ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 793|ئىنكاس: 0

خىمىيە ئالىمى زەپەر ئابلىزئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

658

تېما

1153

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9196 سەر
تۆھپە
2740 سەر
تىللا
6072 دانە
جەۋھەر
17 دانە
يانفۇن 3 ~5 }2 J2 B. o) x) V* L0 q% }
2011092562578737.jpg
4 x( p: \3 Y0 n; m% y, ~
1961 - يىل 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئاتىسى نازىرى خەلقىمىزگە تونۇلغان پېشقەدەم شائىر، جۇرنالىست ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدىكى ئىقتىدارلىق رەھبەر، ئانىسى ئايىم كېۋىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، 1979 - يىل 9 - ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى .
* i' Y/ z6 z7 l4 Q" Q9 v/ b4 @2 c4 ?0 e; N0 U% L
1983 - يىل 7 - ئايدا ئوقۇشى پۈتكەندە نەتىجىسى پەۋقۇلئاددە ياخشى بولغاچقا، خۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىندى. ئۇ 1985 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە بىرىنچى تۈركۈمدە ئەۋەتكەن ئوقۇغۇكىلار قاتارىدا ياپونىيە مەئىسەئى ئۇنىۋېرسىتېتى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ فاكۇلتېتىدا بىلىم ئاشۇردى ھەم ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ياپون تىلى ھەم ئىنگلىز تىلىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن كەسپىي بىلىم سەۋىيىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى ھەم بۇ جەھەتتە تېز ئالغا باستى. بۇنىڭ نامايەندىسى شۇكى، ئۇ شۇ مەزگىلدىلا ئالتە پارچە ئىلمىي ماقالە، بەش پارچە دوكلات يېزىپ، ھەر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى ۋە شۇ نەتىجىلىرى بىلەن ياپونىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولدى. ئۇ 3 يىل ئەنە شۇنداق قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئارقىلىق 1988 - يىل 3 - ئايدا ھەم فىزىكا كەسپى بويىچە "تەبىئىي پەنلەر ماگىستېرى" ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.( [& m7 c/ [$ I" ~% d6 V4 \4 M

: ?5 ^8 ]( v# {2 x4 {. M6 I- Y 1988 - يىل 4 - ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ، ئانا مەكتىپى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاكۇلتېتىدا داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. 1989 - يىل 3 - ئايدا لېكتور بولدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ ئىلگىرىكى بىلىملىرى ئاساسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىپ تۇردى. يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1989 - يىلللىق مۇنەۋۋەر ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى مۇكاپاتىغا، 1990 - يىلى شىنجاڭ پەن - تەخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا، 1992 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن - تەخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر ماقالە (بىرىنچى دەرىجىلىك) مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان تەجرىبىخانا قۇرۇپ، كۆپ ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق "ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ خىمىيىلىك ئىسسىقلىق خالتىسى" نى سىناق قىلىپ ياساپ چىقتى. ئۇ يۇقىرىقىدەك نەتىجىلىرى ئارقىلىق 1991 - يىلى دوتسېنتلىققا كۆتۈرۈلدى.
) @: k$ C" c% v3 R+ w. [" B
  k' X( J+ K5 I: c. E1 W  k 1991 - يىل 4 - ئايدا ياپونىيە توھو ئۇنىۋەرسىتەتى تەبىئىي پەنلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ياپونىيىگە يەنە بىر قېتىم بېرىپ، جاپالىق ئىلىم سەپىرىنى باشلىدى. بۇ مەزگىلدىمۇ ئۇ توي قىلغىنىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان ئايالى ۋە باشقا ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىغا بولغان سېغىنىشىنى ئۆز يۇرتى ۋە خەلقىگە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقىغا بويسۇندۇرۇپ، ئىلىم - پەن دېڭىزىغا يەنىمۇ چوڭقۇر چۆكتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە، يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە يېتىشكە يۈزلەندى. ئۇ دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان شۇ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىدا بىر ياقتىن ئۆسۈملۈك خىمىيىگە ئائىت بىلىملىرىنى ئۇيغۇر دورىگەرلىكىگە تەدبىقلاپ، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىلىم نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلسا، يەنە بىر ياقتىن ماسسا سپەكترو ئىلمى ساھەسىدىكى يېڭى بايقاشلارنى ۋە پۇراقلىق ھىدرو كاربون ماددىلىرىدا بولىدىغان ھىدروگەن باغقا ئوخشايدىغان مولېكۇلا ئىچىدىكى ئاجىز تارتىش كۈچى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق دەلىللەپ چىقتى. ئۇنىڭ خەلقئارا ئىلغار سەۋىيىگە يەتكەن بۇ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ ھەممىسى دەگۈدەك خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي جۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. ئۇندىن باشقا ئىلمىي جۇرناللارغا ۋە ماقالىلەر توپلاملىرىغا كۆچۈرۈپ بېسىلدى. ئۇ ئەنە شۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن دوكتورلۇق ئوقۇشىنى ئىككى يىلدىلا غەلىبىلىك تاماملاپ، 1993 - يىل 5 - ئايدا ھەم فىزىكا كەسپى بويىچە "تەبىئىي پەنلەر دوكتورى" ئۇنۋانىنى ئالدى. 1993 - يىل 4 - ئايدىن باشلاپ، توھو ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك ئىلمى ئىنستىتۇتىدا تەكلىپلىك تەتقىقاتكى سۈپىتىدە تەبىئىي مەھسۇلاتلار خىمىيىسىنىڭ تەتقىقات خىزمىتىنى ئىشلىدى.& ~; |& o! s) I# j) i- I4 j$ [( F
% n* @# q+ F& _: o. [* C
ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە، جۇڭگودىن بارغان ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ياپونىيىلىك دوستلارنىڭ ئارىسىدا كەسىپ ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتتە باشلامچىلىق رولىنى ئوينىدى ۋە "غوللۇق ماھىر" دەپ نام ئالدى. دەرۋەقە، بۇ غوللۇق ئىختىساس ئىگىسى 1993 - يىلى "ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇكىلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى مۇكاپاتى" غا، "1995-يىل 7 - ئايدا جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ياش پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ 2 - نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىدا مۇنەۋۋەر ماقالە مۇكاپاتىغا، شۇ يىلى 10 - ئايدا " لياڭ شاۋتيەن ياشلار فوندى مۇكاپاتى " غا ئېرىشتى. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق گېزىتلەردە ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، ئىش - ئىزلىرى، تەتقىقات نەتىجىلىرى تونۇشتۇرۇلدى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي جۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىسى 60 پارچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 30 پارچىسى سكى پايدىلىنىلغان ماقالىلەر كاتالوكىغا كىرگۈزۈلدى. شۇنداقلا، بۇ ماقالىلەردىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭى بايقاشلار ۋە يېڭى قاراشلار مەملىكەت ۋە خەلقئارادىكى كەسپداش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققەت - ئېتىبارىغا سازاۋەر بولدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ئۇ بۇ ماقالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى يېقىنقى 5 يىلدا يازدى؛ بۇنىڭدىن باشقا 3 پارچە كىتابنى ۋە ئانالىز لۇغىتىدىن بىرنى يېزىشقا قاتناشتى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ شەھەرلىك ۋەتەنپەرۋەر تۆھپىكارلار ئۈلگىسى دېگەن نامغا، جۇڭگو ئانالىز تەجرىبە جەمئىيىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا (2 قېتىم) ئېرىشتى. 2004-يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى «يېڭى ئەسىردىكى مىليونلىغان ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى»دىكى دۆلەت دەرىجىلىك نامزات بولۇپ تاللاندى.% @8 E% I! W) w  A' B; h, W

' I2 R; t8 x6 e8 I! R2 S يەنە قابىل پائالىيەتچى بولۇپ، 1993-يىل 5-ئايدا " ياپونىيىدىكى جۇڭگولۇق پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئىتتىپاقى " دەيدىغان بىر ئىلىم تەشكىلاتىنى قۇرۇشتا ئاساسلىق رول ئوينىدى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى؛ 1995 - يىل 3 - ئايدا ياپونىيىدە ئېچىلغان " جۇڭگو - ياپونىيە ياش ئالىملىرى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى " غا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى ھەم بۇ يىغىننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى.$ j  n7 W$ H9 M. }/ G

1 M! M7 v8 B5 z1 W 1994 - يىل 7 - ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، 10 - ئايدىن تا ھازىرغىچە جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى دورا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەبىئىي دورا خىمىيىسى بۆلۈمىدە تەبىئىي دورىغا كېرەكلىك ئۆسۈملۈكلەردىكى ئۈنۈملۈك تەركىبلەر ۋە قۇرۇلمىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە خىمىيىلىك بىرىكمىلەرنىڭ ماسسا سپەكترو ئىلمى تەتقىقاتى بويىچە دوكتور ئاشتى تەتقىقات خىزمىتىدە بولدى. بۇ ھىزمەت 1996 - يىل 10 - ئايدا تاماملاندى.
, A* z+ R1 q: P- _, k7 x! i0 g2 B( t% X5 Y/ c! F1 O
ھازىر جۇڭگو ئانالىز-تەجرىبا جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو سپېكتىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى، بېيجىڭ فىزىكا- ئانالىز تېخنىكىسى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىيەت باشلىقى، بېيجىڭ سپېكتىر شۆبە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى؛ ياپونىيە سپېكتىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ چەت ئەللىك ئەزاسى؛ «ياپونىيە سپېكتىر ئىلمىي جۇرنىلى، جمسسج»، «سپېكتىر ئىلمى جۇرنىلى»، «ئانالىز-ئۆلچەش ئىلمىي جۇرنىلى» «ئانالىز تەجرىبىخانىسى» ۋە «جوڭنەن دورىگەرلىك ئىلمى» قاتارلىق جۇرناللارنىڭ تەھرىر ھەيئىتى؛ ھەمدە يەنە خەلقئارالىق ئاساسلىق سپېكتىر ئىلمى جۇرنىلى «راپىد كوممۇن. ماسس سپەكتروم» ۋە «ج. ئام.سوك. ماسس سپەكتروم»نىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك ماقالە باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسى؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىلىك پروفېسسورى، دۆلەتلىك دورا نازارەتچىلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دورا باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىكى تېخنىكىلىق مەسلىھەت بەرگۈچى مۇتەخەسسىسلەر خەزىنىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو تەجرىبىخانىلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش كومىتېتى دورا شۆبە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى؛ بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنى ئۆتىمەكتە.
6 U1 A6 o% s& D) S% {% `' L$ @# h  s, E% V: ]2 j
1996 - يىل 7 - ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورلۇقىغا ئۆستۈرۈلگەن بۇ ئىجتىھاتلىق ياش ئالىمنىڭ سەمەرىلىك ھايات سەھىپىسىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھەقىقىي ئۇيغۇر ئوغلانىغا خاس پارلاقلىقنى ھەم يۈكسەكلىكنى كۆرگەندەك بولدۇق. دوكتور نىڭ خەلققە بولغان چەكسىز مېھىر - مۇھەببىتى خەلقىمىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن. بىز بۇ دوكتورنىڭ تېھىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ھەم ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تىلەيمىز.7 ~! \: B" A. c) B
مەنبە:http://bbs.izdinix.com/thread-51403-1-2.html

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗