خەۋەر
8 D4 Q3 h H ?% \. o7 F9 kياڭاق دورىلىق قىممىتى ناھايتى يۇقىرى بولغان مېۋىلەرنىڭ بىرى . ياڭاق مېغىزىنىڭ تەمى تاتلىق ، تەبىئىيىتى ئازراق قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ ، قانچە ئۇزۇن تۇرغانسىرى ئۇنىڭ قۇرۇقلۇق دەرىجىسى شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ . ياڭاق تەركىبىدە ئاقسىل ، قەنت ، ياغ ، كالتسىي ۋ ە ماگنىي قاتارلىق ئېلېمىنتلار مول بولۇپ ، ئۇيغۇر تېبابىتىدە ياڭاقنىڭ مېغىزى ، پوستى ۋە يۇمران شاخلىرىمۇ دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ . ياڭاق بەدەندىكى توسۇلۇپ قالغان قانلارنى راۋانلاشتۇرۇپ ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ . بەلغەمنى بوشىتىپ ، چاچ ئۆستۈرىدۇ ۋە چاچنى قارايتىدۇ ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ ، يەلنى ھەيدەيدۇ . تېرىنى پارقىرىتىپ ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ . ئۇندىن باشقا 0.5 كىلوگرام ياڭاق مېغىزىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى 2.5 كىلوگرام تۇخۇم ياكى4.5 كىلوگرام كالا سۈتىگە باراۋەر كېلىدۇ . ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە 10گرام ئۈزۈمنى قوشۇپ يەپ بەرسە دائىم باش ئاغرىش ، ئۇيقۇسىزلىق ، يۈرەك سېلىش ، ئىشتىھاسىزلىق ، بەل-پۇت ئاغرىش ، كۆپ چۈش كۆرۈش قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ ، شۇنداقلا يەنە كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ . ھەر كۈنى يەنە مۇۋاپىق مىقداردا ياڭاق ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ ، ھەر خىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان يۆتەلنى توختىتىپ ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ . ھۆل ياڭاقنى ئېزىپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە يۈزدىكى قارا داغلارنى ۋە ھەر خىل قورۇقلارنى يوقتىدۇ . ياڭاق پاسىلىنى سۇ بىلەن قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ . ياڭاق يېغىنى مۇۋاپىق مىقداردا قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا شىپا قىلىدۇ .چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |