ئۇيغۇر
1 Q5 Y1 b( u& p. K/ R! i& O3 J* F3 g, \* H3 E- R Y
پۇتىن 1952-يىل 10-ئاينىڭ 7-كۈنى لېنىنگراد شەھىرى (ھازىرقى سانكت پېتېربۇرگ شەھىرى)دە تۇغۇلغان، 1975-يىلى لېنىنگراد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكولتىتىنى پۈتتۈرۈپ، ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى بويىچە كاندىدات دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىدا ئىشلىگەن، 1985-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە دېموكراتىك گېرمانىيەدە خىزمەت قىلغان. I; F5 I4 V" s+ J0 I" k
4 q$ P% S# }! b+ y u) J# u: ?
پۇتىن 1990-يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، لېنىنگراد ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرىنىڭ تاشقى ئىشلار ياردەمچىسى، لېنىنگراد شەھەر باشلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1991-يىلى 6-ئايدا سانكت پېتېربۇرگ شەھەرلىك ھۆكۈمەت تاشقى ئالاقە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان، 1994-يىلى قوشۇمچە سانكت پېتېربۇرگ شەھىرىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان. 1996-يىلى 8-ئايدا، پۇتىن رۇسىيە زۇڭتۇڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 1997-يىلى 3-ئايدا زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قوشۇمچە تەپتىش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1998-يىلى 5-ئايدا زۇڭتۇڭ ئىشخانىسنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان، شۇ يىلى 7-ئايدا رۇسىيە فىدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1999-يىلى 3-ئايدا، رۇسىيە فىدېراتسىيەسى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى بولغان، شۇ يىلى 8-ئايدا ھۆكۈمەت زۇڭلىسى، 12-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇۋەققەت زۇڭتۇڭ بولغان. 2000-يىل 3-ئاينىڭ 26-كۈنى زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىپ، 5-ئاينىڭ 7-كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. 2004-يىل 3-ئاينىڭ 14-كۈنى زۇڭتۇڭلۇققا قايتا سايلانغان. پۇتىن 2008-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ھۆكۈمەت زۇڭلىسى بولغان. 2012-يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنى زۇڭتۇڭلۇققا قايتا سايلىنىپ، 5-ئاينىڭ 7-كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.) u w6 W6 I) P' e& P4 P
) ~% }. ~4 U! Y ھازىر پۇتىننىڭ ئايالى ۋە ئىككى قىزى بار. H5 m# Y! I* R1 W0 R
7 m. z z A, Z; i/ U# p
پۇتىن 2000-يىلى 7-ئاي، 2002-يىلى 12-ئاي، 2004-يىلى 10-ئاي، 2006-يىلى 3-ئاي ۋە 2006-يىلى 6-ئايدا زۇڭتۇڭلۇق سالاھىيىتى بىلەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ياكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان ھەم زۇڭلىلىق سالاھىيىتى بىلەن 2008-يىلى 8-ئايدا جۇڭگوغا كېلىپ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان، 2009-يىلى 10-ئاي ۋە 2011-يىلى 10-ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
8 I( P Y+ j- T) f6 W9 ]
- g' h _' S0 o' Gئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |