مائارىپ
ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئىچىدە يارىلانسا مەكتەپ تەرەپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالامدۇ؟ " Q. o* P9 Z: B) A
& j" Z( h, L5 Y! H" N- c( fچۈشلۈك دەم ئىلىش ۋاقتىدا شياۋ كۈن (يالغان ئىسىم) ساۋاقداشلىرى بىلەن مۆكىمۆكىلەڭ ئويناپ بۆكۈش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن بىنادىن چۈشۈپ كېتىپ يارىلانغان. ئاتا-ئانىلار مەكتەپ تەرەپ تەلىم-تەربىيە مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ رېشاتكىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئېسىپ قويغان بولسا بۇنداق ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقمىغان بولاتتى دەپ قاراپ مەكتەپ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ تۆلەم تەلەپ قىلغان.* a7 X# ~6 S i7 Q* _
شياۋ كۈن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىقىنىڭ ناھايىتى شوخ ئوقۇغۇچىسى. 2011-يىلى 6-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈشلۈك دەم ئىلىش ۋاقتىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن مۆكىمۆكىلەڭ ئوينىغان. مۆكۈنۈش نۆۋىتى ئۇنىڭغا كېلىپ كارىدور رىشاتكىسىغا تۇتۇپ ئارتىلىپ مۆكمەكچى بولۇپ رېشاتكىغا قاراپ بىر سەكرىشى، ئېھتىياتسىزلىقتىن رىشاتكىنى چىڭ تۇتالماي 3-قەۋەتتىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. ھېلىمۇ ياخشى ئۇ چىملىققا چۈشۈپ كەتكەچكە ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن. بىراق بەل سۆڭىكى بىلەن پۇت سۆڭىكى سۇنۇپ 6-دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ قالغان.+ t$ ]+ e5 L( y, K
سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىدىكى كارىدور رىشاتكىسى ئۆلچەمگە يەتكەن بولسىمۇ، بىراق 6-يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلار قۇرامىغا يەتمىگەچكە رىشاتكىنى ئاتلاپ ئۆتكەندىكى خەتەرنى ھېس قىلالمايدۇ. مەكتەپ مائارىپ ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قوغداش مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلماي شياۋ كۈننىڭ يارىلىنىپ مېيىپ بولۇپ قىلىشقا سەۋەبچى بولغان. شۇڭا مەكتەپ تەرەپ % 30 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ شياۋ كۇنغا 180 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشى كېرەك.* p" y6 Y+ Z1 W8 A* q4 T- c3 e% g
ئاتا-ئانىلار مۇنداق قارىدى:; ?; U" Y0 c8 A! a( s
شياۋ كۈننىڭ ئانىسى ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەكتەپ ئۈستىدىن ئەرز قىلغان. ئۇ مۇنداق قارىدى: شياۋ كۈن مەكتەپتىكى ۋاقتىدا مەكتەپ تەرەپ چوقۇم قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسى كارىدورنىڭ رىشاتكىسى ئۆلچەمگە يەتمىگەن، ھەم مەكتەپ تەرەپ خەتەرنى ئەسكەرتىش ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى ئاسمىغان، شۇڭا شياۋ كۈننىڭ زەخىملىنىشىدە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىپ 480 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشى كېرەك.
! A# F ?3 d" E8 Gمەكتەپ تەرەپ مۇنداق قارىدى: مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كارىدور رىشاتكىسى ھەرقانداق ئۆلچەمگە تولۇق يەتكەن. بارلىق ئوقۇتقۇچىلار دائىم ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيىسى بېرىدۇ. بۇنىڭدىن مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش ۋە باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شياۋ كۈن كەپسىزلىكى قىلىپ رىشاتكىدىن ئارتىلىپ يارىلانغان. شۇڭا مەكتەپ ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ./ `+ `+ q V/ }& l1 q3 T4 Z
لياۋنىڭ ئۆلكىلىك چىڭشى ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى رىن خۇ چىڭ مۇنداق قارىدى: يۇقىرىقى دېلودا شياۋ كۈن ئۆزىنىڭ بىخەستەلىكىدىن يارىلانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ 18 ياشقا توشمىغان بولغاچقا ھەق-تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشىلەر قاتارىغا كىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە شياۋ كۈن ئەمدىلا 6-سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا نۇرغۇن يوشۇرۇن خەتەرنى بايقىيالمايدۇ. شۇڭا مەكتەپ قاتارلىق مائارىپ ئورگانلىرى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋىپنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىپ يۇقىرىقىدەك تراگېدىيىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. p2 y6 u' ^) x; S: S
( O7 N$ M0 i& W |! _! }+ Qسىنا تورى خەۋىرى
3 e0 k- O$ m2 z( U' e2 k" S Hنۇر تورى تەرجىمىسى رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |