مائارىپ
جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كۆرۈنۈشلەر (1)8 ~; o; j: g8 @( j# C3 \) J" o
! ]! ]- l2 P6 A n# Xتارىخ، تىل-ئەدەبىيات، قەدىمىي ئەسەرلەر تېمىسىدىكى گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى
) U* n; _& Q/ d* b9 C0 N: K' ]3 L. t; T1 b2 y( Z3 A0 F
(ئوڭدىن سولغا: شەمشىدىن ھاجى، تەلئەت ئىبراھىم تىلەك، ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق)* \0 e w% }3 v: J+ p2 {( f- h
# P* f; e/ r H6 C. ~% a4 u! n5 N6 Y
12-، 13-ئاۋغۇست ئېلىپ بېرىلغان جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە ئالىم، مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. سورۇن ئەھلى بىردەك بۇ ماقالىلەرنىڭ نۇقتىئىنەزەرى كۈچلۈك، جەلپ قىلارلىق بوپتۇ، دېيىشتى.
7 J. o! R% k* k( @" ^مەدەنىيەت، سەنئەت تېمىسىدىكى گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى قەمبەرنىسا مۇھەممەتھاجىنىڭ «ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىنىڭ سالامەتلىك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى ئابدۇقەييۇم مىجىتنىڭ «ئۇيغۇرلاردا مال-چارۋىلارغا ئەن سېلىش ئادىتى»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى تۇرنىسا روزىنىڭ «ماقال-تەمسىللەردە تەسۋىرلەنگەن ئائىلە ئەخلاقى ۋە ئاياللار توغرىسىدىكى ئەنئەنىۋى قاراشلار»، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى مەدەنىيەت سەنئەت باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى ئايگۈل مۇھەممەدنىڭ «ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى»، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى تىياتىر فاكۇلتېتىدىكى نۇرىمانگۈل ئەخمەتنىڭ «1930-، 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇر دىراماتورگىيەسى»، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن سابىرجان سېيىتنىڭ «ئۇيغۇر مىسكەرلىك سەنئىتى ھەققىدە قىسقىچە بايان» قاتارلىق ماقالىلەر گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قويۇلدى.
- o# u5 j$ ?5 W* @+ A3 F
% B% P/ i/ O. lتارىخ، تىل-ئەدەبىيات، قەدىمىي ئەسەرلەر تېمىسىدىكى گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ مۇھەررىرى، ئەدەبىي ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ «ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭ تۆھپىسى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇقنىڭ «دۆلىتىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى»، قارىقاش ناھىيەسى قارىساي يېزىلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ياسىن ئابدۇقادىرنىڭ «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ 100 يىلى» قاتارلىق ماقالىلەر گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قويۇلدى
9 x5 x: E8 B2 |( w2 O2 R# Uگۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئۆز قەرەلىدە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىككى گۇرۇپپىدىن تاللانغان مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالىلەر يىغىندا يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
2 \0 M$ N' d5 F; M: m6 E3 A- u) f( q M- Z0 k
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى تەلئەت ئىبراھىم تىلەكنىڭ «مىڭگو دەۋرىدىكى شۆتاڭ توغرىسىدا»، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ مۇھەررىرى، ئەدەبىي ئوبزورچى يالقۇن روزىنىڭ «ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭ تۆھپىسى»، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئەنۋەر مەتسەيدىنىڭ «ئۇيغۇرلاردا سالام خەت ۋە ئىرسالنامە»، قارىقاش ناھىيەسى قارىساي يېزىلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ياسىن ئابدۇقادىرنىڭ «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ 100 يىلى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي ماقالىلەر يەنە بىر قېتىم سورۇن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشىگە ئېرىشتى.
& i" I/ S" D& C0 q5 n( kمەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى + R+ s& G- g, t8 }* o) z' O8 B( @1 i
/ @5 h# `! j$ O% g, J
5 a0 y5 l( k; [+ S& ]' a. _- e+ o
/ J) \" l7 t. L, b- e, @1 ?
1 S( w! X8 M( m- R- s+ _
7 ]! o3 X- p9 t, K8 t: N$ x3 N7 k; o- p7 s' H' a4 n2 n
3 G j$ H1 v: d7 D2 G
: j" l2 [+ h/ W4 f
ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |