مائارىپ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تەمكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-1 19:36 ! e/ f3 Z3 A) ^! k
+ H3 U" l0 _+ v8 h. \6 x3 L
تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ خەت سۈپتى ۋە ئىملاسىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپتىنى يۇقىرى كۆتېرىشكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە مۇلاھىزە & a1 A0 W8 L" P& m7 d
! ]9 t+ Q) x6 ]5 u" Eياسىنجان ئوسمان ئەركزات. \, o; u9 m4 U8 @2 v
( مەكىت ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن )
5 g8 Q4 u7 C! V8 Aدەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلۋاتقان ئالاقە ئىشلىرىدا تىلنىڭ رولى كۈندىن-كۈنگە زوررايماقتا. تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندىمۇ، مەلۇم بىر مىللەت خەلقنىڭ پەن-مەدەنىيەت ئىشلىرنىڭ گۈللەپ- ياشنىشى شۇ مىللەت خەلقىنىڭ تىلدىن ئىبارەت بۇ قۇرالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان-پايدىلانمىغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭكۈندىلىك ئالاقىدە نورمال ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تىلى بولمايدىكەن،ئۇ مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋر ئېھتىياجىغا ماس ھالدا تەرەققىي قىلىشىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.جۈملىدىن، خەلقىمىزنىڭ ئانا تىلى بولغان- ئويغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ساپ، نەپىسلىكى بىلەنمۇ خەلقىمىزنىڭ پەن-مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ، جۈملىدىن، مائارىپ ۋە باشقا بارلىق تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ يۈكسلىشنىڭ ئاساسىي بولۇپ كەلمەكتە.. o4 U J5 q. X
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئەدەبىيات- بىزنىڭ يېزىقچىلىق قابىليتىمىزنى ئۆستۈرىدىغان، بىزگە تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك تۇرمۇش ھەقىقەتلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق بىلىم ۋە مول ئەخلاقىي تەربىيە بېرىدىغان مۇھىم پەن. ئەدەبىيات دەرسى بىلەن ئىملامۇ ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھەر ئىككىلىسى خۇددى قان بىلەن گۆشتەك بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئەدەبىيات دەرسىدە ئىملا ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. ھەر قايسى دەۋرلەردىمۇ يازغۇچى-سەنئەتكارلىرىمىز ئەدەبىيات ساھەسىدە نەتىجە قازىنىش جەريانىدا، ئىملانى ناھايىتى مۇھىم ئۇرۇنغا قويغان. بۇ ھەقتە 15-ئەسردىكى مەشھۇر شائىر، داڭلىق تىل پىشۋاسى ئەلىشىر نەۋائىي : «ئۆزى ياخشى يېزىلىپ، ئىملاسى خاتا بولۇپ قالغان ئەسەر خۇددى چىرايى گۈزەل، ئەمما قىلىقى سەت قىزچاققا ئوخشايدۇ» دېگەن ھېكمەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىملانىڭ يېزىقچىلىق ۋە كۈندىلىك خەت-ئالاقە ئىشلىرىمىزدا نەقەدەر مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى.. d' @2 k9 u9 c! O7 E2 K7 p' T
نۆۋەتتە، تۈرلۈك مەكتەپلەردە ئۆتۈلىۋاتقان ئەدەبىيات دەرسى نوقۇل ھالدىكى ئەدەبىياتنى بىلىشنىلا تەلەپ قىلماستىن، بەلكى ئىملانىڭ ناھايىتى توغرا، چىرايلىق، چۈشىنىشلىك بولۇشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلار كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن مۇشۇ تەلەپ بويىچە ئىش كۆرۈپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بۇ مەسلىگە ئىتىۋار بىلەن قارىماستىن، ئەكىسچە، بۇ بىر كىچىككىنە ئىشقۇ دەپ قاراپ، خەتلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلماي، ئۆزى خالىغانچە بۇغۇملارنى قۇشۇپ ياكى ئېلىۋىتىپ قالايمىقان ئۇقۇيدىغان، دوسكا ۋە دەپتەرگە خەت يازغاندا، خەتلەرنى ئۆز ئىملا قائىدىسى بويىچە يازماي، بۇغۇملارنى خالىغانچە ئايرىپ ياكى قۇشۇپ يازىدىغان، بەزى خەتلەرنىڭ تىنىش بەلگىلىرىنى خاتا قويىدىغان، ھەتتا چۈشۈرۈپ قۇيىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇ گەرچە كىچىككىنە بىر ئەھۋالدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا خەتلەرنىڭ ئىملاسىغا دىققەت قىلماي يازغاندا، ناھايىتى زور قېيىنچىلىقلارغا ئۇچرايمىز.
3 k9 N7 a2 k: L6 @% P7 _4 q* j«ئەدەبىيات ساھەسىدە ناھايىتى زور ئۇتۇق قازاندىم» دىگەن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئەسىىرىنىڭ ئىملاسىغا ئېتىبار بەرمەي، ئىملاغا سەل قاراپ نەشر قىلىنسا، ئوقۇرمەنلەر ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇغاندا، بۇ ئەسەرگە قىزىقماسلىقى ھەمدە ئوقۇغۇسى كەلمەسلىكى، ئوقۇغان تەقدىردىمۇ چۈشىنەلمەسلىكتەك ئەھۋاللا كىلىپ چىقىدۇ.
8 m6 I% _3 v2 D/ i E+ y8 `ئۇنداقتا، ئەدەبىيات دەرسىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئەدەبىيات دەرسى ئارقىلىق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىملا قائىدىسىگە ئەھمىيەت بىرىش كېرەكمۇ-يوق؟ ئەلۋەتتە، ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. نۇرغۇن ساۋاقداشلار، ھەتتا خېلى كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىملا قائىدىسىگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.ئۇلار خەت يازغاندا، ھەرپلەرنى تاشلاپ قۇيۇپ خەتنى چالا يازىدۇ. بەزىدە تىنىش بەلگىلىرىنى تاشلاپ قويۇپمۇ يازىدۇ. خەتنى بۇنداق يازغاندا، خەتنىڭ ئەسلى مەنىسى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ. ھەتتا بەزىدە خېلى ئېغىر مەسىلىلەرمۇ كېلىپ چىقىدۇ. سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى مىساللارغا قاراپ باقايلى. مەسلەن: «دەرسلەرنى پۇختا ئۈگىنىشىمىز لازىم» دىگەن جۈملىدىكى «پۇختا» دىگەن سۆزدىكى «ئۇ» ھەرپىنىڭ ئۈستىدىكى «,»نى تاشلاپ قۇيۇپ يازغاندا، «پۇختا» دىگەن خەت «پوختا» دىگەن خەتكە ئۆزگىرىدۇ- دە، سۆزىڭ ئەسلى مەنىسىمۇ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.- Y' \2 b+ k) u0 B
«ئېرىق» دىگەن سۆزدە قوش چىكىت چۈشۈپ قالسا، «ئىرىق» دىگەن سۆزگە ئايلىنىپ قالىدۇ. «ئېرىق» دىگەن سۇ ئاقىدىغان جاينى كۆرسەتسە، «ئىرىق» دىگەن سۆز مىللەت-قەبىلە دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كۈندىلىك تىل-ئالاقە جەريانىمىزدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ۋە مىساللارمۇ ئىنتايىن كۆپ.
$ d0 }7 i p5 l2 h% k0 i$ h; @يەنە بەزىدە تۆۋەندىكى لەتىپىدىكىگە ئوخشاش ئوسال ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقىدۇ. يەنى، نەسىردىن ئەپەندى مۇدەرسلىك قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يۇرت قازىسىنىڭ بىر ئوغلىمۇ نەسىردىن ئەپەندىم دەرس ئۆتىدىغان سىنىپتا ئوقۇيدىكەن. ئەپەندىم تەربىيىلەۋاتقان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ زامانىغا نىسبەتەن ھەر ھالدا بەلگىلىك بىلىم-ئىقتىدارغا ئىگە كىشىلەر بولۇش بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ھەممىسى دېگۈدەك تىرىشچان بالىلار ئىكەن . ئەپەندىم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ، ياخشى ئوقۇپ، بىلىملىك كىشىلەردىن بولۇشىنى كۆزلەپ، ئەپەندىم بىر كۈنى ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپتىن قايتىغان چاغدا، تۆۋەندىكىدەك مەزمۇندا تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ: «ياخشى ئۈگەن ئوغلۇم داداڭغا ئوخشاش، ئىشەك بولما». ئەمما يۇرت قازىسىنىڭ ھېلىقى ئوغلى بۇ جۈملىدىكى «ئوخشاش»دېگەن سۆزدىن كېيىنلا قويىلىدىغان پەقەت بىر دانە پەش «،» بەلگىسىنى ئېھتىياتسىزلىقىدىن چۈشۈرۈپقويغانلىقى ئۈچۈنلا، بۇ جۈملىنىڭ ئۇقتۇرىدىغان مەنىسى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىپ، يۇرت قازىسى ئېشەككە ئوخشاپ قالغىنى ئۈچۈن ھېلىقى«ئەقىللىق» ئوغۇلنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى كېلىپ چىققان بۇ مەسىلە ئايدىڭلىشىپ بولغىچە، ئەپەندىم خېلى كۆپ باش ئاغرىقىغا دۇچار بولۇپ قالغان. شۇڭا، ئىملاغا ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.1 {9 [6 X7 A7 P8 j; o, b
مىسال ئالىدىغان بولساق، ئەتراپىمىزدا ئىملا مەسلىسىگە ئائىت مىساللار قەدەمدە نەچچە دېگۈدەك كۆپ ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەسلەن ئالايلى: شۇنچە كۆركەم، ھەيۋەتلىك سېلىنغان بەزى بىنا-ئىمارەتلەر، ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ماگېزىن ۋە مېھمانخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىللىرىغا قارايدىغان بولساق، گەرچە بىنا ۋە ۋىۋىسكىلارنىڭ ئېسىللىكىدىن ئادەم ئەيمىنىپ قارىيالمىسا،ۋىۋىسكىلارغا يېزىلغان خەت سۈپىتى ۋە ئىملاسىنىڭ خاتالىقى، يېزىلغان خەتلەرنىڭ تىنىش بەلگىللىرى جايىغا قويۇلمىغانلىقىدىنمۇ ئادەم خىجىل بولۇپ قارىيالمايدۇ. مەسىلەن: «باھاسى چۈشۈرۈلگەن ئاياللارنىڭ ئايىغىنى سېتىش دۇكىنى، باھاسى چۈشۈرۈلگەن ئاياللارنىڭ گىرىم بويۇملىرى سېتىش مەركىزى، ئۈرۈمچى تەمىدىكى راڭپىزىخانا، نېسى مال سېتىلمايدۇ....»ۋاھاكازلار. بۇنداق بولغاندا، كىشىلەر بۇ خەتنى ئۇقۇپ، بۇ جاينىڭ نىمە ئىش بىلەن شۇغۇللىندىغانلىقىنى ئېنىق بىلەلمەيدۇ. ئەدەبىيات دەرسىدە، كۈندىلىك خەت-ئالاقە ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە ئىملا ناھايىتى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا،بىز ئىملايىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئىملا قائىدىللىرىگە رىئايە قىلىشىمىز، ماقالە- ئەسەر يازغان ۋاقتىمىزدا، ئىملاغا ھەرگىزمۇ سەل قارىماستىن، ئىملاغا تولۇق ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم. بولمىسا، يۇقىرقىغا ئوخشاش خاتا تۇيغۇ بىرىپ، ئۆزىمىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشىمىز مۇمكىن.
! Q; o# p, Y: }; I& P; yئەدەبىيات ۋە ئىملاغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر مىسال بار: بىر ئەلاچى ئوقۇغۇچى سىنىپنىڭ ئارقىسىدىكى دوسكىغا قارا دوسكا ئىشلەۋېتىپ «ئوقۇتقۇچى- سەن خۇددى ماياكقا ئوخشايسەن» دېگەن جۈملىنى ئالدىراشلىقتىن «ئۇقۇتقۇچى- سەن خۇددى ماياققا ئوخشايسەن» دەپ يېزىپ سالغان. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋە باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ كۈلكىسىگە قېلىپ ئىنتايىن خىجالەتچىلىكتە قالغان. ئىملاغا ئەھمىيەت بىرىلمىسە، ئادەم ھەقىقەتەن باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قېلىشى، خاتالىقلارنى سادىر قىلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، ئەدەبىيات ۋە ئىملاغا سەل قارىماسلىقىمىز، ماقالە ئەسەر يازغاندا، جۈملىلەرنىڭ ۋە سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى، بولۇپمۇ، يېزىۋاتقان خېتىمىزنىڭ توغرا، سۈپەتلىك چىقىشىغا، شۇنداقلا، ئىملاسىغا دىققەت قىلىشمىز لازىم. يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئەگەر ھەممىمىز بۇ مەسلىگە ئىتىبارسىز قاراپ، بۇ خىل ئەھۋالنى ۋاقتىدا تۈزەتمىسەك، ئاخىردا، قانداق ئېغىر ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن.
' v; ^, N' B2 |, e2 ~ئەدەبىيات رىئال تۇرمۇشنىڭ كىشىلەر مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنىڭ مەسئۇلى. ئەدەبىيات تىلىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەدەبىياتنىڭ مەنبەسى ئىجتىمائى تۇرمۇش. ئەدەبىيات ئىجتىمائى تۇرمۇشتىن ئايرىلىپ قالىدىكەن، مەنبەسىز سۇ، يىلتىزسىز دەرەخكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەدەبىيات ئىجتىمائى تۇرمۇش بىلەنمۇ، تىلىمىز بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇنداق بولغاچقا، بىز تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئەدەبىيات بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىمىز ۋە ئۇنى ئىشلىتىمىز. ئەدەبىيات ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بارلىق پەنلەرنى ئۆگىنىشنىڭمۇ ئاساسىي. ئەدەبىيات دەرسىنى ياخشى ئۆگىنەلىگەن ھەرقانداق ئوقۇغۇچىنىڭ باشقا پەنلەرنى ياخشى ئۆگىنىپ كىتەلىشى تامامەن مۈمكىن.
, K( A6 B# B$ z, |& b8 z w# gئەدەبىيات - تىل ئارقىلىق ئوبراز يارىتىدىغان سەنئەت شەكلى. تىل-بىر مىللەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋە تەرەققى قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان ۋاستە بولغاچقا، ئەدەبىياتمۇ بىر مىللەتنىڭ ساپاسىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. بىر مىللەتنىڭ تىل ۋە ئەدەبىياتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدىن تەرەققى تاپقانلىقى، شۇ مىللەتنىڭ جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنىنى بەلگىلەيدۇ. تىل ھەم ئەدەبىياتى بولمىغان مىللەت تەبئىيلا جەمئىيەتتىن يۇقۇلۇش گىرادابىغا بېرىپ قالغان، زاۋاللىققا يۈز تۇتىۋاتقان مىللەت ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن، مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىن، تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بىز توغرا، چۈشىنىشلىك بولغان تىلىمىز ئارقىلىقلا تىلىمىزنىڭ ھەقىقى گۈزەللىكىنى ۋە ئىپادىلەش كۈچى جەھەتتكى قىممىتىنى چۈشىنىپ يىتەلەيمىز. شۇڭلاشقا، بىز ھەممىمىز ئۆز ئانا تىلىمىزنى، ئەدەبىياتىمىزنى يەنىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ قولنى-قولغا تۇتۇپ، مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ بىرلىكتە ئالغا بېسىشىمىز لازىم.
- t% a6 ]; h0 C" [1 |ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەدەبىيات دەرسى ئالدى بىلەن توغرا يېزش ۋە توغرا ئۇقۇشنى تەلەپ قىلىدىغان پەن. ئەگەر ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا خەتنىڭ ئىملاسىغا دىققەت قىلىپ، خەتنى توغرا يېزىشقا يىتەكلەيمەن دەيدىكەن، چۇقۇم ئاۋۋال ئۆزى خەتنىڭ ئىملاسىغا دىققەت قىلىپ، خەتنى توغرا يېزشى، بۇ جەھەتتە باشتىن-ئاخىر ئۆزى ئۈلگە بولۇشى لازىم. ھەر قانداق بىر پەن ئوقۇتقۇچىسى ۋە ھەر قانداق بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدىكى تىل-ئەدەبىيات بىلىملىرىنى توغرا چۈشنىش، ئوقۇغۇچىلارنى ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلەرنى توغرا ئۇقۇش، توغرا تەھلىل قىلىش بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچىلارنى خەتنىڭ ئىملاسىغا، خەتنى توغرا يېزىشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيتى بار.4 c) D3 Z7 K a# v/ ^5 y9 @$ S
بىز مەكتەپكە كىرىپ تۇنجى ئۆتۈلىدىغان دەرس ئەدەبىياتنىڭ باشلانمىسى بولغان ئېلىپبە دەرسى. بىز مەكتەپكە كىرىپ تۈنجى بىر ھەرپ، پەش، چىكىت ۋە خەتلەرنى ئۆگەنگەندە، ئەدەبىيات دەرسىدىكى ئىملانىڭ رۇلىنىڭ غايەت زور ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمايمىز. ئەمما تۇنۇپ يەتكىنىمىزدە بولسا ئاللىقاچان كىچىككەن بولۇپ قالىمىز شۇڭا، بىز شۇنى ئىلتىجا قىلىمىزكى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتكەندە، بۇنداق خاتالىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزى ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى لازىم. بىز ئەدەبىيات دەرسى دىگەن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان چېغىمىزدا ھامان ئۇنىڭدا خېلى ئۇزاق دەۋرلەردىن تا ھازىرغىچە بولغان ئۇزاق تارىخىدەۋرلەردە ياشاپ ئۆتكەن ئاتا-بۇۋىلىرىمىز ھەم ئۇلارنىڭ تۆھپىسى خاتىرلەنگەن داڭلىق ئەسەرلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەي قالمايمىز. يەنى، ئەدەبىيات دەرسى پۈتكۈل دۇنياغا داڭلىق بولغان ئەسەرلەر بىلەن بىزنى تەمىن ئىتىپ كەلمەكتە. داڭلىق شەخىسلەرنىڭ شۇنداقلا Ⅸ-ⅩⅢئەسىرلەردىكى ئويغۇر ئەدەبىياتى، «ئۇغۇزنامە» ئىپوسى ھەققىدە، قۇبۇ ئويغۇر ئەدەبىياتىدىكى بۇددىنىزىم مەزمۇنىدىكى ئەسەرلەرنى، ئويغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى، ئويغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىنى ماھىرلىق بىلەن رەتلەپ يېزىپ چىققان داڭلىق ئاپتۇر، يازغۇچىلىرىمىز بۇلارنى يېزىش ئۈچۈن ئىملاغا دىققەت قىلىش ئارقىلىق بىزنىڭ تۇغرا، راۋان ئۇقۇشىمىزغا، شۇنداقلا، ئاسان چۈشنىشىمىز ئۈچۈن توغرا بولغان ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ كەلگەن.6 g5 I( N" u; _% K
بىزنىڭ بەزىبىر ساۋاقداشلىرىمىز ئەدەبىيات دەرسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىسا، باشلىرى ئاغرىيدۇ. ھەتتا مۇئەللىم تاپشۇرۇق بىرىپ «ئىملاسىغا دىققەت قىلىڭلار»دېسە، قۇلىنىڭ ئۇچىدىلا يېزىپ قۇيۇپ، مۇئەللىم تەكشۈرۈپ تارقاتقاندا، « شۇنداق جىق يازسام، نىمە ئۈچۈن يەنە ماڭا تۆۋەن نۇمۇر بىرىدۇ؟» دەپ قاخشاپ ئوقۇتقۇچىلارنى قاغاپ كېتىدۇ. ئەمما ئىملادا شۇنچە كۆپ كەتكۈزۈپ قويغىنىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ. گەرچە، بىز يازغان ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى ياخشى بولسىمۇ، لىكىن تىل-يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى ياخشى بولمىسا، بۇنداق ئەسەرلەرنى قانداقمۇ ياخشى ئەسەر دېگىلى بولسۇن؟ يىغىنچاقلىغاندا، تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ھەرقانداق بىر ئوي-پىكىرنى ئېنىق، جانلىق، توغرا، راۋان، تۇلۇق ئىپادىلەپ بىرىشنى ئۆگىنىش، بولۇپمۇ، ئىملا قائىدىلىرىگە تولۇق رېئايە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا، بىز مۇنداق خاتالىقنى تۈزتۈپ، ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، تاپشۇرۇقلارنى تەلەپ بويىچە توغرا ھەم ۋاقتىدا تولۇق ئىشلىشىمىز، ئەدەبىيات دەرسى ۋە ئىملا قائىدىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز لازىم.5 E1 j( a8 E a4 Q5 L" {' v
ئەدەبىيات دەرسىگە قىزىققۇچىلارنىڭ كۆپ ساندىكىللىرى ماقالە- ئەسەر يازىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ياخشى يېزىلغان بولسىمۇ، لىكىن ئىملا قائىدىسىگە دىققەت قىلمايدۇ. ئالايلۇق، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە بىرەر پارچە ماقالە يېزىپ كىلىشنى بۇيرىغان بولسا، بىز ئۇنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، «مەن بۇ ماقالىسىنى ناھايىتى ياخشى يېزىۋەتتىم» دەپ قارايمىز. نەتىجىدە،ئوقۇتقۇچى يازغان خەتلىرىمىزنى ئۇقۇيالماي، كۆپ ئاۋارە بولىدۇ. ئەدەبىيات دەرسى بىزگە يېزىقچىلىق قىلىشنىڭ يۇلىنى، قانداق يازسا، ئاندىن توغرا بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىدۇ. مەسلەن: بىز ئاددى بىر ھېكايە يازماقچى بولساق، ئۇنى ئۆز ھېس-تۇيغۇمىز بويىچىلا ئۆزىمىزنىڭ تەسەۋۇرىغا ئاساسەن خىيالىي يازساق بولمايدۇ. بىز ئۇنى يازغاندا، ئەدەبىياتتا ئۆگەنگەن تەرتىپلەر (مەسلەن: تىزىس تىزىش، ئىملاغا دىققەت قىلىش دىگەنگە ئوخشاش) يېزىقچىلىق تەرتىپلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ، ھەرخىل ئىپادىلەش ۋاستىللىرى ۋە ئىستىلىستىكلىق ۋاستىللىرىنى مۇۋاپىق قوللىنىپ، ئىملا قائىدىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تىنىش بەلگىلىرىنى جايىدا قويۇپ يېزىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆگەنگەندە، ئىملاغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆگەنگەندە، ئىملاغا دىققەت قىلمايدىغان بولساق، يازغان خەتلىرىمىزنى ئۆزىمىزلا ئۇقۇيالىساق، باشقىلار ئۇقۇپچۈشىنەلمىسە، يازغان ئەسەرلىرىمىزنىڭ قىلچىمۇ قىممىتى بولمايدۇ. تىل-ئەدەبىيات دەرسى بىلەن ئىملا ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئىملا توغرا بولمىغاندا، نۇرغۇنلىغان كۆپ ئاۋارىچىلىق كىلىپ چىقىدۇ. ئېغىر بولغاندا، ئۇقۇرمەنلەر كىتاب ئۇقۇمايدىغان، ئەدەبىياتقا قىزىقمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق چوڭ ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى مېنىڭچە، ھېچكىم خالىمىسا كېرەك. شۇڭلاشقا، ئەدەبىيات دەرسى بىلەن ئىملا قائىدىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىمىز، ئەدەبىيات دەرسى ئۆگىنىش بىلەنلا قالماي، ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىمىز كېرەك. ئىملا قائىدىسىگە رىئايە قىلىپلا ئەدەبىيات دەرسىگە سەل قاراشقىمۇ بولمايدۇ. ھەر ئىككلىسىنى بىرلىكتە ئېلىپ بارغاندىلا ھەم ئەدەبىيات دەرسىنى ياخشى ئۆگەنگىلى ھەم ئىملا قائىدىسى بويىچە ئىش بىجىرگىلى بولىدۇ.
# Z, f* O7 _ ^6 @# y8 pھەممىزگە مەلۇم، ئەدەبىيات دەرسى ئالدى بىلەن توغرا يېزىش ۋە توغرا ئوقۇشنى تەلەپ قىلىدىغان پەن. كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلاردا كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن مۇشۇ تەلەپ بويىچە ئىش كۆرۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ھەتتا بەزى ئوقۇتقۇچىلارمۇ بۇ مەسلىگە ئىتىبار بىلەن قارىماستىن، ئەكىسچە، «بۇ بىر كىچىككىنە ئىشقۇ» دەپ قاراپ، مەتبۇئاتلاردا شۇنچە چىرايلىق، كۆركەم، رەتلىك بېسىلغان خەتلەرنىمۇ قاملاشتۇرۇپراق توغرا تەلەپپۇز قىلماي، ئۆزى خالىغانچە بۇغۇملارنى قۇشۇپ ياكى قىسقارتىپ قالايمىقان ئوقۇيدىغان، دوسكا ۋە دەپتەرلەرگە خەت يازغاندا، خەتلەرنى ئۆز ئىملا قائىدىسى بويىچە يازماي، بۇغۇملارنى خالىغانچە ئايرىپ ياكى قۇشۇپ يازىدىغان، ھەتتا بەزى خەتلەرنىڭ تىنىش بەلگىلىرىنىخاتا يازىدىغان ياكى چۈشۈرۈپ قۇيىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
2 K3 f6 P- k! i8 d" \9 Jئۆزىنىڭ بىر ئانا تىلى، ئانا يېزىقى تۇرۇپ ئۇنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمىغان، توغرا ئىملا شەكلىنى يارىتالمىغان مىللەت ياكى ئادەم ھەرگىزمۇ مەڭگۈ باش كۆتۈرۈپ چىقالمايدۇ. شۇڭا، بىز ھازىردىن باشلاپ بولسىمۇ يېراق كەلگۈسىمىزنى ئويلىشىپ، ئەدەبىيات دەرسى ۋە باشقا دەرس كىتابلىرىدىكى رەتلىك، چىرايلىق خەتلەرنى ئۆزىمىزگە ئۆلگە قىلىپ، ئۆز ئىملايىمىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.
9 {5 f5 v6 {, a( h1 y/ bھازىر جەمئىيتىمىزدە ئىملا خاتالىقى تۈپەيلى كىلىپ چىققان ئىشلار نۇرغۇن. ھەممىمىز كۈندە دېگۈدەك كۈرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، ئاڭلاۋاتىمىز، ئەدەبىيات دەرسىمۇ مۇھىم پەنلەرنىڭ بىرى. ئەدەبىيات دەرسى كىشىلەرنىڭ كۆز قارشى، تۇرمۇشقا بولغان تۇنۇشى ۋە جەمئىيەتكە بولغان تۇنۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىددىيسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر ئكزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى، كۆرگەنلىرىنى، ئاڭلىغانلىرىنى يېزىق بىلەن ئىپادىلەپ كىلىۋاتىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ ھەۋەسلىرىنى يۈرەك سۆزلىرىنى ئەدەبىيات ئارقىلىق تەسۋىرلەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئەدەبىيات دەرسى تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتىدۇ. بىزمۇ كۆرۈپ تۇرۋاتىمىزكى ئىملا خاتالىقى ئىنتايىن يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھەم ئېلىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن.7 s4 p* Q6 d) Y9 }+ T+ B
ئەدەبىيات دەرسىدە ئالدى بىلەن مۇھىم نوقتا، قېيىن نوقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىپ ئاندىن شۇ ئاساستا شۇ بىر سائەتلىك دەرسنى چۈشىنىپ چىقىش كېرەك. ئەدەبىيات دەرسى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئاددى ھېسابلانسىمۇ لىكىن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئىملا خاتالىقى كېلىپ چىقىدۇ. ئەدەبىيات دەرسى بىز ياش ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىر ئاساسىي پەن. شۇنداق بولغان ئىكەن ئوقۇغۇچىلار ئالدى بىلەن ئەدەبىيات دەرسىنى ئىملادىن باشلىشى، شۇنداقلا ئىملا توغرسىدىكى چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. نىمىلا توغرىسىدىكى چۈشەنچە دىگەندە ئەگەر سىز ئىملاغا دىققەت قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىر پارچە ھېكايە يازغان بولسىڭىز ھېكايىڭىزدە قوللىنىلغان سۆزلەر ئىملا خاتالىقى تۈپەيلى چۈشنىكسىز سۆزلەرگە ئايلىنىپ، ھېكايە ۋەقەلىكىنى مۇرەككەپلەشتۈرۋىتىدۇ.
0 E4 D9 `/ {9 s- m7 [+ |% pمەسلەن، ئىملاسى ياخشى بولمىغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتساق، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى، دەرستە ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى بولۇپمۇ، ئەدەبىيات دەرسىدىكى ئىمتىھان نەتىجىسى ئىملا خاتالىقى، سۈپتى ناچار بولۇش تۈپەيلى نىسبەتەن تۆۋەن چىقىپ قالىدۇ. لىكىن بۇنداق چاغلاردا، ساۋاقداشلار خاتالىقىنى ھەرگىزمۇ ئۆزىدىن كۆرمەيدۇ. ئەدەبىيات دەرسىگە ئامراق، شۇنداقلا، سىز يېزىقچىلىققا قىزقىدىغان بولسىڭىز چۇقۇم ئىملا خەت سۈپتىگە دىققەت قىلىشىڭىز، چۇقۇم ئىملا خەت سۈپتىڭىزنى تىرىشىپ ئۆگىنىشىڭىز لازىم." u; S' u/ l* i) B9 e
ئەدەبىيات بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز بىلەن مۇئەييەن دەرىجىدە باغلىنىشىچانلىققا ئىگە . ئەدەبىيات ئەڭ دەسلەپكى ئاساسىي بولغان ئويغۇر ئېلىپبەرىمىزدىكى يېزىقلار بىزنىڭ مەيلى ئەدەبىيات دەرسى ياكى مەيلى باشقا دەرسلەردە بولسۇن، بىزنى قۇلايلىق يېزىق، ئىملا شارئىتى بىلەن تەمىنلەپ بىزنىڭ ھەر خىل كىتابلارنى ئوقۇپ چۈشىنىپ، مۇئەييەن بىز ئۇقۇمنى بىلىشىمىزگە ئىنتايىن زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
5 {! v2 w* _# S4 tخەت ئىملايىمىز بىزنىڭ بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ئۆگىنىش سۈپتىمىزگە ئادىل باھا بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن كۆركەم، چىرايلىق، رەتلىك، ئىملا ئۆزىمىزگە ھۇزۇر، كۆرگەنلەرگە خۇشاللىق ئېلىپ كىلەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆگەنگەندە، دەسلەپكى ئاساسىمىزنى چىڭ تۇتۇپ، نوقۇللا ئۆگىنىشنى ئاساس قىلماي، بەلكى خەت يېزىش سۈپتىمىزنى ياخشلاپ، ئىملايىمىزنىڭ توغرا، رەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، ھازىرقى ئەدەبىيات دەرسىنىڭ تەلىپىدىن تولۇق چىقىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئىشنى كىچىكىدىن باشلاپ، خەتلىرى رەتلىك، چىرايلىق يېزىشنى ئاساس قىلىشىمىز لازىم. نۇرغۇن كىشىلەر ئەدەبىيات دەرسىنى ياخشى كۆرسىمۇ، بىراق ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئىملاسىغا ئىتىبار بەرمەيدۇ. ئۇلار پەقەت دەرسكە بولغان قىزغىنلىق بولسىلا بۇلىدۇ، دەپ قارايدۇ.
9 \4 x6 w' _( g6 i3 {ئەدەبىيات- كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىش قابىلىيتىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بىرىدىغان پەن. كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقدىمۇ ئىملاغا ئىتىبار بىرىشى كېرەك. ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئىملاسىمۇ بىر خىل سەنئەت. بىز بۇ سەنئەتنى تولۇق جارى قىلدۇرشىمىز، ئەدەبىيات دەرسىنىڭ ئىملاسىغا ئىتىبار بىرشىمىز كېرەك. ئوقۇغۇچىلار پەقەت ئەدەبىيات دەرسىگە قىزىقىپلا، ئىملاغا ئىتىبار بەرمىسە بولمايدۇ. ئىملا دىگەن ئەدەبىيات دەرسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى. شۇڭا ئەدەبىيات دەرسىگە قىزىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئىملاغىمۇ ئىتىبار بىرش كېرەك. ئەگەر كىشىلەرنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان قىزقىشى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، ئىملاغا ئىتىبار بەرمىسە، ئۇ چاغدا ھەر قانداق ئادەم ئۇنى ئەدەبىياتقا قىزىقىدۇ دەپ قارىمايدۇ. دەل ئۇنىڭ ئەكىسچە، ئۇ ئەدەبىيات دەرسكە قىزىقمايدۇ. دىگەن ئويغا كىلىپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا، ئەدەبىيات دەرسىگە قىزىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىملاغىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش كېرەك.
! D/ H- ^. V, |3 rئەدەبىيات دەرسىگە قىزىقىش بىلەن ئىملاغا ئەھمىيەت بېرىشنى تەڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرگەندە، كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىمۇ بىرخىل رازىمەنلىك ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ. ئالايلى، ئىملاسى چىرايلىق ھەم توغرا مەلۇم بىرەيلەننىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى چىقماپتۇ دىسە، ياق ئۇنىڭ خېتى شۇنداق چىرايلىق تۇرسا، ئۇنىڭ يازغان خەتلىرى شۇنداق چىرايلىق تۇرسا.... نىمىشقا ياخشى چىقمايدۇ؟ دەپ قارىشى مۇمكىن. شۇڭا ئەدەبىيات بىلەن ئىملانى تەڭ تۇتىشى كېرەك.
5 l; F; |7 F$ I" A8 ]$ fقانداق قىلغاندا، ئەدەبىياتقا قىزىقىش بىلەن ئىملانى ئالاھىدە ياخشىلاشقا ئېتىبار بەرگىلى بولىدۇ؟ بۇ ئەدەبىياتقا قىزىققۇچى ھەر بىركىشىنىڭ ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىر ئىش. ئەدەبىياتقا قىزقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىملاغىمۇ ئالاھىدە ئىتىبار بىرىش كېرەك. چۈنكى ئىملا دىگەن ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى. ئىملانى ياخشىلاش كېرەك. ياخشىلىغاندىمۇ ئالاھىدە ئىتىبار بىرىپ ياخشىلاش كېرەك. ئەدەبىيات دەرسىگە قىزىقىپ، ئۇنىڭدىن نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىملاسىنى ياخشىلاش كېرەك. بۇ خۇددى ئىمارەت سالغاندا ئۇل چىڭدىغانغا ئوخشايدۇ. تىل- ئەدەبىيات سەۋىيەسى تۆۋەن بولسا، باشقا دەرسلەرنى قانداقمۇ ياخشى ئۆگەنگىلى بولسۇن؟ مەسلەن: ماتېماتىكا ياكى فىزىكا مەسىللىرىنى يەشمەكچى بولساق، مەسلىنىڭ مەقسىتىدە نېمە تەلەپ قىلنغانلىقىنى ئېنىق بىلمىسەك، مەسلىنى خاتا يىشىپ قالىسىز. تىل-ئەدەبىيات سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، ئۇقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارى ئاشسا، باشقا بارلىق پەننىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ياردىمى بولۇپلا قالماي يەنە باشقا ساھەلەردىمۇ زور رول ئوينايدۇ. چۈنكى باشقا پەننى بىلىملەرنى تىل-ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئېھتىياجلىق. ئىملا قەغىزىنىڭ سۈپتىنى ئەمەس، خەتنىڭ سۈپتىنى شۇنداقلا، يازغۇچىنىڭ تىل-ئەدەبىيات سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان بىرلىك. تىل-ئىملاغا مۇناسىۋەتلىك، ئىملا- ئۆلچەم.. ئەدەبىيات تىل بىلەن يېزىقنى ئاساس قىلىدۇ. ئەدەبىيات ئۆگەنگۈچىلەر مول يېزىق قابىليتىگە ئىگە بولىشى كېرەك. بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى يەنىلا ئىملا. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ھەتتا بەزى نەشرىيات-ئاخبارات ئورۇنلىرىمۇ شۇنداق. مىسال ئۈچۈن ئۆزى بىلىملىك، ئەمما خەت سۈپىتى توغرا بولمىغان مەلۇم بىر ئىقتىدار ئىگىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، گەرچە ئۇ ئادەم ھەرقانچە قابىليەتلىك بولسىمۇ، لىكىن ئىملاغا ئەھمىيەت بەرمىسە، يازغان ماقالە-ئەسىرى چۈشنىكسىز بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىپ، كىشلەر ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا مەزمۇنى ئۆزگىرىپ كىتىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. ھەر قانداق ياخشى يېزىلغان ئەدەبى ئەسەر بولسىمۇ، ئىملاسىغا ئەھمىيەت بىرىلمىسە، ئۇنىڭ قىممىتى قالمايدۇ. بەزىدە چوڭ-كىچىك سەۋەنلىكتىنمۇ خالى بولغىلى بولمايدۇ. شۇ ئەسەرنى ئوقۇغۇچىنىڭمۇ چۈشنىشى قېيىنغا توختىشىشى مۇمكىن. بۇ چاغدا ئۇ كىشىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ، ئەدەبىياتنى تىرشىپ ئۆگەنگەنلىكىنىڭ، جاپا تارتىپ شۇنچە كۆپ ماقالە-ئەسەرلەرنى يازغانلىقىنىڭ نىمە ئەھمىيتى بولىدۇ؟ شۇڭا ئىملاغا دىققەت قىلىش كېرەك.
2 Q# Y7 j2 h ]مەشھۇر قىرغىز يازغۇچى چىڭگىز ئايتىماتوف: «كۆپ تىلنى بىلىش شەرەپ، ئانا تىلىنى ئۇنتۇش جىنايەت» دەپ تولىمۇ توغرا ئېيىتقانىدى. راست، كۆپ تىلنى بىلىش ھەقىقەتەن شەرەپ. بولۇپمۇ، بۈگۈنكىدەك، ئىقتىساد يەر شارىلىشىۋاتقان، پۈتكۈل دۇنيا مەدەنىيىتى ئۆزئارا تەسىر قىلىشىپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىش يولىغا قاراپ مېڭىپ، قوش تىللىق بولۇش تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر تەرەققىيات پەيتىدە، بىرەر تىلنى ئارتۇقراق بىلسەك، شۇ مىللەتكىشىلىرى بىلەن بىمالال تىل ئالاقىسى قىلالايمىز. ناۋادا بىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنى كۆز-كۆز قىلىش، مەن-مەنلىك قىلىش ئۇيىدا ئۇ تىلدىن ئىككى ئېغىز، بۇ تىلدىن ئىككى ئېغىز سۆز ئۆگىنىۋېلىپ، خۇددى شاتۇتتەك بىر سۆزنى تەكرالاۋەرسەك، ئۇ چاغدا، تازىمۇ چاكىنا ئادەمگە ئايلىنىپ قالىمىز. \7 s9 J- E3 L @, k' D
خۇلاسىلىغاندا، ئىملا مەسلىسى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى بىر مەسلە ئەمەس. بۇلۇپمۇ، كۈندە يېزىش، ئوقۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ مەسلىگە قارىتا تۇنۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەدەبىيات دەرسى بىلەن ئىملانىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بىر-بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى توغرا تۇنۇپ، ئىملا مەسلىسىگە بولغان پۇزىتسيىىنى توغرىلاپ، بۇ ھەقتىكى كۆز قارشىنى ئۆستۈرىشى، كۈندىلىك ئۆگىنىش ئەمەلىيىت ۋە تۈرلۈك ئىمتىھانلاردا ئۆز ئىملاسىنىڭ چىرايلىق، توغرا، راۋان، خەتلىرىنىڭ كۆركەم، چىرايلىق خەتلەر ئارقىلىق يازغان ماقالىلىرىنىڭ مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇشنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلسىلا، تۈرلۈك نەتىجىلىرى ياخشى چىقىدۇ، گۈزەل ئىستىقبالى ئۈچۈن داغدام يول ئېچىلىدۇ. شۇڭا، مەن تىلىمىزنى بۇزۇپ سۆزلەيدىغانلارغا، ئىملايىمىزنى توغرا يازماي، تىل-يېزىقنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، تەرەققىياتىمىزنى يۈكسەلدۈرۈش قەدىمىمىزگە پۇتلىكاشاڭ بولىۋاتقانلارغا شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى، ئانا تىلىمىزنى سۈيەيلى، ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى! ئانا تىلىمىزدا ساقلىنىۋاتقان نوقسانلارنى تۈزىتىپ، ئانا تىلىمىزنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇررايلى، ئانا تىلىمىزنى تېخىمۇ بېيىتايلى، تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى تىل-ئەدەبىيات ساھەسىگە قۇشايلى! 2011-يىلى، ئىيۇن
# M, M/ g; l `0 o+ \2 k' h% Eمەنبەسى:مائارىپچىلار تورىئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |