خەۋەركازافىنىڭ تولۇق ئىسىمى مۇھەممەر ئەل قەززەفى ياكى ئۆمەر مۇئەممەر ئەل قەددەفىي( ئۇيغۇرچىدا كازافى دەپ،ئاتاشقا ئادەتلەنگەن). 1942-يىلى سېنتەبىردە لىۋىيەنڭ جەنۇبىدىكى فېززان قۇملۇق رايونى سىرتېدىكى بەربەرلەرنىڭ چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بەربەرلەردىن بولغان قەززەفە قەبىلىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى. 2009-يىلى سېنتەبىردە كازافى تۇنجى قېتىم ب د ت كېڭىشىدە نۇتۇق سۆزلەپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ب د ت نىڭ ھازىرقى تۈزۈلمىسىگە قاتتىق رەدىيە بەرگەن، ھەتتا نۇتۇق سۆزلەشكە 15مىنۇت بەلگىلەپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىر سائەتتىن كۆپرەك سۆزلىگەن.4 D' v) h& `, z& I, ?, ^
كازافى سىياسيون بولۇپ، زۇڭلى ۋە قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان؛ ئومۇمىي خەلق كومىتېتىنىڭ باش كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باش كاتىبى بولغان.1 W, [4 c/ ~: _$ o" [& b
كازافى «ئەركىن ئوفېتسىرلار تەشكىلاتى»غا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىدرىس خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئەرەب لىۋىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، ئىنقىلابىي قوماندانلىق كومېتىتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە قوراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى بولغان ھەم پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرۈلگەن.
9 {- i# f& D! Z, K 1970-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە زۇڭلى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان.9 W# K3 I" A0 T9 p; ^0 Y' k0 s
1977-يىلىدىن 1979- يىلىغىچە ئومۇمىي خەلق كومىتېتىنىڭ باش كاتىبى بولغان.
3 _) h0 M1 l+ a% g2 c , ~% b! P: s& x/ [3 `- t' Q
4 Z; F1 m) a' E كازافى تەقۋادار مۇسۇلمان بولۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، لىۋىيەدە ئىسلامنىڭ« ساپلىقى»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لىۋىيە ئەسلىدە ھاراق ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، كازافى پەرمان چۈشۈرۈپ، ھاراق ئىشلەش ۋە ئۆتكۈر ئىچىملىكلەرنى سېتىشنى چەكلىگەن.
3 @5 {3 I& h# a$ ^ Z& F كازافى كۆچمەن چارۋىچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەچكە، قەبىلىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ تەبىئىي باراۋەر بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان، ئىسراپچىلىق ۋە ھەشەمەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى ئاددى بولۇپ، تاماكا چەكمەيدۇ، ھاراق ئىچمەيدۇ، ھەم ئالىي ئىچىملىكلەرنىمۇ ئىچمەيدۇ، مىنىرال سۇ بىلەن تۆگە سۈتى ئىچىشكىلا ئامراق. ئۇ ئالىي تۇرالغۇلاردا ئەمەس، بەلكى چېدىردا تۇرۇشنى؛ ئالىي پىكاپلاردا ئولتۇرۇشنى ئەمەس، تۆگە مىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. كازافىنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى تىرىپولىدىكى ھەربىي گازارمىدا تۇرىدۇ. ئۇ چېدىردا خىزمەت قىلىدۇ ۋە چەت ئەللىك مېھمانلارنى قوبۇل قىلىدۇ. 1989-يىلى سابىق يوگۇسلاۋىيەدە ئېچىلغان ئىتتىپاق تۈزمىگەن دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشقا بارغاندا، ئۆزى ئېلىپ بارغان چېدىردا تۇرغان. ئىنقىلاب غەلبە قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ داداىسى پايتەختتىكى كەمبەغەللەر رايونىدىكى كەپىسىدە خېلى ئۇزاقىچە تۇرغان. كازافى: ھەممە كىشىنىڭ مۇۋاپىق ئولتۇراق ئۆيى بولغاندىن كېيىن، دادامنىڭمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئولتۇراق ئۆيى بولىدۇ، دېگەن.' ^. i( I# q+ Q) C5 a
كازافى ھەرقانداق سۇرۇندا دائىم ئوخشاش رەڭلىك كىيىم كىيىدۇ. بەزىدە ئاق چاپان، ئاق شىم، ئاق ئاياق، ئاق پەلەي كىيىدۇ، بېشىغا ئاق غەتىرا ئارتىۋالىدۇ.كالۋۇتۇن جىيەكلىك يېپىنچىنى يېپىنىۋالىدۇ؛ بەزىدە سېرىق كاجىلىق ھەربىي فورما كىيىۋالىدۇ،بېشىغىمۇ ئوخشاش رەڭلىك غەتىرا ئارتىۋالىدۇ. سورۇنلارغا بارسا ئون نەچچە قوغدىغۇچىنىڭ مۇھاپىزىتىدە بارىدۇ. ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسىنىڭ دېيىشچە،كازافىنىڭ غىزاسى ناھايىتى ئاددى بۇلۇپ،بولكا بىلەن تۆگە سۈتىدە ناشتا قىلىدىكەن؛چۈشتە كۆپۈنچە كالا گۆشى كاۋىپى ياكى پىشۇرۇلغان كالا گۆشى يەيدىكەن، باشقا لىۋىيەلىكلەرگە خاس شورپىمۇ ئىچىدىكەن. بەزى چاغلاردا بەربەرلارنىڭ ئامراق يىمەكلىكى كۇسكۇس يەيدىكەن.دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |