3d
دادامغا دەپ قويماڭ
1 m& U8 z4 E) H% W( I. U
! h; R+ w; @- f) G،ئانا 5 ياشلىق قىزىنى تاشلاپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىپتۇ دادا قىزىنىڭ :«ئاپام قېنى»؟ دىگەن سۇئاللىرىغا:«ئاپىڭىز يىراق بىر يەرگە كەتتى» دەپ جاۋاپ بېرىدىكەن،كىشىلەر ئۇنى ئۆيلىنىشكە قايتا قايتا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ قىزىنىڭ ئانىسىدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئۈمۈتسىزلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قايتا ئۆيلەنمەپتۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قىزچاق دادىسىدىن بۇنداق سۇئاللارنى سورىمايدىغان بوپتۇ شۇنىڭ بىلەن دادا باشقىلارنىڭ زورلىشى بىلەن ئاخىرى قىزىغا ئۆز ئانىسىدەك كۆيۈنىدىغان مېھرىبان ئايالدىن بىرىگە ئۆيلىنىپتۇ ، تويدىن كېيىن بىر كۈنى كەچتە دادا، قىزچاقنىڭ، ئىشىكى قىيا يېپىقلىق ياتاق ئۆيىدىن، قىزچاقنىڭ يېڭى كەلگەن ئانىسغا ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكى ئېچىشىپتۇ ، قىز :«ھەدە، مەن سىزگە بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بىرەي ، مىنىڭ ئانام ئەسلىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ، لېكىن دادام ئۇنى بىلمەيدۇ ، بىلسە دادام بەك ئازاپلىنىپ كىتىدۇ ،ئۇ بۇ ئىشلارنى ئەمدى ئۇنتۇدى شۇڭا سىزمۇ بۇ مەخپىييەتلىكنى ياخشى ساقلاڭ ،،،،،، »
+ ^/ P. B( a8 E+ mئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |