3d
مىنىڭ كىتاب يىلىم0 q+ z1 k' {6 A6 |2 {
رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ . ^! M3 Y- V; e, h
- o, l5 a$ t9 X' ~8 L8 G& Z
3 y9 {4 l( |, D! n6 _% O4 R. c( p+ S بەلىكىم مىنىڭ كىتاب خۇمارلىقىمغا ئۆيىمىزدىكى كىتابلار خىمىتۇرۇچ بولغان بولۇشى مۈمكىن.باللىقمىدا ئاكامىنىڭ روھى بايلىقلىرى بولغان بىباھا كىتابلارنى ئوقۇپ-ئوقۇپ قانمايتىم.ئەشۇ كىتابلار مەكتەپتىن قايتىپ سايلىقتا قوي باققانلىرىمىدا قويلارغا قۇشۇلۇپ ماڭا ئەڭ يىقىن سىرداش بولاتتى.كىينچە ئەشۇ كىتابلار ئاستا-ئاستا ۋۇجۇدۇمىنىڭ بىر قىسىمغا ئايلىنىپ ئوقۇغانلىرىمىدىن ھىس قىلغانلىرىم ئاساسىدا ئانچە-مۇنچە قەلەم تەۋرىتىپ تۇرىدىغان بولدۇم. كىتاب ئوقۇش تۇرمۇشۇمدا قوش ئۈنۈم ياراتقاچقا ھىلمەممۇ بوش ۋاقىت تاپساملا كىتابتىن روھى ئىنىرگىيە تولۇقلايمەن.2014-يىلىمنىڭ بىشى بۇرۇن ئەۋەتكەن ماقالىللىرىم ئىلان قىلىنىپ شۇنداقلا بىر قانچە پارچە قىممەتلىك كىتاب سىتىۋىلىپ شۇنداق خۇشال باشلانغان ئىدى.ئەتىگەندە نىمە يىسەڭ كەچتە شۇ دىگەندەك بۇ بىر يىلىم يىل ئاخىرغىچە كىتاب ئىچىرە شۇنداق خۇشال ئۆتۈپتۇ.ماڭا خۇشاللىق ئىلىپ كەلگەن كىتابقا يانداش پائالىيەتلەرنىڭ ئەھىمىيتى يەنە مىنى قولۇمغا قەلەم ئالغۇزدى.
, _$ z h7 o, Y( y) ` ھەممىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ھەر يىلى ئۆمىد ئىينىڭ 23-كۈنى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى.مەن بۇ يىللىق كىتاب ئوقۇش كۈنىگە 2-ئوقۇش مەۋسۇمىنى باشلىغان كۈنىدىن باشلاپ تەييارلىقىنى باشلىۋەتكەن ئىدىم.چۈنكى بىزنىڭ ئوقۇغۇچىللىرىمىز ئۆزىمىز ھەققىدە يىزىلغان نۇرغۇن بىباھا كىتابلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتى،بىلىسمۇ ئۇ كىتابلارنى ئوقۇپ باققانلىرى كۆپ ئەمەس ئىدى.شۇڭا مەن كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىقوزغاش ئازۇيۇمنى تۈۋەندىكى بىر قانچە يۈرۈش پائالىيەتلەر بىلەن باشلىۋەتتىم.
) }1 w3 v8 E6 H6 o! `" dبۇ مەكتىپىمىزدە «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»نى3- قېتىم ئۆتكۈزۈشىمىز ئىدى. مەن بۇ كۈنىدىكى كىتاب يىغىپ بالىلارغا ئوقۇتۇش پىلانىمىنى پۇل توپلاپ كىتاب فوندى تەسىس قىلىپ كىتاب سىتىۋىلىپ بالىلارغا ھەركۈنى ئارىيەت بىرىپ تۇرۇشقا ئۆزگەرتتىم. ئالدى بىلەن پىلانىمنى ئوقۇغۇچىلارغا دىدىم. كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار پىلانىمىنى قوللىغاندىكىيىن ئاندىن مەكتەپتىكى ھەممەيلەنگە ئوقتۇردۇق. ئىككى كۈن ئىچىدىلا 1000يۈۋەنگە يىقىن پۇل يىغىلدى.مەن بۇ يىلىقى كىتاب ئوقۇش كۈنىنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقمىزدىن ئالامچە شاتىلقققا چۈمدۇم.كىتاب فوندى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلۇپ دەسلىپىدە داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچىللىرىمىز يازغان تارىخى رومانلاردىن 30 پارچە سىتىۋالدۇق.شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى قوزغىلىپ كەتتى.ئىشخانامغا كىتاب ئارىيەت ئالغىلى كىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بەكرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايغى ئۈزۈلمەيتى.چۈنكى مەن سىتىۋالغان كىتابلار ئۇنداق-مۇنداق كىتابلار بولماستىن بىزگە ئۆزلىكىمىزنى تونىتىدىغان،كىملىكىمىزنى بىلدۈرىدىغان،ھەممەيلەن سۆيۇپ ئوقۇيدىغان ئەمما بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز تىخىچە ئوقۇپ ئۈلگىرىمىگەن«قۇم باسقان شەھەر»، «جاللات خېنىم»، «ئۆزلىك ۋە كىملىك»،«ئانا يۇرت»،«داغ»،«كەلىلە ۋە دەمىنە»قارتارلىق كىتابلار ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ئەسىلى مۇنداق كىتابلارنى ئوقۇشقا قىزىقىدىكەن ئەمەسمۇ؟ئەسلىدە ئۇ كىتابلار ئۇلاردا بولمىغاچقا ئوقۇيالماپتىكەن-دە ؟!ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇقېيۇمىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گوروپىسىدا 30 يۈۋەندىن كىتاب چىيى تەسىس قلىندى. ھەر ئايدا 15نەپەر ئوقۇتقۇچىدىن يىغىلغان پۇلغا شۇ كىشىدە يوق كىتاب سىتىۋىلىنىدىغان باشقىلارمۇ تەڭ پايدىلىنىدىغان قائىدە بىكىتىلدى. 23-ئۆمىد كۈنى بىز ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ بارلىق كىتابلارنى بىر يەرگە توپلاپ ئوقۇغۇچىلارغا ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ھەققىدىكى نادىر كىتابلارنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇشتۇرغاندىكىيىن كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى ئىلىپ باردۇق.بۇنىڭدا ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىردىن كىتاب تارقىتىپ ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىكىيىن شۇ كىتابتىن سۇئال چىقىرىپ زىھىن سىناش شەكلىدە پائالىيەت ئىلىپ باردۇق،بۇنىڭ ئۈنىمى نەچچە سائەت چىڭقىلىپ ئۆتكەن دەرىستىن ئۈنۈملۈكرەك بولدى.ئۇيغۇر تارىخىدا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە ئەنە ئەشۇنداق كىتابلار جەمىيەتتىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ فوندىمىزغا پۇل ئىئانە قىلىشى بىلەن كۆپىيىپ ھازىرغىچە 1000 پارچىدىن ئاشتى.
$ [7 a2 n6 P! F: t7 D( w9 [بالىلارنىڭ ئىنىگىلىزچە لوغىتى بولمىغاچقا دەرىسلىكتىكى يىڭى سۆزلەرنى تىپىش، جۈملە تۈزۈش جەھەتلەردە خىلى قىيىنالغان ئىدى.شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى نەشىرىياتى 99-يىلى نەشىر قىلغان ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنىگلىزچە رەسىملىك لوغەت ئوقۇغۇچىللىرىمىنىڭ بۇ ئىھتىياجىنى قاندۇرالايتى،2-مەۋسۇم باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي مەن بۇ كىتابتىنى ئىزدىدىم، ئەمما بۇ لوغەت نەشىر قىلىنغىلى ئۇزۇن بولغاچقا بىر ھەپتە ئۈرۈمچى،قەشقەردىن ئىزدەپ- سوراپ ئاران 60 پارچە تاپالىدىم.لوغەتىنىڭ سانى ئىھتىياجنى قاندۇرالمىغاچقا يەنە ئوقۇغۇچىلارغا ماس كىلىدىغان لوغەت كۆرۈپ بىقىش ئۈچۈن كىتاب ساتىدىغان تور بىكەتلىرىنى ئارلاپ كۆردۇم،بىر تور دۇككىنى 20 يۈۋەنلىك خەنزۇچە-ئىنىگلىزچە، ئىنىگىلىزچە-خەنزۇچە قوش يۈلىنىشلىك بىر لوغەتىنى 12 يۈۋەندىن سىتىۋاتقان ئىكەن،مەن بۇ لوغەتتىن96پارچە سىتىۋالدىم. مىزان ئىيىدا يىڭى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يەنە جۇڭگۇ كىتاب تورى (www.bookschina.com)دىن ئوخشىمغان يەتتە خىل تۈردىكى خەنزۇچە- ئىنىگلىزچە،ئىنىگىلىزچە-خەنزۇچە قوش يۈلىنىشلىك لوغەتتىن 157 پارچە سىتىۋالدۇق. نەچچە يۈز بەتلىك بۇ لۇغەتلەر مەزكۇر توردا شۇنچىللىك ئەزان بولۇپ بەش يۈۋەندىن ئون يۈۋەنگىچە ئىدى.ھەر بىر لوغەتتە ئەسلى باھاسىدىن ئون يۈۋەندىن ئارتۇق تىجەپ قالغىلى بولاتتى.لوغەتلەرنىڭ ئەپچىللىكى،سۆز مىقدارىنىڭ موللىقى،رەڭدارلىقى ئوقۇغۇچىللىرىمغا نۇرغۇن ئۈگىنىش قۇلايلىقلىرىنى ئىلىپ كەلدى.شۇنداق ياخشى قۇرال كىتابلارنى ئوقۇغۇچىللىرىمغا تىپىپ بىرەلىگىنىمدىن خۇشال ئىدىم.
( R* I% |: {0 o- ~1 Gپوچتىدىن خەت-چەك ياكى پوسۇلكا كەلسە خۇشال بولمايدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىسا كىرەك،ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا يىزىلغان«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»، «پەن ۋە تۇرمۇش»قاتارلىق 30 خىل گىزىت-ژورنال پوچتىدىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كىلىپ مىنى زىرىكتۈرمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىكار چاغلىرىمدا تور ئارلاپ سىتىۋالغان ئىنىگلىزچە ھىكايە كىتاب-ژورناللار ۋە يازغان ماقاللىرىمىنىڭ قەلەم ھەققى ھەر ھەپتىدە قۇلۇمغا تىگىپ تۇرمۇشۇمىنى رەڭدارلاشتۇراتتى.«شىنجاڭ مائارىپى»ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغان «تەۋپىق روھى مەڭگۈ ھايات»ناملىق ئىزلەنمە ماقالەم ئۈچۈن كەلگەن قەلەم ھەققىگە ئايالىم ئىككىمىزنىڭ توي قىلغانلىقىمىزنىڭ ئىككى يىللىقىنى تەبىرىكلەپ«باھادىرنامە»ناملىق كىتابىنى سىتىۋالدىم.كىتابخانا خۇجايىنى بۇ كىتابىنى سىتىۋالغىنىم ئۈچۈن ماڭا « ئابدۇقادىر جالالىدن مۇنداق دەيدۇ»ناملىق كىتابىنى سوۋغا قىلدى.كىتابلارنى كۆرۈپ ئايالىم شۇنچىلىك مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۇردى.مەن ئادەتتە ئالاھىدە كۈنلەردە باشقىلارغا كىتاب سوۋغا قىلىشىنى ياقتۇرىمەن.بۇ يىل ئايالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە «ئەنجانباي» ناملىق روماننى،بىر قانچە نەپەر ئوقۇغۇچمىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئەدەپ-ئەخلاق ھەققىدىكى كىتابلارنى سوۋغا قىلىدىم.ئۇلارمۇ مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمدە ماڭا قىممەتلىك كىتابلارنى كۆڭۈل سوۋغىسى قىلدى.ئايالىم سوۋغا قىلغان«تۈشۈك مۇنچاق»ناملىق كىتاب، ئوقۇغۇچىللىرىم سوۋغا قىلغان«يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكىمەت»،«قاباھەت»، «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن »،«ئۆزۈڭنى تاپ، كۆزىڭىنى ئاچ ئەركەكلەر» ناملىق كىتابلار پىقىرىنىڭ 33- باھارىغا ئۆزگىچە تۈس قۇشۇپ مىنىڭ قۇۋانچىللىرىمىنى ئەۋجىگە چىقاردى.
8 j1 e, {9 t; L7 k. h1 @6 A8 d pئەلگە تۇنۇلغان دىرامماتىروگ،شائىر ساھىت سادىق ئاكىمىزنىڭ باش بولۇپ ئويۇشتۇرىشى بىلەن 2010-يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلاپ يۇپۇرغىدىكى قەلەم ساھىبلىرى ئايدا بىر قىتىم يىغىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت مىۋىللىرىدىن تەك بەھىرلىنىدىغان،كىتاب ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىدىغان،مىلليىچە سازلارنى چىلىپ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىللىرىدىن بەھىرلىنىدىغان،يازغان ئەسەرلەر ھەققىدە ئورتاق پىكىرلىشىدىغان ھاراق،تاماكىسىز ساپ بىر مۇھىت يارتىپ مەدەنىيەت ئەنجۇمەنى تۈزگەن ئىدۇق.بىزنىڭ بۇ سورىنىمىز ئەينى چاغدا ياش يازغۇچى ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايىنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «نىقاپلانغان سۆيگۈ»ناملىق ھىكايىلەر توپلىمىنى مۇبارەكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئىدى.بۇ بىر قانچە يىل ئىچدە شائىر ئەنۋەر ئابلەت شەيدائىنىڭ «ھايات قەسىدىسى» ناملىق شىئىرلار توپلىمى،ئوبۇلھاشىم ئەخەت ئېقىننىڭ«يۈرەك نىمە دەيدۇ»،«شىپالىق دورا- دەرمەكلەر»ناملىق كىتابلىرى نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى.بۇ كىتابلارنىڭ تارقىتىلىشى دىلكەشلەر سورنىمىزدىكلەرنىڭ ئاۋازغا ئىلىپ تەييارلىغان نەۋرۇز بايرىمىلىق پىروگىراممىنىڭ مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسى «رادىئو ژورنىلى» پىرگىراممىسىنىڭ ئالاھىدە سانى ئارقىلىق ئاڭلىتىلىغاندىن كىيىنكى يەنە بىر ھاياجىنى ئىدى.بىز قەلبىمىزگە سىغمىغان پەخىرلىك تۇيغۇلىرىمىزنى ئىلھامغا ئايلاندۇرۇپ ئەنۋەركام ۋە ئوبۇلھاشىمكام ئۈچۈن يەنە بىر ئەھمىيەتلىك ئەنجۇمەن تۈزۈپ ئالىقىش،تەبىرىكلەرنى ياڭراتتۇق،ئۇلار سورۇن ئەھلىگە كىتابلىرىنى سوۋغا قىلدى.باشقىلارغا ئوخشاش مەنمۇ بۇ كىتابتىن 20 پارچىنى مەكتىپىمىزگە ئىلىپ قىلىشقا كۈچ قوشتۇم.يېقىنىدا يەنە يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ غوللۇق ئەزاسى، دىلكەشلەر سورۇنىمىزدىكى يىتىشىۋاتقان ياش يازغۇچى ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايىنىڭ يۇپۇرغىدىكى تېرىم،بايئاۋات يىزلىرىنىڭ ئەيىنى چاغدىكى ۋەيران بولۇپ يۇقىلىش گىردابىغا بىرىپ قالغانلىقى ۋە ئۇنى قوغداپ قىلىشتەك تارىخى كۆرنىشىنى ئاساسى لىنىيە قىلغان ئۆزىنىڭ شۇنداقلا يۇپۇرغىنىڭ تۇنجى رومانى «ئابىھايات» ناملىق ئىككى قىسىملىق تارىخى رومانى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئەتىراپىمىزدىكى يۇرتلاردىن مەركىت،يەركەن قاتارلىقلاردا ئاللبىۇرۇن رومان چىقارغانلار بار ئىدى.بۇ رۇمان يۇپۇرغىدىن ھازىرغىچە رومان ئىلان قىلىنمىغانلىق تارىخىغا خاتىمە بىرىپ بىز يۇپۇرغىدىكلەرنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىدى.بىز دىلكەشلەر سورنىدىكىلەر يەنە شاتلىقتا قۇۋالىشىپ ئالاھىدە بىر سورۇن راسلاپ ئابدۇناسىركامىنى ئالقىشقا كۆمىۋەتتۇق.سورۇندا مەدىيەھلەر ياڭرىدى، شىئر-قوشاق، نەزمىلەر ئوقۇلدى. يىتىشىۋاتقان دىكتور،ئۆزىنىڭ بۇلبۇلدەك ئاۋازى بىلەن شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى ئاۋازلىق ئەسەرلەر سەھپىسىنى خالىسانە ھالدا بىجاندىل باشقۇرۇپ كىلىۋاتقان تۇنساگۈل بارات ئەلقىزى ئۆزى يىقىنىدا ئاۋازغا ئىلىپ تەييارلىغان بىر قىسىم نەسىر ۋە ھىكايىلەرنى پىلاستىنىكا شەكلىدە سورۇن ئەھلىگە سوۋغا قىلدى.بۇ قىتىمىقى سورىنىمىزمۇ ئىلگىرىكى سورۇنىمىزغا ئوخشاشلا نۇرغۇن يىڭى ئۇچۇر ۋە بىلىملەرگە لىقلىنىپ نەتىجىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزلدى.' ?! w( f8 B2 T' A5 K
بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايۇن بويىنچە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەشۋىقى-تەربىيە پائالىيتى قانات يايدۇرۇلدى.داڭلىق مۇتەخەسىسىلەر، ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەنلەرگە چۈشۈپ لىكسىيە سۆزلىدى.شۇ قاتاردىمۇ يۇپۇرغا ناھىيلىك مائارىپ ئىدارسى ئىككى لىكسىيە سۆزلەش گوروپپىسى تەسىس قىلدى.مەن يىزىلارغا بىرىپ لىكسىيە سۆزلەش گوروپپىسىغا بەلگىلەندىم.ماڭا مەدەنىيەت تىمىسىدا يەنى «مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش،مەدەنىيەتىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش » دىگەن تىمىدا لىكسيە سۆزلەش ئورۇنلاشتۇرلدى. مەن ئۈچۈن تىپلغۇسىز پۇرسەتتە كىتاب ۋە يىزىقچىلىق ھەققىدە كۆپرەك سۆزلىدىم.چۈنكى كىتاب بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى،نەشىر قىلىنىۋاتقان مىللىي يىزىقتىكى كىتابلارنىڭ ئاز بولۇشى بىلەن بىرگە ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ ئازلاپ كىتىۋاتقانلىقى سەۋەپلىك كىتاب مەدەنىيتىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولىدۇكى ھەرگىز ئارقىغا چىكۈندۈرۈشكە بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلار دەل ئەشۇ كىتاب مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ۋە يەتكۈزۇشتە ئاۋانگارت قوشۇن ھىسابلىنىدۇ.مەن ئوقۇتقۇچىلاردىن كىتابقا،يازغۇچىللىرىمىزغا ئائىت سۇئاللارنى سوراپ ئۇلارغا ئۆزەم سىتىۋالغان كىتابلارنى سوۋغا قىلدىم.ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك كىتاب ئوقۇشىنى تەشۋىق قىلىش ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئاۋال ئۆزى كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ ئۆزى ئۈلگە بولۇش ھەققىدە لىكسيە سۆزلىدىم." r8 O& S' A1 K) d# n
مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئۇلۇغ ئالىمىمىز،20- ئەسىردىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى،ئۆزىنىڭ قورقىماس ئىرادىسى بىلەن يىڭىچە مائارىپىنى بىزگە ئىلىپ كىرىپ تارقاتقان شائىر ئابدۇقادىر دامۇللام ھەققىدە ئاز-تولا ئىزدىنىپ بىرەر پارچە ماقالە يىزىش مەخستىم بار ئىدى،شۇڭا «ئابدۇقادىر دامۇللام ھەققىدە قىسسە»، «يىڭى مائارىپ بايراقدارى-ئابدۇقادىر دامۇللام»،«ئابدۇقادىر دامۇللام ۋە ئۇنىڭ 100 نەسىھەتى»قاتارلىق كىتابلارنى سىتىۋىلىپ شۇ دەۋىردىكى نۇرغۇن تارىخى بىلمىلەرگە ئىگە بولدۇم.ۋە«تاغ چوقىسىدىكى ئەقىدە»ناملىق ماقالەمنى ئىلان قىلدۇردۇم.ھەممە كىشىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىگە نائىل بولۇپ كىلىۋاتقان شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ «بىر كىتاب بىر ئالەم» پىروگىراممىسىنىڭ ھازىرغىچە ئىشلەنگەن بارلىق سانىلىرىنى تېپىپ كۆردۈم، چۈنكى بۇ پىروگىرامما كىتاب ئاشنالىرىنىڭ ھەقىقى سىردىشى.جۇڭگۇ كىتاب تورى (www.bookschina.com) ، تاۋباۋ مال سىتىۋىلىش تورى (www.taobao.com) قاتارلىقلاردىن جەمئى 32 پارچە كىتاب سىتىۋالدىم.مەن «قىساسۇل ئەنبىيا» «باھادىرنامە»،«تاغ جۇدۇنلىرى»،«كونا قاپقان»،«كۈندە ئازىراق پىسخىكا ئۈگىنەيلى» (خەنزۇچە)،«كۈندە ئازىراق پەلسەپە ئۈگىنەيلى» قاتارلىق كىتابلار بولۇپ بۇ بىر يىلدا ئۆزۈمگە تەۋە سېتىۋالغان كىتاب 110 پارچە بوپتۇ.110 پارچە كىتابنىڭ ماڭا 10 مىڭ پاتمان شاتلىق بىغىشلىغىنى يەنىلا پىقىرغا ئايان .
7 i) Q" X" l }مىنىڭ مەكتەپتىكى خىزمىتىم رادىئو تەشۋىقات خىزمىتى بولغاچقا ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرچە رادىئو پىراگىرممىلىرىنى ئىشلەپ تورلاردا(«تارىم» ژورنىلى تورىنىڭ ئاۋازلىق ئەسەرلەر سەھپىسىنى خالىسانە ئىشلەپ بىرىۋاتىمىز)،پىلاستىنىكا شەكلىدە تارقىتىپ(بۇ بىر يىلدا «تىلىمىز- جىنىمىز»،«بىز كىم»،«ئۆمىرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن ئانا»،«توغراق يىشىدا ياشاڭ،ئۇستاز» قاتارلىق پىروگراممىلارنى ئىشلىدۇق) جەمئىيتتىكلەرنىڭ خىلى كۆپ ئالقىشىغا ئىرىشتىم. ئۆزەم ئوقۇغان كەسىپ ئىنىگىلىزتىلى بولغاچقا مىللىتىمىزنى ئىنىگىلىزتىلىدا باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش ئارزۇيۇم پولات تاۋلاش ئوچىقىدىكى ئوتتەك كۈچلۈك يىلىنىجايتى.شۇڭا مەندە بىز ھەققىدىكى ئىنىگىلىزچە پىروگىرمملارنى ئىشلەش ئىستىكىمۇ خىلدىن بۇيان مىنى ئولتۇرغۇزماي قويغان ئىدى. مىللىتىمىز ھەققىدە ئىنىگلىزچە پىروگىرامما ئىشلەش ئۈچۈن توردىن چۈشىرىۋالغان ئازغىنە ماتىرىياللار كۇپايە قىلمايتى.ئاۋال شۇ تىلدا يىزىلغان بىز ھەققىدىكى ئۆلچەملىك ماتىريال بولۇشى كىرەك ئىدى.مەن تاۋباۋ مال سىتىۋىلىش تورىنى (www.taobao.com)ئاقتۇرۇپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يىزىلغان«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋي مۇقاملىرى»،«شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى»، «شىنجاڭدىكى بۇ كارامەت كىشلەر»،«شىنجاڭنىڭ سىرلىقلىرى»قاتارلىق ئىنىگىلىزچە كىتاب- ژورناللارنى سىتىۋالدىم. سىتىۋالغان كىتابلىرىمىنى ئەستايدىل ئوقۇپ ئۇيغۇرلار ۋە بىزنىڭ ناخشا مۇزىكللىرىمىزنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۇنىۋىرسال شەكىلدىكى «ياخشىمۇسەن، ئۇيغۇر مۇزىكىسى»(Hallo Uyghur Music) ناملىق رادىئو پىروگىرممسىنى ئىشلەپ چىقتىم.ھەرھالدا كىتاب ئوقىسا خۇشال بولىدىغان،كىتابىنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان بىر ئادەم بولۇپ يىتىلگىنىمدىن مەمنۇنمەن.چۈنكى سىتىۋالغان كىتابلىرىم ۋە ئىنىگلىزچە رادىئو پىروگىراممىسى ئىشلەش جەريانى ماڭا ئىنتايىن كۆپ ئۆگىنىش پۇرسىتى ئىلىپ كىلىپلا قالماي زور شاتلىق ئاتا قىلدى.( H" i6 H/ H! F+ d; |
بۇ بىر يىلدا جەمىئى 1030پارچىدىن ئارتۇق كىتاب قولۇمدىن ئۆتۈپ ئەشۇ كىتابلار بىلەن يۈز كۆرشۈش پۇرسىتى يارتىلىدى.مۇشۇ ماقالىنى يىزىۋاتقاندا ئۆزۈمدە زادى قانچە پارچە كىتاب باردۇ دىگەننى ئستاستىكىلاپ باقتىم.مىنىڭ كىچىك كىتابخانمىدا ئۇيغۇرچە،ئىنىگلىزچە كىتاب ۋە ژورنالدىن 1300 پارچە ساقلىنىۋىتىپتۇ. ئۇيغۇرلار تارىخىدا ھازىرىغىچە 300 پارچىدىن ئارتۇق رۇمان ئىلان قىلىنىپتۇ.ئىلان قىلىنغان 300 نەچچە پارچە كىتابنىڭ 71 پارچىسىنى ئوقۇپتىمەن، ئۇنىڭ 60 پارچىسى مىنىڭ كىچىك كىتابخانمىدا بار ئىكەن، نىمىشقىكىن بۇ كىتابلار ماڭا يەنىلا ئازدەك تۇيۇلدى.چۈنكى بىر قانچە يىلدىن بىرى يىققان كىتابلىرىم ئاران شۇنچىلىكلا بوپتۇ.شۇڭا مەن داۋاملىق كىتاب سېتىۋىلىش ۋە ئوقۇش پىلانى تۈزدۈم.تاقا-تۇقا گەپلىرىمىنى تۈگەللىسەم گەرچە مەن بىر ئاددى ئوقۇتقۇچى بولساممۇ ئەمما نىمىشقىكىن بالىلارغا ئۆز تارىخىمىز ھەققىدە تەلىم-تەربىيە بىرىشتە رولۇم بەكلا يۈكسەك ۋە مۇھىم دەپ قارايمەن.بولۇپمۇ ئۆزىمىز ھەققىدە يىزىلغان كىتابلارنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرىمىز تەرىپىدىن ئوقۇشىسز قالماسلىقى مەن ئۈچۈن ئەڭ باھادىر ئىش.چۈنكى بىز ئۇلارغا يەتكۈزمىسەك،تارقىتىپ تەشۋىق قىلمىساق ئۇلار ئۆزلىرى ھەققىدە ھىچىنىمىنى بىلمەي چوڭ بولىدۇ.كىتاب مەدەنىيىتىمىز ياخشى تەشۋىق قىلىنمىسا مىللي مەدەنىيىتىمىزمۇ ئىز باسارسىز قىلىشى مۇمكىن. «مەخمۇد قەشقىرى يىلى»،«جۇڭگۇ- روسىيە يىلى»،«خەلق تۇرمۇشى يىلى»دىگەن چوڭ ئاتالمىلار تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىگىلى نىكەم بولسىمۇ ئەمما «بۇ يىل مىنىڭ كىتاب يىلىم،بۇ يىلىنى ماقالە ياكى كىتاب چىقىرىش يىلىم قىلىمەن،بۇ يىلىنى كۆپرەك نەتىجە قازىنىپ نەتىجە يىلى قىلمەن» دەيدىغان كىچىك ئاتالمىلار تۇرمۇشىمىزغا تىخى تولۇق سىڭىپ كىرەلمىدى.مەن 2014 - يىلىنى ئالدىن بۇ مىنىڭ كىتاب يىلىم دەپ بىكىتىۋالغانمۇ ئەمەس،ئەمما قەلبىمدە مەۋج ئۇرغان بىباھا كىتابلىرىمىزنى ئەتراپىمىزدىكلەرگە ۋە ئوقۇغۇچىلارغا تۇنۇشتۇرشتەك بىر خىل ۋەزىنلىك مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا كىتابقا بولغان ھىرىسمەنلىكىم ئات يىلىمىنى كىتاب ئارقىلىق كۆپلىگەن مەنىلارغا پۈركىدى.يىل ئاخىرىدا نەزەر سالسام 2014-يىل ھاياتىمدىكى مەن ئۈچۈن ئەك كۆپ كىتاب سىتىۋالغان بىر يىل،ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇغان بىر يىل،ئەڭ كۆپ كىتاب ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان بىر يىل،ئەڭ كۆپ رادىئو پىروگىراممىسى ئىشلىگەن ھەمدە ھاياتىمىدىكى ئەڭ كۆپ ماقالە يىزىپ ئىلان قىلدۇرغان بىر يىل بوپتۇ.بۇلارنىڭ روياپلىنىش ئۈچۈن كىتابنىڭ خىىمىتۇرۇچ بولغانلىقغا گەپ كەتمەيدۇ.كىلەر يىلىمنىڭ ئۆزگىچە ئۆتۈشى شۇندقلا بارلىق ياش زامانداشلىرىمىنىڭ پۇرسەت چىقىرىپ كۆپرەك كىتاب كۆرۈپ ياشلىق باھارىنىڭ ھەر بىر بىتىنى گۈزەل ئەستىلەكلەرگە ۋە قىممەتلىك ئۇنچە- دۇرلارغا بىزىشى شۇنداقلا كىتاب مەدەنىيىتىمىزنى قاغجىرتىپ قويماسلىقى پىقىرنىڭ 2015-يىلدىكى ئەڭ ئىزگۈ تىلىكىدۇر.& o1 R7 K, z1 A2 z% s
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەمىنە يىتىم بالىلار كىتاب فوندىمىزغا نەخ پۇل ئىنانە قىلغان يۇپۇغا ئەشمىدىن قىيۇمجان(2000يۈەن)،ئاتۇشتىن تىلغۇن نۇمۇر 138 ئاخىرىقى نۇمۇر 530 بولغان قېرىندىشىمىزغا(1000يۈەن)،غۇلجىدىن ئابدۇۋاخاپ ئەپەندىمىگە (1000يۈەن) چىن قەلبىمىزدىن دۇئايى سالاملار يوللايمىز.ھەمدە بارلىق قانداشلىرىمىزنىڭ رايۇنىمىزدا تىخى تۇنجى بولغان يىتم بالىلار كىتاب فۇندى خەيرى-ساخاۋەت پائالىيىمىزنى داۋاملىق قوللاپ تۇرشىنى ئۈمىد قىلىمىز .9 R: b+ @- ?$ D5 {
(ئاپتۇر:يۇپۇرغا ناھىيە3-ئوتتۇرا مەكتەپتە)
6 U# L+ i1 ], i/ f6 s; d手机号:13899198079' k, F: a0 i" N: f
دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |