|
3d
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان: B7 v( X1 x& A! D& W" B; ]
6 m4 S! @( U8 u, m! D% w+ [3 E
7 D0 W' v/ e& J2 F5 q9 n
2 q6 }: i9 I: r; f6 M6 H
ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان - سەرگەردانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 - يىلىدىن 1559 - يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان . كېيىن دادىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن . سەئىدخان ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلىغان ھەمدە ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭغا دەرس ئۆتكۈزگەن . تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە ياخشى ئۇستازى بولغان . سەئىدخان ئۇنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ قىرغىزلارنى باستۇرۇشقا ، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىلەن شەرق ۋە غەرپكە جازا يۈرۈشى قىلىشقا ، ئۆز ئىنىسى ئامان سۇلتاننىڭ ئاقسۇدىكى توپىلىڭىنى تىنجىتىش ئۇرۇشىغا ھەمدە ئاقسۇنى ئىدارە قىلىش ئىشىغا ئەۋەتكەن . 1533 - يىلى سەئىدخان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ يەكەن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇ خاقان بولغاندىن كېيىن بىرمۇنچە قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى ، ئامانلىقىنى جان تىكىپ قوغدىغان . ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىدەك بولغان :# n% w+ P0 v3 j8 ?
+ c T% h# l0 W; J5 E X بىرىنچى ، ھەربىي ئوردا ئىچى -سىرتىدىكى گۇمانلىق دەپ قارالغان ، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى قەتلى قىلىپ ، يېڭى قائىدە - تۈزۈملەرنى بېكىتىپ چىققان . بۇرۇنقى مۇغۇلىستان خانلىقى ھەم يەكەن خانلىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي تايانچىسى بولغان دوغلات قەبىلىسىنىڭ ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي تارتىۋالغان . گەرچە بۇ ۋەقە يەكەن خانلىقىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن بەزى زىيالىلارنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ بەزى بۆلگۈنچىلىك ئىشلىرىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلگەن .
+ m& ?' S9 y9 Z$ D9 V( b0 _- U( ~0 g" L5 K7 t$ h
ئىككىنچى ، تىنچلىق توختىمىنى بۇزۇپ ، ئاقسۇ ۋە ئۇنىڭ غەربىگە ھۇجۇم قىلغان تاغىسى مەنسۇرخانغا قاتتىق زەربە بەرگەن . مەنسۇرخان مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا چېكىنگەن . لېكىن ، 1538 - يىلى مەنسۇرخان يەكەن خانلىقىغا قارشى يەنە ئۇرۇش قوزغىغان . ئابدۇرەشىدخان ئۇنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ ، شەرقتە تاكى گەنسۇنىڭ جيا يۈ گۇەن قوۋۇقىغىچە بولغان بارلىق زېمىنلارنى يەكەن خانلىقىغا قوشقان ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى ساھىدخاننى بۇ جايلارغا سۇلتان قىلىپ تەيىنلىگەن . بۇنىڭ بىلەن مەنسۇرخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلگەن .+ J: R+ B& ^$ y Q# o6 g `. A
/ i; w* `; }$ Z9 z
ئۈچىنچى ، يەكەن خانلىقىنىڭ بىۋاستە باشقۇرىشىنى ۋە ھامىيلىقىدىكى رايونلاردا توپىلاڭلارنى تىنجىتقان . مەسىلەن ، 1538 - يىلى يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى ھەق نەزەرخاننىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇرغان . شۇ يىلى يەنە مەنسۇرخان ئىككىنچى قېتىم ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغاندا ، باش ئەمىر مىرزا ئەلى تاغاي باشلىق بەزى ئەمىرلەر توپىلاڭغا تەييارلانغان . ئابدۇرەشىدخان بۇ ھەرىكەتنىمۇ قانلىق بېسىقتۇرغان .$ o$ f" h9 I: f" F0 t0 O! A" {# q
& S0 d* A/ q7 X
تۆتىنچى ، جەمىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىمۇ بىرمۇنچە يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ، ئاھالە كۆچۈرۈپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ، قول- ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ، ئىچكى ۋە تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ، مەكتەپ ۋە مەدرىسلەرنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ، ئىسلام دىنىي مەزھەپلىرىنىڭ ئەركىن مۇنازىرىسىگە يول قويۇشتەك بىر قاتار سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن . نەتىجىدە خانلىقتا بىر مەھەل نىسبەتەن تىنچ ۋەزىيەت شەكىللىنىپ ، جەمىيەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان " ئالتۇن دەۋر " ى بارلىققا كەلگەن .
3 Q! {' J, N6 D# ~+ S; y e
# C# S$ g5 X4 a: O" e بەشىنچى ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىغا ئىلھام بېرىپ ، جايلاردا نەزەرگە ئېلىنماي قالغان ئۇيغۇر سازەندىلىرى ، غەزەلچىلىرى ھەم شائىرلىرىنى تاپتۇرۇپ ئەكەلگەن . بۇنىڭ بىلەن ئوردىدا نۇرغۇن تالانتلىق شەخسلەر توپلىنىپ ، خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن " مۇقام " مۇزىكىلىرىمۇ مۇشۇ كىشىلەر بىلەن بىللە ئوردىغا كىرەەن . دەرۋەقە ، ئۇيغۇر " 12 مۇقام " ىنىڭ رەتلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر شەرت - شارائىتلار ھازىرلانغان ............. .
0 h- \. ^% m3 P, ~: i8 x( z2 M; N& {, r
ئومۇمەن ، سۇلتان ئابدۇرەشىدخانننىڭ يۇقۇرقىدەك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇستەھكەملىگەن . ئۇ دۆلەتنى ئونۋېرسال ئىدارە قىلىش جەھەتتىمۇ ئاتىسىدىن ھېچ قىلىشمىغان . ئۇ يەنە دائىم پۇقراچە ياسىنىپ ئاددى خەلق ئارىسىغا چۆكۈپ ، ئەمەلدارلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى يوشۇرۇن ئىگىلىگەن . 1559 - 1560 - يىللىرى ، ( ئىسلام كالىندارى 967 - يىلى ) ئۇ خوتەننى تەكشۈرۈش سەپىرىدە بەختكە قارشى سۈيقەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولغان .
1 `# S) U: |6 u D- U# |& \2 m; P+ V1 D
" e. X' `/ }, L1 }+ ~* ]. z) Oسۇلتان سەئىدخان ھەققىدە
( I# p' L, Q: u; x# g( u+ q7 N. z5 g- o, t4 A, q3 L
0 W! x2 N: R% ^ يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ 3 - ئوغلى بولۇپ 1490 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە ئۆزبېك خانى شايبانىخانغا قارشى جەڭ قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن . بىر يىلدىن كېيىن شايبانىخان ئۇنى قويۇپ بېرىپ ، ئۆزى بىلەن بىللە بىر قاتار ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرغان . كېيىن ئۇ شايبانىخاننىڭ خارەزىمگە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، تاغىسى مەھمۇدخاننىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان . لېكىن ، تاغىسىنىڭ يېنىدا تۇرسا بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئاخىرى يەنە قىرغىزلار رايونىغا كېتىپ ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ، قىرغىزلارنىڭ چوڭ سەردارىغا ئايلانغان . 1508 - يىلى سەئىدخان زور قوشۇن بىلەن تاغىسى مەھمۇدخانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان . دەل شۇ پەيتتە ، سەئىدخاننىڭ چوڭ ئاكىسى مەنسۇرخان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، سەئىدخانغا قارشى ئومۇميۈزلۈك جەڭگە ئاتلانغان . نەتىجىدە ئاكا - ئۇكا ئوتتۇرسىدا ئالمائاتا دالاسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ ، سەئىدخان مەغلۇپ بولغان ھەمدە ئازغىنە ئادىمى بىلەن كابولدىكى تاغىسى زاھىردىن بابۇر شاھنىڭ يېنىغا مىڭ تەسلىكتە قېچىپ كەتكەن . بابۇر شاھ ئۇنى ئىززەت - ئىكراملار بىلەن كۈتۈۋالغان . بۇنىڭ بىلەن سەئىدخان بىر مەزگىل ئۆزبېكلەرگە قارشى بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان . كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ئۆزبېكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەمدە قەشقەر ، يەكەن ۋە خوتەن ھۆكۈمرانى مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھەمدە مىرزا ئەبۇبەكرىنى يوقۇتۇپ ، قەشقەر ، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ ، ئەجدادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولغان . دەرۋەقە ، 1514 - يىلى 6 - ئايدا سەئىدخان 4 مىڭ 700 كىشلىك قوشۇن بىلەن تورغات يولى ئارقىلىق ئاتۇشقا يېتىپ كەلگەن . بۇنى ئاڭلىغان مىرزا ئابابەكرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قەشقەر ۋە يېڭىساردا كۈچلۈك ئىستىھكاملارنى ياساتقان . لېكىن ، سەئىدخان مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ يېڭىسار ، قەشقەر ۋە يەكەنلەرنى ئىشغال قىلغان . مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ بۇ جايلارنى ساقلاۋاتقان قوشۇنلىرى ئاساسەن قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولغان . نەتىجىدە مىرزا ئەبۇبەكرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ كۇئېنلۇن تېغى ئارقىلىق لاداق رايونىغا قاراپ قاچقان . ئەمما ، ئۇزاق ئۆتمەيلا سەئىدخاننىڭ قوشۇنلىرى مىرزا ئەبۇبەكرىنى ئىز قوغلاپ ئۆتۈپ ، لاداقتا قەتلى قىلغان . بۇنىڭ بىلەن 1514 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سەئىدخان دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن يەكەندە رەسمىي خانلىق تەختكە چىققان .
' k6 T3 D& Q. N سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن خانلىقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ، بىرىنچىدىن ، جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوغرى - بۇلاڭچى ۋە باشقا ھەر خىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ ، جەمىيەتتە خاتىرجەم ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ئىككىنچىدىن ، مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ تاشلاپ كەتكەن دۆلەت خەزىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يەكەن خانلىقىنى قۇرۇشقا تۆھپە كۆرسەتكەن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن . يەنە بىر قىسمىنى خانلىق خەزىنىسىگە ئۆتكۈزۈپ ، مۇشۇ ئىقتىساد ئارقىلىق خانلىقنى 10 يىلغىچە قامدىغان ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە خەلقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ - ياساق ئالمىغان . ئۈچىنچىدىن ، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر سوپى خوجا تاجىدىننىڭ تەشەببۇسى ئارقىلىق ، 1516 - يىلى 2 - ئايدا ئاقسۇ بىلەن كۇچار ئارلىقىدىكى ئارابات دېگەن تۈزلەڭلىكتە ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈپ ، سۈلھى تۈزگەن . نەتىجىدە مەنسۇرخان ئۇنىڭ خاقانلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان . تۆتىنچىدىن ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە خانلىق تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ، بىر قاتار كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان .
$ E# ?$ \) C1 s+ r; t- V: q سەئىدخان يۇقۇرقىدەك ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىش - مەمۇرچىلىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بىر قىسىم مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ خاتىرلىشىچە ، سەئىدخان خانلىقنى تۈزەپ ، مۇئىمىنچىلىك قىلىۋەتكەن . يۇقۇرىسى بەگ - بېگات ئېسىلزادىلەردىن تۆۋىنى پۇقرايى - بەقىرلەرگىچە ھەممە كىشى ئەدەب - سۈلكەتلىك بولغان . ئۇ تەرەققىپەرۋەر ۋە ئىستىدادلىق ھۆكۈمران بولۇپ ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەنئىتىدە يۇقۇرى كامالەتكە يەتكەن . ئۇ يەنە ئومۇمىيلىقنى ئەلا بىلىپ ، خانلىقنى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن . ھالىدىن كەتكەن خەلقنىڭ ئارام ئېلىپ دەرمان توپلىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن . ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىنى تىنچىتىپ ، خارابلاشقان ئىگىلىك ۋە مەدىنىيەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن . لېكىن . سەئىدخان ئىسلام دىنىنىڭ سادىق مۇخلىسى بولغاچقا ، غەيرى دىندىكىلەرگە قارىتا بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان . كەشمېر ، لاداق ، ھەتتا ئالدى تىبەت ۋە ئارقا تىبەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . 1533- يىلى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى 47 يېشىدا لاداققا قارشى ئېلىپ بارغان غازات ئۇرۇشى جەريانىدا تۈتەكتە قېلىپ ۋاپات بولغان . جەسىتى يەكەن خانلىق ئوردىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن .% s7 w/ R, m' F% L
, d0 w$ Q5 H3 j+ G& p$ m
7 \% V! y5 H/ B$ t( m. I4 k5 Hچاغاتاي خانلىقى ھەققىدە
3 l2 U% z- n1 J8 L) M2 J8 P$ ~! R
چاغاتاي خانلىقى ---- ئالمالىق شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىي ، يەتتەسۇ رايونى ، ماررائۈننەھر ، خۇراسان ، ئىراننىڭ شەرقىي قىسمى ، ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمى ۋە جەنۇبىي تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن چوڭ خانلىق . مەزكۇر خانلىق مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خاقانى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن زېمىنىدا قۇرۇلغاچقا ، كېيىنكى چاغلاردا سۇيۇرغاللىقنىڭ ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن " چاغاتاي خانلىقى " دەپ ئاتالغان . بۇ خانلىق دەۋرىدە ، مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى سەۋەبىدىن ، چاغاتاي دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈشكە باشلىغان . بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن . ) I" i! }' A9 \2 Y
خاقان كۈنجۈك دەۋرىدە ، غەربىي يۇرتتىكى نۇرغۇن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان مۇڭغۇل تىلىنى تاشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان ھەمدە ئەنئەنىۋى دىنلاردىن ۋاز كېچىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . بۇ ھال ئوخشاشلا مۇڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى زور دەرىجىدە تېزلەتكەن . خاقان تارماشلىرى زامانىسىغا كەلگەندە غەربىي يۇرتتىكى مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرى ئاستىدا ئاساسەن ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن . چاغاتاي خانلىقى دەۋرى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ . چۈنكى بۇ دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ( جۈمىلىدىن ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ) سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدىنىيىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولغان . مۇڭغۇللار . تۈركلەشكەن ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى سىياسىي سەھنىگە چىقىپ ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا خانلىق تەختى ئۈچۈن شىددەتلىك ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان . بۇ ھال مەلۇم نۇقتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىساد ، مەدىنىيەت ساھەلىرىگە نۇرغۇن پاسسىپ ئامىللارنى ئېلىپ كەلگەن . لېكىن ، ئومۇمىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، بۇ ساھەلەردە يەنىلا مۇئەييەن تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن .7 G, \+ \) z5 r
" i4 O: f" Q: N* T3 z0 j
8 _+ L- u$ h2 n) ?چاغاتاي ھەققىدە
2 N! Q; N: h$ ]1 Q; L0 _9 z* a/ ?! e0 y) ?
چاغاتاي ----- " چاغاتاي خانلىقى " نىڭ ئاساسچىسى . 1227 - يىلىدىن 1241 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاتىسى چىڭگىزخان ۋاپات بولغان ( 1227 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ) دىن كېيىن ، ئۆزىگە سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردا مۇڭغۇللارنىڭ جاساق قانۇنىغا ئاساسەن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى رەسمىي باشلىغان . ئۇ ئۆزىگە تەۋە زېمىنلارنى مۇتلەق ئۈچ قىسىمغا ئايرىپ باشقۇرغان : ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىستان ۋە ماۋرائۈننەھر رايونىنى خارەزىملىك چوڭ سودىگەر مەھمۇد يالاۋاچ ئارقىلىق باشقۇرغان . تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىنى مەركەز قىلغان ماڭلاسۆيەر رايونى ( ماڭلاسۆيەر --- ئاپتاپ تەرەپ ياكى شەرق تەرەپ دېگەن مەنىدە . ) نى مۇڭغۇل دوغلات قەبىلىسى ئارقىلىق باشقۇرغان . ئىدىقۇت رايونىنى بولسا ئىدىقۇت ھۆكۈمرانلىرى ئارقىلىق باشقۇرغان . چاغاتاي ئۆز دەۋرىدە چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئىمپىرىيىنىڭ جاساق ۋە قانۇنلىرىغا مۇئەككەل قىلىنغاچقا ، مۇڭغۇل قانۇنلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەم قاتتىق ئىجرا قىلغان . ئالاقىدار ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ قانۇن ئىشلىرىدا ناھايىتى قاتتىق قول ، دۆلەتنىڭ سىياسىي ، مەمۇرىي ۋە ھەربىي تۈزۈملىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان ، شۇنداقلا ئۆز قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارغا قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ، دۆلەتنىڭ ئابرويىنى قاتتىق ھىمايە قىلىدىغان بىر ھۆكۈمدار بولغان . ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە ، خانلىقنىڭ سودا - سېتىق ، پۇل - مۇئامىلە ۋە باشقا تەرەپلىرىدە زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن ، ماۋرائۈننەھر رايونىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سودا ئىشلىرى ناھايىتى جانلانغان ، قەدىمكى " ئوتتۇرا يىپەك يولى " دا سودا - سېتىق گۈللەنگەن ئاۋات بىر ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن . مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، ماۋرائۈننەھر رايونىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان مەھمۇد يالاۋاچنىڭ ئوغلى مەسئۇد يالاۋاچ بۇخارادا مەخسۇس " پۇل مۇئامىلە مەھكىمىسى " نى تەسىس قىلىپ ، ھەر خىل مېتاللاردىن پۇل قويۇپ تارقاتقان . بۇ پۇللارغا ئەرەپچە ۋە خەنزۇچە يېزىق چۈشۈرۈلگەن . دېمەك ، چاغاتاي ئۆز ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقتا بىر مەزگىل تىنچ - خاتىرجەم ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن . بىراق ، چاغاتاي ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ، ھاراق - شاراپقا ناھايىتى بېرىلىپ كەتكەچكە ، 14 يىل تەختتە ئولتۇرۇپ 1241 - يىلى ۋاپات بولغان .
' o8 H" N9 M4 J& G
6 i- O" b6 Q" |8 O $ d- l/ `" U' _1 _" Z) L
4 t" r* W3 ^: f( bكۆكتۈرك خانلىقىنىڭ خاقانلىرى _& \7 X: u! L, D8 o$ r0 \8 v
8 [2 b! J$ E$ C" M0 T5 T كۆكتۈرك خانلىقى ---- تۈركلەرنىڭ " ئاشىنا " ئۇرۇقى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ ، شەرققە لياۋ خې دەرياسىدىن غەربتە كاسپىي دېڭىزىغىچە ، شىمالىدا بايقال كۆلىدىن جەنۇبتا سەددىچىنگىچە بولغان كەڭ تېرىتورىيەدە ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن . بۇ خانلىق مىلادىيە 3 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان جوڭگونىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمىدا داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك تارقاقچىلىق - بۆلۈنمىچىلىك ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىپ ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتكەن 10 مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك رايون گەۋدىسىنى ھاسىل قىلغان . بۇ دەۋردە شىمالىي ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى نۇرغۇن قەبىلە ۋە مىللەتلەر مەزكۇر خانلىق ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ ، ئىككىنچى قېتىملىق تۈركلىشىش دەۋرىگە ، شۇنداقلا يېڭىچە " كۆكتۈرك مەدىنىيىتى " دەۋرىگە قەدەم قويغان .
, k% Q9 I0 I2 l& a1 X p' Qخانلىق پارچىلىشتىن بۇرۇنقى خاقانلار :2 [5 ?" M5 i) X* R5 ^ }
& t }# q0 Z8 a U# E
1 . ئاشىنا تۈمەن
& v: D4 n5 i+ ]ئاشىنا تۈمەن كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ، 551 - يىلىدىن 552 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئايرىم مەنبەلەردە "بومىن قاغان" ، " ئىلىگ قاغان " ، " ئېل قاغان " ، " تۈمەن قاغان " دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان ." \, `, e& }" h h
# L$ j0 ?+ M2 [9 `9 P2 . قارا قاغان ! I6 p3 _9 g' ?8 }
قارا قاغان ئاشىنا تۈمەننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۆكتۈرك خانلىقى تەختكە چىققان ، 552 - يىلىدىن 553 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . قارا قاغان بەزى مەنبەلەردە " قالا " ، " ئەل ئىشىگ قاغان " دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان .
; u+ c' t* v) }
. \" j$ B& X1 K" \# ~( ]! R3 . ياندۇ ئېركىن 1 R; U: P: l9 o. E, U
ياندۇ ئېركىن ئاشىنا تۈمەننىڭ يەنە بىر ئوغلى . ئۇ ئاكىسى قارا قاغاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خاقانلىق تەختىگە چىققان ، 553 - يىلىدىن 572 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ تارىختا " مۇقان قاغان " دېگەن نام بىلەن ئاتالغان .
# E* j9 t8 ~, k2 [+ w, k9 ^9 C4 A; H6 T+ [6 ^0 G
4 . تابار قاغان 3 {3 z- b( |0 C- Q7 u
تابار قاغان ياندۇ ئېركىننىڭ ئىنىسى ، ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۆكتۈرك خانلىقى تەختىگە چىققان ، 572 - يىلىدىن 581 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئايرىم مەنبەلەردە " تاسپار قاغان " ، " تابا قاغان " ، " تابامى قاغان " دېگەندەك ناملار تىلغا ئېلىنغان .
U. @# m3 a, E6 X8 z7 e6 h: h: v0 j9 [- ^1 O$ Q
5 . ئىشبارا قاغان
/ t: M" k/ m$ c& T) Zئىشبارا قاغان ئاشىنا تۈمەننىڭ ئوغلى . ئۇ تارىختا " ئېل كۇلۇگ باغا ئىشبارا قاغان " ، " ئېل كۇلۇگ شاد باغا ئىشبارا قاغان " دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان .
- K' `) J) ?3 p2 G4 H9 v7 I* ~' s- M% A, [
! Q: z" N* D/ y3 v w
" `8 x* D+ [* S7 T9 |7 Q
چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسملىرى
# x9 P5 C" p% F2 n2 _* c' Z
9 G7 P1 m3 H W* m( t t چاغاتاي خانلىقى ---- ئالمالىق شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى ، يەتتەسۇ رايونى ، ماۋرائۈننەھر ، خۇراسان (ھازىرقى تۈركمەنىستاننىڭ جەنۇبى قىسمى) ، ئىراننىڭ شەرقى قىسمى ، ئافغانىستاننىڭ غەربى قىسمى ۋە جەنۇبى تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن چوڭ خانلىق . مەزكۇر خانلىق مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خاقانى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن ( 1225 - يىلى ) زېمىندا قۇرۇلغاچقا ، كېيىنكى چاغلاردا سۇيۇرغاللىقنىڭ ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن "چاغاتاي خانلىقى" دەپ ئاتالغان . بۇ خانلىق دەۋرى ( 1227 - 1570 ) دە ، مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىقىنىڭ غەربى يۇرتتىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئالاھېدە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى سەۋەبىدىن ، چاغاتاي دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈشكە باشلىغان ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن .- r: O* {9 k' w& k
تۆۋەندە بۇ خانلىق خاقانلىرى ئۈستىدە ئاز بولسىمۇ توختىلىپ ئۆتەيلى :% _9 o0 [) Q/ O! [8 f# ]$ `2 e
+ G% p9 M0 I. p* f3 F5 W/ \
1 . چاغاتاي . ( i$ ]) m5 D J3 t' b
چاغاتاي ---- "چاغاتاي خانلىقى" نىڭ ئاساسچىسى ، 1227 - يىلىدىن 1241 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .. y4 m8 a3 x* b9 X
- B( P7 H8 R$ w5 g2 .قارا ھېلاكۇ .
' c7 t6 t# W% |3 h8 \' S' }قارا ھېلاكۇ چاغاتاينىڭ نەۋرىسى ، يەنى چاغاتاينىڭ ئىككىنجى ئوغلى مامۇكەينىڭ كەنجى بالىسى . چاغاتاي ئۆلگەندىن كېيىن مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خانى ئوگداينىڭ قايتا تەكىتلىشى بىلەن 1241 - يىلىدىن 1246 - يىلىغىۋە تەختتە ئولتۇرغان .
4 t) I! S# i3 e8 m! e
% N8 Z- r, z, W* Y3 H, h3 . يېسۇمۆڭكۇ .! M) d; e/ L+ [. T2 C
يېسىمۆڭكۇ 1246 - يىلى كۆيۈكخان تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان . 1246 - يىلىدىن 1252 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .0 Y) ?( n, W9 f0 h* [9 }8 L
0 s; n/ O: j0 D0 J; ^! Z4 . قارا ھېلاكۇ
+ T m% W* [7 ?9 Hقارا ھېلاكۇ 1252 - يىلى مۆڭكۈخان تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاندانلىقىغا تەيىنلەنگەن .
6 {% ~! P/ |" U0 r; |; w2 p( S3 D% R6 B Y! [
5 . ئورفىنا
5 f1 V) s$ g/ A0 h- K: Aئورفىنا قارا ھېلاكۇنىڭ خانىشى . قارا ھېلاكۇ ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ مۆڭكۈلخاننىڭ تەيىنلىشى بىلەن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى بولغان .
+ i8 a& n) o. X5 L0 r8 J- l
, h1 s$ ]4 z: b0 d u6 . ئارغۇ % D' Z. e2 F) `* ^1 _
ئارغۇ ئارىخ بۆكەننىڭ قوللىشى بىلەن چاغاتاي تەختىگە چىققان . 1260 - يىلىدىن 1266 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
{: V4 B! l5 W7 D
4 g) i3 D; y( l4 Z# ?4 `7 . مۇبارەكشاھ 3 G: F2 ~ \' Q: s, d. W
مۇبارەكشاھ قارا ھېلاكۇنىڭ ئوغلى بولۇپ ، 1266 - يىلى قۇبلاينىڭ تەيىنلىشى بىلەن ئارغۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇ چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىغا كىرگەن خان .
5 B, r* f; @* [* @7 K" C; n9 y8 P$ A4 h o8 K
8 . بۇراق
f: Q/ f3 D! o5 t4 S; Hبۇراق 1266 - يىلىدىن 1270 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
; y5 s7 `6 y( g3 _! x( O& n& X5 ?" k! ]
9 . نىكباي 7 {8 w T9 Z/ q1 }+ u
نىكباي چاغاتاينىڭ نەۋرىسى ، يەنى سارباننىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ بۇراق ئۆلگەندىن كېيىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىققان . 1270 - يىلىدىن 1272 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .# G- _1 I, W8 [8 `& M
8 l! e) H5 l4 U
10 . دۇۋا # F! z* m9 m( P" Q. F4 I4 t/ `% J; e _) m
دۇۋا بۇراقنىڭ ئوغلى . ئۇ 1272 - يىلى قايدۇ تەرىپىدىن جانلىق تەختىگە چىقىرىلغان .
. I2 E6 h, [! M0 u5 ^+ y( p/ T: d6 s8 `8 w
11 . كۈنجۈك
0 \6 [; o) {$ s0 Zكۈنجۈك دۇۋانىڭ ئوغلى . ئۇ 1306 - يىلى ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .
' N8 b: c x3 B+ x! E, s8 ^( `: ~+ }
/ e4 H- A3 X4 R4 |! b) K12 . تالقۇ
/ g6 e9 ~" u/ P# r" T0 x( mتالقۇ 1308 - يىلى مۇتەئەسسىپ مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان .9 H, J" f2 }* U" m) s
( r7 i$ j1 _9 Q, n
13 . كەبەك
2 _, I4 ?" \8 G* ~% a, R! yكەبەك چاغاتاي ئوردىسىدىكى خانزادە - ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان .
, O- ~+ ^% G: p, w) [( ]# n9 q* V: [) q. t
14 . ئېسەن بۇقا " Z; V: H7 b! E/ p' U* a9 U* U, w$ ^
ئېسەن بۇقا تارىختا "ئېسەن بۇقا ئەۋۋەل " دېگەن نام بىلەن ئاتالغان .( g6 X; F/ X3 i. B; m* z
! S0 D' m" E' c* l t, \
15 . كەبەك
@/ Z3 f; u; v0 r& _7 d# s- E. Uكەبەك 1318 - يىلى ئاكىسى ئېسەن بۇقا ئەۋۋەلنىڭ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم تەختكە چىقىشى ئىدى .9 q( P6 ]# @" h& _
1 X! l* O) ]4 p( W( J9 y+ z2 O
16 . تارماشىرى
& i1 t: F% T) [1 [- {7 uتارماشىرى كەبەكنىڭ ئۈچىنچى ئىنىسى . ئۇ ئاكىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن چاغاتاي تەختىگە چىققان . 1326 - يىلىدىن 1334 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .9 @! o" O# S% |& n# V: y) m5 B! y
1 W" O4 o' S1 v3 c( e* c
17 . چىنگىش
0 @. @! {( t5 l1 \- Iچىنگىش تارماشىرىنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى ئەبۇگەننىڭ چوڭ ئوغلى .
. x+ v2 D7 |/ m: J/ g' N8 I) ^
. C8 q3 M/ b( B18 . يەسۇن تېمۇر% K/ Y% d6 H) O7 C# o. i5 A
, |, X+ b, [4 g3 {يەسۇن تېمۇر خېلى بۇرۇنلا ئاكىسى چىنگىشنىڭ جان بولىشىغا نارازى ئىدى . 1338 - يىلى ئۇ ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ خانلىق تەختىنى تارتىۋالغان ھەمدە ئاكىسىنى قوللىغان ئۆز ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى كېسىۋەتكەن . شۇندىن باشلاپ چاغاتاي خانلىقى چەك - چېكىدىن بۆلىنىشكە باشلاپ ، جايلاردىكى ئاقسۆڭەكلەر ئارقا - ئارقىدىن مۇستەقىللىق بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكە كىرىشكەن . لېكىن يەسۇن تېمۇرنىڭ تەختتە قانچىلىك ئولتۇرغانلىقى ۋە قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات يوق .
8 x# ~. n4 L' u$ e% ?. w1 C+ m; P0 L" ^* V N! H3 v
19 . ئېمىل خوجا / D! z# O* |& v" Q4 z/ g
ئېمىل خوجا (ئېل خوجا) تارماشىرىنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى . 1326 - يىلىدىن 1346 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
7 E- ?7 `9 u2 f* \5 |
5 d* F5 S. s, [3 `% ~' d20 . تۇغلۇق تېمۇر
+ s+ Z A. J& p. qتۇغلۇق تېمۇر ئېمىل جوجىنىڭ ئوغلى . 1348 - يىلىدىن 1363 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
" S1 [2 R6 |( U6 ~/ g
: v' x9 q$ T/ h( |3 ?21 . ئىلياس خوجا
& _8 V2 j! V: \. {& Z5 k6 oئىلياس خوجا تۇغلۇق تېمۇرنىڭ چوڭ ئوغلى . تۇغلۇق تېمۇر ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ماۋرائۇننەھر رايونىدىن ئالمالىق شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1363 - يىلىدىن 1365 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .$ K3 J: p* l( k$ k; p+ j: q
7 w, X. X! m! k+ D% Q22 . خىزىر جوجا 3 ]7 |+ Y% z7 c
خىزىر خوجا تۇغلۇق يېمۇرنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى .1387- يىلىدىن 1405 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
' D4 n' @( H Q, o$ ?
" V; M$ _! S7 L0 n* E5 Z9 o23 . شەمىئىي جاھان 7 g" ^ R C6 U4 A' Q' D
شەمىئىي جاھان خىزىر خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ 1405 - يىلى ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .
4 v8 p- d% f( U$ y% ~8 T; C, g, b3 k6 b
24 . مۇھەممەد {( U' g! W/ t3 \# \/ ?2 M3 q" u
مۇھەممەد شەمىئىي جاھاننىڭ ئىنىسى . 1408 - يىلى ئاكىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .
. T! H" c ` y. S1 v5 e9 [" r, k7 r! ]8 S
25 . شىر مۇھەممەد
, U. y+ }6 Z0 m( ]شىر مۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ ئوغلى . 1415 - يىلى مۇھەممەد ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .
/ L& T; K0 z6 R
! u1 k+ o2 M; P; q- Q/ X# O26 . نەقشى جاھان
3 q# T( u8 P/ r1 r, r* Xنەقشى جاھان شەمىئىي جاھاننىڭ ئوغلى . ئۇ خۇدايدادنىڭ يۆلىشى بىلەن شىر مۇھەممەدنىڭ تەختىگە چىققان .
( m4 c% Q& b" e2 R% S. ~4 d. L1 v6 o- }% z# Q- o3 n0 a
27 . ئۇۋەيس
; ^% T4 r& v) W9 V2 v8 Gئۇۋەيس 1418 - يىلى ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ ئوغلى شاھرۇھ مىرزىنىڭ سەركەردىسى شاھ نۇرىدىننىڭ ياردىمى بىلەن نەقشى جاھاننى ئۆلتۈرۈپ چاغاتاي خانلىقى تەختىگە چىققان .3 O A: ]# R2 {
; d6 A9 A5 c+ V# G* Y
28 . ئېسەن بۇقا - Z$ X4 b) ]7 R" T
ئېسەن بۇقا ئۇۋەيىسنىڭ كىچىك ئوغلى . 1429 - يىلى دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئەمىرى مەھمۇد شاھنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان .. J; q: O7 c2 v) ^7 V/ r" }
: x7 J0 f. w) S% E6 p |6 B8 s
29 . دوست مۇھەممەد ' J4 N8 o& U4 |% C5 g/ C# E$ `- d# e
دوست مۇھەممەد ئېسەن بۇقىنىڭ ئوغلى . ئېسەن بۇقا ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاقسۇدا ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1462 - يىلىدىن 1469 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
; S" G5 b& ?# a& [" ?7 Z. M, e& O0 W. w7 V: N! _) g+ J7 y/ U7 C$ B! D
30 . كېپەك سۇلتان
! J4 S) @' q9 lدوست مۇھەممەدنىڭ ئوغلى بولۇپ ، ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ، ئاتىسىنىڭ ئورنىشا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئاقسۇ ، تۇرپان ، قۇمۇل قاتارلىق جايلارنى باشقۇرغان . 1469 - يىلىدىن 1472 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
9 F& _3 M) x+ _
# g* `) P S' s- b31 . ئەھمەد
5 |* u" s, W5 M/ T, B6 Aئەھمەد يۇنۇسخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى . 1487 - يىلى يۇنۇسخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئۇ ئاقسۇدىن قۇمۇلغىچە بولغان جايلارنى باشقۇرغان ھەمدە ئۆزىنى موغۇلىستان خانلىقىنىڭ قانۇنىي سۇلتانى دەپ ئاتىغان .( I* _0 `% ?4 _
( a. P- l* A+ O7 V32 . مەنسۇر
7 u! y, T+ H7 \! ?1 Z1 \مەنسۇر ئەھمەدنىڭ ئوغلى . ئەھمەد ئاكىسىغا ياردەملىشىپ شەيبانىخانغا قارشى قوشۇن تارقان 1502 - يىلى ئۇنى ئۆز ئورنىغا ۋاقىتلىق "خان" قىلىپ تەيىنلىگەن .
0 f$ W3 T- y0 `. v. k, g
( w. u) m2 E( K! x I8 R33 . شاھ سۇلتان . ~! ?( _% \4 L7 F$ z5 r
شاھ سۇلتان مەنسۇرنىڭ چوڭ ئوغلى . 1543 - يىلىدىن 1565 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
5 | j& t1 v( l. f& v. Z5 n1 [( `" Y$ ]# ?
34 . سۇلتان مەسئۇد : V# z6 K8 [/ t' O
سۇلتان مەسئۇد شاھ سۇلتان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئاكا - ئىنىلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان . 1565 - يىلىدىن 1570 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
; g( j- X: k" H) A& ?8 |7 Y
( Q* Y7 U- }' A) ?/ e, |/ o
7 b7 e1 e. p, ]- O$ J+ n/ x1 Bيەكەن خانلىقىنىڭ خاقانلىرى : T' f7 T1 x* h4 _; ~
يەكەن خانلىقى 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇيغۇرلاشقان چاغاتاي ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان . بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەر گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇن دەۋر ئىدى .
0 G+ s. }4 |3 c' K/ U4 Z- H. Y2 D7 } w6 c5 s" u* S
1 . سۇلتان سەئىدخان ---- يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ ، 1490 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان .
( a& k: a+ x/ E0 b4 D( d. C3 D' C8 m+ @* X( S" S9 Z; C( U3 { U
2 . سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ---- ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان - سەرگاندانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 - يىلدىن 1559 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .
5 m! P+ i+ E5 C0 w. o, y3 t/ z9 I/ M' g& }- k9 Y; r' R
3 . ئابدۇلكەرىمخان ----ئابدۇلكەرىمخان سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى . ئۇ يەكەن خانلىقى تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن خاقان . 1559- يىلىدىن 1591 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .0 L" e! h! e3 ~6 z" Z. Q
0 v$ h) u. i$ g9 x
4 . مۇھەممەدخان ---- ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئىنىسى . 1591 - يىلىدىن 1609 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .! g* a9 k( r2 Z0 e
) z+ x3 M/ W7 g7 n/ v5 . ئەھمەدخان ----- ئەھمەدخان ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئوغلى . 1609 - يىلىدىن 1618 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .; _7 N; k4 c1 n6 Y8 q# ]
7 _% m6 q& g2 r5 e, a4 a. }) Y; n6 . ئابدۇللەتىپخان ---- ئەھمەدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى . 1618 - يىلىدىن 1630 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .2 l$ b5 @& G" y. T( w
9 n6 i7 \ C; M8 d2 _- ]4 Q# W7 . سۇلتان ئەھمەدخان ---- سۇلتان ئەھمەدخان بولسا ئەھمەدخاننىڭ نەۋرىسى . تۆمۈر سۇلتاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئابدۇللەتىپخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، يەكەندىكى ۋەزىرلەر ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خاقانلىق تەختىگە چىققان .' a! ^) X" m2 ]1 t- k
* ?" O* @0 z: {6 n8 . ئابدۇللاخان ----- ئابدۇللاخان سۇلتان ئابدىرەشىدخاننىڭ نەۋرىسى . ئابدۇرەھىمنىڭ ئوغلى . O/ ^7 [* j% k9 u% @2 `
# P5 Z+ {5 d0 o3 z! S# R9 . سۇلتان مەھمۇدخان ---- سۇلتان مەھمۇدخان سۇلتان ئەھمەتجاننىڭ ئىنىسى .% y" u' V, k' T: ^
$ T6 v2 V$ ], w8 l# j2 ?10 . يولۋاسخان ------ يولۋاسخان ئاق تاغلىق خوجىلار ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن مىلادىيە 1667 - يىلى يەكەن خانلىقى تەختكە چىققان .
Q" y) F$ ^/ e4 V e3 @( R* V
9 X ^1 B7 C& H3 a9 r1 i5 A11 . ئابدۇللەتىپخان ---- ئابدۇللەتىپخان يولۋاسخاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، 1670 - يىلى خاقانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقىرىلغان .
7 K3 ^! b2 S) a! i4 W8 q* B
' Y3 u4 o+ B( n12 . ئىسمائىلخان ---- ئىسمائىلخان 1670 - يىلى قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا يەكەن تەختىگە چىققان .
. a+ s) l' \7 U$ f: k. M3 O& s+ V5 Q' `$ ^9 j5 R% d: A2 E
- [9 H2 @3 ~# l( R
باتۇر تەڭرىقۇت ھەققىدە رىۋايەت" d0 O' b4 e. L# S
: s5 M' l1 r8 }: ~ Z( F4 g1 S1 D ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى سىما چىيەن ئۆزىنىڭ "تارىخنامە" ناملىق كىتاۋىدا شەرق ئەدىبىيات تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنىڭ بىرى بولغان "باتۇر تەڭرىقۇت (مودۇن چەنيۈ ) توغرىسىدىكى رىۋايەت " نى قىسىقىچە خاتىرلەپ قالدۇرغان .
! n. w, p/ q+ a* k8 X1 \( H* | "تارىخنامە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ماتىرىياللاردىن مەلۇم بولىشىچە ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىرلەردە ھونلار قۇدرەتلىك بىر دۆلەت قۇرغان بولۇپ ، ئۇنىڭغا تۈمەن تەڭرىقۇت ئىسىملىك بىر كىشى پادىشا ئىكەن .تۈمەن تەڭرىقۇت ئۆزىنىڭ چوڭ خوتۇنىدىن بولغان ئوغلى باتۇرنى ئۆزىگە ۋەلى ئەھدى (تەخت مىراسخورى) قىلىپ تەيىنلەيدۇ . بىراق ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي تۈمەن تەڭرىقۇت بۇ قارارنى بىكار قىلىپ تاشلاپ ، كىچىك خوتۇنىدىن بولغان ئوغلىنى ۋەلى ئەھدىلىككە تەيىنلىمەكچى بولىدۇ ؛ بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن چوڭ ئوغلى باتۇرنى ھازىرقى گەنسۇ ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇلۇغ ياۋچىلار ئېلىگە بارىمتا قىلىدۇ . چۈنكى ، قەدىمقى زامانلاردا ئەھدىنامە تۈزۈشكەن ئىككى دۆلەت بىرلىككە كەلگەن شەرتلىرىنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن ئۆز شاھزادىلىرىدىن بىرسىنى خوشنا دۆلەتكە بارىمتا ھېساۋىدا تاپشۇرۇپ بېرىشەتتى ، تۈمەن تەڭرىقۇت باتۇرنى ياۋچىلار ئېلىگە بارىمتا سۈپىتىدە يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ، كىچىك خوتۇنىدىن بولغان ئوغلىنى ۋەلى ئەھدى قىلىپ بېكىتىدۇ . بۇ ئىش باتۇرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ . سىما چىيەننىڭ "تارىخنامە" سىدە يېزىلغان بايانلارغا قارىغاندا ، ئۇ دەۋرلەردىكى بارىمتا قىلىنغان شاھزادىلەرنىڭ ھاياتى ھەمىشە دېگۈدەك خەۋپكە دۇچ كېلىپ تۇرىدىكەن . چۈنكى ، تولا چاغلاردا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ئەھدىنامە بۇزۇلغان ھامان ، بۇ بالىلارنىڭ كاللىسى ئېلىنىدىكەن . بۇ ئەھۋاللارنى ئېنىق چۈشەنگەن باتۇر سەگەكلىك بىلەن ئەھۋالنى كۈزىتىپ ، پەيتنى تېپىپ قېچىپ كېتىشكە تەييارلىنىپ تۇرىدۇ . ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ ، ھونلار بىلەن ئۇلۇغ ياۋچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئەھدىنامە بۇزۇلۇپ ، ئۇرۇش ۋەھىمىسى قاپلايدۇ . بۇنى سەزگەن باتۇر ئۇلۇغ ياۋچىلار نىڭ خاقانى مىنىدىغان يۈگۈرۈك ئاتقا مىنىپ قېچىپ كېتىدۇ . ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئۇلۇغ ياۋچىلار ئادەم تەشكىللەپ قوغلىغان بولسىمۇ ، باتۇرغا يېتىشەلمەيدۇ .) Z$ \3 S* B0 U/ q% I# j
باتۇر ھازىرقى گەنسۇنىڭ جاڭيىي دېگەن يېرىدىن قېچىپ ،نىڭشىئادىكى تەڭرى قۇملىغىنى بېسىپ ئۆتۈپ شەرققە قاراپ يول سالىدۇ . ئاخىرى ھونلارنىڭ لۈۋبالىق دېگەن پايتەختىگە (ھازىرقى كۆكخوت ئەتراپىغا) سالامەت يېتىپ كېلىدۇ .
( c; T4 ], c6 r. @/ c' k ئۆز پەرزىنتى باتۇرنىڭ زېرەك ، قەھرىمان ،قەيسەرلىكىنى كۆرگەن تۈمەن تەڭرىقۇت ئۇنىڭغا قايىل بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھون ئاتلىق لەشكەرلىرىنى تەربىيلەش ئىشىنى باتۇرغا تاپشۇرىدۇ . بۇ خىل ئەۋزەل شارائىتقا ئېرىشكەن باتۇر پۈتۈن زېھنىنى ئىشقا سېلىپ ، ئاۋازلىق ئوقيانى ئىجاد قىلىدۇ . ئۆزى تەربىيلەۋاتقان ھون لەشكەرلىرىنى : "مەن مۇشۇ ئاۋازلىق ئوقيانى نىمىگە قارىتىپ ئاتسام ، سىلەرمۇ شەرتسىز شۇ نەرسىنى نىشانلاپ ئېتىڭلار ! ئەگەر بۇنىڭغا خىلاپلاق قىلىدىكەنسىلەر ، ھەممىڭلارنىڭ كاللىسىنى ئالىمەن : دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ . a, |2 ~! F& q0 [4 A" _" l4 _4 g
مەلۇم بىر كۈنى باتۇر ئاۋازلىق ئوقياسىنى ئۆزى مىنىدىغان ئاتقا قارىتىپ ئاتىدۇ ، ھون ئاتلىق لەشكەرلىرىنىڭ بۇ ياخشى ئاتنى ئېتىشقا كۆزى قىيماي تەمتىرەپ تۇرۇپ قىلىشىدۇ . باتۇر تەڭرىقۇت دەرھال بۇيرۇقنى ئورۇنلاشقا سۇسلىق قىلغان ھون ئاتلىقلىرىنىڭ بېشىنى ئالىدۇ . ئۇ يەنە يېنىدىكىلەرنى قاتتىق ئەگاھلاندۇرۇپ : "بۇنىڭدىن كېيىن كېمدە - كىم مەن ئاۋازلىق ئوقيا بىلەن نىشانلاپ ئاتقان نەرسىنى دەرھال ئاتمايدىكەن ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى ھازىر بېشى ئېلىنغانلارنىڭ تەقدىرىگە ئوخشاش بولىدۇ " دەيدۇ .' @9 m# @" d' ?' x% n
ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي ، باتۇر ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خوتۇنىنى نىشانلاپ ئاۋازلىق ئوقيانى ئاتىدۇ ، بۇ قېتىممۇ ھون ئاتلىق لەشكەرلىرى باتۇرغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭلا ئوقيا ئېيىشقا جۈر ئەت قىلالمايدۇ ، نەتىجىدە ھەممىسىنىڭ بېشى كېسىلىدۇ . ئىككى قېتىملىق قانلىق ۋەقەدىن كېيىن ساۋاق ئالغان ھون ئاتلىق كەشكەرلىرى ئاخىرى باتۇرنىڭ بۇيرىقىغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىدىغان ھالەتكە كېلىدۇ .
4 n" W0 Q5 F2 z كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھون پادىشاسى تۈمەن تەڭرىقۇت كىچىك خوتۇنىنى ، ئوغلىنى ۋە ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئوردا ئەمەلدارلىرىنى ئېلىپ ئوۋغا چىقىدۇ . باتۇر بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ، ئاتىسىنى ، ئۆگەي ئانىسىنى ، ئۆگەي ئىنىسىنى ۋە ئۆزىگە ياقمايدىغان ئوردا بەگلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ . بۇ قېتىم باتۇرنىڭ ئاۋازلىق ئوقياسى نىمىگە قارىتىلىپ ئېتىلغان بولسا ، ھون ئاتلىق لەشكەرلىرىمۇ چاقماق تېزكىگىدە شۇ نەرسىگە قارىتىپ ئوقلارنى ياغدۇرىدۇ . شىنداق قىلىپ باتۇر ئۆز مەقسىتىگە يېتىپ ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 210 -يىلى ھونلارنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرىدۇ ۋە ئۆز نامىنى باتۇر تەڭرىقۇت دەپ ئاتايدۇ .
) y6 C. o+ \+ z8 n; T) J# v5 f باتۇر تەڭرىقۇت توغرىسىدىكى رىۋايەتتە ھون ئاقسۆڭەكلىرى ئوتتۇرسىدىكى خاقانلىق تالىشىش ئۇرۇشنىڭ كەسكىنلىكى ، رەھىمسىزلىكى ، دەھشەتلىك تۈس ئالغانلىقى ۋە باتۇرنىڭ ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن دادىسى تۈمۈن تەڭرىقۇت قاتارلىق تۇققانلىرىنى ھالاك قىلغانلىقى ،،،، قاتارلىقلار ھېكايە قىلىنسىمۇ ، مۇھىمى ، ئۇنىڭدا يەنە باتۇرنىڭ پەم - پاراسەتلىكى ، باتۇرلىقى ۋە پولاتتەك ھەربىي تۈزۈم ئورنىتىشتىكى قاتتىق قوللىقى ،،، ئۆزىگە خاس بىر ئۇسۇل بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن .
! b9 E3 {7 x3 k& ]1 l, L
0 ?4 d# h& H# n% T/ u, i. e6 H! p1 U1 R! o F( Q' K
مەنبە : ۋارىسلار تورىدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار
ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
|
| |
|