باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • يىڭى-يىللىق سالام

    ۋاقىت:2011-01-03 | تۈرى:بىلوگ ھەققىدە

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/96181205.html

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى، ھەممىڭلارنىڭ يىڭى-يىلىغا مۇبارەك بولسۇن!. ھەممىڭلارنىڭ بۇ يېڭى يىلدا يېڭى بىر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئەسلى بۇ سالامنى يېڭى- يىل كۈنىلا يوللىشىم كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى كومپيۇتېرىمدىن ئازراق چاتاق چىقىپ، ئىككى كۈن كېچىكىپ كەتتى. ئەيىبكە بۇيرۇمىغايسىلەر.

    ھەممىڭلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگىمىز يۈكسەل بىلوگى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتىدە 8- بولۇشتەك نەتىجە بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10 چوڭ بىلوگ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ نەتىجە ئەلۋەتتە بىلوگىمىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان ھەر بىر بىلوگ ئوقۇرمىنىنىڭ شۇنداقلا ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگىمىزنىڭ قولغا كەلتۈگەن ئەڭ زور شان-شەرىپى.

    بىلوگىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، گەرچە بەك چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن بولسىمۇ،ئەمما ئۆزىگە يارىشا ئانچە-مۇنچە نەتىجىلەرنى ياراتتى دەپ قارايمىز.تۆۋەندە شۇ نەتىجىلىرىمىزنى بىر قۇر ئەسلەپ ئۆتمەكچى.

    1.بىلوگىمىز 2008- يىلى6-ئايدا قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلكىتاپچىلىغى، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم شۇنداقلا باشقا كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بىلوگىمىزدا ھازىرغىچە ئومۇمى ئېلان قىلىنغان يازما 175 پارچە.

    2. بىلوگىمىز ھازىرغىچە ئىشلەپ تارقاتقان ئېلكىتاپ 23 پارچە بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ چۈشۈرۈلۈش قېتىم سانى ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. بۇندىن باشقا تور دۇنياسىدا ئېقىپ يۈرگەن بىر قىسىم نادىر ئېلكىتاپلارنى توپلاپ، ئۇلارنى تۈرلەر بويىچە ئايرىپ،تورداشلارنىڭ چۈشۈرۈۋېلىشىغا قۇلايلىق ياراتتۇق.نەتىجىدە بىلوگىمىز ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ئېلكىتاپ تارقىتىش مەركىزىگە ئايلاندى.

    3. بىلوگىمىز ئىشلىگەن ئېلكىتاپلاردىن بىر قەدەر تەسىرى يۇقىرى بولغانلىرى:(1)‹ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش قوللانمىسى› بۇ ئېلكىتاپ تۇنجى بولۇپ، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۇسۇلىنى ئۇيغۇر تور ئاممىسىغا   تەپسىلىي قىلىپ   تونۇشتۇرغان ئېلكىتاپ بولۇپ، بۇ ئېلكىتاپ تارقىتىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەشكە قىزىقىدىغان نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا شۇنداقلا ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوستلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. (2)‹ بىلوگ ياساش قوللانمىسى › بۇ ئېلكىتاپتىكى مەزمۇنلار گەرچە باشقا بىلوگلاردىن توپلانغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاقتىدا تۈزۈلۈپ تارقىتىلغان بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان يېڭى بىلوگ ساھەسىگە قەدەم باسقان تورداشلارنىڭ پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ، ئۇيغۇر بىلوگىرلار قوشۇنىنىڭ زورىيىشىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى دەپ قارايمىز. (3) مىكروسوفت شىركىتىنىڭ جەدۋەل ئىشلەش يۇمشاق دېتالى ‹ Excel   دىن 108 ھۈنەر› ناملىق بۇ ئېلكىتاپ پۈتۈنلەي بىلوگىمىزدىكى يازمىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مۇشۇ ساھەدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى.(بۇ ئېلكىتاپ قىلىنغان مەزگىلگىچە ئۇيغۇرچە Excel توغرىسىدا چىقىرىلغان كىتاب كۆرمىگەن ئىدىم) (4)‹يۇمشاق دىتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش) بۇ بىلىك تورىدىكى مۇڭلاننىڭ دەرسلىكى بولۇپ، ئۈگىنىشكە قولاي بولۇشى، يەنى قەغەزگە بېسىپ چىقىرىپ ، قاراپ تۇرۇپ ئۈگىنىش ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىلوگىمىز ئېلكىتاپ نۇسخىسىنى تۈزۈپ چىققان.

    4. بىلوگىمىز تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ۋە ئۇيغۇر تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن كىرىشتۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنغان فىلىملەر جەمئى بەش، ئۆزىمىز مۇستەقىل تەرجىمە قىلغان ۋە كىرىشتۈرگەن فىلىم فىلىم بىر، ناخشا ئىككى. (قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسىغا تەرجىمىسىنى پۈتتۈرۈپ تاپشۇرغان ئۈچ فىلىم بولسىمۇ، تېخىچە ئېلان قىلىنمىدى).

    5. 2010-يىلىنىڭ ئاخىرى بىلوگىمىزنىڭ ئومۇمى زىيارەت زىيارەت سانى يۈزمىڭلىق ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتۈپ، گۇگۇل PR    قىممىتى 3 كە چىقتى.

    6. 2008-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتىدە گەرچە 10 چوڭ بىلوگ ئىچىگە كىرەلمىگەن بولسىمۇ،20 بىلوگ نامزاتى ئىچىگە كىرىپ، بىلەت تاشلاشقا قاتناشتى. ھەمدە 2010-يىلى بۇرۇنقى تەجرىبىلەر ئاساسىدا 2010-يىللىق 10 چوڭ بىلوگ پائالىيىتىدە 8- بولۇپ، 10 چوڭ بىلوگ قاتارىغا قوشۇلدى. بۇ بىلوگىمىزنىڭ ئەڭ زور شەرىپى.

    2011-يىلى يېتىپ كەلدى. بۇ بىر يىلدا بىلوگىمىز يەنىلا بۇرۇنقى يولىدا تېخىمۇ تېرىشىپ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسى ئۈچۈن ،بەك كۆپ بولمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ كۈچى يەتكەن دائىرىدە داۋاملىق تىرىشىمىز.2011-يىللىق نىشانىمىز ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمدىن ئاز بولغاندا بەشنى تەرجىمە قىلىپ، تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش. ئېلكىتاپتىن ئاز بولغاندا ئوننى ئىشلەپ تارقىتىشنى ئەڭ تۆۋەن ۋەزىپە ئۆلچىمى قىلىپ بېكىتتۇق. بۇندىن باشقا بىلوگىمىزنىڭ باشقا نادىر يازمىلىرى داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

    ئاخىردا بىزنى قوللىغان بارلىق بىلوگ ئوقۇرمەنلىرىگە يېڭى يىللىق سالام يوللاش بىلەن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك بولۇشنى، خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.  شۇنداقلا 10 چوڭ بىلوگ شەرىپىگە ئېرىشكەن باشقا بىلوگىر دوستلارنىڭمۇ بۇ شەرىپىنى قۇتلۇقلايمىز. ھەمدە يەنە باشقا بىلوگىر دوستلارنىڭ تىرىشىپ، 2011-يىلىدىكى 10 چوڭ بىلوگ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، 2011-يىلىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !