ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

يىشىن شىركىتى ھەقسىز 300Mئېقىم مىقدارى سوۋغا ...

2013-11-9 14:23| يوللىغۇچى : سرداش| كۆرۈش: 722| باھا: 0|يوللىغۇچى: نۇر

قىسقىچە مەزمۇنى: شىنلاڭ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،2013-يىلى11-ئاينىڭ9-كۈنى ،يىشىن «مۇڭدىشىشتىن ھۇزۇرلىنىش»پىلانىنى يولغا قويى ...
شىنلاڭ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،2013-يىلى11-ئاينىڭ9-كۈنى ،يىشىن «مۇڭدىشىشتىن ھۇزۇرلىنىش»پىلانىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. 2013-يىلى11-ئاينىڭ8-كۈنىدىن باشلاپ تېلېگراف، كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش تورى ئابونىتلىرى يىشىن سوۋغا قىلغان300M يىشىن ئېقىم مىقدارىدىن بەھرىمان بولالايدۇ. بۇ پائالىيەت مەملىكەت مىقياسىدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. يىشىن 2013-يىلى11-ئايدا سىناق تەرىقىسىدە تىجارەت قىلىشنى باشلايدۇ

«مۇڭدىشىشتىن ھۇزۇرلىنىش»پىلانىغائاساسەن، 2013-يىلى11-ئاينىڭ8-كۈنىدىن باشلاپ كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابونىتلىرى يىشىننى تىزىملاتقاندىن كېيىن، قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئالتە دوستىنى يىشىنغا تىزىملىتىشقا تەكلىپ قىلسا، يىشىن سوۋغا قىلغان300Mيىشىن ئېقىم مىقدارىدىن بەھرىمان بولالايدۇ. تېلېگراف ئابونىتلىرى يىىشىنغا تىزىملاتسىلا ،يىشىن سوۋغا قىلغان300Mيىشىن ئېقىم مىقدارىدىن بەھرىمان بولالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئايدا 5 تال قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكەن ئابونىتلار كيىنكى ئايدا60M يىشىن ئېقىم مىقدارىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە، شەرتكە ئۇيغۇن بولغان تېلېگراف ئابونىتلىرى ھەقسىز ئېقىم مىقدارىغا ئىگە بولالايدۇ. كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابونىتلىرى ھەقسىز ئېرىشىدىغان ئېقىم مىقدارى، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە تور ئېقىم مىقدارى باھاسىغا سۇندۇرۇلۇپ، تېلېفون ھەققى تولۇقلاش شەكلىدە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

يىشىننىڭ بازار باش دېرىكتورى لىئەن « مۇڭدىشىشتىن ھۇزۇرلىنىش»پىلانى يىشىننىڭ ھەقسىز ئىشلىتىش پىلانىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئېقىم مىقدارىغا چەك قويۇشىمىزنىڭ سەۋەبى، سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئابونتلارنىڭ بىرخىل پاراڭلىشىش دېتالىنى ئىشلىتىش جەريانىدا سەرپ قىلىدىغان ئېقىم مىقدارى 300Mئەتراپىدا بولىدۇ.300Mلىق ئېقىم مىقدارى بولىقى بولسىلا ئابونتلار يىشىننى ھەقسىز ئىشلىتەلەيدۇ»دېدى.


ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗