نۇرغۇن تورداش ئۈندىدار سالۇنىمىزغا سۆز قالدۇرۇپ، بۇيىلقى يېڭى ئۆزگىرىشنىڭ بىرى بولغان "تىزىملاتقۇچىنىڭ مىللىتى بىلەن شىتاتنىڭ مىللەت تەلىپى ئايرېۋىتىلغانلىقى"نى خاتا چۈشۈنۈپ، شىتاتلارنىڭ مىللەت چەكلىمسى ئېلىۋىتىلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ پەقەت ئانا تىلى خەنزۇتىلى بولغان ئازسانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇچە ئوقوغان مىللىيلارنىڭ خەنزۇ ئالىدىغان شىتاتلارغا تىزىملىتىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈنلا پروگراممىدىكى ئۆزگەرتىش بولۇپ، سىياسەت ئۆزگەرگىنى يوق، شتاتلارنىڭ مىللەت چەكلىمىسى ئېلىۋىتىلغىنى يوق. تىزىملاتقاندا، گەرچە سىز ھەرقانداق شىتاتقا تىزىملىتالىسىڭزمۇ، لىكىن قوبول قىلغاندا، ئانا تىلى خەنزۇتىلى بولغان ئازسانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇچە ئوقوغان مىللىيلارنى ئۆز مىللىتىنى ئالىدىغان شىتاتقا ياكى خەنزۇ ئالىدىغان شىتاتقا ئالغاندىن سىرت، باشقا ئەھۋالدا، شىتاتنىڭ مىللەت تەلىپىدە قايسى مىللەت بولغان بولسا شۇ مىللەتنى ئالىدۇ. بۇ ھەرگىز "ئۇيغۇرنى ئالىدىغان شىتاتقا باشقا مىللەتنى ئالىدۇ" دىگەنلىك ئەمەس! بۇيەردە بۇ نوقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىشتىكى مەقسەت، مىلىيچە ئوقوغانلارنىڭ باشقا مىللەتلەرنى ئالىدىغان ئورۇنلارغا خاتا تىمزىملىتىپ قالماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، مىللىي ئالىدىغان ئورونغا خەنزۇ ئالمايدۇ، خەنزۇ ئالىدىغان ئورۇنغا مىللىيچە ئوقوغانلارنى ئالمايدۇ.
شىتاتنىڭ مىللەت تەلىپىدە(岗位族别要求) نىمە دەپ تەلەپ قىلىنغان بولسا شۇ تەلەپ
بويىچە ئىجرا قىلنىدۇ. پۇرسەت چەكلىك، رىقابەت كۈچلۈك! شۇڭا تىزىملاتقاندا
يەنىلا شىتات تەلىپىگە قاتتىق دىققەت قىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز.
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمىز! مەنبەسى:http://barmu.cn/Text/Read.aspx?id=4570 |
بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز
بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى
چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗