ئۇيغۇر
ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغانلار ھامان ئۆزىنى باشقىلاردىن دانا ھېسابلايدۇ
5 ~2 V7 o; Z6 g( K) g3 X& f& ?/ yكىشىلەر ئىدىيە جەھەتتە ئادەملەرنى ئېسىل ۋە پەس، ئالىيجاناب ۋە چاكىنا، تەربىيە كۆرگەن ۋە تەربىيە كۆرمىگەن دەپ ئايرىشقا ئادەتلەنگەن. شۇڭلاشقا، ئادەملەر ساددىلىق بىلەن بەزىلەرنىڭ ياخشىراق كۈن كۆرىشى، بەكرەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى بۇلارنىڭ بىرىنچى خىلدىكىلەرگە تەئەللۇق بولغانلىقىدىن، دەپ قارايدۇ .
& e6 Y% U' l' }' I+ Z |بىر ئادەم باشقىلاردىن كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن ياكى بىر قەدەر بىلىملىك، زېرەك، ئاق كۆڭۈل بولۇشى مۇمكىن. ئادەملەرنى بۇ جەھەتتە ئۆزىنى قالتىس چاغلىشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما، مۇنداق ئايرىلماي، ئېسىلزادە ياكى تىگى پەس دەپ ئايرىيدۇ. ئۇلار بەزىلەرنىڭ گىراف، گىنرال، بەزىلەرنىڭ دېھقان، ئىشچى دەپ ئاتىلىدىغانلىقى، بىرىنىڭ زەردار بولۇپ، يەنە بىرىنىڭ جەندەكىيىپ يۈرىشىنى باراۋەرسىزلىك دەپ قارايدۇ." m) w$ {, n8 i; j" A
بەزىلەر بىزكۆرىنىشتىكىدەك ئاددىي ئادەملەر ئەمەس، بىرىمىز ئاق سۆڭەك بىرىمىز سودىگەر بەزىلىرىمىز ئۆلكە باشلىقى، بەزىلىرىمىز سودىيە، بەزىلىرىمىز ئوفىسسىر، بىرىمىز پادىشاھ، بىرىمىز ۋەزىر، بەزىلىرىمىز بولساق ھەربىي دەپ قارايدۇ. بۇ ئادىملەر ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتىمىز دېمەي، بەلكى قايسى بىر ئاق سۆڭەك، سودىگەر، ئۆلكە باشلىقى، سودىيە، ھەربىي، ۋەزىر ئوفىتسېرغا ئىشلەۋاتىمىز، دەپ قارايدۇ. بايلاردىكى بىر ئادەت شۇكى، ئۇلار بەزىلەرنى «سەن» بەزىلەرنى «سىز» دەيدۇ، بەزىلەرگە قول ئۇزىتىدۇ، بەزىلەرگە ئۇزاتمايدۇ بەزىلەرنى مېھمانغا تەكلىپ قىلسا بەزىلەرنى ئىشىك تۈۋىدىلا ئۇزىتىدۇ. بۇ ھال ئۇلارنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭ ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى باراۋەرلىكنىڭ نەقەدەر يىراقلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.! m: [# {! ?$ B4 O
0 O7 [6 m" `( U/ Y$ L' N8 K+ j
ھاياجان ئەڭ زېرەك ئادەمنى ساراڭغا ئەڭ كالۋا ئادەمنى زىرەككە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ 6 |0 e* K: @, F
ھاياجان پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ :بىر خىل ھاياجاننىڭ يوقىلىشى يەنە بىر خىل ھاياجاننىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. قەلبىمىز بىر خىل ھاياجاننىڭ قاردۇقلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقاندا، بىز ئۇنىڭ تامام يوقىلىشىنى كۈتمەيلا، يەنە بىر خىل يېڭى ھاياجانغا ئىگە بولۇشنى خالايمىز.- e3 [2 y1 q. l# p# Q
بىز تېخى ھاياجاننىڭ بىزگە قىلىپ بەرگەنلىرىنى چۈشىنىپ يەتمىدۇق. ياشلارنىڭ ھاياجانلىرى ياشانغانلارنىڭ سوغۇق قانلىرىدىنمۇ خەتەرلىك. ھاياجان دائىم دېگۈدەك ئەڭ زېرەك ئادەمنى ساراڭغا، ئەڭ كالۋا ئادەمنىزىرەككە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ھاياجان بىزنى خاتا ئىش قىلدۇرىدۇ، مۇھەببەت بولسا تېخىمۇ كۈلكىلىك ئىش قىلدۇرىدۇ.4 k2 D' w; I- v
ھاياجان باشتىن-ئاخىر قايىل قىلىش نۇتۇقى سۆزلەۋاتقان ناتىق. ئۇ ئۆز ئىگىسىگە بىر خىل تەبىئىي ماھارەت ئاتا قىلغان بولۇپ، مىزانى نۇقسانسىز ئەڭ ھاياجانلانغان ناتىق ئادەمنى ئەڭ تىز قايىل قىلالايدۇ.
2 b! Q# s0 ]5 e5 C1 Sبارلىق ھاياجان تومۇرىدىكى قاننىڭ قىززىشى ۋە سۇۋۇشنىڭ تۈرلۈك ئىپادىسى. كۈچلۈك ھاياجان بىزنى بىر مەزگىل ئەركىن-ئازادە قىلىدۇ، ئەمما شۆھرەت پەرەسلىك بىزنى دائىملا قۇتىرتىپ تۇرىدۇ. بىپەرۋالىق چاكىنا ھاياجانلارنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، بۈيۈك ھاياجانلارنى كۈچەيتىدۇ، خۇددى شامال شامنى ئۆچۈرگەن، يەلقۇنى ئۇلغايتقانغا ئوخشاش. بۈيۈك ھاياجانغا ئىگە بولغاندىلا كىشىلەر ئۆمۈر بويى ئۆزىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە قايغۇ-ھەسرىتىنىڭ مۇكەممەللىكىدىن بەھرىلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان بۈيۈك ۋە شانلىق ھەرىكەتلەر بەزى سىياسىيونلارنىڭ ئۆزلىرىنى سەھنىدە كۆرسىتىشى، بەزى كەيپىيات ۋە ھاياجاننىڭ ئاددىي نەتىجىسى، خالاس. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاۋگوسىت بىلەن ئانتونىنىڭ كۈرىشى-كىشىلەر ئۇنى ئۇلارنىڭ ئالەمگە خوجايىن بولۇش قارا نىيىتىنىڭ ئېلىشىشى دەپ ئاتايدۇ-بۇمۇ بىر خىل ھەسەتنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن. ھاياجاننىڭ ئۆزىگە سادىق بولمىغان بىر خىل قىزىقىشى بار، ئۇ خۇجايىنىنى خەتەرلىك ئىش قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بىز ھاياجان ئەڭ مۇۋاپىق ھالدا ئىپادىلەنگەن ھالاتتىمۇ، ئۇنىڭدىن پەخەس بولۇشىمىز كېرەك.4 \5 f; R1 {+ F3 w: ?' g
ھاياجان ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ خىلمۇخىل ئىپادىلىنىشى. ھاياجان دائىم دېگۈدەك ئۆزىگە قارشى نەرسىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. پىخسىقلىق بەزىدە ئىسراپخورلۇقنى، ئىسراپخورلۇق بەزىدە پىخسىقلىقنى پەيدا قىلىدۇ ؛ئادەملەر دائىم ئاجىزلىق ئارقىلىق قەيسەرلىككە، قورقۇنچاقلىق ئارقىلىق باتۇرلۇققا ئىرىشىدۇ. بىز دائىم دېگۈدەك ھاياجىنىمىز، ھەتتا ئەڭ جىنايەتلىك ھاياجىنىمىزنى شەرەپ دەپ بىلىمىز. ھەسەت بىرخىل نۇمۇسلۇق ۋە ئەڭ رەزىل ھاياجان، ئادەملەرنىڭ ئۆزىدىكى ھەممىنى ئىنكار قىلىدىغان ھاياجىنى.
( e( O# A. }" R' h
. l: }' v( K& ~" s& C8 a1 vمەنبە: ئەقىل پاراسەت جەۋھەرلىرى2 t5 i) o/ y# W0 E; a
5 h! {! o( ^2 h4 v( W
چۈشۈرۇڭ
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |