مائارىپ
«داموللا» سۆزى ھەققىدە ئىزدىنىش
1 I+ |" {$ l5 X1 w7 W2 J0 C1 r/ A6 r, b" g7 e( i
7 P2 |# b5 k% o' M, kئۆتكەندە خېلىلا كاتتا بىلىملىك بىرىسىنىڭ”ئۇيغۇرچىدىكى ‹دامۇللا› دېگەن سۆز خەنزۇچە‹دا› (چوڭ) بىلەن‹دىنى بىلىمى بار› دېگەن مەنىنى بىلدۈردىغان‹مۇللا›دېگەن سۆزنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان‹چوڭ موللا› دېگەن مەنىدىكى گەپ“ دەپ ئىزاھ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، يېقىندىن بېرى بەزىلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق سۆزنى ئاڭلاپ، بۇ ھەقتە چۈشەنچەنۇقۇل ئىسلام ئاتالغۇسىنىڭ قانداق قىلىپ، ئىسلام بىلەن ھېجبىر ئالاقىسى بولمىغان خەنزۇچە‹دا›(چوڭ) دېگەن سۆز بىلەن ئالاقىلىشىپ قالغانلىقىغا، ھەتتا بەزى ئىلمىي خادىملىرىمىزنىڭ ئاغزىدىنمۇ مۇشۇنداق چۈشەنچىدىكى سۆزنىڭ چىققانلىقىغا ھەيران قالدىم. شۇڭا،”داموللا“سۆزىنىڭ زادى قانداق كېلىپ چىققانلىقى ۋە قايسى قايسى مەنىدىكى سۆز ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئىزدەندىم. بىرمۇنچە مۇناسىۋەتلىك ئەسەر، لوغەت ۋە ماتېرىياللارنى كۆردۈم، بۇلۇپمۇ بىر مۇنچە پېشقەدەم ئۆلىما-ئالىملىرىمىز ۋە دىنىي زاتلىرىمىز ھەم ئىسلام دارىلغونۇنى ئۇستازلىرى بىلەن بۇ ھەقتە ھەمسۆھبەتتە بولدۇم. ئۇلاردىن بەزىلىرى:”‹دامۇللا› دېگەن سۆز ئەرەبچە”دام ىلاھ“(دامە ئۇلاھۇ)دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ تىلىمىزغا ئۆزلەشكەن بۇلۇپ،‹ئىلمى داۋاملاشسۇن›، ‹ئۈستۈنلۈكى ھەمىشە بولسۇن›، ‹مەرتىۋىلىك كىشى› دېگەندەك مەنىلەرنى بېرىدۇ“ دەيدۇ(ھەتتا كاتتا ئالىم سابىت دامۇللا ھاجىممۇ ئۆزىنىڭ «قەسىدە تۇسسەنىيە ئەقىدە تىسسۈننىيە»‹سۈننى ئەقىدىسىنىڭ گۈزەل قەسىدىلەر›دېگەن ئەسىرىدىمۇ شۇنداق كۆقاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئېھتىمال يۇقىرىدىكى كۆزقاراشىنىڭ مەنبەسى سابىت داموللا ھاجىم بولسا كېرەك). يەنە بەزىلەر:”‹داموللا› دېگەن سۆز ئەرەبچە‹داېم المولۇ› (‹دائىمۇل مەۋلا›)دېگەن سۆزدىن كەلگەن بۇلۇپ، ‹ھەردائىم ئىشلىتىدىغان بىلىملەر ئىگىسى›،‹مەڭگۈلۈك بىلىملەر ئىگىسى›دېگەن مەنىگە ئىگە“ دەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر:”پارىسچىدا‹دەھ› دېگەن سۆزنىڭ ‹بەك،ئاجايىپ، تازا› دېگەن مەنىلىرىمۇ بار ئىكەن،‹موللا› بولسا ‹كەمتەر، ئېغىر بېسىق، سالماق، بىلىملىك›دېگەن مەنىلەردە ئىكەن،‹دەھ موللا›(بەك بىلىملىك) دېگەن سۆز بىزگە ‹داموللا› بۇلۇپ ئۆزلەشكەن“دەيدۇ؛ ھەتتا بەزىلەر:”ئۆز ۋاقتىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدا‹دەمىن ئۇنىۋېرىستېتى›دېگەن بىر دىنىي ئالىي مەكتەپ بۇلۇپ، ئۇ يەرنى پۈتتۈرگەنلەر ‹دىنىي بىلىمدە ئالىي مەلۇماتلىق›دېگەن مەنىدە ‹دەموللا›دەپ ئاتىلاتتىكەن، شۇ سەۋەبتىن يۇقىرى بىلىملىك دىنىي زاتلار بىردە‹دامۇللا› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن“دەيدۇ؛ تېخىمۇ كۆپرەك ئۆلىمالار”داموللا“دېگەن ئەرەبچە”ئۇستاز، خۇجا، ئىگەم، ئەپەندى“ مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان”مەۋلا“ دېگەن سۆز ئالدىغا ”دا“ نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ھاسىل بولغان”يۇقىرى بىلىملىك زات“ دېگەن مەنىنى بېرىدىغان سۆز، دەيدۇ ۋەھاكازالار. ' ]( }% ~0 Z* E+ ~; G. Y: D
* p. `1 p3 t% C" e/ j) L9 l. [ ئومۇمەن”داموللا“ دېگەن سۆزنى ئەرەبچىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن دېگۈچىلەر كۆپرەك، ئەپسۇسكى ئەرەبچىدە”داموللا“ سۆزى يوق، بىز دەۋاتقان ”داموللا“نى ئەرەبلەر”داموللا“ دېمەي ياكى يۇقىرىدا ئېيتىلىدىغان سۆزلەر بىلەن ئاتىماي”شەيخ“ دەپ ئاتايدۇ. شۇڭا بۇ سۆزنى تامامەن ئەرەبچىدىن كەلگەن ئاتالغۇ دېيىش كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. ' z7 I- {8 r1 _! J5 M& T
+ U. |& {+ v! q
”داموللا“ سۆزىنى خەنزۇچە(چوڭ، كاتتا) دېگەن سۆز بىلەن ”بىلىملىك“ مەنىسىدىكى ”موللا“نىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان دېيىش تېخىمۇ كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ. ناۋادا ”دا“ سۆزى خەنزۇچىدىن كەلگەن بولسا، ئالدى بىلەن مەملىكىتىمىزدە خەنزۇتىلى قۇللىنىدىغان ئىچكىرىدىكى خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئۆزىنىڭ چوڭ ئۆلىمالىرىنى ”دا موللا“دەپ ئاتىسا بۇلاتتى، ھالبۇكى ئۇلار”داموللا“ سۆزىنى ئىشلىتىش بۇياقتا تۇرسۇن، ”موللا“ سۆزىنىمۇ ئىشلەتمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئىماملىرىنى ”ئاخۇن“ دەپ، چوڭ ئۆلىمالىرىنى ”دا ئاخۇن“(چوڭ ئاخۇن، كاتتا ئاخۇن)دەپ ئاتايدۇ(ئەلۋەتتە مۇنداق بىر رىۋايەتمۇ بار: بۇ رىۋايەتتە 12-ئەسىردە چىن پاسىشاھى ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىرىدىن مۇھەممەد خارەزەم شاھ بىلەن قۇدىلىشىش مەقسىتىدە خەنزۇ خېنىملىرىنى سوغا قىلغان ئىكەن، بۇ خېنىملار ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن ئۆزلىرىگە تىل ئۇستازىنى”دامەۋلا“‹چوڭ ئۇستاز›دېيىشكەنلىكى ئۈچۈن ”دامەۋلا“دېگەن ئىسىم كېلىپ چىققان دېيىلىدۇ. بۇ پەقەت رىۋايەت.راست شۇنداق تارىخىي رىئاللىق بولغانمۇ-يوق؟بۇنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق رېئاللىق بولغان تەغدىردىمۇ ئۇ خېنىملارنىڭ خارازەمدە ئاتىغان ئاتالمىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا، جۈملىدىن شىنجاڭ رايۇنى ھەمدە غەربىي ئاسىيادىكى بىرمۇنچە ئەللەردە ئومۇملىشىشى قىلچە ئەقىلگە سىغمايدۇ).
/ Q9 ~# Z! } ]8 t! T3 J/ U6 |& l1 G: R& m
”موللا“ دېگەن سۆزنىڭ ئەرەبچە ”مەۋلا“ دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكى ئېنىق. يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك،”مەۋلا“ دېگەن سۆز ئەرەبچىدە”ئۇستاز، خۇجا، ئىگەم، ئەپەندى“ مەنىلىرىگە ئىگە بۇلۇپ، ئىسلام دىنىدا يۇقىرى بىلىم ئىگىلىرىنى يەنى ئالىم-ئۆلىمالارنى كۆرسىتىدۇ، بۇلۇپمۇ بۇ سۆز ئۆز مەنىلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران، ھىندىستان، پاكىستان، ئاففانىستان قاتارلىق جايلاردا ئىسلام ئۆلىمالىرىنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ سۈپىتىدە كەڭ دائىرىدە قۇللىنىلغان ۋە تېخىمۇ يۇقىرى بىلىملىك ئالىم-ئۆلىمالارنى ”چوڭ ئۇستاز، چوڭ ئالىم“ مەنىسىدە كۆرسىتىدىغان ”مەۋلانە“، ”مەھلەۋى“دېگەن ياسالما سۆزلەر بارلىققا كەلگەن، ھەتتا، مەشھۇر، نوپۇزلۇق، ئىناۋەتكە سازاۋەر ئالىملارنىڭ تەخەللۇسى سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ ئىسىم شەرىپىگە بۇ سۆزلەر قوشۇلۇپ ئاتىلىدىغان بولغان، مەسىلەن،13-ئەسىردە ئۆتكەن جاھانغا مەشھۇر ئاتاقلىق شائىر ” جالالىدىن رۇمى مەۋلانە(مەۋلەۋى)“ دەپ ئاتالغان، شۇ سەۋەبلىك جالالىددىن رۇمى ئاساس سالغان سۇپىلىق تەرىقىتى ”مەۋلەۋىيە تەرىقىتى“، ”مەۋلەۋىلەر تەرىقىتى“ دەپ ئاتالغان. ”موللا“ سۆزىنى ئىسىم شەرىپىگە قوشۇپ ئاتاشتەك بۇخىل ھالەت ئوتتۇرا ئاسىيادا جۈملىدىن ئۇيغۇرلانىڭ ئارىسىدىمۇ خېلى كەڭ قوللىنىلغان، بۇلۇپمۇ بىلىملىك ياكى نوپۇزلۇق، ئىناۋەتلىك كىشىلەر ئىسمى ئالدىغا بۇ سۆزنى(”موللا“سۆزىنى) قوشۇپ ئاتاش ئادىتى شەكىللەنگەن: مەسىلەن، مۇللا بىلال، مۇللا مۇسا سايرامى، مۇللا ئەرشىدىن خوجا، موللا نەسىرىدىن، مۇللا زەيدىن دېگەنگە ئوخشاش. كىشىلەرنىڭ ئۆز پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسىدە ”موللا“ بولۇشىنى تىلەپ، پەرزەنتلىرىگە ھەتتا موللا نىياز، موللاخۇن، موللاجان، موللا رەھمەت دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشىدىنمۇ بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.
7 ?* s8 u1 T* m) X
& X3 M+ q! @& k3 Y خوش، ئەرەبچە ”مەۋلا“ دېگەن سۆز(ئەرەبچە يېزىلىشى ”مولى“، پارىسچە يېزىلىشى”مولا“) ئۇيغۇرچىدا ”موللا“ بۇلۇپ ئۆزلەشكەن (پارىسچە ئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا ئۆزلاشكەن) ئىكەن، ئۇيغۇرچىدىكى ”دا موللا“ دېگەن سۆز قانداق پەيدا بولغان؟ بەزى نوپۇزلۇق ئۆلىمالارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە. بۇ سۆز پارىسچە ”دەھ“(ئون) سۆزى بىلەن”مەنلا“(”بىلىملىك“ دېگەن مەنىدىكى ”مەۋلا“ سۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى تۈركى مىللەتلەر ۋە ئىران تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەر ئارىسىغا ئۆزلەشكەن ۋارىيانتى)سۆزىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ھاسىل بولغان ”دەھ مەنلا“ دېگەن سۆزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى مىللەتلەر تىلىغا ئۆزلىشىشى، جۈملىدىن ئۇيغۇرچىلىشىشى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ، مېنىڭچە بۇ خىل قاراش ئەقىلگە ۋە ئەمەلىيەتكە بىرقەدەر مۇۋاپىق چۈشەنچە. 2 {4 ~$ F2 c; x
, Z }0 i7 ?. k: P
”دەھ“ دېگەن سۆز پارىسچىدا ”ئون“ دېگەن مەنىدە بۇلۇپ، ”دەھ مەنلا“ دېگەن سۆز ”مئون ساھەدىكى بىلىمنى ئىگىلىگەن ئەھلى ئىلىم(موللا)“، ”ئون خىل ئىلىمدە توشقان زات“ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ”دەھ“ سۆزى پارىسچىدا ”دە“ دەپ، ”مەۋلا“ دېگەن سۆز ”مولا“ دەپ يېزىلىدۇ، بۇ ئىككى سۆز قۇشۇلۇپ ”دەمولا“(دەھمەۋلا) يېزىلىپ ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشكەندىن كېيىن ”دە موللا“، ”داموللا“ بۇلۇپ قالغان، ھازىرمۇ بىرمۇنچە تۈركى مىللەتلەر”دا موللا“ سۆزىنى”دەمەنلا“، ”دەملا“، ”داملا“ دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاتايدۇ.
& f, ~9 ` f+ y/ }4 N+ U: U1 k
ئۇنداق بولسا، نوپۇزلۇق ئۆلىمالارنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى ”ئون ساھەدىكى بىلىمنى ئىگىلىگەن ئەھلى ئىلىم“ مەنىسىدىكى ”دا موللا“ ئىگىلىگەن”ئون ساھەدىكى بىلىم“ قايسىلار؟ بۇ بىلىملەر ئەينى ۋاقىتتا (ئابباسىيلارنىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە سالجۇق تۈركلىرىدىن سۇلالە ئوردىسىدا ھوقۇق تۇتقان باش ۋەزىر نىزامۇل مۈلك رىياسەتچىلىكىدە)1065-1067-يىللىرى باغدادتا تەسىس قىلىنغان ”نىزامىيە“ ئۇنۋېرسىتىنىڭ دىنىي دەرسلەرنى ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئاساسىدا. بۇخارا ئىسلام دارىلفۇنلىرىدا قېلىپلاشقان بۇلۇپ، تۆۋەندىكى ئون تۈرلۈك ئىلىمدىن ئىبارەت؛(1) ئىلمىي تەۋھىد (ئىلمىي كالام)؛ (2) ئىلمىي تەپسىر؛ (3) ئىلمىي ھەدىس؛ (4) ئىلمىي فىقھە؛ (5) ئىلمىي تەجۋىد؛ (6) ئىلمىي فەرائىز (مىراس قانۇنى)؛ (7) ئىلمى مەنتىق؛ (8) ئىلمى سەرىف (مورفۇلوگىيە)؛ (9) ئىلمى نەھۋى(گرامماتىكا)؛ (10) ئىلمى مەئائى (ئىستىلىستىكا)(بەزى چوڭ ئۆلىمالار، بۇ ئون تۈرلۈك ئىلىم ئىچىدە”ئىلمى تەسەۋۋۇپ“ بار ئىكەن،”ئىلمى فەرائىز“ دەرسى ”ئىلمى فىقھە“ دائىىرىسىدە ئوقۇلىدىكەن، دەيدۇ). بۇ ئون تۈرلۈك ئىلىمنىڭ ھەربىرىدە بىرقانچە ھەتتا ئون نەچچىدىن كىتاب ئوقۇلىدىكەن، شۇڭا تالىپلار 10نەچچە يىللاپ ئوقۇغاندىن كېيىنلا ئاندىن ”دا موللا“ ئۈنۋانىنى ئېلىپ قايتىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ”دا موللا“ سۆزى ”10يىل ئوقۇغان موللا“ دېگەن مەنىدە دېگۈچىلەرمۇ بار.
1 a! G! x* r6 H/ [# f3 o9 D! i$ ^% `4 \7 e
شىنجاڭدا ئۆز ۋاقتىدا دىنىي بىلىم ئۆگەنگۈچىلەر ئىپتىدائىي دىنىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەدرىسلەردە، ئالدى بىلەن دىنىي بىلىم ۋە ئەرەبچە، پارىسچە تىللاردىن پۇختا ئاساس سالاتتى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەدرىسلەرنى لاياقەتلىك پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن بۇخارادىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا بېرىپ، تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ بىلىم ئېلىپ، ھەربىر دەرسلەردىن ئېلىنغان قاتتىق تەلەپلىك ئىنتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن ”دا موللا“ ئۈنۋانىنى ئېلىپ قايتاتتى. قەشقەردىكى ”خانلىق مەدرىسە“، ”ساقىيە مەدرىسە“ قاتارلىق بىلىم يۇتلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر بولسا ”خەلفەت“(خەلفىتىم) ئۈنۋانىنى ئالاتتى،”خەلفەت“ سۆزى ئەرەبچە ”خەلف“ سۆزىدىن كەلگەن بۇلۇپ، ”ئىزىنى بېسىش“ مەنىسىدە ”چوڭ ئۆلىمالارنىڭ ئىزىنى باسقۇچى“ دېگەن مەنىنى بېرىدۇ، بۇ ئۈنۋان ئۇ چاغدا شىنجاڭنىڭ ئىچكى قىسىمىدا بىلىم ئالغانلار ئىچىدە يۇقىرى ئۇنۋان ھېسابلىناتتى. موللا موسا سايرامنىڭ «تارىخى ئەمىنىيە» دېگەن ئەسىرىدە بايان قىلىنىشچە، ئۆزۋاقتىدا قەشقەرنىڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن بولغان موللا مۇھەممەد شىرىپ خەلفىتىم 60يىل ئۈزۈلدۈرمەي مۇدەررىسلىك قىلىپ، 300دەك چوڭ ئۆلىمانى يېتىشتۈرگەن بولسىمۇ، ”دا موللا“ دەپ ئاتالماي يەنىلا ”خەلفىتىم“ دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. پەقەت 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن كېيىنلا، سوۋېتلەر ئىتىپاقى دەۋرىدە بۇخارادىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى تەدرىجىي ئاجىزلىشىپ، ئەسلىدە 103 ئالىي مەدرىسدە بار، ئىسلامىيەت بىلىملىرى ساھەسىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن بۇخارادا ئاران بىر مەدرىسە قالغان ۋە باشقا ئەللەردىن تالىپ قۇبۇل قىلماي، پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيادىلىكەرنىلا ئوقۇتىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىلىم يۇرتى بۇلۇپ قالغان، شىنجاڭدىكى ئالىي بىلىم تەھسىل قىلغۇچى تالىپلار بۇخاراغا بېرىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىدىن قېلىپ، ئالىي دىنىي بىلىم مەركىزى بۇخارادىن قەشقەرگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، قەشقەردىكى ئالىي دىنىي مەدرىسلەرنى پۈتتۈرگەنلەر قەشقەرنىڭ ئۆزىدە داۋاملىق ”خەلفىتىم“ دەپ ئاتالسىمۇ، شىنجاڭنىڭ باشقا بەزى جايلىرىدا ”دا موللا“ دەپ ئاتىلىدىغان بولغان، نەتىجىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدرىسلەرنى پۈتتۈرگەن تالىپلار قەشقەرگە بېرىپ ئوقۇپ كېلىپ، ئۆز جايلىرىدىكى نوپۇزلۇق ”دا موللا“ لاردىن بۇلۇپ قالغان. ھازىر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقىرى بىلىملىك دىنىي زاتلار ئومۇمەن داموللا دەپ ئاتىلىدىغان بۇلۇپ قالدى.
% |& C" v h4 P" Y. ?: E2 r
( L2 N: v' H3 }+ b3 ~# zمەنبە: جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |