3d
ئالما تەقسىماتى/ g$ H3 e% e& L# h! h: y
2 k+ S- U+ {) r4 f# g6 V
ئامېرىكىلىق بىر پىسخولوگىيە ئالىمى ئانىنىڭ بالىغا، يەنى ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىگە قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىدى بىلەن روناق تاپقانلاردىن 50 ئادەمنى، جىنايەتچىلەردىن 50 ئادەمنى نىشانلاپ، ئانىڭىزنىڭ سىزگە قانداق تەسىرى سىڭگەنلىكىنى بايان قىلىپ بەرسىڭىز ئىكەن، دېگەن مەزمۇندا خەت يازغان ئىكەن، ئۇلاردىن كەلگەن جاۋاب خەتلەردىن ئىككىسىنىڭ مەزمۇنى ئالىمغا ناھايىتى چوڭ تەسىر قىپتۇ. شۇ خەتلەرنىڭ بىرى ئاق سارايدىكى مەشھۇر بىر ئادەمدىن كەلگەنىكەن؛ يەنە بىرى جىنايەت سەۋەبى بىلەن تۈرمىدە قامىلىپ ياتقان بىر گۇناھكار مەھبۇستىن كەپتۇ. بۇ خەتلەرنىڭ ھەر ئىككىسىدىلا ئوخشاش بىر ۋەقە بايان قىلىنىپتۇ: ئالما تەقسىماتى.6 J- T3 ^0 l5 g: b2 k
, q( U; B4 _: p2 ]# S- x# u
تۈرمىدىكى گۇناھكار يازغان خېتىدە مۇنداق دەپتۇ: ‹‹ كىچىك ۋاقتىمدا بىر كۈنى ئانام بىر نەچچە ئالما ئېلىپ كەپتۇ. قارىسام قىزىللىرىمۇ، كۆكلىرىمۇ بار ئىكەن، بەزىسى چوڭ، بەزىسى كىچىك ئىكەن. ئاشۇ قىپقىزىل قىزارغان ھەم چوڭ ئالمىغا كۆزۈم چۈشتى، لېكىن كۆزۈم چۈشكەن شۇ ئالمىنى مەن ئالاي دەپ ئاغىزىمدىن چىقىرىپ بولغۇچە ئۇكام دەرھاللا، ئانا، ئاۋۇ قىزىل، يوغان ئالمىنى ماڭا بېرىڭ، دەپ تالاشتى. بۇنى ئاڭلىغان ئانام:7 h( V7 \9 I1 c7 b% x/ \/ p' A
* {' G8 o3 O3 ?9 N+ m' Q/ a3 Gــ ئوبدان بالا دېگەن ئوبدان نەررسىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ، بىرەر نەرسىنىڭ مېھرىدىن كېچىشنى بىلىش كېرەك،ــ دەپ ھومايدى.
7 |8 Z. n( O- a2 W n+ t( t: K( `- @) B# M5 b2 B* B& _% g; Q
شۇنىڭ بىلەن دەرھاللا بىر ئەقىل تاپتىم ــ دە، ئاغىزىمدىن تېخى چىقمىغان گېپىمنى يۆتكەپلا:6 C; u2 m% [! D
3 ]9 |2 M9 C, w3 e) p! E/ ~5 T5 e7 y
ــ ئانا، ھەممىدىن كىچىك ئالمىنى ماڭا بېرىڭ، ھەممىدىن چوڭى ئۇكامغا قالسۇن، ــ دېدىم.. ^: P& T& g. \
" t% K1 d4 k0 n% `ئانام بۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇرسەن بولدى، شۇ گېپىمگە ھەم قىزىل، ھەم يوغان ئالمىنى ماڭا مۇكاپات قىلىپ بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ يالغان گەپ قىلىشنى ئۆگىنىپ قالدىم. كېيىنچە بېرىپ-بېرىپ ئۇرىشىدىغان، تالىشىدىغان، ئوغۇرلايدىغان، بۇلايدىغان بولدۇم. كۆزۈم چۈشكەن نەرسىنى قولۇمغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدىغان بولدۇم. ئاخىر، مانا ئەمدى تۈرمىگە تاشلاندىم.››: k: G' o& `6 Y `
. C/ T' O% U5 {
ئاق سارايدىكى مەشھۇر ئەربابتىن كەلگەن خەتتە مۇنداق گەپلەر بار ئىكەن: ‹‹ كىچىك ۋاقتىمدا بىر كۈنى ئانام بىر نەچچە ئالمىنى ئالدىمىزغا قويدى، ئۇلارنىڭ بەزىسى قىزىل، بەزىسى كۆك، بەزىسى چوڭ، بەزىسى كىچىك. ئۇكام بىلەن ئىككىمىز ئالمىنىڭ چوڭىنى تالىشىپ قالدۇق. ئانام ھەممىسىدىن بەك قىزىل ھەم يوغان ئالمىنى قولىغا ئېلىپ:
( f7 t/ \$ ^9 ?! A% ]- h! T
& g( Z3 m- V% i8 Hــ مانا بۇ يوغان ھەم قىزىل ئالما ناھايىتى يېيېشلىك، ھەممىمىزنىڭ يېگۈمىز كېلىدۇ. قېنى ئەمسە مۇسابىقىلىشىڭلار. دەرۋازا ئالدىدىكى ئۈچ پارچە چۆپلۈكنى ئاكا-ئۇكا ئۈچىڭلار بىر پارچىدىن ئۈلۈشىۋېلىپ، ئۆسۈپ كەتكەن ئوت-چۆپلەرنى تەكشىلەپ قىرقىڭلار، قايسىڭلار ھەم تېز، ھەم ياخشى قىرقىساڭلار، بۇ ئالما شۇنىڭ بولسۇن، - دېدى.
( ]( `% z7 e- C- {8 w
9 P4 [9 x3 N3 I+ fبىز ئۈچەيلەن ئوت-چۆپنى مۇسابىقە بىلەن قىرقىدۇق، نەتىجىدە، ھەممىدىن يوغان ئالما ماڭا تەگدى. ئانامغا ناھايىتى كۆپ رەھمەت ئېيتتىم، چۈنكى ئۇ ماڭا ناھايىتى ئاددىي ۋە لېكىن تولىمۇ مۇھىم بىر ھەقىقەتنى بىلدۈردى.››
( ^" C3 }9 M* t s7 n& b( a8 a" c
7 ?2 S+ u5 p3 |" [9 D/ R5 Hگېزىتتە يېزىلغانلىرىنى ئەسلىشىمچە، گېزىتتىكى خەۋەرنى يازغان قەلەم ئېگىسى يازمىش ــ بايانلىرىنىڭ داۋامىدا: بۇ ئىككى ھېكايە ھەقىقەتەن ئاپىرىن ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان چوڭقۇر مەنىلىك ئىكەن. مەنمۇ ئالما تەقسىملەشكە دائىر بىر ھېكايە توقۇپ بېرەي دەيدۇ: ‹‹ ... ئانىسى قىزىل، كۆك ئالمىدىن بىر نەچچىنى ئەكىپتۇ، ئالمىنىڭ بەزىسى چوڭ، بەزىسى كىچىك ئىكەن. بىر ئانىدىن ئاكا-ئۇكا بىر نەچچە بالا ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزى ھەم قىزىل، ھەم يوغان ئالمىغا چۈشۈپ، نەپسى تاقىلداپتۇ.
, n) B! D2 W* d# L8 b6 m: ? f
: A2 i: D/ B0 j4 hــ ھەممىڭلارنىڭ كۆزى ھەم قىزىل، ھەم يوغان ئالمىغا چۈشۈپتۇ. ئۇنداق بولسا، - دەپتۇ ئانىسى، - دەرۋازا ئالدىدىكى ئۈچ پارچە چۆپلۈكنى ئاكا-ئۇكا ئۈچىڭلار بىر پارچىدىن ئۈلۈشىۋېلىپ، ئۆسۈپ كەتكەن ئوت-چۆپلەرنى تەكشىلەپ قىرقىڭلار، قايسىڭلار ھەم تېز، ھەم ياخشى قىرقىساڭلار، ھەم قىزىل، ھەم يوغان ئالمىنى شۇ ئالسۇن.
. t. N" E ]7 o0 e% F
4 |( W5 [3 L$ f' j2 G( Aبالىلارنىڭ چوڭى قورال-سايمانلارنى تەييارلاپ، ئاپتاپتا كۆيۈپ-پىشىپ ئىشلەپتۇ، چۆپلۈكتىكى ئىش-كۈشلەرنى تۈگىتىپ، تەرگە چۆمگەن ھالدا ئانىسىنىڭ ئالدىغان بارسا، ئۈستەلدە ياڭاقتەك كىچىك بىرلا ئالما قاپتۇ، ئىككى ئۇكىسى ئانىسىنىڭ يېنىدا ئالمىنىڭ ھەم قىزىل، ھەم چوڭلىرىنى ھۇزۇر بىلەن غاجىلاپ يەپ ئولتۇرۇپتۇ.
& `9 H0 X5 `1 o, k! b6 m% x6 C. H' l( s8 r
- ئانا، قىزارغان چوڭ ئالمىلار قېنى؟ - دەپ سوراپتۇ چوڭ ئوغلى.
6 l$ }6 T. l0 s# m0 N) G) V' Q. U% B7 |) f& \# d: P
- نېمانداق كۆزى تويماس ئاچ كۆز بولۇپ كەتتىڭ؟ - دەپ كايىپتۇ ئانىسى.
2 r: X* D3 N% y- f7 n! t
# V1 G" }" B2 K, p0 M- كىم ياخشى ئىشلىسە ئالمىنىڭ ھەم قىزىل، ھەم يوغىنى شۇنىڭ بولىدۇ دەپ ۋەدىلەشكەنتۇققۇ؟ - دەپتۇ چوڭ ئوغلى ئەقىدىسىگە يىغلاپ.
% ^# d' L6 y# t1 W* p! G% C2 I+ f% e; ]! E9 l1 `
- مىننەت قىلما! – دەپتۇ ئانىسى قاپاقلىرىنى تۈرۈپ، - مۇددىئايىڭ توغرا ئەمەس، قىلغان ئىشلىرىڭ مىننەتلىك ئىكەن!( I3 C6 |0 k; r/ D$ O8 }. n3 _
5 x& A6 `5 h) S5 `5 G
- شۇنداقمۇ دەپ تۇرايلى، ئەمسە ئۇكىلىرىم ئىشلىمەپتۇغۇ؟. A* t% q+ v6 F
' S7 E/ ^! W2 u4 S9 V2 }4 Aئانىسى قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ:7 t+ \/ f6 F& I) J. Q: D, V
% k. E8 B+ @- ~" t: [4 ^$ U# T- شۇنداق ئىشلىيەلەيدىكەنسەن، نېمىشقا ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئىشلەپ قويمۇدۇڭ؟; U# g2 K2 q% `2 C5 w
- ~; E+ Y/ v, |' D
چوڭ ئوغلى دەردىنى يۇتۇپ، نېرى كېتىپتۇ، ئانىسىنىڭ، ئۇكىلىرىنىڭ مازاق كۈلكىلىرى ئارقىسىدىن ئاڭلىنىپ تۇرۇپتۇ. ››
$ T/ Q& M8 Z) T j
! ?0 U" F' ~; ]# jقەلەم ئېگىسى خەۋىرىنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق چۈشۈرۈپتۇ: ‹‹ بۇ ھېكايە ئىلگىرى جۇڭگونىڭ مەلۇم جايلىرىدىن چىققانىكەن. ھازىرمۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىمۇ چىقىۋاتقان بولىشى، چىقىشى ئېھتىمال.››
! }4 r6 I8 g0 R* E, w$ V& ~& r1 n
مەنبە: ‹‹ كەتمەن چاپقان گۇناھمۇ؟›› ناملىق فېليەتونلار توپلىمدىن. ! P# b9 B: R0 i, C
تەرجىمان-توختى باقى ئارتىشى
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |