|
خەۋەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەشھۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-13 10:57
7 B5 u7 Z2 f( v- B0 G0 H, f1 D( `, Z7 g' \ x/ t
بۇ ئەسەرنى ئوقۇشتىن بۇرۇن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار: بۇ ئەسەر قورقۇنۇشلۇق ئەسەر بولۇپ، ئەسەرنى ئوقۇپ كىلىپ چىققان ۋەقەلەرگە يوللىغۇچى ئىگە بولمايمىز! يۈرەك كىسىلى بارلار، يۈرىكى ئاجىزلاركۆرمەڭلار8 u4 \( A3 I( H5 H3 g
! @& q% B/ u# C$ q" l0 I
جانغا زامىن يانفۇن8 }5 d; q# K0 }4 ]/ R3 V+ d$ z! \) K
تەرجىمە ئەسەر . O5 P' X' R, ~" M% y) r
' M( u" e* [0 t! B/ `8 c u! ]+ o
Y3 x. n3 j/ n( B4 I% l4 D& }/ c/ c2 v! D5 h, Y7 E4 t6 }
1.ئاخىرقى ئاپتوبۇس
; U2 z9 @1 V3 v! k”خانقىز،قايسى تىپلىقنى ياقتۇردىڭىز؟“مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدا ئادەم تولىمۇ كۆپ بولۇپ،چىرايلىققىنە بىر مال ساتقۇچى قىزچاق پوكەي ئالدىدىكى يانفۇن كۆرىۋاتقان ئادىلەدىن قىزغىنلىق بىلەن سورىدى.
, U, a: M' n. _0 {ئادىلە يۈزىگە چۈشىۋالغان چېچىنى قۇلىقىنىڭ كەينىگە قىستۇرغاندىن كېيىن،ئېڭىشىپ پوكەيدىكى بىر-بىرىدىن نەپىس يانفۇنلارغا ھەۋەس بىلەن قاراشقا باشلىدى،ئۇنىڭ كۆزى ئاق رەڭلىك ئالما يانفۇنغا كېلىپ توختىدى،”قىزچاق،بۇ يانفۇننى كۆرۈپ باقسام بوپتىكەن“.. Z; ?' k3 K# I! [
مال ساتقۇچى قىز يانفۇننى ئادىلەگە سۇندى،ئۇنىڭدىن كېيىن ئادەتلەنگەن ئۇسۇل بويىچە،يانفۇننىڭ ئىقتىدارلىرىنى يىپىدىن-يىڭنىسىگىچە چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.7 }. P3 r/ ]5 m/ C- ?* M
لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىرى ئادىلەنىڭ قۇلىقىغا ئەسلا كىرمەيتتى،ئۇ پۈتۈن ئەس-يادى قولىدىكى ئالما يانفۇنىدا ئىدى،نېمىدىگەن نەپىس!خۇددى مەن ئۈچۈنلا ياسالغاندەكلا،مېنىڭ ئېلىشىمنى ساقلاۋاتقاندەكلا!
* t$ H' D6 V- W, f% N” بۇ يانفۇن قانچە پۇل؟“ئادىلە ئۆزىنى ئازراق تۇتىۋېلىپ،تەمكىنلىك بىلەن سورىدى.1 R- N9 `6 J9 g, G- p5 g/ H
” بۇ ئالمىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى يانفۇنى،ھازىر پائالىيەت ئۆتكۈزىۋاتىمىز،ئېتىۋار باھاسى4999 يۇەن“.3 b. m& P. v8 N8 \' K& L9 X
ئادىلە دولىسىنىڭ غۇششىدە مۇزلىغىنىنى ھېس قىلدى،يانفۇننى يەنە بىر ئاز ئوينىغاندىن كېيىن،تەسلىكتە قىزغا قايتۇرۇپ بەردى.
5 j0 X* a1 m t, D% _: B% `6 yمال ساتقۇچى قىز ئۇنڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ”:بىزنىڭ دۇكاندا يانفۇن سېتىۋالسىڭىز پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلىسىڭزمۇ بولىدۇ،ئالدىن2000يۇەن تۆلىسىڭزلا يانفۇننى ئېلىپ كېتەلەيسىز“!
: R# _6 l7 D8 j' _. j: a” رەھمەت،مەن يەنە قاراپ باقاي“.
; M$ R$ i1 V/ Z' O2 P”يەنە توختاملىق سېتىۋېلىش پائالىيىتىمۇ بار“!
& k9 V8 P! d2 [' B; Dئادىلە بېشىنى چايقىغنىچە،ئوڭايسىز بىر ھالەتتە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.ھازىر ئۇنىڭ بانكا كارتىسىدىكى پۇلنى قوشقاندىمۇ ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلغا ئاران چىقىشقۇدەك.ئۇ مەيۈس ھالدا ئېلىكترون بازىرىدىن قايتىپ چىقىپ،كوچىدا مەقسەتسىز ئايلىنىشقا باشلىدى.ئۇنىڭ كاللىسىدا بايىقى ئاق ئالما يانفۇندىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى.& g5 l& G- \5 ?- K) F/ T
” نېمىدىگەن قىممەت،قانداق قىلسام ئۇنى ئالالارمەن؟ئۆيىمىزنىڭ ھال-كۈنى بىر ياخشىراق بولۇپ قالغان بولسىمۇ،يا مەنمۇ ھازىرقى مودا بولغاندەك بۆرىكىمنى ساتايمۇ؟توۋا دەي جۇمۇ!نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم.لېكىن ئويلاپ باقسام يېنىمدا بار ھەممە نەرسىنى ساتساممۇ 5000يۇەنگە چىقىشمىغۇدەك“, z- v, m# B& k4 c
ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ئۈستى-بېشىغا سەپسېلىشقا باشلىدى.كۆزى بارمىقىدىكى ئۈزۈككە چۈشكەندە ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويدى.بۇ بىر ئاددىيلا كۈمۈش ئۈزۈك،ھىچقانچە پۇلغا يارىمايدۇ،لېكىن ئۇنى سوۋغا قىلغان كىشىنى ئويلىغىنىدا،ئادىلەنىڭ قەلبى تاتلىق ھەم ئاچچىق بىر تۇيغۇغا چۆمىدۇ.
% k( Q6 O) l2 N+ \3 uبۈگۈن يەكشەنبە،دەرس يوق،ئەسلى ئادىلە ياتاقدېشى ئاينۇر بىلەن بازار ئايلىنىشقا چىققان،لېكىن يېرىم يولدا ئاينۇرنىڭ ئوغۇل دوستى جىددىي ئىش بار دەپ تېلفۇن قىلغاچقا ئاينۇر كېتىپ قالدى،شۇنىڭ بىلەن ئادىلە يالغۇز بازار چۆگلەشكە مەجبۇر بولدى.مانا چۈشتىن كېيىن بولۇپ كۈن قايرىلىشقا باشلىدى،ئادىلەنىڭ يانچۇقىدا كۆپ پۇلمۇ بولمىغاچقا بىر قىسىم تۇرمۇش بويۇملىرى بىلەن نەچچە خالتا ئۇششاق يېمەكلىكلا سېتىۋالدى،ئاتا-ئانىسى ئىشتىن قالغان،ئىنىسى توللۇق ئوتتۇرىدائوقۇۋاتقان ئادىلە ئۈچۈن بۇنىڭدىن بەكرەك بەتخەجىلك قىلىشقىمۇ ئىمكان يوق ئىدى.
9 i& O& q* s7 T$ X7 ~ئادىلە قەدەملىرىنى توختىتىپ،قولىنى پىشانىسىگە قويۇپ كۈنگە قارىدى،ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بارغاندى، بىر يەردىن ئادىلەنىڭ بۇرنىغا مەززلىك بىر ھىد ئۇرۇلدى،كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىۋىدى،يېقىنلا يەردە خېمىر كاۋاپ سېتىۋېتىپتۇ،ئۇ ئىككى زىخ كاۋاپنى يېگەچ مەكتەپكە قايتىدىغان ئاپتوبۇس بېكىتىگە قاراپ ماڭدى.ئۇ ئادەم شالاڭ بىر كوچىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى،لېكىن ئادىلە بويلىرى پەتەك،تىۋىش چىقارماي ماڭىدىغان بىر ئوتتۇرا ياش ئەرنىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقىنىنى بايقىمىغاندى،ئارلىق قىسقىراپ بەش-ئالتە قەدەملا ئارلىق قالغاندا ئادىلە ئاندىن بۇ ئادەمنىڭ تولىمۇ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى سەزدە،چۈنكى ئۇنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان قىسىق كۆزلىرى ئادىلەگە تىكىلىپ قاراۋاتاتتى.
) o1 e4 u+ W* B5 J) Q" C” بۇنچە پالاكەت ئەمەستۇرمەن؟ كۈپكۈندۈزدە لۈكچەككە ئۇچىراپ قالمىغاندىمەن؟“ئادىلەنىڭ يۈرىگى ئەنسىزسوقۇشقا باشلىدى،قەدىمىنى تېزلىتىپ ،دىققىتىنى يىغدى،ئەگەر بۇ لۈكچەك ئۆزىگە يامان نىيەتتە بولسىلا جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ قېچىپ كېتىشنى ئويلاپ ئۈلگۈردى.# S& }" s: ~. X1 a% N; ?
” قىزچاق،توختاڭە“ئىككەيلەن روبىرو كەلگەن شۇ دەقىقىدە بۇ ئادەم دەرۋەقە ئۇنىڭغا گەپ قىلدى.
2 ]+ V% H/ t$ }) k' @” مەنما؟نېمە...نېمەئىش“ئادىلەنىڭ يۈرىكى شۇ تاپتا ئېغىزىغا كەپلىشىپ قالغان ئىدى.
; d. B; g( C2 W8 X5 f” يانفۇن ئالامسىز؟“ئوتتۇرا ياش ئەر سۆزلەۋاتقاندا قولىداراستىنلا بىر يانفۇن تۇراتتى،لېكىن باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمىغاندەك يەنە بىر يەرلەرگە يوشۇرۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
. z# n! }* u0 X/ n! _, S” يانفۇن؟ياق،ياق،ئالمايمەن“ئادىلە ئۇنىڭ پەقەت يانفۇن ساتماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ،يۈرىكى ئورنىغا چۈشتى ۋە يولىغا ماڭماقچى بولدى.
; O1 W: _0 v% c9 C! ]ئوتتۇرا ياش ئەر ئەتىراپقا بىر قارىۋىتىپ ئادىلەنىڭ كەينىدىن يېتىشىپ كەلدى ۋە ئاستاغىنە”:ئاۋۋال يانفۇننى كۆرۈپ بېقىڭ دەيمە،ئەڭ يېڭى ئالما يانفۇنى،ئەرزان بېرىمەن“6 _$ u d. P3 q& G
” ئالما يانفۇنى؟“ئادىلەنىڭ قەدىمى ئىختىيارسىز توختاپ قالدى.قەلبىنىڭ بىر يەرلىرىدىن قىززىقىش ۋە ھاياجان ئۇنى كەينىگە ئۆرۈلۈپ ھېلقى ئادەمنىڭ قولىغا قارىدى”:راستمۇ يالغانمۇ؟قانچە پۇل“% g2 d) I0 e; y; h2 F0 f
” قىزچاق،قارىسام ئوقۇغۇچىدەك قىلىسىز،راستىنى دېسەم بۇنى مەن بىرسىدىن سوراپ ئەكەلگەن،جىڭ مال،ئەگەر يالغان بولسا بېشىمنى ئۇرۇپ يېرىۋەتسىڭىزمۇ مەيلى،ئەگەر راست ئالغۇڭىز بولسا سىزگە ئەرزان بېرەي،2000يۇەن بېرىڭ،قانداق؟“
/ l$ e2 V, O; n8 Fئادىلە يانفۇننى قولىغا ئېلىپ سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى،خېلى يېڭى ،ئېكرانىمۇ سۈزۈك،ئىنكاسىمۇ تېز،تاغتۇرا تېلفۇندەك قلىمايدۇ.لېكىن2000يۇەنگە ...يەنە كېلىپ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ،ئوغرىلاپ كەلدىمۇ تېخى،ئەڭ ياخشىسى***قىساي جۇمۇ”:مەندە ئۇنچە كۆپ پۇل يوق،ئالالمىغۇدەكمەن“." H' T D2 j3 n- T) y$ M. J
” توختاڭ دەيمە،باھا دېگەننى كېلىشىۋالغىلى بولىدۇ،دەڭە،قانچە پۇل چىقىرالايسىز؟“
; h% R N+ w+ z( m, D( _ئادىلە يانچۇقىنى سىلىدى،يانچۇقىدا200يۇەنلا بار ئىدى،كارتىدىغۇ پۇل بار،لېكىن ھەرگىز بىر ناتونۇش ئادەم بىلەن بىللە بېرىپ پۇل ئېلىشقا بولمايدىغىنىنى ئادىلە بىلەتتى،بۇ بەكلا خەتەرلىك ئىش.
# E- h# Z' D6 `3 j: }) vمۇشۇلارنى ئويلاپ،بولدى قىلىپ كېتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئادىلە تۈزۈت قىلمايلا دەۋەردى”:يېنىمدا 200يۇەنلا باركەن“.
) O8 e4 ^7 X) y; d" J. I” خانقىز،چاقچاق قىلىۋاتامسىز يا؟200يۇەنگە يانفۇن كەممەيدۇ،يەنە ئازراق قېتىڭە،كېلىشىپ قالىمىز“.ئوتتۇرا ياشلىق ئەر كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئادىلەگە قارىغاچ شۇنداق دېدى.6 @! |. Q" v' i" c% e
” مەنمۇ بىلىمەن200يۇەنگە يانفۇن كەلمەيدىغىنىنى،لېكىن مەندە بارى شۇكەن،سىزمۇ ساتمايسىز بەرىبىر“.ئادىلە مېڭىشقا تەمشەلدى., x1 u/ ]1 E0 o {+ @. P
ئۇنىڭ مېڭىشقا تەمشەلگىنىنى كۆرۈپ ئەر لېۋىنى چىشلىگىنىچە بىر ئاز تۇرۋىتىپ”:ئېلىڭە بولدى،200يۈەنگە“8 L# ^) f. q0 }* u' ^
” ھە؟200يۇەنگىمۇ ساتامسىز؟“ھەيرانلىقتىن ئادىلەنىڭ ئاۋازى ئۈنلۈك چىقىپ كەتتى.
" L. l3 F+ i0 s1 \& w& R! l7 A” ھەي...قانداق قىلىمە ئەمدى،پۇل لازىم بولمىسا،پايدىنى سىزلا ئالدىڭىز“.ئۇ يانفۇننى ئادىلەگە سۇنغاچ0 g& c. ^# k7 g7 a0 e4 \5 q) Y
ئادىلە ئىككىلىنىۋاتاتتى،كونىلار ئېيتقان:بىر بالاسى بولمىسا قۇيرۇق ياتامدۇ تاشتا.تەلەي دېگەنگە ئۇ ئانچە ئىشەنمەيتتى،لېكىن گەپ ئېغىزدىن چىقىپ كېتىپ بولغان،ئەمدى يېنىۋالسا بەلكىم بۇ ئادەم ئېنىقلا ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشىدۇ.يەنە كېلىپ ئۆزى چۈشىدىمۇ ئويلاپ يۈرگەن يانفۇننى بىرسى شاپاق نەرقىدە بېرەي دەۋاتسا،ھەتتا بۇ يانفۇن ساختا بولغان تەقدىردىمۇ 200يۇەنگە يارىغۇچىلىكى بار،بوپتۇلا ئالاي،بەك بولمىسا باش-كۆزۈمنىڭ سەدىقىسى بولار.
: [+ F1 v1 ^, Z* B1 l2 @ئادىلە 200يۇەننى ئۇ كىشىگە سۇندى،ئۇ ئادەم باشلىرىنى چايقىغىنىچە ”:پايدىنى سىزلا ئالدىڭىز قىزچاق،ھازىر200يۇنگە چۈشىڭىزدىمۇ يانفۇن ئالالمايسىز“.# L" x% x! J6 u8 V" k
ئادىلە كۈلۈپ قويدى،دېمىسىمۇ ئۆزىنى تولىمۇ پايدا ئالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى،ئەگەر يېنىمدا يەنە بىرەر يۈز يۇەن بولغان بولسا ئۇنىڭغا بېرىۋىتەركەنمەن،بىردەم تۇرۋىتىپ”:ئەمسە مەن ماۋۇ بىر زىخ كاۋىپىمنى سىزگە بېرەي،زىيىنىڭىزنى تولدۇرغىنىم بولۇپ قالسۇن“.شۇنداق دېگىنىچە ئۇ كاۋاپنى ھېلقى كىشىگە سۇندى.
( H0 a( |6 C- V# P: J0 ~5 fئۇ ئەر نېمە دىيىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى،لېكىن يەنىلا كاۋاپنى ئالدى،ۋە ”:كۆڭلىڭىز ياخشىكەن،بىر گەپ بارتى ،ئەسلى سىزگە دېمەي دېگەن،بوپتۇلا...دەپ بېرەي،ئەگەر بۇ يانفۇننى ئىشلىتىپ بىئارام بولسىڭىز،ۋاختىدا ئۇنى سېتىۋىتىڭ،لېكىن ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭ،گېپىمنى ئۇنتۇپ قالماڭ،ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭ“!شۇلارنى دەپ بولۇپ ئەر بۇرۇلغىنىچە دوقمۇشتىن قايرىلىپ كۆزدىن غايىپ بولدى.
8 R" V7 ~4 B2 G9 ]1 Gئادىلە ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن ئەجەپلىنىپ تۇرۇپ قالدى،يانفۇننى ئىشلىتىپ بىئارام بولسىڭىز دېگەن قانداق گەپ؟يەنە تېخى ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭ دەيدۇ،ساپساق يانفۇننى تاشلىۋىتىپ ساراڭ بولمىسام يا.ئەجىبا بۇ يانفۇننىڭ سۈپىتىدە مەسلە بارمىدۇ؟بەلكىم جۇمۇ،200يۇەنگە ساتقاندىكىن زادە بىر چاتىقى بار.بوپتۇلا،ئالما يانفۇن دېگەن ئۆلۈگىمۇ پۇل،دوس-دۈشمەننىڭ ئالدىدا پوچى يۈمەمدىم.
1 W. y3 p# M+ Wئادىلە خوشال ھالدا ئاپتوبۇسقا چىقتى،بۇ ئادىلەنىڭ مەكتىپىگە قاتنايدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاپتوبۇس بولۇپ،ئاپتوبۇستا ئادەم كۆپ ئەمەس ئىدى،ئادىلە كەينىدىنراق بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ يېڭى ئالغان ئالمىسىنى چىقىرىپ ئويناشقا باشلىدى.
6 w, s6 N1 m- v3 R( ]0 b) Vئاپتوبۇس مەكتەپكە بارغۇچە بىر سائەتلىك يول بولۇپ،يېنىك تەۋرەنگىنىچە كېتىپ باراتتى.ئادىلە بولسا پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن مېۋە توغراش ئويۇنىنى ئوينىماقتا،ئويناپ تازا جىددي يېرىگە كەلگەندە،يانفۇن باتاريىسى يېتىشمىگەنلىك بەلگىسى كۆرۈنۈپلا ئۆچۈپ قالدى.ئادىلە كەيپى ئۇچقان ھالدا بىر تىنىپ قويۇپ،دېرىزە سىرتىغا قارىدى.يول چىراقلىرى يېنىپ بولغان بولۇپ،كۈز شامىلى دېرىزىدىن غۇيۇلداپ كىرىپ ئادىلەنىڭ بوينىغا ئۇرۇلاتتى،ئادىلە بىر ئاز توڭلىغاندەك بولۇپ دېرىزىنى يېپىۋەتتى،ئاندىن ئەستايدىللىق بىلەن يانفۇن ئىكرانىدىكى بارماق ئىزلىرىنى سۈرتۈشكە باشلىدى.$ O& X- S( _( V9 |- g
لېكىن نەق شۇ چاغدا يانفۇن ئېكرانىدا بىر سىما كۆرۈندى،چاچلىرى چۇۋۇلۇپ يۈزلىرىنى توسۇۋالغان، نورمال ئادەملەرگە ئوخشىمايدىغان ھەتتاكى بىر خىل ۋەھىمىلىك كۆرۈنىدىغان بىر ئايالنىڭ سىماسى ناھايتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
7 q, I' m7 k: \. Dئادىلەنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى،توۋا،بۇ كىم؟ئۇ جىددىي ھالدا بېشىنى بۇراپ كەينىگە قارىدى،ئەسلىدە راستىنلا يانفۇندا ئەكسى كۆرۈنگەندەك چاچلىرى چۇۋۇق بىر ئايال ئۇنىڭ كەينىدە ئولتۇراتتى.تېخى خىيالىم ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن دېسە،ئۇھ،ھەجەپ قورقتىمما!9 p I1 P2 d9 f1 `2 f2 T
ئادىلە يېنىك بىر تىنىۋىتىپ قولىنى مەيدىسىگە قويدى،تېخىچە جىددىي سوقۇۋاتقان يۈرىكى ئاستا-ئاستا پەسكويغا چۈشتى.لېكىن ئۇ يەنە ئەجەبلەندى،توغرا ئەمەسقۇ،ماشىنىغا چىققاندا كەينى تەرەپتە بىرمۇ ئادەم يوقتىغۇ؟بۇ ئايالنىڭ چىققىنىنىمۇ كۆرمىگەندىم،قارىغاندا يانفۇن ئويناپ بەك بېرىلىپ كېتىپتىمەن.. T* x! r/ Y0 `& _
ئادىلە شۇنداق دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ،ماشىنىنىڭ مەكتىپىگە كېلىپ قالغىنىنى سەزدى.' J* S2 L/ ~$ U5 p6 ?
ماشىنا بېكەتكە كېلىپ ئاستا توختىدى،ئىشىك”پۇشش“قىلىپ ئېچىلدى،ئادىلە ئىككى خالتا سودىلىقنى كۆتۈرگىنىچە ماشىندىن چۈشتى.ئاپتوبۇسمۇ قوزغالدى،لېكىن دەل شۇ پەيىتتە،ئادىلە ئىختىيارسىز ئاپتوبۇسنىڭ كەينىگە قارىدى،قارىدىيۇ،چۆچۈپ كەتتى،ئاپتوبۇسنىڭ ئارقا دېرىزىسىدىن بىرسى ئۆزىگە قاراپ تۇراتتى،يەنە كېلىپ ئۇ باشقا بىرسى ئەمەس،دەل بايا ئۆزىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغان چاچلىرى چۇۋۇق ھېلقى ئايال!!!قولى ۋە يۈزىنى ئەينەككە چاپلاپ تۇراتتى،كوچا چىرىقىنىڭ يورۇقىدا ئۇنىڭ چىرايى تولىمۇ ئېنىق ،تولىمۇ سۈرلۈك،چۇۋۇق چاچلىرىنىڭ ئارىسىدىن غىل-پال كۆرۈنۈپ قالىدىغان تاتارغان يۈزلىرى،گوياكى ئۆزىگە قاراپ كۈلىۋاتقاندەك...9 B5 h' b' ~$ f) J* N
ئادىلە پۈتۈن ئەس-ھوشىنى يوقاتقاندى،نە جىددىي سوقۇۋاتقان يۈرىكىنى نە ئېغىزىنى ئېتىۋالغان قولىنى سەزمەيتتى،شۇ تۇرغىنىچە بىر مىنۇتتىن ئارتۇق جىمجىت تۇردى.ئۇ ئۆمرىگە كېلىپ بۇنداق قورقۇنۇچلۇق مەنزىرىنى كۆرمىگەندى،ئۇ ئايال زادى كىم؟ئۇ نېمىشقا مېنىڭ كەينىمدە ئولتۇرىدۇ؟نېمىشقا ماڭا تىكىلىپ قارايدۇ؟يەنە نېمىشقا ماڭا قاراپ قورقۇنۇچلۇق كۈلىدۇ؟
# V y: {, l: J5 Gبىر قاتار سوئاللار ئۇنىڭ مېڭىسىنى پارتىلتىۋىتەي دەپ قالدى،تاكى پۇتلىرى ئۇيۇشۇپ،سوغوق شامال گەۋدىسىنى قورىغاندا ئۇ ئاندىن ئېسىگە كەلدى،ئادىلە بېشىنى سىلكىۋىتىپ ئەتىراپتا بىرمۇ ئادەمنىڭ يوق گۆرىستان جىمجىتلىقىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپ ۋارقىرىغىنىچە ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى." O$ a* w' w! B
/ h6 L) w$ u; ^; j- }; F( w" c* ?0 \1 R" d$ ?- Z+ {3 O* d
0 l) |* d1 |. R# I. t
# V4 z- O7 ^, \. g4 A& W% m5 }/ `. u. O0 ~2 W( o6 |
2.دوختۇرخانىدىكى ئەرۋاھ" y2 }" |0 t. b& ?4 G! @6 e
( W: c0 B3 v3 @, F9 g" E' M4 uئادىلە -4قەۋەتتىكى ياتىقىغا قايتىپ كىرگەندىن كېيىنلا،يۈرىكى ئاندىن ئورنىغا چۈشتى،ئۈچ ياتاقدىشى كىتاب كۆرۈۋاتقان بولۇپ،ئادىلەنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپلا ئۇنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا باشلىدى.ئادىلەمۇ سېتىۋالغان ئۇششا-چۈششەكلىرىنى كۆپچىلىككە بۆلۈپ بەرگەندىن كېيىن ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشتى.ئادىلە باياتتىنقى ئاپتوبۇستا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋىدى،ئۈچى قورىققىنىدىن تۈگۈلۈپلا قېلىشتى.تازا سۆزلەپ قورقۇنۇچلۇق يېرىگە كەلگەندە ئادىلەنىڭ يانچۇقىدىن مۇزدەك سوغوق بىر ئاۋاز كەلدى:ھازىرقى ۋاقىت سائەت يەتتە.% t. h6 n @, s7 e z! j! ]
ئادىلە ئەجەبلىنىپ يانچۇقىدىن بايا سېتىۋالغان يانفۇننى چىقاردى.يانفۇننىڭ ئېكرانى ئۆچۈك ئىدى.باياتتىن ئېنىقلا توكى تۈگەپ ئۆچۈپ قالغان تۇرسا،قانداقسىگە ۋاقىت مەلۇم قىلىدىكىنە؟ئادىلە ئويلىنىپ تۇراتتى،ئۈچ قىز تەڭلا چۇرقىرىشىپ كەتتى”.ۋاھ!ئالما يانفۇنى؟ئادىلە قولۇڭدىكىسى راست ئالما يانفۇنىما؟“
4 g3 {3 m p, B” ئادىلە،سەن جۇۋاينىمەك قاچان يانفۇن سېتىۋالدىڭ؟تېپىۋالمىغانسەن؟يەنە كېلىپ تېخى ئالما يانفۇنى،ئاھ بولدى مەن ياشىمايمەن“
( z* G5 `" Y% p1 K” قاراڭلا،قاراڭلا،نېمىدىگەن چىرايلىق“.ئۈچەيلەن يانفۇننى تالىشىپ ئۇيان-بۇيان چۆرۈپ كۆرۈشكە باشلىدى.$ O! |/ L% o; S- W7 Y" N
” ۋاي بولدى،توكى يوق،بەرىبىر كۆرەرمەيسىلە،ھە راست،قايسىڭلاردا توكلىغۇچ بار؟“ئادىلە سورىدى.
1 K8 S1 a# F2 Q4 v4 Y” ھە،ئادىلەخان،يۇۋاشلىق بىلەن ئىقرار قىل،بۇ يانفۇن زادى قانداق كەلگەن؟بىزنى ئالدايمەن دېمە،ئۆيەڭنىڭ شارائىتى ھەممىمىزگە ئايان،سەن ھەرگىزمۇ ئالما يانفۇن سېتىۋالالمايسەن.دېگىنە!ئوغۇللار سوۋغا قىلدىما؟“ئەمدى ھەممەيلەن ئۇنى سوراققا تارتىشقا باشلىدى.
( M# D; Q) ?3 ~+ G/ V” مېڭىشە،مېڭىشە،مەن بى خەقنىڭ ئاشنىسى ئەمەس،ماڭا يانفۇن سوۋغا قىلىدىغان،ھە راست،دېسەم سىلەر چوقۇم ئىشەنمەيسىلەر،بۇنىچۇ يولدا بىر ئادەم ماڭا سېتىپ بەردى.تېپىپ بېقىڭلا،قانچە پۇلغا ئالغاندىمەن؟“+ p, t9 Y8 b/ l5 m2 ]; ^
“4000”
+ I: c: \/ p3 {- J+ L5 Bئادىلە بېشىنى چايقاپ ئىككى بارمىقىنى چىقاردى.. o5 R# v7 B; y' l
“2000”
$ H! T4 v( D/ o; i- W) g# [ئادىلە يەنە بېشىنى چايقىدى”:ئىككى يۈز يۇەن“!
. F( S/ y3 `: G” نېمە؟راستمۇ يالغانمۇ؟“ھەممەيلەن تەڭلا سوراشتى.# z5 C4 `! C$ i! ^
” ۋاي راست،سىلەرنى ئالداپ نىمە قىلىمەن“.ئادىلە ئەستايىدىل جاۋاب بەردى., \6 B% n2 x( v
” بىزنىڭ دېگىنىمىز،بۇ راست ئالمىمۇ ياكى تاغتۇرا يانفۇنمۇ دېگەنگەپ،ھەددىدىن زىيادە ئەرزانكەن ئەمەسمۇ“!دېدى پاتىمە ھەيرانلىق بىلەن.
% _8 H8 g& x/ E$ [” بۇنى مەنمۇ تازا بىلىپ كەتمىدىم،مەن قارىسامۇ راستتەك كۆرۈندى.بىردەمدىن كېيىن توك قاچىلاپ بولغاندا ئۆزۈڭلار ئويناپ باقساڭلارلا بىلىسىلەر.ھە راست،ئاينۇرچۇ؟ئۇ تېخى قايتىپ كەلمىدىما؟“) x7 E3 E$ Z7 q
” ئاينۇر ئەتتىگەن سەن بىلەن بىللە چىقىپ كەتمىدىمۇ،بىز تېخى سەندىن سورىماقچىدۇق،سەن ھەجەپ يالغۇز قايتىپ كەپسەنغۇ؟“4 E3 z: A+ O) ` \1 p1 A1 z9 w
” ئۇنىڭ يېرىم يولدا ئىشى چىقىپ قېلىپ كېتىپ قالغان،مەن تېخى ئۇنى بۇ چاققا كېلىپ بولغان چېغى دەپتىمەن“.
9 T: F; z$ m. A( h4 P% H” مەنچەباغۇ،ئۇ يەنە شۇ ئوغۇل دوستى ئەلقەم بىلەن رومانتىكىلىق ئولتۇرغان ئوخشايدۇ،ھېلىغىچە كىرىدۇ ھەقىچان،بۇ جۇۋاينىمەكنىمۇزە،كېلىشكەن يىگىت بىلەن يۈرۋالدىم دەپ ئەتىدىن-كەچكىچە شۇنىڭ كەينىدىنلا يۈرگەن،مابەتنى كۆرسە دوستىنى ئۇنتۇيدىغان دەيۈز“.ماھىرە چاقچاق ئارلاش شۇنداق دېدى." }" b/ j2 g. n! W$ T' \* F: r
” ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەس جۇمۇ،ئالدىنقى سۆيگىنى ئۇنى تاشلىۋىتىپ ئۇنىڭغا بەك ئەلەم بولدى.مانا ئاخىرى ئەلقەمدەك ياخشى بالا بىلەن يۈرىۋالدى،شۇ بولسىمۇ بەختىنى تاپسۇنچۇ،ئۇنىڭ كەينىدىن سۆزلىمەيلى“!ئادىلە ھەقىقەتەن ئاينۇرنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى.
- Y, a% G) V* M” ماقۇل...سەنلا ياخشى،بولدىمۇ،ئۆزەڭ ئىشق-مۇھەببەت تورىدىن قۇتۇلۇپ چىقالماي تۇرۇپ خەقنىڭ غېمىنى يېگۈدەك ۋاقتىڭ باركەن ھە تېخى!مەنچىچۇ ئادىلە،سېنىڭ كۆڭلۈڭ بەك ياخشى،كەلگۈسىدە چوقۇم مەرداندىن ياخشى يىگىتلەرگە ئۇچىرايسەن،بەل قويىۋەتمە“!ماھىرە ئەمدى ئادىلەگە تەسەللىي بېرىشكە باشلىدى.3 L5 M# j8 H4 q4 {) A5 q4 ~
مەرداننىڭ ئىسمى چىقىشى بىلەنلا،ئادىلە جىمىپ قالدى،ئايرىلىپ كەتكىلى بىر ئايدىن ئاشتى،ئۇ بىرەر قېتىممۇ كېلىپ ئۆزىنى ئىزدەپ قويمىدى.مەكتەپتە ئۇچىرشىپ قالسىمۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتەتتى،خۇددى ھەممە ئىشلار ئاياقلاشقاندەك،راست،ھەممە ئىشلار ئاياقلاشقان،ئۇ ھەممىنى ئۇنۇتقان،ئەرلەر ۋاز كەچسە نېمىدىگەن كەسكىن،نېمىدىگەنتاش يۈرەك بولۇپ كەتكەن ھە؟ئۇنىڭ مۇئامىلىسىنى كۆرۈپ بەزىدە ھەتتا بۇرۇنقى چاغلىرىمىز مېنىڭ كۆرگەن چۈشۈممۇ قانداق دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن..." z& |0 f* n: M) m% K& V
ئادىلە روھسىز ھالدا كارۋىتىغا چىقىپ ياتتى.كاللىسىغا كۆڭۈللۈك ئەسلىمىلەر كېلىۋېلىپ كۆڭلى بۇزۇلدى،چاناقلىرى نەملەشتى.تېنىمۇ،قەلبىمۇ چارچىغان بىچارە قىز ياستۇقنى نەملىگەن پېتى ئۇيقۇغا كەتتى.
/ u/ A, t+ m9 `' Dئۇ ئويغانغاندا،كېچە سائەت11دىن ئاشقان بولۇپ،پاتىمە بىلەن ماھىرە ئۇيقۇغا كەتكەن،ياتاقنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلمىگەن بولۇپ،ئاينۇرنىڭ ئورنى قۇرۇق تۇراتتى.ئادىلە بىر خىل ئەنسىزچىلىكتە غودۇرىدى:بۇ قىز كېچىدە نەلەردە يۈرگەندۇ؟مۇشۇ كەچتىمۇ قايتىپ كەلمىگىنىنى قارا!ئۇ ئورنىدىن چۈشۈپ پاتىمەنى ئويغاتتى”:ئاينۇر ھەجەپ كىرمەيدىغۇ؟بىرە ئىش بولمىغاندۇ ھە؟“7 {, s* K f v
پاتىمە كۆزىنى ئۇۋلىغىنىچە”:شۇنى دېگىنە،ئويۇننىمۇ بەك چېكىدىن ئاشۇرۋەتتىمۇ بۇ قىز،بولمىسا تېلفۇن قىلىپ باقە“!
9 t$ x9 u7 v6 x; tئادىلە تېلفۇنىنى ئېلىپ ئاينۇرغا تېلفۇن قىلدى”:ئاينۇر،سەن نەدە؟يېرىم كېچە بولدە،تېخىچە ياتاققا كىرمەيسەنغۇ؟ھەممىمىز ئەنسىرەپ ئولتادۇق“!. W, K1 k9 K3 j& k7 M
” تېلفۇندىن بىر ھازاغىچە سادا چىقمىدى،ئاندىن كېيىن بىرسىنىڭ مىشىلداپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى”:ئادىلە،ئازراق ئىش چىقتى،ئەگەر قولايلىق بولسا شەھەرلىك دوختۇرخانىغا بىر كەلسەڭ“!7 M* x* ]/ ^0 \$ W
دوختۇرخانىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئادىلەنىڭ كاللىسىغا ئاللىقانداق خىياللار كىرىۋالدى،ۋە دەرھاللا”:بولىدۇ مەن ھازىرلا باراي“.دېگىنىچە كىيىملىرىنى كىيىپ مېڭىشقا تەمشەلدى.پاتىمە سورىۋىدى،ھېچ ئىش يوق،بېرىپ قاراپ باقاي دەپ قويۇپ ئىشىكتىن چىقتى.
1 K0 ?7 |5 F1 u+ u$ ]3 U# qدوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن تېلفۇن قىلىپ قايسى بىنا قايسى ياتاق سورىۋالدى،ۋە لېپىتكە چىقتى.دوختۇرخانىدا تۈزۈك ئادەم يوق بولۇپ،بىر نەچچە سېستىرا كارىدوردا ئالدىراش مېڭىپ يۈرەتتى،ئادىلە كارىدورنىڭ ئەگىلىدىغان يېرىگە كەلگەندە تونۇش بىر گەۋدە ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتتى،ئۇ گەۋدە مېڭىۋاتاتتى،لېكىن سۈرئىتى خېلىلا تېز ئىدى،ئادىلە دىققىتىنى يىغىپ قارىغاندا يەتتە-سەككىز مېتىر نېرىغا بېرىپ بولغان ئىدى./ s- R, U5 Q% }% e7 p
” ھەجەپ قوشنا سىنىپتىكى تۇرسىنايغا ئوخشايدىكىنا؟“ئادىلە ئىچىدە شۇنداق دېدى،ئۇنىڭ كىيىنىشى ۋە چېچى گەۋدىسى نەق شۇ تۇرسىئاينىڭ ئۆزى شۇغۇ؟ئادىلە بىرقانچە قېتىم ئاشخانىدىن تاماق ئالغۇچە ئۇنڭ بىلەن بىللە تۇرغان،ئۇچرىشىپ قالغاندا سالاملىشىپ قوياتتى،لېكىن بۇنچە كەچتە ئۇ دوختۇرخانىدا نېمىش قىلىدىغاندۇ؟ئادىلە بىر خىل گۇماندا ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.
* |9 l. g8 t: D6 J3 ^* j% I( Y/ k” تۇرسىئاي،تۇرسىئاي.....توختاڭە“!ئۇ قوغلىغاچ ۋارقىرىدى،لېكىن ئۇ يۈگۈرۈپ قوغلاپمۇ ئالدىدا مېڭىپ كېتىۋاتقان تۇرسىئايغا يېتىشەلمەيۋاتاتتى.تۇرسىئاي مېڭىپ كارىدورنىڭ ئاخىرىدىكى بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغا كەلدى،ئادىلەنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يەنە يەتتە-سەككىز مېتىر ئارلىق بار ئىدى،تۇرسىنئاي ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ ،ئاستاغىنە بۇرۇلۇپ ئادىلەگە قاراپ كۈلۈپ قويۇپ،قولىنى پۇلاڭلاتقىنىچە كىرىپ كەتتى., @, h2 }1 `! l- [) ^. O5 r" o% f7 G
” تۇرسىئاي،سىز نەگە بارىسىز؟“ئادىلە يۈگرۈپ ئىشىك ئالدىغا كەلدى،ئىشىكنىڭ ئىككى قانىتىنى كۈچەپ تارتتى،ئىشىك ئېچىلدى،لېكىن كۆرگىنىدىن ئادىلە ھاڭۋېقىپ قالدى،ئىشىكىنى ئىچى يەنە بىر ئۇزۇن كەتكەن بىر كارىدور بولۇپ،تېخى ھازىر كىرىپ كەتكەن تۇرسىئاي بولسا گويا غايىپ بولۇپ كەتكەندەك ھېچيەردە كۆرۈنمەيتتى.،بۇ...بۇ زادى نېمە ئىش؟
% u; H+ H8 W+ Y( d8 _ئادىلە بىر ئاز تۇرۇپ كېتىپ چۈشىنىكسىز خىياللار بىلەن ئاينۇر ئېيتقان جىددى قۇتقۇزۇش رايونىغا مېڭىپ كەتتى.
6 j9 u7 u! M6 l& I3 D' p9 fئادىلە ICUئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشى،بىر توپ ئادەم بىر ئىسىمنى چاقىرىپ يىغا-زارە قىلىۋاتاتتى--:تۇرسىنئاي!!!
3 O9 J8 `! _7 C” تۇرسىنئاي قىزىم،سەن نېمىشقا بۇنچە ھاماقەتلىك قىلدىڭ دەيمەن!نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن،سەن كەتسەڭ،داداڭ ئىككىمىز قانداق قىلىمىز؟ھۇھۇھۇ“<...بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئايال تۇرسىنئاينىڭ تېخى سوۋۇمىغان جەسسىتى ئۈستىگە ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاۋاتاتتى،يەنە بىر قانچە ياشقا چوڭ كىشىمۇ كارۋات ئالدىدا تىزلانغىنىچە ياش تۆكۈۋاتاتتى., V7 k; H/ M: \; W
ئادىلە مەڭدەپ قالدى،تۇرسىنئاي؟تۇرسىنئاي باياتتىن كارىدوردا ئەمەسمىدى؟قانداقسىگە بىردەمدە كارۋاتتا ياتىدۇ؟ئۇنڭغا نېمە بولدى؟بۇ كىشىلەرنىڭ يىغا-زارىسىگە قارىغاندا تۇرسىنئاي ئۆلۈپ كەتتىما؟ئادىلە بايىقى كارىدوردىكى كۆرۈنۈشنى قايتا ئەسلىدى،بىر خىل ۋەھىمە ئۇنى چىرمىۋالدى،ئادىلە قوشۇمىسىنى تۈردى،ياق!ھازىر قورقىدىغان ۋاقىت ئەمەس،بۇ زادى قانداق ئىش،نېمىشقا ئاينۇر بىلەن ئەلقەممۇ بۇ يەردە تۇرىدۇ؟+ R* D; k9 ^' X- M1 @3 b' H
ئادىلەنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ كۆزلىرى يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن ئاينۇر كىلىپلا ئۇنڭغا ئېسىلىپ يىغلاشقا باشلىدى،ئەلقەم ئىككى قىزنى تارتىپ كارىدورغا چىقتى.
q& S3 z ~' O% q5 H( zئادىلە ئەلقەمدىن سورىدى”:بۇ زادى نىمە ئىش؟تۇرسىنئايغا نىمە بولدى؟“
( L; D# s3 X v7 C) ?8 I$ V6 pباياتتىن بېرى پەرىشان تۇرغان ئەلقەم بىردىنلا چېچىلدى،كۆرسەتكۈچ بارمىقىدا ئاينۇرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ”:ئۇنڭدىن سوراڭ،ھەممىسى ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرى“!) P( a: v, j P6 _3 e
ئادىلە چۈشەنمەي ئاينۇرغا قارىدى،ئاينۇر بولسا تېخىچە تىزىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ ئولتۇراتتى.ئادىلە ئەلقەمنىڭ ئاچچىقىنى بېسىۋېلىشىنى ئۆتۈنۈپ ،بولغان ئىشنى تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىشنى ئۆتۈندى،ئەلقەم بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرغاچ،ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بولغان ئىشنى سۆزلەشكە باشلىدى:8 t- v7 G/ K0 P$ @
ئەسلىدە ئىشنىڭ بېشى تۇرسىنئاينىڭ بويىدا قېلىشىدىن باشلانغان بولۇپ،ئوغۇل دوستى ئەمەتتىن ھامىلدار بولۇپ قالغان،ئەمەت بولسا بىكار تەلەپ بولۇپ،تۇرسىنئاينىڭ بويىدا قالغانلىقىنىڭ ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق خاپا بولغان ۋە 500يۇەننى تاشلاپ بېرىپ ئۆزەڭ بېرىپ ئالدۇرۋېتىپ كەل دېگەن.تۇرسىنئاي بىللە بېرىشنى ئۆتۈنگەندە،ئەمەت قەتتىي قوشۇلمىغان،تۇرسىنئاي غەززىپىدە”:سەندە ئەرلىك غورور بارمۇ-يوق؟ئەگەر بىللە بارمىساڭ،ئايرىلىپ كېتەيلى“.دېگەن.- F6 A* M& I% r6 h' D3 `1 m9 n) h
ئەمەت بولسا ئايرىلساڭ ئايرىلدۇ دېگىنىچە كېتىپ قالغان.5 x* [; I& S0 G( }: @- H' d
كۈنلەر ئۆتىۋەرگەن،تۇرسىناينىڭ قورسىقى كۈندىن كۈنگە يوغىنغان،ئىككى كۈن بۇرۇن،تۇرسىنئاي ئاىىرى غەيرەتكە كېلىپ سىنپ باشلىقى بىر يۇرتلۇق ئەلقەمگە بولغان ئىشنى ئېيتىپ،ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە دوىتۇرخانىغا بېرىشىپ بېرىشىنى ئۆتۈنگەن،ئەلقەم گەرچە تازا خالاپ كەتمىسىمۇ بى قىزغا ئىچى ئاغرىپ بىللە بېرىشقا قوشۇلغان،ئائىلە-تاۋاباتلىرى ئىمزا قويىدىغان جايغا ئاكىسى دەپ يېزىپ ئىمزا قويغان،ئەشۇ ئىمزا قويغان تالوننى يانچۇقىغا سالغىنىچە ئۇنتۇلۇپ قالغان،ئاينۇر ئۇنىڭ كىيمىنى يۇيۇپ بېرىش ئۈچۈن يانچۇقىنى ئاقتۇرغاندا ئۇ تالوننى بايقاپ قالغان،شۇنىڭ بىلەن ئەلقەم مەندىن يوشۇرۇن تۇرسىنئاي بىلەن ئىش چىقارغان ئوخشايدۇ دەپ گۇمانلانغان،ئاچچىقىدا كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمىگەن ئاينۇر تۇرسىنئاينىڭ دادىسىغا تېلفۇن قىلغان،ئاقىۋەت تۇرسىنئاينىڭ دادىسى مەكتەپكە كېلىپ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا قىزىنى تىللىغان،ۋە نەچچە كاچات ئۇرىۋەتكەن.
8 l4 `! j: s4 |9 o3 n7 }ئوغۇل دوستى تاشلىۋېتىپ تېخى ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغان تۇرسىنئايغا بۇ ئەلەم قوشۇلۇپ،ئازابلىنىپ مەكتەپنىڭ تەجىربە بىناسىنىڭ ئۈستىدىن ئۆزىنى تاشلىۋالغان.دەرەخكە ئىلمىشىپ قالغاچقا باشقىلار ئۇنى بايقىغاندا تېخى ھاياتكەندۇق،تېخى بايىلا ئادىلە كىرىشتىن بۇرۇن جان ئۈزۈپتۇ.
/ s/ k& ^& k/ }8 E+ Uئەلقەمنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ ئادىلە خۇرسىنىپ قويدى”:بولىدىغان ئىش بوپتۇ،سىزمۇ ئەمدى بەك قايغۇرۇپ كەتمەڭ،ئاينۇرمۇ بۇنداق بولۇشىنى ئويلىمىغان،ئۇمۇ خاتالىقنى تونىدى،سىزمۇ ئۇنى بەك ئەيىپلەپ كەتمەڭ“!% v; }" B" e/ `+ K
كىم بىلسۇن،ئەلقەم ئۇنىڭ تەسەللىيسىنى ئاڭلىماقتا يوق تېخىمۇ چېچىلىپ كەتتى”:مەن ئاينۇرنىڭ بۇنداق كۆرەلمەس،ئىچى تارلىقىغا جاق تويدۇم،مەن ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆرسەممۇ يەنە مەندىن گۇمانلىنىدۇ،بۇ بىر ئىككى قېتىم بولغان ئىش ئەمەس،خوتۇن-خەق دېگەنغۇ زادى مۇشۇنداق،ئەرلەرنى ئىتتەك بوينىدىن باغلاپ يۈرسەم دەيدۇ،تۇرسىنئاينىڭ ئۆلۈمىدە ئاينۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار،ئەگەر ئۇ بۇ خاتالىقىنى تۈزەتمىسە،بىزمۇ مۇشۇ يەردە توختاپ قالساق بولىدۇ“.مۇشۇلارنى دەپ بولۇپ ئەلقەم بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى.
4 c7 e- }4 Z9 R" x1 z6 Cئادىلە بولسا يىغلاپ تۈگىشىپ كەتكەن ئاينۇرغا تەسەللىي بىرىۋاتاتتى.
; h9 d$ U3 A5 aئەتىسى تۇرسىنئاينىڭ بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋالغانلىق خەۋىرى بومبا پارتىلىغاندەك پۈتۈن مەكتەپكە پۇر كەتتى.بەزىلەر ھېسابلاپ كۆرىۋىدى،مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان مۇشۇنىڭ بىلەن 11ئادەم بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋاپتۇ،تۇرسىنئاينىڭ ئۆلۈمى ۋەھىمىلىك خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرغان بۇ مەكتەپكە تېخىمۇ سۈر قوشتى،بەزىلەرنىڭ ئېغىزىدا بۇ مەكتەپ ھازىر ئالۋاستىلار ئۇۋىسى،ئەرۋاھلار ماكانىغا ئايلىنىپ قالدى،تۇرسىنئاينىڭ ئۆلۈمى بولسا ناھەق كەتكەن ئەرۋاھنىڭ جان سورىشىغا ئايلاندى.$ J9 l6 x; m& u, i- N- ~
ئاينۇر بولسا روھىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي تۈگەشكەن بولۇپ،ئەتىسى ياتاقتا يوتقانغا پۈركىنىپ پۈتۈن بىر كۈننى ئۆتكۈزدى،يېمىدى-ئىچمىدى،ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئادىلەمۇ پۈتۈن بىر كۈن دەرس تاشلىدى،ئۇنىڭغا تاماق ئەكىرىپ بەردى،ئۇششاق يېمەكلىك ئەكىردى،قىززىق گەپلەرنى قىلىپ ئۇنى كۈلدۈردى،چۈشتىن كېيىن بولغاندا ئاينۇرنىڭ كەيپىياتى ئازرق ياخشىلاندى،ئادىلەدىن تۆنۈگۈن بولغان ئىشلارنى سورىدى،شۇ قاتاردا ئادىلەنىڭ ئالما يانفۇنىنىمۇ سورىدى.* H9 i* w( @6 O
ئادىلە كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاينۇرغا سۆزلەپ بەردى،يەنە كەچتە تۇرسىنئاينى كۆرگىنىنىمۇ سۆزلەپ بەردى،بۇنى ئاڭلاپ ئازراق ياخشى بولغان ئاينۇر ئايلىنىپ كەتكىلى تاسلا قالدى.ئاينۇر ئادىلەنىڭ يانفۇنىنىڭ راستىنلا ئازراق غەلىتىلىكىنى بايقىدى،چۈنكى ئاخشام ئادىلە ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلغاندا چىققان نومۇر186****4444بولۇپ،كەينى بىر قاتار4تىن تۈزۈلگەن،كىشىگە بىر خىل شۇملۇقتەك تۇيۇلاتتى.% H8 E& U5 O R; y4 A
ئاينۇر ئادىلەنى بۇ نومۇرنى ئالماشتۇرىۋىتىشنى ئېيتتى،بۇنى ئاڭلاپ ئادىلەمۇ بۇ نومۇرنى ئالماشتۇرۋەتسەم بولغۇدەك دەپ ئويلىدى،شۇنىڭ بىلەن چۈشتىن كېيىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ شەھەردىكى تىجارەت زالىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرىۋىدى،ئەسلى بۇ مۇشۇ تېلفۇنغا باغلىۋىتىلگەن نومۇر بولۇپ نومۇر ئالماشتۇرۇلسىلا يانفۇن قۇلۇپلىنىپ قېلىپ ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن.بۇنى ئاڭلاپ ئادىلە نومۇر ئالماشتۇرۇش خىيالىدىن ۋازكەچتى.
% T+ r4 h/ z6 F B% s2 Cقالدۇقىنى سۈرۈشتە قىلىۋىدى،نەچچە يۇەنلا پۇل قاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن 50يۇەن قاچىلاپ،ئاندىن يەنە توكلىغۇچ سېتىۋېلىپ،ئالدىراش-تېنەش ئاپتوبۇسقا چىقتى،بۇ قېتىم ئۇ ئاپتوبۇسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئورنىدا ئولتۇردى،بۇنداق بولغاندا تۆنۈگۈنكىدەك ئارقىسىدا ئولتۇرغان ئادەمدىن قورقۇپ يۈرمەيتتى.بۈگۈن ھاۋا ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى،ھاۋانى قارا بۇلۇتلار قاپلىغان،ھازىرلا يامغۇر تۆكۈۋېتىدىغاندەك قىلاتتى.سائەت ئەمدى بەش بولۇشىغا بالدۇرلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى.ئاپتوبۇسنىڭ ئىچى دىمىق بولۇپ كەتتى،ئادىلە ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن دېرىزىنى ئېچىپ يىراقتىكى تاغلارغا نەزەر سېلىشقا باشلىدى،ئۇ يىراقلارغا قاراۋېتىپ ماشىنىنڭ ئالى تەرەپتە يولدا بىر قارا نەرسىنى،ياق،بىر قارا كىيىملىك ئايالنى كۆردى،ئۇ ئايال يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قولىدىكى يوغان بىر پارچە تاش بىلەن ئالدىدىكى قونچاقنى ئۇرىۋاتاتتى،ئۇرغاندىمۇ،خۇددى ئاشۇ قونچاقتا ئۆچى باردەك غەززەپ بىلەن ھەر بىر ئۇرۇشىدا پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ قونچاقنىڭ بېشىغا ئۇراتتى،ماشىنا بارغانسىرى ئۇ ئايالغا يېقىنلاشتى،ئادىلەمۇ ئۇ ئايالنى ئېنىق كۆردى،چۇۋۇق چاچلىرى يۈزىنى توسۇۋالغان،قىياپىتىدىن بىر خىل سۈر ۋە ۋەھىمە يېغىپ تۇرىدۇ،ماشىنا نەق ئۇنىڭ ئۇتتۇرىغا كەلگەندە ئۇ ئايال توساتتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئادىلەگە غەززەپ بىلەن ھومايدى.
- `' j/ h7 ~) m; r+ @5 p0 t/ H” ئا“...ئادىلە قورققىنىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى،ماشىنا سۈرئىتى تېز بولغاچقا ئۇنىڭ تۆنۈگۈنكى ئايال شۇ ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمىدى،ئۇنىڭ ۋارقىرغان ئاۋازى ئاپتوبۇستىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى،ئادىلە خىجىللىقتىن بېشىنى ئىچىگە تىقىپ جىم ئولتۇرۋالدى.چەكسىز بىر خىل ۋەھىمە گوياكى ئالۋاستىنىڭ قانلىق قولىدەك ئۇنىڭ ئاجىز يۈرىكىنى مۇجۇشقا باشلىدى.: t8 c$ b/ v0 Q! |! F9 \1 }
6 D1 m# {8 C4 y7 ~2 K2 w' B9 |' j
# q. w" v3 o* l3 E
* b) K. B" _/ J* T/ e: L6 a
+ @/ `+ d% z2 c2 V3 G& a# ?- Z7 ^% S# ]$ I3 N9 s, H
3.ئۆچۈرۈلمەس ھۆججەت1 Q. L5 _$ y# g
; n# A' a$ ]* x' `: N8 o
بۈگۈنكى چۈشتىن بۇرۇنقى -3سائەتلىك دەرىستە،ئاناتومىيە مۇئەللىمى ئالىم پىروپىسور كۆپچىلىككە”:ساۋاقداشلار مەكتىپىمىزگە يېڭى بىر تۈركۈم ئادەم بەدىنى ئەۋرىشكىسى كەلتۈرۈلدى،جەمىي10دانە،ئەگەر دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدا باشقا ئۆزگىرىش كۆرۈلمىسە،ئۈچ كۈندىن كېيىن ئادەم بەدىنىنى ئەمەلىي يېرىپ تەكشۈرۈش تەجىربىسىنى ئىشلەيمىز،شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ كىتابتىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئوبدان كۆرۈپ قويۇشىنى ئۈمد قىلىمەن“.
$ \7 a7 n9 m" @ d; ^بۇنى ئاڭلاپ،سىنىپ قايناپ كەتتى،ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنىڭ -1يىللىقىدىكى بۇ ئوقۇغۇچىلار تېخى ھەقىقىي جەسەتنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ،نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى،بولۇپمۇ قىزلار قېتىپ كەتكەن جەسەتكە قاراشقىمۇ قۈرئەت قىلالمايتتى،قولىغا پىچاق ئېلىپ جەسەتنى يېرىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنەتتى.4 m+ o# N* l8 Z8 j
ئالىم پىروپىسور ئوقۇغۇچىلارنى مۇزاكىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ،كېيىنكى قېتىملىق تەجىربە پىلانىنى تۈزۈش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى،ئادىلە بىردەم كىتاپ كۆرۈۋىدى،كاللىسى ئىغىرلاشقاندەك بولۇپ،ئىككى قولىدا چېكىسىنى ئۇۋلاشقا باشلىدى،بۇ ئىككى كۈننىڭياقى ئۇ تۈزۈكمۇ ئۇخلىيالمىدى،كۆزىنى يۇمسىلا ھېلقى چاچلىرى چۇۋۇق ئايال كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ،ئۇخلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالماس بولۇپ قالغاندى.$ \# d+ A) [" p/ o8 Q
ئادىلە كىتابنى قويۇپ،يانفۇنىنى ئېلىپ ئىقتىدارلىرىنى خالىغانچە ئېچىپ-يېپىشقا باشلىدى،تۇيۇقسىز ئۇ ئالبومغا كىرىپ قالدى،ئالبومدا ئۈچ پارچىلا رەسىم تۇراتتى،بىرىنجىسى بىر ياش قىزنىڭ رەسىمى بولۇپ،23،24ياشلار چامىسىدا،قاپقارا ئۇزۇن چاچلىق،سوزۇنچاق يۈزلۈك،كۆزلىرى چوڭ-چوڭ،بەش ئەزاسى جايىدا تولىمۇ چىرايلىق،زىناقلىرىنى چىقىرىپ،ئوماققىنە تەبەسسۇم قىلىپ تۇراتتى.
. S6 Z7 m; U' P! J) T/ D/ v/ iئىككىنجىسى20ياشلار چۆرىسىدىكى بىر ئوغۇل بالىنىڭ رەسىمى بولۇپ،چىرايىدىن بىر خىل سالاپەت چىقىپ تۇراتتى،تېرىسى قارامتۇل بولۇپ،قىسقا چاچ،قوشۇما قاش،كۆزلىرى چوڭ،ئوڭ جاۋغىيىدا روشەن پىچاق يارىسى بار بولۇپ،سىنچىلاپ قارىسا كىشىنى ئازراق سۈر باساتتى.& B! q0 w) f* n, d( V/ V
ئۈچىنجىسى...ئۈچىنجىسى يانفۇن سېتىپ بەرگەن ھېلقى ئوتتۇرا ياش ئەرنىڭ رەسىمى بولۇپ،چىرايىدىن بىر خىل ئوغرى كۈلكىسى چىقىپ تۇراتتى.قانداقسىگە بۇ رەسىملەر ساقلىنىپ قالغاندۇ؟بەلكىم ئۆچۈرۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك،ئادىلە شۇلارنى ئويلىغاچ،بۇ رەسىملەرنى ئۆچۈرىۋەتمەكچى بولدى،ئاۋۋال ھېلقى ئوتتۇرا ياش ئەرنىڭ رەسىمىنى تاللاپ ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋىدى”دۇڭ“قىلغان ئەسكەرتىشئۇچۇرى چىقىپ”ئۆچۈرۈش مەغلۇپ بولدى“دېگەن خەت كۆرۈندى.نېمە ئىش بۇ؟!قانداقسىگە ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ؟قايتا سىناپ بېقىۋىدى،يەنە ئوخشاش ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقتى،ئۈچ پارچە رەسىمنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئۆچۈرگىلى بولمىدى،زادى ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق دېگەن راستكەن،ھېلىتىن چاتىقى چىققىلى تۇرى،ئادىلە ئازراق تېرىكتى،لېكىن بىر قانچە پارچە رەسىمگە تارتىپ ئۆچۈرىۋىدى،مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆچۈرۈلدى.; r: K4 F. E) r4 e
جىنغا يولۇقتۇممۇ نېمە؟ئادىلە ئالبومدىن چېكىنىپ ئالاقە خاتىرسىگە كىرىۋىدى،ئۈچلا تېلفۇن نۇمۇرى تۇراتتى،بىرسىگە تېلفۇن قىلىپ سىناپ باقماقچى بولۇپ،يەنە توختاپ قالدى،خەقنىڭ ئالاقىلىشىش خاتىرسىدىكى كىشىلەرگە تېلفۇن قىلسام تازا قاملاشمىغۇدەك،بولدىلا،ئۆچۈرۋىتەي.لېكىن ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغىنى،بۇ ئۈچ نومۇرنىمۇ ئۆچۈرگىلى بولمىدى،نېمىدىگەن ئەبجەق يانفۇن بۇ!ئادىلە ئاچچىغىدا يانفۇننى ئۈستەلگە قاتتىق تاشلىدى،تاراق قىلغان ئاۋاز ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ دېققىتىنى تارتتى./ p; h6 r. m8 e+ U
قاراشتىلا ھازازۇل كۆرۈنىدىغان،ئۆزىگە ياراشمىغان قېنىڭ گىرىم قىلىۋالغان ئالدىنقى رەتتىكى بىر قىز ئادىلەنىڭ ئالدىدىكى ئالما يانفۇننى كۆرۈپ ،يەنە تېخى مۇشۇنداق يۇقىرى ئاۋاز چىقارغىنىنى كۆرۈپ،تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ،ئىنىچكە ئاۋازدا”:بەزىلەر ئالامەتقۇ،ئالما يانفۇننى ئاتقۇدەك بوپ كېتىپتۇ،ئۆي شارائىتى ياخشى بولمىسىمۇ،چىراي بولسىلا بولىدىكەن جۇمۇ،يېمەك-ئىچمەك،كىيىم-كېچەكتىن غەم يوق،ئىشلىتىشى ئالما يانفۇنلىرى،بىزمۇ بەگزادە،بايۋەتچىلىدىن بىرەنى تېپۋالساق بولغۇدەك جۇمۇ“!
/ `* ^& p, s: q, y" Kبۇنى ئاڭلاپ ئادىلەنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى،يانفۇننى ئاتمىسام بوپتىكەن...بېشىنى ئىچىگە تىقىپ جىمىپ قالدى،جىم ئولتارمايمۇ نىم ئامال،بۇ چىشى يولۋاس بىلەن ئۇرۇشۇپ پايدا ئالغىلى بولاتتىمۇ؟لېكىن ئادىلەنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغان ئاينۇر بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىدى،ئۈستەلگە مۇشتلىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ سۆزلەپ كەتتى”:ئايشەم دېگەن بىرمە،ئاغزىڭنى چايقاپ گەپ قىل،خەق يانفۇننى ئۆزى پۇل خەجلەپ ئالسا،سەن نىمە خەققە تۆھمەت قىلىسەن؟“
/ B& O$ @: u# X- b” تۈپىي،ئاينۇر ،سەن تېخى نومۇس قىلماي ماڭا گەپ قىلىۋاتامسەن،ھىم،بىزنى بىلمەيدۇ دەپ قالما!تۇرسىنئاينى ئۆلتۈرگەن دەل سەن،ئىچى زەھەر جادىگەر،ئەزەلدىن كۆزۈمگە سىغمايتتىڭ،ئەسلى سەن ئۆلسەڭ توغرا بولاتتى،سەن چوقۇم تۇرسىنئايدىمۇ ئېچىنىشلىق ئۆلىسەن،ھاھاھا“!ئايشەم زەھەرخەندىلىك بىلەن كۈلۈپ كەتتى.( {2 [) W1 p+ {$ I; m/ I2 o# M
بۇ بىر ئېغىز گەپ ئاينۇرنىڭ يۈرىكىنى تىلىم-تىلىم قىلىپ ئېچىشتۇردى،چىرايى تاتىرىپ،بەدىنى تىتىرەشكە باشلىدى،مۇشتلىرىنى تۈگكىنىچە ئايشەمگە ئېتىلدى،تېخىچە كۈلىۋاتقان ئايشەم بىردەمدە ئۆزىنى ئاينۇرنىڭ ئاستىدا كۆردى”:ئايشەم دېگەن قانجۇق،بۈگۈن ساڭا جېنىمنى تىكتىم“!!!ئاينۇر ئايشەمنى تېگىگە بېسىۋېلىپ ئۇدۇل كەلگەن يېرىنى چىمدىماقتا ئىدى...: v' l5 e1 |4 z- |0 v+ _/ _
ئادىلە ئۆزىنى جېدەل ئارىغىلى ئاتتى،بىردىنلا سىنىپ ئىچى ئۆرىتۆپە بولۇپ كەتتى...3 r( `) Z2 N. `& K
چۈشلۈك ئارام ۋاقتى،ئادىلە تېخىچە جېدەلدىن ئېسىگە كېلەلمىگەن ئاينۇرنى ئېلىپ مەكتەپ تەتەربىيە سارىيىغا كەلدى،زالدا بىرىنجى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋاسكىتبول تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىۋاتقان بولۇپ،ئاينۇرنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالسۇن ئۈچۈن ئادىلە ئۇنى ئېلىپ مۇسابىقە كۆرگىلى ئولتۇردى،تاماشىبىنلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى.ئىككەيلەن ئىچىملىك ئىچكەچ تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتاردى،ئەمەلىيەتتە ئادىلەلا گەپ قىلىۋاتاتتى،ئاينۇر بەكمۇ ئاز سۆزلەيتتى.+ a# H7 u- }# n
” ياخشى توپ“مەرداننىڭ چىرايلىق ئاتقان بىر توپى ھەممەيلەننىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
y. u: E. [) |4 \6 yئا گۇرۇپپا68كە قارشى70نومۇر بىلەن ب گۇرۇپنى يېڭىپ مۇسابىقە ئاياقلاشتى،ئا گۇرۇپپنىڭ ئەزالىرى مەرداننى ئورىۋالدى،ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەتىرەت باشلىقى بولغان مەردان بولمىغان بولسا ئا گۇرۇپ چوقۇم ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۋەتكەن بولاتتى.: X" ?. ]) @. K% V9 Y4 {
مەردان كۆپچىلىك بىلەن خوشلىشىپ قايتماقچى بولۇپ مېڭىپ ئولتۇرۇپ توپ كۆرىۋاتقان ئادىلە بىلەن ئاينۇرنى كۆرۈپ قالدى،ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالاملاشتى”:سىلەرمۇ توپ كۆرگىلى كەپسىلەردە؟“
. a) w: ?2 y$ H! H6 a3 s- o” ھە“ئىككى قىز تەڭلا باش لىڭشىتىشتى،لېكىن ھېچىكىم ئارتۇق گەپ قىلمىدى،مەردان ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئىچىملىكنى كۆرۈپ”:ھەجەپ ئۇسساپ كەتتىم،ئىچىملىكىڭلارنى ئىچسەم بولامدۇ؟“ئۇ كىمنىڭكىنى ئىچىدىغىنىنى ئېيتمىدى،شۇڭا ئىككى قىز تەڭلا قولىدىكى ئىچىملىكنى سۇندى،ئادىلەنىڭ قولىدا كۆك چاي،ئاينۇرنىڭ قولىدا سۈت چاي بار ئىدى.
& ]. K" ~& z+ j/ q+ X$ pمەردان بىر ئاز تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن،ئادىلەنىڭ قولىدىكى بوتۇلكىنى ئالدى،ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ”:مەن كۆك چاي ئىچىپ كۆنۈپ قاپتىمەن“بوتولكىنى كۆتۈرۈپلا غورتۇلدىتىپ بوتۇلكىنى قۇرۇقداپ قويدى.بۇرۇن ئادىلە بىلەن يۈرگەندە مەردان دائىم ئىككى بوتۇلكا كۆك چاي ئالاتتى،بىرسىنى ئۆزىگە،يەنە بىرسىنى ئادىلەگە.ئادىلە ئەسلى كۆك چاي بىلەن خۇشى يوق ئىدى،لېكىن بىلىپ-بىلمەي چاينىڭ تەمىگە كۆنۈپ قالدى،بەلكىم مەردان مۇشۇ كۆك چايغا ئوخشاش راھەت،ھەم ھوزۇرلۇق لېكىن بەك قېنىق ئەمەسلىكىدىن بولسا كېرەك.بەلكىم بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈشمۇ ئىچىملىك ئىچكەنگە ئوخشىسا كېرەك،سىزنىڭ ئەسلىي قايسى ئىچىملىكنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭىز ئەمەس،بەلكى سىزنىڭ قايسى ئىچىملىككە كۆنۈپ قالغىنىڭىز مۇھىم بولغىنىدەك.ئادىلەمۇ ھازىر بىر ئاز گاڭگىراپ قالغاندى،مەردان گەرچە ئاللىقاچان ئۆزىدىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىچىپ قويغان ئىچىملىكىنى ئويلانماستىن ئىچىۋەتكەندى.
/ C Z3 o# i$ G+ v! L0 `ئاينۇرمۇ مەرداننىڭ ئۆز قولىدىكى بوتۇلكىنى ئالمىغىنىدىن رەنجىپ كەتمىدى،ئەكسىچە ئىچىدە ئادىلە ئۈچۈن خۇش بولىۋاتاتتى.قارىغاندا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا يەنە مېھىر بار ئوخشايدۇ،مۇشۇ باھانىدە يارىشىپ قالامدۇ تېخى”.ۋۇجۇ،تۇيۇقسىز قورسىقىم ئاغرىپ كەتتى،مەن بېرىپلا كېلەي،ئىككىڭلا پاراڭلىشىڭلا“مېڭىش ئالدىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇت دېگەندەك ئادىلەنىڭ جەينىكىنى چىمداپ قويدى.
2 u- r% ?- c: [) X# z% v- Pئاينۇر كەتكەندىن كېيىن ئادىلە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ چاپىنىنىڭ پېشىنى ئويناپ تۇراتتى،مەردان بىر ئاز ئوڭايسىزلىنىپ”:بۇ يەر بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭكەن،سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەمدۇق“دېدى
* }# S+ F6 b! F( u; g7 Z* H& }0 `ئىككەيلەن ماڭغىنىچە زالنىڭ ئارقىسىدىكى كىچىك دەرەخلىقكە كېلىپ توختىدى،شىپاڭغا كېلىپ ئولتۇرۇشقان بولسىمۇ،ئارىدا بىر خىل سوغۇقلۇق بار ئىدى،بەلىكم ئۇزۇنغىچە ئالاقىلەشمىگەنلىكىدىن بولسا كېرەك.
: i9 q) T1 @; G _( _” سىز“...1 [0 V" k# P% F$ w. X; B) Y: X8 e3 b
” سىز“...ئىككەيلەن تەڭلا ئېغىز ئېچىشتى.1 h- h3 K% [! g
” سىزئاۋۋال سۆزلەڭ!“ئادىلە يۈزلىرى قىزارغىنىچە شۇنداق دېدى.9 W( ~- Z8 L$ q5 q
” ياخشى تۇرۋاتامسىز؟“مەردان ئادىلەنىڭ روھى كەيپىياتى تازا جايىدا ئەمەس ھالىتىگە قاراپ سورىدى.
- n# K8 H6 D) U% m. W” ھەئە،ياخشى،ئۆزىڭىزچۇ؟“
- V, O0 O, N7 _4 G1 [# n R: p1 h, S” يېقىندىن بۇيان شۇ كوماندىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش،شۇڭا“...- E4 }; Z1 w6 O% R% M6 B( }
” ئاپاراتىڭىزنى ئوڭشىيالىدىڭىزمۇ؟“
9 c" ~$ l+ g' g7 y” بۇزۇلۇپ كىتىپتۇ،ئوڭشالمىدى“دېدى مەردان خورسىنىپ.
; s% c9 p/ d1 o0 E' @8 T$ S% ?” كەچۈرۈڭ،مەن...مەن ئاپاراتىڭىزنى دەرياغا چۈشۈپ كېتەر دەپ ئويلىماپتىمەن“.2 f% G' X5 ]3 g2 I( L9 _! U
” ئەمەلىيەتتە مەندىن ئۆتكەن يەرلىرىمۇ بار،ئاپاراتتا ئۇنىڭ رەسىملىرىنىڭ بارلىقىنى دېمىگەن گۇناھ مەندە،بىلسە سىزنى خاپا بولارمىكىن دەپ ئېيتمىغان.گەرچە ئۇنڭ بىلەن بۇرۇنلا ئايرىلىپ كەتكەن بولساممۇ،ئۇ ئاپپاراتنى ئۇ سوۋغا قىلغان،مەن بەك قەدىرلەيتتىم،شۇڭا“...1 }3 e7 ?3 P5 u; }1 ]9 J
” شۇڭا سىز ئاپپاراتنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ھېچنىمىنى ئويلاشماستىن ئوننەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىن دەرياغا سەكرىدىڭىز،شۇڭا ئۇنىڭ سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورنىنىڭ نەقەدەر يۇقرىلىقىنى كۆرۈۋالدىم“.
' k2 P/ d; ~* N" C” سىز كۆپ ئويلاپ كېتىپسىز،قەلبىمدە سىز ھەممىدىن مۇھىم“!0 v0 [) G2 V! N/ V% G
” ئىشەنمەيمەن،ئالدىنقى قېتىم سۇ ئۈزگىلى بارغىنىمىز يادىڭىزدىدۇ؟مەن ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە قانداق قىلدىڭىز؟دەرھال سەكرەپ چۈشۈپ مېنى قۇتقازماقتا يوق،ئۈستىدە تۇرۇپ مېنى مازاق قىلىپ كۈلدىڭىز،مۇشۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟سىزنىڭ قەلبىڭىزدە بىر ئاپپاراتچىلىكمۇ ئورنۇم يوقكەن،شۇنداق ئەمەسمۇ؟“ئادىلە سۆزلىگەنسىرى ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىشقا باشلىدى.
& x3 u% _6 o' f* B” ئادىلە،خاتا چۈشەنمەڭ دەيمە!سىز سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە راستلا بەك قىززىق بولغان،شۇڭا ئۆزەمنى تۇتالماي كۈلۈپ كېتىپتىمەن،يەنە كېلىپ ئۇ دېگەن سۇ ئۈزۈش سارىيى تۇرسا،يا خەتەرلىك جاي بولمىسا،ئەگەر راستىنلا بىرەر خەتەرلىك ئىش بولسا،مېنىڭ سىزنى قۇتقۇزماسلىقىم مۇمكىنمۇ؟“ G w3 R1 P/ z: L. }
” لېكىن سىز بىلمەيسىز،مەن سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە سىزنىڭ كېلىپ قۇتقۇزۇشىڭىزنى نەقەدەر ئۈمد قىلغاندىم،لېكىن سىز قىرغاقتا تۇرۇپ مېنى مازاق قىلىپ كۈلدىڭىز،يەنە تېخى بەك قىززىق بوپتىمىش“!ئادىلەنىڭ راستىنلا ئاچچىقى كەلگەندى.: q& y2 p2 S! P; |1 p c! L0 Y7 y2 q
” ئۇنداق ئەمەس،مەن راستىنلا“...
7 S8 {/ [# G& ^! ^* ?+ b” بولدى چۈشەندۈرمەڭ!بىر ئاپپارات ئۈچۈن مېنى بىر ئايغىچە ئىزدىمىدىڭىز،دېمەك قەلبىڭىزدە مەن ئەمەس ئۇ باركەن،بولدىلا،بىر ئايدىن بۇيان مەنمۇ يالغۇز يۈرۈپ كۆنۈپ قالدىم،ئىككىلىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭايلى،خوش“سۆزىنى تۈگىتىپلا،ئادىلە پېشىنى قاققىنىچە كېتىپ قالدى.. q# | D3 @( V/ `) j3 l' T' u
” ئادىلە“...يىراقلاپ كېتىپ قالغان ئادىلەنى كۆرۈپ مەردان غەززەپ بىلەن تۈۋرۈكنى بىرنى مۇشتلىدى...$ s4 P$ P( n0 ?# H$ F: F
ياتاقتا ھېچكىم يوق،ئادىلەلا كارۋىتىدا ھاڭۋاققىنىچە ياتاتتى.
) Z4 p; ]0 h7 f* o: O U( v4 m# bھازىرقى ۋاقىت سائەت توققۇز.ئالما يانفۇننىڭ مۇزدەك ئاۋازى ئاڭلاندى،ئادىلە بولسا تېخىچە مەردان بىلەن سۆزلەشكەن مەنزىرىنى ئويلاۋاتاتتى.
! I4 o7 A% n7 R- L: l/ V( g” ئادىلە،خېلى دىتىڭ بار ئىدىغۇ؟قاراپ تۇرۇپ بىر ئوبدان پۇرسەتنى يوق قىلدىڭ،باياتتىن چېچىلمىغان،ئاچچىقلانمىغان بولساڭ بەلكىم مەردان بىلەن يارىشىۋالغان بولاتتىڭ،ئېشەكچىلىكمۇ ئەقلىڭ يوقكەن“!ئادىلە ئۆزىنى ئەيىپلەۋاتاتتى،ئۇ راست پۇشايمان قىلغاندى،مەردان قارىماققا بەستلىك كېلىشكەن كۆرۈنگەن بىلەن،كاللىسى ئاددىي،ئاسانلا باشقىلارنىڭ گېپىنى راست دەپ قالىدۇ،ئەگەر ئۇ راستىنلا مېنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكۈسى بار دەپ ئويلاپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟“
. O2 l9 j/ B2 p7 rئادىلە مۇشۇلارنى ئويلاۋاتقاندا،ياستۇقىنىڭ يېنىدىكى يانفۇن تىتىرەشكە باشلىدى،ئادىلە ھەيران بولۇپ قارىۋىدى،ئېكراندا مەرداننىڭ نومۇرى تۇراتتى،ئادىلە پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ تېلفۇننى ئالدى:2 s' a9 H. s/ E2 u
- ۋەي؟
0 A- g* z( d% B6 n% l/ g2 k7 N- ۋەي،ئادىلە، بۇ مەن-نەق شۇ مەرداننىڭ ئاۋازى ئىدى
7 C0 f, O2 N& X( b& D- نومۇرۇمنى قانداق بىلدىڭىز؟-ئادىلە سورىدى.
" h0 T1 V/ _. \. V/ e" B- ئاينۇردىن سورىدىم،تېخىچە ماڭا قېيداۋاتامسىز؟# @. c! Q* L4 U2 C: B( R9 M8 j# R
ئادىلە مەرداننىڭ گېپىدىن ئۇنىڭ ئۆزىدىن كەچۈرۈم سورىماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدى،بىلىنەر -بىلىنمەس كۈلۈپ قويۇپ،تەلەپپۇزۇنى قاتتىق قىلىپ:سىز شۇ قاچانلا بولسا ئاچىىقىمنى كەلتۈرسىڭىز،قىيدىماي قانداق قىلىمەن؟+ O. t* S' p- Z) g, ^
- بولدى،مېنىڭ خاتا،مەن ناماقۇل،گۇناھمىنى يۇسام بولا؟سىز ھازىر بىكامۇ؟' \7 H* w6 o2 c+ i+ I
- نىمىش قىلىسىز؟: d5 v5 n( ?9 F8 u' g7 d9 G
- بىزنىڭ كوماندا غەلبىمىزنى تەبرىكلەپ ئولتۇرماقچىتۇق،سىزنىمۇ كېلىپ بىز بىلەن ئولتۇرشىپ بىرەمدىكىن دەپ...# R2 g, a! f7 A9 p* l3 T
- بارغۇم يوق-!ئادىلە ئېغىزىدا شۇنداق دېگەچ ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيىشكە باشلىدى.
) |5 }+ b, S; w: v-كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بار،سىزمۇ كېلىڭە،بىز ھازىر***يولىدىكى***مېھمانخانىدا،سىزنى ساقلايمەن-!مەردان سۆزىنى تۈگىتىپ ئادىلەگە گەپ قىلغۇدەك پۇرسەتمۇ بەرمەي تېلفۇننى قويىۋەتتى.* S( o' T; ~! l! s
ئادىلەنىڭ شۇ تاپتا بېشى كۆككە تاقاشقان ئىدى،ئۇ ھاپلا-شاپلا يۈز-كۆزىنى يۇيۇپ،سۇس گىرىم قىلىپ،سومكىسى بىلەن يانفۇنىنى ئېلىپ مېڭىپ كەتتى.
* a2 V: f" q# c' ?! F: n8 I1 _
6 X5 [% ~9 T' o, d6 Q# W
% V; _* R$ @, s- P- d) h# B
8 b7 _6 `: @* p0 [; F5 w* t/ o8 l+ J: p4 X3 ]2 Y
6 Z5 G0 L6 F2 Z" v9 l2 u! u! V
7 Y& k3 ?1 Z, ~4 P$ p1 n
) [, @1 k0 N6 }! N. D5 C
% L2 E" A. [1 ]' t! }2 U0 t4.ۋەھىمىلىك يىغىلىش
. H& q( L9 y7 \0 R, K) G7 Xئادىلە مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ بىر تاكسىنى توستى،شوپۇرغا بارىدىغان يېرىنى ئېيتىپ ماشىنىغا چىقتى،شوپۇر بولسا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ماشىنىنى قوزغىدى., k% P% }# [5 C' J. S) d# X, \
غەلىتە ئىش،ھەر كۈنلىرى يوپيۇرۇق تۇرىدىغان كوچا چىراقلىرى بۈگۈن بىرسىمۇ يانمىغان،ئەتىراپ قاپقاراڭغۇ،ئادىلە جىددىيلەشكىنىدىن ھېلىدىن-ھېلىغا يانفۇنىنى چىقىرىپ سائەتكە قارايتتى،ماڭغىلى يېرىم سائەت بولدى،نېمانداق بېرىپ بولالمايدۇ؟
# n. t6 l$ j; e' Vئۇستام ماشىنىنى سەل تېزرەك ھەيدىگەن بولسىڭىز!ئادىلە جىددىيلىشىپ شوپۇرنى سۈيلىدى.7 Z1 ?2 w. `5 w U) a
قارا كۆزەينەك تاقىغان شوپۇر بولسا يەنىلا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن،جىمجىتلا ماشىنىنى تېزلەشتۈردى.* \- E+ s& h9 ?, ~8 F- R! O2 u
- ھەجەپ غەلىتە ئادەمكىنا!كەچتىمۇ قارا كۆزەينەك تاقىۋالغان بارمۇ؟يولنى ئېنىق كۆرەلەمدىكىنە؟-ئادىلە ئىچىدە غودوڭشىدى.+ _* s0 ?0 T& S: X- I: \
كۆپ ئۆتمەي ماشىنا مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.ئادىلە پۇلنى بېرىپ ،ماشىندىن چۈشتى،ۋە ئالدىدىكى مېھمانخانىغا كىردى،لېكىن ئۇنى ئەجەبلەندۈرگىنى،شۇنچە چوڭ مېھمانخانىنىڭ كارىدورىدا بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتتى!قاپقاراڭغۇ كارىدوردا بىر نەچچە تام چىرىقىلا غۇۋا يورۇپ تۇراتتى.
8 Z- ?7 W) O9 Z' Bئادىلە ئەتىراپىغا ھەيرانلىق بىلەن قارىغىنچە ئاستا مېڭىۋاتاتتى.ھازىرغىچە بىرەر ئادەم ئۇچىرمايۋاتاتتى،ئادەم ئەمەس ئىت-مۈشۈكمۇ ئۇچىرمايۋاتاتتى.ئەتىراپ تىپتىنىچ،پەقەت ئادىلەنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئايىقىنىڭ سىلىق يەر يۈزىگە تەگكەندىكى تاك--تاك--تاك قىلغاندىن باشقا ھېچقانداق ئاۋاز يوق،ئادىلە قورقۇشقا باشلىدى،جىددىيلىشىپ ۋارقىرىدى”:ئادەم بارمۇ؟“, H& |8 Q3 V% Q: m1 W* E# @- `
ئۇنىڭغا ئاڭلانغىنى پەقەت قايتىپ كەلگەن ئەكىس سادالا بولدى”،نېمە ئىش بۇ؟مېھمانخانا دېگەن ۋاراڭ-چۇرۇڭ،ئادەم جىق بولمامدۇ؟بۇ يەردىكىلەر قېنى؟“
% X, W1 g5 E4 l$ yئادىلە تامدىكى يۆنىلىش كۆرسەتكۈچى بويىچە بىر ئوڭغا،بىر سولغا مېڭىۋەردى،لېكىن يەنىلا بىرمۇ ئادەم ئۇچىراي دېمەيتتى،ئۇ ئەمدى ئازراق بىنورماللىقنى سەزگەندەك بولدى.ئەجىبا مەن خاتا كەپ قالدىممۇ؟ئاخىرى يوق بۇ كارىدورلارغا قاراپ ئادىلەنى سۈر بېسىشقا باشلىدى.ئۇ بۇيەردىن چىقىپ كەتمەكچى،يورۇق يەردە تۇرماقچى بولدى.دەل شۇ چاغدا،گۇڭگا چىراق يورۇقىدا كارىدورنىڭ ئۇ بېشىدىن بىر قارا نەرسىنى بايقىدى،ئۇ قارا نەرسە يەردە ئاستاغىنە ئۆزى تەرەپكە قاراپ سۈرۈلۈپ كەلمەكتە ئىدى.ئادىلەنىڭ چېكىسىدىن سوغوق تەر قۇيۇلدى،بۇ...بۇ زادى نېمە؟' A8 p ~' D/ Z6 x8 }2 q
ئادىلە كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ،قورقۇمسىرىغان ھالدا يەردە ئاستا-ئاستا سۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇ نەرسىگە سەپ سالدى،بۇ قېتىم ئۇ نەرسە چىراقنىڭ ئاستىغا كەلگەندە ئادىلە ئۇ نەرسىنى ئېنىق كۆردى!ئۇ...ئۇ قانداقتۇر نەرسە ئەمەس بەلىكى بىر ئادەمكەن !بېشىنى ئاسمانغا قىلىپ،چاچلىرى بىلەن يەر سۈپۈرۈپ كېلىۋاتقان،كۆزلىرىدىن شۇملۇق چىقىپ تۇرىدىغان بىر خوتۇنكەن!ئادىلە يەنە ئۇ خوتۇننىڭ كۆزلىنىڭ بىر خىل چۈشىنىكسىز ئىپادىدە ئۆزىگە قاراۋاتقىننى كۆردى!
( ]; e) _2 k [1 [- ئا-...ئادىلە ۋارقىرىۋەتتى،كەينىگە بۇرۇلۇپ قاچماقچى بولدى،لېكىن پۇتلىرى مىخلاپ قويغاندەك ھېچ مىدىرىمايتتى،ئۇ پۇتىغا قارىدى،ئەسلى،ئەسلى ئىككى پۇتىنى چىرىپ كەتكەن ئىككى قول چىڭ تۇتۇۋالغان ئىدى!ئادىلە قورىققىنىدىن سەكرەپ كەتكىلى تاس قالدى،ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغاندا،ھېلقى ئۆزىگە قاراپ ئۆمىلەپ كېلىۋاتقان ئايال غايىپ بولغاندى،پۇتىغا قارىۋىدى پۇتىنى تۇتىۋالغان ھېلقى قولمۇ كۆرۈنمىدى.
. I4 f7 H" s& b7 F4 M `نېمە ئىش بۇ؟كۆزۈم تورلىشىپ قالمىغاندۇ؟خيالىي تۇيغۇممۇ يا؟ئادىلە تېڭىرقاپ قالدى،لېكىن بۇ يەر بەكلا غەلىتىكەن،ئەڭ ياخشىسى ئىتتىكراق كېتىۋالاي،ئادىلە شۇلارنى ئويلىغاچ كەينىگە بۇرۇلۇپلا ماڭدى،لېكىن نەچچە قەدەم مېڭىپلا،ئوننەچە مېتىر نېرىدا بىر ئادەمنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى،ئۇ ئادەم ئاق خالات كىيگەن،ئاق ماسكا تاقىۋالغان،ئاقساپ ماڭاتتى.قولىدا تېخى بىر چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ كېلىۋاتاتتى،چاقلىق ئورۇندۇق بولسا قۇرۇق ئىدى!ئۇ چاقلىق ئورۇندۇقنى نېمە قىلىدىغاندۇ؟بۇ يەر يا دوختۇرخانا بولمىسا؟3 U1 Z4 h" D$ E- U" q1 R
ئادىلە قورققىنىدىن مېڭىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى،ئۇ جايىدا جىمجىت تۇرۇپ ھېلقى ئادەمنىڭ ئاقسىغىنىچە ھارۋىنى ئىتتىرىپ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقىنىغا قاراپ تۇراتتى،يېقىنلاشقانسىرى بىر خىل ئادەمنى ئەندىكتۈرىدىغان،گوياكى توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندا ئۇرۇلغان سوغوق ھاۋادەك بىر خىل ھاۋا ئۇنىڭغا ئۇرۇلدى.
4 |0 F2 a7 I* J6 f& vئادىلە ئۆزىنىڭ خەتەرگە يولۇققىنىنى سەزدى،بۇرۇلۇپ قاچماقچى بولدى،ھېلقى ئادەممۇ قەدىمىنى تېزلىتىپ كېلىشكە باشلىدى،يەنە تېخى چاقلىق ھارۋىنىڭ چاقىدىن چىققان قورقۇنۇچلۇق ئاۋاز بارغانسىرى ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى.
0 x, ^( P) m# s$ `. P: |ئادىلە ئادەتتە ئېگىز پاشنىلىق ئاياقنى كۆپ كىيمەيتتى،ھازىر جىددىيلەشكىنىدىن نەچچە قەدەم ماڭمايلا يىقىلىپ چۈشتى،تىزلىرى ئاغرىق دەستىدىن ئورنىدىن تۇرالمىدى،ھېلقى سىرلىق ئادەم بولسا ئۇنڭىغا يېتىشىۋالدى،ئادىلە گەپ قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا،ئۇ ئادىلەنىڭ گېلىنى سىقىشقا باشلىدى.5 m# Q/ p+ ~* `
” سەن...سەن نېمە قىلماقچى؟“ئادىلە خىقىراپ تۇرۇپ شۇنى دىيەلىدى.
7 d: i7 @' ^) {# V9 Q* Cئۇ ئادەم ھېچنىمە دېمەستىن بىر قارا رەخىتنى چىقىرىپ ئادىلەنىڭ كۆزىنى ئەتتى،بىرلا تارتىپ ئادىلەنى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزدى،ئاندىن چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ مېڭىپ كەتتى.
# g; `6 {0 K. O+ X6 H }” ئا...قۇتقۇزۇڭلا!ئادەم بارمۇ؟“ئادىلە جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىرايتتى،قوللىرىنى شىلتىيتتى،لېكىن كۈچلۈك بىر قول ئۇنىڭ گەۋدىسىنى بىسىپ تۇرغاچقا ئۇ تۇرالمايتتى.
3 M5 l. B' J) w/ _ئادەمنىڭ كۆزى كۆرمىگەندە قەلبىدىكى ۋەھىمە ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.ئادىلە ۋارقىرايتتى،ئۆزىنىڭ قەيەرگە ئېلىپ مېڭىلغىنىنى بىلمەيتتى،قانداق پاجىئەنىڭ ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغىنىنىمۇ بىلمەيتتى.تۇيۇقسىز ئادىلە بىر ئىشىكىنڭ ئېچىلغىنىنى ھېس قىلدى،ئۆزى بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىلدى،تۇيۇقسىز بىر توپ ئادەم ۋارقىرىشىپ كەتتى.كېيىنكى بىر سىكۇنىتتا ئۇنىڭ كۆزىدىكى لاتا ئېلىۋىتىلدى،ئۇ بىر توپ كىشىنىڭ كۈلۈپ تەنتەنە قىلۋاتقىنىنى كۆردى،ئەسلىدە بۇ زالدا لىققىدە ئادەم بار بولۇپ،ھەممە ئادەم ئۇنڭغا قاراپ كۈلۈشىۋاتاتتى.) R |6 X# m- j7 v; r
بايىقى خالات كىيگەن ئادەممۇ ماسكىسىنى ئېلىۋەتتى،ئۇ باشقا بىرسى ئەمەس دەل مەردان ئىدى!9 K. K2 v. C5 O( A# Q5 F" n, n- x
” سىلەر...سىلەر بەك ئاشۇرىۋەتتىڭلار!ئادەمگە مۇشۇنداقمۇ چاقچاق قىلغان بارمۇ؟“ئادىلە چاقلىڭ ئورۇندۇقتىن سەكرەپ تۇرۇپ مەرداننىڭ مۈرىسىنى قاتتىق چىمدىۋالدى.
3 z$ I$ X/ z- L4 z& Eمەردان ئاغرىق دەستىدىن چىرايى پۇرۇشۇپ كەتكەن بولسىمۇ تېخىچە كۈلكىدىن ئۆزىنى توختىتىۋالالمايۋاتاتتى،بايىقى قورقۇنىچ،ۋەھىمە بىردەمدە تارقاپ،يېقىملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ھەممەيلەن ئۇسۇلغا چۈشتى.8 b2 x1 g# p: t* R' U3 |
ھەر نېمە بولسا بۇ بىر چاقچاقكەن،قورقۇتۇپ جېنىمنى ئالدى دېسە.ئادىلە ئاستا-ئاستائۆزىگە قايتتى،بۈگۈن كەلگەنلەر ئاز ئەمەسكەن جۇمۇ!ئاينۇر،پاتىمە،ماھىرە،گۈلقىز بىزنىڭ ياتاقتىكى ھەممىمىز باركەنمىزغۇ،يەنە تېخى ئەلقەم،ھەتتا ھازازۇل ئايشەممۇ باركەن.
/ t$ _1 J w( S$ { Z- ئادىلە،بەك قورقۇپ كەتتىڭ ھە؟-ئاينۇر كېلىپ ئادىلەنىڭ مۈرىسىگە شاپىلاقلىدى.0 C& i9 k6 Y: M3 @7 M7 H
- كىم تاپقان ئەقىل بۇ؟بىر ئوبدان يىغىلىشنى تۈزۈك قىلماي،ئادەمنى قورقۇتۇپ جېنىنى ئالدىغۇ-ئادىلە تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلىدى.- }1 M/ d( Y4 W; J6 S) d( e
- يەنە كىم بولاتتى،سېنىڭ سۆيۈملۈگۈڭ تاپقان ئەقىل بۇ-گۈلقىز ۋە باشقىلارمۇ ئولاشتى./ n. m+ A# o0 k; F
مەردان كۈلۈپ تۇرۇپ”ئادىلە خاپا بولماڭ،سىزنى بەك قورقىتىۋەتتىم،يەنە تېخى يىقىلىپ كەتتىڭىز،پۇتىڭىزغا ھېچ ئىش بولمىغاندۇ؟بايا...مەن راستلا ئازراق ئاشۇرىۋەتتىم“.
* x. U" S3 i V/ z) e4 A3 c7 I6 y" c- مەردان دېگەن سولتەك،سېنىڭ تېخى ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋاقتىڭمۇ بولىدىكەن ھە؟بىر ئاي باشقۇردىغان ئادەم يوق يۈرىكىڭ يوغىناپ قاپتۇدە سېنىڭ،ماڭا مۇشۇنداق چاقچاق قىلغۇدەك بولدۇڭما؟خەپ قاراپتۇ،سېنى قانداق قىلىۋىتىمەنكى.سەن بىلەن ئالدىرىماي ھېسابلىشىمەن.
~. h& y: d7 s3 l7 W, a- بولدى،خانئاچا،مەن خاتالىقىمنى تونىدىم،ئەمسە مەن ھاراق ئىچىپ گۇناھىمنى يۇياي،قانداق؟4 q3 Z" v! w5 C" S
- بوپتۇ،بىر قوشۇق قېنىڭدىن كەچتىم-ئادىلە تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلىدى.- d0 p6 J* S! |4 g4 K' W3 C* k
كۆپچىلىك ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشكە باشلىدى.ئادىلەمۇ بىر رومكا پىۋىنى قولىغا ئالدى،بىر ئوتلاپلا ئادىلەنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى”:نېمە ھاراق بۇ؟نېمانداق قاپقارا؟تەمىمۇ بىر قىسىما تۇرىدىغۇ؟“" O. i" P3 _2 F( y$ ~4 h
- نېمە بولدى؟قانداق بىر قىسىما تۇرىدۇ؟-ئاينۇر سورىدى.3 T4 |5 [; Q- r+ w1 O i8 m
- ماڭا خۇددى خۇددىي پورمالىنى ئىچكەندەك تۇيۇلىۋاتىدۇ،كۆڭلۈم ئېلىشىۋاتىدۇ.
! K2 k; b$ y) n( K+ l2 x1 }7 a4 t- زادى سەھرالىق دېگەن يەنىلا سەھرالىق جۇمۇ،بۇ دېگەنچۇ ھەقىقىي گېرمانىيە قارا پىۋىسى!2 X& E, c5 I: v( K. W+ ~9 r0 J
ئادىلە ئىشەنمىگەندەك ئەتىراپىغا قارىدى،دېگەندەك ھەممەيلەن ئىچىۋاتاتتى،ئادىلەمۇ جىق ئويلانماي ئىچىۋەردى.
; E+ P4 g* V- h% I1 C2 Jقانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى نامەلۇم،ئادىلە بېشىنىڭ ئازراق قېيىۋاتقانلىقىنى سەزدى،ئۇ مەس بولغاندى.بۇ چاغدا مۇزىكا ئالمىشىپ تىتانىك ناملىق پاراخوتنىڭ مۇزىكىسى ياڭرىدى،زال ئىچى بىردىنلا رومانتىكىغا تولدى.مەردان ئادىلەنىڭ قولىنى تارتىپ”كېلىڭ ئۇسۇل ئوينايمىز “دېگىنىچە ئوتتۇرغا چۈشتى.
6 P/ H B4 j8 J/ ^ pئادىلەمۇ تارتىشمايلا ئەگىشىپ چىقتى،جۈپ-جۈپ قىز يىگىتلەرنىڭ ئارىسىدا مەردان ئادىلەنى يېنىك قۇچاقلاپ تانسىغا چۈشتى.9 ~: ^5 E! R! [; w: G: N
- ئادىلە!
* D3 w$ C) V7 R i- نېمە؟
& G4 ]" k- @( Y4 d- كۆڭلىڭىزدە مەنلا بار،ھەرگىز مەندىن ئايرىلىپ كەتمەيسىز،شۇنداقمۇ؟-مەردان كۆزلىرىنى ئادىلەگە تىكىپ سورىدى.
+ i6 K- R, V6 L% Z- بىز نۇرغۇن كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزدۇق،ئەلۋەتتە ئايرىلىپ كەتمەيمەن،بىز ئەمدى ئۇرۇشمايلى،مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتەيلى،ماقۇلمۇ؟
: B/ E) M( ?& ^- O- ماقۇل،ئەمدى مەن سىزنى ھەرگىز خاپا قىلمايمەن،ئىككىمىز بىللە ئۆتىدىغانلا ئىش بولسا مەن ھەممىگە رازى
6 v( a/ w% S6 a& oئادىلە شېرىن سۆزلەرنى مەستخۇش بولۇپ كۆزلىرىنى يۇمدى،ئاشىقىنىڭ لەۋلىرىنىڭ لەۋلىرىگە بېسىلىشىنى كۈتتى،لېكىن شۇنچە ساقلاپمۇ ئويلىغىنىغا ئېرىشەلمىدى،دۆت ئېشەك!ئادىلە كەيپى ئۇچقان ھەم بىر ئاز ئوڭايسىزلانغان ھالدا نېمە قىلىشنى بىلمەي تۇراتتى،يانفۇنى سايرىدى.. p) ^! K8 t' G' m0 [2 E
ئادىلە تېلفۇننى ئالغان بولۇپ مەرداننىڭ قولىنى قويىۋېتىپ تېلفۇنغا قارىۋىدى،ئاينۇرنىڭ نومۇرى تۇراتتى.ئادىلە ئەجەپلەندى،بىر يەردە تۇرۇپ تېلفۇن قىلغىنى نېمىسى؟يېقىنلا يەردە تۇرغان ئاينۇرغا قاراپ ۋارقىرىدى”:ئاينۇر،نېمە گەپتى،تېلفۇن قىلماي ئۇدۇللا دەۋەرسەڭ بولمامدۇ؟“: q1 e1 i' s/ R. z- z: S# \
- مەن ساڭا تېلفۇن قىلمىدىمغۇ؟-ئولتۇرغان ئاينۇر قوللىرىنى شىلتىدى.5 D* |( i" Z/ c1 e E
- سەن ئەمەسما؟لېكىن سېنىڭ نومۇرۇڭ چىقىۋاتىدىغۇ؟-ئەجىبا باشقىلار ئاينۇرنىڭ يانفۇنىدا تېلفۇن قىلغانمىدۇ؟; }/ I( h' U1 [' E; c
ئادىلە بىر خىل گۇمانسىراش ئىچىدە تېلفۇننى ئالدى”:ۋەي،كىمۇ؟ۋي..ۋەي،چىڭراق سۆزلەڭ،ئاڭلىيالمىدىم“....مۇزىكا بەك يۇقىرى بولغاچقا ئادىلە ھېچنىمىنى ئاڭلىيالمىدى،ئامالسىز قىستىلپ يۈرۈپ زالنىڭ سىرتىغا چىقتى،كارىدوردا تۇرۇپ”:ۋەي،كىمۇ؟“ F% N7 x: S! O! d& S
- ئادىلە،بۇ مەن،ئاينۇر-...قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازى بىرئاز جىددى چىقىۋاتاتتى.; l1 D5 J7 d% J3 `: G* r& L
- ئاينۇر؟ئۇنداق ئەمەستۇ؟-ئادىلەنىڭ مېڭىسىدىن تۈتۈن چىكەتتى،ئاينۇر ئىچىدە ئولتۇرسا،بۇ ئەمدە كىمنىڭ قىلغان چاقچىقىدۇ؟
7 L( ~' M+ A. K1 i0 z. H3 i0 t- نېمە ئۇنداق ئەمەستۇ؟مېنىڭ ئاۋازىمنىمۇ تونۇمىدىڭما؟-ئاينۇر خاپا بولغان بولسا كېرەك ئاۋازى يۇقىرى چىقىپ كەتتى.
; B( }+ k* q( \$ xتوغرا،نەق ئاينۇرنىڭ ئاۋازى،بۇ ھەرگىز يالغان ئەمەس،لېكىن بايا ئاينۇر تېخى...ئەجىبا ئىككى ئاينۇر بولۇپ قالدىمۇ؟ئادىلە قايمۇقۇپلا كەتتى.لېكىن ھازىر بۇنى ئويلىشىپ ئولتۇرىدىغان ۋاقىت ئەمەس”!ئاينۇر مېنى نېمە ئىش بىلەن ئىزدىگەندىڭ“
# {! d; h! I. n5 p$ S L- ئادىلە،تېز ئېيتە،سەن ھازىر قەيەردە؟مەن،گۈلقىز،پاتىمە ھىچقايسىمىز سېنى تاپالمىدۇق،سېنى ئىزدەپ ساراڭ بولاي دېدۇق،ھە راست،مەردان تېلفۇن قىلىپ سېنى سورىدى،مەن مېھمانخانىدا ساقلاۋاتقىلى يېرىم كۈن بولدى،ئادىلە تېخىچە كەلمىدى دەيدۇ،ئادىلە سەن زادى نەدە؟
3 \' x) \7 l- Q2 j( A1 [2 t- نېمە؟-!ئادىلە گاڭگىراپ قالدى،دۇدۇقلىغىنىچە-:سىلەر...سىلەر چاقچاق قىلىۋاتامسىلەر نېمە؟باياتتىن تېخى ھەممىڭلار مۇشۇ يەردە مېھمانخانىدا ئىدىڭلارغۇ؟يەنە تېخى بىز بىللە ھاراق ئىچىپ،ئۇسۇل ئوينىمىدۇقمۇ؟
6 f O' ]! T0 A% @# Q H' y( x- _1 u& G- ھە؟!چۈش كۆرۈۋاتمايدىغانسەن؟بىز بۈگۈن كەچتە سېنى كۆرمىسەك!بولدى،سەن گەپ توقىماي تېز ئېيتە!سەن ھازىر زادى نەدە؟بىز ئالغىلى بارايلى-.ئاينۇر جىددىيلىشىپ سورىدى.
7 d# Q2 t; \. e, l. c8 Bشۇندىلا ئادىلە ئۆزىنىڭ ئىنتايىن غەلىتە بىر ئىشقا يولۇققىنىنى سەزدى.ئۇ ئالدىراشلا بۇرۇلۇپ بايىقى زالغا كىرى،ئۇ قايتىدىن بۇ زالغا نەزەر سالغىنىدا قورققىنىدىن كۆزلىرى چاچىراپ چىكەتكىلى تاسلا قالدى.ئۇ ھازىر جەسەت ساقلاش ئۆيىدە ئىدى!!!
+ z' v6 v2 ^6 lتىپتىنىچ جەسەت ساقلاش ئۆيىدە،ئازراقمۇ تىۋىش يوق،بايىقى قاينام-تاشقىنلىقتىن ئەسەرمۇ قالمىغان،مۇزىكا،چىراقلار غايىپ بولغان،بايىقى دوستلىرىنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ.ھازىر ئادىلەنىڭ ئاڭلاۋاتقىنى پەقەتلا ئۆزىنىڭ مىنۇتىغا200قېتىم سوقۇۋاتقان يۈرەك سوقۇشىلا.
( B0 @: g0 r6 b. ]7 ]+ @! e' p” مەن ھازىر جەسەت ساقلاش ئۆيىدە“مۇشۇ گەپنى دەپ بولۇپلا يانفۇن ئۇنىڭ قولىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ كەتتى،پۇتلىرى بوشاپ،بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ مۇزدەك سوغوق يەردە ئولتۇرۇپ قالدى!بايىقى >>دوستلىرى<<جانسىز جەسەتلەرگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ،مۇزدەك سوغوق تۆمۈر كارۋاتلاردا جىمجىت ياتاتتى.ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە ئاق رەخىت يېپىلغان بولۇپ،گەرچە ئادىلە ئۇلارنىڭ چىرايىنى كۆرەلمىسىمۇ،ئۇلارنىڭ كۈلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلۋاتاتتى. .3 ~ \- p$ n* K# G, C+ G
" E) z9 p/ X7 h0 Q: B6 n8 A) G
7 z8 f2 _# {, K. B: A
مەنبەسى:http://barmu.cn/Text/Read.aspx?id=2393دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
| |
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟ مۇناسىۋەتلىك تېمىلار |
بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يېزىلغان
ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى - تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار
ئاپتورنىڭ بارلىق تېمىلىرى
|
| |
|