ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن يەنە خۇشخەۋەر

2014-3-28 23:13| يوللىغۇچى : illiq| كۆرۈش: 573| باھا: 0|يوللىغۇچى: باغداش

قىسقىچە مەزمۇنى: بىلگەجان ئامېرىكىدىن خەۋەر قىلىدۇ: ئامېرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتى پىرافىسورى، پەخىرلىك ئۇ ...
بىلگەجان ئامېرىكىدىن خەۋەر قىلىدۇ:  
ئامېرىكا ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرستېتى پىرافىسورى، پەخىرلىك ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى تۈنۈگۈن (2014-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى) «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. «تەبىئەت» ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىش دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئالىملارغا نېسبەتەن پەقەت بىر يېتىش تەس بولغان غايە بولسىمۇ، بۇ ئىش دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپكە نېسبەتەن دائىملىق ئىش بولۇپ قالدى. بىلگىنىڭلاردەك ئۆتكەن يىلى «تەبىئەت» ژورنىلى تەرىپىدىن يىللىق «دۇنياغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن 10 ئالىم» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان ئالىمىمىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ 2007-يىلى «تەبىئەت» ژورنىلىدا تۇنجى پارچە ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ ھەر يىلى ئۈزلۈكسىز «تەبىئەت»، «ھۈجەيرە» قاتارلىق دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىلمىي قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرى ماقالىلىرى دۇنيا مىقياسىدا غايەت زور تەسىرلەرنى قوزغاپ، ئىلىم-پەن ساھەسىدىن ھالقىپ جەمئىيەتتە كىشىلەر بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان ئىلمىي پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ يېڭى نەتىجىسىگە مۇبارەك بولسۇن!
ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى ماقالىسىمۇ ئالاھىدە بىر بايقاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بايقىشىچە، ئىلگىرى مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارالغان ئىككى ھۈجەيرە باسقۇچىدىكى تۆرەلمىنىڭ ھۈجەيرە دەۋرىيلىكىنىڭ بۆلۈنۈش ئارىلىق مەزگىلىدە تۇرۋاتقان سىتوپلازمىسى خۇددى بۆلۈنۈش مەزگىلىگە كىرگەن ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىدەكلا چوڭلارنىڭ بەدەن ھۈجەيرە يادروسىنى قايتا پىروگراممىلاش ئارقىلىق مۇتلەق تولۇق پوتىنسىئاللىق تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىگە ئايلاندۇرالايدىكەن. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتساق، ئىلگىرى تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم بۆلۈنۋاتقان ئەمما تېخى ئۇرۇقلانمىغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ سىتوپلازمىسى بولمىسا قەتئىي بولمايتتى، ئەمدى بۇ يېڭى نەتىجە ئاللىقاچان ئۇرۇقلىنىپ ئىككى ھۈجەيرىلىك تۆرەلمە ھالىتىدىكى سىتوپلازمىنىڭمۇ ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئالىملارنىڭ ئىلگىرىكى قاراشلىرىغا جەڭ ئېلان قىلدى. بۇ تەتقىقات چاشقان ئۈستىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، پات ئارىدا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئوخشاش تەجىرىبىنى ئىنسانلاردىمۇ ئىشلەپ چىقماقچى ئىكەن. ئەگەر ئىنسانلاردا مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا، ئۇ ھالدا غول ھۈجەيرە يېتىشتۈرۈشتىكى تۇخۇمغا بولغان مۇتلەق ئېھتىياج ئازىيىپ دوختۇرخانىلاردا تاشلىۋىتىلىدىغان تۆرەلمىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تۆرەلمە غول ھۈجەيرىلىرىنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن. ئەسلى ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن. ھازىرچە ماقالىنىڭ ئۇلىنىشىنى قالدۇراي، قىزىققانلار ئوقۇپ بېقىڭلار:

http://www.nature.com/nature/jou ... ll/nature13134.html



ئەسكەرتىش: بۇ خەۋەرنى سىز ياخشى كۆرىدىغان باشقا تور بەت ۋە ئۈندىدار سالونلىرىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تارقىتىپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمەن.

ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

مۇناسىۋەتلىك يازما

يېڭى ئىنكاس



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗