ئۇيغۇر
ئۆزىڭىزنى كونترول قلىشنىڭ يەنە بىر تەدبىرى 6 J* j( M( _: [, ^* D
' m' `* K6 @& g+ P y
ئادەم ئۆزىنى كونترول قىلىشنى بىلمىسە، مەلۇم نۇقتىدا ئۇنى ھەقىقىي ياشىدى، دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇنى پەقەتلا بۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ باققان، دەپ بىلسەك بولىدۇ. چۈنكى ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي، تەبىئىي ئارزۇسىنى قاندۇرۇشنىلا چىقىش قىلىپ ئۆزىنىڭ نېمىلەرنى يوقىتىپ، نېمىلەرگە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئەقلىي يوسۇندا بىلمەيدۇ. ئۇ ھېسىسىيات، ئارزۇ-ئارمان ۋە ئىدىيە، پىرىنسىپلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان بىر قاتار ئەسلىمىلەر ئىچىدە گاڭگىرىغان ھالدا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرى ئۇلارنى ۋاقتىنچە راھەتكە ئېرىشتۈرگەن بولسىمۇ، ھەقىقىي نەتىجىگە ئېرىشتۈرەلمەيدۇ.
2 ^$ @! W1 c; d: M: z: p; @ جەمىئىيىتىمىزدىكى نىكاھ مۇناسىۋىتى بولسۇن، كىشىلىك مۇناسىۋەت بولسۇن، نۇرغۇن مەسىلىلەر كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلالماسلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. بىر ئادەم ئۆزىنى كونترول قىلىشنى بىلگەندە، ئاندىن تۇرمۇشنى چۈشەنگەن ھەم ئۇنىڭغا چۆككەن بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئاقىلانە، سەۋىرچان، باشقىلارغا يول قويۇشنى بىلىدىغان، ھېسداشلىق قىلىدىغان، مۇھەببەتكە تولغان ياخشى خاراكتېرنى نامايەن قىلىدۇ.
* R% r# _/ y1 _6 r. o ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىنى كونترول قىلىشنى بىلمىسە، تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ، ئاقىۋەت ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئۆزىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق تەپەككۈرنى تېخىمۇ ئۆستۈگىلى، ئۆزىدە ئېسىل خىسلەتلەرنى يېتىلدۇرگىلى، ئۆز ئىززەت-ئابرويىنى تىكلىگىلى بولىدۇ. ئۆزىنى كونترول قىلىش قەدىر-قىممىتىنى تىكلەشنىڭ ئۇل تېشى. «ئۆزىنى سورىغان يۇرت سوراپتۇ»، «ئۆزىنى سورىغان قازى ئالدىغا بارماپتۇ» دېگەن ھېكىمەتلەر دەل بۇنىڭ دەلىلى.دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |