|
گېتلىرنىڭ نۇتىقى
' d2 G% ]0 S& W9 c" @
) M' w: \7 N5 l# oبۈگۈن بىز بۇ يەردە، گېرمانىيىلىكلەرنىڭ زىمىنىدا ــ بېرلىندا تۇرۇپتىمىز! ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساپ قانلىرى ۋە غورۇرى بىلەن سۇغۇرۇلغان زىمىندا تۇرۇپتىمىز!
, e0 ^6 d, s/ k5 x3 R3 |7 l: F كۆز ئالدىمدا بىر مىللەت ـــ ھاقارەت ئىچىدە ئىڭراۋاتقان بىر مىللەت تۇرۇپتۇ! ئاشۇ ئۇرۇشتىن كېيىن بىزنىڭ بۇ مىللىتىمىزنىڭ مەغرۇرلىقى يوقالدى! ئاشۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر ھازىر بىزنىڭ شىللىمىزدە زورلۇق قىلماقتا. بىزنىڭ غورۇرىمىزنى دەپسەندە قەلماقتا، ياۋروپا قۇرۇقلىقىدىكى ئەڭ ئېسىل بىر مىللەتنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلماقتا! ماڭا ئېيتىڭلارچۇ، سىلەر بېنيامىن، مارتىندەك بىر ھۆرلۈك جەڭچىسى بولماقچىمۇ ياكى قۇل بولماقچىمۇ؟! سىلەر بەلكىم:
, Z% t0 b8 T1 V+ I" W”گىتلېر ئەپەندىم!
2 w$ q6 A W6 f& U) M5 m; V, {; G7 K( Hماڭا بىر كىشىلىك خىزمەت، قۇرساق تويغۇدەك بولكا بولسىلا بولدى“دېيىشىڭلار مۈمكىن. شۇنداق، سىلەرنىڭ دېگىنىڭلارمۇ توغرا، ھايات ھەقىقەتەنمۇ قىممەتلىك. بىراق سىلەرگە شۇنى دەپ قويايكى، بۇ دۇنيادا ھاياتتىنمۇ قىممەتلىك بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ ھۆرلۈك! ئۇ بولسىمۇ غورۇر! # m0 Z5 i( Q4 L! Z1 o! {6 ?
ئارزاس ۋە لوررېين كۆكلىرىدە فرانسىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى لەپىلدەپلا تۇرىدىكەن، بىزنىڭ غورۇرىمىز دىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ! ئاشۇ فرانسىيىلىكلەر، ئەنگىلىيىلىكلەر ۋەتىنىمىزنىڭ زىمىنىدا داۋاملىق زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىدىكەن، بىزدىكى غورۇردىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ! ياۋروپا خەرىتىسىدە گېرمانىيە ئىسىملىك بۇ دۆلەت پارچىلىنىپ، مۇشۇنداق شۈمشىيىپلا تۇرىدىكەن بىزدىكى غورۇردىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ!
! M& H( k7 n. Z4 B بىزگە كېرەكلىكى بىر پارچە بولكا بولماستىن بەلكى بىر ماكان، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدلىقى ئۈچۈن ياشايدىغان ماكان كېرەك! بۇ ماكانغا بىز يالۋۇرۇپ ياكى نارازىلىق بىلدۈرۈپ يۈرۈپ ئەمەس ئەكسىچە قورال ۋە قان تۆكۆۈشكە تايىنىپ ئېرىشىمىز!, D: A; o, l4 O* k( S% q7 T5 _
باشقىلار بىزنى بۆزەك قىلسا، ھەتتاكى ئەڭ ئاجىز مىللەتلەرمۇ كېلىپ بىزنى دەپسەندە قىلسا بىز غىڭشىپ:/ N8 w, | G# v2 Z+ A( \" w9 J
”بىز كۈچلۈك نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز!“ دەپلا يۈرسەك، بۇنداق ئادەملەرنى يۇمشاقباش دېسەك بولىدۇ! بۇنداق ئادەملەر پەسكەش ئادەملەردۇر! بىز زەمبىرەكلىرىمىزنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋازلىرى بىلەن دۈشمەنلەرنى غال - غال تىترىتىشىمىز، ئۇلارنىڭ غورۇرىنى يەنجىۋېتىشىمىز كېرەك، ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ پەقەت نارازىلىق بىلدۈرۈشنىلا بىلىدىغان ئاجىزلاردىن ئەمەسلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك!
) m+ Z1 x" m! w; x شۇنى ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەككى، پەقەت نارازىلىق بىلدۈرۈشنىلا بىلىدىغان دۆلەت ياكى نارازىلىق بىلدۈرۈشنىلا بىلىدىغان ھۆكۈمەت يۇمشاقباش دۆلەت ياكى ھۆكۈمەتتۇر! بىزنىڭ غورۇرىمىز، زىمىنىمىز، ياشاش ماكانىمىز دەپسەندە قىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتىمۇ يەنىلا ئىزا تارتماستىن «نارازىلىق بىلدرۈپ» يۈرگەن ھۆكۈمەت بىزگە كېرەك ئەمەس! سىلەر ھامان بىر كۈنى ئۇلارنى تاشلىۋېتىسىلەر! شۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىمەنكى، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا، بۇنداق يۇمشاقباشلار يوق دېيەرلىك! مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇۋاتقانلار مىڭ يىللاپ قان ئاققۇزغان بولسىمۇ تىز پۈكمىگەن بىر قوشۇن! ' F. Y2 u( H2 C/ b+ ~
بۇ قانلار ئىلگىرى بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تومۇرىدا ئاققان، ئۇلار تىز پۈكمىگەن! ھازىر بۇ قان بىزنىڭ تېنمىزدە قايناپ تاشماقتا! ئېيتىڭلارچۇ، سىلەر بۇ قاننىڭ مۇزلاپ قېلىشىنى خالامسىلەر؟!
4 s; e! m4 m% X كىشىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرالايدىغان ئىككى نەرسە بار، يەنى، ئورتاق غايە ۋە ئورتاق جىنايەت. بىزنىڭ گېرمانىيە بايرىقىغا نەقىشلەپ قويغان ئۇلۇغۋار غايىمىز بار، بىز بۇ غايىمىز ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىزنىمۇ ئايىمايمىز! بۈگۈنكى بېرلىندا ھېچقانداق نەرسە بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى قۇتقۇزالمايدۇ، پەقەتلا مۇشۇ غايىمىز بار! + R7 r9 J& X* r& p! l4 ~5 P3 [
ۋېرسال شەرتنامىسى بىز ئۈچۈن غايەت زور ھاقارەت ! بىزنىڭ بۇنداق شەرتنامىنى ئىجرالاشنى رەت قىلىش ئىرادىمىز ۋە ھەققىمىز بار! ئۆزەڭلارنىڭ ئويلىغىنىنى قىلىڭلار! خۇددى بىنيامېن. مارتىنغا ئوخشاش، قولۇڭلارغا قورال ئېلىپ، خۇددى ئۇنىڭ باشلاپ ماڭغان قېرىنداشلىرىدەك ھۆرلۈك بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، دۈشمەنگە باتۇرلارچە ئېتىلىڭلار! ئەگەر شۇنداق كۈرەشلەرنى قىلىشنى ئويلىغان بولساڭلار كۈرەشكە ئاتلىنىڭلار! شۇنداقتىلا بىز سىلەرنىڭ 70 مىليون قۇل ياكى تىز پۈكمەس ئارىئانلار ئىكەنلىكىڭلارنى كۆرىمىز! ( I8 Z7 t1 c% Z0 c
ناۋادا شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ، پېقىر ئادولف.ھىتلېر، ئۆزىمىزنىڭ يەنى گېرمانىيەنىڭ بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، خۇددىي بىنيامېن. مارتىندەك، سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭالىسام، جەڭدە ئۆلسەممۇ، جەننەتكە كۈلۈمسىرەپ كىرىپ كەتكەن بولاتتىم. ئۇ يەردە مەن گېرمانىيەنىڭ سەلتەنەتلىك ئەجدادلىرى بىلەن كۆرۈشەتتىم، بېشىمنى تىك تۇتۇپ بۈيۈك ئىمپراتور فرېدېرىكنىڭ ئالدىغا بېرىپ، مەغرۇر ھالدا ئۇنىڭغا:) Q2 j q! g) B
”سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ سېنىڭ يۈزۈڭنى تۆكمىدى، مەن ئۇلۇغ گېرمانىيە ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمنىمۇ ئايىمىدىم، بىز قۇللۇققا قارشى كۈرەش قىلدۇق! بىز ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! بىز ماشىنا ياكى ھايۋان ئەمەس، بىز ئادەم! ئەزەلدىن قەددىمىزنى پۈكمىگەن ئارىئانلار! بىز ھۆرلۈك ئۈچۈن ئۇيۇشتۇق! يېڭى، ئادالەتلىك بىر دۇنيا ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! بىزنى قۇل قىلماقچى بولغانلارنى گېرمانىيە تۇپرىقىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! غورۇرىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! كۈنبويى نارازىلىق بىلدۈرۈپلا يۈرمەسلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! بىز ئۆز لەۋزىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! بىز بۇ دۆلىتىمىز ئۈچۈن جەڭ قىلدۇق! بىز ئارىئانلار، ئەجدادلىرىمىزنىڭ شەرىپى ئۈچۈن، ئەۋلادلىرىمىزغا مەغرۇر ھالدا: بىز ئەزەلدىن تىز پۈكمىگەن ئارىئانلار دېيەلىشىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق! “ دېگەن بولاتتىم.
& N, U8 x( p* x2 {9 \- q قېرىنداشلىرىم! گېرمانىيە شۇنداقلا گېرمانىيە خەلقى ياشىسۇن! ئەركىنلىك - ھۆرلۈك ياشىسۇن!
" ]8 q) y! i* k, G0 G9 ~; n$ r+ X9 K2 C) Q
6 `' y; l; }0 j, d& `5 i @1 `
& f) B7 U3 L. Z" E% @. pئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى
$ h( v' l3 ?8 o4 |/ D7 \
( L9 x2 d8 N- ~ - r$ A$ A1 @, p7 x& ?( y6 `) m( U
8 q& g, N; S: R' h' |" X% y
«تېنچلىق ئۇسۇلى بىلەن قولغا كەلتۈرۈشكە بولمايدىغان نەرسىلەر مۇشت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىلىدۇ»
- \# |1 W" ?/ p9 V% A! G! B(ھىتلىرنىڭ «مىنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابىدىن)
. ]! q0 y- Y0 _. @) r0 R* d v3 k. s& v; ^- o1 Y1 @- Q% }: W
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باش جىنايەتچىسى، گېرمانىيە فاشىستلىرى ئېلىپ بارغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ باشچىسى، قانخور جاللات گىتلېر ھەممىمىزگە تونۇش بولغان شەخس.
+ T9 X/ D" B; Jمانا بۈگۈن ئۇ يازغان «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ئۈستىدە ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىپ باقايلى.
* W* X. Z% Q& s# j7 I7 G" v1 ^0 U, D7 z) I3 C( \
يېقىندا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب» ناملىق كىتابنى ئوقۇپ چىقتىم. بۇ 100 كىتاب ئىچىدە ئوقۇغان كىتابىم ئارانلا 9 كىتاب بوپتۇ. بۇ توققۇز كىتاب ئىچىدە ماڭا ئەڭ تونۇشلۇقى يەنىلا ھىتلېرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ئىكەن. ئۆزۈم گىتلېرنىڭ ھاياتىي پائالىيىتىگە ۋە ئەينى چاغدىكى يەھۇدىيلارنىڭ قىرىلىشىغا سەۋەب بولغان ناتسىستلار پارتىيىسىگە ئائىت مەزمۇنلارغا قىزىققاچقىمۇ، گىتلېرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ماڭا ئەڭ تونۇش بولغان كىتابلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
$ g6 Z7 L7 `) ?7 K
: i/ M |: H$ sبۇ كىتاب بىلەن تونۇشۇشتىن ئاۋۋال بىزگە گىتلېر ياشىغان دەۋرنى چۈشىنىشىمىز بەكمۇ مۇھىمدەك قىلىدۇ.
6 W3 P. {: C% w7 x4 N7 Kگىتلېر بۇ كىتابنى قانداق تارىخىي شارائىتتا يېزىپ چىققان؟+ D# C3 |! W7 Y7 O
1924-يىلى گىتلېر ميۇنخېندا سوتلىنىپ بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ لەنسېرگدا تۈرمىگە قامالغان ھەم ئىككىنچى يىلى 12-ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ تۈرمىدە توققۇز ئاي ياتقان.
" y9 I; O+ [' p4 s) B' gمۇشۇ جەرياندا ئۇ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» نى يېزىشقا كىرىشكەن.! C% e1 J- } r2 R/ M9 o7 U
1924-يىلىدىن باشلاپ يېزىپ 1925-يىلى 1-تومىنى تاماملىغان. 2-تومىنى 1926-يىلى يېزىپ تاماملىغان., o* d. G s7 ]* |1 G/ w" q
بۇ كىتاب نەشردىن چىقىپ تاكى گىتلېر ھاكىمىيەتتە ھوقۇق تۇتقىچە بولغان ئارىلىققىچە سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ بارغان.
2 V7 w& m3 m6 a5 F1 T1933-يىلى 1 مىليون نۇسقا سېتىلغان،
* v, G" j# [+ Y. M1940-يىلىغا كەلگەندە بولسا 6 مىليون نۇسقىغا يەتكەن.( @& h& O& [0 o( c
7 u, |$ p- O: _ v, t: e# w
گىتلېر ئەينى چاغدا بۇ كىتابنىڭ ئىسمىنى «يالغانچىلىق، ئەخمەقلىق ۋە قورقۇنچلۇققا قارشى قىلىنغان تۆت يېرىم يىللىق كۈرەش» دەپ ئالغان.
$ J0 e6 ?) p# V3 Yلېكىن كىتاب سودىگىرى ماكس ئامان: «بۇنداق پالاكەت كىتاب ئىسمىنىڭ تىجارەت قىممىتى يوق» دەپ ياراتماي، گىتلېرغا كىتاب ئىسمىنى «مېنىڭ كۈرەشلىرىم»گە ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن كىتابنىڭ ئىسمى «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» بولۇپ قالغان.
. |2 q2 ?) M8 |$ N) ^
8 O3 h7 a- G1 C! Eساختىپەزلىككە، قۇتراتقۇلۇققا ئىگە بۇ كىتابتا گىتلېر 3-ئىمپېرىيىنىڭ لايىھىسىنى ۋە ھەركەت پروگراممىسىنى، بولۇپمۇ 1939-يىلىدىن 1945-يىلغىچە ئۆزىنىڭ غالىبىيەت دەۋرىدە بويسۇندۇرغان ياۋروپاغا مەجبۇرىي تاڭغان ۋەھشىيانە «يېڭى تەرتىپى»نىڭ لايىھىسىنى شۇنچىلىك تەپسىلىي تەسۋىرلەپ چىققانكى، ئۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارىلىقى كىشىنى شۈركەندۈرىدۇ.
, ]' K+ a1 s* j3 L; R% Fشۇڭا نۇرغۇن تارىخچىلار گىتلېرنىڭ ئەكسىيەتچىل ئىدىيىسىنى 20 ياشتىن ئاشقاندا ۋېنادا شەكىلللەنگەن دېيىشكەن.
! B# H5 }! W" L! H# W% h2 X24 يېشىدا ئاۋستىرىيەدىن گىرمانىيىگە بارغاندا، ئۇنىڭ قەلبى گېرمانىيە مىللەتچىلىكىگە بولغان ئەسەبىي قىزغىنلىق، ماركىسىزمغا، دىموكىراتىزمغا ۋە يەھۇدىيلارغا بولغان چوڭقۇر ئۆچمەنلىككە تولغانىدى.
8 g# E! O0 ^9 P( |, F
+ n1 S3 `, C2 F3 |! V+ h
# k- C; p# m; \& v) ?* G6 C«مېنىڭ كۈرەشلىرىم»نىڭ 1-تومىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى:( e! k+ {% q/ z* D
) `1 S+ K _5 O& j/ w
(1) «مېنىڭ ئائىلەم»،
3 b+ k4 A5 I' m/ o7 L7 ~(2) «ۋېنادىكى جاپالىق چاغلار»،8 \# V8 Z' d% K5 q+ u) j
(3) «ميۇنخېن»،
0 [; l9 R" O, H0 V/ L5 Q& T1 E(4) «دۇنيا ئۇرۇشى»،
6 p$ G' x5 ?( p3 Q( s' Q( n/ L(5) «ئۇرۇش تەشۋىقاتى»،
6 Z7 f- u& ] A* r(6) «ئىنقىلاب»،& T o# r; Y' [: x
(7) «سىياسىي ھاياتىمنىڭ باشلىنىشى»،
& W1 _2 l! e/ k7 S* U(8) «گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى»،2 J- D. X0 U8 B' [% H
(8) «ۋەيران بولۇشنىڭ سەۋەبى»،
' m& A) G6 ^: n6 L(9) «مىللەت ۋە خەلق»،
5 A9 e; w% |8 n) r9 r9 I(10) «مىللىي سوتسىيالىستك گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچى»8 L2 o" b7 J* ~ M f2 V
قاتارلىق 10 بابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان." h, g) L7 @/ v i8 a9 g8 Y* G
1 N6 A# J5 S" m/ g
& h5 k- F2 F( Q' j6 u! i«مېنىڭ كۈرەشلىرىم»نىڭ 2-تومىنىڭ مەزمۇنى:7 E; M$ K3 Q9 E/ A, v
/ j5 h6 o) n+ K(1) «مىللىي سوتسىيالىزم ھەركىتى»،- n3 F" ?' Z: h/ H: r: B4 |) H
(2) «دۇنيا قاراش ۋە سىياسىي پارتىيە»،
8 D" B* r' i2 v(3) «دۆلەت»،0 \; A5 ~+ R7 G! }
(4) «دۆلەت ۋە پۇقرا»،3 L c: O) U- A. y" h) ?: C
(5) «شەخس ۋە مىللەتنىڭ دۆلەت قارىشى»،
' Q1 c- _5 a1 _. y) h0 {. R(6) «دۇنيا قاراش ۋە تەشكىلات»،
3 b) r* v. F' g$ {9 L% N2 K(7) «دەسلەپكى چاغلاردىكى كۈرەش، نۇتۇقنىڭ مۇھىملىغى»،$ G- y1 C& m4 F) x9 ~# X: P
(8) «قىزىل فرونت بىلەن كۈرەش»،3 g+ n+ _: J7 |; G' i
(9) «كۈچلۈكلەرلا خوجايىنلىق قىلىشقا ئەڭ قادىردۇر»،
- P5 H K x6 J: P' m$ i(10) «ھۇجۇمغا ئۆتۈشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنى تەشكىللىگۈچىنىڭ تۈپ ئىدىيىسى»،
O9 {9 E/ i3 |8 S" Q(11) «چۈمپەردە قىلىنغان فېدېراتسيىزم»،
& a# l8 c" K. N! N4 P(12) «تەشۋىقات ۋە تەشكىلات»،
: U7 G1 p. O0 i2 Q(13) «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەسىلىسى»،
, W0 v2 Z/ G0 u6 f- q" Z" C2 B! R# W(14) «گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىتتىپاق تۈزۈش سىياسىتى»،
+ M$ n3 {4 |- m' O& x# o2 g(15) «شەرق فاڭجىنى ۋە شەرق سىياسىتى»،
$ G; a; _6 J3 D(16) «جىددىي مۇداپىئە كۆرۈش ھوقۇقى» 3 L- U l0 D0 Z: |6 y" j
قاتارلىق 16 بابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
& s$ z+ F# C4 ?4 }( z) c3 a
% W5 f; c- [8 o2 V) h' y1928-يىلى بۇ ئىككى توم كىتاب بىراقلا بىر كىتاب قىلىپ قايتا نەشر قىلىنغان.
. {" m+ d8 O4 d; nھازىر خەنزۇچىدىكى نۇسخىسى دەل مۇشۇ بىرلەشتۈرۈلگەن نۇسخىسىدىكى مەزمۇننى ئاساس قىلغان.6 w+ N# \7 Q) d9 r
بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى مەن كۆرۈپ باقمىدىم. توردىكى كەڭ تارىخ ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەم گىتلېرنىڭ تارىخىغا قىزىققۇچىلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ كىتاب مەزمۇنىنىڭ مۇھىم يەرلىرىنى تەرجىمە قىلدىم. بۇ بەك كەڭ ھەجىمدىكى يازما بولغاچقا، ۋاقتىمنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن تەھرىرلەشكە ئۈلگۈرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن كېيىنچە يوللاشنى لايىق تاپتىم.7 u% t* c8 E* L( W1 U! B
! Q- a5 H5 L' x+ t+ o
: E& }0 a6 y9 J% r7 q- X«مېنىڭ كۈرەشلىرىم»دىن ئارىيە:
, E/ L9 m7 ~* c" K6 y
5 x5 d# R4 C. b p3 b9 E★ «ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ قالايمىقانچىلىقتا پاتقان گېرمانىيەنى جاھاندا بۇرۇنقىدىنمۇ ئۇلۇغ ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈپ قالماي، بەلكى ئۇنى ئارىيان ئىرقىنى ئاساس قىلغان، ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيىنىڭ سىرتىدا ئولتۇراقلاشقان بارلىق نېمىسلارنى ئىچىگە ئالغان يېڭىچە دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش... بۇ دۆلەتتە فىئۇرېرنىڭ ئەتراپىدا مۇستەقىللىق ھوقۇقىنى تۇرغۇزۇش، فىئۇرېرنىڭ ئەتراپىدا يۇقۇرى بىلەن تۆۋەننى باغلاپ تۇرىدىغان ھاكىمۇتلەقلىق ھوقۇقىنى تۇرغۇزۇش ھەم رەھبەرلەرنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، كۈچلۈكلەرنىڭ مۇستەبىتلىكلىكى ھەممىدىن كۈچلۈك بولىدۇ...» دەپ يازىدۇ گىتلېر .
. x: s) I% `2 ^5 U6 c/ W8 R9 J$ g
★ «كۈچلۈكلەرنىڭ مۇستەبىتلىكى ھەممىدىن كۈچلۈك بولىدۇ»- گىتلېرنىڭ بۇ سۆزىنى ئەينى چاغدىكى گېرمانىيىنىڭ مۇتەپەككۈرلىرىدىن فىھىت ۋە گېگىل، ترېھك ۋە نىتسىي كۆپ قېتىم پەلسەپىۋىيلىككە ئىگە بولغان «نۇتۇق»لىرى بىلەن يۇقۇرى باھادا ئىسپاتلاپ چىققانىكەن. (خەنزۇچە توردا بار)' t2 O3 ~; N& h1 z
3 ~2 t+ N( t- |5 R6 Z6 |, L
★ «تەبىئەت بۇ تۇپراقنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىگەللىنىش ھوقۇقىنى ھېچقانداق مىللەت ياكى ئىرققا ساقلاپ بەرمەيدۇ ، ئەكسىچە ، بۇ تۇپراق ئۆزىنى ئىگىلىۋېلىشقا قۇدرىتى يەتكەن خەلق ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ»
7 u. Z) Z+ K$ y( f: D& u% W5 J
5 U& z& B6 S- p8 ~/ H9 o h: p% D$ b5 M★ «تېنچلىق ئۇسۇلى بىلەن قولغا كەلتۈرۈشكە بولمايدىغان نەرسىلەر مۇشت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىلىدۇ»8 C2 P) Z! A4 [! L. T
( A7 n/ {4 A x) \★ «ئىنسانىيەت مەڭگۈلۈك كۈرەشتە زورىيىدۇ. مەڭگۈلۈك تىنچلىقتا بولسا ھالاك بولىدۇ. ئومۇمەن ياشاشنى خالىغۇچىلارنىڭ كۈرەش قىلىشى شەرت. كۈرەش قىلىشنى خالىمايدىغانلار مەڭگۈلۈك كۈرەش بولۇپ تۇرىدىغان بۇ دۇنيادا ياشاشقا مۇناسىپ ئەمەس. بۇلار شەپقەتسىز بولغىنى بىلەن ئوبيېكتىپ رىئاللىق»; w" ~' y0 _; L" f' p
0 M* e6 \# o# k$ }0 f6 l4 N0 p★ «دۇنيانى قەھرىمانلار ياراتقان. داھىي ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىدىن تاشقىرى بولىدۇ».
) t. I7 Y1 Z: ^1 Q8 D" s) h/ a2 [% @% \! V4 e2 V0 O0 C& C3 R1 {) u
«مېنىڭ كۆرەشلىرىم»دىكى گىتلىرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى بايانلىرى! Q. B2 @2 \" R) v P" O0 [; w
A, P$ @( w9 V0 V/ a* [6 K
, l0 h* a- z6 D, H% F' Mبىرىنچى:/ g8 n1 B q! R a; B: V. b
«دىنىي خاھىش ۋە ئىرىقچىلىق»- گىتلىرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدىيىسىنىڭ ئاساسى.
7 R. q# r3 y' |" t6 N m% \% D+ f$ Z
9 c6 S- U) a9 j9 l ]( Jگىتلىر ۋىنادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندە، نۇرغۇن دىنىي كىتابلارنى ئوقۇغان.# E4 X7 v5 Q* R, P
ئۇ چىمبىرلىننىڭ: «ئىسا يەھۇدىي ئەمەس، يەھۇدىيلار ئىساغا ساتقىنلىق قىلغان يەھۇدىينىڭ پۇشتى، شۇڭلاشقا يەھۇدىيلار گۇناھكار مىللەت» دېگەن سەپسەتىگە ئىشىنەتتى.8 n) V* W7 ~: G- q0 E7 f# [
پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرىمۇ كۆپىنچە مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققان.7 V K4 m+ n4 A, H5 o Y3 L
3 ?% g. U( C$ u! W% Uگىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدىكى يەھۇدىيلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەم گىتلىرنىڭ يەھۇدىيلار ھەققىدە توختالغان مۇنۇ قۇرلىرىغا دىققەت قىلىڭ:8 O* g. z. @3 {% j, f$ I* b
# E$ A) G* H' K+ O) Z# |★ «بارلىق مەدىنىيەتلەر ئاق تەنلىكلەردىن باشلانغان»
/ i2 | F5 \2 m* W* U7 Q★ «ئارىيانلار بولسا ئاق تەنلىكلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل ئىرق»6 w+ d8 E) i" U1 g8 @- G
★ «يەھۇدىيلار باشتىن-ئاخىر باشقا مىللەتلەرنىڭ بەدىنىدىكى پارازىت قۇرۇتلار...ئۇلار زىيانلىق تاياقچە باكتىرىيىگە ئوخشاش كېڭەيمەكتە، ئۇلار قەيەردە بولسا، شۇ يەردىكى كىشىلەر ھامان بىر كۈنى نابۇت بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ‹جەزمەن يەر شارىدىن يوقىلىشى كېرەك›»
9 [- d1 u$ _, `+ f |( @5 n4 ]★ «نەچچە مىڭلىغان قىزلارنى يىرگىنىچلىك ئىچ مايماق يەھۇدىي شالغۇتلىرى ئازدۇرۇپ يۈرىدۇ»
5 Z _6 X; f s/ c★ «بارلىق ئورگانىك ھاياتلىقلارنىڭ ئەركىن رىقابىتىدە ئەلالىرى يېڭىپ، ناچارلىرى شاللىنىپ كېتىدۇ، ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر يەيدۇ، بۇ تەبىئەت پىرىنسىپى ۋە پولاتتەك قانۇنىيەت»
?" B0 q! B; O% {' y. e★ «يەھۇدىيلار پەس مىللەت»# Q: U8 [: q* A8 t8 x
* @$ ~+ } i1 i& d% i, v" _4 Y
دىمەك، گىتلىر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتابىدا سۈرلۈك تۈس ئالغان «ياشاش ماكانى نەزىرىيىسى» ۋە «ئىرقىي ئەۋزەللىك نەزىرىيىسى»نى زور كۈچ بىلەن تەرغىپ قىلىپ، «يەھۇدىيلارغا، دىموكىراتىيىگە ۋە ماركىسىزمغا بولغان قاتتىق ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. دەل مۇشۇ كىتابنىڭ ئىدىيىۋىي يېتەكچىلىكىدە، گىرمانىيە ئۇرۇشپەرەسلىك ۋە يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىش يولىغان ماڭغان.
4 Q2 s$ e# l6 @$ `8 C* E2 u9 S
9 m9 r f1 ^6 m2 l9 xئەمدى بۇ كىتابنى نېمە ئۈچۈن باشقىلار ئەكسىيەتچىل كىتاب دېيىشىدۇ؟
# ^' T/ j* ?0 M+ E ]8 Pمۇشۇنىڭ جاۋابىمۇ مېنىڭچە ناھايىتى ئاددىي .& J, x# o; p" G- q- J! R2 H
تارىخچىلارنىڭ سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا: «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتاب 1933-يىلىدىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر، ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىۋالغان.8 w4 \$ u7 @) c
بۇ كىتابنىڭ ھەر بىر خېتى 125 مىڭ ئادەمنىڭ؛4 i8 M7 D- F( s( O
ھەر بىر بابى 1 مىليون 200 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.
! z$ P1 R+ U# X8 T% o. T X- Nشۇڭلاشقا، گىتلىرنىڭ بۇ كىتابىنى «ئەكسىيەتچىل كىتاب» دەپ ئاتىشىدۇ.$ P8 B: ^* B c6 `- b2 m9 H R
2 O9 F( s7 r) O$ F
6 `2 c+ h' Z1 ]/ Q l( oئىككىنچى:; S1 D0 x2 r: x- g3 F
ماركىسىزمغا قارشى تۇرۇش-گىتلىرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىدىكى سىياسىي سەۋەب
* }( m* Z: V& k: G A7 P8 |/ p1 R& y' K1 Q' j
ماركىسىزمنىڭ سىنىپىي كۈرەش نەزەرىيىسى ئىرىقچىلىقنى تەلتۆكۈس ئىنكار قىلىدۇ.
: q& c# X: v1 K- `4 m7 E4 fشۇڭلاشقا گىتلىر ماركىسىزمنى «دەھشەتلىك بالايى-ئاپەت»دەپ قارايدۇ.
: x+ V) O0 i6 @' S1 z" t
\$ y' X2 x- @% o6 r$ Mگىتلىر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدا:6 U7 \1 k5 ^ N" ]! G2 m- D
1 |5 q8 S$ h' c0 m
★ «يەھۇدىيلار ماركىسىزم تەلىماتىدىن پايدىلىنىپ، ‹گىرمانىيىنىڭ روھىي دۇنياسىنى زەھەرلىمەكتە›؛ ئۇلار مىللەتنى سىنىپقا ئايرىۋەتتى، ماركىسىزملىق سىياسىي پارتىيىلەرنى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن سىنىپىي كۈرەش بىلەن شۇغۇللاندى، ‹مىللىي ئىگىلىككە بۇزغۇنچىلىق سالدى ھەم ھەمكارلىق ئۇيۇشمىلىرى، بىلىم ساھەلىرىنى كونترول قىلىپ، ئىنتېرناتسىئونالىزمنى، تىنچلىقپەرەسلىكنى، ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلدى› شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ‹ماركىسىزم تازىلانمىسا›، گېرمانىيە قايتىدىن باش كۆتۈرەلمەيدۇ» دەپ قارىغان.
7 i6 g/ i( m- v: B★ «يەھۇدىيلار كۈرىشىنىڭ ئاخىرقى نىشانى-ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيانى قۇل قىلىپلا قالماي، سىياسىي جەھەتتىمۇ دۇنيانى قۇل قىلىشتىن ئىبارەت. يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ماركىسىزملىق نەزەرىيىسىگە تايىنىپ دۇنيانى، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنى يەڭگەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ خان تاجى ئىنسانىيەت ھالاكىتىنىڭ كرېستى بولىدۇ»
/ Q$ y5 C* V* M3 O6 a+ j1 l" J8 h: q- G2 V* Q" m6 m, T) N
گىتلىر ئىككى نەرسىگە ئۆچ بولغان.* ^; C. c/ N+ o1 }* i! B& W
بىرى يەھۇدىي، يەنە بىرى، ماركىسىزم.- g2 }( y, m9 F" ]( z4 \2 \
ئەمىلىيەتتە بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ قالغان.
- i) y1 w6 m" i0 j" I# f) `ماركىسمۇ يەھۇدىي بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىنقىلابچىلىرىمۇ يەھۇدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرغاندا، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ رەھبەرلەر يەھۇدىي ئىدى. ئاشۇنداق خېلى نوپۇزلۇق ئورۇن ۋە كاتىۋاشلار ئىچىدە چوقۇم يەھۇدىي بار بولۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا، گىتلېر «ماركىسىزمنى يوقۇتۇشتىن ئاۋۋال يەھۇدىيلارنى يوقۇتۇش كېرەك! » دېگەن.
6 P+ a" I' s6 c7 F4 y6 X- Q
: q+ m: c( R' i/ y& A) f$ T1 R
: n% {. y& A( K( Tئۈچىنچى:$ p v# U9 ?( w' K" Y% ]- I
ئىگىلىكنى «ئارىيانلاشتۇرۇش» ۋە ھەربىيلەشتۈرۈش گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋەبى بولغان.
; f6 W! X* |/ H, {0 j4 N+ B1 m/ m: h
ئون توققۇزىنچى ئەسىردىن بۇيان، كاپىتالىستىك ئىگىلىكنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يەھۇدىي سودىگەرلىرى كاپىتالىزمنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدى.
6 } z* `) F* L5 i9 Oيەھۇدىيلار ياۋروپانىڭ ئاخبارات، داۋالاش، پۇل-مۇئامىلە، قانۇن ۋە مائارىپ ساھەسىنى دېگۈدەك مونوپۇل قىلىۋالغانىدى.
4 g, P+ R, }. _بۇنىڭ بىلەن شۇ ۋاقىتلاردا ناتسىست پارتىيىسىنى قوللايدىغان مونوپۇل بۇرژۇئازىيە يەھۇدىي سودىگەرلىرىگە ئىنتايىن نەپرەتلەنگەن، تۈرلۈك چارە-ئاماللار بىلەن ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىمەكچى بولغان. I; b2 V9 H, e& ]* W0 o
گىتلېر ئۆزىنىڭ تەختكە چىقىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان بۇ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ مەنپەئەتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، تەبىئىي ھالدا يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش سىياسەتلىرىنى قوللانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەھۇدىيلارنىڭ مال-مۈلكىنى زور دەرىجىدە تالان-تاراج قىلىپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا زومىگەر بولۇش ئۇرۇشى قىلىش قارا نىيىتى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئاساس سالماقچى بولغان.
1 g3 B! M1 T- ^- e( X$ o3 ?- R2 R$ y p2 ? v* m) ^; u& ~9 d d' V: M Y
گىتلېر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدا، يەھۇدىيلارنىڭ ‹گۇناھى›نى مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن:- i W x, y7 Q$ ~5 R8 u/ W' d$ _
% r q! ] `, o8 h& ~- Y$ A
★«يەھۇدىيلار خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كاپىتالىنى ئىگىلىۋالدى. ئۇلار - ‹قانخور يەھۇدىيلار› ۋە ‹سودا ئورۇنلىرىدىكى بۇلاڭچىلار› ، ‹يەھۇدىيلار گېرمان ئىمپېرىيىسىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلىشقا ئەڭ زور قۇتراتقۇلۇق قىلغۇچىلار. گېرمانىيىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى پەيدا قىلغۇچىلار - دەل دۇنيادىكى يەھۇدىيلار»
8 g6 |" {; a* L2 X' q u ^; u
' |6 X! z+ N3 ^2 E: Bيۇقۇرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، گىتلېر ئىقتىسادنى «ئارىيانلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى قوزغاپ، يەھۇدىيلارنىڭ مال-مۈلكىنى زور دەرىجىدە تالان-تاراج قىلغان.
7 H1 Z4 u. X# x$ Gگىرمانىيىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان روتسچلىد، ۋېينماس مالىيە گۇرۇھىنىڭ مال-مۈلكىمۇ تالان-تاراج قىلىنىشتىن ئىبارەت «ئارىيانلاشتۇرۇش»نىڭ تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.
2 ^" C2 T/ u3 x( `# Kپەقەت 1938-يىلى 11-ئايدىكى «خرۇستال كېچىسى»دە يەھۇدىيلار بىر مىليارد ماركتىن ئايرىلىپ قالغان.
; m3 {- \, i) Y' |; fبۇ 1938-يىللىق گېرمانىيە خام چوتىدىكى يىللىق مىللىي دارامەتنىڭ 82 دىن بىرىگە توغرا كەلگەن.
! t M+ D4 G1 [0 @) ^1 C, y
6 v- x6 H& H8 Bئۇنىڭدىن باشقا، گىتلېر گېرمانىيەنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك دۆلەتلەردىن ئىسپانىيە، ۋېنگىرىيە، ئاۋىسترىيە، پولشا ۋە رومىنىيە قاتارلىقلارنىمۇ كونترول قىلىش ئۈچۈن، ياۋروپا بىرلىككە كەلگەن يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش فرونتىنى قۇرۇپ چىققان.: \3 ]) f* b8 A
بۇ، گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ خەلقئارالىق سەۋەبى.! p# `1 Q3 f0 O* ~, W" M2 l
: C. o' f N$ ]2 r" G+ [; ]+ @, i) vگىتلىرنىڭ قارىشىچە:
# \/ H5 q& J$ i! k( m5 Aيەھۇدىيلار گېرمانلارنىڭ رىقابەتچىسى، ياۋروپاغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا زومىگەر بولۇش ئۈچۈن، يەھۇدىيلارنى تەلتۆكۈس يوقۇتۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن گىتلېر پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدىنىيىتى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ بىر مەيدان تىراگىدىيىسىگە رېژىسسورلۇق قىلغان.; _0 l6 H& ^8 y' b, i4 n2 m4 c! e
ھېتلىرنىڭ مەشھۇر سۆزلىرى( بىر قىسمى )
' i/ p: W" A+ e* Y. k
: K( A- D: p9 p: ]' z) N
3 ]( B3 Z2 M$ ]' Y* A★ بىزنىڭ كۆرىشىمىز پەقەت ئىككى خىللا ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن:# x! i; B2 {5 I* c! C9 Y5 \
دۈشمەنلەر بىزنىڭ جەسىدىمىزنى دەسسەپ ئۆتىدۇ،
: Z% _, \3 E# ]9 u' Pياكى بىز دۈشمەنلەرنىڭ جەسىدىنى دەسسەپ ئۆتىمىز." a+ F8 j' s# l3 A$ t* A- ]- ~6 e
★ بىز خوشال بۇلىشىمىز كېرەك، كەلگۈسى جەزمەن بىزنىڭ پۈتۈنلەي بىزنىڭ بولىدۇ.+ e }: Q& F. Q8 l6 `
★ گىرمانىيە ياشلىرى، گىرمانىيەنىڭ ئەتىسى سىلەرگە ئۈمىد باغلىدى.
2 W, x9 I& e9 d; l, E v$ [8 z★ ئەيسا پەيغەمبەر پۈتتۈرەلمىگەن ئىشنى مەن پۈتتۈرەي.7 x5 v- c* W8 S- J1 j/ D
★ ئۇلار خاتىرجەملىككى ئېرىشتى، ھامان بىر كۈنى بىزنىڭ سەۋر تاقىتىمىز توشىدۇ، شۇ چاغدا بىز ئاشۇ پەس يەھۇدىلارنىڭ ئېغىزىنى مەڭگۈ يۇمدۇرىمىز.
# U, z5 l( D g8 X6 q★ مەن ئىشەنمەيمەن، ئۇلار ئىلگىرى بىزنى توختىماستىن مەسخىرە قىلغان كىشىلەر، ئۇلار ھازىرمۇ بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ.
; E+ g* }$ v1 Q @★ سىلەر ماڭا ئەگىشىپ قاتتىق قەسەم بېرىڭلار:* F; P- w; _- o# u
بىزگە ئېھتىياجلىق بولغىنى تىنچلىق،; y0 j, \* ^( z( E6 h* B" j
بىزگە ئېھتىياجلىق بولغىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا پىداكارلىق كۆرسۈتۈش.
5 x2 a( U q8 I- C: I★ ئەگەر مىللىتىم بۇ مەيداندىكى سىناقتا مەغلۇپ بولسا، مەن ھەرگىز كۆز يېشى قىلمايمەن، ئۇلار ئۆزلىرى مۇشۇنداق ئاقىۋەتتى تاللىدى.
- L% ]6 c5 Y# t6 T% |. k★ ئىنسانىيەتتىن ھالقىغان ئىدىيە ئاددىي ئادەملەر بىلەن بىللە مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ.
) F9 |* _; d1 K0 K9 p& q9 }1 v★ پەقەت ئاشۇ غالجىر كىشىلەرلا ئاندىن بويسۇندۇرالايدۇ.& ^* |8 M8 U6 D; S1 s( B4 ]
★ مەن ماھىرلىق بىلەن يىتەكلەش ئارقىلىق ھەممىگە ئېرىشتىم.: G; @+ s$ u1 Z. |
★ خەلق خالىغىنىنى قىلالايدىغان ئايالىمغا ئوخشايدۇ.' S& j7 j" r/ R3 b' P
★ ئاياللارنىڭ ئەقلى پۈتۈنلەي پايدىسىز بولىدۇ./ |9 |5 f$ k9 Z" u/ n. w0 _7 Q
★ ھىچكىم بىزنىڭ شان-شەرىپىمىزنى تارتىۋالالمايدۇ، گىرمانىيە خەلقى ئۈچۈن، بىز 15-20 يىل ئۇرۇش قىلىشىمىز كېرەك.
6 |: u& l% F- s1 m7 O2 Z★ مەن 55 ياش ياكى 60 ياشتا ئۇرۇش قوزغاشقا رازى.+ C! @1 O7 _* }) f- i2 E9 }+ b
★ سىياسىنىڭ ئاخىرقى نىشانى- ئۇرۇش.% K3 J# j% V. |8 a# k( V* r8 X
★ بىز پەقەت قورالدىنلا پايدىلىنىپ تىنچلىقنى قوغدىيالايمىز.7 t+ e1 A N* R' G
★ دۇنيادا ئۇرۇش بولامدۇ-بولمامدۇ؟ ماڭا نىسبەتەن ھەممىسى ئوخشاش.
+ I# D8 a0 J0 O7 U( ~$ S9 k) y★ پەقەت گىرمانلارلا بولىدىكەن ئۇرۇش داۋاملىشىدۇ.
$ A4 v; `" A2 U0 M★ ئۇلۇغ يالغانچى شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇلۇغ سېھرىگەر ھېساپلىنىدۇ.
( ~) Y: P& T, ?★ مىنىڭ ئىرادەم ھەممىنى قارار قىلىدۇ.* D5 q' ^) E& h7 U
★ ئەگەر ئۇلار دۆلەتكە خائىنلىق قىلسا، ئۇلارنى پەقەت ئۆلۈم كۈتىۋاتىدۇ.1 Z& @' u/ L+ Z5 o9 i+ D4 \9 d0 C
★ مەن دۇنياغا كىشىلەردىن كۈچلۈك بۇلۇش ئۈچۈن كەلمىدىم، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ كەمچىلىكىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن كەلدىم., w, O, ]: s# G; e% [% w
★ مەن ھەمىشە كۆرەش قىلىشنى ئويلايمەن.
) G2 Z. {$ K, ~! T9 T+ o) E% k★ مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ.
( {( h1 [1 [8 M6 g) \★ تىنچ يول بىلەن ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە مۇشت ئىشلىتىپ ئېرىشەلەيسەن.
1 p0 Q3 \! } M8 J★ ئىنسانلار مەڭگۈ كۆرەش ئىچىدە قۇدرەت تاپىدۇ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئىچىدە گۇمران بولىدۇ.
( Y# A F: M: d% J. S* C★ روسىيەنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش كېرەك.
4 R. b) P o2 I) H; |; Y3 L2 t% p/ |& z
' G; \% q6 J) U7 A8 d3 x(بۇنى arkinlik. تەرجىمە قىلىپ «شەبنەم»گە يوللىغان)% j% h: e8 M# W9 b; g a
بەيدۇ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمە قىلغۇچى: arkinlik.3 n$ }* a; k5 W- k
http://tieba.baidu.com/f?kz=238844217
) ]& d- {, Z9 j/ t% }(تەرجىماندىن:
% U# p2 }$ r- F/ _" s8 Dدۇنيا جامائەتى، بولۇپمۇ ئىلغار غەرپ ئەللىرى ھەر قانچە ئېتىراپ قىلىشمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە غەرپ مىللەتچىلىكىنىڭ تىپىك ئۈلگىسىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن نېمىس تەۋەككۈلچىسى ئادولف ھىتلېر(گىتلېر)نىڭ «مىللەتچىلىك دىگەن نىمە؟» دىگەن مەسىلىنى چۆرىدەپ بايان قىلىپ چىققان كۆز قاراشلىرى بۈگۈنكى ياۋرۇپانىڭ يوشۇرۇن غۇرۇرى بولۇپ كىلىۋاتقانلىقى شۆبھىسىز.! ^5 L& a$ S" L! H4 ^' w* O8 D
خەلقىمىز تايىنى يوق گەپلەرنىمۇ مىللەتچىلىك دەپ قاراۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، غەرپ ئەللىرىنىڭ مىللەتچىلىك ھەققىدىكى بايانلىرىدىن خەۋەر تېپىپ قالسا دىگەن ئارزۇدا بۇ كىتاپنى تەرجىمە قىلىپ خەلقىمگە سۇنماقتىمەن.
1 [+ y+ B4 s# O5 ^0 ~' J7 ~7 lتەرجىمىدە خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تۈزىتىپ ئوقۇغايسىزلەر.
- a7 A R7 [; f" q3 f9 Z; T4 f ~0 h7 q2 I. y9 O
ئا. بوران 1997-2008 يىللار)
: K9 C( L E! F********************************* p& v+ h2 h6 B# Q& @
6 Z& _3 ~$ W) Y& S2 q
$ T- Z8 g7 T, L$ Q: c: W$ E( ]مېنىڭ كۆرەشلىرىم7 y+ Z6 k4 G* s# p* P: E" [9 I! I
/ g! {2 i0 A" U0 q* j
3 d( V. I0 o0 t; j4 cئادولوف ھىتلىر
- _. ?( N _. }- F- A
: O2 k) J" o& L# d7 q8 s0 q
6 S/ n/ W2 n6 p( M: y kمۇندەرىجە7 ?# B/ v& E& w0 W
# Q5 w% ^; x1 K; C+ L5 X) F1 j& T
كىرىش سۆز:
/ n, v: N' \. Q/ X9 Iتەقدىم2 z; l y) R$ D% Z. q0 k. s% M- |
1 i/ n8 N8 {; I# v/ V9 Z5 y$ Hبىرىنچى توم0 B0 ?( E, `/ S
- x3 q1 {( R0 O l5 }, `بىرىنچى باب:; \! b" S/ _$ h1 ~6 ?" v
تۇغۇلغان يۇرتۇم: S2 r9 }* ]' T& Q2 `
دەسلەپكى كۈزىتىشلىرىم
6 |8 R( K# q7 G) E$ Zئىنقىلاۋىي ھىسىياتلىرىم% \7 K7 k+ b; m
ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش
; m2 Z! a2 } v# ]
' M3 m. O- }0 s: H. z9 cئىككىنچى باب:
* f, X* Z& m8 }+ v: c: j7 ?/ Fۋىنادىكى جاپالىق ئۇقۇش يىللىرىم8 o7 t( g7 l1 x8 m
ماركىسىزىم
. F" s! D9 Y {+ r) l+ `نامىراتلىق
# d! e& H% @3 |سوتسىيال دېموكراتچىلار$ Z0 l1 x7 E; Q" o% w* V# h2 o- Z% i% ~
ئەركىن ئۇيۇشمىلار( h8 S1 a- B' z
سوتسىيال دېموكراتىيە/ Z, D" G+ T' f' Z" U2 u4 w: ^0 B; ^
يەھۇدىيلار
! n7 r- x# U: {سوتسىيال دېموكراتلار گېزىتى. \" ~" `% [* q8 U0 o' J
, Y6 ~8 l8 t- }, M! ]2 K
ئۈچىنچى باب:
% c" I& r+ z8 |ۋىيېنادا ئېرىشكەن سىياسىي قاراشلىرىم
5 I x& H4 Y$ j+ U( Y: \1848-يىل ئىنقىلاۋى
7 r8 C; [4 `0 ?6 Z' Tئاۋۇستىرىيە مونارخىيىسى
+ y4 x% K. K# R: \5 T& A9 {" u" }: Pمونارخىيە
, {* @" z$ n! a1 ]/ M" }خاندانلىقنىڭ قەلبى& d. u& O6 r/ Y0 c$ |$ C3 B9 u
% P# D# m6 s4 g' i4 c" J' t6 y `
تۆتىنچى باب:
' [' ~) P. w& K# i/ }9 _: @ميۇنخىندا# R- y& m1 E: _# O" Z
ئېقتىساد ھەممىنى ھەل قىلىدۇ دىيىش خاتا0 L j* S0 z; Y$ Z' R: J) F, c
5 }/ e( ?% E: d0 I# f
بەشىنچى باب:3 X6 b' J' k: ^3 R1 O" q5 q
دۇنيا ئۇرۇشىدا2 W9 c: ?) C$ ^6 l/ f) m, x
ئۇرۇشتىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس
3 Z# M. O' U- L5 R) j8 R, J& \" q# @! B- B8 x# P$ F0 f# r
ئالتىنچى باب:7 l. g* t1 r* m, m0 g9 n
ئۇرۇش تەشۋىقاتى
# G1 y+ L% Y, I- [* A9 @0 Y* w
' G# z6 H( v( U0 q, B ~( @يەتتىنچى باب:
* S& D. o' B, y! uئىنقىلاپ! d: h' D; g# s/ o. k- d9 U, V
خائىنلىق
) }6 x7 y' i$ O( B3 Z7 Aئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەر2 k' b& M- z" ]7 T
خائىنلىق ۋە يەنە خائىنلىق
9 i( O U u9 O' G4 q A" ~) U$ s; [5 u. s9 j; g' h
سەككىزىنچى باب:
0 F* j) g4 t* g f3 D; |دەسلەپكى سىياسىي پائالىيەتلىرىم C6 Y3 F. ?# B$ r5 `) {0 ^" ]
4 I1 ^) c1 {& Y4 i6 f6 C3 ~+ y
توققۇزىنچى باب:
( N3 H0 c7 g3 U. ^گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى4 c q# q8 u: m" V$ C. H# X
! N3 S% D: \$ a
ئونىنچى باب:
2 y' A- l- G% B- W7 {' L" {4 t) uكونا ئىمپىرىيىنىڭ يىمىرىلىش شەپىلىرى
- ^: n) i! k k% K. D5 o1 P) vدىنىي نىھلىزىم
$ _0 _- ]7 D+ r* T
. z8 [9 F. F8 s' V1 Mئون بىرىنچى باب:
; ~3 ^, g- c" r- N1 |' ^مىللەت ۋە ئىرق
7 ^2 J' v; e+ x. Y/ vساپ ئىرق1 O/ K0 Z7 i& S$ P- l$ u6 T
يەھۇدىيلارنى تونۇش
|, q: x. b& Q- d1 g$ J2 H4 K. a
% p% I& E2 B3 v! Kئون ئىككىنچى باب:
; |. G' P( J* ^1 s, i4 n7 i; T5 L% lمىللەتچى گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى
9 b. \- H5 v" e* gكۈچلىنىۋاتقان ھەرىكىتىمىز
8 }6 |# T L B/ bكاتتا يىغىلىش6 G1 w B6 O" Z8 t+ H! M
4 l: P4 e w' X8 H3 e4 X6 I
" H9 t- i: _4 u- mئىككىنچى توم
8 `4 c8 A5 s3 v6 }4 @ W& J$ t3 l1 b1 _* _" F( X8 @% L
بىرىنچى باب:
1 i' K' y5 B) qدۇنيا قاراش ۋە سىياسىي پارتىيە! Q: `. {; Q- N3 R( ?( u( r
بىر خاتا پەلسەپە سىستېمىسى0 v: x8 L& d: Q' q1 B
ئىرقچىلىق نەزىرىيىسى7 i6 l( R' Q7 i4 n
2 |: X9 @ H: @ئىككىنچى باب:
7 U% i r8 R9 r8 j. ~ uدۆلەت. I' {- l5 G' A P5 d
ساپ قانداشلىق
3 q0 B' m' e! Yياشلار ۋە غايىسى
, Q' W9 `7 u) T0 w8 `ئىرقچى دۆلەتتە پۇخرالار ۋە مەدەنىيەت
n) I' b$ o; d# Wمىللىي ئىنتىلىش كۈچى3 l) h( O9 ^2 D$ D; y1 j
$ C. i6 d3 m- @5 e8 y% l. Gئۈچىنچى باب:
' u. l0 ~- f2 z# E* t7 sپۇخرا ۋە ئۇنىڭ ۋەزىپىلىرى
/ F; ?7 w6 q6 S! ]& W1 ?
( g* _4 u; A* ^( i5 |$ }1 y& j6 K# s6 oتۆتىنچى باب:
( w- k9 l- x; k9 k E: Qغورۇر ۋە مىللىي دۆلەت چۈشەنچىسى
$ G9 o& v) M4 D0 h2 r; m
+ X0 E- k8 @1 Lبەشىنچى باب:7 M: X$ \3 ^) D0 G3 s
دۇنيا قاراش ۋە تەشكىلات
; |% E( |) p/ w) V2 B; @2 ^+ q, J
ئالتىنچى باب:$ h, v. Q7 n; L
دەسلەپتىكى كۈرەشلىرىم ۋە نوتۇقنىڭ رولى- e* w" l/ R- e9 r8 l1 X
خەلق يىغىلىشلىرى2 y9 D f7 b# f) u, q
7 p2 j5 P) g" y" |' ~- ?0 Y% {
يەتتىنچى باب:
" Y `5 e7 H2 [! m, J9 Zكوممۇنىستلار بىلەن ئېلىشىش
) R7 B# u& V6 ]) Y. l- ]0 R0 E' yدۈشمەن ھۇجۇملىرى
$ _# J7 {) \2 t3 w, Q$ J
: _5 ?0 s/ M. ~: k, N3 O1 u/ dسەككىزىنچى باب:+ F9 U9 B' n8 Q. s* M
كۈچلۈكلۈكنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەڭ كۈچلۈك
& }# I6 P: ]2 ~3 j q7 i' T! T H. T& F: e* `6 f/ t$ A
توققۇزىنچى باب:9 M; z6 c: L; Z! E% E w
ھۇجۇمچى ئەتىرەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەشكىل
% `: G! B! l: s0 M: { hيېڭى ھەرىكەت/ P& O- a. D* M3 `
ھۇجۇم ئەترەتلىرى (س.ئا)7 l/ S# c- H9 x
: B% F* Y( z: d8 d3 qئونىنچى باب:
. n4 v. o% ]7 V! c( sفېدىرالچىلىق بىر نىقاپ
+ W" `6 c u- P( {8 [ x, uفېدىرالچىلىق ۋە مەركەزچىلىك تۈزۈمى
+ ~& B) \ n, A2 Jئارمىيە
8 k# Y1 s4 d$ G1 i5 `
6 s* z6 ^5 |0 y8 Mئون بىرىنچى باب:
) j7 m& J2 I4 m3 A% bتەشۋىقات ۋە تەشكىلات1 a, k6 ?0 M2 U4 O' n
تەشۋىقات
0 o* V; c6 `3 Z+ E% u
& u3 X3 q" c2 K3 \* p% Wئون ئىككىنچى باب:% ?* ~* A. j" J, H" ~
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەسىلىلىرى7 q, D6 v1 a+ {* U$ r7 T
/ N" H7 o& W& ~/ l( T* _ئون ئۈچىنچى باب:
8 }+ r+ h, w6 y- |9 R' lدۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئىتتىپاقداشلىق سىياسىتى/ w0 J* ^0 b. A7 ?) U, P$ }
2 T4 O/ M, E' v+ @( }2 K. W- Kئون تۆتىنچى باب:
# l% P: O7 b( L \4 ]) V0 k' E4 Iشەرق سىياسىتىمىز% F2 q4 m) S* Q) A0 ~. Q: [
9 G1 S0 |3 \# _4 `! b( m! Fئون بەشىنچى باب:
- T1 t- M# P5 z' m" w1 A8 uجىددىي مۇداپىيىگە ئۆتۈش ھوقۇقىمىز
% H& o( u! s: L1 k# V! n/ v6 T N
خۇلاسە/ s# F3 M% A2 A% M; t7 I# y7 K
ھىتلېرنىڭ كېيىنكى ئەسەرلىرى: D! B' w3 i ~& \* l6 A4 h
ھىتلېرنىڭ سىياسىي ۋەسىيىتى
! L3 g$ y# F5 M2 c; G* j" uكىرىش سۆز# c* |& h' D4 n3 c+ r% L$ M
5 k; a8 ?- J0 s: h2 I- d" |. Z
1924-يىلىنىڭ 1-ئافرىلدا ميۇنخىن سوت مەھكىمىسى مېنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ تۈرمىگە قامىدى.; {8 _7 H' W" A+ l* }
تىنىم تاپماي كۈرەش قىلىش بىلەن ئۆتكەن بۇنچە ئۇزۇن يىلدىن كېيىن، چۈشەنچىلىرىمنى بىر كىتاپ ھالىتىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتىگە ئەنە شۇ شەكىلدە تۇنجى قېتىم ئېرىشكەن بولدۇم. ئەسلىدىنلا يېقىن سەبداشلىرىم بۇ تۈردە بىر ئەسەر يېزىشىم ئۈچۈن مېنى قىستاپ كەلمەكتە ئىدى. مەنمۇ تۈرمىدە ياتقان بۇ ۋاقتىمنى ئەنە شۇنداق بىر ئەسەر يېزىپ چىقىش ئۈچۈن تېپىلماس بىر پۇرسەت دەپ ھىس قىلماقتا ئىدىم. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئەسەرنى يېزىشقا كىرىشتىم. تۈرمىدە يېزىلغان بۇ ئىككى توملۇق ئەسىرىمدە ھەرىكىتىمىزنىڭ غايىسىنىلا ئەمەس، بۇ ھەرىكەتنى تەقەززار قىلىۋاتقان تۈپكى سەۋەپلەرنىمۇ تولۇق كۆرسىتىپ بېرىشكە، بۇ سەۋەپلەرنى خەلقى ئالەم ئالدىدا ئاشىكارلاشقا بەل باغلىدىم. بۇ تۈردىكى بىر ئەسەر، ساپ نەزەرىيىۋىي كىتاپقا قارىغاندا كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەت بېرىدۇ دەپ قارايمەن.; u ^2 W5 I) N" d; c
بۇ كىتاۋىم ۋاستىسى ئارقىلىق مەن ئۆز قابىلىيىتىمنى كىشىلەرگە تونۇتۇش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلەيدىكەنمەن. ئۆز قابىلىيىتىمنى ئىپادىلەش ئىشى كىتاپنىڭ چۈشۈنۈشلۈك بولىشى ئۈچۈنلا زۆرۈر بولۇپ قالماي، بەلكى يەھۇدىي مەتبۇئاتلىرىنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدە توقۇپ چىقىرىۋاتقان بوھتانلىرىغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈنمۇ زۆرۈر بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىدى.+ Y) N7 z- Z' v2 [+ U4 Y# R6 z. C; Y, G
شۇنى ئوچۇق ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايمەنكى، مەن بۇ كىتاۋىمدا ھەرگىزمۇ ھەرىكىتىمىزگە يات بولغان كىشىلەرگە مۇراجەت قىلىشنى مەقسەت قىلمىدىم. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىزگە چىن قەلبىدىن ئەقىدە قىلىپ سېپىمىزگە قوشۇلغان، ئەمما ئىدىيىۋىي چۈشەنچىلىرىمىز ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئالالماي يۈرگەن سەبداشلىرىمىزغا خىتاپ قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئەسەرنى يازدىم.
1 R! `( r* D6 X7 Y0 a7 `" P) uئادەتتە خلق ئاممىسىنى يېزىق شەكلىدىكى تەشۋىقاتلارغا قارىغاندا بىۋاستە سۆز بىلەن تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسان قايىل قىلىشقا بولىدىغانلىغىنىمۇ ھەرگىز ئۇنۇتمىدىم. يەنى، تارىختىكى ھەر قانداق بىر داغدۇغىلىق ھەرىكەتنى يازغۇچىلار ئەمەس بەلكى ناتىقلار ياراتقان ئەسەر ئىكەنلىگى ئېنىق., B3 E4 l& Y# l4 [. C8 o
شۇنىڭدەك يەنە، بىرەر تەلىماتنىڭ مەزمونى بىلەن ئۇنىڭ بىر پۈتۈنلىگىنى پەقەت يېزىق شەكلىدە ئىپادىلەش ئارقىلىقلا ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغانلىغىمۇ بىر ئەمەلىيەت. شۇنداقتىمۇ، بۇنداق بىر تەلىمات، بىر قېتىملا يېزىلسا كۇپايە. مانا بۇلار، مېنى بۇ ئىككى توملۇق ئەسەرنى يېزىپ چىقىشىمغا تۈرتكە بولغان ئىككى نوقتا ئىدى.5 |( R0 J2 P* |/ u+ v
; w0 b5 b `4 }. B) `8 K7 E
ئادولف ھىتلېر
& [6 n4 B# `6 m) Y- i! n* W3 j! k* D — لاندسبېرگ- ئام- لېيچ تۈرمىسى- R5 c4 w& ]7 |( V5 b8 M4 e
تەغدىم- W& `2 y# r. P& \8 }9 X& V
6 V/ Z8 ?1 r( U1 c* a1 J K
تۈۋەندە ئىسمى يېزىلغان كىشىلەر 1923-يىلى 9-دىكابىر كۈنى سائەت 12 دىن 30 مىنوت ئۆتكەندە فېلدھېرنھاللې ئالدىدا ۋە بۇرۇنقى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىگىنىڭ قوروسىدا، مىللىتىگە شان-شۆھرەت كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە چىن قەلبىدىن سادىق بولۇپ ئەگەشكىنى ئۈچۈنلا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى:
; f8 g3 G4 Y5 k* Q% Zئالفارد فېلىكس، تىجارەتچى، 1901-يىلى 5-ئىيوندا تۇغۇلغان؛
1 ?! v o0 V2 i9 Y$ e& I8 \9 z( Uباۋريېدل ئاندرېئاس، شەپكىچى، 1879-يىلى 4-مايدا تۇغۇلغان؛
( X2 Y7 ?. q5 P0 d; l$ _كاسېللا تېئودور، بانكا خىزمەتچىسى، 1894-يىلى 8-ئاۋغۇستتا تۇغۇلغان؛
7 A" t v4 H L$ p% k7 ^فائوۋست مارتىن، بانكا خىزمەتچىسى، 1901-يىلى 27-يانىۋاردا تۇغۇلغان؛6 [& L4 _# Y1 |$ U$ f: V
ئېخرلىچ ۋىلھېلم، بانكا خىزمەتچىسى، 1894-يىلى 10-ئاۋغوستتا تۇغۇلغان؛& }& ]8 F3 \8 u
ھېچېنبېرگېر ئانت، سېلىسار، 1902-يىلى 28-سىنتەبىردە تۇغۇلغان؛
3 Z7 d0 d* z# Y/ I/ w+ C# Zكۆرنېر ئوسكار، تىجارەتچى، 1875-يىلى 4-يانىۋاردا تۇغۇلغان؛
* U9 f9 `* x# f" u- d2 xقۇن كارل، مەدىكار، 1897-يىلى 26-ئىيوندا تۇغۇلغان؛
$ z% V# X: D9 s8 Q' u4 Tلافورې كارل، ئوقۇغۇچى، 1904-يىلى 28-نويابىردا تۇغۇلغان؛
2 `" J" k1 _) _( y- z& Eنېئۇباۋېر كۇرت، خىزمەتچى، 1899-يىلى 27-مارتتا تۇغۇلغان؛* s: h: w& K% f
پاپې كلائۇس (فون)، تىجارەتچى، 1904-يىلى 16-ئاۋغۇستتا تۇغۇلغان؛
4 f, O$ s& f4 v$ \% H+ Y% S* vپفوردتېن تېئودور (فون دېر)، يەرلىك ئالىي سوت مەھكىمە ئەزاسى، 1873-يىلى 14-مايدا تۇغۇلغان؛* l: k: j4 i o
رىكمېرس جوھ، كاپىتان كاۋاللىر (ئاتلىق ئەسكەر كاپىتانى،شاڭشياۋ، يۈزبېشى)، 1881-يىلى 7-مايدا تۇغۇلغان؛& ?8 p& b: A& f- j5 |4 O
شېئۇبنېر- رىچتېر ماكس- ئېرۋىن (فون)، دوكتور ئېنجىنېر، 1884- يىلى 9-يانىۋاردا تۇغۇلغان؛
& U. E8 A* q/ J# k0 m( hسترانسكىي لورېنز- رىتتېر (فون)، ئېنجىنېر، 1899-يىلى 14-مارتتا تۇغۇلغان؛
$ j6 Y+ p b9 O7 Mۋولف ۋىلھېلم، تىجارەتچى، 1898-يىلى 19-نويابىردا تۇغۇلغان.
% N( }. s7 x0 u8 @4 B- p/ K4 T- D* ^: ?6 d
ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ قەھرىمانلىرىمىز ئۈچۈن بىرەر خاتىرە مۇنارىسى تىكلەش تەلىۋىمىزنىمۇ قوبۇل قىلمىدى.2 q& }, S, ]( C' T6 Q
مەن بۇ ئەسىرىمنى ئەنە شۇ قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئورتاق خاتىرىسى ئۈچۈن تەغدىم قىلىمەن: شىھىتلىرىمىزنىڭ نۇرى سەبداشلىرىمىزنىڭ يولىنى مەڭگۈ يورۇتسۇن!3 J6 {% e! A5 X
لاندسبېرگ − ئام − لېيچ تۈرمىسى 0 `/ e8 i P A# `( s
-- ئادولف ھىتلېر
5 @! G( d" H) |7 o* e8 k) ^! J
5 G+ P, r* p2 } \1 q1 w# F! g% \9 }1 M4 O' D# B; ^1 D
مەنبەسى : قەشقەر كىنو تورى |
|