3d
3 {9 h' P# I" w3 T$ ] j& H4 G
0 n" |7 i! H; h. I; j! z30- ماي سەھىيە مىنىستىرلىكى تۇنجى قېتىم «جۇڭگونىڭ تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دۆلىتىمىزدىكى مىنىستىر دەرىجىلىك ئورۇننىڭ تۇنجى قېتىم تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن نوپۇزلۇق دوكلاتى ھېسابلىنىدىكەن.6 F$ u% z3 M/ ]4 A
تاماكا ئىسىدا 69 خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بار ئىكەن.
. E9 g% t7 J+ Q«دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا ئىسىدا 69 خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بار ئىكەن، بۇ راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ئورگانىزىمدىكى مۇھىم گېنلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، نورمال ئۆسۈپ يېتىلىش مېخانىزمىنىڭ كونتىروللىقىنى بۇزۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھۈجەيرىلەرنىڭ راكقا ئۆزگىرىشىنى ياكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.2 {& i% {4 x5 }9 g+ |
مەسىلەن، تاماكا چەكسە ئۆپكە راكى، ئېغىز بوشلۇقى ياكى بۇرۇن بوشلۇقىدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدىكەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا، بوغماق ئۈچەي، تۈز ئۈچەي راكى، سۈت بېزى راكى ۋە جىددىي خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى پەيدا قىلىدىكەن؛ نەپەس يولىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىغا، ئۆپكە قۇرۇلمىسى ۋە ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىغا ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ، نەپەس سىستېمىسى كېسەللىرىنى پەيدا قىلىدىكەن؛ قان تومۇر ئېندوتېلىيە ئىقتىدارىنى تەسىرگە ئۇچرىتىپ، ئارتېرىيەنى بوتقىسىمان قېتىشتۇرۇپ، ئارتېرىيە بوشلۇقىنى تارلاشتۇرۇپ، قان ئېقىشقا توسالغۇ بولۇپ، كۆپ خىل يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىنى پەيدا قىلىدىكەن.
* D# o) M! }0 @4 F, _! D8 t «دوكلات»تا، زىيانسىز تاماكا ياسالمىلىرىنى مەۋجۇت ئەمەس، تاماكا چەكسىلا، ساغلاملىققا زىيىنى بولىدۇ، دېيىلگەن. ئادەتتىكى قاپلىق تاماكا چەكگەنگە قارىغاندا، «تۆۋەن كوكسلىق تاماكا» چەكسە ساغلاملىققا كېلىدىغان خەۋپنىڭ ئازلىمايدىغانلىقى تولۇق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغان. «جوڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى تاماكىسى» بىلەن ئادەتتىكى تاماكىنىڭ سالامەتلىككە زىيىنى ئوخشاش بولىدىكەن.
: h# ^4 W) r% F0 C; i1 b4 | تاماكىغا خۇمار بولۇش بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل ئىكەن.' n. M* e5 v8 L8 m( q W2 c
«دوكلات»تا تاماكا چېكىشنىڭ ئادەم ئۆمرىگە بولغان تەسىرى كۆرسىتىلگەن. تاماكا چەككۈچىلەر بىلەن چەكمىگۈچىلەرنى سېلىشتۇرغاندا، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆمرى 10 يىل قىسقا بولىدىكەن. 60 ياشتا، 50 ياشتا، 40 ياكى 30 ياشتا تاماكا تاشلىغاندا، ئۆمرىنى ئۈچ يىل، ئالتە يىل، توققۇز يىل ياكى ئون يىل ئۇزارتقىلى بولىدىكەن. تاماكا تاشلاش تاشلىمىغانغا قارىغاندا ياخشى، بالدۇر تاشلاش، كېيىن تاشلىغانغا قارىغانغا ياخشى بولىدىكەن، قانچىكى بالدۇر تاشلىسا، ساغلاملىققا شۇنچە پايدىلىقكەن.
1 ? l B+ E2 t8 ? تاماكىغا خۇمار بولۇش بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، تاماكىغا بېقىنىش دەپ ئاتىلىدىكەن. ئادەتتىكى ئىپادىسى تەننىڭ بېقىنىشى ۋە روھنىڭ بېقىنىشى دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدىكەن. 9 t1 R: P. q* H0 r- K3 N. m q6 }
تەننىڭ بېقىنىشىنىڭ ئالامەتلىرى، تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ياكى چېكىشنى ئازلاتقاندىن كېيىن، چەككۈچىدە بىر تۈرلۈك ئاسان جىلە بولىدىغان، سەۋرسىزلىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدىكەن. مەسىلەن، خۇمارى تۇتۇش، تەشۋىشلىنىش، ھەسرەتلىنىش، بىئارام بولۇش، شۆلگىيى ئېقىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىقلار. ئايرىم تاماكا تاشلىغۇچىلار سەمىرىپ كېتىدىكەن. روھنىڭ بېقىنىشى پىسخىك بېقىنىش دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. ئادەتتە ئاتىلىشى «تەخەي خۇمار». ئاساسلىق ئالامەتلىرى خىيالىدا تاماكا چەككۈسى كېلىش ئىكەن. & j" a3 o0 T3 F0 N
تېخى خۇمار بولمىغانلار ياكى خۇمارى يېنىكلەر ئىرادىسىگە تايىنىپ، ئۆزلۈكىدىن تاماكا تاشلىيالايدىكەن. خۇمارى كۈچلۈكلەر تاماكا تاشلىتىش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلسا بولىدىكەن. چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |