (<http://www.premierinternationalrealty.com/>) بولۇپ، مۇقەددەس ھازىر مەزكۇر شىركەتنىڭ لىدېرى ۋە ئاساسلىق ئىگىسى. بۇ شىركەت كارخانا بىنالىرى ۋە تۇرالغۇ بىنالاردىن ئىبارەت ئىككى خىل بىنالارنى باشقۇرىدىغان، بىنا سالىدىغان ۋە بىنالارغا مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان شىركەت بولۇپ، ھيۇستون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئىگىلىك ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.  ھازىر بۇ شىركەت 250 كارخانا بىنالىرىنى باشقۇرىدۇ.  سىڭلىمىز مۇقەددەس تەجرىبىلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك كارخانا لىدېرلىرىدىن بىرى بولۇپ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇ كۆپ قېتىم ھيۇستون شەھەرلىك بىنا سودىسى ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇكاپاتلىشىغا ئېرىشتى.
0 O' m& ~- @, `. g$ R
3 }7 n0 w2 B$ E7 Z: i+ b% sسىڭلىمىز مۇقەددەس ئۇيغۇر دىيارىدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، بۇرۇن ئارتىسلىقنى ئۆزىگە كەسىپ قىلغان.  ئۇ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزلىگىدىن قاتتىق تىرىشىپ، بىر يېڭى كەسىپنى ئۆگەندى.  ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئاشۇ يېڭى كەسىپتىكى بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى بولدى.  يېڭى كەسىپتىكى بىر كارخانىچى بولدى.  ئۇ ھازىر ئامېرىكىدىكى باشقا ئوخشاش كەسىپتىكىلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ ياشاۋاتىدۇ.  ياشىغاندىمۇ ناھايىتى ياخشى ياشاۋاتىدۇ.  قەددىنى تىك تۇتۇپ ياشاۋاتىدۇ.  ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا چوڭ بولۇپ ناخشىچى بولىۋاتقان، ئۇسسۇلچى بولىۋاتقان، ئارتىس بولىۋاتقان، ۋە باشقا خىلدىكى سەنئەتكارلاردىن بولىۋاتقان ئۇكىلار ئىنتايىن كۆپ.  ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ياشلار ئاشۇنداق يولنى ئۆز ئارزۇسى بىلەن تاللىغان بولماستىن، جان بېقىش ئۈچۈن ئاشۇنداق يولنى تاللاشقا مەجبۇرى بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.  ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر قىسىم ياشلار بولسا «مە بۇ ئىشتىن باشقىسىغا يارىمايمەن»، دەپ ئويلاۋاتقان بولىشىمۇ مۇمكىن.  ئەمما بىز سىڭلىمىز مۇقەددەستىن ئىبارەت مۇشۇ بىر مىسالدىن مۇنداق بىر ئىشنى يەكۈنلەپ چىقالايمىز:  ئەگەر ئامېرىكىدىكىدەك ھەممە كىشىلەر باراۋەر رىقابەتلىشىدىغان بىر شارائىت مەۋجۇت بولىدىغان بولسا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھازىر ئارتىس بولۇش يولىغا مېڭىۋاتقان ئاشۇ ئۇكىلارنىڭ ئىچىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك كارخانىچى بولالايدىغانلارمۇ كۆپلەپ چىقىدۇ.  دېمەك، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشلار ئۈچۈن ھەممە كىشىلەر باراۋەر رىقابەتلىشىدىغان بىر شارائىتنى بەرپا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.  خىزمەت پۇرسەتلىرى ئالدىدا ھەممە كىشىلەر باراۋەر بولۇش، بازار ئىقتىسادى تۈزۈمىدە ھەممە ئادەم باراۋەر رىقابەتلىشىشكە ئائىت قانۇنلار بولسا ئۇلارنى ئىجرا قىلدۇرۇش، قانۇن بولمىسا ئۇنى بەرپا قىلدۇرۇش ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك توغرا ئىشلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى.  X1 F. V7 ]! f9 G
چەت ئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ «خىزمەت تارىخى» نى تەييارلاش بولۇپ، ئۇ ئىنگلىزچە «Curriculum Vitae, CV» دەپ ئاتىلىدۇ. تەلەپ قىلىنىدىغان يەنە بىر نەرسە ئۆزىنىڭ ئوقۇش پىلانى بولۇپ، ئۇ ئىنگلىزچە «Personal Statement» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنىمىز غاپپار ۋەتەندىكى ياشلارنىڭ ئاشۇنداق ماتېرىياللارنى تەييارلىشىغا ياردەم قىلىشنى خالايدۇ. 5 E5 f% h9 m0 A# m- J

( B% [$ r6 g* V% cئىنىمىز غاپپارنىڭ بىر ئادىتى ئالىي مەكتەپتىكى ھەر خىل ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىش. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇنداق ئىشلار ئادەمنىڭ تەجرىبىلىرىنى كۆپەيتىدۇ، شۇنداقلا ئادەمدە باشقىلار بىلەن ئۈنۈملۈك مۇناسىۋەت قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئادەم ئۆز ھاياتىدا داۋاملىق تۈردە ئۆز ۋۇجۇدىنى ئىجابىي، سەلبىي ۋە نېيترال ھېسسىياتلار قاپلىۋالغان ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىپ تۇرىدۇ. دەرستىن سىرتقى ياكى خىزمەتتىن سىرتقى ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئادەمنىڭ سەلبىي ھېسسىياتىنى ئازايتىدۇ، ياكى ئادەمدە سەلبىي ھېسسىياتنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەملەر بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر ئۈلگە تىكلىسىڭىز بولىدۇ، ئەمما سىزنىڭ ئۇ ئۈلگىدىن ئەينەن دورىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. سىز ئۆزىڭىزنىڭ غايىسى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۆز تارىخىڭىزنى يېزىپ چىقىشىڭىز، ھەرگىزمۇ ئۆز غايىڭىزنىڭ غايىب بولۇپ كېتىشىگە يول قويماسلىقىڭىز كېرەك.5 I9 M: w8 m7 k! i8 ^

, R4 n& M8 r: F" g; n; O4 S/ R5 B, s2 l4 T; _
ئاخىرقى سۆز
3 O% w/ ~" c3 O# O" k8 q
* v. J4 f" B: i+ ^1 `5 e' nيۇقىرىدا تونۇشتۇرغان ئىككى نەپەر ئىنىمىز باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىنى جۇڭگودا ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودا بىر مەزگىل ئىشلەپ، ئاندىن ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەس، ئۆزى يول ئېچىپ چەت ئەلگە چىققانلار.  ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولۇپلا چەت ئەلگە چىقىشنى نىشانلاۋاتقان ئۇكىلار بار.  تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپلا چەت ئەلگە چىقىشنى پىلانلاۋاتقانلارمۇ بار.  شۇنداقلا ئالىي مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىنلا چەت ئەلگە چىقىش ئۈچۈن تىرىشۋاتقان ئۇكىلارمۇ بار.  ماڭا ئاشۇنداق ئۇكىلاردىن مەسلىھەت سورايدىغان خەتلەر داۋاملىق كېلىپ تۇرىۋاتىدۇ.  بىز يۇقىرىدىكى ئىنىمىز ئەبەيدۇللا بىلەن غاپپارنىڭ ئەمەلىيىتىدىن مۇنداق بىر يەكۈننى چىقىرالايمىز:  ئەگەر سىز تولۇقسىز، تولۇق ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، شۇنىڭغا ئۇلاپلا چەت ئەلگە چىقالماي قالسىڭىز، ھەرگىز ئەنسىرىمەڭ.  ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەڭ. سىزگە كېيىنچە يەنە يول بار.  شۇڭلاشقا بەلنى قويىۋەتمەي، داۋاملىق تىرىشىڭ.  مېنىڭ ئاتا-ئانىلارغا بېرىدىغان بىر تەكلىپىم:  بالىڭىزنى تولۇقسىز ياكى تولۇقنى پۈتتۈرۈپ بولۇشىغىلا چەت ئەلگە چىقىرىپ قويۇشقا ئالدىرىماڭ.  بالىڭىز چەت ئەلگە چىقىپ، ئۆزى مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگىمۇ-ئەمەسمۇ، سىز بالىڭىزنى ئاشۇنداق قىلىشقا تولۇق تەييارلاپ بولدىڭىزمۇ-يوق، بۇ جەھەتتە ئوبدانراق ئويلىنىڭ ۋە ئىزدىنىڭ.  ئەگەر تولۇق تەييار بولمىغان بالىنى چەت ئەلگە چىقىرىۋەتسىڭىز، ئۇ سىز بەرگەن پۇلنى خەجلەپ تۈگىتىپ، ئەمما ئوقۇشنى تۈگىتەلمەي قايتىپ كېتىدۇ.  بىز چەت ئەلدە ئاشۇنداق ئەھۋالنى ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز.  بالىنىڭ نورمال ياشاپ چوڭ بولۇشى، ۋە ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزلىرىنى بەك قىينىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، بالىلار ئەڭ ياخشىسى باكلاۋۇرلىقنى جۇڭگودا ئوقۇپ، ئاندىن كېيىنكى ئوقۇشنى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغىنى ياخشى.. m% f6 M7 \3 Z+ }: _
/ m2 U5 c  h0 c, u/ l7 r

& o1 x. g* n6 e9 ^" Dدۇكتۇر ئەركىن سىدىقنىڭ "چەتئەلدىكى نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار" ناملىق يازمىسىدىن ئېلىندى .
& B  |( Y; v- x; J6 o5 Uدىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗