|
خىلۋەت كۆلدىكى سۇ ئالۋاستىسى" w% y' q- y; o/ Z; S; I
خىلۋەت كۆل مۇھىتى ياخشى مەنزىرسى گۈزەل كۆل ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە تىببىي مەكتەپكە ئانچە يىراق بولمىغاچقا،ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا چىقىپ سەيلە قىلىدىغان ئوبدان جايى ئىدى.چىقىپ تېكىست يادىلاپ ئۆگىنىش قىلىدىغانلارمۇ،ئاغىنىلىرى بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرىدىغانلارمۇ،جۈپ-جۈپى بىلەن چىقىپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىدىغانلارمۇ بار ئىدى.لېكىن كەچ كىرىشى بىلەن،ئەتىراپتىن قاغا-قۇزغۇنلارنىڭ ۋەھىمىلىك ئاۋازى كېلەتتىدە،بۇ يەردە بىرمۇ ئادەم قالمايتتى.چۈنكى ئەتىراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ئەتىراپنىڭ تەكشى ئەمەسلىكىنى،كۆلنىڭ ئادەتتىكى كۆل ئەمەسلىكىنى،كەچلىرى سۇدا ئالۋاستى پەيدا بولىدىغىنىنى بىلەتتى.% C: h/ ~% W; C8 J. g9 E5 ~% O
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،يەتتە يىل بۇرۇن،تىببىي مەكتەپنىڭ مەريەم ئىسىملىك بىر قىز ئوقۇغۇچىسى بولۇپ،تىرىشچان،ئەقىللىق،نەتىجىسىمۇ ناھايتى ياخشى ئىكەندۇق،لېكىن ئۇ قىز بەكلا جىمىغۇر بولۇپ،يالغۇز يۈرۈشنى ياقتۇرىدىكەن،باشقىلارنىڭ ئاۋارە قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇ دائىم مۇشۇ خىلۋەت كۆلنىڭ بويىغا كېلىپ دەرس تەكرارلايدىكەن.5 H4 R7 b7 t6 Y. G% ]6 C
ئۇ بىر كۈنى كەچتە كۆل بويىدىكى راۋاقتا ئولتۇرۇپ چىراق يورۇقىدا كىتاپ كۆرىۋاتقاندا،بىر ئېقىپ يۈرۈپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان جىنايەتچى مۇشۇ كۆلنىڭ ئەتىراپىغا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەنكەن،ئۇ بىرسىنىڭ يالغۇز تۇرغىنىنى كۆرۈپ يېقىن بېرىپ قارىسا چىرايلىق بىر قىز،شۇنىڭ بىلەن ئۇ جىنايەتچى نىيتىنى بۇزۇپ قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىپتۇ،ئۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي،قىزنى چوڭ بىر پارچە تاشقا باغلاپ كۆلگە تاشلىۋىتىپتۇ.بىچارە قىز تىرىك پېتى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپتۇ., m9 r8 x9 C. \5 M' f
شۇنىڭدىن باشلاپ كۆلنىڭ تىنچلىقى بۇزۇلۇپتۇ،كەچلىرى كۆل بويىغا بارغان كىشىلەر يالغۇز بىر قېيىقنىڭ كۆلنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرغىنىنى،قولۋاقتا بىر قىزىل كىيىملىك قىزنىڭ بېشىنى سېلىپ يىغلاۋاتقىنىنى كۆرۈپتۇ،كىشىلەر قولۋاققا ئولتۇرۇپ كۆلنىڭ ئوتتۇرسىغا بارغاندا بولسا ئۇ قولۋاق غايىپ بولۇپ كېتىدىكەن،قولۋاقتىكى ئادەممۇ جىن جىن دەپ ۋارقىرىغىنىچە قىرغاققا چىقىپلا ئۆلە-تىرىلىشىگە باقماي قاچىدىكەن.شۇنىڭدىن باشلاپ تىببي مەكتەپ قاتتىق ساراسىمە ئىچىدە قاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بىر ئوقۇتقۇچى جىن يوقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن،باشقىلارنىڭ توسقىنىغىمۇ قارىماستىن كەچتە كۆلگە كەپتۇ.! {7 U" F9 |' M4 }0 Y
ئۇ بارغان كۈنى ئاي قاراڭغۇسى،بورانلىق بىر كېچە بولۇپ،ئۇ كۆل بويىغا مۆكۈنۈپ كۆلدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپتۇ.تۈن نىسبى بولغاندا،دەرۋەقە ھېلقى يالغۇز قولۋاق كۆلنىڭ ئوتتۇرسىدا پەيدا بوپتۇ،ھەم بىر قىزنىڭ يىغلىغىنى ئاڭلىنىپتۇ.ئۇ مۇئەللىم دەرھال قولۋاقتىن بىرنى ھەيدەپ كۆلنىڭ ئوتتۇرسىغا قاراپ مېڭىپتۇ.لېكىن ئالدىدىكى ھېلقى قولۋاق ھېچكىم ھەيدىمىسىمۇ،مۇئەللىمنىڭ قولۋىقى بىلەن ئارلىق ساقلاپ كېتىپ بارغۇدەك،ئالدىغا ماڭغانسىرى كۆل يۈزىنى قويۇق تۇمان قاپلاپتۇ،ئالدىدىكى قولۋاقمۇ كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ.مۇئەللىم تۇماندا خېلى ئۇزۇن ئىزدىگەن بولسىمۇ ئۇ قولۋاقنى يەنىلا تاپالماپتۇ،ئۇ ئۈمىدسىزلىنىپ قايتىپ كەتمەكچى بولۇپتۇ-يۇ،لېكىن تەرەپنى پەرىق قىلالماي،قىرغاقنى تاپالماپتۇ.
2 T6 f' _6 Y( w$ F; D/ x5 a9 |ئۇ مۇئەللىم شۇ كەتكىنىچە قايتىپ كەلمەپتۇ،ئەتىسى كىشىلەر كۆل بويىغابېرىپ بىر قۇرۇق قولۋاقنىڭ كۆلنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ،كېيىن ساقچىلار سۇدىن مۇئەللىمنىڭ جەسىتىنى سۈزۈپ ئاپتۇ.ئۇ ئىككى كۆزى چاچىراپ چىقىپ كەتكەن،چىرايى ھەددىدىن زىيادە قورقۇنۇچلۇق بىر خىل ئىپادىدە ئۆلگەن بولۇپ،قانۇن دوختۇرلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن بولماستىن،مەلۇم بىر نەرسىدىن قورقۇپ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەندىن كېيىن سۇغا تاشلىۋىتىلگەنلىكىنى بېكىتىپتۇ.
. v, s8 V& x+ \5 l; t# O N( `شۇ ئىشتىن كېيىن مەكتەپ قاتتىق ساراسىمگە چۈشۈپتۇ،سۇلىرى سۈزۈك مەنزىرىلىك بۇ كۆل ھېچكىمگە چىرايلىق كۆرۈنمەس بوپتۇ،ئۇنىڭغا يەنە ئەرۋاھ كۆلى دەپ يېڭى نام قويۇلۇپتۇ.
* C2 x+ q& O q4 p8 Aكۆلنىڭ رىۋايىتى يۇقىرى يىللىقتىن تۆۋەن يىللىققا تارقىلىپ ھازىرغىچە يېتىپ كەپتۇ،شۇڭا ھازىرمۇ كۈندۈزى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار كۆل بويىغابېرىپ ئوينىسىمۇ،كەچ كىرىشى بىلەنلا بۇ جايدا ئادەم قالمايتتى.بۇمۇ دەل ئاينۇر بىلەن ئەلقەمنىڭ كۆز-قۇلاقتىن خالى كۆرۈشىدىغان ئوبدان جايى بولدى.- m) ]* k% I+ K8 W+ e6 [$ I
ئەلقەم يۈرىگىنى توختىتىپ كۆلنىڭ بويىغا كەلگەندە،كېمىلەرنىڭ توختىشى ئۈچۈن ياغاچتىن ياسالغان كۆۋرۈكنىڭ يېنىدا توختىتىلغان بىر قولۋاقنى كۆردى،قولۋاقتا بىرسى ئولتۇراتتى.كېچە قاراڭغۇسىدا ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرگىلى بولمايتتى،لېكىن ئايال كىشى ئىكەنلكىنى پەرىق قىلغىلى بولاتتى.ئەلقەمنىڭ ئېسىگە ھېلقى قورقۇنۇچلۇق رىۋايەت كېلىپ،توخۇ ئەتلىرى تۇرۇپ كەتتى.لېكىن ئاتايىن كەلگەنكەن،جىن بولسىمۇ بېرىپ كۆرۈپ باقماي بولمايدۇ!6 R& Z- }$ F& t) d; u' H
ئەلقەم غىچچىرلاپ تۇرغان كۆۋرۈكنى دەسسەپ قولۋاقنىڭ يېنىغا كەلدى.
1 `$ F) `+ k1 ]; n- ئاينۇر،بۇ سىزمۇ؟-ئەلقەم قولۋاققا ئۈچ مېتىر كەلگۈدەك جايغا كېلىپ توختاپ سورىدى.5 u+ s f, h* [& f
- ئەلقەم،كەلدىڭىزمۇ؟-قولۋاقتىكى ئاينۇر ئۆرۈلۈپ قارىدى،ئەلقەمنى كۆرۈپلا چىرايىغا كۈلكە ئولاشتى.ئەلقەممۇ يېنىك بىر تىنىۋىتىپ،قولۋاققا سەكرەپ چىقىپ ئاينۇرنىڭ يېنىغا كەلدى،ئاينۇر ھاياجاندا ئەلقەمنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالدى،ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇزىغا قالپىشىپ چىقىۋاتاتتى-:ئەلقەم،سىزنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم،سىزنى قانچىلىك سېغىنغىنىمنى بىلەمسىز؟
/ G" e! O- Z0 Z0 q* x9 jئەلقەم ئاينۇرنىڭ دوختۇرخانىدىن قانداق قېچىپ چىققىنى بىلمەيتتى،شۇنداقلا ئۇنىڭ ھازىرقى روھىي ھالىتىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيتتى،ئاينۇرنىڭ ئادىلەگە خەنجەرنى تىقماقچى بولغان مەنزىرە كۆز ئالدىغا كېلىش بىلەنلا،ئەلقەم بىردىن تىتىرىگەندەك بولۇپ،ئاينۇرنى يېنىكلا ئىتتەردى-:بۇ سۆزلىشىدىغان جاي ئەمەس،بىز كۆلنىڭ ئىچىگە بېرىپ دېيىشەيلى.! ]3 ]$ U9 K/ M' l
ئاينۇر ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلغان سوغوق مۇئامىلىسىنى كۆرۈپ،ئۈمىدسىزلەنگەندەك بولدى،ھىم دەپ قويۇپ كېمىنىڭ قىرغىقىدا ئولتۇرۇپ يىراقلارغا نەزەر سېلىشقا باشلىدى،ئەلقەم پالاق ئۇرغىنىچە كېمىنى كۆلنىڭ ئوتتۇرسىغا ئەكەلدى.% b( g q6 m' x e4 p. @) d
ئەلقەم پالاقنى قويۇپ قويۇپ-:ئاينۇر،يېقىندىن بۇيان ئادەم چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز،ماڭا زادى نېمە ئىش بولغىنىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟5 O' v3 k& u) n
ئاينۇر بىر ئۇھسىنىپ قويدى-:ئەمەلىيەتتە مەن باشقىلارنىڭ قەستىگە ئۇچرىدىم.....ئاينۇر بولغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى ئەلقەمگە تەپسىلى سۆزلەپ بەردى.' A" @) |; ^+ ?! K9 s# C! W4 L
پاراڭ ئارلىقىدا كۆل ئۈستىدە ئېسىلىپ تۇرغان ھىلال ئاي بۇلۇتلار ئارىسىغا يوشۇرۇندى،سۈپسۈزۈك كۆل يۈزىمۇ تۇتۇقلىشىپ كەتتى.ئەتىراپنى بىر قەۋەت قېلىن تۇمان قاپلاشقا باشلىدى.كىشىنى شۈركەندۈرىدىغان سوغوق شامالمۇ كۆل يۈزىدە ئەگىشكە باشلىدى،تىپتىنىچ كۆل سۈيى بىردىنلا دولقۇنلىنىپ كۆپكۆك بۇژغۇنلارنى چاچىرتىشقا باشلىدى،كۆل بىردىنلا مۇددىھىش تۈسكە كىردى.
6 Z+ v2 c" Z; X/ V% `5 q7 Rئىككەيلەن قولۋاقتا ھېچنىمىنى سەزمەي ئولتۇرغاندا سۇ ئاستىدىن قاپقارا بىر نەرسە ئۇلارغا قاراپ يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى.
3 L! T' F2 w! V: T7 B- ئىشنىڭ جەرىيانى مۇشۇ،ئەلقەم،سىز ماڭا ئىشىنىڭ،مەن راستىنلا ساراڭ ئەمەس-ئاينۇر قايتا تەكرارلىدى.
6 T0 V$ ] R1 i: m$ Gئاينۇرنىڭ بايانلىرىغا ئەلقەم ئىشەنگەن بولسىمۇ،بىر يەرلىرىدىن يەنە ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.چۈنكى ئۇ روھىي كېسەللەرنىڭ ساق ۋاقتىدا نورمال ئادەملەردىنمۇ ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى.لېكىن كېسىلى تۇتقاندا غالجىرلىشىپ ئادەمنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن." l( }: u( x0 x8 H% J, R. E7 S
- ئالىم پروفىسور ئۆلدىما؟لېكىم مەكتەپ ئۇنى ئۆيىدە جىددىي ئىش چىقىپ قېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى دېدىغۇ؟-ئەلقەم ھەيران بولۇپ سورىدى.
/ B7 i9 ?' `+ l R" c% {- بەلكىم مەكتەپتە ۋەھىمە تارقالمىسۇن دېگەندۇ،ھە راست،سىز ئەمەت بىلەن يېقىنمۇ؟/ h* P! o& R# _2 d- K
- ياق،ئۇ دېگەن جەمىيەتتە ئويناپ يۈرىدۇ،تۇرسىنئاينىڭ ئۇنىڭ بىلەن قانداق تونۇشۇپ قالغانلىقىغا مېنىڭ ھازىرغىچە ئەقلىم ھەيران.
3 ?( q) A) D7 {5 t" p; F1 K- تۇرسۇنئاي خاتا ئادەم بلەن ئارلىشىپ قاپتۇ،بولمىسا بۇنداق كېلىشمەسلىكمۇ بولماستى...
' t0 A. e. n3 _9 r) M H- سىز تۇرسۇنئاينى باشقىلار قەستلەپ ئۆلتۈرگەن دەيسىز،لېكىن بۇنىڭغا ئىسپات بولۇشى كېرەك.
( S: h8 G3 p* j) Q" y- مېنىڭ سىزنى ئىزدىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ،ئەلقەم،ھېلقى بارماق دېسكىنى ئالغاچ كەلدىڭىزمۇ؟-ئاينۇر سورىدى. j! A4 y7 U4 [3 z
ئەكەلدىم،مانا،ئېلىڭە-ئەلقەم بارماق دېسكىنى ئاينۇرغا بەردى،ئاينۇر-:سىز بۇنىڭ ئىچىدە نېمىلەر بارلىقىنى بىلەمسىز؟
$ h1 r& D' ?) k2 j- ئاچالمىدىم،مەخپى نومۇرى باركەن.4 X+ U! Y# w4 l
- مەخپى نومۇر؟ئۇ سىزگە ئېيىتمىدىمۇ؟, r3 i2 y. r: a
- ياق،ئۇ ماڭا بۇنى جىددىيلا بەرگەن،باشقا گەپ قىلماي بۇنى ئوبدان ساقلىشىمنى،بىر كۈنى باشقىلارنىڭ بۇنى ئىزدەپ كېلىدىغىنىنى ئېيىتقاندى.
( Y9 `/ m0 m- q" F4 M; H$ O- سىز ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلەمسىز؟, Z: ~9 z" o7 l
- بىلىمەن،1990.02.14
8 I4 Y5 P8 @8 J" S q- بەلكىم مەخپى نومۇر ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدۇ،مەن قايتىپ بېرىپ سىناپ باقاي،ھە راست،ھازىر ساقچىلار بەلكىم مېنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن،شۇڭا سىز چوقۇم بۇ ئىشنى سىر تۇتۇڭ،مەن بۇ ئىشلارنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن،ماڭا ئارتىلغان ھەممە گۇناھلار يۇيۇلىدۇ.
9 N# K5 I7 v- s' c! K- بولىدۇ،سىزگە ۋەدە بېرەي-ئەلقەم باشقا گەپ قىلمىدى،بىر ئاز تۇرىۋىتىپ ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بارغىنىنى كۆرۈپ-:سىز بۈگۈن كەچتە قەيەردە تۇرىسىز؟-دەپ سورىدى.1 I" B, d+ O6 a5 A* S% A
ئاينۇر بىرئاز ئىككىلىنىپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن،ئوڭايسىز ھالەتتە-:كەچۈرۈڭ،بۇنى ھازىرچە سىزگە ئېيتىپ بېرەلمەيمەن.
2 w& B2 x0 [$ [" h0 _) c4 A. b- مەيلى ئەمسە،مەنمۇ سورىماي،ئۆزىڭىز كۆپرەك دىققەت قىلىڭ،باشقا ئىش بولمىسا مەن قايتاي-ئەلقەم پالاقنى قولىغا ئېلىپ قىرغاققا قايتماقچى بولدى.; y, a! ^: V( D9 Z3 `
- ئەلقەم-ئاينۇر ئەلقەمنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى.ئاندىن ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ-:بىز ئاران بىر كۆرۈشكەندە نېمىگە بۇنچە ئالدىراپلا ماڭىسىز؟ئەجىبا مەن بىلەن ئۇزاقراق بىرگە تۇرغىڭىز يوقمۇ؟
% d/ ^. Y4 n2 D/ o6 V1 a- مېنىڭ يەنە باشقا ئىشىم بار ئىدى،شۇڭا ئالدىراپ قالدىم-ئەلقەم قولىنى تارتىۋېلىپ باھانە كۆرسەتتى.8 }9 X. c/ s* f* ]4 ?
- يەنە بىردەم تۇرۇڭچۇ،بىلەمسىز،بۇ كۈنلەردە مەن سىزنى شۇنچىلىك سېغىندىم،مەن قورقىۋاتىمەن،سىزنى ماڭا ھەمراھ بولسىكەن دەيمەن-ئاينۇر سۆزلىگەچ بېشىنى ئەلقەمنىڭ مۈرىسىگە قويدى.ئىككى قولىدا ئۇنىڭ بېلىنى قۇچاقلاپ،ئەلقەمنىڭ بوينىغا سۆيدى،ئاندىن بېشىنى كۆتۈردى.
6 T+ c9 ^# q$ J# C0 Gئەلقەم ئاينۇرنى يېنىكلا ئىتتىرىۋەتتى-:سىز مۇشۇ ھالدا تۇرۇپمۇ مۇشۇلارغا مەيلىڭىز باركەن ھە!, L$ s5 I& L- v$ N3 B
سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچىرغان ئاينۇرنىڭ يۈرىكى تىتىرىدى،ئەلقەمنىڭ راستىنلا مۇشۇنداق قىلغىنىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي،بىر ئاز تۇرۇپ كېتىپ-:ئەلقەم،سىز نېمىشقا تۇيۇقسىزلا بۇنداق ئۆزگىرىپ كەتتىڭىز؟سىز بۇرۇن بۇنداق ئەمەس ئىدىڭىزغۇ؟ئەجىبا مېنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ياكى مېنى راستىنلا ساراڭغا چىقىرىۋەتتىڭىزمۇ؟% Y0 M4 ]& N3 K9 ?. r$ @' q
- مېنىڭ ھازىر كۆپ سۆزلىگىم يوق،ياردەم قىلغۇدەك ئىشلاردا سىزگە ياردەم قىلدىم،ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ئىزدەشمەيلى.مەن مەكتەپكە قايتتىم-شۇنداق دېگىنىچە ئەلقەم قايتىدىن پالاق ئۇرۇشقا باشلىدى.
+ h# j6 p0 d! X+ Z% E- ئەلقەم-!ئاينۇر ئورنىدىن چاچىراپ تۇرۇپلا ۋارقىراپ كەتتى-:سەن مەن تونۇيدىغان ئەلقەم شۇمۇ ئەمەسمۇ؟بۇرۇن ماڭا شۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىلاتتىڭ،ھازىر ھەجەپ باشقىلارغا سۆزلىگەندەك تەلەپپۇزدا سۆزلەيسەنغۇ؟/ O1 i, Y6 J' v: P7 d% }- Z& z
- شۇنداق،مەن بۇرۇنقى ئەلقەم ئەمەس،سەنمۇ بۇرۇنقى ئاينۇر ئەمەس،كۈندەشلىك سېنى ساراڭ قىلدى،سەن باشتا تۇرسۇنئاينى قەستلىدىڭ،ئاندىن ئالىم پروفىسور دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ قالدى،سەن تېخى ئۆزۈڭنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىنىمۇ..." @+ }2 Y% n2 X7 Y* M! q/ E
- مەن ساڭا باشقىلار ماڭا قەسىت قىلدى دەپ ئېيىتتىمغۇ...5 w+ e; u, m0 b" O5 L
- پاكىتچۇ؟مەن گەپلىرىڭنىڭ راستلىقىغا قانداق ئىشىنىمەن؟ v$ ]4 y+ o" E5 v2 R
- ئىشەنمەيسەن شۇنداقمۇ؟مېنى بىر ساراڭ دەپ قارايسەن شۇنداقمۇ...
5 h9 p+ T n; D- J- ساق بولامسەن ساراڭمۇ،بۇنىڭ ئەمدى مەن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق....0 l) P" [" p6 j4 k2 H N6 c5 N+ R
- بۇ سېنىڭ نېمە دېگىنىڭ؟
: p% K" R5 r3 Z P- q" Z- ھېچنىمە دېگىنىم ئەمەس،ئىككىمىزنىڭ ئىشى مۇشۇ يەردە تۈگىسۇن دەۋاتىمەن-ئەلقەم سوغۇقلا ئېيىتتى.
' g/ F3 n& l" l, R; s. R0 J- سەن...سەن مەن بىلەن ئايرىلپ كەتمەكچىما؟-ئاينۇر قېتىپ قالدى،ئۇنىڭ يۈرىكى جايىدىن ئۈزۈلۈپ چۈشكەندەك بولدى،جايىدىن ئۈزۈلۈپ يەرگە چۈشۈپ پارە-پارە بولدى./ Y# T9 C6 B2 M% F6 |
ئەلقەم جاۋاب بەرمىدى.' r; b5 e3 ]8 q# K' x
ئاينۇر ئاغرىۋاتقان مەيدىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى-:ئادىلە ئۈچۈن شۇنداقمۇ؟سەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭ شۇنداقمۇ؟1 G% A" v) Z. t; M4 V1 K2 r; h
ئەلقەم بىر ئاز تۇرىۋېتىپ ئېغىز ئاچتى-:توغرا،ئىش بۇ يەرگە يەتكەندە مەنمۇ يوشۇرۇپ ئولتۇرماي،مەن ھەقىقەتەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم،ئۇ ساڭا ئوخشىمايدۇ،كۆڭلىدە جىن يوق،باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ،باشقىلارنى قەستلەپمۇ يۈرمەيدۇ،مەن سېنىڭ ساراڭلىقىڭغا ئەمدى چىدىيالمايمەن.
& ^5 t, S4 o3 P, J- r6 D1 xبۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ،ئاينۇرنىڭ يۈرىكى يىڭنە سانچىغاندەك چىمىلداشقا باشلىدى.كۆزلىرى ياشقا تولۇپ،بەدىنى تىتىرىدى.
$ \- d T0 o2 n: Z- ياخشى،ئەلقەم،ئەسلى سەن مۇنداق ئادەمكەنسەن،ئەمدە ئېنىق بىلىۋالدىم.بۈگۈن كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشىنىڭگە رەھمەت،بۇ سۆزلەرنى ماڭا ئېيىتقىنىڭغىمۇ رەھمەت،ئەمدى سېنى بىرەر ئىش قىلىپ بەر دەپ زورلىمايمەن،مېنى سۆي دەپمۇ يالۋۇرمايمەن،بېرىپ ئادىلەنى تېپىۋال،مەن سېنىڭ نەزىرىڭدە ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل بولۇپ قېلىۋىرەي،نېمىدىگەن كۈلكىلىك،سېنىڭچە ئەگەر مەن يوقالسام بۇ دۇنيا راستىنلا تىنىچلىنارمۇ؟
( _0 L- I I4 ^8 T' J' f/ Uئاينۇر شۇنداق دېگىنىچە پولتوڭ قىلىپلا ئۆزىنى مۇزدەك سوغوق كۆلگە ئېتىۋالدى.7 y$ v' d/ ~# W* O+ I& K3 L' y) J
- ئاينۇر-ئەلقەم ئاينۇرنىڭ ئۆزىنى دەرياغا سەكرىۋېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى،ھېچقانداق شەپىمۇ بەرمەي سەكرىۋالغان بارمۇ،ئەلقەممۇ كۆپ ئويلانمايلا سۇغا سەكرىدى،ئۇ ئەسلى سەكرەپلا ئاينۇرنىڭ قولىدىن تارتىپ ئەچىقىۋالىمەن دەپ ئويلىغاندى،لېكىن سۇغا چۈشۈپ ئاينۇرنىڭ سايىسىنىمۇ بايقىمىدى،ئەلقەم ئەمدى سۇنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ ئىزدەشكە باشلىدى،نەچچە قېتىم سۇغا چۆكۈپمۇ ئاينۇرنى تاپالمىدى،ئاينۇر زادى نەگە كەتكەندۇ؟1 x- L+ k) i/ f K+ A
ئەلقەم سۇدىن بېشىنى چىقىرىپ چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋېلىپ قايتىدىن كۆلنىڭ ئاستىغا چۆكتى،بۇ قېتىم ئاخىرى سۇنىڭ ئاستىدا بىر قولنى كۆردى،ئەلقەم خوشال بولۇپ قولنى كۈچەپ تارىتتى،ئاينۇر سۇ ئۈستىگە لەيلەپ چىقتى،ئۇنىڭ كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان بولۇپ،ھوشىدىن كەتكەندى.& v v. j+ W) D* t c7 t. V
- ئاينۇر،ئاينۇر-...!ئەلقەم ئۇنى سىلكىۋىدى ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى،ئەلقەم دەرھال ئۇنىڭ ئېغىزىغا پۈۋلەشكە باشلىدى-ئۆھۆ،ئۆھۆ...ئاينۇر يۆتىلىپ سۇ ياندۇردى،ئۇ يېرىم بىھوش ھالەتتە ئەلقەمنىڭ قۇچىقىدا تۇراتتى،ئەلقەم پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ ئاينۇرنى تەستلىكتە قولۋاققا چىقاردى،ئۆزى بولسا چارچىغىنىدىن ھالىدىن كېتەي دەپ قالغان ئىدى.ئۇ جېنىنىڭ بارىچە قولۋاققا چىقىش ئۈچۈن تىركىشىۋاتقاندا،تۇيۇقسىز بىرسى سۆرىگەندەك بولۇپ قايتىدىن قولۋاققا ئېسىلىپ قالدى،كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىۋېدى،ئاپئاق بىر قول سۇ ئىچىدىن چىقىپ يوتىسىدىن تۇتقىنىچە سۇ ئىچىگە سۆرەشكە باشلىدى.- d! R: W ?- K) G- A5 |. k
- ئا-...ئەلقەم بىرلا ۋارقىراپ پۇتىنى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇندى،لېكىن ئۇ قول تولىمۇ چىڭ قاماللىۋالغان بولۇپ،ھېرىپ كۈچى قالمىغان ئەلقەم قولۋاققا چىقالمايلا قالماستىن،تارتىلغان پېتى سۇ ئىچىگە كىرىپ كەتتى...
8 J4 e7 }/ \* _- قۇتقۇزۇڭلا...ئەلقەم سۇ ئۈستىگە قايتا چىقتى،ئۇ ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن تىركىشىپ سۇ چاچىرتاتتى.ئاينۇر بولسا يېرىم بىھوش بولۇپ كىملەرنىڭدۇر قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىغاندەك قىلدىيۇ،چۈشتىن ئويغىنالمىدى.
/ Y! \; ~# k9 r! Z. @5 Lھېلقى قول بولسا،تېخىچە ئەلقەمنىڭ پۇتىدىن قاماللىغىنىچە ئۇنى سۇ ئاستىغا سۆرەۋاتاتتى.ئەلقەمنىڭ بېشى سۇ ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بولۇپ،قوللىرى ھېلىغىچە تىنىمسىز پۇللاڭلايتتى،بىر ئازدىن كېيىن ئۇنىڭ قوللىرىمۇ ئاستا توختاپ سۇ ئاستىغا كىرىپ كەتتى.ئەتىراپمۇ تىنىچلىنىپ قالدى،چوڭقۇر كۆلنىڭ ئاستىدا ئەلقەمنىڭ چاچلىرى سۇنىڭ ئېقىشى بويىچە لىڭشىماقتا،ئۇنىڭ كۆزلىرى بولسا نېمىلەرگىدۇر تىكىلگەن،ئۇنىڭ كۆزى ئوچۇق كەتكەن ئىدى...6 z5 y& F7 m- L& t
18.ۋەھىمىلىك تۇمان4 [ x/ T: f; E' N
تىپتىنىچ كۆل يۈزىدە قويۇق تۇمانلار كۆتۈرۈلدى،كۆل سۈيى قولۋاققا ئۇرۇلۇپ رېتىملىق ئاۋاز چىقىراتتى.7 w! @9 ]; x2 O- U+ ~7 i; M3 m
- ئەلقەم-!ئاينۇر ۋارقىرىغىنىچە چۈشىدىن ئويغاندى،ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلگەندى.بايا ئۇ چۈشىدە ئەلقەمنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر قول تەرىپىدىن كۆلنىڭ ئاستىغا ئېلىپ كىرىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆردى،ئۇ توختىماي ئۆزىنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندى،لېكىن ئۆزى بولسا مىدىر-سىدىر قىلالماي ئەلقەمنىڭ سۇغا چۆكۈپ كەتكىنىگە قاراپ تۇردى.' B/ }/ A/ f, H- ]% F! @$ k
- ئەلقەم،سىز قەيەردە؟ئاينۇر شۇنداق دېگىنىچەدېمى سىقىلىپ،يۆتەل تۇتتى.قاتتىق يۆتىلىپ ئۆپكىسىدىكى سۇلارنى چىقىرىۋەتتى،شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ يالغۇز قولۋاقتا تۇرغىنىنى،ئەلقەمنىڭ يوقلىقىنى سەزدى.
- O- f/ n. |' W+ u7 p2 x2 F% R- توغرا ئەمەسقۇ؟بايىقىسى چۈشۈم ئەمەسكەندە،بايا راستىنلا يۈز بەرگەن ئىشلاركەن-!ئاينۇر جىددىيلەشتى،خىيالى كىنو لېنتىسىدەك ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى.ئاينۇر سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە بىر ئاپئاق قولنىڭ ئۆزىنىڭ پۇتىدىن تۇتۇپ سۇنىڭ تېگىگە تارتقىنى ئېنىق ئېسىدە،شۇ چاغدا ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىركەشكەن،لېكىن تىپىرلىغانسىرى تېخىمۇ كۆپ سۇنى ئىچىۋېلىپ ئاخىرى ئېسىنى يوقاتقاندى.* u7 p) b2 ?2 {# p$ G5 W
- ئەرۋاھ،سۇدا جىن باركەن-!ئاينۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلقى رىۋايەتنى ئېسىگە ئالدى،ئاندىن يەنە ئۆزىنى كۆلنىڭ تېگىگە تارتقان ھېلقى قولنى ئويلىدى،بىردىن يۈرىكى جىغغىلداپ پۈتۈن بەدىنىگە تىتىرەك ئولاشتى.ئۇ ئەتىراپقا قورقۇنۇچ بىلەن قارىدى،ئاندىن بۇ يەردىن قېچىپ كېتىشنى ئويلىدى،لېكىن ئەلقەمچۇ؟ئۆزى تېخى ھايات تۇرغانكەن،دېمەك ئەلقەم ئۆزىنى قۇتقۇزدى دېگەن گەپ،لېكىن ئۇ ئۆزى قېنى؟; @9 x# T4 [/ _) `) L
- ئەلقەم...ئۇ...ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟-ئاينۇر دەرھال قولۋاقنىڭ تۆت ئەتىراپىغا قاراپ سۇدىن ئەلقەمنى ئىزدەشكە باشلىدى،لېكىن تاپالمىدى.ئاندىن ئۇ قولىنى ئېغىزىغا ئاپىرىپ كۈچەپ توۋلاشقا باشلىدى-:ئەلقەم...سىز قەيەردە؟ئەلقەم-...لېكىن ئۇنىڭ ئاڭلىغىنى يىراقلاردىكى تاغدىن قايتقان ئەكىس سادالا بولدى.
2 I3 I* y3 i) q: bئاينۇر نېمە قىلىشنى بىلمەيتتى،پالاقنى سۇغا قالايمىغان ئۇرغىنىچە ئەتىراپقا قارايتتى.ئۇ نېمىلەرنىدۇر تېپىشنى ئويلايتتى،لېكىن يەنە راستىنلا تېپىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.بۇ خىل زىددىيەتلىك خىيال ئۇنى قىينايتتى.ئۇ ئەلقەمگە راستىنلا بىرەر ئىش بولغان بولسا قانداق قىلىشنى بىلمەيتتى.ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ ئىشلارنى بۇنچە قالايمىقان قىلىۋەتكەنلىكىنىمۇ ئويلاپ يېتەلمەيتتى.
2 {) F/ S$ I2 R cكۆز ياشلىرىنى تېمىتىپ يېرىم سائەتچە ئىزدىگەندىن كېيىن،ھېچنىمىنى تاپالمىغان ئاينۇر ئامالسىز قولۋاقنى ھەيدەپ قىرغاققا قايتىپ كەلدى.قىرغاققا چىقىپ نەچچە قەدەم مېڭىپلا،قىيماي يەنە كەينىگە ئۆرۈلۈپ قولىنى ئېغىزىغا ئاپىرىپ كۆلگە قاراپ ئوننەچچە قېتىم توۋلىدى-:ئەلقەم...ئەلقەم...ئەلقەم......تاغدىنمۇ كۆلدىنمۇ سادا يوق،پەقەت تاغ سۇلىرىنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئاۋازىلا بار.2 n1 R# `; d* X+ q2 }
ئاينۇرنىڭ سۇ تامچىپ تۇرغان كىيىملىرى بەدىنىگە چاپلاشقان،ئۇ سوغوقتىن لاغىلداپ تىتىرىمەكتە.ئۇ قەدەملىرىنى تەستلىكتە ئېلىپ مەكتەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
# z+ \2 l w& T+ gيولدا ماڭغاچ ئاينۇر توختىماستىن ئەلقەمنىڭ ساق-سالامەت بولۇشىنى تىلەيتتى.ئەگەر ئەلقەمگە بىر ئىش بولمىغان بولسىلا بۇچاغقا مەكتەپكە قايتىپ بېرىپ بولاتتى.
& y5 s' U9 |+ e) X0 z. [" Wئەشۇ كىچىككىنە ئۈمىدنىڭ تۈرىتكىسىدە ئاينۇر مەكتەپنىڭ ئارقا تېمىغا كەلدى،ئاندىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ياندىكى بىر تۈپ دەرەخكە ياماشتى،ئاندىن دەرەخ شېخىنى بويلاپ تامنىڭ ئىچىگە سەكرەپ چۈشتى.سەكرىگەندە پۇتلىرى قېقىلىپ لوقۇلداپ ئاغرىپ تۇرسىمۇ ئۇ باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يەردىن بىر پارچە گېزىتنى ئېلىپ يۈزىنى توسىغىنىچە قىزلار ياتىقىغا مېڭىپ كەتتى.) [ i0 {) v$ H, a6 F( y T
يولدا بىر قانچە پارالىل سىنىپتىكى قىزلار ئۇچىرىدى،ئۇلار ئۇنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكەن ئۈستىبېشىغا ھەيران بولۇپ قارىغىنىچە ئۆتۈپ كەتتى.ئۇ شۇ ماڭغىنىچە ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلدى،ياتاق بىناسىدىكى چىراقلار يورۇق بولۇپ،ئاينۇر ئەمدى كىرەي دەپ تۇراتتى،ئۇنىڭغا قايناقسۇ ئېلىش ئۈچۈن چايدان كۆتۈرۈپ چىققان ئادىلە ئۇچرىدى.ئاينۇر خۇددى قۇتقازغۇچى نىجاتچىسى ئۇچىرغاندەك بېرىپلا ئادىلەنىڭ قولىغا ئېسىلدى-:ئادىلە بۇ مەن!
. _/ }2 E& {/ ~' g% ~7 a+ T0 T: D- ئاينۇر؟-ئادىلە ئۇنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى.ئاندىن ئۇنى دەرھال ياندىكى دەرەخنىڭ ئاستىغا تارتىپ-:ئاينۇر،سەن نېمىدەپ مەكتەپكە كەلدىڭ؟باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورىقمامسەن؟سەن بىلەمسەن-بىلمەمسەن؟ھازىر ساقچىلار ساڭا بىرىنجى دەرجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى،تۇتۇپ بەرگەنلەرگە200مىڭ يۇەن مۇكاپات بېرىدىكەن،شەھەرنىڭ ھەممە تاملىرىغا سېنىڭ رەسىمىڭ چاپلاندى،سەن تېخى غېمىڭدە يوق مەكتەپكە كەپسەن،ساڭا جان لازىم ئەمەسمۇ؟
$ N+ }8 v/ g& X3 Z! V' N! d- ئادىلە،مەن بۇنىڭ خەتەرلىكىنى بىلىمەن،لېكىن ھازىر جىددىي ئىش بىلەن سېنى ئىزدەپ كەلدىم،شۇڭا ئۇدۇللا كېلىشىم-ئاينۇرنىڭ چىرايى تولىمۇ جىددىي كۆرۈنەتتى.: h/ x+ {( P9 p X D; U% C
- نېمە ئىشتى؟قارا جىددىيلىشىپ كەتكىنىڭىنى؟يەنە ئۇچاڭغا نېمە بولدى،كىيىملىرىڭ ھۆلغۇ؟
! I, }, D" c; m6 a; q7 ]. J- بۇنى بىر ئېغىز گەپ بىلەن دەپ بولغىلى بولمايدۇ،ۋاقىت چىققاندا ساڭا دەپ بېرەي،مەن ھازىر ئەلقەمنىڭ قايتىپ كەلگەن-كەلمىگىنىنى بىلمىسەم بولمايدۇ.
) Q0 j. H6 D' v' e1 v6 X- ئەلقەم؟ئەلقەم سەن بىلەن بىللە ئەمەسمىدى؟مەن ئۇنىڭ قايتىپ كەلگىنىنى كۆرمىدىم جۇمۇ!0 S& q2 O* w2 U4 B8 R
- بەلكىم بىرەر ئىش چىققان بولۇشى مۇمكىن،ئادىلە،سەن ھازىر ئەلقەمگە تېلفۇن قىلىپ ئۇنىڭ قەيەردىلىكنى سوراپ باقە؟
4 u( D+ k' q. m* s: t& d. ^- ھە،ماقۇل-ئادىلە يانچۇقىنى ئاقتۇردى-ئاپلا،يانفۇنۇم ياتاقتا قاپتۇ.سەن ساقلاپ تۇر،مەن چىقىپ يانفۇننى ئېلىپ چۈشەي.
( D& `4 S$ g5 ~% P0 v8 {- بولدىلا،بىز ئۇدۇل ئۇنىڭ ياتىقىغا بېرىپ ئىزدەيلى-ئاينۇر ئۆزىنى بېسىۋالالمايۋاتاتتى،بىر خىل يامان تۇيغۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئارامىدا قويمايۋاتاتتى.
) D% ^& H7 i2 b: T- ماقۇل،ماڭايلى ئەمسە-ئاينۇر بىلەن ئادىلە ئوغۇللار ياتىقى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. x4 ], g: t# J- c$ S
بىردەمدىلا ئۇلار ياتاقنىڭ ئالدىغا كەلدى،ئادىلە ئاينۇرنى دەرەخنىڭ دالدىغا مۆكتۈرۈپ ئۆزى سورىغىلى كەتتى.ئاينۇر دەرەخنىڭ كەينىدە جىددىيلىشىپ ئۇياق-بۇياققا ماڭاتتى.ئوننەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئادىلە قايتىپ كەلدى،ئۇ يېقىن كېلىپ-:مەن بىر قانچە ئوغۇللاردىن سورىدىم،ئۇلارنى ھىچقايسىسى ئەلقەمنى كۆرمەپتۇ،ياتاقداشلىرىغا تېلفۇن قىلغۇزسام،ئۇنىڭ يانفۇنى ئېتىككەن.
+ y/ D7 p# W1 [/ Yبۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ ئاينۇرنىڭ كىچىككىنە ئۈمىدىمۇ يوققا چىقتى.ئۇنىڭ پۇتلىرى بوشاپ،جايىدىلا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتتى.
% C* O6 [1 s& l4 o1 b+ }( I1 p- ئاينۇر،نېمىگە يىغلايسەن؟ماڭا زادى نېمە ئىش بولغىنىنى ئېيتىپ بېرە-ئادىلە ئۇنىڭ مۈرىسىنى سىلىغىنىچە سورىدى.- z# k' W8 H; K7 z% ~% B
- ئەلقەم...ئەلقەمگە ...بىر ئىش بولغان ئوخشايدۇ!ھۇ ھۇ ھۇ...
. N8 Z- B- i0 e# C8 F- نېمە ئىش بولدى؟% k) g( e1 D9 i) h' E& B9 K
- ئۇ كۆلدە ،كۆلدە ئۇنى جىن سۇغا تارتىپ ئەكىرىپ كەتتى...ھۇ ھۇ ھۇ...
1 d& {4 E, H1 E. E" k! h6 N- ھە؟!قانداقسىگە بۇنداق بولىدۇ؟-ئادىلە قاتتىق ھەيران بولغان قىياپەتتە سورىدى./ h) N( q, F, I) k ^$ E
- ئىش مۇنداق-...ئاينۇر يىغلىغىنىچە بولغان ئىشنى ئادىلەگە سۆزلەپ بەردى.يەنە ئۆزىنىڭ پۇتىنى جىننىڭ تۇتىۋېلىپ سۇغا تارتقىنىنى جەزىملەشتۈرۈپ سۆزلىدى.
+ U% e1 `9 H) B- ئەجىبا راستىنلا جىن بارمىدۇ؟-ئادىلە ئىشەنمەي سورىدى.( W- w1 [# ^( b" x( [5 r: x
بۇ چاغدا،يىراقتىن چۈشكەن چىراق يورۇقى ئۇلارنىڭ يېنىغا چۈشتى، ئادىلە -:بولمىدى،مەكتەپنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسى كەلدى-دېدى.7 a j2 Y9 o; y+ h
ئاينۇرمۇ بۇنى كۆرگەندى،ئالدىراپلا-:چاتاق بولدى،مەن بايقىلىپ قالىدىغان بولدۇ،مەن دەرھال قاچاي.' Y. p) x0 c# i# y9 }4 |
ئۇ ئەمدى قاچاي دېۋىدى،ئادىلە ئەقىل تاپقاندەك بولۇپ-:قاچما!سەن داۋاملىق يىغلاۋەر،بىرسى سېنى تاشلىۋەتكەن بولۇپ يىغلا!: N) O8 \: v( ]( ~6 x& r, ~
ئاينۇر ھە دېگىنىچە تىزىنى قۇچاقلاپ يىغلاشقا باشلىدى.ئۇزۇن ئۆتمەي قول چىراق كۆتۈرگەن ئامانلىق ساقلىغۇچى ئىككەيلەننىڭ ئالدىغا كەلدى-:ئىككىڭلار قايسى سىنىپتىن؟بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟-دەپ سورىدى.
/ S6 @' p+ Z' y5 uئادىلە-:تاغا،بىز بىرىنجى يىللىقنىڭ،دوستۇم بايا مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەن،كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلاۋاتىدۇ.
) A! t) O- B8 x' Cھېلقى ئادەم ئاينۇرغا قاراپ-:ھەي،سىز،بېشىڭىزنى كۆتۈرۈڭ!كىنىشكىڭىزنى چىقىرىڭ!
+ ^( m; l4 u3 d% A, O/ y- يوقال!سەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش،ھەممىڭ دوزاخقا كىرەرسەن!ھۇ ھۇ ھۇ...ھەممىڭ يوقىلىش،يوقىلىش!ھۇ ھۇ ھۇ...ئاينۇر جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىرىدى.( `# s7 ]+ R- P! w* O* |
ھېلقى ئادەم ئازراق ھەيران بولۇپ-:بۇ...بۇ نېمە ئىش بولۇپ كەتتى،مەن ئۇنىڭغا نېمە قىلدىم؟$ \6 h; Y7 \7 b+ B7 Q: g3 H% E) l5 D& r
ئادىلە ئالدىراپلا چۈشەندۈردى-:تاغا،سىز بولدى تەكشۈرمەڭ،قىزبالىنىڭ كەيپىياتى ناچار چاغدا ھەرگىز ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولماڭ،مېنىڭ بۇ دوستۇمنىڭ ئاچچىقى كەلسە قولىغا چىققانلىكى نەرسىنى ئاتىدىغان خۇيى بار-ئادىلە ئاينۇرغا شەپە بېرىۋاتاتتى.
) T, P& [# g8 i! U! F% g- راستما؟-ھېلقى ئادەم ئىشەنمىگەندەك بېشىنى قۇچاقلاپ يىغلاۋاتقان ئاينۇرغا قارىدى.كىم بىلسۇن،ئاينۇر ئالدىدا تۇرغان بىر پارچە تاشنى ئېلىپلا ئۇ ئادەمگە قارىتىپ ئاتتى.2 S7 ]; }; v0 n7 D/ O$ b
- ھوي-ھېلقى ئادەم تاشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى،ئۇ راستىنلا قاتتىق چۆچۈگەندى،ئۇ تېخى گەپ قىلماي تۇرۇپلا تىللىغىنىچە يەردىنى تاشلارنى تېرىپ ئۇ ئادەمگە قارىتىپ ئېتىشقا باشلىدى.ئۇ ئادەم قولى بىلەن بېشىنى توسىغىنىچە-:ساراڭمۇ يا؟سىزنى يا مەن خاپا قىلمىسام،نېمىدەپ ماڭا تاش ئاتىسىز؟ھازىرقى قىزلارغا نېمە بولغاندۇ؟مۇشۇنداقمۇ ياۋايىلىشىپ كەتكەن بارمۇ؟-شۇنداق دېگىنىچە ئۇ يۈگرۈپ كېتىپ قالدى.# c3 N" h% q+ v
- بولدى ئۇ كەتتى-ئادىلە ئاينۇرغا بوش ئاۋازدا ئېيتتى.
$ {6 \/ |4 d2 V- ئۇف،نېمىدىگەن قورقۇنۇچلۇق،ھېلىمۇ سەن بولۇپ قاپسەن-ئاينۇر بېشىنى كۆتۈردى.
2 E9 L7 [+ o4 f. v; D$ @- سەنمۇ بەك ماسلاشتىڭ.لېكىن بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرغىلى بولمايدۇ،سەن تېزراق قايتىپ كەت،ئەلقەمنىڭ ئىشىنى ماڭا تاپشۇر،مەن بىرقانچە ئادەمنى ئېلىپ بېرىپ كۆل بويىنى ئىزدەپ باقاي.
9 i) `5 x6 Z5 A/ j" Sئاينۇر بېشىنى لىڭشىتتى-:ھازىر مۇشۇنداق قىلمايمۇ باشقا ئامال يوق ئوخشايدۇ،ھە راست ئادىلە،بارماق دېسكىنى ئەلقەم ماڭا بەردى،ماڭا ھازىر بىر كومپيوتىر لازىم.8 d8 j9 P6 h/ b$ L( _* f x* ~8 B
- بولىدۇ،مەن بېرىپ ئوغۇللاردىن كومپيوتىردىن بىرنى سوراپ كېلەي-ئادىلە شۇنداق دېگىنىچە ياخشى ئۆتىدىغان بىر ساۋاقدىشىنىڭ قول كومپيوتىرىنى سوراپ ئېلىپ كەلدى.-ھازىر ئىشلار بارغانسىرى مۇرەككەپلىشىپ كەتتى،سەن ئامال بار تېزراق بارماق دېسكىدىكى پاكىتلارنى تېپىپ چىق.باشقا ئىشلارنى توردا ئالاقىلىشەيلى،& {" b7 S5 {' v2 J8 o4 g% R
- ماقۇل،ئەمسە مېنىڭ ئورنۇمدا ئەلقەمنى ئىزدەپ باق،مەن ماڭدىم-شۇنداق دېگىنىچە ئاينۇر كومپيوتىرنى ئېلىپ كۆزدىن غايىپ بولدى.ئاينۇر كەتكەندىن كېيىن،ئادىلە تۇيۇقسىز يەردە ئولتۇرۇپ قالدى،ئاندىن ئېغىزىنى توسۇۋېلىپ يىغلاپ كەتتى.ئىككى كۆزىدىن ئاققان ياش مەڭزىنى بويلاپ يەرگە ئېقىپ چۈشتى...
0 G+ c9 ?* N+ Z+ pئاينۇر تۇرسۇنئاينىڭ ئىجارە ئۆيىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن كومپيوتىرنى توكقا چېتىپ قوزغاتتى،ئاندىن بارماق دېسكىنى چېتىۋىدى،ئېكراندا ئەسكەرتىش ئۇچۇرى كۆرۈنۈپ مەخپى نومۇرنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.8 y" W V3 S# B( R$ B
ئاينۇر ئالدىراپلا تۇرسۇنئاينىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى كىرگۈزدى،ئەسكەرتىش ئۇچۇرى:مەخپى نومۇر خاتا.ئاينۇر تۇرسۇنئاينىڭ ئىسمىنى كىرگۈزدى،يەنە خاتا،ئاينۇر ئويلاپ يېتەلەيدىغان بارلىق سان ھەرىپلەرنى كىرگۈزۈپ باقتى،ھېچقايسىسى توغرا ئەمەس ئىدى.ئۇ بارغانسىرى جىددىيلىشىشقا باشلىدى.
3 V4 ]4 \+ M# ^ x7 O# K% a, _شۇ تەرىقىدە ئاينۇر بىر كېچە ھەپىلىشىپمۇ مەخپى نومۇرنى تاپالمىدى.% k/ c4 L0 W) G6 Y9 v$ r6 M9 N7 _
سەھەر سائەت بەش بولغاندا ئاينۇر قاتتىق چارچاپ ئۇخلاپ قالدى.
. P% g/ T+ w0 ^# F% t4 d$ A. w- bئىككىنجى كۈنى سەھەردە خىلۋەت كۆل بويىغا سەيلە قىلغىلى چىققان ئىككى ئوقۇغۇچى سۇدا لەيلەپ يۈرگەن قارا بىر نەرسىنى بايقىدى،ئىككىسى سۈزۈپ قارىۋىدى،قورققىنىدىن قويۇق-سۇيۇق چىقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدى،ئۇ بىر سۇغا چىلىنىپ كۆپۈپ كەتكەن جەسەت ئىدى،يۈزلىرىدە قان دىدارى يوق،كۆزلىرى چەكچەيگەن،ئۇ دەل ئەلقەم ئىدى.ئىككەيلەن قورىققىنىدىن دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدى.كۆپ ئۆتمەي بىر توپ ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى.
$ T2 L/ T) G9 R( w5 Z: qئۈچىنجى سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا،نورمال دەرس ئۆتۈلىۋاتاتتى،تۇيۇقسىز سىنىپقا تۆت ساقچى كىرىپ سورىدى-:قايسىڭلار مەردان بولىسىلەر؟ e, K' E( k8 u! K* o. _: a
- مەن-مەردان ئونىدىن تۇرۇپ چۈشەنمەي قارىدى. n: M( c1 [7 S; }
- سىرىتقا بىر چىقساڭ
% l7 ?) k. \) b8 j/ E% k- W- مەردان خەۋىپسىزلىنىپ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كېلىشى،ئىككى ساقچى ھېچنىمە دېمەستىنلا ئۇنىڭ قولىنى كەينىگە قايرىپ كويغا سالدى.
2 T4 z5 S/ F: n3 O5 j, M! c- سىلەر...سىلەر نېمىشقا مېنى تۇتىسىلەر؟-مەردان ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ ۋارقىراشقا باشلىدى.
/ z) k% }, l7 V* X6 o& ^6 M1 G/ ~- نېمىشقا؟بۇنىڭ سەۋەبى ئۆزۈڭگە ئايان،سەن ھازىر گەپ قىلمىساڭمۇ بولىدۇ،ھېلى بارغاندا قانغۇچە گەپ قىلىۋالىسەن-ساقچىلار كۆپ گەپ قىلماستىن،ئۇنى ئېلىپ ماڭدى.بۇنى كۆرۈپ سىنىپتىكى ساۋاقداشلار تەڭلا ئىچىگە تارتىشتى.ئادىلە بىر خىل قىياپەتتە مەرداننىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدى،كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشتى.
" V/ m( ]! O! Z$ q2 ^, W0 U6 Aچۈشتىن كېيىن ئادىلە دەرىستىن چۈشۈپ تاماق ئېلىپ ئاينۇرنىڭ يېنىغا كەلدى.; B, |- b4 ]5 `
ئادىلە ئىشىكنى قاققاندا ئاينۇر پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن مەخپى نومۇرنى ئىزدەۋاتاتتى،لېكىن تاپالماي بارغانسىرى ئۈمىدسىزلىنەتتى.
6 m. ~5 k* V8 G( H% E- ئادىلە،كەلدىڭما-ئاينۇر ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بەرگەچ دېدى.
9 ^0 A! D2 u+ I; i- ھەئە،قانداق بولدى؟
( X% K4 v; F4 y" x9 Z1 b- تېخى بولمىدى،مەخپى نومۇرنى تاپالمىدىم.ھە راست،ئەلقەمنى تاپالىدىڭلارمۇ؟-ئاينۇر ئالدىراپ سورىدى.
' B7 R# Q2 T2 |, C* \! Q- ئەلقەم ئۇ...-ئادىلە توختاپ قالدى., f' |' [. |9 [$ i" x2 x5 z
- نېمە بولدى؟تېزراق ئېيىتساڭچۇ؟* R2 u% M! J, I; ]+ B( \: c: b
- ئۇنىڭ جەسىتى كۆلدىن تېپىلدى،ئۇ ئۆلۈپتۇ...# \/ b, t) U* W! }
- نېمە؟ئۆلۈپتۇ؟-ئاينۇر بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ كەينىگە سەنتۈرۈلدى،بېشى قايغاندەك بولۇپ،ئۈستەلنىڭ قىرىنى تۇتىۋېلىپ ئۆزىنى رۇسلىدى.
5 n4 `- N3 s9 m! `8 s# M- ئۇ ئۆلدى-بۇ سۆز خۇددى ئۇنىڭ كاللىسىغا تۈمەنلىگەن ھەرە كىرىۋالغاندەك نېرىۋېسىدا توختىماي ئاڭلانماقتا،بارغانسىرى ئۈنلۈك،بارغانسىرى قورقۇنۇچلۇق ئاڭلانماقتا.' i4 l) `6 [: ^+ X, o
توساتتىن پۈتۈن دونيادا توك توختىغاندەك،بارچە نۇر ۋە ئىللىقلىق غايىپ بولغاندەك بولدى.پۈتۈن كائىناتنى سوغوق قار قاپلىدى،چېكى يوق زۇلمەت ۋە سوغوق ئاينۇرغا يوپۇرۇلۇپ كەلدى،ئۇ نىڭ نەپەس ئېلىشى قىيىنلاشتى،ئاۋازمۇ چىقىرالمىدى،ئۇ ئۆزىنى سەزگۈسىنى يوقاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى.$ i' j W& C" f2 m( ?7 Y: i
- ئاينۇر،كۆڭلۈڭنى بۇزما-ئادىلە يىغلامسىراپ ئاينۇرنى قۇچاقلىدى.ئاينۇر تىتىرەۋاتاتتى.ئۇ يىغلاشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغاندى....
3 p4 J. M) {, o; V. t$ R4 P: m- h/ C2 \19.ھالاكەت شىفىرى3 c. V# x- f1 ~8 P
- ئاينۇر،ئاينۇر!مەن سېنىڭ ھازىر كۆڭلۈڭنىڭ يېرىم بولىۋاتقىنىنى بىلىمەن،لېكىن سەن ھازىر بەل قويىۋەتسەڭ بولمايدۇ،روھلۇق بول،ھازىر ساڭا قەست قىلغان قاتىلنى تېپىپ چىقىش ھەممىدىن مۇھىم،سەن چوقۇم ئۆزۈڭنى ئاقلاپ چىقىشىڭ كېرەك-ئادىلە ئۈستەلدە دۈم يېتىپ يىغلاۋاتقان ئاينۇرنى تارتىپ تۇرغۇزدى.- Q7 J7 I$ R" }& m$ R3 `, |% H
ئاينۇرنىڭ يىغىدىن كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەندى-:يەنە نېمە قاتلىنى ئىزدەيمىز؟مانا مەن شۇ قاتىل!ئەلقەمنى مەن قەستلەپ ئۆلتۈردۈم،ئەتىراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ سەۋەبىمدىن بر-بىرلەپ ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ،ھەممىنى قىلغان مەن،قوللىرىم باشقىلارنىڭ قېنى بىلەن بويالدى،ئادىلە،سەن ساقچىغا مەلۇم قىل،ساقچىلار كېلىپ مېنى تۇتۇپ كەتسۇن،مەن ئۆلسەملا بۇ دۇنيا ئاندىن تىنىچلىنىدىغان ئوخشايدۇ.$ c; J9 _& i- ?! k+ [
- نېمە ساراڭدەك سۆزلەپ يۈرىيسەن؟سەن گۇناھسىز،مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن.6 Q) ]6 R0 Z! ^# |# j% r# E) I
- سېنىڭ ماڭا ئىشەنگىنىڭنىڭ نېمە پايدىسى،سەندىن باشقا پۈتۈن دۇنيا ماڭا ئىشەنمەيدىغان تۇرسا،باشقىلارنىڭ نەزىرىدە مەن ھازىر بىر ساراڭ،ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل.ئەسلى مەن پاكىتنى تاپساملا ھەممە ئىش ئايدىڭ بولىدۇ،مەنمۇ ئاقلىنىمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن،مانا ھازىرچۇ؟ئەلقەمنىڭ مېنى دەپ ئۆلۈپ كەتكىنى راستقۇ؟مېنىڭ بۇنداق ياشىغىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟بەلكىم ئۆلۈملا مېنى ھەممە ئازاپتىن قۇتۇلدۇرالايدىغان ئوخشايدۇ.# M) y @% N, V0 W# z& ?/ g
- كاللاڭنى سىلكىۋىتىپ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىساڭ بولمامدۇ؟سەن ئۆلسەڭ بولمايدۇ،بولمايدۇلا ئەمەس سەن چوقۇم ياخشى ياشىشىڭ كېرەك.سەن ھازىر بۇ بىر قاتار جىنايەتلەرنى پاش قىلالايدىغان بىردىنبىر ئادەم،ئەلقەمنى سەن ئۆلتۈرمىدىڭ،ئويلاپ باقمامسەن،ئەلقەم دېگەن مەكتەپ سۇ ئۈزۈش كوماندىسىنىڭ چىمپىيونى تۇرسا،سېنىڭچە ئۇنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قېلىشى نورمالمۇ؟يەنە تېخى،ساقچىلار ئۇنىڭ پۇتىدا قولنىڭ ئىزىنى بايقاپتۇ،ئالۋاستىنىڭ قول ئىزى بولامدا؟ئېنىقلا بىرسى ئۇنى سۇنىڭ ئىچىگە تارتىپ ئەكىرىپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرگەن گەپ." E7 |. E5 Y0 |
- نېمە؟-ئاينۇر ھەيران بولدى-سەن ئەلقەمنى ئالۋاستى ئۆلتۈرمىگەن دېمەكچىمۇ؟6 \2 a: d5 R0 o; _- L: Q1 P! U# @
- ئەلۋەتتە،دۇنيادا نەدىمۇ ئالۋاستى بولسۇن؟چوقۇم بىرسى ئالۋاستىنىڭ رولىنى ئېلىۋاتىدۇ.
, b$ e. ]3 E3 r3 e; f. ^ e- كىم؟كىم شۇنداق قىلار؟! x V: y/ Y: l
- بۇنى بىلمەيمەن،شۇڭا ھازىر سەن چوقۇم ئۆزۈڭنى تۈگەشتۈرىۋالماي،ھەقىقىي قاتىلنى تېپىپ چىقىشىڭ كېرەك.9 g* K. ~3 E8 {% ^) |$ a, y4 G) j
ئاينۇر پۇتلىرىنى ئۇۋىلاپ قويدى،تۇيۇقسىز ئۇ ئوڭ پۇتىنىڭ ھوشۇقىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە سۇس قولنىڭ ئىزىنى كۆردى-توغرا!راستىنلا ئالۋاستى ئەمەسكەن،ئېنىقلا ئادەمنىڭ قول ئىزى تۇرمامدۇ؟مەن تېخى مېنى سۇغا تارتقان ئالۋاستى ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن،ئەسلىدە بۇمۇ بىر قەستەن قاتىللىق ئىكەندە-!ئاينۇر ئەمدى چۈشەندى.
0 C8 Z1 P3 p+ e8 d+ D+ L6 j0 M- شۇنداق،راستىنلا بىرسى ئەلقەمنى قەستەن ئۆلتۈرىۋەتكەن،لېكىن ئۇ نېمىشقا ئەلقەمنى ئۆلتۈرىدۇ؟ئەگەر بارلىق قاتىللىقنى بىر ئادەم قىلغان قارىساق،ئالىم پروفىسورنى ئۆلتۈرگەن گۈلنار بولىدۇ،لېكىن گۈلنار نېمە دەپ ئەلقەمنى ئۆلتۈرىدۇ؟ئەجىبا ئۇنىڭ ئەلقەمدىمۇ ئۆچى بارمىدۇ؟-ئاينۇرنىڭ كاللىسى بارغانسىرى ئېچىلىپ ۋەقەنى تەھلىل قىلىشقا باشلىدى.
$ B6 }) J" n( S- P' \. t- ئوتتۇردىكى مۇناسىۋەت بەك مۇرەككەپكەن،ھېچ بولمىسا سىرتىدىن قاراپ بىلگىلى بولمايدىكەن،ھازىر ئەڭ مۇھىمى تۇرسۇنئاينى بارماق دېسكىسىنى ئېچىش.ئۇنى ئاچالىساقلا ھەممە ئىش ئايدىڭ بولىدۇ-ئادىلەمۇ ئويلىغىنىنى ئېيتتى.+ j7 ?& R4 ~9 v5 B" l
- توغرا دەيسەن-ئاينۇر تېتىكلىشىپ كومپيوتىرنى ئېچىپ يەنە بارماق دېسكىنى ئېچىشقا كىرىشتى.. t1 {1 I7 G2 j
- ئادىلە،مەن كىرگۈزگۈدەك نومۇرنىڭ ھەممىسىنى سىناپ باقتىم،لېكىن يەنىلا ئېچىلمىدى،ئەمدى قانداق قىلساق بولار؟ھە راست ئادىلە بۇرۇن سەن تۇرسۇنئاي بىلەن مەكتەپ تورىنى بىللە باشقۇرغانغۇ؟ئۇنىڭ تور ھېساباتىنىڭ مەخپى نومۇرىنى بىلەمسەن؟
' y( s; B- X1 }, H- ياق،بۇنى بىلمەيمەن،كىم ئۆزىنىڭ مەخپى نومۇرىنى باشقىلارغا خالىغانچە ئېيتىپ بېرىدۇ دەيسەن؟-ئادىلە شۇنداق دېگەچ تۇرسۇنئاينىڭ كىتاپ ئۈستىلىگە كېلىپ ئۈستەلدىكى كىتاپلارنى ۋاراقلىغىنىچە بىرەر يىپ ئۇچى تېپىش ئۈچۈن كىرىشىپ كەتتى.لېكىن ھەممە كىتابلارنى بىر قۇر ۋاراقلاپمۇ ھېچبىر يىپ ئۇچى بايقالمىدى.ئۇ ئۈمىدسىزلىنىپ تۇراتتى،بىر دۆۋە كىتابنىڭ ئارىسىدىن بىر پارچە كونىراپ سارغىيىپ كەتكەن كىتاپ ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقتى. i0 K- C# M7 j5 W$ I3 a# w& V
- ھىي،بۇ نېمە كىتاپ؟-ئادىلە ھېلقى كىتابنى قولىغا ئېلىپ قارىدى،بۇ بىر پارچە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئىدى.ئادىلە كىتاپنى ۋاراقلىغاچ-:ئاينۇر قارا،بۇ كىتاپ تازا نورمال كۆرۈنمەيۋاتىدۇ،بىر دۆۋە تىببىي كىتاپلارنىڭ ئارىسىدا بىر پارچە چۆچەك كىتاپنىڭ تۇرغىنى قىززىق ئىشقۇ؟
/ U# D% V1 O& S' l: Q) o$ R Y- راس دەيسەن،يەنە كېلىپ قارىغىنە،بۇ يەسلى بالىلىرى ئۈچۈن ئىشلەنگەن رەسىملىك نۇسخىسىكەن،ئۇنى چۆچەك ئوقۇشقا ئامراق دېگەندىمۇ،بىر بەتتە ئىككى قۇر خېتى بار بۇ كىتاپنى ئوقۇپ يۈرمەس بولغىيدى؟-ئاينۇرمۇ ئادىلەنىڭ گۇمانىنى قوللىدى.( `% T4 v% f/ U0 W4 L
ئاينۇر كومپيوتىرغا چۆچەك دەپ كىرگۈزدى،لېكىن يەنە خاتاچىقتى.
( p! B, q* {4 g- توللۇق بولمىدى،ئاينۇر قارا بۇ ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنىڭ13-پارچىسىكەن،ئون ئۈچ دېگەن ياۋروپالىقلارنىڭ شۇملۇقتىن دېرەك بېرىدىغان سانى،بۇ ھەرگىز تاسادىبىي توغرا كېلىپ قالغان ئەمەس.مەخپىي نومۇر چۆچەك13
" x8 R7 w q! p [" T7 _ئاينۇر چۆچەك13 دەپ كىرگۈزدى،دۇڭ قىلىپلا بارماق دېسكا ئېچىلىپ كەتتى.
7 t4 i- e! u; t: i; ?6 g, B- W- خۇداغا شۈكۈر،ئاخرى ئېچىلدى-ئاينۇر خوشال بولۇپ كۈلۈپ كەتتى،ئادىلەمۇ خوش بولۇپ كۈلدى.ئىچىدە-:تۇرسۇنئاي دېگەن بۇ جۇۋاينىمەك بوش ئەمەسكەن جۇمۇ،مۇشۇنداقمۇ مەخپى تۇتقان بارمۇ،ھېلىمۇ ئىنىچكىلىكىم،بولمىسا يەنە بەش-ئون يىل پەرەز قىلساقمۇ مەخپىي نومۇرنى تاپالماسكەنمىز.0 z" {& h& s/ } W" w
- ئادىلە سەن مەخپىي نومۇرنى قانداق تېپىۋالدىڭ؟
% k% o1 O$ {4 ~6 @: L2 i- بۇنى مەنمۇ شۇ كىتاپقا قاراپ پەرەز قىلدىم.
/ [- i: o/ R$ \7 G- بەك يامانكەنسەن جۇمۇ!
/ o# Q) i' N6 I3 f' k" O- ھى ھى،بۇرۇن رازۋىتكا رومانلىرىنى ئوقۇشقا ئامراقتىم،شۇنىڭ پايدىسى بولىدى.بۇنى دىيىشمەيلى،قارىغىنە،ئىچىدە نېمىلەر باركىن.
, j" K; _8 u+ L- w5 R- U& `ئۇلار بارماق دېسكىنىڭ ئىچىگە قارشتى،دەرۋەقە بۇ مەخسۇس تەييارلانغان بولسا كېرەك،ئىچىدە باشقا نەرسە يوق،پەقەت بىرلا تېكىست ھۆججىتى تۇراتتى.ئاينۇر تاقەتسىزلىنىپ ئۇنى قوش چېكىپ ئاچتى.
( }) b* H- |6 rياخشىمۇسىز،سىزنىڭ مەن سالغان مەخپىي نومۇرنى ئوقۇشلۇق ئاچالىغىنىڭزنى تەبرىكلەيمەن،تولىمۇ ئەپسۇس،سىز بۇلارنى كۆرىۋاتقاندا مەن ئاللىقاچان ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان بولىمەن.سىز بەلكىم مەخپىي نومۇرنى ئاچالماي خېلى قىينالغانسىز،مەندىن نېمىشقا مەخپىي نومۇر سېلىپ قويغىنىمنى سورىغىڭىز كېلەر؟مەن سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەي،بۇ مەزمۇنلارنى چوقۇم ئەقىللىق ئادەملەرلا ئېچىپ ئۇقۇشى كېرەك،قاپاقباش ئەمەت بۇلارنى كۆرۈپ قالسا بولمايدۇ.ئۇنىڭدا بۇ مەخپى نومۇرنى يەشكۈدەك كاللا يوق،ئۇ پەقەت ئادەم ئۆلتۈرۈشنىلا بىلىدۇ.شۇڭا بۇ بىرىنجى توساق.
' \1 E3 t/ c# W+ w2 }$ k+ tئەمدى مەن سىزگە ئەمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەي.ئۇنىڭ بىر بىخەتەر ئىشكابى بار،تولىمۇ سىرلىق،مەن بىر قانچە قېتىم كۆرۈپ بېقىشنى ئويلىغان بولساممۇ ئۇ قوشۇلمىغان.قىززىقىشىم غالىپ كېلىپ،ئۇ ئىشكاپ بار ئۆيگە مەخپىي كامىرا ئورنىتىپ،ئۇ ئىشكاپنى ئاچقاندا مەخپى نومۇرىنى بىلىۋالدىم،ئاندىن ئۇ يوق پۇرسەتتە ئىشكاپنى ئېچىپ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى كۆردۈم،ئۇ نەرسىلەر مېنى تاڭ قالدۇردى،چۈنكى ئىشكاپتا ئوپىراتسىيە پىچىقى،ئوپىراتسىيە قايچىسى دېگەندەك تىغلىق ئەسۋاپلار،رېزىنكە پەلەي،ھەر خىل دورىلار بار ئىدى.ئۇنىڭدىن سىرت بىر پارچە كۈندىلىك خاتىرىمۇ بار ئىدى.ئۇ كۈندىلىك خاتىرىگە بولسا ئۇنىڭ بارلىق سىرلىرى يېزىلغانكەن.
! ]1 T0 [5 B+ y" I: m" Wقىسقىچە مەزمۇنى مۇنداق:
: \# B0 g! _% S3 Z( j' b** يىلى**ئاينىڭ**كۈنى:پالانى جايدا،ئەمەت،بىر بۆرىكى ئېلىندى،يۈز ئەللىك مىڭغا سېتىلدى.% f2 \% @/ i9 ]4 c$ r( U, P4 k
** يىلى**ئاينىڭ**كۈنى،پۇستانى جايدا،ھاشىم،بىر بۆرىكى ئېلىندى،ئىككى يۈز مىڭغا سېتىلدى.
. @' \6 d* ]4 L4 k2 m) p& X** يىلى**ئاينىڭ**كۈنى،مەلۇم جايدا،خانقىز،بىر بۆرىكى ئېلىندى،يۈز مىڭغا سېتىلدى.ئارلىقتا ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى كېلىپ قېلىپ جېدەلدە ئۇنىڭ ئوڭ قولى چېپىۋىتىلدى.% p( ~. F$ n, L; U
** يىلى**ئاينىڭ**كۈنى،مەلۇم بىنا ئۆيدە،گۈلنار،باسقۇنچىلىق قىلىپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلدى،جەسەت پارچىلاپ كۆمۈۋىتىلدى.ياللىغۇچى ئالىم مەمەتتىن يۈز مىڭ يۇەن ئىش ھەققى ئېلىندى.2 F) n8 f$ k4 W {
..............................4 ~1 X6 d {9 ]( u
ئاينۇر بىلەن ئادىلە بۇلارنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىشتى،ئەسلىدە گۈلنارمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچىكەندە،ئۇ ئىككى يىل بۇرۇنلا قەستكە ئۇچىراپ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ!بۇنداق بولغاندا،دوختۇرغانىدا ئالىم پروفىسورنى ئۆلتۈرگىنى باشقا ئادەمكەن!5 I1 @) _% p0 e, J8 l% I; f" Z S
ئۇلار داۋامىنى ئوقۇسقا كىرىشتى:
0 g5 W' D. E* K- O3 E& m) Dبۇ بىر قاتىللىق خاتىرسى ئىدى!ئەمەت دېگەن بۇ ئەبلەخنىڭ بۇ قەدەر ۋەھشىلىكىنى شۇ چاغدا بىلدىم.
b5 i+ K; F, Y% bبۇ چاغدا ئادىلەنىڭ چىرايىدا غەززەپتىن باشقا يەنە ئازاپ ۋە مەيۈسلىنىش ئىپادىسى پەيدا بولۇپ،كۆز ياشلىرى كەلكۈندەك ئېقىپ چۈشۈشكە باشلىدى.
7 B2 E9 A1 y" E: u( Y- ئادىلە ساڭا نېمە بولدى؟-ئاينۇر ئۇنىڭدىكى نورمالسىزلىقنى كۆرۈپ سورىدى.
% ~- v/ {* K. o! W+ Vئادىلە يېشىنى سۈرىتىپ-:ھېچقىسى يوق،بۇ بەك ئېچىنىشلىقكەن،داۋامىنى كۆرەيلى.
: I1 T& W$ o7 q0 S9 y8 B, n+ A, C; jتۇرسۇنئاي يەنە يەتتە-سەككىز مىسال كۆرسەتكەندىن كېيىن،مۇنداق يازغاندى-:* b5 E" P* X6 V) k! M1 w
ئالىم پروفىسورنىڭ قاتىل ياللاپ ئادەم ئۆلتۈرگەن ئىپلاسلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن،تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇقى،مېنىڭ ئوغۇل دوستۇم گۈلنارنى ئۆلتۈرگەن تاش يۈرەك قاتىل ئىكەن!مەن ئەمدى بۇ قاتىلنى،ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مەلئۇننى قانداقمۇ ياخشى كۆرەلەي؟
; ]. Q2 _! i$ {يۇقارقى يازغانلىرىم ئەمەتنىڭ ساناقسىز جىنايەتلىرىنىڭ كىچىككىنە بىر بۆلىكى خالاس،ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولغاچقا بىردىن -بىردىن يېزىشقا ئىمكان بولمىدى،مەن يەنە ھېلقى بىخەتەر ئىشكاپتىن ئۈستىدە قارا قايچا بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ئىزنەككە ئوخشاش بىر نەرسىنى بايقىدىم،ئەسلىدە ئەمەت قارا قايچا گوروھى دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەخپى تەشكىلاتنىڭ ئەزاسىكەن،بۇ تەشكىلات بەكمۇ سىرلىق بولۇپ،بۇ تەشكىلاتتىكىلەر مەخسۇس باشقىلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئوغۇرلاپ سېتىش بلەن شۇغۇللىنىدىكەن.بۇلار چېتىلىدىغان جىنايەتلەر تولىمۇ كەڭرى بولۇپ،مەن ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ ھېلقى كۈندىلىك خاتىرىنى بىر بەت-بىر بەتتىن رەسىمگە تارتىۋالدىم،مەن كېيىنچە بۇ جىنايەت گوروھىنى پاش قىلغاندا لازىم بولار دەپ ئويلىغاندىم.) ^' W. C: ~8 i+ L9 w' c3 ~
شۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن،ھەممە نەرسىنى ئۆز پېتى بويىچە جايىغا قويۇپ قويدۇم.لېكىن گۇمانخور ئەمەت يەنىلا بىرسىنىڭ ئۇ ساندۇققا چېقىلغىنىنى بايقاپ قالدى،ئۇ مەندىن گۇمانلاندى.ئەسلى مەن شۇ چاغدىلا بېرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلسام بولاتتى،لېكىن مەن ھامىلدار بولۇپ قالغان ئىدىم،بۇ ئۇنىڭ بالىسى ئىدى.مەن بالامنىڭ تۇغۇلۇپلا جىنايەتچىنىڭ بالىسى دەپ ئاتىلىپ قېلىشىنى خالىمىدىم،شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى ھېس قىلدىم.شۇنىڭ بىلەن مەن ھازىرچە چاندۇرماي،ئۇنىڭ يامان يولدىن قايتىشىنى ئۈمىد قىلدىم.
( ~1 d7 A( D+ {: |لېكىن ئەمەتنىڭ مىجەزى بارغانسىرى ئوساللىشىپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ مېنى بىر قانداق قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم.شۇڭا ھېلقى تارتقان سۈرەتلەرنى بىر مىكرو ساقلىغۇچ كارتىغا كۆچۈرۈپ،بىر مەخپىي جايغا يوشۇرۇپ قويدۇم،بۇ جاينى مەن خېتىمدە ئېيتىپ بېرەلمەيمەن،بۇمۇ ئەمەتنىڭ ئۇ كارتىنى تېپىۋېلىشىدىن ساقلىنىشتىكى ئىككىنجى مۇداپىئە.! B% W0 `0 v! @8 T" \$ K# o) R
مېنىڭچە زېرەك رازۋىتچىكلار بۇ تېپىشماقنى يېشىپ،كارتىنى تاپالايدۇ،مۇشۇنداق بولسىمۇ مەن خاتىرجەم بولىمەن.ئۇ كارتىنىڭ ئۇچۇرى مۇنۇ شىئېردا،ئەگەر مەن بەخىتكە قارشى ئۆلۈپ كەتسەم،مەن ئۈچۈن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارلاپ چىقىشىڭىزنى تىلەيمەن.- v3 @( \9 M$ H
ئاستىدا مۇنۇ شىئېر يېزىلغان ئىدى: j q" F! M, S# [5 i4 O
- كوئېنلوننىڭ قار سۇلىرى،
# |$ Z/ z+ r" J8 N7 t: U; I) }داۋان ھالقىپ كېلەر تامان.: p6 b3 h9 Q7 e' \. Z+ f) C( [) S; d
بۇ سوتكىدا تولغان ئايلار،
0 M5 ^% v$ t( n1 i: |+ a. s0 jپەردىشەپنى بۇزغان يامان.$ C9 u) l% I4 G7 h+ W2 N
تۇرسۇنئاي
7 s0 @5 ?' w' X6 K. w**يىلى**ئاينىڭ**كۈنى' R- y8 O9 P. y
ئىككەيلەن بۇنى كۆرۈپ جىمجىت قالدى،مەخپىيەتلىكنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئۆلۈم خېتىگە يوشۇرۇنغان ئىدى.
# j' B! q+ g- h4 K) ]ئاينۇر ھېلقى كۈنى كەچتە،ئالىم پروفىسورنىڭ مودىلغا ئېيىتقان سۆزلىرىنى ھازىرقى ئەھۋال بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئويلىدى:ئالىم پروفىسور گۈلنار بىلەن تېپىشىپ قالغان،لېكىن گۈلنار ئۇنىڭ ئاشنىسى بولۇپ يۈرىۋېرىشنى خالىماي ئالىم پروفىسورنى ئايالى بىلەن ئاجىرشىپ ئۆزى بىلەن توي قىلىشقا قىستىغان،ئالىم پروفىسور بولسا ئۆزىنىڭ يۈزىنىڭ تۆكۈلۈشىدىن ،ئائىلىسى،ئىستىقبالىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئاخىرى قارا جەمىيەتتىكى ئەمەتنى ياللاپ گۈلنارنى ئۆلتۈرۈپلا قۇتۇلۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن.ئەمەت گۈلنارنى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرگەندىن كېيىن جەسەتنى پارچىلاپ پاكىتنى يوقىتىپ،گۈلنارنىڭ غايىپ بولغانلىقىدەك يالغان ۋەقەنى پەيدا قىلغان.بۇ ئىشلارنى بولسا ئەمەتنىڭ قىز دوستى بولغان تۇرسۇنئاي بايقاپ قالغان،شۇنىڭ بىلەن ئەمەت پاكىتنى يوقىتىش ئۈچۈن تۇرسىناينى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن.8 K* V4 U# Y1 t+ u8 H* ?; v6 {
ئاينۇر ئويلىغانلىرىنى ئادىلەگە سۆزلەپ بەردى،ئادىلە ئاڭلاپ بېشىنى لىڭشىتتى،ئاندىن يەنە-:لېكىن تۇرسۇنئاينى ئۆلتۈرگەن ئەمەتنىڭ ئۆزى ئەمەس،چۈنكى ئۇ ئوقۇغۇچى ئەمەس،مەكتەپكە خالىغانچە كىرىپ چىقالمايدۇ،مەكتەپكە كىرەلىگەن تەقدىردىمۇ ئاينۇر سەكرىۋالغان تەجىربە بىناسىغا كىرەلمەيدۇ،چۈنكى ئۇ دېگەن ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ كىرگۈزىدىغان جاي.ئۇنداق بولغانكەن،ئەمەتنىڭ شېرىكى بار دېگەن گەپ،يەنە كېلىپ بۇ شېرىكى مەكتەپتىكى بىر ئادەم.لېكىن بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟
. j+ O- r! ^" _! _) M5 w- V3 Q3 Uئاينۇر ئۇنىڭ سۆزىنى توغرا تاپتى-:دېگىنىڭ ئورۇنلۇق،ئۇنىڭ چوقۇم شېرىكى بار،ئىشقىلىپ قانداق بولمىدۇن بىز ئەمەتنىڭ جىنايى پاكىتلىرىنى قولغا چۈشۈردۇق،ساقچىلار ئەمەتنى تۇتقاندىن كېيىن ئۇ چوقۇم شېرىكىنى ئىقرار قىلىدۇ،ھازىر بىز تۇرسۇنئاي يوشۇرۇپ قويغان ھېلقى كارتىنى تاپساقلا بولىدۇ.
7 V9 j; n( H, H& g+ u/ n- @ئادىلە بېشىنى لىڭشىتتى-:راست،ھازىر مۇھىمى ئاشۇ كارتا.بۇ تۇرسۇنئايمۇزە،بەكلا ئېھتىياتچانكەن،بىزنى توختىماي تېپىشماق تېپىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ-دېدى.
! ?4 P5 c! p9 H7 Z6 K/ A& v3 e- ئامال يوق،ئۇ ھازىر ئۆلدى،بىزنىڭ ئەمدى ئۇ قالدۇرغان يىپ ئۇچىدىن جاۋاپنى تاپماقتىن بۆلەك چارىمىز يوق-ئاينۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ شۇنداق دېدى.
* V0 q% D9 r. g4 x$ n- كوئېنلوننىڭ قار سۇلىرى،داۋان ھالقىپ كېلەر تامان.بۇ سوتكىدا تولغان ئايلار،پەردىشەپنى بۇزغان يامان-ئىككەيلەن تەڭلا شىئېرنى قايتا ئوقۇشتى،لېكىن نەچچە قېتىم ئوقۇپمۇ بىرەر يىپ ئۇچىنى بايقىمىدى.
3 ?9 n& ]9 R4 F7 g) i; n& Q8 ]- كوئېنلۇن دېگەندىن بۆلەك بىرەر جاي نامى بولمىسا،ئەجىبا ئۇ كارتىنى تاغقا يوشۇرۇپ قويغانمىدۇ؟-سورىدى ئاينۇر. t. H/ e1 {0 f9 [6 Z0 I; B
- مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس،تاغقا يوشۇرۇپ قويغان بولسا،ئۇدۇل شۇ تاغنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويغان تەغدىردىمۇ بىر چىقىپ ئۇنچە چوڭ تاغنىڭ قەيەرىنى ئىزدەيمىز؟يەنە ئوبدان قارايلى.: k" e0 m0 L6 H# ~& `
- ئىككىنجى مىسىراسىدا داۋان ئاشقان دەپتۇغۇ،بەلكىم شۇ تاغنىڭ بىرەر داۋىنىغا يوشۇرۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىنغۇ؟-ئاينۇر قايىل بولماي تۇمشۇقىنى ئۇشتلىدى.' j1 ?+ Q9 E! |
- داۋان دېدىڭما؟بەلكىم مۇشۇ شەھەر ئىچىدىكى بىرەر داۋاندا بولۇشى مۇمكىن جۇمۇ!7 l& n0 w8 J7 p* `& K; P# B
- داۋان يولىغا قاراپ باقامدۇق يا-ئاينۇر چاقچاق قىلدى.
9 R' q- o' `, m& q. y: g( \- توغرا-ئادىلە تۇيۇقسىز ئەقىل تاپقاندەك توۋلىۋەتتى-داۋان يولى،چوقۇم شۇ ئەتىراپتا،ئاينۇر بولە خەرىتىنى ئاچە،داۋان يولىدىكى بىرەر جايدا بولۇشى مۇمكىن.
6 U6 d$ _( r$ j" y" R6 Yئاينۇر مۇنداقلا قىلىپ قويغان چاقچىقىنىڭ توغرا چىقىپ قالغىنىغا ھەيران بولۇپ كومپيوتىردىن داۋان يولى ئەتىراپىنىڭ خەرىتىسىنى ئاچتى.ئىككەيلەن خېلى ئىزدەپمۇ خەرىتىدىن باشقا يىپ ئۇچى بايقىمىدى./ U+ l9 f4 G! Z5 Q4 L& o, k" y- m
ئادىلە شىئېرنى قايتا بىر ئوقۇۋېتىپ-:بىز خاتا ئىزدەپتۇق،ئۇ جاي داۋان يولىدا ئەمەسكەن-دېدى.
, g" T2 a$ y* }& c o& I- دېمىدىممۇ،ئۇ يەر چوقۇم تاغدا دەپ-دېدى ئاينۇر.
( k9 O2 b! p& @+ I- f/ a% s- ياق ،ئۇ يەر داۋان يولىدا ئەمەس،داۋان يولىنىڭ ئاخىرىدا ئىكەن،داۋان ئېشىپ كېلەر ھامان دېگەننى كۆرمىدىڭمۇ-ئادىلە قەتئىيلىك بىلەن شۇندق دېدى." x+ R# y) r! N$ E
دېگەندەك ئۇلار داۋان يولىنىدىن كېيىنكى كوچىغا قارىۋېدى،كوئىنلون مېھمانخانىسى دەپ يېزىلغان جاي نامىنى كۆردى.كوئىنلون مېھمانخانىسى بۇ شەھەردىكى داڭلىق بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ،88قەۋەتلىق زامانىۋىي ئۇسلۇپتا سېلىنغان،ھەشەمەتلىك بۇ بىنا،سىرتىدىن قارىماققىلا پۇلدارلارنىڭ كىرىدىغان جايى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.شەھەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بۇ بىنا ئىستىمالىنىڭ يۇقىرلىقى بىلەنلا ئەمەس،بۇ يەردىكى ئەيىش-ئىشرەتلىرى،مېھمان كۈتىدىغان ھۆر-پەرىدىن قېلىشمىغۇدەك قىزلىرى بىلەنمۇ داڭلىق ئىدى." t; l4 L" k: S0 U
- مېھمانخانىنىغۇ تاپتۇق،لېكىن 88قەۋەتلىك بۇ بىنادىن تىرناقچلىك بىر كارتىنى قانداق تاپىمىز؟-ئاينۇر سورىدى., O( L2 F- A" ~6 Z
- بىز شىئېرغا يەنە ئەستايىدىل قاراپ باقايلى-شۇنداق دېگىنىچە شىېرنى قايتا ئوقۇشقا باشلىدى-تاپتىم-ئادىلە يەنە بىر قېتىم ۋارقىرىۋەتتى.
H( J' i2 [0 ]- نېمىنى تاپتىڭ؟4 i+ m! E$ [- m
- بىر سوتكا قانچە سائەت؟
! g) J# V/ Y$ u0 u% P3 f' oئاينۇرمۇ ئۇنىڭ دېگىنىنى چۈشەندى-ئۇنداق بولغاندا 24-قەۋەت دېگەنلىك بولىدىكەندە؟ئەمدى يەنە بىر كاللاڭنى ئىشلىتىپ قايسى ئۆي ئىكەنلىكىنى تاپقىنە ئەقىللىق يىشۇرىم!) q3 ]. y6 V% I
ئادىلە يەنە شىئېرنى ئوقۇپ تۇراتتى،بۇ قېتىم ئاينۇر توۋلىۋەتتى-:مەن تاپتىم،مەن تاپتىم،تولغان ئاي،ئاي تولغان كېچە!چۈشەندىڭمۇ؟& Q: P% L; t. f! u8 T% ~' k' |3 x8 ]
ئادىلە تېخى ئويلىشىپ بولمايلا ئاينۇر ئۆزى دەۋەتتى-:ئاي تولغان كېچە دەل ئاينىڭ ئونبەشى ئەمەسمۇ!يىگىرمە تۆتىنجى قەۋەت ئونبەشىنجى ياتاق.; q6 K' K) r' H9 y8 T) t
- توغرا،لېكىن يەنە بىر خىل ئېھتىماللىق بولۇشىمۇ مۇمكىن،ئونبەشىنجى قەۋەت يىگىرمە تۆتىنجى ياتاق بولۇشىمۇ مۇمكىن.قالغىنىنى بېرىپ ئىزدىسەك بىلەلەيمىز-ئادىلەمۇ جاۋاپنىڭ تېپىلغىنىدىن ئازراق ھاياجانلانغاندى.
3 z; t; \8 e9 G6 ]- تۆمۈرنى قىززىقىدا سوق دەپتىكەن،بىز ھازىرلا بارايلى-ئاينۇر شۇنداق دېگىنىچە ماڭماقچى بولۇپ،ئىشىك تۈۋىگە بېرىشىغا ئىشىكنىڭ يېنىدىكى دېرىزىدىن بىر قارا سايىنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ قالدى.
9 k5 o8 x/ S! t7 M* W& y- كىم؟ئاينۇر يۈگرەپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى،بۇنى ئاڭلاپ ئادىلەمۇ چۆچۈپ كەتتى.ئىككەيلەن چىقىپ قارىۋېدى،سىرىتتا ھىچكىم كۆرۈنمەيتتى.
+ C, x K. E& j' K% o0 _3 E( g- ساڭا نېمە بولدى؟-ئادىلە چۈشەنمەي سورىدى.
! f7 y2 `% k8 o4 f5 n- بايا مەن...دېرىزىنىڭ سىرتىدا بىرسىنى كۆرگەندەك قىلدىم.6 N4 d$ V, x0 E8 p; J
- ئادىلە شامالدا يېنىك لىڭشىۋاتقان دېرىزە پەردىسىگە قاراپ قويۇپ-:نەدە ئادەم بولدۇ؟كۆزۈڭ تورلىشىپ قالغان ئوخشايدۇ،دېرىزە پەردىسى لىڭشىغىلى تۇرۇپتىغۇ شۇ،ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قورقاتمىساڭ قانداق!* f7 E e% h7 w
- بەلىكم شۇنداقتۇ،مەنمۇ تازا ئېنىق كۆرمىدىم./ U; p% y$ e8 g0 w+ B5 T- e
ھىچقانداق نورمالسىزلىقنى بايقىمىغاندىن كېيىن ئىككەيلەن كومپيوتىر ۋە باشقا نەرسىلەرنى يۇغۇشتۇرۇپ كوئىنلون مېھمانخانىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى* Q7 ?. E" y/ Z1 D' C. l$ |
20.قىلتاق ئىچىدىكى قىلتاق& l8 L' t6 O0 V, Y! Y5 y$ u
سىرتقا چىققاندىن كېيىن،ئادىلە سومكىسىدىن بىر قارا كۆزئەينەكنى چىقىرىپ ئاينۇرغا تاقىۋېلىشقا بەردى.بۇنداق بولغاندا باشقىلار ئۇنى تونۇپ قالمايتتى.ئىككەيلەن كوچىنىڭ دوقمۇشىغا كېلىپ بىر تاكسىنى توستى.ئىككەيلەن مەنزىلنى ئېيىتقاندىن كېيىن تاكسى كوئىنلون مېھمانخانىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
$ T- }8 Z1 U% q, pيېرىم سائەتچە ماڭغاندىن كېيىن،تاكسى چوڭ يولنىڭ بويىدا توختىدى.ماشىنىنىڭ سائىتى يەتتىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.كوچا چىراقلىرى يورۇپ بولغان بولۇپ،ئېلان تاختىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ شەھەرنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشقاندى.: g/ q4 {0 u( V% v& a& l: l& r
ئىككەيلەن ماشىندىن چۈشۈپ كۆپ توختىمايلا ئۇدۇلدىكى مېھمانخانىغا قاراپ ماڭدى.
8 B7 A* ^0 V9 t1 A$ j; k @ئاينۇر بىر ئاز-دەككە-دۈككىدە -:ئاينۇر،مەن خۇددى بىرسى بىزنى پايلاۋاتقاندەكلا ھېس قىلىۋاتىمەن-دېدى." P h) w8 l' S. d( o- X
- قارىغاندا سەن بەك جىددىيلىشىپ كېتىپسەن.ئۆزۈڭنى بېسىۋال،بىر ئازدىن كېيىن سەن ئىشىك تۈۋىدە ساقلاپ تۇر،مەن بېرىپ ياتاق ئاچقۇزاي.9 S2 b5 D& k6 m% D2 C8 a
مېھمانخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ،ئاينۇر ئىشىك تۈۋىدە ساقلاپ تۇردى،ئادىلە كىرىپ زالدا تۇرغان مۇلازىمەتچى قىزنىڭ ئالدىغا كەلدى.
, X, p. k! K6 E! C- i7 Y- ياخشىمۇسىز،خۇش كەلدىڭىز،سىزگە قانداق ياردەم كېرەك؟-مۇلازىمەتچى قىز كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى.
% p# A: f3 k/ Z- ماڭا بىر ياتاق ئېچىپ بەرسىڭىز., B" g0 U3 D: T- X9 N; A
- بولىدۇ،قېنى بۇياققا مەرھەمەت-زالدا ئادەم كۆپ ئىدى،ھەر خىل ئىرىقتىكى،ھەر خىل قۇرامدىكى،ھەر خىل چىرايدىكى كىشىلەر ئالدىراش كىرىپ چىقىپ تۇراتتى.
& n2 N3 o) C; d: dمۇلازىمەتچى قىز ئادىلەنى مۇلازىمەت سۇپىسىغا باشلاپ كېلىپ-:ماڭا يىگىرمە تۆتىنجى قەۋەتتىكى ئون بەشىنجى ئۆينى ئېچىپ بەرسىڭىز-دېدى.( X! l7 m1 v* f- x4 }2 @
ھېلقى قىز كومپيوتىرنى ئېچىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ-:ئەسلى مېھمانخانىمىزنىڭ تۈزۈمىدە ياتاقنى تاللاشقا بولمايتتى.لېكىن سىزنىڭ تەلىيىڭىز باركەن،سىز دېگەن ياتاقتىكى مېھمان بايىلا ياتاقنى قايتۇرۇپتۇ،بىر ئاز ساقلاپ تۇرۇڭ-دېدى.
3 V# v9 t& M3 p: `ئادىلە ئىچىدە خوشال بولۇپ تۇراتتى،يامان خەۋەردىن بىرنى ئاڭلىدى.; A4 e0 A4 T/ ?" ~4 K, s, f
- ياخشىمۇسىز،ياتاقنىڭ بىر كۈنلۈكى1680يۇەن.
8 f+ j! @' t7 Sئادىلە تۇرۇپلا قالدى،ئىشەنمىگەندەك قايتا سورىدى-:قانچە؟3 x+ D. Z0 i+ R; W6 `4 @
كۈتكۈچى قىز تەكرارلىدى1680يۇەن.ئادىلە ئىچىدە تويە دەۋەتتى.ئەگەر بۇ قېتىم خاتا پەرەز قىلغان بولسا 1680يۇەن قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى دېگەن گەپ،لېكىن ھازىرقى ئەھۋال جىددىي بولغاچقا ئادىلە چىشىنى چىشلىدى،سومكىسىدىن بانكا كارتىسىنى چىقىرىپ مۇلازىمەتچى قىزغا سۇندى.
2 u& ^, W1 X4 H0 c! g" z cرەسمىيەت بىجىرىلىپ بولدى،ياتاق كارتىسى قولغا تەگدى،ئادىلە ئاينۇرنى قول ئىشارىسى قىلىپ چاقىردى.ئاندىن ئىككەيلەن لېفىتقا ئولتۇرۇپ يىگىرمە تۆتىنجى قەۋەتكە چىقتى.مېھمانخانىنىڭ بېزىلىشى كاتتا بولۇپ بەش يۇلتۇزلۇق نامغا مۇناسىپ ئىدى.لېفىتنىڭ كونۇپكىلىرىغىمۇ ئالتۇن يالىتىلغان ئىدى.ئىككەيلەن 2415نومۇرلۇق ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ ئىچىگە كىردى.ئاندىن ئىشىكىنى يېپىپلا ئىككىسى ئىككى تەرەپ بولۇپ،گىلەم-پالاسلارنى قايرىپ ئىزدەشكە باشلىدى.0 ? \5 V. k( `8 r
- خانقىز،ماڭا يىگىرمە بەشىنجى قەۋەت ئونبەشىنجى ئۆينى ئېچىپ بەرسىڭىز-ئۇزۇن پەلتو كىيىپ ياقىسىنى كۆتۈرىۋالغان،قارا كۆزئەينەك تاقىغان بىر ئادەم مۇلازىمەتچى قىزغا شۇنداق دېدى.
4 E# C& z7 r% X `5 s iئادىلە بىلەن ئاينۇر يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ئىزدەپمۇ ھېلقى كارتىنى تاپالمىدى.ئۇلار ئاقتۇرمىغان لوڭقا،تېلۋىزورنىڭ تىزگىنىكى،تىزىقلىق ھەيكەل،تامنىڭ بۈرجەكلىرىمۇ قالمىدى،لېكىن يەنىلا تېپىلمىدى.6 |0 R" o! l: `+ W, B# R1 e
- ئادىلە،تۇرسۇنئاي كارتىنى قەيەرگە يوشۇرۇپ قويغاندۇ؟بۇ ياتاق بەكلا چوڭكەن،تىرناقچىلىك كارتىنى قانداقمۇ تاپارمىز؟8 R1 t' V# k9 p
ئادىلەنىڭمۇ يېلى چىققاندى-:شۇنى دېگىنە،بۇ تۇرسىنئايمۇ ئادەم قىيناشقا ئۇستىكەن،ھەممە سىزنى تۆت مىسرا شىئېرنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ قويغىنىنى كۆرمەمدىغان،كونكىرت ئورنى زادى قەيەردىدۇر؟$ j, `6 h% z+ ]* X' i
- بولمىسا شىئېرغا يەنە بىر قاراپ باقايلى-ئاينۇر شۇنداق دېدى.
0 x% I! h3 Y) e6 k; o- h! s; r: N1 Y- بولىدۇ،شۇنداق قىلايلى-ئىككەيلەن كومپىيوتىرنى ئېچىپ شىئېرنى يەنە بىر قانچە قېتىم ئوقۇدى،ئوقۇغىنىچە ئادىلە ئەڭ ئاخىرقى مىسىرادا توختاپ قالدى-:بىز باشتىكى مىسىراسىغىلا دېققەت قىلىپ ئاخىرقى مىسراسىنى ئۇنتۇپ قاپتۇق،ئالدىنقى ئۈچ مىسرانىڭ ھەممىسىدىن يىپ ئۇچى چىقتى،تۆتىنجى مىسرانى بىز تېخى ئىشلەتمىدۇق،شۇنىڭغا قارىغاندا جاۋاپ مۇشۇ ئاخىرقى مىسرادا بولسا كېرەك.پەردىشەپنى بۇزغان يامان... `4 z2 N6 Z; E3 u. e& I+ w
- توغرا،مۇشۇ مىسرادا چوقۇم بىر مەنە بار،پەردىشەپنى بۇزغان يامان،بۇنىڭ نېمە مەنىسى بولغىيتتى؟9 }4 d- I+ Y; r- [' z$ _/ v1 c
- پەردىشەپنى بۇزۇش؟پەردىشەپ؟بۇزۇش...ئادىلە مۇشۇلارنى ئېيىتقاچ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى،ئۇ بىرەر نەرسىنى ئويلىغاندەك قىلاتتى.2 X$ ]7 n- q1 N1 [7 r* f
ئاينۇر ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بىر ئاز تۇرۇپ،ئۇمۇ چۈشەنگەندەك بولدى دە-:ئاينۇر سېنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭ......
@! O/ }8 ?& X4 |$ P- كارۋات-ئىككەيلەن تەڭلا ئېيتتى.بۇ مىسرا تازىمۇ چوڭقۇر مەنىلىك بوپتۇ،تۇرسۇنئاي دېگەن قىزنىڭ قېلىنلىقىنى كۆرمەمدىغان.لېكىن بۇنى تېپىۋالغاندىن كېيىن بىزمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايدىكەنمىز جۇمۇ!ئىككىلىسى كۈلۈشۈپ كەتتى.
$ w# Z" a- C! @6 V2 X& x ^جاۋاپ تېپىلدى،ئىككەيلەنمۇ ئىككىلىنىپ تۇرماي بېرىپ يوتقان كىرلىكى،ياستۇق قاپلىرىنى چۇۋۇپ ئاختۇرۇشقا باشلىدى،يەنە يوق،ئىككەيلەن پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ قېلىن ماتىراسنى قايرىدى،دېگەندەك ماتىراسنىڭ ئاستىدا بىر پارچە ئاق كونۋىرت تۇراتتى.8 S. o, | H9 d0 ~, @; z: m. h. N, D: ?
ئادىلە كوۋىرتنى ئېلىپلا ئىچىنى ئاچتى،ئىچىدىن بىر مىكرو ساقلىغۇچ كارتا چىقتى!
- ]1 X* u7 _' x7 q- ھەجەپ ياخشى،ئاخىرى تاپتۇق-ئىككەيلەن سەكرىشىپ،قۇچاقلىشىپ كەتتى،ئۇلار دەرھاللا كارتىنى كومپيوتىرغا چاتتى،بىر قانچە سىكونىتتىن كېيىن بىر قانچە يۈز پارچە رەسىم ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى،, e$ p0 K4 d, A% V
ئۇلار بىر پارچە رەسىمنى ئېچىپ،ئۈستىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەستايىدىل كۆرۈشكە باشلىدى.دەرۋەقە،بۇ ماتىرياللارغا ئەمەتنىڭ ھەر بىر قېتىم دىلو سادىر قىلغان ئورۇن،ۋاقىت،ئادەم ئىسىملىرى،پۇل سوممىسى تەپسىلىي خاتىرلەنگەندى.ئاينۇر-:بەك ياخشى بولدى،بۇ پاكىتلارنى ساقچىغا تاپشۇرۇپ بەرسەكلا،مېنىڭ جىنايىتىممۇ يۇيۇلىدۇ،ئاندىن ئەمەتنى تۇتسىلا ئۇنىڭ شېرىكىمۇ پاش بولىدۇ،بۇمۇ بىزنىڭ ھەققانىيەتنى ياقلىغىنىمىز بولۇپ قالغۇدەك-دېدى ھاياجاندا.
* \1 M3 ?' M' G; s/ y1 W- شۇنداق،ئاينۇر،ھەممە ئىشنىڭ سورىقى بولىدۇ،بىز ئاخىرى مۇۋەپەققىيەت قازاندۇق،ئەمدى سەنمۇ قېچىپ يۈرمىسەڭ بولىدىغان بولدى.
( `' s3 z q1 u2 k8 z/ o7 Bئىككەيلەن ھاياجانلىنپ سۆزلەۋاتقاندا،ئۇلار بىرسىنىڭ تازلىق ئۆيىنىڭ دېرىزىسىنى سىرتتىن ئىتتىرىپ ئاچقىنىنى تۇيمىدى.
! y0 k) G" d- q5 o4 O& {& a7 Kئۇنىڭدىن كېيىن،بىر قارا كىيىملىك ئادەم بېلىدىكى بىخەتەرلىك ئارغامچىسىنى يېشىپ،دېرىزىدىن تازلىق ئۆيىگە كىردى،ئاندىن يېنىدىن پارقىراپ تۇرغان ئوپىراتسىيە پىچىقىنى چىقىرىپ،تازلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئاستا ئېچىپ يېنىك قەدەملەر بىلەن ئادىلە ۋە ئاينۇرنىڭ كەينىدىن يېقىنلاشتى.
E. Y6 `. _& X5 g0 `$ dقارا كىيىملىك ئادەم ئۇلارغا بىر مېتىر قالغاندىمۇ ئۇلار تېخىچە ھېچنىمىنى سەزمىگەندى،ئۇ ئادەم قولىدىكى پىچاقنى كۆتۈرۈشىگە ئادىلە تېلۋىزورنىڭ ئىكرانىدىن كەينىدىكى ئادەمنى بايقىدى.
5 \$ p g( F2 o7 d) q- كىم؟-ئادىلە ۋەرقىرىدى،لېكىن ئۇلار كېچىككەندى،قارا كىيىملىك ئادەم پىچاقنى بىرلا شىلتىپ ئادىلەنىڭ دۈمبىسىدىن يۈرەكنىڭ ئورنىغا كۈچەپ تىقتى.7 S1 {) k9 v5 j( y9 p* T; ^7 q, B$ A' X
- ئا-!ئادىلە قاتتىق ۋارقىرىدى،پىچاق ئۇنىڭ بەدىنىگە چوڭقۇر كىرىپ كەتكەن بولۇپ،ئۇ دەرھاللا تامغا يۆلىنىپ قالدى،تام بىردىنلا قىپقىزىل قان بىلەن بويالدى.ئاينۇر ئادىلەنىڭ تۇيۇقسىزلا پىچاق يىگىنىنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈدى،قاتتىق غەززەپلىنىپ بىردىنلا قارا كىيىملىك ئادەمگە ئېتىلدى.6 p; L0 q7 u# l. |: L; w3 d/ _* K- K3 ^
قارا كىيىملىك ئادەم بېلىدىن قۇچاقلىۋالغان ئاينۇرنى بىرلا ئىتتىرىپ ئۈچ قەدەم نېرىغا ئىرغىتىپ تاشلىدى،ئاينۇرنىڭ مۈرىسىنى ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاق سىيپاپ ئۆتكەندەك قىلاتتى،بىردەمدىلا نەچچە سانتىمىتىر كېلىدىغان كېسىلگەن جايدىن قانلار ئېقىپ چىقىشقا باشلىدى.ئادىلە قارشى تەرەپنىڭ ئېنىقلا ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەلگىنىنى كۆرۈپ،پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ ئارقىسىدىن قارا كىيىملىك ئادىمنىڭ بوينىغا ئېسىلدى،قار كىيىملىك ئادەم ئىشنىڭ ئەپلەشمىگىنىنى كۆرۈپ قولىدىكى پىچاقنى كەينىگە كۈچەپ تىقتى.* @/ V4 Y1 X# r* I1 z* g/ R& V2 e( E
بۇ قېتىم پىچاق غوس لا قىلىپ ئادىلەنىڭ ئوڭ بېقىنىغا سانجىلدى.ئادىلە ئاغرىق دەستىدىن چىشلىرىنى چىڭ چىشلەپ تىتىرەشكە باشلىدى،لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسلىۋالغان قولىنى قويىۋەتمىدى،قارا كىيىملىك ئادەم بۇنى كۆرۈپ پىچاقنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ قايتا تىقماقچى بولدى،بۇ قېتىم ئادىلە قاراپ تۇرماي،ئۇنىڭ پىچاق تۇتقان قولىنى تۆۋەنگە باستى،پىچاق ئادىلەنىڭ بەدىنىنى سىيپاپ ئۆتۈپ قارا كىيىملىك ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ يوتىسىغا سانجىلدى.-ئا-!قارا كىيمىلىك ئادەم يوتىسىدىكى پىچاقنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ،ئىشىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولۇپ تۇراتتى،ئادىلە كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك كۈچ بىلەن ئۇنىڭ يوتىسىغا سانچىلغان پىچاقنى سۇغارماقچى بولغان قولىنى ئىككى قوللاپ تۇتىۋېلىپ ئىككى يانغا قوچۇشقا باشلىدى.قارا كىيىملىك ئادەم ئاغرىققا چىدىيالماي بىردىنلا يەرگە يىقىلدى.
' X. H' \. R4 h: D/ M( Eبۇ چاغدا ئاينۇرمۇ جايىدىن ئۆمىلەپ تۇرۇپ قاراكىيىملىك ئادەمنىڭ ئۈستىگە ئېتىلدى،ئاندىن ئۇنىڭ پىچاق تۇتقان قولىنڭ بېغىشىنى قىلچە رەھىم قىلماستىن چىشلەشكە باشلىدى.3 [) B; ?0 C( Y
- ئا-!قارا كىيىملىك ئادەم ئاغرىققا چىدىماي پىچاق تۇتقان قولىنى بوشاتتى،ئاندىن قولىنى سوزۇپلا ئاينۇرنىڭ چېچىدىن قاماللىدى.
! z, E: G8 p9 |( P; P, wئاينۇر بىردىنلا ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ،ئىككى قولى بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ قورسىقىغا توختىماي ئۇرۇشقا بالىدى.پۇرسەتنىڭ كەلگىنىنى كۆرگەن ئادىلە بۇچاغدا دەرھاللا قارا كىيىملىك ئادەمنىڭ يوتىسىدىن پىچاقنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ،ئۇنىڭ بوينىغا سۈردى.% d v$ w( A' B1 M5 I2 t
گىرت قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ،قاراكىيىملىك ئادەمنىڭ بوينى ھەرە چېقىۋالغاندەك چىممىدە قىلىپ قالدى،ئاندىن بوغۇزىدا سانچىغلىق تۇرغان پىچاقنى كۆردى،ئاينۇرنىڭ چېچىنى قاماللاپ تۇرغان قولىمۇ ئاستا بوشاپ كەتتى.كۆزىگە قان تولغان ئادىلە قارا كىيىملىك ئادىمنىڭ بويۇن كۆكرەك،مۈرىسىگە يەتتە-سەككىز پىچاق ئۇرىۋەتتى.
0 |" y( E7 ~2 H8 W1 Y5 n( Y# B! Aقارا كىيىملىك ئادەم قولى بىلەن توختىماي قان ئېقىۋاتقان بويۇن كۆكرەكلىرىنى توسۇۋالماقچى بولاتتى،لېكىن قان خۇددى قىياندەك بىر يەرنى توسسا بىر يەردىن ئېقىپ چىققاتتى.ئۇ نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولاتتى،لېكىن كانىيى ئۈزۈلگەچكە ئاۋازچىقمايتتى.ئۇ بىر قانچە قېتىم ئكمىلەپ تۇرماقچى بولىدىيۇ،لېكىن تۇرالمىدى،ئۇ ئاخىرى تەن بەرگەندەك يېرىمجان ھالەتتە جايىدا قىمىر قىلماي يېتىپ قالدى.
3 v! g+ q8 ^# R+ K1 _( Z0 e' tئادىلە بۇ قورقۇنۇچلۇق ئادەمگە قارىدى،قوشۇما قاش،كۆزلىرى چوڭ،ئېغىزىنىڭ سول تەرىپىدە تاتۇقى،بۇ دەل ھېلقى ئادەم ئۆلتۈسە كۆزىنى مىت قىلمايدىغان ئەمەت ئىدى.
& L1 N! \4 V2 hبۇ بىر قەپەس ھايات-ماماتلىق جەڭدە ئادىلەنىڭ بارلىق كۈچى خوراپ تۈگىگەندى،قولىدا ھېلىغىچە قانغا بويالغان ئوپىراتسىيە پىچىقىنى چىڭ سىقىمداپ تۇراتتى.بىر قولىدا بېقىنىدىكى يارا ئېغىزىنى توسىغىنىچە ياتاتتى.قانلار ئۇنىڭ بارماقلىرى ئارىسىدىن سىرغىپ چۈشمەكتە،دۈمبىسىدىكى يارا ئېغىزىدىنمۇ توختىماي قان ئاقماقتا.+ [6 P* C. z! S4 B8 e* p* s5 z
- ئادىلە،ئادىلە!سەن قانداقراق؟ئادىلە مېنى قورقۇتما-!ئاينۇر ئىككى كۆزى ياشقا تولغان ھالدا ئادىلەنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇراتتى.ئۇ ئېسىنى يىغىپ دەرھال كىيمىنى يىرتىپ ئادىلەنىڭ يارىسىنى تاڭدى،ھازىر يىغلايدىغان ۋاقىت ئەمەس،دەرھال ئادىلەنى قۇتقۇزۇش كېرەك!9 g( {5 f y0 Z4 O/ T2 z; `0 O
ئاينۇر قوللىرى تىتىرىگىنىچە ئادىلەنىڭ يارىسىنى تاڭدى،چىرايى ئاقىرىپ كەتكەن ئادىلەمۇ تىنىچلىنىپ قالدى،ئۇ ئاينۇرنىڭ قولىنى ئىتتىرىپ-:ئاينۇر ئاۋارە بولما،مەن ئەمدى ياخشى بولالمايمەن-دېدى.5 q, e& J% S' z& u
- ياق،قالايمىقان گەپ قىلما،سەن ئۆلمەيسەن،مەن ھازىرلا قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىمەن-ئاينۇر يانچۇقىدىن يانفۇننى چىقىرىپ تېلفۇن ئۇراي دەپ تۇراتتى،ئادىلە قولىنى سوزۇپ ئۇنى توختىتىۋالدى. k# p8 o* j. y( i6 R; u' `. z
ئادىلە بەدىنىنىڭ يېرىمىنى تامغا يۆلىگىنىچە تەستلىكتە-:گېپىمنى ئاڭلا...ۋاقىتنى ئىسراپ قىلما،مېنىڭ كۆپ بولسا يېرىم سائەت ۋاقتىم قالدى،قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كەلسىمۇ مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بولغۇچە يېرىم يولدا ئۆلۈپ كېتىمەن،مېنىڭ ساڭا دەيدىغان مۇھىم گەپلىرىم بار،سەن ئوبدان ئاڭلا!
1 E6 K5 r* q/ Dئاينۇرمۇ مىدىتسىنا كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى،ئادىلەنىڭ دۈمبىسىدىكى يارا يۈرىك،ئۆپكىنى زەخمىلەندۈرگەن،قۇتقۇزۇشمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلەتتى،شۇڭا ئۇ ئاستا بېشىنى لىڭشىتتى.* _% ~0 R& T, m e2 L) K% j
- ئاي....نۇر....ئادىلەنىڭ ئاۋازى كۆپ مىقداردا قان چىقىپ كەتكەنلىكتىن ئىنتايىن تۆۋەن چىقاتتى-:مەن ئۆزەمنىڭ بۈگۈن ئەمەتنىڭ قولىدا ئۆلىدىغىنمىنى ئويلاپ باقماپتىمەن.
7 b1 D% h; I. x; `- C- ئۇ...ئۇ ئەمەت شۇما؟سەن ئۇنى تونۇمسەن؟-ئاينۇر نىمجان ياتقان ئادىلەگە قارىدى.
- i1 [. v* L& J5 m3 c- y- شۇنداق،ئەمەلىيەتتە مەن نۇرغۇن ئىشنى سەندىن يوشۇردۇم،مەن ساڭا يۈز كېلەلمەيمەن.9 {* i' i4 a1 {; {$ R
- نېمىشقا بۇنداق دەيسەن؟
) E% Q- n: O* u3 Z9 b- چۈنكى بارلىق ئىشلارنى مەن بىر قوللۇق پىلانلىغان.ھەممىنى مەن قىلغان
6 r& {" p* e) H2 Q" h) f- نېمە؟سەن؟-ئاينۇر ھەيران بولۇپ ئادىلەگە قارىدى.
$ m( c/ D' P6 E1 S3 F- شۇنداق،باشلىنىشتىنلا،مەن غايەت زور قاتىللىق دىلوسىنى پىلانلىغان.
5 K2 o4 F! t3 d7 H- نې....نېمە؟بۇ....بۇ....+ ~- i: m, h6 }: N: [0 I+ t
- سۆزۈمنى ئاڭلا،مەن ھازىر ساڭا ھەممە ئىشنى ئېيتىپ بېرىمەن،ھېلقى كۈنى مەن گۈلقىزنىڭ ئوغرىدەك چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئەگەشتىم،تۆشۈك مازاردا گۈلقىز ئەمەت بىلەن بىرلىشىپ ئايشەمنى ئالداپ ئاپىرىپ ئۇنى مەست قىلىپ ئۇنىڭ ئىككى بۆرىكىنى ئېلىۋالدى،ئاندىن ئۇنى شۇ جايدىكى بىر قۇدۇققا تاشلاپ پاكىتنى يوقاتتى.لېكىن شۇ چاغدا يوشۇرۇنۇپ ياتقان مېنى بايقان قالدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېلىپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى،مەن قېچىپ دۆڭدىن يۇمىلاپ كەتتىم...
5 O' k0 j) }8 M: W fئاينۇر ئېغىزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى-:سەن خاتىرەڭنى يوقاتقان ئىدىڭغۇ؟* K1 @" P5 ^' g2 P
- مەن يالغاندىن شۇنداق بولىۋالغان،بولمىسا ئۇلار مېنى بوش قويىۋەتمەيتتى.لېكىن شۇنداق قىلساممۇ ھىلىگەر گۈلقىزنى ئالدىيالمىدىم،ئۇ كېلىپ مېنى ئىزدىدى،مەندىن قانداق قىلماقچى ئىكەنلىكىمنى سورىدى؟ئۇ ماڭا پەقەت بۇ ئىشنى باشقىلارغا ئېيىتمىساملا مەن ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا رازى ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى.شۇنىڭ بىلەن مەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ گۈلقىزنى ئۆزەمنىڭ بىر پېچكامغا ئايلاندۇرىۋالدىم.* |& {) l' e2 t! ?; O0 T+ z1 z
- سىلەر بىرمىدىڭلار؟لېكىن ھېلقى كۈنى كەچتە كۈتۈپخاننىڭ ئۆگىزىسىدە ئۇ سېنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولغان تۇرسا؟
: s7 \8 e2 ?9 X. V/ l/ `5 u, e- ئۇنى مەن قەستەن ئورۇنلاشتۇرغان،گۈلقىز ئىككىمىز ئاللىقاچان مەسلىھەتلىشىپ بولغان،ئۇ دېگەن ئىككىمىز ئوينىغان بىر ئويۇن،مەقسەت سېنىڭ بارلىق گۇمانلىرىڭنى گۈلقىزنىڭ ئۈستىگە يۆتكىۋىتىش،بۇنداق بولغاندا سەن مەندىن گۇمان قىلمايسەن،مەنمۇ كېيىنكى پىلانلىرىمنى خاتىرجەم ئورۇنلايمەن.تېلفۇندىكى ھېلقى تۇرسۇنئاينىڭ ئاۋازىغا كەلسەك،ئۇ پەقەت تۇرسىنئاينىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۈنگە ئېلىنغان ئاۋازى خالاس.) {; U4 e# d: A& S. H
- ئادىلە.....مەن سېنىڭ بۇ قەدەر....مەن ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن-ئاينۇر بەدىنىنىڭ تۇيۇقسىز مۇزلىغىنىنى ھېس قىلدى., {8 u! Z% q: h6 }+ s, v, x
- شۇنداق،مەن بىر خەتەرلىك ئادەم...ئىشقىلىپ مەن تېزلا ئۆلۈپ كېتىمەن،يوشۇرغىدەك ئىشمۇ يوق.
- V2 ~7 T' a, S) M- ئەمسە سەندىن سوراي،ئويۇن قويغاندا سەن گۈلقىزغا پىچاقنى ئالماشتۇرغۇزىۋەتكەنمۇ؟$ D, M0 J- Z2 G% @
- خاتالاشتىڭ،پىچاقنى مەن ئكزەم ئالماشتۇرىۋەتكەن،بەزى ئىشلارنى مەن گۈلقىزغا بىلدۈرسەم بولمايتتى.
" q& P% r" A( L( Z) q Yئاينۇر ئۆز قۇلىقىغا ئىشىنەلمەيلا قالدى،ئۇ ئادىلەنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغىنىغا پەقەت ئەقلى يەتمەيۋاتاتتى.
5 t. S$ e% z1 u8 B2 n' L. S: w- نېمىشقا؟بۇ ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئۆلتۈرگىنىڭ ئەمەسمۇ؟ئەگەر ماھىرە توسۇۋالمىغان بولسا،بەلكىم شۇ چاغدا مەن سېنى ئۆلتۈرۈپ قويار بولغىيدىم.
5 _ M o6 n% J& V) ]- مەن ئەلۋەتتە ئۇنچە ئەخمەق ئەمەس،سەن ماھىرەنىڭ نېمىشقا مېنى توسۇۋالغىنىنى بىلەمسەن؟ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنى تارتىپ ئۆزۈمنى پىچاقتىن توسۇۋالغان،شۇ چاغدا چاندۇرماي قىلغان بولغاچقا،ھىچكىم مېنىڭ قىلغىنىمنى كۆرمەي قالغان.: F( ]$ G; ~: ?
- لېكىن ماھىرە بىزنىڭ يېقىن دوستىمىز تۇرسا،سەن نېمىشقا ئۇنى قەسىتلەيسەن؟
# K7 s% r1 q9 U7 ]- مېنىڭمۇ ئۇنىڭدا ئاداۋىتىم يوق،لېكىن ئۇنىڭ گەپ توشۇيدىغان ئادىتىدىن راستنى يالغان قىلىپ سۆزلەيدىغان قىلىقىدىن بەكلا بىزار،شۇ قىلىقى پەقەت كۆزۈمگە سىغمايتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغدا بىرسى مېنى توسمىسا بولمايتتى،شۇڭا ئۇنى قۇربانلىق قىلدىم خالاس.
/ n) C2 E& i) t5 P& A; Yئاينۇر بارغانسىرى ئالدىدىكى بۇ ئادەمنى تونۇيالماي قېلىۋاتاتتى،ئادەتتە ئادىلە يۇۋا-يۇمشاق،چىرايلىق-ئوماق قىز ئىدى،ھىچكىم ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى پەرەز قىلالمايتتى.
- L' ]! I: c8 {5 w& O4 K4 M* }ئاينۇرنىڭ كۆزىدە ياش ئەگىدى،ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى تەرىپىدىن سېتىۋىتىلگەنلىكىگە يىغلاۋاتاتتى.
# I5 J2 V. Z% I! V- شۇنىڭ بىلەن سەن مۇشۇ ئىشتىن پايدىلىنىپ ھەممە گۇناھنى ماڭا ئارتىپ قويماقچى بولدۇڭ شۇنداقمۇ؟- G5 y( F1 D* W; \% q2 C, s) y
- شۇنداق،مەن ئالىم پروفىسورنىڭ سېنى ئۆلتۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم،شۇڭا باشقىلانىڭ قولىدىن پايدىلىنىپ ئادەم ئۆلتۈرسەم ھېچكىم مەندىن گۇمانلانمايتتى،ھېچكىم مېنى پىچاقنى ئالماشتۇرىۋەتكەن دەپ ئويلىمايتتى.سەنمۇ پەقەت ئىككى ئادەمدىن گۇمان قىلالايتتىڭ،بىرى ئالىم پروفىسور،يەنە بىرى گۈلقىز.
' i* Z n& [6 q; S' ^- ئۇنداقتا سېنىڭ گۇناھنى ماڭا ئارتىپ قويۇشۇڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟-ئاينۇر غەززەپتىن ئۆزىنى تەستلىكتە تۇتۇپ تۇراتتى./ p5 B. r% O i% a& w
- مەن ساڭا قەستەن قەست قىلمىدىم،پەقەت سېنى قالقان قىلدىىم خالاس،چۈنكى مەن ئالىم پروفىسورنى ئۆلتۈرەي دېسەم ھىچقانداق پۇرسەت يوق،سەن بولساڭ ناھايتى ئوبدان پىچكا،مەن قەستەن سېنى گۇناھكار قىلىپ ئالىم پروفىسورغا سېنى قەستلەيدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردىم،مېنىڭچە ئالىم پروفىسور ھەرگىز سېنى ساقچىغا تۇتۇپ بەرمەيتتى،چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ سەتچىلىكىنىڭ ئاشكارلىنىپ كېتىشىدىن قورقىدۇ،ئەكسىچە سېنى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويسا،ئۇ چاغدا سېنى ئۆلتۈرۈش ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايتى ئاسان بولىدۇ،ئۇ ئۆزىچە سېنى ئۆلتۈرىۋىتىپ ئاندىن يالغاندىن سېنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان يالغان ۋەقە ياسايمان دەپ ئويلىغان،بۇمۇ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ پىلانىمنىڭ بىر قىسىمى.ئاخىردا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئوقۇغۇچىسىنىڭ قولىدا ئۆلىدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيتتى.ھا ھاھا،لېكىن ئالىم پروفىسور ئۆلگەن بىلەن سەن بۇ جىنايەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتىڭ.ئەكسىچە داۋاملىق مەن ئۈچۈن قالقان بولۇپ بەردىڭ،بۇ پىلانىم ناھايتى چىرايلىق ئورۇنلاندى.ھاھاھا
3 i4 }; k% e0 n5 X$ Y- ئادىلە،مەن ئەمدى سېنىڭ نەقەدەر قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىڭنى ھېس قىلىۋاتىمەن،سەن خۇددى بىر ئالۋاستىدەك ھەممە يەردە يامانلىق قىلىپ يۈرسەڭ،مەن ئەخمەق ئوتتۇرغا چىقىپ سەن ئۈچۈن ھەممە گۇناھنى بوينۇمغا ئارتىۋاپتىمەن،سەن بەك ئىپلاسكەنسەن.) ?1 L l' J2 \9 ?8 u$ i
|
|