ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 555|ئىنكاس: 1

كىنوتاشاخۇنۇمmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

335

تېما

467

يازما

6561

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1971 سەر
تۆھپە
1372 سەر
تىللا
745 دانە
جەۋھەر
7 دانە
يانفۇن
1364395465Ye8tzJOW_s.jpg
# o" W8 z! A! i+ B4 w1 z

3 V1 P" }* t* _( q9 n
6 e0 M* ]8 g& B. q& u" Q2 h1915-يىلنىڭ ئاخىرىدا تاشاخۇنۇم يەكەن مىشا كەنتىدە قۇرغان سەرەڭگە زاۋۇتىنىڭ ئورنىنى 1936-يىلى شىڭسىسەي ھۆكىمىتى يەكەن خاڭدىلىق قاسىمخانباي دېگەن ئادەمنىڭ مۈلكى دەپ قاراپ ( قاسىمخانباي شىڭسىسەي تەرپىدىن قولغا ئېلىنغان ) مۇسادىرە قىلىپ يەكەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدىنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىغا بېردۇ. ئۇيۇشما بۇ يەرگە دارىلئېتام قۇرىدۇ.
/ {5 k) ]0 u, X5 J6 W/ C+ Yبۇ ئەھۋال تاشۇخۇنۇم ئەزىزىنىڭ ئالتىنچى ئوغلى ئابلىھەق ئەزىزىگە مەلۇم بولغاندىن كىيىن، مۇسادىرە قىلىنغان زاۋۇت ئورنىنىڭ تاشاخۇنۇمنىڭ ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىسپات كۆرسىتىپ ئەرىز يازدۇ. يېزىلغان ئەرىز شۇ ۋاقىتنىڭ قائىدە يوسۇنى بويچە ئىسلام شەرىئىتىنى (قازىخانىنىڭ ) بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرلىدۇ. شەرىئەت بۇ ئەرىزنى خەلىق ئىچىدىن سۈرۈشتە قىلىپ، بىلگۈچىلەردىن مەھكىمە شەرىئەتنىڭ نازارىتىدە گۇۋاھلىق ئالىدۇ. بۇ گۇۋاھلىقتا: 6 _, z" u& K' ^( b+ @
تاشاخۇنۇمنىڭ دادىسى ئەزىزى شەيىخ ئاخۇنۇم، ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇرېشىت ( كۆك بېشى–مىراپ ) ئاخۇنۇم، ئۇنىڭ دادىسى موللا توختى ئاخۇنۇم، ئۇنىڭ دادىسى ھابىل ئۇستا، ئۇنىڭ دادىسى بۇۋاخۇن، ئۇنىڭ دادىسى مەھەممەت خەلپە ( ئىشان )، ئۇنىڭ دادىس مىرزا ھاتتا دىيىلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم يەر زىمىن ۋە ئېلىم-بىرىم ھۆججەتلىرى پاكىت قىلىپ قويۇلىدۇ. ئىسپاتلىنىشىچە : مىرزا ھاتتا سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىدە، خانلىقنىڭ قەشقەر خانېرىق دېگەن يۇرتتا تەھسىس قىلغان توقۇمىچىلىق ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچىلاردىن ئىكەن. يەكەن خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن مىرزا ھاتتا ئائىلىسىنىڭ ئەۋلادى ھابىل ئۇستىغىچە خانېرىقتا ئۆتكەن.
! a3 C# O4 ^  ~ھابىل ئۇستا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئائىلىسى ۋە ئوغلى موللا توختى ئاخۇنۇمنى ئېلىپ، ئەينى يىللاردا پەيزىۋات بەگلىگىگە قاراشلىق سۇنتاغ ( 1940-يىلى ئاتۇش يېرىم ناھيە بولۇپ قۇرۇلغىچە ئاستىن ئاتۇش پەيزىۋاتقا، ئۇستىن ئاتۇش قەشقەرگە قاراشلىق يېزا ئىدى ) يېزىسىغا كۆچۈپ كىلىپ، توقۇمىچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان.  
0 z! G3 |: [" t* Y9 @7 Q
, J# [- s, z' e5 kھابىل ئۇستامنىڭ ئايالى زەبىدە خېنىم قەشقەر خانئېرىق يېزىسىدىكى كاتتا باي ۋە ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇ قادىر خەلپىنىڭ قىزى بۇلۇپ، ئاياللار ئىچىدىكى كۆپ ئىلىم تەھسىل قىلغان، كۆپلىگەن ئايال ئۇقۇغۇچىلارنى تەربىيلىگەن ئايال بۇلۇپ، ئاتۇشقا كۆچۈپ كەلگەندىن كىيىنمۇ، ئۇنىڭ يۇرتى خانئېرىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۈزۈلمىگەن، ھەم ئاتۇشتا كۆپلىگەن ئايال بىلىم ئىگىللىرىنى يېتىشتۈرگەنكەن. مۇشۇ سەۋەپتىن بولۇپمۇ زەبىدە خېنىمنىڭ ئۇرۇق–ئەۋلادلىرىنىڭ داۋاملىق يوقلاپ تۇرشى نەتىجىسىدە، بۇ ئائىلىنىڭ بەشىنچى ئەۋلادى  تاشاخۇنۇم دەۋرىگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ كەلدى–باردىسى تېخىمۇ قۇيۇقلاشقان. نەتىجىدە تاشاخۇنۇمنىڭ سەرەڭگە زاۋۇتى قۇرشىدىن خەۋەر تاپقان سىمخان باي يەكەن مىشادىكى 40 مودەك زىمىنىنى خەت مۆھۈر بىلەن تاشاخۇنغا سوغا قىلغان، بۇ زىمىننى سوغا قىلغان شەرىئەت گۇۋالىقىدىكى خەتتە تاشاخۇنۇمنىڭ ھابىل ئۇستامغىچە بولغان تۆت ئەۋلاتنىڭ يەكەن ھەم خانئېرىقتا، ھابىل ئۇستامنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدىن تاشاخۇنۇمغىچە ئاتۇش، سۇنتاغ، ۋاقۋاق، ۋە كېچىڭزى دېگەن يەردە ئۆتكەنلىكى قەيىت قىلىنغان. مەرھۇم ئابلىھەق ئەزىزى 1939-يىلى يەكەن مەھكىمە شەرئىتىنىڭ ئىسپاتى بىلەن قاسىمخان باينىڭ نەسەپ قوغلىشىپ تاشاخۇنۇمغا يەر زىمىن سوغا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى مۆھىر خىتىنى ئېلىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ دەۋا يەنى سەرەڭگە زاۋۇتى ئورنى تاشاخۇنۇمغا تەۋە بولۇپ ئاخىرلاشقان.   5 }/ D: b$ `9 j: ~+ c8 S

7 k$ {2 C( c, o3 T  G3 Z% Q5 _نەسەپكە مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر : ھابىل ئۇستا ۋاپات بولغاندىن كىيىن، ئوغلى موللا توختى ئاخۇنۇم دىنى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللۇنۇپ دىنى مەكتەپ ئاچقان ھام جامائەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئوغلى ئابدۇرېشىت ئاخۇنۇم، چوڭ دادىسى ھابىل ئۇستىدىن قالغان تۇقۇمۇچىلىقنى داۋاملاشتۇرغان، قوشۇمچە ماتا–چەكمەن سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان، بۇ ئادەم ئەقىل–پاراسەتلىك كىشى بولۇپ، جامائەت ئىچىدە يۇقۇرى ئىناۋەتكە ئىگە ئىكەن. ئۇ خەلىقنىڭ تەلىۋى بىلەن بىر مەزگىل كۆك بېشى مىراپ بولغان، شۇ چاغدا كىچىڭزى دىگەن جايدىكى بۇلاق سۈيى مول، ئورنى سازلىق ۋە تاللىق بىر جاينى ئۇچىرىتپ، بۇ ئىگىسىز يەردە سەگەز–ھەمىزەك، چوتا قاتارلىقلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان چوتا –سەگەزچىلىك كارخانىسىنى قۇرغان. بۇ يەر تولىمۇ زەي سۇلۇق ھەم چىملىق بولغاچقا، كېسەكتە تام ئىتىشكە بولمىغانلىقتىن، چىمدە تام ئىتىپ ھۈنەر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھۈنىرى بازار تېپىپ، ناھايىتى تىزلا باي بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپلىگەن كىشىلەرگە ھۈنەر ئۆگەتكەن. ئۇنىڭ ئوغلى ئەزىز ئاخۇنۇم دەۋرى شىنجاڭ ئۇرۇش ئوتىدا قالغان زامان بولۇپ، ( يەتتە خوجا توپىلىڭىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى) بەدۆلەت ( ياقۇپ بەگ ) بىلەن زوزۇڭتاڭنىڭ ئۇرۇش قىلىۋاتقان مەزگىلى ئىدى. كىشىلەر تولىمۇ خاتىرجەمسىزلىكتە ياشايتتى. شۇڭا ئەزىز ئاخۇنۇم جامائەت ئىچىدە داۋاملىق كۆزگە كۆرىنىشنى خالىماي يۇرتىغا قايتىپ « بەلۇن دانا خېنىم» مازىرىغا شەيىخ بولىپ ئۆتكەن. ئەزىز شەيىخ ئاخۇنۇمنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئوغلى تاشاخۇنۇم دەۋرىگە كەلگەندە ئۆزگىچە بىر دەۋىر باشلىنىپ، تاشاخۇن ئۆزىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى بىلەن ئۆز دەۋرىدە پارلىغان يۇلتۇز بولغان.
, ]" E8 [7 d" S3 ~+ u$ Uبىلگۈچىلەرنىڭ ئاغزاكى مەلۇماتىغا قارىغاندا،تاشاخۇنۇمنىڭ ئاتا-بوۋىللىرى ئاخۇنزادە دەپ ئاتىلىدىكەن. ( بۇنىڭدىن قارىغاندا تاشاخۇنۇمنىڭ ئاتا-بوۋىللىرى يۇقىرى دىنى مەلۇماتقا ئىگە زاتلاردىن بولىشى مۇمكىن.) شۇڭا تاشاخۇنۇمنىڭ 1. ئەۋلات بوۋىسى مىرزا ھاتتا 2. ئەۋلات بوۋىسى مۇھەممەتلەر مىرزا ھاتتا ئاخۇنزادە، مۇھەممەت ئاخۇنزادە دەپ ئاتالغان 3. ئەۋلات بوۋىسى بۇۋاخۇن، يەكەن شىۋىسى بويچە ئاخۇنزادە ئورنىغا بۇۋاخۇنلۇقۇم دەپ ئاتالغان  4. ئەۋلات بوۋىسى ھابىل ئۇستا كەسىپ بىلەن تونۇلغان كىشى بولۇپ ھۈنەر بىلەن شۆھرەت قازانغانكەن 5.ئەۋلات بوۋىسى موللا توختى  6. ئەۋلات بوۋىسى ئابدۇ رېشىت 7. ئەۋلات بوۋىسى ئەزىزى قاتارلىقلار قەشقەر شىۋىسى بويچە موللا توختى ئاخۇنۇم، ئابدۇرېشىت ئاخۇنۇم، ئەزىزى شەيىخ ئاخۇنۇم دەپ ئاتالغان.
! h% U' q: E& |/ u9 V* \8 ~$ a5 O. E: B4 }( p2 {' D, C
تاشاخۇنۇم ئەزىزى كىچىكىدىنلا زېرەك، كۆرگەنلا نەرسىگە قىزىقىدىغان تىرىشچان، تەدبىرلىك بالا بولۇپ، ئۇ ئوقۇش جەريانىدا پارىس، ئەرەپ، تۈرك تىل يېزىقىنى پۇختا ئىگىلىگەننىڭ سىرتىدا، ئەرەپ تىلى قۇرئان تەپسىر جەھەتتىمۇ خېلى ۋايىغا يەتكەن ئىدى. تاشاخۇنۇم ئەزىزى دىنى مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا ھەر قايسى سورۇنلاردا دىنى مۇتائىلە ۋە تەپسىر ( قۇرئان تەپسىرى) بىلىمى مول ۋە ناتىقلىقى بىلەن ئەل–جامائەتنى ھەيران قالدۇرۇپ، شۇ زاماندىكى دىنى ئۆلىمالارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. شۇ چاغدا تاشاخۇنغا دىنى قائىدە بويىچە « ئاخۇنۇم » ئۇنۋانى بېرىلىپ «تاشاخۇنۇم » دەپ ئاتالغان. 3 O* G) m7 m2 |# x

3 }. [% l& K  P! C" k7 _تاشاخۇنۇم بىرىنچىدىن ئىلمى ئىستىداتى بىلەن ئاخۇنۇم ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئاخۇنۇم دېگەن نەسەبى مىراس بىلەن تاشاخۇنۇم دېيىلگەن. تاشاخۇنۇمننىڭ 4 خوتۇندىن 17 بالىسى بولۇپ بۇلارنىڭ 12 سى ئوغۇل، 5 قىز بولغان( سەيپىدىن ئەزىزى بالىلارنىڭ يەتتىنچىسى ئىدى) تاشاخۇن ئەزىزى ئۆزىنىڭ ئائىلە مىزانىدا تۆت ئايالغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ بالىلارنى ياخشى تەربىلىشىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇشلىرى، ئەگەردە قايسى ئايالى بالىلىرىنى ياخشى ئەخلاق بىلەن تەربىلىيەلمىسە، شۇ ئايالنى مىراس ئېلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدىغانلىقىنى ئائىلە نىزامى قىلىپ بەلگىلىگەن. شۇڭا بۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى دىنى بىلىم ئېلىشتىن تاشقىرى، زامانىۋى بىلىم يۇرىتلىرىدا ئوقۇپ، ئالىم، ئىنژىنىر، سىياسىيۇن، دۆلەت ئەربابى، يازغۇچى، مۇئەللىم ۋە تېخنىك بولۇپ يىتىشكەن. قىزلىرى ئەخلاقى-ئەقلى ۋە ئەنئەنۋى ئۆرپ-ئادەتتە كامالەتكە يەتكەن ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس ئەخلاقى تەربىيە بىلەن يېتىلگەن.
6 I3 X& T. I  u# q/ m! a* l( D- X0 n

5 h6 q( i, z# `5 [4 jمەنبە: «تاشاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ تۆھپىكار ئەۋلاتلىرى»  دېگەن كىتاپتىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
7 `( w- t! j$ ?( W8 C3 Eيۆتكەلگەن مەنبە:http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-5773رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ئالدىنقى: ھېسام قۇربان
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

6

يازما

130

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
0 سەر
تۆھپە
0 سەر
تىللا
125 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-26 10:11:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، سىزگە !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗