ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1271|ئىنكاس: 1

ناخشا ياشاشنىڭ ھەقىقى مەنىسى نىمە ؟لۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

72

تېما

110

يازما

1399

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
368 سەر
تۆھپە
304 سەر
تىللا
244 دانە
جەۋھەر
1 دانە
3d دوستۇم سىزنىڭچە ياشاشنىڭ ھەقىقى مەنىسى نىمە ؟ سىز  بۇنىڭ ئۈچۈن ئاز-تولا ئويلىنىپ كۆردىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا دوستۇم تۆۋەندىكى ھېكايىگە قۇلاق سېلىڭ.
! a. [% D1 {+ R; W# C) o3 aكەڭ كەتكەن ئېتىزلىقتىكى يول بويىدا، بىر تۈپ تىرەك باركەن. ئۇنىڭ غوللىرى ئەگرى، ئىچى بولسا پور كاۋاككەن. ئۇ كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە قوغۇنلۇققا بوينىنى سوزۇپ قاراپ، گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان قوغۇنلارنى كۆرۈپتۇ. بىراق قوغۇننىڭ يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ، غوللىرى سولۇشۇپ قالغان ئىكەن. كاۋاك تېرەك قوغۇننىڭ بۇ قىياپىتىنى كۆرۈپ، ئۇنى زاڭلىق قىلىشقا باشلاپتۇ.
- Q: E; J3 U3 t" G5 Y  G! D-ئەي قوغۇنجان ئۆمرۈڭ نېمانچە قىسقا سېنىڭ؟! سەن كۆپ مىۋە بەرگەچكە ، ئاران بىر يىللا ياشىيالايدىكەنسەن. ئۇنىڭدىن كۆرە ماڭا ئوخشاش مىۋە بەرمەي، ئۇزۇن يىل ياشىساڭ بولمامدۇ؟ مانا مەن قېرىپ، ئىچىم كاۋاك بولۇپ قالسىمۇ يەنىلا ياشاۋاتىمەن- دەپ ماختىنىپتۇ. قوغۇن ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقىنى بىلسىمۇ، قىلچە ئۆكۈنمەي مەردانىلىك بىلەن قاۋاق تېرەككە قاراپ شۇنداق دەپتۇ:-بىلىپ قوي دوستۇم، مەن مىۋە بەرمەي يۈز يىل ياشىغاندىن، مىۋە بېرىپ بىر يىل ياشىغانننى ئەلا بىلىمەن.
( o: t3 w6 e; E* O( H! S. Cئېيتىڭچۇ دوستۇم ، ئۇنداقتا سىز قايسى خىل ياشاش يولىنى تاللىدىڭىز؟ بىلسىڭىز دوستۇم، ھايات ھەممىمىزگە سوۋغا قىلىپ بېرىلگەن ئەڭ كاتتا مۇكاپات. ئەمما بۇ كاتتا مۇكاپاتتىن قانداق بەھىرلىنىش، دەل بىزنىڭ ئۆزىمىزگە باغلىق. بەزىلىرىمىز ھاياتنى ئويناپ كۈلۈپ، ئەھمىيەتسىز ئويۇن-تاماشىلار بىلەن تۈگۈتىۋېتىمىز. يەنى تۇرمۇشتىن ئەھمىيەت ۋە مەنىگە ئېرىشەلمەيمىز  ۋە ياكى ئەتراپىمىزدىكىلەرنىمۇ خوش قىلالمايمىز. ئۇلارغا ھېچبىر پايدا ۋە مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيمىز. ئۇنداقتا بۇنداق ھاياتنى نېمە دىيىش مۇمكىن؟
$ Z7 ^( ]1 Z7 c2 h3 \& [7 Mدوستۇم، سىزگە يەنىلا دەيدىغىنىم «ھايات بىرلا قېتىم كېلىدىغان قىممەتلىك پۇرسەت! » شۇڭا ئۇنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزەيلى. يەنى ئۆزىمىزگە ۋە ئەل-ۋەتەنگە، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ، ئۆز مېھنىتىمىزنىڭ لەززىتىدىن ھوزۇر ئېلىش ئۈچۈن تىرىشايلى. ئەلۋەتتە، ئەتراپىمىزدىكىلەرمۇ بىزدىن خوش بولسۇن. بىز بىلەن ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايدىغان بولسۇن. .1 o) l- x0 O$ v% G( G0 |! y, u  d0 I/ a
بىر كىشى ئەتتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپلا، تامغا ئېسىقلىق تۇرغان كالىندارنىڭ تۆنۆگۈنكى چېسلاسىنى يىرتىشقا تەملىشىپتۇ.
8 N# _; j5 t* A; ?6 C-توختاپ تۇرۇڭ، - دەپتۇ كالىندار.
0 [6 {% ], w/ X+ v' }) f-مېنى نېمىشقا يىرتېۋىتىسىز؟7 |5 s6 J( F) D5 D  F
-نېمىشقا يىرتېۋەتمەيمەن؟ سەن تۆنۆگۈن ئۆتۈپ كەتكەن ئەمەسمۇ؟! – دەپتۇ ئۇ كىشى.1 d$ V- u# f5 o) X$ K
-توغرا دېدىڭىز، مەن ھەقىقەتەن تۆنۆگۈن ئۆتۈپ كەتتىم. ئەمما سىز ھەركۈنى مۇشۇنداق، تۆنۆگۈنكى چېسلالاردىن تالاي-تالايلارنى يىرتېۋىتىسىز. ئەمما سىز، شۇ تۆنۆگۈندە نېمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتتىڭىز؟ بۇنى ئويلاپ يەتتىڭىزمۇ؟ ھېلىقى كىشى كالىندارنىڭ بۇ سوئالىنى ئاڭلاپ، نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي چوڭقۇر ئويغا چۆكۈپتۇ.9 q, T1 U  t4 t
شۇنداق دوستۇم، بىزنىڭ ھاياتىمىز چەك-چىگرىسى يوق نەرسە ئەمەس. ئۇ ھامان ئاخىرلىشىدۇ.ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈپ، يۈز ياشقىمۇ كىرەرمىز. تۇغۇلۇپلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىغانلارمۇ بولىدىغان بۇ ھاياتلىقتا، قاچان قانداق كېتىمىز بۇ بىزگە نامەلۇم. ئەمما دوستۇم ياشاۋاتقان ھەربىرىمىز ئۈچۈن، ھەربىر مىنۇت ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمىز، ھەرھالدا ئاز-تولا بولسىمۇ ئۆزىمىزگە مەئۇم بولىشى كېرەكقۇ؟! بىز ھاياتىمىزنى قانداق ئۆتكۈزۋاتىمىز؟ دوستۇم ھاياتىڭىزنى ھەم قانداق ئۆتكۈزۋاتىسىز؟
- B6 g8 p) i: ?! x0 z( |ھاياتىڭىزدىن مەنا قالسۇن. بىز ئۆتۈپ كەتكەن ھەربىر مىنۇت ۋاقتىمىزنى ئويلىغىنىمىزدا ئەپسۇسلانمايلى، پۇشايمان قىلمايلى. بەلكى خوشاللىق بىلەن مەيدىمىزنى كېرىپ تۇرۇپ، مەن مۇنداق-مۇنداق ئىشلارنى قىلالىدىم – دەپ، ھاياتقا جاۋاب بېرەلىگۈدەك ياشايلى. چۈنكى ۋاقىت ئۆتىۋېرىدۇ، كالىندارنىڭ ۋاراقلىرىمۇ يىرتىلىۋېرىدۇ. بىزنىڭمۇ ھەم يېشىمىز توختىماي چوڭلاپ ماڭىدۇ. ئەمما ھاياتلىقتا بىردىن-بىر يىرتىلمايدىغان، قېرىمايدىغان ۋە ئۇنتۇلمايدىغان نەرسە مەنىلىك ياشاش، ياخشى نام قالدۇرۇش.
" G/ [. O/ ~% Aدوستۇم، كىشىگە قىلغان ياخشىلىقىڭىز ۋە ئەلگە قوشقان تۆھپىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزنى ياشىدىم دەپ ھېساپلىسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ياشاشنىڭ مەنىسى سىزنىڭ ئېرىشكىنىڭىزدە ئەمەس، بەلكى نېمىنى ئاتا قىلالىغانلىقىڭىزدا. مانا بۇ ياشاشنىڭ مەنىسى. مەيلى باشقىلار ئۈچۈن قىلغان ئىجابىي ئىشلىرىڭىزنى، ئۇلار ھېس قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن. شۇنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭكى، قىلغانلىرىڭىز ھايات كالىندارىڭىزغا ئورناپ كەتتى. ئۇ مەڭگۈ سىزگە تەۋە بولغان ياخشىلىق ئەمىلى بولۇپ، بۇنى ھېچكىممۇ يۇيۇپ چىقىرۋېتەلمەيدۇ.
. L+ i9 ^! ?) H: wمەنبە : ئۇيغۇرچە رادىئو تورى. رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

2

يازما

73

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
12 سەر
تۆھپە
8 سەر
تىللا
40 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-6-24 14:46:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال تەپسىلىي كۈرۈپ باقاي!  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗