باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • يىڭى يىل ئاتكىرىتكىسىنى توپ بېسىپ چىقىرىش ئۇسۇلى

    ۋاقىت:2010-12-24 | تۈرى:excel ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/92625339.html

    يىڭى يىل كېلەي دەپ قالدى.نۇرغۇن ئورۇنلار ۋە شەخسلەر پوچتا ئاتكىرىتكىسى دىگەندەك ئاتكىرىتكىلارنى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ياكى ئۆزىنىڭ دوست-بۇرادەر ۋە خىزمەتداشلارغا ئاتكىرىتكا ئەۋەتىپ يىڭى يىلىنى تەبرىكلەيدۇ. ئەمما بەزىدە بۇنداق ئاتكىرىتكا بولۇپمۇ ئىدارە- ئورگانلارنىڭ ئەۋەتىدىغان ئاتكىرىتكىلىرى بەكلا كۆپ بولۇپ، قول بىلەن يېزىپ چىقىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئاۋارىچىلىق.شۇڭا دوسلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ يازمىمىزدا يىڭى يىل ئاتكىرىتكىسىنى توپ بېسىپ چىقىرىش ئۇسۇلىنى تەپسلى چۈشەندۈرۈپ بىرىمىز.

     ئالدى بىلەن Excel  دا ئىككى خىزمەت جەدىۋىلى قۇرىۋالىمىز. بىرىنچى جەدىۋەل ئالاقە دەپتىرى بولۇپ، بۇ جەدىۋەلگە ئاتكىرتكا ئەۋەتىلىدىغان شەخسلەرنىڭ ئىسمى، خىزمەت ئورنى ۋە پوچتا نومۇرىنى يازىمىز. يەنى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدىكىدەك.

     

    ئىككىنچى جەدىۋەلنىڭ ئىسمى ئاتكىرىتكا بولۇپ، بۇ  خىزمەت جەدىۋىلىگە ئالدى بىلەن ئاتكىرتكىدىكى ئۆزگەرمەس مەزمۇنلارنى يازىمىز. مەسىلەن: تىلەك سۆزلىرى، خەت ئەۋەتكۈچىنىڭ ئۇچۇرلىرى دىگەندەك.  ئاندىن ئۆزگىرىشچان ئۇچۇرلار يېزىلىدىغان كاتەكچىلەرنى فۇرمىلا ( فۇنكىسيە ) ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىمىز. ئاتكىرىتكا جەدىۋىلى تۆۋەندىكى شەكىل بويىچە لايىھەلەنسە بولىدۇ.

     

     

    ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى تىلەك سۆزلىرىنى ئۆزىڭىز خالىغان مەزمۇنغا ئۆزگەرتسىڭىز ھەتتا رەسىملەرنى قىستۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. مۇھىمى بىز ئەۋەتمەكچى بولغان ئادەم بىلەن ئۇلارنىڭ ئادرىسىنى مۇشۇ جەدىۋەلدە  توغرا  ھەم ئاسان ئۇسۇلدا كۆرسىتىپ بېرىش.

    بۇنىڭدا vlookup   فونكىسيەسىدىن پايدىلىنىمىز. يەنى L6  كاتەكچىگە تۆۋەندىكى فورمىلانى يازىمىز.

    =VLOOKUP(A1,depter!A2:I86,2,FALSE)

    بۇ فورمىلانىڭ رولى بولسا، A1 كاتەكچىدىكى قىممەتكە ئاساسەن، دەپتەر دىگەن خىزمەت جەدىۋىلىدىكى A2 دىگەن كاتەكچىدىن تارتىپ  L86 دىگەن كاتەكچىگىچە بولغان ئارلىقتىكى سانلارنى ۋىرتىكال ھالەتتە تەكشۈرۈپ، A1 دىكى ئوخشاش قىممەتتىكى ساننى بايقىغاندىن كېيىن، شۇ كاتەكچىنىڭ ئوڭ تەرىپدىكى 2-كاتەكچىنىڭ مەزمۇنىنى L6   كاتەكچىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

    بۇنىڭغا ئاساسەن بىز ناھايىتى تىزلا b1,c1,d1,e1,f1,g1,L5 قاتارلىق كاتەكلەرنىڭ فورمىلاسىنى يېزىپ چىقالايمىز. يەنى تۆۋەندىكىدەك.

    B1= VLOOKUP(A1,depter!A2:Y104,4)

    C1 =VLOOKUP(A1,depter!A2:Y104,5)

    D1 =VLOOKUP(A1,depter!A2:Y104,6)

    E1 =VLOOKUP(A1,depter!A2:Y104,7)

    F1 =VLOOKUP(A1,depter!A2:Y104,8)

    G1 =VLOOKUP(A1,depter!A2:Y104,9)

    L5= =VLOOKUP(A1,depter!A2:I86,3)

     

    يۇقارقى فورمىلانى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ، تەڭشەيدىغان ئىشلار ئاساسەن تۈگەيدۇ. ئەمدى بىز پەقەت A1 كاتەكچىدىكى ساننى دەپتەر خىزمەت جەدىۋىلىدىكى  ئۆزىمىز ئاتكىرىتكا ئەۋەتمەكچى بولغان ئادەمنىڭ رەت نومۇرىغا توغۇرلىساقلا بولىدۇ. ئەمما ئىسىڭىزدە بولسۇنكى A1 كاتەكنىڭ خەت رەڭگىنى ئاق رەڭلىك قىلىپ بەلگىلەڭ. چۈنكى بىز بۇ يەردىكى ساننىڭ ئاتكرىتكىدا كۆرۈنۈشىنى خالىمايمىز ئەمەسمۇ.

    ئاخىردا ئاتكىرىتكا جەدىۋىلىدىكى خەتلەرنىڭ ئورنىنى ئاتكرىتكىدىكى ئورنىغا توغرا ئەكىلىش ئۈچۈن، بىر نەچچە ۋاراققا سىناق تەرىقىسدە بېسىپ چىقىرىپ، ئانچە- مۇنچە تەڭشەش ئارقىلىق ، ئۆزىڭىزگە يارىغاندىلا ئاندىن رەسمى بېسىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر پىرىنتىرنىڭ بېسىش يۆنىلىشى ماس كەلمەي، پەقەتلا ئەپلەشتۈرەلمىسىڭىز، ياكى بولمىسا ئاتكىرىتكا يۆنىلىشىنى تىك شەكىلدە لايىھەلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۆزىڭىزگە قايسى ئوڭ بولسا شۇنى قوللانسىڭىز بولىدۇ.

    ئەمىسە ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي.ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يېلىنى ئالدىن مۇبارەكلىگەچ تۇراي.

    يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !