يانفۇن
سەئۇدى ئەرەبىستان ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە پارىس قولتۇقىغا، غەربتە قىزىل دېڭىزغا تۇتىشىدۇ. ئۇ ئىيوردانىيە، ئىراق، كۇۋەيت، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئومان، يەمەن قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرالىنىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسمى-جىسمىغا لايىق «نېفىت پادىشاھلىقى» بولۇپ، نېفىت زاپىسى ۋە مەھسۇلاتى دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۇزسىزلاشتۇرۇلغان دېڭىز سۈيى ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش مىقدارى دۇنيادىكى تۇزسىزلاشتۇرۇلغان دېڭىز سۈيى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ٪21 ىنى ئىگىلەيدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ئەركىن ئىقتىساد سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، نېفىت بىلەن نېفىت خېمىيە سانائىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى.
6 r) Q% l# Q1 |: i* E سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەر كۆلىمى 2 مىليون 149 مىڭ 690 كۇۋادرات كىلومېتىر، پايتەختى رىياد، (1984-يىلىدىكى نوپۇسى) 10 مىليون 820 مىڭ بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى بولۇپ، سۈننىيلەر ٪85نى، شىئەلەر ٪15نى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار كۈندە بەش ۋاق ناماز ئۆتەيدۇ. ئەرەب تىلى ھۆكۈمەت تەرەپ تىلى بولۇپ، ئىنگلىز تىلى ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 25 سېلسىيە گىرادۇس. پۈتۈن مەملىكەت رىياد ۋىلايىتى، مەككە ۋىلايىتى، مەدىنە ۋىلايىتى، شەرق ۋىلايىتى، كاسسىم ۋىلايىتى، ھائىل ۋىلايىتى، ئاسىر ۋىلايىتى، باخا ۋىلايىتى، تابۇك ۋىلايىتى، شىمال چېگرا ۋىلايىتى، جىزان ۋىلايىتى، ناچىلاند ۋىلايىتى، جۇف ۋىلايىتىدىن ئىبارەت 13 ۋىلايەتكە ئايرىلغان. ۋىلايەت قارىمىقىدا 1- ۋە 2-دەرىجىلىك ناھىيەلەر، ناھىيەلەر قارىمىقىدا 1- ۋە 2-دەرىجىلىك يېزىلار تەسىس قىلىنغان. مۇھەممەد پەيغەمبەر تۇغۇلغان جاي مەككە ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولۇپ، ھەر يىلى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن بۇ يەرگە ھەجگە كېلىدىغان مۇسۇلمانلار ئىككى مىليوندىن ئاشىدۇ. Q+ N$ r! ]) \
سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنىنىڭ غەربى ئېگىز، شەرقى پەس بولۇپ، غەربىي قىسمىدىكى ئېگىزلىك ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا، باشقا رايونلىرى سۇبتروپىك بەلباغ قۇملۇق ئىقلىمىغا تەۋە. ياز پەسلى ئىسسىق، قۇرغاق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 50 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدۇ. قىش پەسلىنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۆتىدىل بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە يېغىن مىقدارى 200 مىللىمېتىردىن ئاشمايدۇ. زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى ئېگىزلىك. غەربىي قىسمىدىكى قىزىل دېڭىز قىرغاقلىرى تار تۈزلەڭلىك بولۇپ، شەرقى سېرات تېغىدىن ئىبارەت. تاغلىق جايلىرىنىڭ يەر شەكلى شەرققە قاراپ پەسىيىپ ماڭغان بولۇپ، تۈزلەڭلىككە تۇتىشىدۇ. قۇملۇق كەڭ تارقالغان، شىمالىدا چوڭ نەفۇد قۇملۇقى، جەنۇبىدا رۇب خالى قۇملۇقى بولۇپ، ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ئاليۇمىن، فوسفور قاتارلىق قېزىلما بايلىقلار بار. شەرقىي قىسىمدىكى پارىس قولتۇقى قىرغاقلىرىدىكى قۇرۇقلۇق ۋە يېقىن دېڭىزدا نېفىت-تەبىئىي گاز زاپىسى ناھايىتى مول. رۇب خالى قۇملۇقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بۇرايمى بوستانلىقى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئومان تالىشىۋاتقان رايوندىن ئىبارەت.
( V5 D( M0 Y$ b' m4 h6 e مەككىدىكى كەبە ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى ھەج-تاۋاب قىلىدىغان مەركەزدۇر. سەئۇدى ئەرەبىستان مۇستەقىل ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش، مۆتىدىل ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، دۆلەتلەر بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە ئۆتۈش، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى دىپلوماتىيە جەھەتتە بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەرەبلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. كۆپ مەنبەلىك دىپلوماتىيەنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ. ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستان يۈزدىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. دۇنيادىكى چوڭ نېفىت دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان OPEC نىڭ ئىچى-سىرتىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ ھەم نېفىت ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىدۇ.4 d; Y! q# `2 u# Z% N0 b. R( `
سەئۇدى ئەرەبىستان 1990-يىل 7-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. 2006-يىل 1-ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا، جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىش ھۆججىتى ئىمزالىدى. 2006-يىلى 4-ئايدا، رەئىس خۇ جىنتاۋ سەئۇدى ئەرەبىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەم شۇنداق قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 2008-يىل 12-ماي ۋېنچۈەندە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەندە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا 50 مىليون دوللار نەق پۇق ھەم 10 مىليون دوللارلىق ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلغان بولۇپ، قىلغان ئىئانىسى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىگە قارىغاندا ئەڭ كۆپ بولدى.! `2 B: c/ R5 r9 \8 \3 z
رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |