تۆھپە131
تىللا113
قىزغىنلىق155
UID565
تېما24
دوست1
خاتىرە2
ئالبوم0
يازما42
تېما24
تىزىملاتقان2012-9-18
性别مەخپىي
- جۇغلانما
- 601
ئالى ئەزا
 
قىزغىنلىق- 155 سەر
تۆھپە- 131 سەر
تىللا- 113 دانە
جەۋھەر- 1 دانە
|
خەۋەرئىلىدا يېڭى مائارىپ ھەركىتى قانداق باشلانغان
7 Q0 G! c3 T0 N; p1 ~! y7 }8 A0 l9 g$ N" L; \3 Q8 v8 s
يالقۇن روزى ئانا دىيارىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىلى ۋادىسى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى، يەنى9 f$ t- Z0 g* H% k( {1 u- @5 Y
- I2 g+ e# R% S) ~- E* E/ }
3 w% \1 }* [0 c1 P G8 eجەدىدچە مائارىپ ھەرىكىتىدىكى ئاۋانگارت ئورۇنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تارىختا ئىلى ۋادىسىدا ئېچىلغان جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ سانى ۋە سۈپىتىنى باشقا يۇرتلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن ئۈستۈن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، شۇنىڭغا يارىشا -1980يىللاردىن ھازىرغىچە ئىلىنىڭ يېڭى مائارىپ ئىشلىرىغا ئالاقىدار ماقالە-ئەسلىمىلەرمۇ كۆپلەپ يېزىلىپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، 30 يىلدىن بۇيان يېزىلغان بۇ ماقالە-ئەسلىمىلەردە ئىلىنىڭ يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى چىنلىق ۋە ئىلمىيلىك جەھەتتىن قايىل قىلارلىق دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىلمىدى. ئەلۋەتتە، بۇ ماقالە-ئەسلىمىلەر ئىلىنىڭ يېڭى مائارىپ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە، بۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. لېكىن 30 يىلچە ۋاقىت ئىچىدە بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشتە تەتقىقات دەرىجىسىدە يېزىلغان بىرەر ماقالە-ئەسەر بارلىققا كەلمىدى، بۇ توغرۇلۇق يېزىلىپ ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر بەك بولسا يۈزەكى بايان شەكلىدىلا بولدى. 30 يىلدىن بېرى يېزىلغان ئاشۇ ماقالە-ئەسلىمىلەردە كۆرۈلگەن زىددىيەتلىك بايانلار، خاتا تەپسىلاتلار، ئېگىز-پەس يىلنامىلەر توغرۇلۇق تەنقىدىي مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەن بىرەر ماقالىنىڭمۇ مەتبۇئاتتا كۆرۈلمەسلىكى، بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشتە ئىلمىي روھنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر بىزدە ئىلمىي روھ يېتەرلىك بولغان بولسا، بۇ ماقالە-ئەسلىمىلەردىكى بايانلارنىڭ قايسىسى تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، يىلنامىلەرنىڭ قايسىسى ئىشەنچلىك، شەخسلەرگە ئالاقىدار تەپسىلاتلارنىڭ چىنلىق ئاساسى قانچىلىك؟ دېگەندەك گۇمانىي سوئاللار ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا چىققان بولاتتى. جەرياننى سۈرۈشتۈرۈش، پاكىتنى دەلىللەش ئارقىلىق كۆزقاراشلارنى ئىنكار قىلىش ياكى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتەك ئىلمىي پوزىتسىيەمىز ئاجىز بولغاچقا، گويا 30 يىلدىن بۇيان يېزىلغان ماقالە-ئەسلىمىلەرنىڭ ھەممىسى توغرىدەك، ئىلىدا يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى، شەكىللىنىشى ھەققىدىكى بايانلار ۋە يىلنامىلەر، بۇ ھەرىكەتتە باشلامچى' c" M8 c# k( A5 Y* w
# l7 E F" ^. J j; v, h
1 i- J+ k, V, n) i8 lبولغان تۆھپىكار بايلار ۋە مائارىپچىلارغا ئالاقىدار تەپسىلاتلارنىڭ ھەممىسى توغرا قەيت قىلىنىپ كېلىۋاتقاندەك ئەھۋال كۆرۈلدى. ئەمەلىيەتتە، خاتالىق ناھايىتى ئېغىر ئىدى. تېخىمۇ يامان يېرى، خاتالىق ئىزچىل تەكرارلىنىشتەك بىنورماللىق مەۋجۇت ئىدى. بۇ خاتالىقلارغا رەددىيە ۋە تۈزىتىش بېرىش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. بولمىسا، بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىش چوڭقۇرلاشمايتتى، سۈپەت كۆتۈرۈلمەيتتى.
4 B" v& i; \( i: _- l7 Y! m8 T- N; }& i
3 s: B V1 y- Z, U
مەن خېلىدىن بېرى ئىلىنىڭ يېڭى مائارىپ تارىخىغا ئائىت ماقالە-ئەسلىمىلەردىكى خاتالىقلارنى بايقاپ كەلگەن بولساممۇ، »ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخى« ناملىق يېزىلىۋاتقان كىتابىمدا تۈزىتىپ ھەم توغرىلاپ كەتسەملا بولىدىغۇ، دەپ قاراپ مەخسۇس ماقالە يېزىشنى خىيال قىلمىغان ئىدىم. لېكىن، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن -2012يىلى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان زور ھەجىملىك »جەننەت ماكان − ئىلى« دېگەن كىتابنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ يېڭى مائارىپ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بابىدا ئىلمىي خاتالىقلارنىڭ ئوخشاشلا تەكرارلانغانلىقىنى كۆرۈپ قولۇمغا قەلەم ئېلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلدىم./ O! E7 b( `1 m$ A h; f! E8 D
: B0 t. K4 |9 H( j$ `0 g: T
5 c3 E8 Y/ |" k( o$ e6 Vئىلىدا جەدىدچە ئوقۇتۇش تۇنجى قېتىم كىم تەرىپىدىن، قاچان، قانداق باشلانغان دېگەن نېگىزلىك مەسىلە »جەننەت ماكان − ئىلى« ناملىق بۇ كىتابتا پۈتۈنلەي خاتا يېزىلغانىدى. ئەلۋەتتە، بۇ خاتالىق باشقىلارنىڭ ماقالە-ئەسلىمىلىرىدە ئىلگىرى بايان قىلىنغان خاتالىقنى تەكرارلاش شەكلىدە كۆرۈلگەن.+ C# D4 U: C. S" H8 f& s, U# H
% Z- n% S$ c* W4 h% ]% @& L- ?) H, g; q* [
يىغىنچاقلاپ قارايدىغان بولساق، بۇ نېگىزلىك مەسىلە ئوخشاشمىغان ماقالە-ئەسلىمىلەردە بەش خىل بايان قىلىنغان.
8 b5 h m: ], o! v) P9 y* J- K. `2 j9 N
بىرىنچى خىل قاراش. بىرىنچى خىل قاراش ئىلى يېڭى مائارىپى، يەنى جەدىدچە مائارىپ تارىخىغا ئالاقىدار تۇنجى ئەسلىمىدە كۆرۈلگەن. مۇھەممەتخان كامالى ئەپەندى يازغان »ئىلىدىكى ئوقۇتۇش ئىشلىرى − ئۇسۇلى قەدىم ۋە ئۇسۇلى جەدىد توغرىسىدا« دېگەن بۇ ئەسلىمە -1984يىلى بېسىپ تارقىتىلغان »ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى(1) « دا ئېلان قىلىنغان. مۇھەممەتخان كامالى ئەپەندى بۇ ماقالىدا »ئاتىمىز مەرھۇم ئابدۇلمۇتائالى كامالى (خەلپەم) ئىلىغا ئۇسۇلى جەدىدنى
$ s% J1 [/ B9 {0 { W" @8 l W: \4 R) Y7 o
" [& X t5 v3 F' {: a3 o+ \ئەڭ بۇرۇن ئېلىپ كىرگۈچىلەرنىڭ بىرى« دېگەن. مۇھەممەتخان كامالى ئەپەندى بۇ ئىشنىڭ جەريانى توغرۇلۇق مۇنداق يازغان: »ئاتام دەسلەپتە موللا ئېلى ھاجى دېگەن شائىردا، كېيىن شۇ دەۋردىكى مەشھۇر ئىشان ۋە شائىر نىزامىدىن ئاخۇنۇمدا ئوقۇغان. بۇنىڭدىن سەل كېيىن ياركەنتكە ئابدۇراخمان داموللام دېگەن تاتار ئالىم كېلىدۇ. بۇ كىشىمۇ مەكتەپ ئېچىپ بالا ئوقۇتىدۇ. بۇ كىشىنىڭ شۆھرىتىنى ئاڭلاپ كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار بېرىپ دەرس ئوقۇيدۇ. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئاتىمىزمۇ بېرىپ دىنىي دەرس ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئابدۇراخمان داموللام دىنىي دەرس ئوقۇۋاتقانلار كۆپ، سەن ئۇسۇلى جەدىدچە ئوقۇغىن. بۇنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرگەندىن كېيىن خەلققە ئىلىم-مائارىپ ئۆگەتسەڭ شۇنچە ياخشى دېگەن سۆزنى قىلىدۇ. ئاتىمىز داموللامنىڭ سۆزىنى ماقۇل كۆرۈپ جەدىدچە ئوقۇيدۇ. بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئوقۇشنى تۈگىتىپ غۇلجىغا قايتىپ كېلىدۇ. -1895يىلى ئەلاباي مەسچىتىگە چۈشۈپ، بالا يىغىپ 40 چە ئوقۇغۇچىنى ئوقۇتىدۇ. شۇ يازدا غۇلجا شەھىرىنىڭ يۇرت چوڭلىرىنى چاقىرىپ بۇلارنىڭ ئالدىدا ئىمتىھان ئالىدۇ.«3 l* l X# ~# I; L8 h7 Q! B
3 ?+ v u9 S+ F" o8 P8 y) X' U, u8 ~$ w
ئىككىنچى خىل قاراش. ئىككىنچى خىل قاراش يۇقىرىقى ئەسلىمىدىن كېيىن، يەنى -1985يىلى »ئىلى دەرياسى« ژۇرنىلىنىڭ -4سانىدىكى ئىمىن ئىبراھىم بىلەن ئەيساجان مۇسا يازغان »ئىلى يېقىنقى زامان پەننىي مائارىپى توغرىسىدا قىسقىچە بايان« دېگەن ماقالىدا كۆرۈلگەن. بۇ ئىككەيلەن مەزكۇر ماقالىسىدا مۇنداق يازغان: »مۇسابايېفنىڭ ئىككىنچى ئوغلى باھاۋۇدۇن باي -1870يىلى ياركەنتكە چىقىپ، تاتارلار ئاچقان پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلىدىكى نوپۇزلۇق ئۆلىمالاردىن بولغان ناسىر ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا بەيتۇللا چوڭ مەسچىتى يېنىدىكى دىنىي مەكتەپلەردە ھېساب، ئانا تىل، ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، تەنتەربىيە، رەسىم، شېئىر قاتارلىق پەننىي دەرسلەرنىڭ قوشۇمچە ئۆتۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. مۇسابايېف تىجارەتخانىسى ۋە باشقا مۈلۈكلىرىنىڭ زاكات پۇلى ھېسابىغا -1875يىلى بەيتۇللا مەسچىت دەرۋازىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە زالى بىلەن تۆت سىنىپلىق مەكتەپ سالدۇرۇپ، ئۇنىڭ پارتىلىرىنىمۇ ياۋروپاچە ياسىتىپ، مەخسۇس پەننىي دەرس ئۆتىدىغان مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. باھاۋۇدۇن باي بۇ مەكتەپنىڭ مۇئەللىملىرىنىمۇ ئۆزى تاللاپ، مەكتەپ خىراجىتى ۋە
( n, }0 v2 S# _. r7 H$ ^
* o( _1 D" e2 D% {0 H( H$ [مۇئەللىملەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆزى تەمىنلىدى. مانا بۇ ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان تۇنجى پەننىي مەكتىپى.« روشەنكى، ئاپتورلار تىلغا ئالغان »پەننىي مەكتەپ« ئادەت بويىچە جەدىدچە مەكتەپنى كۆرسىتىدۇ.
* l* W0 W9 O) w
. W* B/ ]# ?8 R5 v+ z& M/ W% yئۈچىنچى خىل قاراش. ئۈچىنچى خىل قاراش يۇقىرىقى ئىككى پارچە ماقالە ئېلان قىلىنىپ ئۈچ-تۆت يىللار ئۆتكەندە، يەنى -1988يىلى نەسرىدىن ناسىرى ئەپەندى يازغان ماقالىدە كۆرۈلگەن. شۇ يىلى »شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى(25) « دا ئۇنىڭ »ئىلىنىڭ كونا مائارىپ ئىشلىرى ھەققىدە ئەسلىمە« دېگەن ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. گەرچە ئاپتور ماۋزۇدا »كونا مائارىپ ئىشلىرى« دېگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي جەدىدچە، يەنى يېڭى مائارىپ ئىشلىرى توغرىسىدا توختالغان. ئاپتور ماقالىسىدا قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئېلىدا جەدىدچە مەكتەپنىڭ قاچان، قانداق باشلانغانلىقىنى ئېنىق تىلغا ئالمىغان. پەقەت »غۇلجا شەھىرىدە دەسلەپتە، -1909يىلى مۇسابايېفلار قۇرغان ئىلى تېرە زاۋۇتىنىڭ يېنىدا زاۋۇت ئىشچىلىرىنى تەربىيەلەيدىغان بىر مەكتەپ ئېچىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىرى سىرتتىن تەكلىپ قىلىندى. بۇ مەكتەپنىڭ شۇ چاغدىكى تەسىرى خېلى زور بولۇپ، بۇنىڭ تەسىرى بىلەن يەرلىك باي، ئەمەلدارلاردىمۇ قىسمەن ئويغىنىش بولدى. نەتىجىدە مەرىپەتپەرۋەر بەزى كىشىلەر، ئويغانغان سودا-سانائەتچىلەر ئۆز بالىلىرىنى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بالىلىرى ئىچىدىكى بىلىم تەشنالىقى كۈچلۈك بولغانلىرىنى تاللاپ، تۈركىيە، ئىستانبول، مىسىر، سوۋېت ئىتتىپاقى، گېرمانىيە قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىپ، ئوقۇپ كېلىشكە باشلىدى. مەسىلەن، شۇ چاغدا چەت ئەلگە چىقىپ بىلىم ئىگىلەپ كەلگەنلەردىن مەسۇم ئەپەندى، ئابدۇراخمان ئەپەندى، جىرجىس ھاجى، ئابدۇللا ئەپەندى، سابىت مۇسابايېف، مىجىت مۇسابايېف، جاۋدەت مۇسابايېف، ئابلەھەت مۇسابايېف قاتارلىقلار بار ئىدى« دېگەن بايانلارنى يېزىپ، جەدىدچە ئوقۇش ئىشلىرىنىڭ غۇلجىدا قاچاندىن باشلاپ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. شۇڭا بۇنىمۇ بىر خىل قاراش دېيىشكە بولىدۇ.+ l3 Y- s) Y" }
0 Y: G3 E5 a& l$ g0 v1 O0 q, a$ T$ B2 T& ~
+ b3 G- Y5 U" b/ o& }. }
: a, N2 s' c+ d8 o. g0 ^. I
9 s" i/ ^ y" |( s. v$ `$ j/ C
تۆتىنچى خىل قاراش. تۆتىنچى خىل قاراش كوللېكتىپ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن »ئۈمىد يۇلتۇزى« ناملىق كىتابتا كۆرۈلگەن. غۇلجا شەھەرلىك -2ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100
8 I& N' r& t' z) k
2 M I" v3 R4 P, d3 i7 b9 m
) g- v2 l# n/ v7 s. K3 vيىللىقىغا بېغىشلاپ تۈزۈلگەن بۇ كىتاب -2001يىلى بېسىپ تارقىتىلغان. بۇ كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: -1875»يىلى ئەتراپىدا ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنىڭ تەشەببۇس قىلىشى ۋە قوللىشى، مەرىپەتپەرۋەر سودىگەرلەرنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن بەيتۇللا مەسچىت يېنىدا تۆت سىنىپلىق مەكتەپ سېلىندى ھەمدە بۇ سىنىپلار يېڭىچە پارتا، دوسكىلار بىلەن جاھازىلاندى. ئوقۇغۇچىلار ياش قورامى ۋە بىلىم سەۋىيەسى بويىچە سىنىپلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، دىنىي دەرسلەر بىلەن بىللە تىل، ھېساب، تارىخ، جۇغراپىيە دەرسلىرى ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. بۇ مەكتەپ غۇلجىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۆلىما ناسىر ئەلەمنىڭ قوللىشى، ۋېلىباي، باھاۋۇدۇن باي، شېرىپىدىن باي قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر بايلارنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن قۇرۇلدى. مەكتەپنىڭ دەسلەپكى مۇدىرى قازاندا ئوقۇپ كەلگەن زاھىد ئەپەندى ئىدى. زاھىد ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەكتەپكە ›ئىلى مەكتىپى‹ دەپ ئىسىم قويۇلدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ مەكتەپ -1881يىلىدىن -1883يىلىغىچە بولغان ›كۆچ-كۆچ‹ مەزگىلىدە ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئازلاپ، بىر مەزگىل يېپىلىپ قالغان بولسىمۇ، -1889يىلىغا كەلگەندە مۇسابايېفلارنىڭ قوللىشى بىلەن يەنە ئەسلىگە كەلگەن ۋە ئىسمىنى ›ھۈسەينىيە مەكتىپى‹ گە ئۆزگەرتكەن.«1 O w; U! ]* Y1 G2 G* C
7 @# a2 y6 u2 @9 ^- g
0 x2 o6 \1 j4 Z* S+ i, \: `بەشىنچى خىل قاراش. بەشىنچى خىل قاراش يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن تۆت خىل قاراشتىن پەرقلىق ھالدا، يەنە يېڭىچە تەپسىلات بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. بۇ قاراش ئىمىن ئىبراھىم بىلەن ئەدھەم ئابدۇمىجىت يازغان »تۇنجى مەرىپەت بۆشۈكى › ‐ئىلى مەكتەپ‹ توغرىسىدا« دېگەن ماقالىدا كۆرۈلىدۇ. بۇ ماقالە »ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى(11) « نىڭ -2003يىلى بېسىپ تارقىتىلغان سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ ئىككى ئاپتور مۇنداق يازغان: »ئىلىنىڭ مائارىپ تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە، ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن چەتكە چىقىپ ئوقۇپ كەلگەن، بىلىمىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خىزمەت قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرىنچىسى قورغاس مازارلىق زاھىد ئەپەندىم بولسا كېرەك. ئۇ كىشى -1810يىلى قورغاس كىچىك مازاردىن غۇلجىغا كېلىپ، بۇ يەردىن قازان شەھىرىگە بېرىپ، ئون نەچچە يىل ئوقۇپ، بىلىم ۋە تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ قايتىپ كېلىدۇ. ئىلى خەلقى ئۇ كىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. ئىلى خەلقى: ›ئالغان بىلىمىڭىزنى بالىلىرىمىزغا بېرىڭ، بۇ يەردىكىلەرمۇ ئاق -0 G$ c5 C+ S I9 Q r7 }) ^) T
) p% T% x& e d ^ y5 C& x
* p0 N, x8 a) x4 f" X$ V# A( u* y
قارىنى تونۇسۇن‹ دەپ ئۇ كىشىنى مۇئەللىم بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. نەتىجىدە زاھىد ئەپەندى مەدرىس يېنىدىكى يېڭى تەسىس قىلىنغان مەكتەپكە ئورۇنلىشىپ مۇئەللىم بولىدۇ. بۇ ئىلى رايونىدا قۇرۇلغان تۇنجى مەكتەپ بولغاچقا، كۆپچىلىك بىلەن پىكىرلىشىپ بۇ مەكتەپكە ›ئىلى مەكتەپ‹ دەپ نام قويىدۇ. -1827يىلى ئىككىنچى قەدەمدە زاھىد ئەپەندى بىر چوڭ ئۆيدە ئوقۇۋاتقان بالىلارنى ئۈچ سىنىپقا ئايرىپ، بىرىگە يۈسۈپ خەلپەتنى، يەنە بىرىگە ئابدۇقادىر خەلپەتنى مەسئۇل قىلىدۇ. يەنە بىر سىنىپقا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.«
6 k/ g3 Q+ ^, M4 y$ {1 U1 B8 d7 k% F) v/ f. o' w
+ ]4 e/ Z4 u- I9 I
ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ قاچان، قانداق ۋە كىملەر تەرىپىدىن باشلانغانلىقىغا ئائىت يۇقىرىقى بەش خىل قاراشتىن باشقا مەن كۆرمىگەن ياكى ئاڭلىمىغان ئالتىنچى، يەتتىنچى خىل قاراشلار بارمۇ؟ خەۋىرىم يوق. مېنىڭ ئۇچراتقىنىم يۇقىرىقى بەش خىل قاراش. بۇ بەش خىل قاراش -1984يىلىدىن -2003يىلىغىچە بولغان 20 يىل جەريانىدا بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ماقالە-ئەسلىمىلەردىكى يىلنامىغا قارايدىغان بولساق ئىلىدا يېڭىچە مەكتەپنىڭ ئېچىلغان ۋاقتىنى بالدۇر دېگىنى -1820يىللار دېگەن بولسا، كېيىن دېگىنى -1910يىللاردا دېگەن. دېمەك پەرق بەك زور. باشلامچىلارمۇ ھەرخىل. نېمە ئۈچۈنكىن »جەننەت ماكان − ئىلى« دېگەن كىتابتا باشقا قاراشلار تىلغا ئېلىنماي ئىمىن ئىبراھىم بىلەن ئەدھەم ئابدۇمىجىت ئوتتۇرىغا چىقارغان »بەشىنچى خىل قاراش« تەكرارلانغان. تەكرارلىغۇچىلار بۇ خىل قاراش ئىلگىرىكى قاراشلار تۈزىتىلىپ، تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ ئەڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان، دەپ قارىغانمۇ ياكى ئىلىدا يېڭى مائارىپنىڭ باشلانغان ۋاقتىنى -1820يىللارغا تاقاپ بايان قىلغانلىقىنى خوپ كۆرگەنمۇ، بۇ تەرىپى ماڭا قاراڭغۇ. ئەمما ماڭا ئايدىڭ تەرىپى شۇكى، يۇقىرىقى بەش خىل قاراشنىڭ ھەممىسى ماددىي پاكىتسىز ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دېمەك، ھۆججەت، دەلىل يوق. ئىلمىيلىك جەھەتتىن ئېيتقاندا مۇھەممەتخان كامالى ئوتتۇرىغا قويغان بىرىنچى خىل قاراشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئاساسى بار. باشقا بارلىق قاراشلارنىڭ ئىلمىي ئاساسى ۋە تارىخىي ئاساسى پەقەتلا يوق.
o. ~$ e; P5 z5 G. Y X T" @" D0 {1 Z* g7 X3 t9 p- i0 F/ H% p% m
: f* V3 |4 ]* d
9 {: h0 D5 X9 C2 V5 N- e1 m9 o0 M; }8 e
; y* b, E( O3 e* n9 Z. r. J0 H
ئۇنداقتا يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن بەش خىل قاراش قايسى جەھەتلەردىن پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ؟$ h8 i8 i, N" {
8 C7 O! ?. p) w, `; n; K8 y2 b& U$ q5 g2 T3 l- I/ B1 i; ]
بىرىنچى، »ياركەنت شەھىرىدە ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن« دېگەن مەسىلە. بۇ قاراش بىرىنچى خىل قاراش بىلەن ئىككىنچى خىل قاراشتا ئىپادىسىنى تاپقان. يەنى، بىرىدە ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم -1895يىلى ياركەنت شەھىرىدە ئۇسۇلى جەدىدنى ئۆگىنىپ كەلگەن دېگەن بولسا، بىرىدە مۇساباينىڭ ئىككىنچى ئوغلى باھاۋۇدۇن باي -1870يىلى ياركەنت شەھىرىدە ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن جەدىدچە ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان دەپ بايان قىلىنغان. ھەقىقەتەن ياركەنت شەھىرى شۇ يىللاردا جەدىدچە ئوقۇتۇش يولغا قويۇلغان شەھەرمىدى؟ دېگەننى ئېنىقلاشقا توغرا كەلسە، بۇنىڭغا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئالىم مۇرات ھەمرايېف بىلەن ئۇيغۇر جەدىدچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم باشلامچىلىرىدىن بىرى نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتنىڭ بايانلىرىدىن جاۋاب ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئالىم مۇرات ھەمرايېفنىڭ يېزىشىچە، - 1895» يىلى ئانتروپولوگ پايسېل ياركەنت شەھىرىدىكى 300 ئۇيغۇرنى تەكشۈرۈپ چىققان ۋە ئىچىدە بىرمۇ ساۋاتلىق ئادەمنى ئۇچراتمىغان«.① مۇرات ھەمرايېفنىڭ تىلغا ئالغان يىلنامىسى ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىم ياركەنتتە جەدىدچە ئوقۇتۇشنى ئۆگىنىپ كەلگەن دېگەن ئەسلىمىدىكى يىلنامە بىلەن ئوپمۇئوخشاش. يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىدىن بولغان نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت -1911يىلى »شۇرا« ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان »تارانچىلاردا مۇئەلىم ۋە مەكتەپ مەسىلىلىرى قانداق« دېگەن ماقالىسىدا »تارانچى تۈركلىرىدە مەدەنىيەت نۇرى بولغان چوڭراق كىتابخانا، قىرائەتخانا، خەيرىيە جەمئىيىتى دېگەندەكلەردىن ھېچ قايسىسى يوق. ئۇلارنىڭ نامىمۇ يوق. شۇنداقلا مۇنتىزىم مەكتەپ، مەدرىسەگە كەلسەك، بۇرۇندىن قالغان مەكتەپ، مەدرىسەلەر بار دەپ ئاتالغان يۇرتلار بەك جىق بولۇپ، بۇلاردىن ھەقىقەتتە بىرسىمۇ رەتلىك مۇنتىزىم ئەمەس«.②0 d8 f( Q' e$ F5 b: D3 n
8 G, S, i! I# s- c7 t# k8 @# X
8 J4 J, @1 y- h+ i: yدېمەك، يۇقىرىقى ئىككى نەقىلدىكى ئۇچۇردىن ئۇ يىللاردا ياركەنت شەھىرىنىڭ مائارىپ ئەھۋالىدىن ئېيتقاندا، بىراۋلارنى جەدىدچە ئۇسۇلدا تەربىيەلەيدىغان ئىمكانىيەتنىڭ ھازىرلانمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ياركەنتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان »تارانچى تۈركلىرى« يۇرتلىرىدا كونىچە مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەر بار بولسىمۇ، ئەمما رەتلىك، مۇنتىزىم جەدىدچە مەكتەپلەرنىڭ ئۇ يىللاردا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.7 ^$ K+ @' N+ Y8 V" Y. Y" v
3 Q) X( ^$ G, D$ F v
4 h& V3 G5 J c0 @ V9 R2 L8 j) o; @5 c, _6 j1 j3 Y$ h3 M# Z% D
ئىككىنچى، قەدىمچە مەكتەپلەر بىلەن جەدىدچە مەكتەپلەرنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش مەسىلىسى. مەكتەپ دېگەن ئۇقۇمدىن قەدىمچە ياكى جەدىدچە دېگەن ئېنىق ئۇقۇمغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. قەدىمچىسىمۇ مەكتەپ، جەدىدچىسىمۇ مەكتەپ. بىز يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن ماقالىلارنىڭ بەزىلىرىدە بۇ ئۇقۇم ئېنىقسىز بايان قىلىنغان. پەننىي دەرس ئۆتۈلسىلا جەدىدچە مەكتەپ ھېسابلانمايدۇ. خۇددى نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت يازغاندەك ئىلى ۋادىسىدا قەدىمچە مەكتەپ-مەدرىسەلەردە پەننىي دەرسلەر قىسمەن بولسىمۇ مەۋجۇت ئىدى. -19ئەسىردە ئانا دىيارىمىزدىكى قەدىمچە مەكتەپلەردە قانداق دەرسلەرنىڭ ئۆتۈلۈدىغانلىقىنى ئەنگلىيەلىك س. د. فورسىيسنىڭ كىتابىدىكى ئۇچۇردىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇ -1873يىلى ھىندىستاندىن ئانا دىيارىمىزغا تەكشۈرۈشكە كېلىپ، قەشقەر تەۋەسىدىكى يۇرتلارنى تەكشۈرگەندە مۇنداق يازغان: »سەككىز ياشتىن ئون ياشقىچە بولغان بالىلار مەكتەپكە بېرىلىدۇ. ئوغۇل، قىزلار مەكتەپتە ئارقىمۇ-ئارقا تىزىلغان ئۈستەلدە يانداش ئولتۇرىدۇ. ئوغۇللار ئومۇمەن ئىشىك تەرەپتە ئولتۇرىدۇ، قىزلار يەنە بىر تەرەپتە ئولتۇرىدۇ. ئوتتۇرىسى بوش قالىدۇ. ئەڭ بېشىدا ئوقۇتقۇچى ئولتۇرىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن كىتابتىن دۇئا-تىلاۋەت ئۆگىتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ۋاراڭشىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا دەرسلىرىنى ئوقۇيدۇ. ھەرقايسى شەھەرلەردە نۇرغۇن مەكتەپلەر بار. بۇ مەكتەپلەردە بازار ئەتراپىدىكى بالىلار كېلىپ ئوقۇيدۇ. ئادەتتە ئېگىز ئۆيلەرنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدىكى ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان، كوچىغا يېقىن بولغان ئۆيلەرنى مەكتەپ قىلىدۇ. قىزلار ئون ياشتىن ئاشقاندا مەكتەپتە ئوقۇمايدۇ، بىراق ئوغۇللارنىڭ ياش چەكلىمىسى يوق. ئۇلارغا ئوقۇش ۋە يېزىش ئۆگىتىلىدۇ ھەمدە شەيخ سەئىدىنىڭ ›گۈلىستان‹ كىتابى دەرسلىك قىلىنىدۇ. ›ئىسكەندەرنامە‹ ئازراق ئوقۇتۇلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر ئايلىق ئوقۇش ھەققى ئۈچۈن يېرىم تەڭگىدىن بىر تەڭگىگىچە ھەق بېرىلىدۇ. مائارىپ مەجبۇرىي ئەمەس، بىراق شارائىتى يار بەرگەن ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىدۇ. ئالىي مەلۇماتلىق بولۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن مەدرىسەگە ئۆرلەيدۇ. ئۇلار بۇ يەردە ئىلاھىيەت، شەرىئەت، تېبابەت، شېئىرىيەت ۋە تارىخ ھەم بۇنىڭغا قوشۇپ يېزىقچىلىق بىلەن ھېساب دەرسلىرىدىن ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. فىزىكا پەنلىرى
$ Y) P; V( G" S$ k3 B1 k& B , w* x+ n' [6 g) s- ]# L1 ]. J
يوق دېيەرلىك بولۇپ ئىلىم ئۆلچەمگە توشمايتتى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئوقۇيدىغىنى ئىلاھىيەت ۋە مېتافىزىكا بولۇپ ئەمەلىي قوللىنىشچان ئىلىملەرگە سەل قارايدۇ. ھەربىر شەھەردە نۇرغۇن مەدرىسە بار ئىكەن«، »ئەمىر (ياقۇپ بەگنى دېمەكچى) نىڭ پەرمانى بىلەن يوقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان نۇرغۇن مەكتەپ، مەدرىسە قايتىدىن كېڭەيتىپ قۇرۇلۇپتۇ. نۇرغۇنلىرى كارىدورلۇق سېلىنىپ ئەسلىدىكى 20 ئوقۇغۇچىدىن 80 ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ ئوقۇغۇچى ئوقۇيالايدىغان ھالەتكە كەپتۇ.«③7 e' W- I9 l% M: S" o- Z1 l
9 I) {1 Y$ d* G1 s2 J; _7 |+ b9 O0 e& n" ]% z% }( m3 V
مانا بۇ بىزگە -19ئەسىردىكى قەدىمچە مەكتەپ-مەدرىسەلەرنىڭ ئەھۋالىدىن يەتكۈزۈلگەن خېلىلا ئوبيېكتىپ مەلۇمات. ئومۇمەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىكى شەھەرلەرنىڭ مەكتەپ، مەدرىسەلىرىنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئاساسەن مۇشۇنداق ئىدى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئومۇمەن، بۇ خىل مەكتەپ-مەدرىسەلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە دەرسلىك مەزمۇنى كونىچە ئىدى.
1 Q" h' s% r+ R* T( a% s2 r4 K; }/ o. |5 c: A* L
»جەننەت ماكان − ئىلى« دېگەن كىتابتا، ئىمىن ئىبراھىم بىلەن ئەدھەم ئابدۇمىجىتنىڭ »تۇنجى مەرىپەت بۆشۈكى ›ئىلى مەكتەپ‹ توغرىسىدا« دېگەن ماقالىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق يازغان: -1840»يىللىرى غۇلجا شەھىرىدىن راشىدىن، مەنسۇر دېگەن كىشىلەر يەتتە سۇغا چىقىپ زامانىۋى ئىلغار مەكتەپلەردە ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىنلا، بۇ مەكتەپتە ھېساب، ئانا تىل، ئەدەبىيات دەرسلىرى قوشۇمچە ئوقۇتۇلىدۇ. -1866يىللىرىغا كەلگەندە غۇلجىدىن شارائىتى يار بەرگەن نۇرغۇن كىشىلەر ياركەنت، شەمەي، بۇخارا، تاشكەنت، قازان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېڭى پەن-مائارىپ، ھۈنەر-سانائەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ كېلىپ ›ئىلىدا پەننىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرساق، ئادەملىرىمىزنىڭ بىلىم سەۋىيەسى ئاشىدۇ، مەدەنىيىتى يۈكسىلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلىدۇ، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىدۇ‹ دېگەنلەرنى تەشۋىق قىلىدۇ.«4 n6 f; Z5 Y7 y9 O
$ R E h: i: m; Q4 L1 z
+ u7 q+ Y4 c2 f: o" `$ |بۇ نەقىلدىكى »يېڭى پەن-مائارىپ«، »ئىلىدا پەننىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرساق« دېگەن سۆز-جۈملىلەردىن گەپنىڭ جەدىدچە مائارىپ ئۈستىدە كېتىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى بىزدە جەدىدچە مەكتەپ دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا پەننىي مەكتەپ دەپ ئىشلىتىش ئومۇملاشقان. شۇڭا ئاخىرىدىكى شەكلى ۋە مەزمۇنى زامانىمىزدىكى گېزىتلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان
0 V" [& d7 E! O Y4 _# H7 r5 u. O2 P0 Q# k
* \% [& N2 w7 T) o$ K/ d0 {
تەشۋىقات خاراكتېرلىك جۈملىلەرگە ئوخشايدىغان بۇ نەقىلنى ئوقۇغان ئادەم قەدىمچە مائارىپ بىلەن جەدىدچە مائارىپ ئىشلىرىدىن ئاز-تولا خەۋىرى بولسىلا، »بۇ قىلچە ئاساسى يوق بىمەنە مەلۇمات ئىكەن« دېمەي تۇرالمايدۇ. تۇنجى قېتىم، يەنى -1985يىلى »ئىلى يېقىنقى زامان پەننىي مائارىپى توغرىسىدا قىسقىچە بايان« دېگەن ماقالىدا كۆرۈلگەن بۇ بىمەنە مەلۇماتنى -2012يىلى نەشر قىلىنغان كىتابلاردىمۇ ئۆز پېتى ئىستېمال قىلىش، بىزنىڭ ئىلمىي ئاشقازىنىمىزنىڭ »ھەزىم« قىلىش قۇۋۋىتىنى كۆرسەتسە كېرەك. بىزدە ئىدراكىي گۇمان ۋە ئىلمىي ئانالىز ئادىتى دېگەندەك شەكىللەنمىگەچكە يۇقىرىقىدەك بىمەنە بايانلارغا تۆۋەندىكىدەك سوئاللار تۇغۇلۇپ باقمىدى: -1840يىللىرى يەتتە سۇدا ئىلغار مەكتەپلەر نېمە ئىش قىلسۇن؟ -1866يىللىرى ياركەنت، شەمەي، بۇخارا، تاشكەنت قاتارلىق جايلاردا يېڭى پەن-مائارىپ، ھۈنەر-سانائەت بىلىملىرى نېمە ئىش قىلسۇن؟ مەكتەپ، مەدرىسەلەرنىڭ سەۋىيەسى قەشقەر تەۋەسىدىكى مەكتەپ، مەدرىسەلەرنىڭ سەۋىيەسىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان ئىلى ۋادىسىدا پەننىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەشەببۇسىنى كىم ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن؟ -1866يىلى ياركەنت دېگەن شەھەر يەتتە سۇ تەۋەسىدە مەۋجۇتمىدى؟7 U! H4 z0 k. j7 g- e
- n1 ]$ E9 O+ C+ z& b* E2 A- C" H3 t" B1 e0 ~
يۇقىرىقى بايانلارنى يازغان ئاپتورلار بىلەن بۇ بايانلارنى تەكرار ئىشلەتكەن نەقىلچىلەر بۇ گۇمانىي نۇقتىلارنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان. جەدىدچە مەكتەپ دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا پەننىي مەكتەپ دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن ئاپتورلار بۇ يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا بىرەرمۇ »پەننىي مەكتەپ« نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدىن خەۋەرسىز بولسا كېرەك. دېمەك، بۇ خاتالىقلار قەدىمچە مەكتەپ بىلەن جەدىدچە مەكتەپنىڭ تارىخىي ئەھۋالىنى ۋە پەرقىنى بىلمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەقەللىيسى، ياركەنت شەھىرىنىڭ -1881يىلى ئىلىدىن ۋېلىباي يولداشوف باشچىلىقىدا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، گۇبېرناتور كالپاكوۋىسكىينىڭ بۇيرۇقى، ئىنژېنىر ئابراموفنىڭ لايىھەلىشى بىلەن قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى، -1880يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە كىچىك بىر شەھەر ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى بىلىشى لازىم ئىدى. -1881يىلىدىن ئىلگىرى يوق شەھەرنى شىپى كەلتۈرۈش ماقالە-ئەسلىمىلەرنى يېزىش توقۇلما ۋە تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ يېزىشتىن' U) j2 \) P, B: M% J& a
2 b( O- j) t L+ e
5 `/ [" g# M N% ~
" I1 b- Q5 a2 m+ N8 G1 B: cباشقا نەرسە ئەمەس. تارىخچىلىقنىڭ مېتودىدىن ئايانكى، تارىخچىلىق توقۇلما ۋە تەسەۋۋۇرغا ئىمكان بەرمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئامىللار تارىخچىلىقنىڭ چىنلىق ئاساسىنى تەۋرىتىۋېتىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئىككىنچى خىل قاراش بىلەن تۆتىنچى خىل قاراشمۇ ئىناۋەتسىز!
) P( [" D& D& a/ j
: c1 c7 x, ]* M1 Kئۈچىنچى، باھاۋۇدۇن باينى -1870يىللىرى دىنىي مەكتەپلەردە دۇنياۋى ئىلىملەرنىڭ ئۆتۈلۈشىگە تۈرتكە بولغان دېگەن مەسىلە. بۇ ئىككىنچى خىل قاراش بىلەن تۆتىنچى خىل قاراشتا قەيت قىلىنغان. مەن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يازغان »نەزەرىيە ئەمالىقى ۋە ئىدىيە قاتماللىقىدىن قاچان قۇتۇلىمىز« دېگەن ماقالەمدە تىلغا ئالغاندەك، -1870يىللاردا باھاۋۇدۇن مۇسابايېف تۇغۇلمىغان ياكى تۇغۇلغان بولسىمۇ ئېغى يوق ئىشتان كىيىپ يۈرگەن گۆدەك چاغلىرى ئىدى. ئۇ يىللاردا باھاۋۇدۇن باي ياركەنتتىكى تاتار مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگەنىدى، دېگەن گەپلەرمۇ قىپقىزىل ئويدۇرما گەپلەردۇر. ماتېرىياللاردا باھاۋۇدۇن باي -1851يىلى تۇغۇلغان دېگەن بايانلار ئۇزاقتىن بۇيان يېزىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئىشەنچىسىزدۇر. مېنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قارايدىغانلىقىمنى بىلمەكچى بولغانلارنى »نەزەرىيە ئەمالىقى ۋە ئىدىيە قاتماللىقىدىن قاچان قۇتۇلىمىز« دېگەن ماقالەمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلارنى ئوقۇپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىمەن. بىزنىڭ ئەسلىمە ۋە تارىخقا ئائىت ماقالىلارنى يازىدىغان كۆپلىگەن ئاپتورلىرىمىز باشقىلار دېگەن ياكى يازغان تارىخىي مەلۇمات ۋە قاراشلارنى پاكىت ۋە ئىلمىيلىك جەھەتتىن دەلىللەپ، تارىخىي جەھەتتىن مۇلاھىزە قىلىپ، لوگىكىلىق خۇلاسە چىقىرىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئەھمىيەت بەرگەن بولسا، بۇ چاغقا بىزنىڭ يېڭى مائارىپ تارىخى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىز كەڭلىك، چوڭقۇرلۇق ۋە ئىلمىيلىك جەھەتتىن يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولاتتى. مىسال ئۈچۈن كۆرسىتىدىغان بولساق ئىلگىرى يېزىلغان بىر قىسىم ماقالىلاردا بايان قىلىنغان تۆۋەندىكىدەك قاپقارا ئويدۇرمىلار »جەننەت ماكان − ئىلى« دېگەن كىتابتا شۇ پېتى تەكرارلانمىغان بولاتتى. قاراڭ:) Y9 |( q# I: Y
6 A5 u! J* X/ K! T* p, ^; }' K* Y
-1875»يىلى باھاۋۇدۇن باي بەيتۇللا مەسچىتى دەرۋازىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە زالى بىلەن تۆت سىنىپلىق بىر مەكتەپ سالدۇرىدۇ. مەكتەپنىڭ ئۇستەل-پارتا، ئورۇندۇقلىرىنىمۇ پۈتۈنلەي ياۋروپاچە ياسىتىپ، بۇ مەكتەپنى پۈتۈنلەي پەننىي دەرس ئۆتىدىغان مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.5 a+ T6 i' X, H# h, U6 |
# c$ _0 [5 D. D3 Y0 F) s0 A
% `5 U4 l& p. |( O' B) h. c/ \ J( n. D
باھاۋۇدۇن باي ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزى تاللاپ بېكىتىدۇ. مەكتەپنىڭ خىراجىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆز يېنىدىن تەمىنلەپ تۇرىدۇ.
1 y5 |. S! D1 y4 r/ _# h0 n7 j- R; r3 V% Z% R4 i6 P
-1896يىلى چەت ئەللەرنى كۆرۈپ كەلگەن باھاۋۇدۇن مۇسابايېف بەيتۇللا مەسچىتى پەشتىقىنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى كونا سىنىپلارنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن كارىدورلۇق ئۈچ سىنىپ سېلىپ، ئۇيغۇرچە ئوتتۇرا دەرىجىلىك پەننىي مەكتەپ بەرپا قىلىپ، يەتتە سىنىپ تەسىس قىلىدۇ. بۇ چاغدا بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 200 دىن ئاشىدۇ. مەكتەپتە مۇسابايېفلارنىڭ راسخوتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە ئوقۇپ كەلگەن ئابدۇراخمان شادى، تۇرسۇن ئەپەندى، خېلىل ئەپەندىلەر ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلايدۇ.- 300) «بەت)* l9 H" h' {/ o2 q1 k; b
1 J, J; h7 |/ [ P1 B' `$ g4 g6 W7 ]9 H5 x" u
بۇ ئىككى ئابزاس باياننىڭ بىرىنچىسىدىكى -1875»يىلى« دېگەن يىلنامىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، »پۈتۈنلەي پەننىي دەرس ئۆتۈدىغان مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ، باھاۋۇدۇن باي ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزى تاللاپ بېكىتىدۇ« دېگەن جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىدىغان بولساقلا، مەسىلىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىمىز. باھاۋۇدۇن باي ئىلىدىكى ئەڭ كاتتا مەسچىد بولغان بەيتۇللا مەسچىتىنىڭ بىقىنىدا »پۈتۈنلەي پەننىي دەرس ئۆتىدىغان مەكتەپ« قۇرسا مەدرىسە ئۆلىمالىرى قاراپ تۇرارمۇ؟ »نېمىشقا دىنىي دەرس ئۆتمەيسەن« دەپ سورىماسمۇ؟ ياكى باھاۋۇدۇن باي ئاتىئىزمچىمىدى؟ »باھاۋۇدۇن باي ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزى تاللاپ بېكىتكەن« دېگەن جۈملىنى ئوقۇغاندا تۆۋەندىكىدەك سوئاللارنىڭ تۇغۇلۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ: غۇلجىدا -1870يىللىرى تۈرلۈك پەننىي دەرسلەرنى ئۆتەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بارمىدى؟ تاللاپ ئىشلەتكۈدەك كۆپ بۇ ئوقۇتقۇچىلار قايسى دارىلمۇئەللىمىننى پۈتكۈزگەن؟ بۇ دارىلمۇئەللىمىننى كىم قۇرغان؟ بۇ دارىلمۇئەلىمىننىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى كىملەر ئىدى؟7 L5 x( n! A: l
8 o' C; `) H1 [* ~
1 h, O4 B% z9 C S
گەپنىڭ قىسقىسى، بۇ بايانلار توقۇلما ۋە تەسەۋۋۇردىن باشقا نەرسە ئەمەس!
6 d' D: R# _5 k1 T) P2 k/ G& y1 q" v6 J+ ~1 Y% x( ~
ئىككىنچى ئابزاستىكى -1896يىلى غۇلجىدا »ئوتتۇرا دەرىجىلىك پەننىي مەكتەپ« يەنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك جەدىدچە مەكتەپ بولغان، »بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 200 دىن ئاشاتتى« دېگەندەك بايانلارمۇ كۈلكىلىكتۇر. ئۇ چاغدا غۇلجىدا بۇ سەۋىيە، بۇ كۆلەمدىكى جەدىچە
) P4 E8 `* E3 L5 p' A0 s; l, @
3 B% ~; A, F4 R0 U4 k% P' n% P: G1 i
مەكتەپ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئەگەر بار بولسا نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت -1911يىلى يازغان »تارانچىلاردا مۇئەللىم ۋە مەكتەپ مەسىلىسى قانداق« دېگەن ماقالىسىدا -1896يىلىلا ئوقۇغۇچى سانى 200 دىن ئاشىدىغان، يەتتە سىنىپلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك جەدىدچە مەكتەپنى »يوق« دېيىشكە تىلى بارمىغان بولاتتى. يۇقىرىقى باياندىكى تارىخىي ئەمەلىيەتكە خىلاپ يەنە بىر مەلۇمات »بۇ مەكتەپتە مۇسابايېفلارنىڭ راسخوتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە ئوقۇپ كەلگەن ئابدۇراخمان شادى، تۇرسۇن ئەپەندى، خېلىل ئەپەندىلەر ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا باشلايدۇ« دېگەن جۈملىلەردە كۆرۈلىدۇ. ھۆججەتلىك پاكىتقا ئاساسلانغان ھالدا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاكا - ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ تۈركىيەگە ئابدۇراخمان شادى، مەسئۇد ئەپەندى، تۇرسۇن ئەپەندى، خېلىل ئەپەندىلەرنى قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنى چىقارغان ۋاقتى -1904يىلىدۇر. ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە چىقىش جەريانى مۇنداق:
; h/ q; I7 x- x8 ~0 ?- i r3 o. C: L/ s
! c, a- q e% {# T$ q7 ~4 |2 y9 h* ~
ئىستانبولدا ئوقۇۋاتقان مەسۇم ئەپەندى ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئوسمانلى تىل-يېزىقىدا ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ سۇلتانى ئابدۇلھەمىدكە ئىلتىماس سۇنغان. ئىلتىماستا تۆت ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان. شۇ بويىچە ئابدۇراخمان شادى قاتارلىق تۆت ئوقۇغۇچى ئىستانبولغا ئوقۇشقا چىققان. ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئوقۇشى -1913يىلى، باشقىلىرىنىڭ ئوقۇشى -1914يىلى تاماملىنىپ ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن پېداگوگىكا مەكتەپتە ئوقۇغان ئابدۇراخمان شادى ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. تېببىي مەكتەپتە ئوقۇغان مەسئۇد سەبىرى »ئالتاي دوختۇرخانىسى« دېگەن نامدا دوختۇرخانا ئاچقان. »ئالتاي دوختۇرخانىسى« ئېچىش تەكلىپىنى ئۇنىڭغا -1913يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجىغا كېلىپ تۆت يىلغا يېقىن مائارىپچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان داڭلىق تاتار مائارىپچى ئابدۇللا بۇبى (1922 ‐ 1871) بەرگەن. ئىككىيلەن مەسلىھەتلىشىپ تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئانا ماكانى بولغان ئالتاينىڭ نامىنى قوللىنىشنى قارار قىلغان. ئابدۇراخمان شادى، مەسئۇد سەبىرىلەر تۈركىيەدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ -1914يىلى ئۇدۇل قەشقەرگە كەلگەن. ئۈستۈنئاتۇش ئىكساقتا ئېچىلغان »ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن« دە قىسقا مۇددەت دەرس ئۆتۈپ، ئاندىن غۇلجىغا
' |% D5 U, Y' Y) Q, @3 f
- G H# y! d/ f
% l& [+ P0 ~, s# Kقايتىپ كەلگەن. بۇ ئىشلار ئەينى ۋاقىتتىكى »ھەبىبزادە دارىلمۇئەللىمىن« نىڭ مۇدىرى ئەھمەد كامالنىڭ كىتابىدا تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. قىسقىسى، »جەننەت ماكان − ئىلى« دېگەن كىتابتا يېزىلغان يۇقىرىقى بىر ئابزاس مەلۇمات ھەم باھاۋۇدۇن باي -1870يىللىرى غۇلجىدىكى دىنىي مەكتەپلەردە دۇنياۋى ئىلىملەرنىڭ ئۆتۈلۈشىگە تۈرتكە بولغان دېگەن قاراش پۈتۈنلەي ئاساسسىز.) E. r' X# V' W" @7 C$ Q
Q- j3 c/ _) n' A a* W2 V5 dتۆتىنچى، جەدىدلىك مائارىپىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە شەكىللىنىش تارىخىنى بىلمەسلىك مەسىلىسى. روشەنكى جەدىدلىك (يېڭىلىق ھەرىكىتى دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، بىزدە جەدىدچىلىك دەپمۇ ئېلىنىدۇ) ھەرىكىتى تۈركىي خەلىقلەر تارىخىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، -19ئەسىرنىڭ ئاخىرى رۇسىيەگە تەۋە قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى قىرىم تاتارلىرى ئارىسىدا پەيدا بولغان. ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى فىرانسىيەدە ئىككى يىل تۇرۇپ ياۋروپانىڭ ئىلغا مائارىپى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ كەلگەن ئىسمائىل غاسپىرالى (1914 ‐ 1851) نىڭ باغچە ساراي شەھىرىدە -1883يىلى »تەرجىمان« گېزىتىنى نەشر قىلىشى ۋە -1884يىلى »ئۇسۇلى جەدىد») «ئۇسۇلى سەۋتىيە« مۇ دېيىلىدۇ) ئوقۇتۇش مېتودىنى سىناق قىلىشىنى باشلىنىش مەنبەسى قىلىدۇ. جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى تېز ساۋات چىقىرىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولغاچقا قىرىمدىن باشقا قازان تاتارلىرى ۋە ئەزەربەيجانلىقلار ئارىسىدا تېز ئومۇملاشقان. ئەمما -1890يىللاردا ۋە -20ئەسىرنىڭ باشلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىكى سەمەرقەند، بۇخارا، تاشكەنت، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق كاتتا شەھەرلەردە قەدىمچىلىك بىلەن جەدىدچىلىك جىدىلى قاتتىق بولغان. -1909يىلى ئىسمائىل غاسپىرالى بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ كۈرىشىدىكى كەسكىنلىكنى نەزەردە تۇتۇپ »قەدىمچىلىك ۋە جەدىدچىلىك« دېگەن مۇھاكىمە ماقالىسىنى يېزىپ »تەرجىمان« گېزىتىنىڭ -5ئايدىكى سانلىرىدا ئېلان قىلغان.④! k" c1 C4 D7 p
1 ?& ^/ O( E0 \ D: o
مەشھۇر پېداگوگ ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ غەيرىتى بىلەن باشلانغان جەدىدچىلىك ھەرىكىتى بارغانسېرى نوقۇل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىسلاھاتى بولۇشتىن ھالقىپ ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەرىپەت ھەرىكىتى بولۇپ شەكىللەنگەن. دىنىي مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەرنىڭ ئوقۇتۇش تۈزۈمى ۋە مەزمۇنىنىمۇ ئىسلاھ قىلىش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ جەرياندا قەدىمچىلىك بىلەن جەدىدچىلىك, c1 s% r: F! x: g! S y0 p/ h! |$ X
# v* {( `( R# i1 i* s' k# h6 S0 A& V& q! h, \0 n/ K
تەرەپدارلىرى كەسكىن ئېلىشىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن. قەدىمچىلەر دىن نامى بىلەن ئىش كۆرۈپ جەدىدچىلىك ئىمانىمىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئۈممەتلەرنى ئاداشتۇرىدۇ دەپ قارىغان. جەدىدچىلەر ياشاش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتمىسەك، تەرەققىيات يوللىرىنى ئۆگەنمىسەك بىراقلا ھالاك بولىمىز دەپ قارىغان. ئومۇمەن كۈرەشنىڭ كەسكىنلىك دەرىجىسى بەك يۇقىرى بولغان. جەدىدچىلىك تەرەپدارلىرى ئاممىۋى ئاساسى ئاجىز يېڭى كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان. شۇنداقتىمۇ يولىدىن قايتمىغان. جەدىدچىلەر 20 ‐ 10 يىلدەك تىرىشىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەن ھەم جەدىدلىك ھەرىكىتىنى تارىخىي ئېقىمغا ئايلاندۇرغان. ئانا دىيارىمىزدىمۇ جەدىدچىلىك بىلەن قەدىمچىلىك جىدىلى ئوخشاشلا ئۆتكۈر بولغان. مۇتەپەككۇر جەدىدچى ئابدۇقادىر داموللام (1924-1870) قەشقەردىن ئۈچ قېتىم چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئەھمەد كامال چېقىمچىلىققا ئۇچراپ قەشقەردە تۈرمىلەرگە قامالغان ھەم ۋەتىنىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن. ئابدۇللا بۇبى غۇلجىدا تۇرالماي قازانغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. قەشقەر، ئاتۇش ۋە غۇلجىدىكى ئابدۇمۇتائالى خەلپىتىمگە ئوخشاش يەرلىك جەدىدچىلەر قەدىمىنى ئاستىلاتقان. ئۇيغۇر جەدىدلىك ھەرىكىتىگە ئۇل سالغان كاتتا شەخس ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ بۇ ئىسلاھات ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلىش پوزىتسىيەسىدە پەرق ھەم مەلۇم ئىختىلاپ كۆرۈلگەن. ھۈسەيىن باي ئېھتىياتچان بولۇۋالغان، باھاۋۇدۇن باي دادىل بولغان بولسىمۇ، كۆپ ھاللاردا ئاكىسىنىڭ رايىنى نەزەرگە ئېلىپ ئىش قىلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇڭا زامانداش جەدىدچىلەرنىڭ خاتىرە ۋە شېئىرلىرىدا بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكىنىڭ يېڭى مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاش دەرىجىسى نەزەرگە ئېلىنىپ باھاۋۇدۇن بايغا ئالاھىدە يۇقىرى باھالار بېرىلگەن. مەسىلەن، ئەھمەد كامال، ئابدۇللا بۇبى، ئادىل ھېكمەت بەي قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ خاتىرىلىرىدە⑤، شەمسىدىن داموللام ئۆز مەرسىيەسىدە باھاۋۇدۇن بايغا بەك يۇقىرى باھا بەرگەن. شۇڭا، جەدىدچىلىك بىلەن قەدىمچىلىك تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى ئاددىي چاغلاشقا بولمايدۇ. كونىچە مائارىپتىن يېڭىچە مائارىپقا ئۆتۈش جەريانى ھەممىلا جايدا ئوخشاشلا مۇشەققەتلىك بولغان. چۈنكى »كونىچە مائارىپتىن يېڭىچە مائارىپقا ئۆتۈش ناھايىتى زور ئىسلاھات ھەرىكىتى بولۇپ، كونىلىق بىلەن
1 m, |( O2 G# w1 y
6 W/ n9 ?: I$ [" }% f' W2 L. \
) x7 k6 _, ~5 _- o& m2 Z4 b4 Pيېڭىلىق، ئىلغارلىق بىلەن قالاقلىق، مەرىپەت بىلەن خۇراپاتلىق، تەرەققىيپەرۋەرلىك بىلەن مۇتەئەسسىپلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان كەسكىن ۋە تەكرار ئېلىشىشلار ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن.«⑥
9 y; n5 c Z& ]7 F+ g9 W/ V0 j& D v0 H( Y5 n
تارىخىي ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، »جەننەت ماكان − ئىلى« نىڭ يېڭى مائارىپ تارىخى توغرىسىدىكى بابى ۋە ئۇنىڭغا مەنبە بولغان كۆپلىگەن ماقالىلەردە ئىلى ۋادىسىدا جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە جەدىدچە مەكتەپلەر يۇقىرى ئاممىۋى قىزغىنلىق بىلەن توي بولغاندەك داغدۇغىلىق شەكىلدە ئەمەلگە ئاشقاندەك ھالەتتە يېزىلغان. كىشىنى ئۇيالدۇرۇپ قويىدىغان يېرى شۇكى، ئاپتورلارنىڭ بىلمەسلىكى ۋە ئەستايىدىلسىزلىقى سەۋەبىدىن ئىلى ۋادىسىدىكى جەدىدلىك مائارىپى (گەرچە پەننىي مەكتەپ ۋە پەننىي ئوقۇتۇش دېيىلگەن بولسىمۇ) مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئاسىيا قىتئەسىدە جەدىدلىك ھەرىكىتى باشلانماستا باشلانغان قىلىپ يېزىلغان. تارىخنى ئەسلەيدىغان بولساق، شۇنى بىلىمىزكى، ياپونىيەدە -1860يىللىرى قەدىمچىلىك بىلەن جەدىدچىلىك (يېڭىلىق) تەرەپدارلىرى كەسكىن كۈرەش قىلىپ، ئاخىر قانلىق ئۇرۇش بولغان. نەتىجىدە -1868يىلى مىڭجى يېڭىلىققا كۆچۈش ئىسلاھاتىنى پادىشاھنىڭ پەرمانى بىلەن ھۆكۈمەت ھەرىكىتى سۈپىتىدە يولغا قويغان. جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە -1890يىللاردا خەنزۇ مىللىتىنىڭ سەرخىللىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ يېڭىلىققا، تەرەققىياتقا بولغان تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، -1901يىلى »يېڭى سىياسەت« يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ خىل مىللىي ئارزۇ ھۆكۈمەت ئىرادىسىگە ئايلانغان. نەتىجىدە يېڭىچە مائارىپ تۇشمۇ تۇشتىن يولغا قويۇلغان. رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا -1884يىلى ئىسمائىل غاسپىرالى جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويغاندىن، گېزىت چىقارغاندىن ۋە »رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى« دېگەن كىتابىنى نەشر قىلدۇرۇپ تارقاتقاندىن كېيىن بارا-بارا جەدىدلىك ھەرىكىتى بىخلانغان. ئالدى بىلەن قازان، ئۇفا، ئورېنبۇرگ شەھەرلىرىدىكى تاتار ۋە باشقىرت مىللىتىنىڭ سەرخىللىرى ھەم ئەزەربەيجان زىيالىيلىرى ئاكتىپ ئىشتراك قىلغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا، سەمەرقەنت، تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلەردە جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا بولغان قىزىقىش تولىمۇ تەستە شەكىللەنگەن. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىنىڭ
9 q4 `! L H7 k, C* Q# @) G
' ?/ k! z/ Z) J% G% u* p; ~/ t, S1 K# `9 p' i- W
( h) o0 E, E. b5 E3 h* Pمائارىپ جەھەتتىكى قالاقلىقىغا ئىچى سىقىلغان ئىسمائىل غاسپىرالى -1892يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدىكى كونىچە مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇسۇلى جەدىد (ئۇسۇلى سەۋتىيە) ئوقۇتۇش مېتودىنى يولغا قويۇش توغرۇلۇق چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى تۈركىستانغا بەلگىلىگەن گېنېرال گۇبېرناتور ئە. ب. ۋىرىۋېسكىيغا (يەنە بىر مەلۇماتتا روزىنباخقا دېيىلگەن) مۇراجەت قىلىپ مەكتۇب يازغان. ئۇ مەكتۇبىدا يەرلىك مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئالتە يىلدا باشلانغۇچ (ئىپتىدائىي) مەكتەپتە بېرىلىدىغان بىلىمنى تەڭشەپ ئىككى يىلدا ئېلىپبە ئۆگىتىش، قالغان تۆت يىلدا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت بىلىملەرنى ھەم رۇس تىلىنى ئۆگىتىش تەكلىپىنى بەرگەن. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم ئىلغار مەدرىسەلەرنى قايتا قۇرۇپ »ئالىي مەدرىسە« گە ئۆزگەرتىپ رۇس تىلى، رۇسىيە قانۇنلىرى ۋە پېداگوگىكا بىلىملىرىنى ئۆگىتىپ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەييارلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ھەتتا مەكتۇبىدا ئۆزى تۇرۇشلۇق باغچە سارايدىكى »زەنجىرلى« مەدرىسەسىنى ئودېسسانىڭ سابىق گېنېرال گۇبېرناتورى خ. خ. راپپىنىڭ ياردىمى بىلەن قايتا تەشكىللەپ، ئىلغارلاشتۇرۇپ ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرىدىغان »ئالىي مەدرىسە« گە ئايلاندۇرغانلىقىنى مىسال سۈپىتىدە كۆرسەتكەن. تۈركىستاننىڭ تاشكەنتتە تۇرۇشلۇق گېنېرال گۇبېرناتورى ۋىرىۋېسكىي ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ مەكتۇپىنى ئۆزىگە مەسلىھەتچىلىك قىلىدىغان مىسسىيونېر ن. ئوستىروموف بىلەن ك. پ. پابېدىناستىسېۋگە بەرگەن. ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالغان ۋىرىۋېسكىي ئىسمائىل غاسپىرالىغا جاۋاب خەت يېزىشنى ھاجەتسىز دەپ بىلگەن. بۇنداق بولۇشىدا تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدە سەۋەب بار ئىدى. E' r2 \4 [7 L5 q
! n- j* k* P1 R1 Q6 o7 g7 b, s7 \ p. i: J$ J1 s
- ^( H* ^% U; ~9 B
چاررۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلىرىنى ئۆز مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇپ، -1867يىلى تاشكەنتنى مەركەز قىلىپ تۈركىستان گۇبېرناتورلۇقىنى تەسىس قىلغان. گېنېرال ك. پ. كوۋفمان گۇبېرناتور بولغان. ئۇ يەرلىك ئاھالىنى رۇسلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ن. ئى. ئىلمىنسكىي (1891 ‐ 1822) نىڭ قازان تاتارلىرىنى رۇسلاشتۇرۇش تەجرىبىسىنى تۈركىستان رايونىدا تەتبىقلاش ئۈچۈن ئۇنى تاشكەنتكە تەكلىپ قىلغان. ئىلمىنىسكىي ئەرەب، پارس، تۈرك تىللىرىنى ناھايىتى مۇكەممەل بىلىدىغان، »بابۇرنامە« نى 35 يېشىدا رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ قازاندا نەشر قىلدۇرغان
" z4 @: Q* F6 _ H0 U0 U
( D+ t. Q; N6 L' I U
8 k* [9 M! a% T6 J2 G/ wتۈركلوگ ئىدى. ئۇ قازان دىنىي ئاكادېمىيەسىنىڭ پىروفېسسورى، تۈركىي خەلقلەرنى رۇسلاشتۇرۇش مەقسىتىدىكى مائارىپ لايىھەسىنى تۇرغۇزۇپ چىققان، تاتارلارنى رۇسلاشتۇرۇشتا زور تەجرىبە توپلىغان مىسسىيونېر ئىدى. چاررۇسىيە مۇستەملىكە قىلغان تۈركىستان رايونىدا ئېچىلغان »رۇس-تۈرك« مەكتەپلەر ئىلمىنىسكىينىڭ لايىھەىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىدى. چاررۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە قاراتقان مائارىپ سىياسىتى ناھايىتى ئېنىق ئىدى: ۋولگا دەرياسى بويلىرى، ئۇرال، كاۋكاز، قىرىمدىكى تۈركىي خەلقلەر مائارىپى پىروگراممىسىغا سىڭدۈرۈلگەن رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تۈركىستان رايونىدىكى خەلقلەر مائارىپىغا تەدبىق قىلىش ئىدى. بۇ سىياسەت رۇسىيە مائارىپ ۋازارىتىنىڭ -1869يىلىدىكى نىزامنامىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ نىزامنامە رۇس مىسسىيونېرلىرىنىڭ يول كۆرسەتكۈچىسى ئىلمىنىسكىينىڭ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىدى. بۇ خىل مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشى رۇسىيەنىڭ تۈركىستان ئۆلكىسىدە يېڭى مائارىپ سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. بۇ سىياسەت توغرۇلۇق ئامېرىكىلىق جەدىدشۇناس دوكتۇر ئەدىب خالىد »ئوتتۇرا ئاسىيادا جەدىدچىلىك« دېگەن كىتابىدا مۇنداق يازغان: »مۇستەملىكە مەمۇرىيىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام قانۇنى، ئەمىر-مەرۇپلارغا ئەمەل قىلىشلىرىنى مەنئىي قىلمىدى. كونا مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەرنىڭ پائالىيىتىگە توسالغۇ بولمىدى. ئەكسىچە، ئېتىبار قىلمىدى. مەكتەپ ۋە مەدرىسەلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئېتىبارىدىن چەتتە قالغانلىقى ۋە دۆلەت ياردىمىدىن مەھرۇم بولغانلىقى، ۋەخپە مۈلۈكلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلەر قولىغا ئۆتكەنلىكى باش ھۆكۈمەت نەزىرىدىن ھەم قالدى. ھۆكۈمەت يەرلىك خەلقنى ›رۇس-تۈرك‹ مەكتەپلىرىگە جەلپ قىلىش ھەرىكىتىنى تېزلەتتى. چۈنكى بۇ مەكتەپلەردە يەرلىك بالىلار ۋە رۇس بالىلىرى بىرلىكتە تەلىم ئالاتتى. يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرىگە ئوخشىتىش ئاسان ئىدى، بۇ ئارقىلىق چاررۇسىيەگە سادىق يەرلىك قاتلام تەشكىل قىلىش مۇمكىن بولاتتى. شۇ سەۋەبتىن گېنېرال گۇبېرناتور كوۋفمان مائارىپ تۈزۈمىنىڭ باش مەقسىتى، دىنىي ئېتىقادى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر رۇسىيە ئۈچۈن پايدىلىق بولغان پۇقرالارنى تەربىيەلەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.« بېنجامىن. س. لېۋىينىڭ »شىنجاڭ مائارىپى« ناملىق ماقالىسىدىكى بايانىدىن قارىغاندا
2 P# M* G/ ]# e " u* F& _8 k3 T% }
0 z, d7 p( k( m: ~& g
) y, h6 @/ u2 P' c: r" Y
+ M4 }4 D6 M' m, M( X' F5 l7 ]
" e6 I3 m" U: ^-1884»يىلىدىن كېيىن، رۇس تىلىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ مۇستەملىكە ھاكىمىيىتى ئاتالمىش ›رۇس-تۈرك‹ مەكتەپلىرىنى ئاچقان. بۇ مەكتەپلەردە يېرىم كۈن رۇسچە ئۆگىنىش، يېرىم كۈن ئەنئەنىۋى مەكتەپلەردىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىش يولغا قويۇلغان. بىراق بۇ مەكتەپلەر بەك كۆپ ئالقىشقا ئېرىشەلمىگەن.«⑦3 o/ X- e; f) _& ~, _
* n- _4 V& Q" x* c+ O@ J) d' V+ t' T6 Z3 -تۈركىستان گۇبېرناتورى ۋىرىۋېسكېي ئىسمائىل غاسپىرالىغا جاۋاب خەت يازمىغاندىن كېيىن ئۇ پاسسىپ ھالدا كۈتۈپ تۇرۇۋەرمەي، مەقسىتىگە يەتمىگىچە بولدى قىلمايدىغان غايىلىك كىشىلەردە بولىدىغان روھ بويىچە دادىل ئىش كۆرۈپ، -1893يىلى چار رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى تاشكەنتكە كەلگەن. ئۇ يەردىن سەمەرقەنت ۋە بۇخاراغا بارغان. سەمەرقەنتتە جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان تاتار مىليونېر غەنىباي بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. سەمەرقەنتتىكى مېھماندارچىلىقلاردا تەبىئىي ھالدا جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدە سۆھبەت بولغان. نەتىجىدە ئىسمائىل غاسپىرالى سىناق قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغان. مىليونېر غەنىباي خىراجەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان بولغان، ئىسمائىل غاسپىرالى ئېلىپبە ۋە ئوقۇتقۇچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان بولغان. شۇنداق قىلىپ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ بارغان باكۇلۇق ئوقۇتقۇچى سۇلتان مەجىد غەنىزاتنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلغان. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن سەمەرقەنت شەھىرىدىن 30 غا يېقىن بالىنى يىغىپ بىر سىنىپ قىلىپ ئوقۇش باشلىغان. ئېلىپبە ئۆتۈلۈپ 40 كۈنگىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنىڭ ساۋاتى چىققان. سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، كىشىلەر ئاپىرىن ئوقۇشقان. تاشكەنتلىكلەر ھەتتا بالىلارنىڭ ساۋاتىنى ناھايىتى تېز چىقارغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەكتەپنى »ماشىنا مەكتەپ« دەپ ئاتاشقان. بۇ مەكتەپنىڭ داڭقى ئەتراپقا تارقالغان. مەكتەپنىڭ داۋرىڭى چاررۇسىيە مەمۇرى بولغان مائارىپ باشلىقىنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن بۇ مەكتەپنى قانۇنسىز دەپ دەرھال تاقىغان. بەزى يەرلىك مۇتەئەسسىپ روھانىلارمۇ تەتۈر شامال چىقارغان. قازان شەھىرىدە تۇرىدىغان مۇستەملىكىچىلىك ئىدىيەسى كۈچلۈك ن. ئى. ئىلمىنسكىي ئۆزىنىڭ تۈركىستاندا ئىش بېجىرىدىغان مەسلەكدىشى ك. پ. پابېدىناستىسېۋگە يوللىغان مەكتۇبىدا مۇنداق كۆرسەتمە بەرگەن: »ئالىملاردىن ۋە ئۆتە بىلىملىك ئوقۇتقۇچىلاردىن ئاگاھ بولۇڭلار.
: |7 b: W0 Z: K a# c. M
$ f l8 m0 Q" X4 A2 j+ a5 G" f. H/ bئەدەپلىك ۋە ۋۇجۇدى بىلەن دىنغا بېرىلگەن ئاددىي ئادەملەرگە قارىغاندا ئۇلارنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىڭلار. رۇس بىلىمىنى ئۆگەنمىگەن، رۇسلارنىڭ تىلىنى بىلمىگەن يەرلىك ئادەملەر بىز ئۈچۈن رۇسچە بىلىم ئالغان تاتارغا قارىغاندا ياخشىراق. يامىنى ئۇنى-بۇنى بىلىۋالغانلار، ئەڭ يامىنى ئۇنىۋېرسىتېت تەربىيەسى كۆرگەن كىشىلەردۇر. بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇناسىپ ئادەملەر رۇس تىلىنى ياخشى بىلمەسلىكىدىن قىزىرىدىغان، ئانچە-مۇنچە خاتا يازىدىغان، گۇبېرناتوردىنلا ئەمەس، ئاددىي مەمۇرلىرىمىزدىن قورقۇپ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر.[ /G, h9 R. ^: ^" L5 p7 ?* S "« دېمەك، ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ جەدىدچە مەكتەپلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدە ئومۇملاشتۇرۇش ئارزۇسى مانا مۇشۇنداق ياۋۇز مۇستەملىكىچى سىياسەت ۋە يەرلىك قاشاڭ ئاڭ-ئىدىيە ئىگىلىرى تەرىپىدىن يوققا چىقىرىلغان. ئەمما، بۇ چاغدا ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ ھەپتىدە بىر سان چىقىشقا ئۆزگەرتىلگەن »تەرجىمان« گېزىتى ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرىدە كەڭ تارقالغان. ئىلغارلىققا مايىل، ئەمەلىيەتچى، يىراقنى كۆرەر ياشلار »تەرجىمان« گېزىتىدىكى ئاكتۇئال سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، مىللىي ۋە دىنىي خەۋەر، مۇلاھىزىلەرنى ئوقۇپ بارا-بارا جەدىدىزملىق ئاڭغا ئىگە بولغان.⑧
& b) R- f3 E( P7 ~3 o0 x
6 V. c4 |! n$ x) Vئىسمائىل غاسپىرالى »تەرجىمان« گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىسىدە مۇنداق يازغان: »سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، بىز ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئىش ئىلىم ۋە مائارىپ ئىشىدۇر. ئەڭ مۇقەددەس ئىنتىلىش ئىلىمگە، مائارىپقا ئىنتىلىشتۇر. چۈنكى ئىنساننى ئىنسان قىلغان مېھنەت ۋە بىلىمدۇر. بىلىم مەدەنىي تۇرمۇشقا يېتىش ۋاسىتىسىدۇر. مەدەنىي تۇرمۇش بولسا ئىنساننىڭ ياشاش مەقسىتى ۋە ئۇسۇلىدۇر.« قالاقلىق، نادانلىق ئاسارىتىدە ۋىجدانى پۇچۇلانغان ئوت يۈرەك ياشلارنىڭ بۇ خىتابلارنى ھاياجانلانماي ئوقۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. -1897يىلى ئىسمائىل غاسپىرالى ئوتتۇرا ئاسىياغا يەنە بىر قېتىم سەپەر قىلىپ مەھمۇد خوجا بەھبۇدى (1919 ‐ 1874) بىلەن كۆرۈشكەن. دەل مۇشۇ مەھمۇد خوجا بەھبۇدى ئارىدىن ئون يىللار ئۆتكەندە، يەنى -20ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جەدىدچىلەرنىڭ داھىيسى سۈپىتىدە رول ئوينىغان. شۇ ئۇچرىشىشتا 46 ياشقا كىرگەن ئىسمائىل غاسپىرالى بىلەن 23 ياشقا كىرگەن مەھمۇد خوجا بەھبۇدى ئوتتۇرىسىدا
7 f0 E2 x" \8 o' z5 l) Q( Y( F! c. l& p' F7 j- q& s
. g6 [; Y5 d5 y6 d9 {' [) V1 C) r
ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان. بەرچىناي جۇدايىۋانىڭ »ئىسمائىل غاسپىرالى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جەدىدلىك ھەرىكىتى« ناملىق ماقالىسىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇنجى جەدىدچە مەكتەپ -1898يىلى قوقەنتتە موللا سالاھىدىن ئەپەندى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان. يەنە بىر ماتېرىيالدا يېزىلىشىچە، -1900يىلى -2ئايدا سالاھىدىن ئەپەندى دەپ ئاتىلىدىغان تاتار مۇئەللىم قوقانتلىق ئەلى ئەسقەر ئەپەندىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ مەكتەپ ئاچقان ھەم ئۇسۇلى سەۋتىيە بىلەن بالىلارنى ئوقۇتۇشنى باشلىغان. ئالتە ئاي توشقاندا جامائەت ئالدىدا بالىلاردىن ئىمتىھان ئالغان. جامائەت 9 ‐ 8 ياشلاردىكى بالىلارنىڭ خەت يېزىشنى، كىتاب ئوقۇشنى، ھېساب ئىشلەشنى، جۇغراپىيە ۋە تارىخقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ھەم قىرائەت قىلىشنى بىلىدىغانلىقىنى كۆرۈشۈپ ھەيران قېلىشقان. ئابدۇقادىر شۈكۈرى -1901يىلى ئاتايىن بۇخارادىن كېلىپ بۇ مەكتەپ بىلەن تونۇشۇپ كەتكەن. ئومۇمەن، چار رۇسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان تۈركىستان رايونىدا، جۈملىدىن تاشكەنتتە ئۇسۇلى جەدىد مەكتەپلىرىنىڭ ئېچىلىشى تاتار مۇئەللىملەرنىڭ پائالىيىتى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر. يەرلىك خەلق تاتار مۇئەللىملەر قوللانغان جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى دەسلەپتە »نوغايچە ئوقۇتۇش« دەپ ئاتاشقان. بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى -1900يىلى تاشكەنتكە كەلگەن بىر تاتار مۇئەللىم بەش ياغاچ دەرۋازىسىدىكى »نوغاي مەھەللىسى« دە قوللانغان. ئۆزبېكلەر كۆرۈپ ھەيران قالغان. ئۇلارنىڭ كۆرگىنى باشقا نەرسە ئەمەس بەلكى، تاتارچە ئېلىپبەنى قارا تۈنىكە تاختىغا بور بىلەن يازدۇرۇپ ئوقۇتۇش ھەم ئانچە - مۇنچە ھېساب ئۆگىتىش ئىدى. بۇ »نوغايچە ئوقۇتۇش« ئىدى. تۈركىستان گۇبېرناتورلىقى تېررىتورىيەسىدە تۇنجى بولۇپ جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان مەشھۇر ئۆزبېك جەدىدچى مۇنەۋۋەر قارىي ئابدۇرەشىدخاندۇر. ئۇ -1901يىلى يەرلىكلەردىن تۇنجى بولۇپ تاشكەنت شەھىرىدە جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان. ئارقىدىنلا توقماق شەھىرىدە ئۇسۇلى جەدىد ئوقۇتۇش مېتودىنى قوللانغان بىر مەكتەپ، ئەنجاندا شەمسىدىن داموللا ئاچقان بىر مەكتەپ بارلىققا كەلگەن. -1903يىلى سەمەرقەندتە ئابدۇقادىر شۈكۈرى ۋە مەھمۇد خوجا بەھبۇدىيلار تۇنجى جەدىدچە مەكتەپ ئاچقان. شۇنداق قىلىپ جەدىدچە مەكتەپلەر ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدە كەڭ ئومۇملاشقان. ئارقىدىنلا" |1 k) o; \* _7 H1 V6 f# J
6 e. P) N* y+ |! i
8 P2 F7 ]0 y2 g, B
2 A; b. `/ Q+ C: ]! \
, O9 J A" @1 n: W7 {2 f$ m
) I% V; `) \ V1 p: r" R& `/ sگېزىت-ژۇرناللار نەشر قىلىنغان. دەرسلىكلەر تۈزۈلگەن. جەمئىيەتلەر قۇرۇلغان. مەھمۇد خوجا بەھبۇدى، ئابدۇقادىر شۈكۈرى، مۇنەۋۋەر قارىي ئابدۇرەشىدخان، ئابدۇللا ئەۋلانى، سەدىردىن ئەينى، ھەمزە ھەكىمزادە، ئەبەيدۇللا خوجا، ئابدۇرەئۇف پىترەت، ئەھمەد زەكى ۋەلىدى، پەيزۇللا خوجا، ئوسمان خوجا، چولپان قاتارلىق داڭلىق جەدىدچىلەر ئوخشاشمىغان ساھەلەر بويىچە باشلامچىلىق قىلغان، پىداكارلىق كۆرسەتكەن.
4 `- p$ V6 l4 s' ]3 L5 P7 g% P% k: o& b# E2 A& R# F
! g5 q" w; g3 E( W' Q: Y1 Jئوتتۇرا ئاسىيا ئۆلكىلىرىدە جەدىدلىك ھەرىكىتىنىڭ جانلىنىشى مۇستەملىكىچى چار پادىشاھ دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان، چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە پىروگراممىسىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى تۈركىي خەلقلەر تەپەككۇرىدىكى بۈيۈك ئىنقىلاب ئىدى. بۇنداق تەپەككۇر ئىنقىلابىنىڭ ئاقىۋىتى چارىزمغا پايدىسىز دەپ قارىغان چار پادىشاھ دائىرىلىرى، جەدىدىزم ھەرىكىتىنى توسۇش ئۈچۈن تۈرلۈك قەبىھ سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن ھەم مۇتەئەسسىپ دىن پېشۋالىرىنى كۈشكۈرتۈپ ئىچكى ئىختىلاپنى كۈچەيتكەن. بولۇپمۇ جەدىدچە مەكتەپلەرنى تاقاش، بولمىغاندا ئۇلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىش، شۇ ئارقىلىق بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى توختىتىشقا ئۇرۇنغان.* L# z1 G* e- e: G* Q8 t' o4 W
6 Z% V: l6 }& f5 L' q0 I- o2 o9 X0 B' E7 {
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان - ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار
ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
|
| |
|