باش بەت  ئېلكىتاپ تەرجىمە فىلىم   ئالبۇم ULY نۇسخىسى

 

  • سىستىمىنىڭ كۈتۈش ھالىتى، ئۆچەك ھالىتى ۋە ئۇيقۇ ھالەتلىرى توغرىسىدا

    ۋاقىت:2010-12-19 | تۈرى:سىستىما ھۈنەرلىرى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/90594407.html

    Windows سىستىمىسدا كومپىيۇتېرنى ئىشلەتمىگەندە توك تىجەش ئۈچۈش كۈتۈش ھالىتى، ئۆچەك ھالىتى ۋە ئۇيقۇ ھالىتى (待机,休眠,睡眠) قاتارلىق ھالەتلەر تەسىس قىلىنغان. ئۇنداقتا تۆۋەندە بۇ خىل ھالەتلەرنىڭ ئىش پىرىنسىپى بىلەن ئاز تونۇشۇپ قويايلى.

    1. كۈتۈش ھالىتى (待机)  . سىستىما بۇ خىل ھالەتكە ئالماشقاندىن كېيىن ئىچكى ساقلىغۇچتىن باشقا بارلىق بۆلەكلەرنىڭ خىزمىتى توختىتىلىپ، توك بىلەن تەمىنلەش توختايدۇ. پەقەت ئىچكى ساقلىغۇچلا  توكقا تايىنىپ ئۆزىدىكى ئۇچۇرنى ساقلاپ تۇرىدۇ. سىستىما ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندە بولسا، ئىچكى ساقلىغۇچتىكى ئۇچۇرلارغا تايىنىپلا سىستىما ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ خىل ھالەتنىڭ ئارتۇقچىلىقى سىستىمىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تىز بولۇپ، ئادەتتە 5-10 سىكۇنت ئىچىدە ئەسلىگە كېلىدۇ. كەمچىلىكى ئىچكى ساقلىغۇچ توك ئۈزۈلسىلا ئۆزىدىكى ئۇچۇرلارنى يوقىتىدىغان بولۇپ،ئەگەر سىستىما بۇ خىل ھالەتتە تۇرغاندا توك بىلەن تەمىنلەشتە نورمالسىزلىق كۆرۈلسە،ئىچكى ساقلىغۇچتىكى ئۇچۇرلارنى نورمال ئوقۇيالماي، سىستىمىنى قايتا قوزغىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

    ئۆچەك ھالىتى (休眠). سىستىما بۇ خىل ھالەتكە ئالماشقاندىن كېيىن، ئاپتۇماتىك ھالدا ئىچكى ساقلىغۇچتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق دىسكىدىكى ئۆچەك ھالەت (休眠 يەنى سىستىما قاچىلانغان دىسكىنىڭ غول مۇندەرىجىسىدىكى Hiberfil.sys ھۆججىتى) ھۆججىتىگە يازىدۇ.ئاندىن بارلىق بۆلەكلەرنى توك بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدۇ.سىستىما ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندە بولسا، بارلىق ئۇچۇرلارنى قاتتىق دىسكىدىكى ساقلاپ ھۆججەتتىن ئوقۇپ ئەكىرىدۇ ھەمدە ئۆچەك ھالەت (休眠) دىن ئاۋالقى ھالەتكە قايتىدۇ. بۇ خىل ھالەتنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى بۇ خىل ھالەت پۈتۈنلەي توك ئىشلەتمەيدۇ. شۇڭا توك بىلەن تەمىنلەشتە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈشتىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز ھەمدە نورمالسىزلىق كۆرۈلسىمۇ ئۇچۇرلار يوقاپ كەتمەيدۇ. كەمچىلىكى بۇ خىل ھالەتتە ئۇچۇرلار قاتتىق دىسكىغا يېزىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ھالەتنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ سىغىمى بىلەن تەڭ بولغان قاتتىق دىسكا بوشلۇقنى ئىگەللەيدۇ.(ھېلىمۇ ياخشى بىز ھازىر تىگابايت دەۋرىگە كىردۇق.قاتتىق دىسكا سىغىمىنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز.) ئۇندىن باشقا يەنە بۇ خىل ھالەتتە ئەسلىگە قايتىشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقىت سەل ئۇزۇن بولۇپ، ئادەتتە بىر مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ.

    ئۇيقۇ ھالىتى (睡眠). بۇ خىل ھالەت بولسا vista  دا يېڭىدىن قوشۇلغان ھالەت بولۇپ، بۇ خىل ھالەت كۈتۈش ھالىتى  ۋە  ئۆچەك ھالەتنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرىنى ئۆزىگە بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، سىستىما بۇ خىل ھالەتكە كىرگەندە سىستىما ئىچكى ساقلىغۇچتىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى قاتتىق دىسكىدىكى ئۆچەك ھالەت (Hiberfil.sys)  ھۆججىتىگە يازىدۇ. ئاندىن ئىچكى ساقلىغۇچتىن باشقا بارلىق بۆلەكلەرنى توك بىلەن تەمىنلەشتىن ئۈزۈپ تاشلايدۇ. ئەگەر بىز سىستىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرسەك، سىستىمىنى ئالدى  بىلەن ئىچكى ساقلىغۇچتىن ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭدا سۈرئەت تىز بولىدۇ. ئەگەر سىسىتىما بۇ خىل ھالەتتىكى مەزگىلدە توك بىلەن تەمىنلەشتە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ، سىستىما ئىچكى ساقلىغۇچتىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇيالمىسا، دەرھال قاتتىق دىسكىدىكى ئۆچەك ھالەت (Hiberfil.sys) ھۆججىتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. سىستىمىنىڭ نورمال ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇندىن باشقا بۇ خىل ھالەتتە سىستىمىنى بەلگىلەنگەن مەلۇم ۋاقتقىچە ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، ئىچكى ساقلغۇچنىمۇ توك بىلەن تەمىنلەشتىن توختىتىپ، توك تىجەش مەقسىتىگە يېتىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • [avatar:30][avatar:30]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابرالكا [defFace:2]ما كىتاپلىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى پەقەتلا تاپقىلى بولمايدۇغۇ ؟ياكى مەن بەك دۆتلىشىپ كەتتىممۇ ؟[defFace:7][defFace:7][defFace:7]
    ئابرال回复nesri说:
    logs/35321617.html
    يۇقارقى ئادرىستا جاۋاپ بېرىلدى.
    2010-12-23 23:21:57
  • [avatar:30]مەن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئىشلەتمەيدىكەنمەن
    ئابرال回复كارۋان بلوگى说:
    بىلىپلا قالسىڭىز بولدى. بىر كۈنى بولماي بىر كۈنى ئەسقىتىپ قالىدۇ.
    2010-12-23 23:17:55

كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !