خەۋەرئانا تىلدىكى تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزۈشنىڭ 5 r: ?$ ]8 x6 b% A8 k* I, |
يېڭىچە شەكلى ھەقىدە ئويلىغانلىرىم/ a( P1 c3 {% b# h
(مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا)6 r; e" C: ~5 |7 o% H
$ K: V' |* x/ v" U7 I% I مەن "ئانا تىلدىكى تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزىگۈچىلەرگە ئوچۇق خەت" ناملىق يازمامدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمدەك، تىل-ئەدەبىيات دەرسى كىشىلەرگە ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەشنى، كۆزىتىش، پىكىر قىلىش ھەم ئىپادىلەشنىڭ يولى ۋە ئۇسۇللىرىنى، ئادىمىيلىكنى ئۆگۈتىدىغان، تۈرلۈك پەننىي بىلىملەر ھەم ھۈنەر-كەسپلەرنى ئىگىلىشى ۋە ئۇنى كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىش پوزىتسىيەسىگە ئىگە بولىشىغا ئاساس سالىدىغان قورال خارەكتېرلىك تىل سەنئىتى. ئەدەبىياتنىڭ گۇمانىتارلىقى (ئادىمىيەتلىكى) ھەم قورال خارەكتېرلىكى ئۇنىڭ مۇھىم ئىككى خارەكتېرىدۇر.
% Y7 ^4 X& W8 d7 r, q شۇڭا، تۈرلۈك شەكىلدىكى تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىنى قانداق مەقسەد، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا تۈزۈش ھەم ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، توغىرا بىر نۇقتىنەزەر ھەم كىشىلىك ئەمىلىيەت ھاسىل قىلىش ئىنتايىن نازۇك مەسىلە.
9 X4 G5 X4 P- s) T: Y بىراق، نۆۋەتتە ئانا تىلدىكى ئۇيغۇر تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئىشلىتىلىۋاتقان تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى يۇقارقى تەلەپلەردىن خېلىلا يىراقتا تۇرماقتا. ئۇ بارلىق دەرسلىك تۈزىگۈچىلەر ۋە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتىشىغا كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنىڭ ئورتاق مەقسەد يولىدا ئىزدىنىپ، ئىسلاھ قىلىشىغا، قايتا تۈزۈپ چىقىشىغا مۇھتاج.شۇ سەۋەبتىن مەن تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىدىدە ئىزدىنىۋاتقان كەڭ دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن .) x, H/ h$ d( k. O
مېنىڭ ئانا تىلدىكى ئۇيغۇر تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئىشلىتىلىۋاتقان تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى قايتا تۈزۈپ چىقىشقا بولغان قاراشلىرىم تۆۋەندىكىچە:
$ b g6 u% w* O0 m$ y' z% j0 B مەنچە يېڭىدىن تۈزۈلىدىغان تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى ھەم نىشانلىق ھالدا بىلىم بېرەلەيدىغان، ئىقتىدار يېتىلدۈرەلەيدىغان، ھەم كەڭ دائىرلىك مەلۇماتقا، ئىزدىنىشچانلىققا ئىگە بولىشى كېرەك.نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدە تېما كۆپ، ۋاقىت ئاز. شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتى تېز سۈرئەتلىك پويىزغا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلار رېلىستا كېتىۋاتقان پويىزنى كۆرەلىسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە قاچىلانغاننىڭ نېمىلىكىنى بىلەلمەيدۇ. يەنى، ۋاقىت قىسلىقىدىن تېكىستلەرنى چوڭقۇرلاپ ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ماھىيەتلىك مەزمۇنلارنى ئېچىپ كۆرسىتىش ئاساسەن مۈمكىن بولمايۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ۋاقىتنى تېكىست ئوقۇتۇشى ئىگىلەپ كېتىپ، ئەدەبىيات نەزىريىسى، ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى، ئىستىلىستىكىلىق بىلىملەر ھەم خەت-چەك يېزىقچىلىقىغا ۋاقىت يېتىشمەيۋاتىدۇ. بۇ نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ ھەم ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىنىڭ ئېغىر سەۋەنلىكى.
! l6 Q% n8 }/ G$ J: d3 s T L9 G نۆۋەتتىكى تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى يۇقارقى سەۋەنلىكلىرىنى تۈگۈتۈپ، ھەم نىشانلىق ھالدا بىلىم بېرەلەيدىغان، ئىقتىدار يېتىلدۈرەلەيدىغان، ھەم كەڭ دائىرلىك مەلۇماتقا ئىگە قىلالايدىغان قىلىش ئۈچۈن، يېڭىدىن تۈزۈلمەكچى بولغان تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۆۋەندىكىدەك تۈزىسە مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ قارايمەن:( V' V9 f$ n! h) S- ^9 x% h% @
1. ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنى ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئايرىۋېتىش، ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىك كىتابنى، ئەمىلىي قولىنىشچانلىققا ئىگە قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھالدا، يەنە بىر قېتىم مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئىسلاھ قىلىش ئاساسىدا تېخىمۇ ياخشىلاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.* E5 n6 k% ]% L" r; D2 C
2. ئىستىلىستىكىلىق بىلىملەرنى ئۇيغۇر تىلى بىلەن بىرلەشتۈرىپ، ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنىڭ ئەڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق دەرس باشلىنىشى بىلەنلا ئوقۇغۇچىلار ھەم ئىستىلىستىكىدىن خەۋەردار بولالايدىغان ھەم ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتىدە ئىشلىتەلەيدىغان ھالەتنى شەككىللەندۈرۈش كېرەك.
7 S2 C5 c3 c; x8 W& Z& R, A3. ئەدەبىيات دەرسلىكىنى ئايرىم بىر تۈر قىلىپ، ئىلگىرىكىدەك ھەر مەۋسۈم بويىچە بىردىن ئۈچ يىللىق، يەنى ئالتە مەۋسۈمگە ئالتە كىتاب قىلىپ تۈزۈپ چىقىش كېرەك.
6 O2 y8 |! `2 ^4. ئۇيغۇر تىلى درەسلىكى بىلەن ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ بۆلەكلىرىنى، ئەمىلىي ئوقۇتۇش ۋاقىت تەقسىماتىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر تىلىدىن بىر بۆلەك ئاخىرلاشقاندا ئەدەبىياتتىنمۇ بىر بۆلەك ئاخىرىلىشىدىغان قىلىپ ماس قەدەملىك ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق، مەشق قوللانمىسىنىڭ، ئەدەبىياتتىكى مەزمۇنلار بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈپ ئېلىپ مېڭىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
* ^" X0 A3 z1 G& w5. مەنچە يېڭى ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ ئۆلچىمى ۋە قۇرۇلمىسى مۇنداق بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ قارايمەن:
8 K+ L! K: N* B0 J% K8 \1 z1> دەرسلىكنىڭ مەزمۇن قاتلىمىنى، ئەدەبىياتنىڭ بىلىم بېرىش، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش ۋە ئادىمىيلىك يېتىلدۈرۈش ئالاھىدىلىكىنى ئالدىنقى شەرت، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش قاتلىمى ۋە ئەقلىنىڭ يېتىلىش ھەم تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئاساس، بىلىمنىڭ ھالقىسىمان ھەم زەنجىرسىمان تەرەققىياتىنى مۇھىم ئىلمىي نۇقتىنەزەر قىلغان ئاساستا، يىلسېرى بېيىتىپ ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.# X! n0 V# [$ b% U* P6 s, r
2> ھەر بىر قىسىم دەرسلىكنى ئېنىق بولغان ئىككى بۆلۈمگە، يەنى، زۆرۈر ئوقۇتۇش بۆلۈمى ۋە ئىختىيارى ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش بۆلىكىگە ئايرىش كېرەك.
8 H# \% m. F ]" z5 V+ `, Aزۆرۈر ئوقۇتۇش بۆلۈمى مۇنداق تۈزۈلۈش كېرەك:
6 {: d" k4 s- l0 a' q+ `9 K( t<1> بۇ بۆلۈمى زۆرۈر ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرىنى ئاساس قىلىش، كۆپ بولغاندا تۆت بۆلەك، 10 دىن 12 گىچە تېكىستتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.- \% H" B9 }) z1 a4 j; M
<2> ھەر بىر بۆلەكتە ئالدى بىلەن زۆرۈر نەزىريە كىرگۈزىلىشى كېرەك. نەزىريەدە دۇنياۋى ئەدەبىيات نەزىريىلىرى ۋە مىللىي ئەدەبىياتنىڭ نەزىريىۋى ئەندىزىسى ھەم تەپەككۈر يولى توغرىسىدىكى بىلىم-مەلۇماتلار ئاساس قىلىنىشى، يەرلىك ئەدەبىي ژانېرلار قېزىلىپ تۇنۇشتۇرۇلىشى، رۇس ئەدەبىياتىنىڭ نەزىريىۋى ئىسكەنجىسى بىكار قىلىنىشى كېرەك.
& p( [( s1 A3 ^2 L<3> نەزىريە ۋە ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىنىڭ ئۆتۈلۈش سۈرىتىگە ماسلاشتۇرۇلغان تېكىست بېرىلىشى كېرەك. تاللانغان تېكىستلەر يەرلىك ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللىي مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر تىپتىكى مىللەتلەرنىڭ ئەسەرلىرى، دۇنياۋى ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى، مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئەخلاق-پەزىلەت، ئۆرۈپ-ئادەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى ئاساس قىلىپ، تېكىستلەرنىڭ سانى ئازايتىلىپ، سەرخىل بولىشىغا ئەھمىيەت بېرىلىشى، بۇ ئارقىلىق ئوقۇتۇش جەريانىدا ۋاقىتتىن كەڭرىراق پايدىلىنىشقا، ھادىسىدە توختاپ قالماي ماھىيەتكە ئىچكىرلەپ كىرىپ، ئۇنىڭدىكى ئىچكى روھىيەت قاتلىمىنى ۋە پىكىر قاتلىمىنى تېپىپ چىقىشقا ئىمكانىيەت ھازىرلىنىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادىمىيلىك قارىشى، بىلىم مەلۇماتى ۋە نەزەر دائىرىسىنىڭ ئۆسۈشىگە، تەپەككۈرىنىڭ جانلىنىشى ھەم كۆپ قىرلىققا ئىگە بولىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلىشى كېرەك. تېكىستلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىشچانلىقى ۋە تەپەككۈر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئادىمىيلىك نۇقتىنەزىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىشنى مەقسەد، ئۇيغۇر تىلى، ئىستىلىستىكا ۋە زۆرۈر نەزىريە بىلىملىرنى مۇستەھكەملەش ھەم ئەمىلىي ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ كىرگۈزىلىشى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇلىشى كېرەك. + h- ~7 X8 J5 F- p
8-يىللىق 2-قىسىمدىكى «سۇۋادان تېرەككە مەدھىيە»، « بورانقۇش قوشىقى»، «ئاسىموۋ ئەسەرلىرىدىن ئىككى پارچە»، «خامېلېئون»، «فېدىراتىپ گېرمانىيە ھايمۇت شەھىرى شەھەر باشلىقىنىڭ قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدىكى جاۋاب نۇتۇق»، «بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغانلىقى بايان قىلىنغان ئىككى پارچە سۆز» قاتارلىقلارغا ئوخشاش توختام سۇدەك تۇيغۇ بېرىدىغان، مۇرەككەپ، كونا، قاتمال، بىر قېلىپقا چۈشۈپ قالغان، ھازىرقى رېئاللىق ۋە تۇرمۇش ئەمىلىيىتىگە، رىقابەت مۇھىتىغا ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلىغا ماس كەلمەيدىغان، رازى قىلىش دەرىجىسى تۆۋەن ئەسەرلەر چىقىرىۋېتىلىشى، باشقا يىللىق دەرسلىكلىرىمۇ شۇنداق قىلىنىشى كېرەك.
; J1 y( E/ u& M. Q9 n a: q ھەر بىر تېكىست ۋە ھەر بىر بۆلەك ئاخىىرغا ماس بولغان يېتەكلىمە مەزمۇن ۋە ھەل قىلىش نۇقتىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىىدىن ئۆگىنىش ھەم ئالدىن ئىزدىنىشىگە يول ئېچىش كېرەك.
4 X2 {6 V+ _. ~* C; Z/ z بۇرۇنقىدەك ھەممە ئەسەرلەرنى، مەيلى ئۇ بەددىي ئەسەر بولسۇن-بولمىسۇن بەددىيلىكىنى تەھلىل قىلىدىغان، تارىخىي ئەسەر بولمىسىمۇ مەجبۇرىي تارىخىي شارائىتىنى ئېنىقلايدىغان، چۈشەندۈرۈش ئەسەرلىرىگىمۇ ئىدىيۋى مەزمۇن چىقىرىدىغان؛ بارلىق ئىنسان پىسخىكىسى ۋە قىممەت قارىشىغا ئورتاق بولغان شەخسىيەتچىلىك، مال-دۇنياغا ھەۋەس قىلىشتەك مەسىلىلەرنى ئاتالمىش «كونا جەمىئىيەت» كە ۋە «بۇرژۇازىيە» گە، «كاپىتالىزم تۈزۈمى» گە دۆڭگەپ قويىدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، ئوبېكتىپ مەسىلىنى ئوبېكتىپ مەۋقەدە تەھلىل قىلىدىغان ئوقۇتۇش ۋەزىيتى يارىتىشقا يول قويۇلىشى كېرەك.
: [/ ~+ f2 C9 c& Q <4> بۆلەك ئاخىرىغا ئەمىلىي يېزىقچىلىق مەشقى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يېزىقچىلىق مەشقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئىمكان بار بىر قىسىم كىتابتا بىر خىل ژانىرنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپى قوللىنىلىش، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا يۆلىنىشلىك ھەم ئىزچىللىققا ئىگە بولغان مەشق مۇھىتى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مۇنتىزىم ئىقتىدار يېتىلدۈرىشىگە ئااساس سېلىش كېرەك" _8 h. J3 g# O! y' w6 U& \- T
<5> مەشق قوللانمىلىرىنىڭ سانى، يۇقىرىدىن بىر تۇتاش تارقىتىدىغان مەشق ھەم يېزىقچىلىق مەشقىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بىلەن چەكلىنىشى كېرەك. يۇقىرىدىن بىر تۇتاش تارقىتىلىدىغان مەشقتە، ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر بىر پاراگىرافنى ۋە ئەدەبىياتتىكى ھەر بىر تېكىستنى ئاساس قىلىپ، ئايرىم-ئايرىم مۇستەھكەملەش تىپىدىكى مۇستەقىل مەشق ئوورۇنللاشتۇرۇلىش بىلەن بىرگە، ھەر بىر بۆلەك ئاخىرىغا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتتىكى مەزمۇنلارنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ ئورتاق ئېلىپ ماڭىدىغان ئەمىلىي ھەل قىلىش خارەكتېرلىك گىرەلەشمە مەسىلىلەر ئورۇنلاشتۇرىلىشى كېرەك. مەشقنىڭ سانى ھەر بىر سائەتكە بىردىن ئېشىپ كەتمىگەن، ئۆزى ئاددىي، مەزمۇنى چوڭقۇر ھەم قىسقا، تەپەككۈرگە يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك، جانلىق، ئاسان ھېس قىلغىلى بولىىدىغان، تۇرمۇشقا يېقىن بولىشى، مەشق قوللانمىلىرىنى كەسپ ئەھلى بولغانلار تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.
4 X' w0 G9 C: F9 D8 x2 T, `1 }5 U. f
ئىختىيارى ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش بۆلۈمى مۇنداق تۈزىلىشى كېرەك:
+ F' r" j6 b6 z" w% M( Z<1> ئەدەب-ئەخلاق باغىچىسى. بۇ بۆلەكتە مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە كۆرۈشۈش ئادەتلىرى، ھۆرمەت ۋە ئىززەت قاراشلىرى، ئاممىۋى تەرتىپ يوسۇنلىرى ھەم شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قىسقا ھېكايىلەر كىرگۈزىلىشى كېرەك.
2 E A1 w6 c( r; i<2> گۈزەل قائىدە-يوسۇنلىرىمىز. بۇ بۆلەكتە بىزنىڭ تۈرلۈك گۈزەل قائىدە-يوسۇنلىرىمىز، ئاممىۋىي مەرىكىلىرىمىز، ھېيت-بايرام، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ۋە نەزىر-چىراق مۇراسىملىرىمىز ھەم مېھماندارچىلىق ۋە مېھمان كۈتۈش ئۇسۇللىرىمىز تونۇشتۇرىلىشى كېرەك.
3 g: {; H! p% m# c! u<3> ئۇنتۇلغان سىمالىرىمىز. بۇ بۆلەكتە مىللىتىمىز ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ھەم بۈگۈنكى كۈندە ئۇنتۇلۇپ كېتىشكا يۈزلىنىۋاتقان، مىللىتىمىزنىڭ قان ۋە روھ تولوقلىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەدىپ-شائىرلار، ئالىم-ئۆلىمالار، جامائەت ئەربابلىرى، سىياسى نامايەندىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مۇھىم تۆھپىلىرىنى، ئۆز زامانىسىدىكى رولىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە تۆھپىلىرىگە دائىر قىسقا ھېكايىلەر كىرگۈزىلىشى كېرەك.
( Q' j+ D M* s7 m1 M s<4> قەدىمكىلەر نېمە دەيدۇ. بۇ بۆلەكتە كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ ئەقىليە ياكى ھېكمەتلىك سۆزلىرى، ئۆگۈت-نەسىھەتلىرى، پەندىنامە خارەكتېرلىك قىسقا ھېكايىلىرى، تەربىيۋى قىممىتى يۇقىرى بولغان خەلق ماقال-تەمسىللىرى كىرگۈزىلىشى كېرەك.: N) O" d1 N& c! t1 \# d
<5> تەبىئىي پەن ھاسىلاتلىرىمىز. بۇ بۆلەكتە تەبىئىي پەن ساھەسىدە نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان نامايەندىلەر ھەم ئۇلارنىڭ مۇھىم تۆھپىلىرىنى شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ تارىختىن بۇيان تەبىئىي پەن ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپىقىيەتلىرىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇش كېرەك.
v) @( V/ n% A, F. g& U* c<6> ئەدەبىياتنىڭ قۇلىقى ئوتتۇز. بۇ بۆلەكتە جەلىپكارلىقى يۇقىرى بولغان مىكرو ھېكايىلەر، لەتىپە-چاقچاقلار، يۇمۇرلار، كۈلدۈرگە ۋە سۆز ئويۇنلىرى، ھەزىل سوئالغا ھەزىل جاۋاب دېگەندەكلەر كىرگۈزىلىشى كېرەك.
7 }2 x# T4 l3 F/ K/ d& W+ i<7> تۇرمۇش ئەينىكى. بۇ بۆلەكتە تۈرلۈك كۈندىلىك تۇرمۇش ساۋادلىرى سۆزلىنىشى كېرەك.9 a4 F! S6 J, u+ a& a( `8 M v5 [
<8> رەڭگا-رەڭ دۇنيا ياكى جاھاننامە ئەينىكى. بۇ بۆلەكتە دۇنيادىكى ئاجايىپ-غارايىباتلار، تىلسىملار، دۇنيادىكى ئەڭ، قىزىقارلىق ۋەقەلەر، مۆجىزىلەر، تونۇشتۇرىلىشى كېرەك.* u1 t: O( F( {9 w4 O6 R% \
<9> دۇنياغا نەزەر. بۇ بۆلەكتە دۇنيادىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە رايۇنلار تونۇشتۇرۇلىشى، دۇنيادىكى مۇھىم تارىخىي ۋەقە ۋە ھادىسىلەردىن ئۇچۇر بېرىلىشى كېرەك.
8 r4 N* d+ q# w k0 M" o<10> بىرلىكتە تەپەككۈر قىلىپ بېقىڭ. بۇ بۆلەكتە ئەمىلىيەتكە تەدبىقلاشچانلىقى يۇقىرى، ئەھمىيىتى زور بولغان تەپەككۈر ئۇسۇللىرى ھەم تەپەككۈر ئادەتلىرى، تەپەككۈرگە يېتەكلەيدىغان ۋە ئەقىلنى ئاچىدىغان ئىقتىدار سىناش سوئاللىرى كىرگۈزىلىشى كېرەك.
( k) \% y+ Y1 O' @ l<11> نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھاياتى. بۇ بۆلەكتە دۇنيادىكى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەردىن ھەرقايسى پەنلەرەە ۋەكىل قىلىنىپ بىرنەچچە شەخس تونۇشتۇرىلىشى كېرەك.
" z5 q6 N* g- S; m+ `<12> ساياھەت يېتەكچىسى. بۇ بۆلەكتە دۇنيا ۋە رايونىمىزدىكى مۇھىم ساياھەت ئورۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جايلاشقان ئورنى، تارىخى، مەدەنىيەت، مىللىي ۋە ئۆرپ-ئادەت، ئېتىقاد قاتلىمى، ئۆزگىچىلىكى قاتارلىقلار تونۇشتۇرىلىشى كېرەك.$ y- h. V8 P& ^
ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابى يۇقارقى لىنىيە بىلەن تۈزۈلگەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ رەڭدارلىقى ۋە جەلىبكارلىقى ئېشىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ، جۈملىدىن، ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىنى قولىغا ئالغان ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. ئەدەبىيات دەرسى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئەدەبىيات دەرسىدەك بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئۆتۈشكە قىزىقىدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئۆگۈنىشكە قىزىقىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىق ئاساسى ۋە تەپەككۈر ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ھەم ھەقىقىي ئىقتىدار يېتىلدۈرىدىغان پەنگە ئايلىنىدۇ. ئۆز رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرالايدۇ.
, S. d* z. T7 P+ E3 R) v6. تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ھەپتىلىك دەرس سائىتى جەمىئىي يەتتە سائەت بولىشى، بۇنىڭ ئىككى سائىتىدە مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىستىلىستىكا بىلىملىرى ئۆتۈلىشى، تۆت سائىتىدە مەخسۇس ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈلىشى، بىر سائىتىدە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش بۆلىكىدىن مۇھاكىمە، يېتەكلەش ھەم مەشق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.0 E- I: L8 X+ k0 N" B, _
ھازىرقى دەرسلىكتىن تاللاپ ئېلىپ قالسا بولىدۇ دەپ قارالغان تېكىستلەر مۇندەرىجىسى:
$ { `; f; m( I* j; n7-يىللىق 1-قىسىم
# D4 X4 w+ R2 @4. «نورماندى» ناملىق پاراخوتنىڭ خەتەرگە ئۇچىرىشى' t6 d5 p! s9 x* \, ^
داستىخان مەيدانىدىكى جەڭ
8 N9 f# w( j h8 v17. شەيئىنىڭ توغرا جاۋابى بىرلا ئەمەس
/ ?: G/ ?. `( o' J1 V19. تەكلىماكاننى قۇچاقلاپ% o" F& [' v7 N9 `# G/ F
23. پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى% X+ v! Y; S$ P# G, W
7-يىللىق 2-قىسىم. m H2 J# `3 n& X8 }6 S r: e
4. مەشھۇر مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندى
. l! O. `6 h+ G% q$ d1 P# h10.ۋېرسا سارىيى
1 J1 D) Z( f, }0 b6 ]* _18. ھەقىقىي قەھرىمان" A4 M7 m( P4 s' E7 q
8-يىللىق 1-قىسىم
! d! x) n6 }7 ^' V; Z& w: ~7. مۆمىننىڭ مومغا چىقىشى
5 k! J* `) x- K+ N# {' G8. ئاخىرقى دەرس
1 o3 F# B4 Q1 Uئۇيغۇر يېزىقى5 n) |2 t$ @" K. o+ @3 C: j
18. دەريا بويى-قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلى7 D% Z C) ]* |6 J
8-يىللىق 2-قىسىم8 ^" F' V: ]6 O) ?
9. پەزىلەتلىك شەھەر باشلىقىنىڭ سۈپەتلىرى
, z. t0 m/ o' F" x) Yمەخسۇس تېما: قۇشلار
! z( z+ u1 q. r* W+ K# @19. دېرىزە
( k$ t7 T* P& y T# l3 f0 ?25. ناۋائىشۇناسلىقنىڭ رېئال ئەھمىيتى
$ f' j5 d$ s8 k6 U9-يىللىق 1-قىسىم
1 ^. e9 _4 L! i$ l4 y& C& B1. كەسىپنى قەدىرلەش ۋە كەسىپكە ئىشتىياق باغلاش7 F b" i4 c. E# I
6. ياز تۈنى- b3 P: _2 L/ n8 ~/ W& d+ G
13. مۇۋاپىقىيەت
: Q. w7 L# V7 ^. _. J0 {! f$ ^. _14. ئىلىم ۋە ئەقىل-پاراسەت
+ _$ V0 y( D* s16. كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى/ ]8 a" j+ _( k+ M, M% b
ئانا يۇرت
5 ?9 u G6 R: h4 b* P$ G17. غەزەل (بۇ درەس ئارقىلىق سەئىدىيە خانلىقى ۋە شۇ دەۋردىكى ئەدەبىيات توغىرىسىدا ئۇچۇر بېرىش كۆزدە تۇتىلدى).% Q8 `* s$ t: C! W8 Q' {0 H* a; e8 B. j) k
19. نەزەر مۇفتىمغا خەت
/ S" h Y2 X% D; c4 k% r) [20 غەزەلىياتتىن پارچە (بۇ دەرس ئارقىلىق بىلال نازىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەم چار ئىمپېريىسى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنىپ، رۇسلارنىڭ ئېلىمىزنىڭ مۇقەددەس زېمىنى بولغان ئىلىنى بېسىۋېلىش ئەھۋالىنى يورۇتۇش كۆزدە تۇتىلدى).# }4 S/ u6 q* t; v
21. ئوغۇز ئەپسانىسى
2 N+ f \9 ]( T* g/ P2 H: ~( F24. نۇزۇگۇم قوشاقلىرى (بۇ دەرس ئارقىلىق نۇزۇەۇم روھىنى يەتكۈزۈش ۋە خوتۇن-قىزلار ئەخلاقى توغىرىسىدا تەربىيە بېرىش كۆزدە تۇتىلدى).
' B5 J; d [* m% x( j9-يىللىق 2-قىسىم
4 X9 Q5 x- e* Z0 n11. ھاياتقا مۇھەببەت! H( g& w3 K* j3 s
13. غۇنچەم (زۆرۈريىتى بار دەپ قارالغاندا).' _" ]5 ?# I- j+ d
17. تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى9 s2 {# k1 ]2 N# v' ^7 \
20. مەھمۇد غەزنەۋىگە ھەجۋىي6 Q6 d4 J- h; u9 `. F: A; f
يېڭىدىن كىرگۈزىشكە تېگىشلىك دەپ قارالغان ئەسەرلەر:
: r+ k3 l& c7 c p2 @+ q1. "قۇربان باراتنىڭ تۈندە ئۇچقان يالغۇز قۇش"، "قۇش مىلتىقى كۆتەرگەن بالا"، "يولۋاس تېرىسىنى يېپىنۋېلىپ"، "ئىز ئۆزگەرتىدىغان دەريا قاتارلىق شېئېرلىرى.+ M8 w% t% x# ~# w
2. ئادىل تۇنيازنىڭ "دوجمۇش" ناملىق شېئېرى.8 f0 S0 ^& N% ?% {; ~2 s- j7 x
3. ئەخمەتجان ئوسماننىڭ "سادىر يېتىم قالغان بەش بالىسىنى ئىزدەپ" ناملىق شېئېرى.- |/ X, N: j) k/ \1 _
4. مۇھەممەت باغراشنىڭ "كەلكۈن"، "يۈرەكتاغ" پوۋېستلىرى.6 f8 p' @$ f- E+ i1 z. j
5. ئەختەم ئۆمەرنىڭ "يىگانە ئارال" رومانىدىن پارچە. "قۇرتلاپ كەتكەن كۆل"، زېمىن قارا ئادەملىرىڭگە" قاترالىق پوۋېستلىرىدىن پارچە.5 E; ]( A$ e& Z4 ?5 S2 d
6. مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ "ئىز"، "ئويغانغان زېمىن" رومانلىرىدىن پارچە.' K3 t; f1 Y" i1 _$ `
7. مەرھۇم زۇردۇن سابىر ئەپەندىنىڭ "ئانا يۇرت" رومانىدىن پارچە.; h/ a. c/ M% k. @' ]
8. غۇلام ئوسمان زۇلپىقارنىڭ "سادا" ناملىق ھېكايىسى.
6 V4 }" L" O- jمېنىڭ ئوتتۇرىغا قويىدىغىنىم مۇشۇنچىلىك. بۇ مېنىڭ شەخسىي چۈشەنچە ۋە قاراشلىرىم بولۇپ، كەڭ دوستلار ئوزلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولغان پىكىرلىرى بولسا ئوتتۇرىغا قويسا قىزغىن قارىشى ئېلىنىدۇ.
4 j; t5 z9 R) Q' d/ U' g& y% o
3 a+ k- }, a4 ^ yھۆرمەت بىلەن ئاتتىلادىن!1 m" X+ C: @8 l+ N
مەنبە: قەلىمىم 7 A7 ^+ @# a: I, U0 q4 ^
باغداش مۇنبىرىدىن يۆتكەلدى تىما توغىرىسىدا مۇنازىرە قىلماقچى بولسىڭىز " e) s* _& | `' ^
http://bbs.bagdax.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=21035 بۇ ئادىرىسقا كىرىڭ .رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |